ئەجەل سائەتلىرىنى ئەسلەڭ

بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا بولسۇن. دۇرۇت ۋە سالاملار پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشۋاسى، خوجىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن.

قەلبلەرنىڭ شىپا تېپىشى ۋە ئىسلاھ قىلىنىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۆلۈمنى، ئەجەل سائەتلىرىنى ۋە روھنىڭ چىقىشىنى كۆپ ئەسلەش. شۇڭا، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز «ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەڭلار»([1]) دەپ نەسىھەت قىلغان.

ئى قېرىندىشىم، سىز شۇ ئەجەل يەتكەن ۋاقىتلار ۋە شۇ ۋاقىتلاردىكى ئەھۋالىڭىز ھەققىدە ئويلاندىڭىزمۇ؟ ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلدىڭىزمۇ؟ ئۆلۈمدىن كېيىن قەبرىدە بولىدىغان قىستاڭچىلىق، زۇلمەت، ئازابلار ۋە پەرىشتىلەرنىڭ سوئال – سوراقلىرى ئۈستىدە ئويلاندىڭىزمۇ؟ قايتا تىرىلىشنى ۋە جىمى ئىنسانلارنىڭ مەھشەرگاھقا جەم بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلدىڭىزمۇ؟

 

تەپەككۇر بىرلە باق كەتكەن ئەجدادقا،

قالغىنى قەبرىدە چىرىگەن جەسەت.

ئىزدىدىم نەدىكىن، ئېزىلگەن مەزلۇم،

يوق ئەسەر بولسا گەر كۈچلۈك، زەبەردەست.

ئايرىلغان باي – گاداي زېمىن يۈزىدە،

تۇپراقتا باراۋەر چىرىگەن سۆڭەك.

 

ئاخىرەتتە كىشىلەرنىڭ دەرىجىسى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قاراپ بولىدۇ، ئاللاھدىن شۇ كۈن ئۈچۈن پاناھ ۋە سالامەتلىك تىلەيمىز.

سەكراتقا چۈشكەن شۇ سائەتلەر ئەمەلىيەتتە، ئىنسان ھاياتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى. بەندىنىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىش ئۈستىدە ۋاپات تاپىدىغانلىقى ئېنىق ھەقىقەت. شۇڭا، سەكراتتىكىلەرنىڭ ئەھۋاللىرى ئوخشىمايدۇ. ئەگەر سىز ساھابىلەرنىڭ سەكراتتىكى ھالىتىنى كۆرگەن بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالادىن كەلگەن خاتىرجەملىك ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈمنى ئاللاھ تائالاغا مۇلاقات بولۇشقا يېقىنلاشقانلىق دەپ قاراپ، ئۆلۈمنىڭ كېلىشىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى كۆرەتتىڭىز.

مانا بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇئەززىنى بىلال ئىبنى رەباھ. ئۇنىڭ ۋاپاتى يېقىنلاپ قالغاندا ئايالى: «ۋاي بۇ مۇسىبەتنى» دېدى، بىلال ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: «ياق، بەلكى بۇ بىر خۇشاللىق، مەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن قەدىردانلىرىم بىلەن ئۇچرىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن» دېگەن ئىدى.

مانا بۇ ئۆلىمالارنىڭ پېشۋاسى ۋە مۆتىۋىرى مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇ سەكراتتا جان تالىشىپ تۇرۇپ: «موھتاجلىقىمدا يېتىپ كەلگەن دوستۇم كەبى كەلگەن ئۆلۈمگە مەرھابا» دېگەن ئىدى.

مانا بۇ ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ، ئۆلۈش ئالدىدا ئۇ «مېنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇڭلار» دېدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنى ئولتۇرغۇزدى. ئاندىن ئۇ: «ئى رەببىم، بۇيرۇقلىرىڭنى ئادا قىلىشتا بوشاڭلىق قىلغان، چەكلىمىلىرىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بەندەڭمەن، ئەمما ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن» دېدى – دە، بېشىنى كۈتۈرۈپ تىكىلىپ قاراپ قالدى. باشقىلار: «ئەجەپ قاراپ كەتتىڭىزغۇ ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى»؟ دەپ سوراشتى. ئۇ: «مەن بىراۋلارنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈۋاتىمەن، ئۇلار ئىنسانمۇ ئەمەس، جىنمۇ ئەمەس» دېدى ۋە ۋاپات تاپتى. كىشىلەر: «ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق، (ياخشى) ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر»([2]) دېگەن قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ تىلاۋەت قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدى.

مانا بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە، ئۇ سەكراتتىكى ۋاقتىدا ئاللاھ تائالانىڭ «شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە بولىدۇ، (سۇ، مەي، ھەسەل، سۈت) ئۆستەڭلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، (ئۇلار) قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ»([3]) دېگەن ئايەتلىرىنى ئوقۇغان ئىدى.

ئۇنىڭ ئەكسىچە بەزى كىشىلەر بار، ئۇلارغا «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگىن، دېسە باش تارتىدۇ ياكى بەزى كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىغا بېرىشنى خالايدۇ، بەزىلەر ئۆزىنىڭ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، يەنە بەزىلەر مەس ھالەتتە، ياكى ئاللاھنىڭ دىنىغا تىل تەگكۈزگەن ھالەتتە جان ئۈزىدۇ. سەھنىدە نەغمە قىلىۋاتقان، ناخشا ئېيتىۋاتقان ھالەتتە ئۆلگەن كىشىلەرنىمۇ ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. ئاللاھدىن ھاياتىمىزنى ياخشىلىق بىلەن ئاخىرلىشىشقا نېسىپ قىلىشنى تىلەيمىز.

ئۆلۈمگە قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟

ئى سۆيۈملۈك قېرىندىشىم، ئەگەر سىز ئەجەل دەقىقىلىرىنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى ۋە سىناق پەيتلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈمنىڭ بولسا بارلىق مەئىسىيەتلەرگە خاتىمە بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن قېچىش يولى ياكى بىرەر پاناھگاھنىڭ يوقلىقىنى بىلسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بۇ دەقىقىلەر ئۈچۈن تەييارلىنىشىڭىز ۋە قىيامەت كۈنى ئۈچۈن تەقۋالىق بىلەن قوراللىنىشىڭىز كېرەك. ئۇنداقتا ئۆلۈمگە قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟

بىرىنچىدىن: چەكلىمىلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك

ئەزىز قېرىندىشىم، ئاللاھ سىزنى توسقان ئىشلاردىن چەكلىنىڭ، شەھۋەت ۋە شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتا نەپسىڭىز بىلەن كۆرەش قىلىڭ. شۇنى بىلىڭكى، ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان نەرسىلىرىدىن كۈنلەيدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كۈنلەيدۇ، ئۇنىڭ كۈنلىشى كىشىنىڭ ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن بولىدۇ»([4])

ئاللاھ تائالا ئۆزى بەلگىلىگەن چەك – چېگرالاردىن ھالقىپ كەتكەن ۋە ھارامغا قول سوزغانلارغا پىتنە ۋە ئازاب بىلەن تەھدىت سېلىپ مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا) چوڭ بىر پىتنىگە يولۇقۇشتىن، ياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن»([5])

ئىككىنچىدىن: پەرز ۋە ۋاجىپلارنى ئادا قىلىش

بەندىنىڭ ئىمانىنىڭ ھەقىقىتى ئاللاھ ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئەمەللەرنى ئادا قىلماي تۇرۇپ نامايان بولمايدۇ. ناماز، زاكات، روزا ۋە قۇربى يەتكەنلەرگە ھەج قىلىش قاتارلىقلار بۇ پەرزلەرنىڭ قاتارىدىندۇر. مانا بۇلار ئىسلامنىڭ ئاساسى ۋە تۈۋرۈكى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئىسلام بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۇلار بولسىمۇ ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش ۋە رامىزان روزىسى تۇتۇش»([6]) دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ.

كىمكى مۇشۇ پەرزلەرنى ھىمايە قىلسا ۋە ئۇلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكەن يول بىلەن ئادا قىلسا ئۇ ياخشىلىقلارنى ۋە پەزىلەتلىك خىسلەتلەرنى ئۆزىدە جەملىگەن بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭغا سەكرات ھالىتىدە ۋە قەبرىنىڭ دەھشىتى ئالدىدا ئەڭ چوڭ ياردەمچى بولىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭ ئۈچۈن كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، بىر سەھرالىق كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە: «ئى رەسۇلۇللاھ، ماڭا مەن قىلسام جەننەتكە كىرىدىغان ئەمەلنى كۆرسىتىپ قويسىلا» دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىل، ناماز ئوقۇ، پەرز قىلىنغان زاكاتنى ئادا قىل، رامىزان روزىسى تۇت» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بۇنىڭدىن زىيادە قىلمايمەن» دېدى. ئۇ كىشى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى جەننەت ئەھلىنى كۆرۈشنى خالىسا بۇ كىشىگە قارىسۇن» دېدى. ([7])

ئۈچىنچىدىن: نەپسىدىن ھېساب ئېلىش ۋە ئىلگىرىكى كىشىلەردىن ئىبرەت ئېلىش

ئەزىز قېرىندىشىم، ئىرادىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ۋە ئىنساننىڭ ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى – ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىش ۋە ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن كىشىلەردىن ئىبرەت ئېلىشتۇر.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھېساب ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار، تارازىغا سېلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭلارنى تارازىغا سېلىڭلار، چۈنكى بۈگۈن ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىشىڭلار قىيامەتتە ھېساب بېرىشتىن ئاسانراق. قىيامەتتىكى چوڭ ئۇچرىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىڭلار، بۇ كۈندە سىلەر (ئاللاھقا ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توپلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يۇشۇرۇپ قالالمايسىلەر».

شۇڭا، بەندە پەرزلەرنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلەردىن ساقلىنىش ئەھۋالى، كۈنىنى نەدە ئۆتكۈزگەنلىكى، مال – دۇنياسىنى نەدىن تاپقانلىقى، نېمىگە ئىشلەتكەنلىكى، قولى بىلەن نېمىلەرنى قىلغانلىقى، پۇتى بىلەن قەيەرگە بارغانلىقى، كۆزى بىلەن نېمىلەرنى كۆرگەنلىكى، قۇلىقى بىلەن نېمىلەرنى ئاڭلىغانلىقى ھەققىدە ھەرۋاقىت ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى كېرەك. بەندە قاچانكى ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىشتا قاتتىق بولسا ۋە ئاللاھ ھەققىدە سۇسلۇق قىلغان ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ئىشلىرى ئۈچۈن تەۋبە – ئىستىغپار ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۆلۈم ئالدىدا مۇستەھكەم بولىدۇ ۋە پىتنىدىن، ئېغىر بالا – قازالاردىن يىراق بولىدۇ.

بەندە شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەردىن ئىبرەت ئېلىشى ۋە قەبرىلەرنى يوقلاپ تۇرۇشى، شۇ ئارقىلىق ئاخىرەتنى ئەسلىشى كېرەك. سۇفيان مۇنداق دېگەن: «كىمكى قەبرىنى كۆپ ئەسلىسە جەننەت بۇلاقلىرىدىن بىر بۇلاق ئۇنىڭ بولىدۇ، كىمكى قەبرىنى ئەسلەشتىن غەپلەتتە قالسا دۋزاخ ئورەكلىرىدىن بىر ئورەك ئۇنىڭ بولىدۇ».

ھاتەم ئەسەد مۇنداق دېگەن: «كىمكى قەبرىستاننىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ئۆزى ئۈستىدە ئويلانمىسا ۋە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلمىسا ئۆزىگە ۋە قەبرىدىكىلەرگە خىيانەت قىلغان بولىدۇ». شۇڭلاشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرە يوقلاشنىڭ ئىنسان قەلبىگە بولغان زور تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇپ كىشىلەرنى قەبرە يوقلاشقا قىزىقتۇرغان. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئىلگىرى سىلەرنى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشتىن توسقان ئىدىم، ئەمدى زىيارەت قىلىۋېرىڭلار، چۈنكى بۇ سىلەرگە ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ»([8]).

رىۋايەت قىلىنىشىچە داۋۇد تائى قەبرە ئۈستىدە يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق بېيىت ئوقۇۋاتقان ئايالنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى:

 

بولغاندا قەبرىدە، لەھەت ئىچىدە،

ئوڭ يېنىڭ زېمىننى قىلدى سېلىنچا.

شاتلىقنىڭ لەززىتى بولغايمۇ ماڭا،

تۈگەتتىڭ ھاياتنى يەتمىدىڭ ئاڭا.

 

ئايال بېيىتنى ئوقۇپ بولۇپ: «ئى ئوغلۇم، كاشكى قۇرتلارنىڭ سېنى قايسى تەرىپىڭدىن باشلاپ يەۋاتقانلىقىنى بىلسەمچۇ» دەپ نىدا قىلدى. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ داۋۇت تائىينى چاقماق سوقۇۋەتكەندەك بولدى – دە، ھوشىدىن كېتىپ يىقىلدى.

ئەزىز قېرىندىشىم، شۇڭلاشقا سىز ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەڭ، ئۇ چوقۇم كېلىدۇ. ھېساب بېرىشكە ۋە قەبرىدىكى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىڭ.

تۆتىنچىسى: نەپلە ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇش

بۇنىڭ قاتارىدا نەپلە ئىبادەتلەرگە ۋە زىكىرگە ھېرىسمەن بولۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ۋە ياخشىلىق يولىدا چىقىم قىلىش ۋە كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلار بار. ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى مۆمىننىڭ تارازىسىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر تۇرىدىغان نەرسە يوق.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەر بىر ياخشىلىق سەدىقىدۇر» دېگەن([9]). ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن رەببى بىۋاستە سۆزلىمەيدىغان بىرمۇ كىشى يوق، ئىنسان ئوڭ تەرىپىگە قارايدۇ، قىلغان ئەمەللىرىنىلا كۆرىدۇ، سول تەرىپىگە قارايدۇ، قىلغان ئەمەللىرىنىلا كۆرىدۇ، ئالدىغا قارايدۇ، دۋزاخنىلا كۆرىدۇ. شۇڭا، سىلەر يېرىم خورما بىلەن بولسىمۇ، ئەگەر ئۇنىمۇ تاپالمىساڭلار ياخشى سۆز بىلەن بولسىمۇ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار»([10]).

ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى سابىت رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەجەل ۋاقىتلىرى كەلگەن چاغدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىردى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئى ئۆمەر، ئاللاھدىن قورققىن، شۇنى بىلگىنكى ئاللاھ ئۈچۈن قىلىدىغان بەزى كۈندۈزلۈك ئىبادەتلەر بار، ئاللاھ ئۇنى كېچىسى قوبۇل قىلمايدۇ، بەزى كېچىلىك ئىبادەتلەر بار، ئاللاھ ئۇنى كۈندۈزى قوبۇل قىلمايدۇ، پەرزلەر ئادا قىلىنماي تۇرۇپ نەپلىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بەندىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى تارازىسى ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا ھەقىقەتكە ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن ئېغىر بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ھەقىقەت قويۇلغان تارازا ئېغىر كېلىدۇ».

ئاللاھ تائالادىن بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلىشىنى، گۇناھ ۋە خاتالىقلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىنى، نەتىجىمىزنى ياخشى قىلىپ بېرىشىنى، دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى سۆزىمىزنىڭ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» بولۇشىنى نېسىپ قىلىشنى سورايمىز.

مەنبە: -تذكر ساعة الاحتضار – https://www.islamweb.net

تەرجىمىدە: شەھرىزات
———————————————-
([1]) ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «ھەسەن» دەپ باھالىغان.
([2]) «قەسەس» سۈرىسى 83 – ئايەت.
([3]) «قەمەر» سۈرىسى 54 – 55 – ئايەت.
([4]) «سەھىھەين».
([5]) «نۇر» سۈرىسى 63 – ئايەت.
([6]) «سەھىھەين».
([7]) «سەھىھەين».
([8]) «سەھىھۇ مۇسلىم».
([9]) «سەھىھەين».
([10]) «سەھىھەين».

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز