ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى پىكىر ئەركىنلىكى

دوكتور راغىب سەرجانىي

 

 

ئىسلام مەدەنىيىتى پىكىر ئەركىنلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ

ئىسلام پىكىر ئەركىنلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ. بۇنى ئىسلام مەدەنىيىتىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ئىسلام ئاسمان – زېمىن ۋە پۈتۈن مەۋجۇداتلار ھەققىدە ئەقىل ئىشلىتىشكە ۋە تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىدۇ ۋە قىزىقتۇرىدۇ.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆز كالامىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن: سىلەر خۇدالىق ئۈچۈن ئىككىدىن، يا بىردىن تۇرۇڭلار، ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار»(سەبەئ: 46).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چۈشىنىدىغان دىللارغا، ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ (يەنى، ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلۇقىدۇر، كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ)»(ھەج: 46).

 

ئىسلام ئەقىلنى ئىشلىتىشكە ۋە ئەقلىي دەلىللەرگە قىزىقتۇرىدۇ

ھەقىقەتەنمۇ ئىسلام كىشىنىڭ بەدەن ئورگانىزىملىرىنى ۋە ئەقلىنى تولۇق ۋە جايىدا ئىشلەتمەسلىكىنى يامان كۆرىدۇ، شۇنداقلا ئاشۇنداق كىشىلەرنى مەرتىۋە جەھەتتە ھايۋانلاردىنمۇ تۆۋەن سانىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئۆز كالامىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ، ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئېلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر»(ئەئراف: 179).

‏ئىسلام گۇمانلارغا ۋە يالغان ئويدۇرمىلارغا ئەگىشىشكە قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز كالامىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار مۇنداق ئاتاشتا ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ»(نەجم: 28).

ئىسلام ئوخشاشلا ئەجدادلىرىنىڭ ياكى كاتتىباشلىرىنىڭ ھەق ئۈستىدە ياكى باتىلدا بولۇشىغا قارىماي ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشكە قارشى تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار: ›پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى. پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن‹ دەيدۇ»(ئەھزاب: 67).

‏ئىسلام ئۆز ئەقىدىلىرىنى ئىسپاتلاشتا ئەقىلنىڭ دالالەتلىرىگە تايىنىدۇ. بۇ توغرىسىدا ئىسلام ئۆلىمالىرى ئېيتىدۇكى: «ئەقىل نەقىلنىڭ ئاساسىدۇر». ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ماھىيىتى ئەقلىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ، شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىمۇ ئەڭ ئاۋۋال ئەقلىي يوللار بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ، مۆجىزىلەر بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

 

‏ئىسلامدىكى تەپەككۇر قىلىشنىڭ قىممىتى

ئىسلامدا تەپەككۇر قىلىش دىننىڭ پەرزلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەرقانداق ئەھۋالدا تەپەككۇردىن خالىي بولۇش دۇرۇس بولمايدۇ. ئىسلام دىن ئىشلىرىدا تەپەككۇر قىلىشقا ئىشىكنى كەڭرى ئېچىۋەتتى. بۇ ئېچىۋېتىش ھاياتتىكى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە شەرىئەت بويىچە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر. مانا مۇشۇ ئىزدىنىشنى ئىسلام ئۆلىمالىرى (ئىجتىھات قىلىش) دەپ ئاتىغان.

ئىجتىھات قىلىش بولسا شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تەپەككۇرغا تايىنىش ئارقىلىق يەكۈنلەش مەنىسىدە بولۇپ، ئىجتىھات قىلىشنىڭ رۇخسەت قىلىنىشى ئىسلامدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ فىقھىي تەتقىقاتلىرىدا ۋە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكىگە ئوخشىمايدىغان مەسىلىلەرنى شەرئىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە رولى ناھايىتى چوڭ.

مانا مۇشۇ ئىجتىھات ئارقىلىق مەشھۇر بولغان ئىسلام فىقھى مەزھەپلىرى بارلىققا كەلدى، ئىسلام دۇنياسى بۈگۈنگە قەدەر مۇشۇ مەزھەپلەرنىڭ تەلىماتى بويىچە ماڭماقتا. شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلارنىڭ ئوچۇق بايان قىلىنمىغان ۋە ئېنىق شەرىئەت دەلىللىرى كەلمىگەن دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا ئەقىل ۋە تەپەككۇرغا تايىنىشى، ئىسلامنىڭ ئەقىل مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇشىنىڭ ئاساسىدۇر، ئىسلام تارىخىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى مانا مۇشۇ ئىجتىھات ۋە تەپەككۇر ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر.

 

مەنبە: حرية التفكير في الحضارة الإسلامية – د. راغب السرجاني https://islamstory.com

تەرجىمىدە: خۇشپېئىل.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز