نەپس بىلەن جىھاد قىلىش

ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن. ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى جىھاد قىلىشقا بۇيرۇدى ۋە بارلىق بەندىلىرىگە قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە جىھاد قىلىشنى پەرز قىلدى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا قۇرئان كەرىم «ھەج» سۈرىسىنىڭ 78 – ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل – مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن) تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە جىھاد قىلىڭلار». مانا بۇ بارلىق مۇسۇلمانلارنى جىھاد قىلىشقا بۇيرۇغان بۇيرۇقتۇر. ھەربىر مۇسۇلمانغا قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە جىھاد قىلىش ۋاجىپتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىشقا بۇيرىغىنىدەك، ئۆز يولىدا ھەقىقىي رەۋىشتە جىھاد قىلىشقىمۇ بۇيرۇغان.

جىھاد تۆت تۈرلۈك بولىدۇ. بىرىنچىسى ھاۋايى – ھەۋىسى بىلەن جىھاد قىلىش، ئىككىنچىسى شەيتان بىلەن جىھاد قىلىش، ئۈچىنچىسى كاپىرلار بىلەن جىھاد قىلىش، تۆتىنچىسى مۇناپىقلار بىلەن جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت.

بۇنىڭدىكى ئەسلىي پىرىنسىپ ۋە ئاساس ھاۋايى – ھەۋىسى بىلەن جىھاد قىلىشتۇر. چۈنكى، بىر بەندە ئاۋۋال ئۆز نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىپ نەپسىنى ئاللاھ بۇيرۇغاننى قىلىش، چەكلىگەندىن يېنىشقا مەجبۇرلىيالمىسا، ئۇ بەندىگە ئىچكى دۈشمەننى تاشلاپ قويۇپ تاشقى دۈشمەنلەر بىلەن كۆرەش قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقىي مۇجاھىد دېگەن ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتا ھاۋايى – ھەۋىسى بىلەن كۆرەش قىلغان كىشىدۇر، ھەقىقىي مۇھاجىر دېگەن ئاللاھ تائالا توسقان ئىشلاردىن يانغان كىشىدۇر».

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاجەت خۇتبىسىدە: «ئاللاھ تائالادىن نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز» دەيتتى. رەسۇلۇللاھ يەنە ھۈسەيىن ئىبنى ئۇبەيدكە: «ئىمان ئېيتقىن، مەن ساڭا ئاللاھ تائالا شۇ تۈپەيلى ساڭا مەنپەئەت بېرىدىغان بىر جۈملە سۆزنى ئۆگىتىپ قوياي» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىمان ئېيتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىبنى ئۇبەيدكە: «ئى ئاللاھ! ماڭا توغرا يولنى بىلدۈرگىن، مېنى نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىغىن» دەپ ئۆگەتكەن ئىدى. قانداق بىر كىشى نەپسىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلانمىسا، ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي رەۋىشتە تونىيالمايدۇ، چۈنكى نەپسىنىڭ يامانلىقى ئۇ كىشى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىنى توسۇۋالىدۇ.

ئادەملەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، بىرى نەپسى غالىب كېلىپ ئۇنى كونترول قىلىۋالغان، نەپسى ئۇنى ھالاك قىلىۋەتكەن ۋە نەپسىگە قۇل بولۇپ قالغان كىشىلەر. يەنە بىرى بولسا، نەپسى ئۈستىدىن غالىب كەلگەن، ئۇنى بويسۇندۇرغان ۋە نەپسى ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا بۇ ئىككى تۈرلۈك كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى (كۇفرىدا، گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن (يەنى، ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەتتە بولىدۇ»([1]).

نەپس ئىنساننى ھەددىدىن ئېشىشقا، ھاياتى دۇنيانى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈشكە چاقىرىدۇ، ئاللاھ تائالا بولسا بەندىسىنى ئۆزىدىن قورقۇشقا، نەپسىنى ھاۋايى – ھەۋەستىن چەكلەشكە بۇيرۇيدۇ. بەندە يا نەپسىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ھالاك بولىدۇ، يا رەببىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. نەپس ئىنساننى بېخىللىق قىلىشقا، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ تائالا بولسا بەندىسىنى ئۆز يولىدا سەرپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا مۇنداق دەيدۇ: «(ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار، (بۇ) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىدۇر»([2]).

نەپس ئىنساننى ھەشەمەتچىلىك ۋە بەتخەجلىك قىلىشتا مىليونلاپ پۇل سەرپ قىلىشقا يول قويىدۇكى، پېقىر – موھتاجلارغا بىر پۇڭ خەير – ئېھسان قىلىشقا يول قويمايدۇ. نەپس گاھىدا كىشىنى يامانلىققا بۇيرۇغۇچى بولىدۇ، گاھىدا شۇ يامانلىقنى قىلغان كىشىنى ئەيىبلىگۈچى بولىدۇ. گاھىدا يەنە شۇنداق تەمكىن بولۇپ كېتىدۇكى، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش، ئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلاش ۋە ئۇنى زىكىر قىلىش بىلەن ئارام تاپىدۇ. نەپسىنىڭ تەمكىن بولۇشى ماختىلىدىغان سۈپەتتۇر، ئۇنىڭ يامانلىققا بۇيرۇشى بولسا ئەيىبلىنىدىغان سۈپەتتۇر. ئەمما، بىرىگە مالامەت قىلىش بولسا ئۇنىڭ ھەم ماختىلىدىغان، ھەم ئەيىبلىنىدىغان سۈپىتىدۇر.

نەپس بىلەن كۆرەش قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇش نەپس بۇيرۇغاننىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىش بىلەن بولىدۇ. ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «ھەقىقىي ئەقىللىق كىشى نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدىغان، ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىغان كىشىدۇر، ئەقىلسىز كىشى بولسا ھاۋايى – ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ ئاللاھ تائالادىن قۇرۇق ئۈمىد كۈتىدىغان كىشىدۇر».

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «سىلەر ھېساب ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار، تارازىغا سېلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭلار تارازىغا سېلىڭلار. چۈنكى، بۈگۈن ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىشىڭلار قىيامەتتە ھېساب بېرىشتىن ئاسانراق. قىيامەتتىكى چوڭ ئۇچرىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىڭلار. بۇ كۈندە سىلەر (ئاللاھقا ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توپلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر».

مەيمۇن ئىبنى مىھران مۇنداق دەيدۇ: «بەندە ئۆز نەپسىدىن شېرىكىدىن ھېساب ئالغاندىنمۇ بەكرەك ھېساب ئالمىغۇچە تەقۋادار بولالمايدۇ». بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئىنساننىڭ نەپسى خىيانەتچى شېرىككە ئوخشايدۇ، ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىپ تۇرمىساڭ مېلىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ».

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەزى خىزمەتچىلىرىگە مۇنداق مەكتۇپ يازغان: «قىيىن شارائىتتا ھېساب بېرىشتىن ئىلگىرى باياشات ۋاقتىڭلاردا ئۆز نەپسىڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار، كىمكى قىيىن شارائىتتا ھېساب بېرىشتىن ئىلگىرى باياشات ۋاقتىدا ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئالسا قىيامەتتە رازىمەنلىك ۋە خۇشاللىق ئىچىدە بولىدۇ. كىمكى دۇنيا ھاياتى ئۇنى بىخۇدلاشتۇرۇپ قويسا، ھاۋايى – ھەۋەسلىرى ئۇنى مەشغۇل قىلىپ قويسا ئۇ قىيامەت كۈنىدە ھەسرەت – نادامەت ئىچىدە بولىدۇ».

ھەسەن بەسرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دۇنيادا ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرغان كىشىلەرگە قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئاسان بولىدۇ، بۇ دۇنيادا ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرمىغانلارغا قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش تەس بولىدۇ. ئىنساننىڭ بىلىمى، تونۇشى ئۇنىڭ ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئىنسان بۈگۈن ئۆز نەپسى بىلەن كۆرەش قىلسا ئەتىسى ئۇنىڭدىن راھەتلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ھېسابنى باشقىلاردىن ئېلىپ بۈگۈن ئۆز نەپسىگە يول قويسا، ئەتە ئۇنىڭغا سوئال – سوراق ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ. ئىنسان بۇ دۇنيادا ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئالسا ئاخىرەتتە پىردەۋس جەننىتىدىن بىر ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بۇ دۇنيادا ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىشقا سەل قارىسا ئاخىرەتتە دوزاخقا كىرىش بىلەن زىيان تارتىدۇ».

ئاللاھ تائالاغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ھەربىر ئېھتىياتچان، ئەقىللىق كىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرىدە، باسقان ھەربىر قەدەملىرىدە، كۆڭلىگە كەچكەن ھەربىر خىياللىرىدا ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى زۆرۈردۇر.

بۇ دۇنيادا ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئالغان كىشىلەر بىلەن ھېسابنى قىيامەت كۈنىگە كېچىكتۈرگەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا زىيان ئوچۇق – ئاشكارا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈندە (يەنى، قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى ۋە يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، (ئۇلار يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكنى)، ئۆزلىرى بىلەن يامان ئىشلىرى ئارىسىدا (مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك) ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ»([3]).

ئىمام ئىبنى قەييىم (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «نەپس بىلەن جىھاد قىلىش تۆت تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسى ھايات – ماماتتا ئۇنىڭسىز بەخت ۋە نىجاتلىققا ئېرىشكىلى بولمايدىغان دىننى ۋە ھىدايەتنى ئۆگىنىش. ئىككىنچىسى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئۆگەنگەنلىرىگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش، ئۇنداق بولمايدىكەن ئەمەلسىز ئىلىم ئۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا مەنپەئەت بەرمەيدۇ. ئۈچىنچىسى دىنغا دەۋەت قىلىش، ئۆگەنگەن دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتىش ئارقىلىق نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ھىدايەت ۋە ئىلىمنى يوشۇرغانلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئىلمى ئۇنىڭغا مەنپەئەت بەرمەيدۇ، ئۇنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىنمۇ قۇتۇلدۇرالمايدۇ. تۆتىنچىسى ئاللاھ يولىدا دەۋەت قىلىشتىكى دەۋەتنىڭ جاپا – مۇشەققەتلىرىگە، كىشىلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىش، شۇ جاپا ۋە ئەزىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بەرداشلىق بېرىش ئارقىلىق نەپسى بىلەن جىھاد قىلىشتۇر.

كىمكى مۇشۇ تۆت تۈرلۈك جىھادنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىيەلىسە ئالىملاردىن بولغان بولىدۇ. چۈنكى، ئىلگىرىكى ئۆلىمالىرىمىز بىر ئالىمنىڭ ھەقنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، ئۇنى باشقىلارغا ئۆگەتمىگىچە ئالىم دەپ ئاتىلىشقا لايىق بولمايدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن. كىمكى ئۆگەنسە، ئەمەل قىلسا، ئاندىن باشقىلارغا ئۆگەتسە ئاسمان – زېمىن سەلتەنىتىدە كاتتا، ئۇلۇغ كىشى، دەپ چاقىرىلىدۇ. لوقمان ھەكىم ئوغلىغا قىلغان ۋەسىيىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئوغلۇم، ئىمان بىر يول باشلىغۇچى، ئەمەل بولسا بىر كۆندۈرگۈچى، نەپس بولسا كۆندۈرۈلمىگەن ئاتتۇر. يول باشلىغۇچى ياخشى بولمىسا ئات يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ، كۆندۈرگۈچى ئاجىز بولسا ئات يولدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئەگەر ھەر ئىككىسى ماھىر بولسا ئات تۈز ماڭىدۇ».

نەپس ئەگەر تەمە قىلدۇرۇلسا تەمە قىلىدۇ، قويۇپ بېرىلسە يامانلىق قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىغا كۆندۈرۈلسە ياخشىلىنىدۇ. ئىشلار ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلسا ئىشلارنى بۇزىدۇ. نەپسىڭدىن ئاگاھ بول، ئۇنى بولمىسىمۇ بولىدىغان نەرسە بىلەن بولۇشى زۆزۈر بولغان نەرسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئورۇندا قويغىن. چۈنكى، دانا كىشى تاكى نەپسى ھەقنى ئېتىراپ قىلغانغا قەدەر نەپسى ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنى بويسۇندۇرىدۇ. ئەخمەق كىشى بولسا نەپسىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ نەپسى ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرىدۇ، نەپسى يامان كۆرگەننى يامان كۆرىدۇ.

نەپس ئاللاھ تائالاغا شەكسىز ئىتائەت قىلىشنىڭ جاپا – مۇشەققەتلىرىنى گەرچە ئۇ جاپالارنىڭ كەينىدىن مەڭگۈلۈك ھۇزۇر – ھالاۋەت ئەگىشىپ كېلىدىغىنىنى بىلسىمۇ ئۆچ كۆرىدۇ. خاتىرجەملىك لەززەتلىرىنى گەرچە ئۇ لەززەتلەرنىڭ كەينىدىن ھەسرەت – نادامەت ئەگىشىپ كېلىدىغىنىنى بىلسىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. نەپس كېچىدە ناماز ئوقۇشنى، كۈندۈزدە روزا تۇتۇشنى ياقتۇرمايدۇ، مەسجىدكە بالدۇر بېرىشنى ئۆچ كۆرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر قەھۋەخانىلاردا، بازارلاردا سائەت – سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتىدۇ – يۇ، مەسجىدتە ئازغىنە بىر نەچچە مىنۇت ئولتۇرۇشقا چىدىمايدۇ. نەپس ئاللاھ يولىدا پۇل – مال سەرپ قىلىشنى، جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، بۇ خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى ئايەتتە دېگىنىگە ئوخشايدۇ: «سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىندى، ھالبۇكى سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر؛ سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر(شۇنىڭ ئۈچۈن)ئاللاھ بۇيرۇغانغا ئالدىراڭلار»([4]).

نەپس ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنى، كىشىلەرنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلانىڭ يولىغا چاقىرىشنى، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاشنى ئۆچ كۆرىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن ئاللاھ تائالاغا قىلىنغان ھەربىر ئىتائەتكە نىسبەتەن نەپس توسقۇنلۇق قىلىپلا تۇرىدۇ، ئەگەر سەن نەپسىڭگە ئىتائەت قىلساڭ ئۇ سېنى ھالاك قىلىدۇ، سەن زىيان تارتىسەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاللاھدىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، (ئېيتقىنكى) قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر»([5]).

سەن نەپسىڭگە بويسۇنساڭ ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان بولىسەن، چۈنكى سەن ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ۋە جازاسىغا دۇچار قىلدىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئاھانەت قىلدىڭ. ھالبۇكى، سەن نەپسىڭگە خالىغىنىنى بەرگەنلىكىڭ، ئۇنى ئىبادەتنىڭ جاپا – مۇشەققەتلىرىدىن راھەتلەندۈرگەنلىكىڭ ئۈچۈن نەپسىمنى ھۆرمەتلىدىم، دەپ گۇمان قىلىسەن. ئەمەلىيەتتە، بولسا سەن نەپسىڭنى ساۋابتىن مەھرۇم قىلغان بولىسەن.

ئاخىرىدا ئاللاھ تائالادىن ھەممىمىزنى نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىشىنى، ئۆزئارا ئارىمىزنى ياخشى قىلىشنى، بىز سەۋەبلىك كۆپ ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

مەنبە: مجاهدة النفس – https://www.islamweb.net

تەرجىمىدە: كۆكلەم.

——————————
([1]) «نازىئات» سۈرىسى 37 – 40 – ئايەتلەر.
([2]) «تاغابۇن» سۈرىسى 16 – ئايەت.
([3]) «ئال ئىمران» سۈرىسى 30 – ئايەت.
([4]) «بەقەرە» سۈرىسى 216 – ئايەت.
([5]) «زۇمەر» سۈرىسى 15 – ئايەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز