خەيرى – ئېھسان

دوكتور سالمان ئەۋدە

 – ئۇنىڭغا قانچىلىك بەردىڭ؟

بۇ بالىنىڭ دادىسىغا ئۇشتۇمتۇت ئېيتقان سوئالى ئىدى، ۋەھالەنكى دادا ئازراق پۇلنى كۆرۈنۈشتە نامرات كۆرۈنىدىغان بىر موھتاجغا بېرىۋاتاتتى.

– ئەي ئوغلۇم، ئەگەر بۇ سوئالىڭنى بەشىنچى سوئال دەپ قارىساق، ئۇنىڭ ئالدىدىكى تۆت سوئال قانداق بولۇشى كېرەك؟

بىرىنچى سوئال: ئۇنىڭغا نېمە بەردىڭ؟

ياردەم ماددىي تەرەپتىنلا بولمايدۇ، سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولغان بىر ئىنسان مېھرى – مۇھەببەت، شەپقەت ۋە قوللاشقا موھتاج. ئۇ ماددىي ياردەمگە قارىغاندا مەنىۋى ياردەمگە كۆپرەك ئېھتىياجلىق. بەزىدە ئادەم ئۆزىدە يوق بولغان نەرسە ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇ ساڭا ئۆزى قادىر بولالايدىغان ياخشى دۇئالارنى، ئۈمىدۋارلىقنى، ياخشى ۋەدىلەرنى ۋە گۈزەل سۆزلەر بىلەن بولغان قوللاشنى بېرىدۇ. شۇ چاغدا سەن ئۇنىڭغا: «سېنىڭ بۇ ياردىمىڭ مەن ئويلىغاندىنمۇ كاتتا بىر ياردەم بولدى» دېگەننىلا دېيەلەيسەن خالاس. بىلگىنكى، ئىنسان يالغۇز نان بىلەنلا ياشىمايدۇ.

ئىككىنچى سوئال: بەرگەن نەرسەڭنى نېمە ئۈچۈن بەردىڭ؟

سەن بۇ بەرگەنلىرىڭنى ئاللاھ تائالاغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بەرگەن بولۇشۇڭ مۇمكىن ياكى قەلبىڭدىكى ئالىيجاناب بىر تۇيغۇ، قوشنىلارغا ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلارغا خەيرى – ئېھسان قىلىش ئىستىكى، پەزىلەتكە بولغان قىزغىنلىق، مۇشۇ قىلغانلىرىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ھازىر بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن ساۋاب ئۈمىد قىلىش ۋە ياكى خەيرى – ئېھساننىڭ داۋاملىق بولۇپ مېۋە بېرىپ تۇرۇشىنى كۆزلەش قاتارلىق ئامىللار سېنى بۇ ياردەمگە ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر ۋە ھەقىقىي بولىدۇ. ۋە ياكى پەخىرلىنىش، رىيا قىلىش، سېخىيلىقىڭنى كۆز – كۆز قىلىش، كىشىلەر ئارىسىدا يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بەرگەن بولۇشۇڭ ھەم مۇمكىن. ئەمما، بۇ بەرگەنلىرىڭ ئاجىز، ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئارغامچىغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ تائالا «ئىنسان» سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «(ئۇلار ئېيتىدۇ) بىز سىلەرگە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز»([1]). بۇ يەردىكى مۇھىم نەرسە شۇ ئىشقا تۈرتكە بولغان كۈچتۇر.

ئۈچىنچى سوئال: بەرگەن نەرسەڭنى قانداق بەردىڭ؟

سەن بەرگەنلىرىڭنى قانداق قاچىدا بەردىڭ؟ بۇ كەمتەرلىك بىلەن ئېسىل، پايدىلىق ۋە سېخىيلارچە قىلىنغان چىقىممۇ ياكى مىننەت ۋە ئەزىيەتمۇ؟ سەن بۇ ئاتايى – ئېھسانلىرىڭنى قوللىرىڭنى كەڭ ئېچىپ، خۇشال – خۇرام ھالدا، رازىمەنلىك ۋە كەمتەرلىك بىلەن بەرگەن بولۇشۇڭ مۇمكىن ياكى سەن خۇددى بىر يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان كىشىنىڭ سېنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەندەك ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەپ، قوللىرىڭنى تەستە سونۇپ، ئۇنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە كەمسىتىش تۇيغۇسى بىلەن بەرگەن بولۇشۇڭمۇ مۇمكىن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈش كېيىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سەدىقىسىدىن) بىھاجەتتۇر، ھەلىمدۇر (يەنى، ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)»([2]).

تۆتىنچى سوئال: قانداق ۋاقىتتا بەردىڭ؟

خەيرى – ئېھسان قىلىنغان ۋاقىتقا قاراپ ئۇنىڭ ساۋابىنىڭ دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. سەن بىر كىشىگە نامرات ۋاقتىدا، قىيىن شارائىتلاردا ياردەم قىلساڭ ئۇ بۇ ياخشىلىقىڭنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ. سېنىڭ ئۆزۈڭ موھتاج تۇرۇقلۇق قېرىندىشىڭغا يېنىڭدىكى ئازغىنە تامىقىڭنى ۋە ياكى پۇلۇڭنى بېرىشىڭنىڭ ئۆزى بىر نىجاتلىقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»([3]) ئالىيجاناب كىشى باشقىلار سوراشتىن ئاۋۋال بېرىدۇ، تەلەپ قىلىشتىن ئىلگىرى مەرتلىك قىلىدۇ. قېرىندىشىنىڭ ھاجىتى ئاشكارا بولۇشتىن ئىلگىرى بىلىپ ئۇنى بىھاجەت قىلىدۇ. بۇ خۇددى شائىر ئۇمەييە ئىبنى سالات تۆۋەندىكى شېئىردا بايان قىلغانغا ئوخشايدۇ:

 

قىلدى مېنى بىھاجەت سەندىكى ھايا،

سۆزلەپ يۈرۈشتىن ھاجەتلىرىمنى.

بىر كۈن ئېيتسا ساڭا گەر مەدھىيە سانا،

تاپالماس شۇ سەۋەب دىدارلىرىڭنى.

چۈنكى، شۇ ھايادۇر سېنىڭ ئەخلاقىڭ.

 

بەشىنچى سوئال: ئۇنىڭغا قانچىلىك بەردىڭ؟

بەلكىم ئازغىنە نەرسە كىشىنى كۆپ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن. «سەھىھۇل بۇخارىي»دا كەلگەندەك، ئاللاھ تائالا بەزىدە بىر تەڭگىگە بەرىكەت ئاتا قىلسا، بۇ بىر تەڭگە مىڭ تەڭگىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. سەدىقىنىڭ ئەڭ ياخشىسى كەمبەغەلنىڭ سەدىقىسىدۇر. خەيرى – ئېھساننىڭ ئەڭ ياخشىسى سېخىيلىق ۋە ياخشى نىيەتتە قىلىنغىنىدۇر. قۇرئان كەرىمدە بۇنداق ئېھسان قىلغۇچغا تۆۋەندىكىدەك مىسال كەلتۈرۈلگەن: «ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل – مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ مىسالى، يەتتە باشاق چىقارغان، ھەربىر باشىقىدا يۈز دانە دان تۇتقان بىر دانغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭرىدۇر»([4]).

باشقىلارغا بەرگىنىڭدە سەن ئېرىشەلەيسەن، باشقىلارغا بېرىۋاتقاندا پەقەت ئۆزۈڭگە بېرىۋاتقان بولىسەن. سەن ئاز نەرسىنى بېرىپ كۆپ ساۋابقا ئېرىشىسەن. سېنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن نەرسىلىرىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ساڭا قىلغان پەزلى – مەرھەمىتىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»([5]).

ياخشىلىق قىل، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەت، يەنى، بەرگەن نەرسىلىرىڭ توغرىسىدا سۆزلەپ يۈرمە، بىر نەرسە بەرگەن كىشىگە يولۇقۇپ قالساڭ بەرگەنلىرىڭنى تىلغا ئالما. ياخشىلىقلىرىڭدىن باشقىلارنى سەدىقە قىلىشقا ۋە خەيرى – ئېھسان قىلىشقا ئۈندەيدىغانلىرىدىن باشقىلىرىنى ئاشكارىلىما. خەيرى – ئېھسان چۈشەنچىسىنى كەڭرى چۈشەنگىن. ماددىي ياردەم دائىرىسىدىن مېھىر – مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت مەنىۋى ياردەم دائىرىسىگىمۇ كىرگىن! بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامدىكى گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

 

مەنبە: عطاء – د. سلمان بن فهد العودة – http: //www. islamtoday. net

تەرجىمىدە: كۆكلەم.

—————————
([1]) «ئىنسان» سۈرىسى 9 – ئايەت.
([2]) «بەقەرە» سۈرىسى 264 – ئايەت.
([3]) «ھەشىر» سۈرىسى 9 – ئايەت.
([4]) «بەقەرە» سۈرىسى 261 – ئايەت.
([5]) «ھەشىر» سۈرىسى 9 – ئايەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز