دوختۇر ۋە تېۋىپ ئۇستازلارنىڭ دىققىتىگە: قۇستە خىتتاي ۋىرۇسىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈكمۇ؟

دوختۇر ۋە تېۋىپ ئۇستازلارنىڭ دىققىتىگە: قۇستە خىتتاي ۋىرۇسىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈكمۇ؟

يېقىندا بەزى ھەدىس تەتقىقاتچىلىرى قۇستە ھەققىدە سەھىھ كەلگەن بەزى ھەدىسلەرنى ئاساس قىلىپ بەزى دۆلەتلەردىكى سەھىيە مىنىسرتلىكىنى قۇستەنىڭ خىتتاي ۋىرۇسىنى داۋالاشتا پايدىسى ۋە تەسىرى بار – يوقلۇقىنى تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ ھەقتە مەندىن ئۇ ھەدىس توغرۇلۇق سورىغانلار بولدى. شۇڭا ھەدىسكە ئالاقىدار تەرىپىنى بايان قىلىشنى بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر دوختۇر ۋە تېۋىپ ئۇستازلارغا پايدىلىق دەپ قارىدىم.

قۇستە نېمە؟

قۇستە ئۆسۈملۈك ئاچچىق قۇستەنىڭ (Saussurea lappa C .B Clarke) نىڭ يىلتىزى بولۇپ بولۇپ،ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى (قۇستە) نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

خەنزۇچە نامى:木香

ئەرەبچە نامى: قۇستە ياكى ئۇد ھىندىي

پارسچە نامى: قۇستە

ئىنگلىزچە: Costus root

ئوردۇچە: كۇشتە، كور

تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئىمام ئىبنۇل قەييىم مۇنداق دەيدۇ: «قۇستە ئىككى تۈرلۈك: بىرى بەھرىي دەپ ئاتىلىدىغان ئېقىش كەلگىنى. يەنە بىرى، تېخىمۇ ئىسسىق بولغىنىدۇر. ئېقىش بولغىنى يۇمرانراقى. ئۇ ئىككى تۈرىنىڭ پايدىلىرى نۇرغۇن».«زادۇلمەئاد»، 4 – توم. 354 – بەت.

بەلكىم تاتلىق، ئاچچىق ۋە باشقا تۈرلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن. بۇنى تېۋىپلار بىلىدۇ.

خۇسۇسىيىتى

تېرە، رەئىس ئەزالار، نېرۋا ۋە پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش،قاننى جانلاندۇرۇش، تارقىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەمنى سۈرۈش، ئەزالارنى قىزىتىش، يەل تارقىتىش، قورساقتىكى مەددە قۇرتنى ئۆلتۈرۈش، قان تازىلاش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تەبىئىتى

ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

http://wiki.m.izda.com/?a=mobileshow&id=8650

ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، ھەدىستە قۇستە ھەققىدە قانداق كۆرسەتمە كەلگەن؟ ئەڭ سەھىھ ھەدىس كىتابلىرىدىن بولغان «سەھىھۇل بۇخارىي» بىلەن «سەھىھۇ مۇسلىم»دا قۇستە ھەققىدە ھەدىسلەر كەلگەن بولۇپ، مەن تۆۋەندە «سەھىھۇل بۇخارىي»دا كەلگەنلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى «سەھىھۇ مۇسلىم»دىمۇ كەلگەن.

ئۇبەيدۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، مىھسەننىڭ قىزى ئۇممۇ قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «سىلەر مۇشۇ ئۇد ھىندىي (قۇستە) بىلەن داۋالاڭلار، چۈنكى، ئۇنىڭدا يەتتە خىل ئاغرىققا شىپالىق باردۇر، گال ئاغرىققا بۇرنىدىن تېمىتىلىدۇ، زاتۇل جەنبى بولغانغا ئاغزىدىن تېمىتىلىدۇ». (5715 – ھەدىس)

«زاتۇل جەنبى» دېگەن ئەسلىدە مەلۇم بىر كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭدا بېقىننىڭ ئىچ تەرىپىگە يوغان دانىخورەكتەك بىر نەرسە چىقىپ، قورساقنىڭ ئىچ تەرىپىگە يېرىلىپ كېتىدۇ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى بۇرۇنقى زامانلاردا ئاساسەن ساق قالمايدىغان ئىدى. بەزى ئالىملار بۇ يەردە بېقىن ئاغرىپ قالغان كىشى مەقسەت قىلىنىدۇ، دەپ قارىغان.(ئەننىھايە – ئىبنۇل ئەسىير)

بېقىن ئاغرىقى: مىكروب سەۋەبلىك ئۆپكىنى قورشاپ تۇرغان قوۋۇرغا ئۈستىدىكى گۆش – ياغ قاتلاملىرىدىكى ئاغرىق.

ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇممۇ قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: كىچىك تىلى ئاغرىپ قېلىپ، مەن ئۇنى بارماق تىقىپ نوقۇش ئۇسۇلى بىلەن داۋالىغان بىر ئوغلۇمنى ئېلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىرگەن ئىدىم. رەسۇلۇللاھ: «نېمە ئۈچۈن بالىلىرىڭلارنىڭ گېلىگەمۇشۇنداق بارماق تىقىپ نوقۇيسىلەر؟ مۇشۇ ئۇد ھىندىي (قۇستە) بىلەن داۋالاڭلار، چۈنكى، ئۇنىڭدا يەتتە خىل ئاغرىققا شىپالىق باردۇر، مەسىلەن: زاتۇل جەنبى بولغانغا داۋا بولىدۇ، گال ئاغرىققا بۇرنىدىن تېمىتىلىدۇ، زاتۇل جەنبى بولغانغا ئاغزىدىن تېمىتىلىدۇ» دېدى. راۋىيلاردىن سۇفيان دېدى: مەن زۇھرىنىڭ: رەسۇلۇللاھ بىزگە ئىككىنى بايان قىلىپ، بەشنى بايان قىلمىغان، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. ئەلى ئىبنى ئەلمەدىنى دېدى: سۇفيانغا: مەئىمەر: (أَعْلَقْتُ عَلَيْهِ ‏) دەپ رىۋايەت قىلىۋاتىدىغۇ؟ دېسەم، ئۇ: ئۇ ئەستە تۇتالماپتۇ، ئەمەلىيەتتە: (أَعْلَقْتُ عَنْهُ) دېگەن، مەن بۇنى زۇھرىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانمەن، دېدى. ئاندىن سۇفيان بالىنىڭ تامغىقىنى بارماق بىلەن نوقۇشنى سۈپەتلەپ بارمىقىنى تامغىقىغا تىقتى، ئۇ ئەسلىدە تامغىقىنى بارمىقى بىلەن كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. تامغىقىدىن بىرەر نەرسىنى ئېلىۋېتىشنى دېمىگەن. (5713 – ھەدىس)

ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەسەد ئايمىقىدىن بولغان مىھسەننىڭ قىزى ئۇممۇ قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا – خۇزەيمە قەبىلىسىدىكى ئەسەد ئايمىقىدىن، ئۇ رەسۇلۇللاھقا بەيئەت قىلغان دەسلەپكى مۇھاجىر ئاياللاردىن بولۇپ، ئۇكاشە ئىبنى مىھسەننىڭ ھەمشىرىسى ئىدى – ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: ئۇ كىچىك تىلى ئاغرىپ قېلىپ بارماق تىقىپ نوقۇش ئۇسۇلى بىلەن داۋالاتقان ئوغلىنى ئېلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىرگەندە، رەسۇلۇللاھ: «نېمە ئۈچۈن بالىلىرىڭلارنىڭ گېلىغا مۇشۇنداق بارماق تىقىپ نوقۇيسىلەر؟ مۇشۇ ئۇد ھىندىي (قۇستە) بىلەن داۋالاڭلار، چۈنكى، ئۇنىڭدا يەتتە خىل ئاغرىققا شىپالىق باردۇر، جۈملىدىن زاتۇل جەنبى بولغانغا داۋا بولىدۇ» دېدى. يەنى قۇستەنى دېمەكچى، ئۇ ئۇد ھىندىي دېگەن نەرسىدۇر.(5715 – ھەدىس)

ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «ھەدىستە يەتتىدىن ئىككىنىلا تىلغا ئالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتتىنى تىلغا ئالغان بولسا راۋىي قىسقارتىپ رىۋايەت قىلغان بولۇشىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى شۇ چاغلاردا شۇ ئىككىسىلا بولغاچقا ئىككىنىلا بايان قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن». «فەتھۇل بارىي»، 10 – توم، 149 – بەت.

ئەمدى ۋىرۇس بىلەن ھەدىسلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، مىللىي تېبابەت ئالىملىرى، شۇنداقلا غەرب تىبابەت دوختۇرلىرى بىردەك، قۇستەنىڭ باكتېرىيەگە قارشى رولى بارلىقىنى تەكىتلەشتە بىردەك ئىتتىپاق.

قۇستەنىڭ ئۇچۇچان مېيى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، ئاق رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، كالا مەنبەلىك سەل تاياقچە باكتېرىيىسى، ئادەم مەنبەلىك سىل تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن تورمۇز قىلىش رولى بار.

ئەمما ۋىرۇسقا قارشى رولى ھەققىدە شەرقى ئاسىيا، ياۋروپا ۋە مۇسۇلمان ئەللەردىكى دوختۇرلارنىڭ تەجرىبە – تەتقىقاتلىرى بار. دوكتور ئابدۇلجەۋۋاد ساۋىي بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى يەكۈنلەپ، ئۆزىنىڭمۇ تەتقىقاتلىرىنى سۇنغان.

دوكتور ئابدۇلجەۋۋاد ساۋىي بالىلار دوختۇرى، «مىسىر تولۇقلىما تىبابەت جەمئىيىتى»نىڭ ئەزاسى، «ئەمىر ماجىد ئۆسۈملۈك بىلەن داۋالاش ۋە ئالتېرناتىۋ تىبابەت مەركىزى»نىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى، قۇرئان ۋە ھەدىس مۆجىزىلىرى تەتقىقاتچىسى.

دوكتورنىڭ بايان قىلىشىچە بىرقانچە ئۇنۋېرسىتېتلاردىكى گۇرۇپپىلارنىڭ چاشقان ۋە باشقا نەرسىلەردە ئېلىپ بارغان تەجرىبىلىرىدە ئېغىز بوشلۇقى ۋە گال ۋىرۇسىنى ساق ھۈجەيرىگە كىرگۈزۈپ داۋالاپ كۆرگەن. نەتىجىدە قۇستە جەۋھىرى بىلەن داۋالىسا، قۇستە جەۋھىرى ھۇجەيرىدىكى ۋىرۇسنى يوقاتقان.

30 چاشقاننى ئۈچ تۈرگە بۆلۈپ ۋىرۇسلانغان چاشقانلارغا قۇستە بېرىپ داۋالاش نەتىجىسىدە قۇستە بېرىلمىگەنلەر 7 كۈندىن كېيىن ئۆلگەن. قۇستە بېرىلگەنلەر 3 ئايغىچە ياشىغان. يەنە قان راكى، ئۆسمە ۋە دى ئىن ئىي DNA قاتارلىقلارغا بولغان تەسىرىمۇ تەجرىبىدىن ئۆتكەن.

مىسىر مەنسۇرە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەجرىبىدە قۇستەنىڭ ۋىرۇس سى HCV غا قارشى پايدىسى ئىسپاتلانغان.

ئۇ تەتقىقاتلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا.

دوكتور ئابدۇلجەۋۋاد ساۋىينىڭ سۇنغان لېكسىيەسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:

دوختۇر ۋە تېۋىپ ئۇستازلارنىڭ دىققىتىگە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇستە ھىندىنى يەتتە خىل كېسەلگە شىپا دېگەن ۋە گال، كاناي ۋە بوغۇز ئاغرىقىنى قۇستە بىلەن داۋالىغان. بېقىن ئاغرىقىغىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. يەتتە دېگەن سان يەتتە كېسەللىكنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. ياكى بولمىسا كۆپنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. تەتقىقاتلار قۇستەنىڭ مىكروب، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسقا قارشى پايدىسى بارلىقىنى ئىسپاتلىغان. شۇڭا خىتتاي ۋىروسىنى داۋالاش ئىشلىرىدا بۇ دورىغىمۇ دىققەت ئېتىبار بىلەن قاراش ۋە ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. مەن دوختۇر ۋە تېۋىپ ئۇستازلارغا بۇ ھەقتە يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلار ۋە تەتقىقاتلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تېبابەتكە ئالاقىدار ئىلمىي ئاتالغۇلاردا خاتالىق بولسا، توغرا چۈشەنگەيسىزلەر

ھۆرمەت بىلەن: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 4. 13

 

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ