ھاياتنىڭ مەنىسى ھەرىكەتتە

دوكتور سالمان ئەۋدە

ھاياتلىق – تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن دائىم ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىدىن ئايرىلالمايدىغان ۋېلىسىپىتكە ئوخشايدۇ. بىكار يۈرسەڭمۇ ۋاقىت ئۆتۈۋېرىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈز، سەھەر بىلەن كەچ، سائەت بىلەن سېكونت ساڭا بەرىبىر بولۇپ قالىدۇ. ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە سەندە مەن نېمە ئۈچۈن ياشايمەن؟ دېگەن سوئال پەيدا بولىدۇ. ھەرىكەت ھەربىر دەقىقىنى مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ پەقەت ئەمگەك، ئوقۇش، جان بېقىش ۋە خىزمەت ئۈچۈنلا بولماستىن، بەلكى ھاياتقا ۋە ئادەمگە بولغان مۇناسىۋەتنى ۋە ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈشنى ھېس قىلىش ئۈچۈندۇر. چارچاپ تەرلىرىڭ ئاققاندا ئاندىن بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ راھەت ھېس قىلىسەن ۋە ھاياتنىڭ ھەقىقىتىگە يېتىسەن. قۇياش كۈندە چىقىپ كۈندە پاتقاندەك، ئىنساننىڭ ھەرىكىتىمۇ شۇنداق ئىزچىل بولۇشى كېرەك.

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا ئاددىي ھەم يەڭگىل پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشنىڭ ھارغىنلىقنى، ئىچى سىقىلىشنى ۋە روھىي كېسەللىكلەرنى يەڭگىللىتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەنە بىر تەتقىقاتىدا مەيلى ھەقلىق ياكى ھەقسىز بولسۇن ئىشلەپ تۇرۇشنىڭ بەختنى ھېس قىلىشقا ياردىمى بولىدىغانلىقى، بىر ئىش قىلىدىغان ياكى بىرەر نەرسىگە قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ئەمگەك قىلمايدىغانلاردىن بەختلىك ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بىر ئورۇندا 15 مىنۇت كۈتۈپ تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان پىدائىيلارنىڭ يەنە بىر ئورۇنغا پىيادە بېرىپ كەلگەنلىكى، يىراققا ماڭغانلارنىڭ بولسا ماڭمىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ خۇشال بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. كۈچ ئۆز ئىگىسىنى جىم تۇرغۇزمايدۇ. بۆرىنىڭ قەپەزدە تۇرۇپمۇ قۇيرۇقىنى كۆتۈرۈپ ئايلىنىپ يۈرۈشى ئۇرغۇپ تۇرغان ئىچكى ھەرىكەتنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك. شائىرنىڭ بۆرە ھەققىدىكى بۇ سۆزى نېمىدېگەن راست ھە!

 

تۇرمۇشنىڭ تەشۋىشى قىينىسىمۇ گەر،

بولسۇن ئەر ھاياتتا ھوشيار ۋە ئادىل.

ئورماندا يۈرگەن شۇ بۆرىگە قارا،

ئوۋدىن ھەم ئوۋچىدىن قالمايدۇ غاپىل.

 

بۆرە ھەرىكەتلەنمىگۈدەك دەرىجىدە ئۇخلاپ قالمايدۇ، بەزىدە پائالىيەتچان، جانلىق كىشىلەرنى ماختىغاندا بۆرە بىلەن سۈپەتلەيمىز. بۇنىڭ ئەكسىچە، تازقارا گەرچە بۈركۈتكە ئوخشىسىمۇ ئەمما، ئوۋ ئوۋلىيالمايدۇ، بەلكى تاپ يېيىش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ.

مۇتەنەببىي مۇنداق دېگەن:

دۇنياغا يارالدىڭ قەدىرلىك ئىنسان،

دىلىڭنى پاكىز تۇت، بول ياخشى ھامان.

بەندىدىن يامانلاپ تىللاپ يۈرۈشنىڭ،

يوقتۇر پايدىسى كىشىگە ھىچ قاچان.

 

ئاللاھ ياخشى ئىشقا مۇكاپات بېرىدۇ. ئۇ مۇكاپات بولسا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق ئىشلارنى قىلالىشىمىزدۇر. ھەرىكەت ئىنساننى زېرىكىشتىن، رەزىللىكتىن، موھتاجلىقتىن ساقلايدۇ. ئەمگەك خالىس بولسا ھايات خۇشاللىققا تولىدۇ، ئەگەر مەجبۇرىيەتكە ئايلانسا ھايات ئىبادەتكە ئايلىنىدۇ. سەن ھەربىر ئىشنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قىلىۋاتقاندەك قىلغىن. كۆپ ئىشلىسەڭ ئۇزۇن ياشايسەن. ئىلگىرىكىلەردىن بىرى: «مۆمىنلەردىن بولغانلىقىم تەلىيىمدىن بولغان بولسا، ئىشىمنىڭ كۆپلۈكى تەلىيىمنىڭمۇ كۆپلۈكىدىندۇر» دېگەن ئىكەن. ھەقىقىي مۇسابىقە سەن قىلىۋاتقان ۋە قىلالمىغان ئىشتا. مانا بۇ ئۆزۈڭ بىلەن مۇسابىقىلىشىشتۇر. ئىشلىگەن چىشلىسە، ئۇخلىغان چۈش كۆرىدۇ. قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشىمىز ئۆزىمىزنى بايقاشتىكى بىر پۇرسەتتۇر.

 

مەنبە: الحركة تصنع المعنى – د. سلمان بن فهد العودة – http: //www. islamtoday. net

تەرجىمىدە: خورما.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ