جاھىلىيەت ئادەتلىرى

دوكتور سالمان ئەۋدە

 

ئاللاھ سۇبھەنەھۇ ۋەتەئالا ھەرقانداق بىر پەيغەمبەرنى ئۆز قوۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەۋەتكەن بولۇپ، كۆپىنچە پەيغەمبەرلەر ئۆز قوۋمىگە «ئۇلارنىڭ قېرىندىشى «سالاھىيىتى» بىلەن ئەۋەتىلگەن. بۇ ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنى چۈشىنىشى ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلىشىنىڭ ئامىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ئايرىمىچىلىق قوبۇل قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە قىزىقتۇرىلىدىغان نەرسە ئەمەس، ئەلۋەتتە!

كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە تېخىچە ۋەھىي نازىل بولمىغان ئىشلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئۇيغۇن ھالدا بولۇشىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ مەككىدىكى ئولتۇراق جاي، يېمەك – ئىچمەك، ئىجتىمائىي ئالاقە، تۇرمۇش مۇئەسسەسەلىرى جەھەتلەردىكى ئادەتلەرنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتمەستىن پەقەت ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولغان تەرەپلىرىنىلا ئۆزگەرتكەن. بۇ ئۆزگەرتىشمۇ قۇدرەت تاپقان، مەككە ڧەتھى بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

ئىسلام قىمار ئويناش، ھاراق ئىچىش ۋە ھاراق سورۇنلىرىنى، قىزلارنى تىرىك كۆمۈش، جاھىلىيەتتىكى ياسىنىش، ئاشنا تۇتۇۋېلىش، قەبىلىۋازلىق، سەۋەبسىز ئۇرۇش ئوتى ئېچىش قاتارلىق ئادەتلەرنى ھارام قىلىنغان جاھىلىيەت قاراشلىرىغا تەۋە بۇزۇق ئادەتلەر بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ھارام قىلدى.

ھارام قىلىنغان ئايلارنى ئۇلۇغلاش، ئۆز ئانىلىرى ۋە قىزلىرى بىلەن نىكاھلىنىشنى ھارام قىلىش، جۇنۇپلۇقتىن يۇيۇنۇش، تىرناق ئېلىش، خەتنە قىلىش قاتارلىق ئادەتلەرنى بولسا ئېتىراپ قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈردى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىدىكى ئەنسارلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋىي ئادەتلىرىگىمۇ يۇقىرىقىدەك پوزىتسىيەدە بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ توي – تۆكۈنلەردە جائىز بولغان ناخشا – مۇزىكىلارغا قىزىقتۇرۇشى دەل بۇ پوزىتسىيەنىڭ ئىپادىسى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇ: بىر ئايال بىر ئەنسارىي ئەر بىلەن توي قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! سىلەر بىلەن ئويۇن – تاماشا بولسىچۇ! ھەقىقەتەنمۇ ئەنسارلار ئويۇن – تاماشىنى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى ([1]).

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغىنىدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنسارلارنىڭ تاماققا مۇناسىۋەتلىك يېمەك – ئىچمەك ئادىتىدىن تاشقىرى ئۇلارنىڭ ھايا قىلىش سەۋەبلىك سوئال سوراشتىن چەكلىنپ قالماسلىقىدەك ئالاھىدىلىكىنى ماختىشى ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈشىمۇ يۇقىرىقى پوزىتسىيەنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئەنەس ئىبنى مالك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇكى: مەن ئەبۇ تەلھە ئەنسارىينىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ تۇغۇلغان چاغدا ئۇنى ئېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا باردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلىقىغا يەم بېرىۋاتقان ئىكەن. ئۇ: «سەندە خورما بارمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن: «بار» دېدىم – دە، ئۇنىڭغا بىر قانچە تال خورمىنى ئۇزاتتىم. ئۇ بۇ خورمىلارنى ئېغىزىغا سېلىپ چاينىدى. ئاندىن كېيىن بوۋاقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئۇنى بۇ بوۋاقنىڭ ئاغزىغا تۈكۈردى. بوۋاق ئۇنى تامشىشقا باشلىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مانا بۇ ئەنسارلارنىڭ خورمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى» دېدى ۋە ئۇنىڭغا «ئابدۇللاھ» دەپ ئىسىم قويدى([2]).

ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنى ئەمرىگە ئالغىنىدا ئۇنىڭ ئىلكىدە ئېتىدىن باشقا نە بىر خىزمەتچىسى، نە مال – مۈلكى بار ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئېتىغا ھەلەپ ئېتىپ ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقاتتىم، ئۇنى ئوتلىتاتتىم، ئۇنىڭغا بېرىش ئۈچۈن خورما ئۇرۇقلىرىنى سوقاتتىم، سۇغۇراتتىم، چېلىكىگە ياماق سالاتتىم، خېمىر يۇغۇراتتىم، ناننى ياخشى ياقالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەنسار خوشنىلىرىم نانلىرىمنى يېقىپ بېرەتتى، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ دوستانە ئاياللار ئىدى».

ئەنسارلارنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرىگە باغ ئىشلىرىدا ھەمدەمدە بولاتتى. ئۇلار خەنسا بىنتى خۇددامغا ئوخشاش نىكاھقا مەجبۇرلانغانلىقلىرى ۋە ياكى سەئىد ئىبنى رەبىيئەنىڭ قىزلىرىغا ئوخشاش مىراستىن مەھرۇم قىلىنغانلىقلىرى ۋە ياكى خەۋلە بىنتى سەئلەبەگە ئوخشاش ئەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىراپ زىھار قىلغانلىقلىرىنى، سابىت ئىبنى قەيسنىڭ ئاياللىرىغا ئوخشاش ئەرلىرىدىن ياقتۇرمىغانلىقتىن خېتىنى تەلەپ قىلىشى قاتارلىق ھەرتۈرلۈك ئىشلىرى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلىپ كېلەتتى.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىدى: «ئەنسارلارنىڭ ئاياللىرىدىن ئۆيلىنىۋالماملا؟»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋابەن: «ئۇلاردا قاتتىق كۈندەشلىك بار» دېگەن ئىدى([3]).

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نۇسىيبە بىنتى كەئبگە ئوخشاش «چوڭ بەيئەت»كە قاتناشقانلار بار. ئۇممۇ ئەتىييە (نۇسىيبەنىڭ كۇنىيىتى) مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن يەتتە قېتىم غازاتقا قاتناشتىم. مەن ئۇلارنىڭ بارگاھىدا قېلىپ ئۇلارغا تاماق تەييارلاپ بېرەتتىم، يارىدارلارنى داۋالايتتىم، كېسەللىرىگە قارايتتىم([4]).

ئەنسارلاردىن بىر ئايال ئەسىرگە چۈشۈپ قالغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسى ئەدبائنى مىنىپ قېچىپ كېتەلىگەن ئىدى.

ئەنسار ئاياللار ئەبۇ خەيسەمەنىڭ تەبۇك غازىتى كۈنى ھەربىي يۈرۈشتىن كېچىكىپ قېلىش قىسسەسىدە بايان قىلىنغاندەك، ئەرلىرىنى كۈتۈشكە ماھىرلىقى بىلەن تونۇلغان.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز قۇرەيشلەر ئەرلەر ئاياللىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كىشىلەر ئىدۇق، مەدىنىگە بارغىنىمىزدا ئاياللار ئەرلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كىشىلەرنى كۆردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئاياللىرىمىز ئۇلارنىڭ ئاياللىرىدىن ئۆگىنىشكە باشلىدى»([5]).

مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئادەتلىرى ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتەئالانىڭ: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن خۇددى ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى، نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر)» دېگەن ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىنغىنىدەك ئوخشاش ئەمەس ئىدى.

بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى توغرىسىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «قۇرەيشتىن ھېسابلىنىدىغان بۇ ئايماق ئاياللارنى يامان نەرسە قاتارىدا ھېسابلايتتى ۋە ئۇلارغا ئالدى تەرەپتىن، ئارقا تەرەپتىن، ئوڭدىسىغا ياتقان ھالىتىدە يېقىنچىلىق قىلاتتى. مۇھاجىرلار مەدىنىگە كەلگەن ۋاقىتتا ئۇلاردىن بىرى ئەنسارلاردىن بىر ئايال بىلەن توي قىلىدۇ، ئۇ بۇ ئايال بىلەن يۇقىرىقىدەك ھالەتتە يېقىنچىلىق قىلماقچى بولىدۇ، ئۇ ئايال: «بىز پەقەت بىر تەرەپتىنلا يېقىنچىلىق قىلىمىز، سەنمۇ شۇ بويىچە قىلغىن، بولمىسا مەندىن نېرى تۇر» دەيدۇ. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى يامىنىغا تارقىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يېتىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر، يەنى، (نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر)، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار» دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى.

ئەنسارىي ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس كىيىم – كېچەكلىرى بار ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن» دېگەن ئايەت نازىل بولۇۋىدى، ئەنسار ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ پۈركەنجىلىرىنى تىكىشىدىن سۆكۈپ، ئۇلارنى لېچەك قىلىپ ئورىنىۋالدى»([6]).

جاھىلىيەتتىكى سالاملىشىشتا: «ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن»، «قارشى ئالىمىز»، «خۇش كەپسىز»؛ پادىشاھلار ئۈچۈن: «ئەيىبلىنىدىغان ئىش قىلمايمەن»، «ناچار ئىشقا يولىمايمەن» دېگەن مەنىلەردىكى سالام سۆزلىرىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئاللاھ بۇنىڭ ئورنىغا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم»نى ئالماشتۇرۇپ بەردى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە ئوچۇق يوليورۇق نازىل بولمىغان ئىشلاردا مۇشرىكلاردىن كۆرە ئەھلى كىتابلارغا ئوخشاش بولۇشنى ئارتۇق كۆرەتتى.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەھلى كىتاب چاچلىرىنى قويۇۋېتەتتى، مۇشرىكلار بولسا چاچلىرىنى ئوتتۇرىدىن ئىككى يانغا ئايرىيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بۇيرۇق بولمىغان ئىشلاردا ئەھلى كىتاب بىلەن بىردەك بولۇشنى ياخشى كۆرەتتى. شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭلاي چېچىنى قويۇۋەتكەن ئىدى، كېيىنچە، چېچىنى ئايرىيدىغان بولدى.

بۇ يەردىكى ئايرىش چاچنى باشنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئايرىش يەنى، چاچنى باشنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئوڭ ۋە سول تەرەپكە بۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە بىر رىۋايەتتە: تېخى يوليورۇق بېرىلمىگەن ئىشلاردا قانداق قىلىش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالغاندا ئۇ ئىشنى ئەھلى كىتاب قىلىدىغان شەكىلدە قىلاتتى. ئۇنىڭ چېچىنى كېيىنچە ئايرىغانلىقىغا كەلسەك، مۇشرىكلارنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن بۇ ئىش گەرچە مۇباھ بىلەن مەكروھلۇق ئارىسىدا تۇرىدىغان جۈزئىي مەسىلىلەردىن ھېسابلانسىمۇ، لېكىن شېرىك ئەھلىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى بولماي قالغانىدى.

چاچنى بوياش ۋە بويىماسلىق، ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇش، قىبلىگە يۈزلىنىش، ھەيزدارلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇشتا يەھۇدىيلارغا زىت يول تۇتۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇ ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

قۇرتۇبىي مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئىشلارنى پەقەت ئۇلارنى (يەنى، ئەھلى كىتابنى) مايىل قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بۇلارغا پايدىسى بولمىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇشنى لايىق تاپقان. بۇنداق قىلىش ئۇنىڭغا ۋاجىپ ئەمەس بەلكى مۇستەھەپ ھېسابلىناتتى».

ئىبنى ئابباسنىڭ سۆزى ئىككى مەزمۇننى جۇغلاش ئىمكانىيىتى بولغاچ كۈچتىن قالغانلىقنى ئىپادىلىمەيدۇ. بەلكى ئۇيغۇن بولۇش ياكى ئەكسىچە يول تۇتۇش پەقەت مەنپەئەت نۇقتىسىدىن شەرئىي ھۆكۈم بولىدۇ. قۇرتۇبىي بۇنى بايان قىلغان. ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «ئەھلى كىتابقا قارشى يول تۇتۇش توغرىسىدا ھەدىس كەلگەن مەسىلىلەرنى توپلاپ كۆرۈۋېدىم، 30 دىن ئېشىپ كەتتى. مەن بۇ مەسىلىلەرنى ‹شەنبە كۈندە روزا تۇتۇش ھەققىدە كۈچلۈك قاراش› ناملىق كىتابىمدا بايان قىلدىم».

ئىمام ئىبنى ئەقىيل مۇنۇ سۆزىنى ئۆزىنىڭ «ئەلفۇنۇن» ناملىق كىتابىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسلەردىن ئالغان: «ھارام بولمىسىلا كىشىلەرنىڭ ئادىتىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك كېرەك».

ئىبنى مۇفلىھ «شەرىئەت ئەدەبلىرى» ناملىق كىتابىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە – ئېتىقاد، دىنىي مۇراسىم، ئوچۇق شوئار – چاقىرىقلىرىدا باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇشى زۆرۈرلۈكىگە ئىشارەت قىلىدىغان نۇرغۇن دەلىللەرنى كەلتۈرگەن، مەسىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئوخشاش: «سىلەر سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ يولىغا غېرىچمۇ – غېرىچ، قەدەممۇ – قەدەم ئەگىشىسىلەر، ھەتتاكى ئۇلار كىلە ئۇۋىسىغا كىرسە سىلەرمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ كىرىسىلەر»([7]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىرىشتىن ھېچقانداق پايدىسى ۋە ياكى مەنىسى بولمىغان كىلە ئۇۋىسىغا كىرىشكە قەدەر ئەگىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ خىل ھالەتنىڭ ئوچۇق بىر ھادىسە بولىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئاز ياكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن بولۇپ، بۇ ئاگاھلاندۇرۇش سەمىگە سېلىپ قويۇش ئۈچۈن كەلگەندۇر.

مەزكۇر ھەدىستە يەنە مۆمىنلەرنىڭ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى ئۈچۈن كەمچىلىكنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن خەۋەرلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا باش ئەگمەسلىككە ياكى ئۇنى مەيلى دەپ قاراىماسلىققا چاقىرىشتىن ئىبارەت پەيغەمبەرگە خاس ھېكمەت تولغاندۇر.

ئۇلارغا خىلاپ يول تۇتۇش توغرىسىدىكى بايانلار شەرىئىتىمىزدە نۇرغۇن جايلاردا كەلگەن بولۇپ، نامازغا چاقىرىشتا قوڭغۇراقنىڭ ئورنىغا ئەزاننى ئىشلىتىش، نامازدا يەھۇدىيلارغا ئوخشاپ قالىدىغان بېلىنى تۇتۇپ تۇرۇشقا ئوخشاش ھالەتلەردىن توسۇش، ئۇلارغا ئوخشىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بامدات ۋە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ناماز ئوقۇشتىن چەكلەش، ناسارالارنىڭ ئادىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇشتىن چەكلەش قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

 

مەنبە: عادات جاهلية – د. سلمان بن فهد العودة – http://www.islamtoday.net/salman/artshow-28-179049.htm

تەرجىمىدە: دىلىپاك.

————————-
([1]) بۇخارىي رىۋايەت قىلغان.
([2]) مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
([3]) نەسائىي رىۋايەت قىلغان.
([4]) بۇخارىي، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
([5]) مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
([6]) بۇخارىي رىۋايەت قىلغان.
([7]) بۇخارىي، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ