ئىسلام ھەم دىن، ھەم ئىلىم ھەم مەدەنىيەتتۇر

مۇھەممەد ئىقبال نائىتىي ئەننەدۋىي

 

شەكسىزكى، ئىسلام تەبىئىي ۋە تۇغما خاراكتېرلىك دىندۇر. ئۇ ھەرقانداق ياخشىلىق ۋە ئىسلاھ قىلىشقا چاقىرىدۇ. شۇنداقلا ھەرقانداق يامانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى چەكلەيدۇ. ئۇ جاھىللىق، رەزىللىك، خاتا ئوي – پىكىرلەرگە خاتىمە بەردى ۋە يەنە ئىنسانىيەتنى نەپىس، خاراكتېر، روھ ۋە بەدەنلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ ياخشىلىق، توغرا يول ۋە ھىدايەت مەنبەلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. ياخشىلىق ۋە مەنپەئەت بولغان ھەرقانداق نەرسىنى بېكىتىپ بەردى. ھاراق ۋە قىماردىكى مەنپەئەتلەردىن خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە ئۇ ئىككىسىدىن چەكلىدى ۋە ئۇ ئىككىسىدىكى گۇناھنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن چوڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى مۇھەممەد! سەندىن ھاراق ۋە قىمار ھەققىدە سورىشىدۇ. سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە (ئازغىنا) پايدا بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ» دېگىن﴾([1]).

ناۋادا ھاراق ئىچىشنىڭ گۇناھى ۋە زىيىنى چوڭ بولمىسا، ئۇنىڭدىكى مەنپەئەتلەر تۈپەيلىدىن ئۇ ھەرگىزمۇ ھارام قىلىنمىغان ۋە چەكلەنمىگەن بولاتتى. لېكىن، ئۇنىڭدىكى گۇناھ ئىنسان بىلەن شۇ ئىنساننىڭ ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ۋە ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىنسان يارىلىشتىكى تۈپكى سەۋەب ئارىسىدا پەردە ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ﴾([2]).

ھەقىقەتەن ئىسلام دىنى ھازارەتلەر بۇلىقى ۋە مەدەنىيەتلەر مەنبەسىدۇر. ئۇ زېمىن يۈزىدە ياشاپ، ھاياتىنى شۇنىڭدا ئۆتكۈزگەن تۇنجى ئىنسان ئادەم ئاتىمىزنىڭ دىنىدۇر.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى بولغان بۇ تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامغا قىيامەت كۈنىگىچە كېلىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئۈگەتتى. بۇ ئىسىملارنىڭ ھەممىدىن تەلىم بېرىش بولسا قانچىلىغان ئەسىرلەر مابەينىدە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى قولغا كەلتۈرگەن ئىلىم – پەن، ئىجادىيەت ۋە كەشپىيات يېڭىلىقلىرىنىڭ ئومۇمىدىن ئىبارەتتۇر.

ئىمام سۇيۇتىي ئۆزىنىڭ «ئەلبۇلغە في ئۇسۇلىللۇغە (البلغة في أصول اللغة)» ناملىق كىتابىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئاللاھ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى﴾([3]) دېگەن سۆزىنىڭ تەپسىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان. «ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئەرەب تىلى، سىريان تىلى ۋە ئىبرانىي تىلى قاتارلىقلار بارلىق تىللارنى ئۆگەتكىنىدەك، ئۇنىڭغا يەنە ئادەم ئەۋلادلىرى موھتاج بولىدىغان مىڭ خىل ھۈنەرنى ئۆگەتكەن. شەيئىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ھەرخىل تىللار بىلەن بېكىتىپ بەرگەن. ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاتىغان ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئىسمى قىيامەت كۈنىگىچە ئۇنىڭ ئىسمى بولغان. ئاندىن ئادەم ئەۋلادلىرىدا ھەر تۈلۈك ھۈنەر – كەسىپ ۋە ئوخشىمىغان تىللار تارقىلىپ كەتكەن. بىر قانچىلىغان ئەسىرلەردىن كېيىن پەقەت ھۈنەر – كەسىپلەرلا قالغان، ئاندىن ھەربىر ھۈنەر خۇددى ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ خەتتاتلىق ۋە تىككۈچىلىك ھۈنىرى ۋە داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆمۈر كىيىم ياساش ھۈنىرى دېگەندەك شۇ ھۈنەرنى باشلاپ ئۆزىنىڭ قولىدا تەيىن قىلغان كىشىلەرگە نىسبەت بېرىلگەن.

ئاللاھ تائالانىڭ تۇنجى بولۇپ نازىل قىلغان ﴿ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن﴾([4]) دېگەن سۆزى بۇ ئۈممەتنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشى ۋە گۈللىنىشى پەقەت ئىلىم بىلەنلا ئىنتايىن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ چوقۇم ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى زېمىندا خەلىپىلىك مەنسىپىگە ئېرىشىش ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئاللاھ بىلەن باغلاش بولغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاساستا نازىل بولغان.

﴿ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى، ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيەلەيمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى﴾([5]).

بۇنىڭدىن ئىنساننىڭ يارىلىش سەۋەبى بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش پەقەت ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ئاللاھقا ھەمد ئېيتىش بىلەنلا چەكلەنمەي بەلكى بۇنىڭ ھەممىسىدىن ھالقىپ، ئوخشىمىغان ھايات ساھەلىرى ۋە قىزىپ كەتكەن جەڭ مەيدانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلىنىدۇ. مۆمىن ئىنسان ـ زېمىننى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاساستۇر.

بۇ بۈيۈك مەسئۇلىيەت ۋە ئەڭ چوڭ ئامانەت مۇسۇلمانلارنى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئالدىغا ئىلگىرىلەشتە تۈرتكە بولغىدەك ھېچقانداق كۈچ – قۇۋۋىتى بولمىغان ھاياتنىڭ ئىنتايىن چەت بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىدا ياشىماستىن بەلكى ئاللاھقا دەۋەت قىلىشتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ۋە بارلىق ئىشلارنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان ئىلىم – مەرىپەتنى لازىم تۇتۇشقا چاقىرىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىندىكى خەلىپىلىكى ئىنسان بارلىق ئىشىنى پەقەت ئاللاھقا تاپشۇرغاندىلا ئاندىن ئەمەلىيلىشىدۇ.

ئۇستاز مۇھەممەد رەشىد ئۆزىنىڭ «تەپسىرى مەنار (تفسير المنار)» ناملىق مەشھۇر تەپسىر كىتابىدا خىلاپەت ئايىتىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىنساننىڭ بۇ قۇۋۋەت (يەنى، ئەقلى) بىلەن ھەرقانداق تەييارلىقى چەكلەنمەيدۇ، ئۇنىڭ قىزىقىشلىرى ۋە ئىش – ئەمەللىرىگە چەك قويۇلمايدۇ. ئۇ ئىنسان يەككە ھالەتتە ئاجىز بولسىمۇ، ئەمما ئۆزئارا بىرلەشكەن ھالەتتە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كائىناتتا ھېچقانداق بەلگىلىمىسىز نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسان ئۆزىنىڭ يارىلىش سىرلىرىنى بىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۇ تەبىئىي قابىلىيەت ۋە ئەقىل – پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇنى زېمىندا پادىشاھ قىلغىنىغا ئوخشاش ئەمەلىيەتلىرى ۋە ئەخلاقلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئەھكام ۋە شەرىئەتلەرنىمۇ ئاتا قىلغان، ئۇ، بۇ ئارقىلىق شەخسلەر ياكى گۇرۇھلارنىڭ بىر – بىرىگە زۇلۇم قىلىشقا چەك قويغان. بۇ قۇۋۋەت ئىنساننىڭ مۇكەممەل يېتىلىشىگە ياردەم قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ، ئاشۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەربىرى بولغان ئەقىلنى يېتەكلىگۈچى ۋە تەربىيەت قىلغۇچىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، ئۇنى زېمىنىدىكى ئۆزىنىڭ خەلىپىسى قىلدى، ئۇ ئىنسان مەخلۇقاتلار ئىچىدە خەلىپە بولۇشقا ئەڭ لايىقتۇر([6]).

قۇرئان كەرىمدىكى كۆپلىگەن ئايەتلەرگە ئەقىل كۆزىمىز بىلەن نەزەر سالساق ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلساق ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىن ئىنساننى زېمىندىكى ھەرقانداق شەيئىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان سەۋەب ۋە ۋاسىتىلەرنى تۇتۇشقا چاقىرغانلىقىنى بىلەلەيمىز.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار. شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چارپايلارنىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر﴾([7]).

بۇ ئايەت كەرىمە ئالىملار»نىڭ كىملىكىنى ئىزاھلاپ بەرگەن. شۇنداقلا، تاغلار ۋە ئۇنىڭ رەڭلىرى ۋە تۈرلىرىنى تونۇتۇش، مېۋىلەر ۋە ئۇنىڭ خىللىرى ۋە قىسىملىرىنى تونۇتۇش ۋە ئىنسانلار، چارپايلار ۋە ھايۋانلارنى ھەرخىل رەڭ ۋە تۈرلۈك قىسىملىرى بىلەن تونۇتۇشقا ئالاقىدار ئىلىم ۋە مەرىپەتلەرنىڭ قۇرئانىي ئىلىملەر قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن. مۇسۇلمانلار مانا بۇ قۇرئانىي ئىلىملەر بىلەن زىننەتلەنگەن ۋە ئەقىللىرىگە تەسىر قىلىدىغان ۋە نەپسىلىرىنى يېتەكلەيدىغان دەرىجىدە ئۇنىڭدىن ئوزۇقلانغان.

ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىگە قاراپ باقايلى:

﴿ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى، ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى،

تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى، زېمىن قانداق يېيىتىلدى﴾([8]).

مانا بۇ قۇرئان كەرىم كۆرسەتكەن ۋە چاقىرغان شۇنداقلا، ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۇنىڭغا قىزىقتۇرغان ھەرتۈرلۈك ئىلىم ۋە مەرىپەتلەردىن ئىبارەتتۇر.

قۇرئان كەرىمدىكى ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىنى سۈپەتلەپ كەلگەن مۇنۇ ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭ:

﴿شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن﴾([9]).

ئەمما، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان – زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ﴾([10]) دېگەن ئايىتى ئىلىم ئېلىشقا ئىنتىلدۈرىدىغان ئوچۇق دەۋەتتۇر. ئۇ ئىلىم چاقىنىڭ توختاپ قالماستىن، بەلكى بۇ قۇرئان ئايەتلىرى نۇرى ئاستىدا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىش، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ تەرەققى قىلىش ۋە ئالدىغا قاراپ يول ئېچىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن خەۋەردۇر. بۇ ئايەت ئاسمانلار، زېمىنلار، تاغلار، دېڭىزلار، دەريالار، ئۆسۈملۈكلەر، چارپايلار، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى مەدەنلەر، بايلىقلار ۋە خەزىنىلەردىن ئىبارەت كائىناتتىكى ئاللاھ تائالانىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر تونۇش ھاسىل قىلىش، ئىنچىكە نەزەر سېلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش مەسئۇلىيىتىنى مۇسۇلمانلارغا يۈكلەپ قويدى.

ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلار ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ئۇلار ئىلىمنىڭ ھەربىر تارماقلىرىدىن ئۆزىنىڭ تولۇق نېسىۋىسىنى ئالغان. ئۇلار گىرېك بۇتپەرەسلەردىن گرېتسىيە پەلسەپىسىنى، نەستۇرىيلار([11])دىن ئۇلارنىڭ تېبابىتىنى ۋە يەھۇدىيلاردىن پەيغەمبەرلىرى ۋە ئالىملىرى ھەققىدە رىۋايەت قىلغان خەۋەرلىرىنى ئېلىشتا ھېچقانداق دىنىي چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان، ئۇلار ئىلىم ئۆگىنىشتە ئۇرۇش ۋە جىھادلاردىكى سىناقلاردىنمۇ ئېغىرراق سىناقلارغا دۇچ كەلگەن.

ھەقىقەتەن، ئىنساننىڭ بۇ ھاياتى دۇنيادىكى بەخت ـ سائادىتى پايدا – مەنپەئەتلەرنى سەۋەبلىرى بىلەن باغلاپ چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كېرىش يوللىرى ئارقىلىق كىرىش – كىرەلمەسلىكىگە باغلىق. بۇ ئىنچىكە نەزەر سېلىش، چوڭقۇر ئويلاش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بارلىق ئەقلىنى ئىشقا سېلىش ۋە ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن ساۋاق ئېلىش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ.

ئىلىم بولسا ئۈممەت ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرىنى تونۇشى ئۈچۈن ۋاسىتىدۇر. مۇسۇلمانلارنى ئىلىم ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا تەرغىب قىلىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى يېتەرلىكتۇر. «ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر»([12]).

شەھەرلەشكەن رايونلارنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسىمىنى مۇسۇلمانلار فەتھى قىلغان، ئۇلار فەتھى قىلغان دۆلەتلەرگە ئىلىم، ھىدايەت، ئادىللىق ۋە بايلىق ئېلىپ كىرگەن ئىدى.

تارىخچى ئالىم ئەرنست رىنان مۇنداق دەيدۇ: «ئىلىم، ئەدەپ – ئەخلاق ۋە ھازارەتلەر ئالتە ئەسىر يالغۇز مۇسۇلمانلاردىلا گۈللىنىش ۋە تارقىلىش ئارقىلىق يېڭى بىر مەدەنىيەت ھاسىل قىلغان».

روبىرت بىرفالت Robert Briffault «ئىنسانىيەتنىڭ سانائىتى (The makingof humanity)» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا تەرەققىياتىنىڭ ھەرقانداق بىر تەرىپىگە ئىسلام مەدەنىيىتى ئىنتايىن زور تۆھپە قوشقان ۋە مىسلىسىز دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. مۇسۇلمانلار ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىگە باشقىلارغا قارىغاندا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە بۇ بەيگە مەيدانىدا شەرەپ قۇچقان ئىدى».

ئۇستاز مۇھەممەد مۇبارەك «رىسالە» ژورنىلىدىكى بەزى ماقالىلىرىدا([13]) مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ئىلمىي ھەرىكەتلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرسەك، بارلىق تەرەپلەردە ئىلمىي خىزمەت ئۈچۈن گۈزەل ئۈلگە بولغان شۇ ئالىملارغا بولغان ئەجەبلىنىش ۋە ئۇلۇغلاش قەلبلەرگە تولۇپ كەتكەن بولاتتى». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن يېڭىچە تەجرىبىلەرنى ئىشلەش يېڭى ئەسىرلەرگىلا خاس ئەمەستۇر، ئىسلام مەدەنىيىتىمۇ بۇ ساھەدە نامايەندە بولغان. شاكىر ئوغۇللىرى مۇھەممەد، ئەھمەد، ھەسەن ۋە ئەبى رەيھان ئەلبەيرۇنىي قاتارلىق مۇسۇلمان ئالىملار كۆپلىگەن ئىلمىي تەجرىبىلەرنى ئىشلەش ۋە ئۇنى ھەرخىل شەكىللەردە ئېلىپ بېرىشتا سەل قارىمىغان. ئۇلارنىڭ بۇ تەجرىبىلىرىدە تەبىئىي ھادىسىنىڭ شەرت ـ شارائىتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارغا قارىتا ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىشمۇ كەمچىل بولمىغان. شۇنداقلا ئۇلار كۆرۈنەرلىك نەتىجە ۋە توغرا يەكۈن چىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى».

ياۋروپا خەلقلىرى ئىلىم ـ پەن ئۈچۈن توختىماي چېپىپ يۈرگەندە، مۇسۇلمانلار گەرچە خىرىستىيان مۇرىتلىرى قارشىلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسلام دىننىڭ تۈرتكىسىدە ئىلىم ـ پەننىڭ يۇقىرى دەرىجىسىگە يېتىپ بولغان، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ پەزىلىتىگە ھەتتا ئۆزلىرىدىن باشقا تارىخچىلار ۋە ئالىملارمۇ گۇۋاھ بولغان.

پەيلاسوپ دى لامىر «ئاسترونومىيە ئىلمى تارىخى (تارىخ علم الهيئة)» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «گرېتسىيەلىكلەر ئىچىدە بىلىملىكلەردىن ئىككى ياكى ئۈچنى سانالىساڭ، مۇسۇلمانلار ئىچىدە ناھايىتى كۆپ ساندىكىلەرنى سانالايسەن. ئەمما، خىمىيە جەھەتتە گرېتسىيەلىكلەردىن تەجرىبىلىك بىرەرسىنىمۇ سانالىشىڭ مۇمكىن بولمايدۇ. لېكىن، مۇسۇلمانلاردىن 200 نى سانالايسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي خىمىيە پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ كەشپىياتىدىن ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار ۋاقىتنىڭ تەقسىماتىنى بىلدۈرىدىغان مىنۇتلۇق سائەتلەرنى ئىشلەتكەن تۇنجى كىشىلەردۇر».

پەيلاسوپ جۇستاف لەبۇن مۇنداق دەيدۇ: «پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ توغرا دىندا بولۇش بىلەن قانداق ماس كېلىدىغانلىقىنى دۇنياغا تۇنجى بولۇپ ئۆگەتكەنلەر مۇسۇلمانلاردۇر».

يەنە باشقىسى مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام ئىككى ئەسىر مۇددەت ئىچىدە بىزگە بىر – بىرلەپ ئىسمىنى ئاتاپ بولغىلى بولمايدىغان ئاسترونوملارنى قانداق ئاتا قىلغىنىنى بىلمەيمەن. ۋەھالەنكى، چېركاۋ ياۋروپادا خىرىستىيانلار دۇنياسىغا 12 ئەسىر ھۆكۈمرانلىق قىلىپمۇ بىزگە بىرەر ئاسترونوم تەقدىم قىلالمىدى»([14]).

ئىبنى ھەيسەم (1039 ـ يىلى ۋاپات بولغان) «نۇر ئىلمى»نىڭ ھەقىقىي مۇتەخەسسىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ «ئەلمەنازىر (المناظر)» ناملىق كىتابىدا تەتقىقاتتا ئېنىق بىر ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ماتېماتىكا ئىلمىنى دەلىل تۇرغۇزۇش ۋە ئىزدىنىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىشتا كىبلىر ۋە گالىلىنى بېسىپ چۈشكەن.

ئۇنىڭ «ئاي سىلىق شار جىسىم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەنگە كەلتۈرگەن ئىسپاتى روشەن بىر مىسالدۇر. شۇنداقلا، يۇرۇقلۇقنىڭ سۇنۇشى (ياكى ئەكس ئېتىشى) ھەققىدىكى ئىزاھاتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇ ھەقتىكى پىكرى نىيۇتۇندىن خېلىلا ئىلگىرى ئىدى. بەلكى، نىيۇتۇننىڭ ئىبنى ھەيسەمنىڭ بۇ ئەمگەكلىرىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغان بولۇشى يىراق ئەمەستۇر. چۈنكى، نىيۇتۇننىڭ يېتەكچى ئۇستازى «بارۇ» بۇ ئەمگەكلەرنى ئالتە ئەسىردىن كېيىن بىلگەن. بۇنىڭدىن سىرت ئىبنى ھەيسەم بۇ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ توغرىلىقىغا تەجرىبە خاراكتېرلىك دەلىللەرنى تۇرغۇزاتتى. غەربنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئالغان بۇ بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقاتلىرى بولۇپ، بۇ ئىلگىرىكى گرېتسىيەلىكلەردە بىلىنمىگەن ئىدى. ئىبنى ھەيسەم يەنە ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەشھۇر مەسىلىنى تەتقىق قىلغاندىن سىرت، كۆز قۇرۇلمىسىنى توغرا سۈپەتلىگەن، كۆز ۋەھىمىلىرىنى، قانداق كۆرۈشنى تۇنجى تەتقىق قىلغان ئالىمدۇر([15]).

مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى زېمىنغا چۈشۈرۈپ ئىزباسار قىلىشتىن ئىبارەت مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەبىئىي پەن ۋە كائىنات خاراكتېرلىك ئىلىملەردە بىزنىڭ ئەھۋالىمىز.

﴿(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى، يەھۇدىيلار، ناسارالار) ئىمان ئېيتسا (يەنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئىشەنسە)، ئۇلار ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۆمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر﴾([16]).

ئۇزۇن مەزگىل زالىم پادىشاھلار ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىۋېلىپ مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سېلىشى ۋە نامدىلا مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلىشى تۈپەيلىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ شەنى ئاجىزلاشتى شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىززەت ـ قۇۋۋىتى يوقالدى، ئۇلار پەسكەش زىياپەتلەردىكى يېتىملارغا ئايلىنىپ قىلىپ غەربكە موھتاج بولۇپ قالدى. غەرب بولسا نېمىنى تەرك قىلىش ۋە نېمىنى ئېلىش، نېمىنى بۇزۇش ۋە نېمىنى تۈزەش ھەققىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگە ۋە يېتەكچىسىگە ئايلاندى• مۇسۇلمان ئۈممەتلەر ئىچىدە ئەسلىي بولغان شەرىئەت ئىلىملىرى ۋە پايدىلىق بولغان ھازىرقى زامان ئىلىملىرىنى جەملىگەن ئالىملار يوق دېيەرلىكتۇر.

بۇ غەپلەت ۋە سەل قاراش تۈپەيلىدىن مۇسۇلمانلار ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە باشقىلارغا يول كۆرسىتىشتەك ئالىي ماقامىدىن چۈشۈپ كەتتى. بەش ئەسىردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ خەلقارادىكى ئورنىنى يوقىتىپ خارلىق، قۇلچىلىق، پېقىر – مىسكىنلىك گىردابىغا بېرىپ قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئاساسىلىق ئۇلى ئىلىم ۋە ئىزدىنىش بولغان ئىماندىن ۋاز كەچتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى﴾([17]). ﴿بىلگىنكى، ئاللاھدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر، ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ (بۇ دۇنيادىكى) ھەرىكىتىڭلارنى ۋە (ئاخىرەتتىكى) جايىڭلارنى بىلىدۇ (شۇڭا، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار﴾([18]).

ئەللامە ئەبۇل ھەسەن نەدۋىي «دۇنيا مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن نېمىلەرنى زىيان تارتتى» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە: ”ئىسلام دۇنياسى ئىسلام يۈكلىگەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ دۇنيانى يېتەكلەي دەيدىكەن، ئۇنىڭ ئىلىم – پەندە، سانائەتتە، تىجارەتتە ۋە ئۇرۇش تېخنىكىسىدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك» دېگەن([19]).

ئۇستاز ئەدىب ئەھمەد ئەمىن « ئوي ئوۋلىرى (صيد الخاطر)» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەت، ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىنى غەربتىن ئېلىشتا ھىچ گەپ يوق، بەلكى ئۇ زۆرۈردۇر. تۇرمۇشىمىز پەقەت ئىلىم بىلەن زىننەتلەنگەن ۋە ھازىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ، كەلگۈسىمىزگە نەزەر سالغاندىلا ئاندىن بەختلىك بولىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇسۇلمانلار ئۆز ـ ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىغا قارشى تۇرۇپ ئىسلام دىنىدىن غەربلىكلەردە بولمىغان روھىي قۇۋۋىتىنى مىراس ئالغانلىقىنى ۋە ئىسلام تەلىماتلىرىنىڭ پەزلى بىلەن ياۋروپا ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىنى ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى روھىي رەڭ بىلەن زىننەتلەشكە قادىر بولالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىش كېرەك. چۈنكى، دىندىن يىراقلاشقان ئىلىم ـ پەن ئىنسانىيەتنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقسا، دىن بىلەن بىرلەشكەن ئىلىم ـ پەن ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق قىلىشنىڭ زەررىچىلىك يوللىرىنىمۇ قويماي ئېچىپ بېرىدۇ»([20]).

بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار ھازىرقى تۇرمۇش شارائىتلىرىدىن كاتتا بولغان ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ باياشات تۇرمۇشقا يېتىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدىغان يېڭى بىر تىرىلىشقا مۇھتاجدۇر.

مۇجتەھىد ئىماملارغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇلار ناۋادا فىقھىي ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەن يېرىدە قاتقان ھالەتتە بىر چەكتىلا توختاپ قالغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتىدە پەقەت بىرلا مەزھەپ بولغان بولاتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئىجتىھات قىلىشلىرىنىڭ پەزلى بىلەن بىر قانچىلىغان مەزھەپ بارلىققا كەلگەن. بۇ مەزھەپلەرنىڭ پۈتۈن ئىسلام ئالىمىدە زاماننىڭ ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدىغان رەھمەت ۋە كەڭچىلىكنى ھېس قىلىشىمىز ئۈچۈن ھەرۋاقىت يېڭىلىنىپ، تەرەققى قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

دېمەك، ھازىرقى زامان ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىگە يېتىش ئۈچۈن، ئىسلام روھىغا تويۇنۇش ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە تەلىماتلىرىغا چوڭقۇر ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان – زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ﴾([21]).

 

مەنبە: https://www.alukah.net/culture/0/49257/

تەرجىمىدە: ئابرال

———————————–
([1]) «بەقەرە» سۈرىسى، 219 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([2]) «رۇم» سۈرىسى، 30 – ئايەت.
([3]) «بەقەرە» سۈرىسى، 31 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([4]) «ئەلەق» سۈرىسى، 1 – ئايەت.
([5]) «بەقەرە» سۈرىسى، 30 – ئايەت.
([6]) «تەپسىرى مەنار»، 1/217.
([7]) «فاتىر» سۈرىسى، 27-، 28 – ئايەتلەر.
([8]) «غاشىيە» سۈرىسى، 17 – 20 – ئايەتلەر.
([9]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 190-، 191 – ئايەتلەر.
([10]) «فۇسسىلەت» سۈرىسى، 53 – ئايەت.
([11]) نەستۇرىيلار؛ خىرىستىيان پىرقىلىرىدىن بىرى، بۇلار 431 – يىلدىكى ئىسكەندەرىيە پوپى نەستۇرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، بۇ كىشى مۇنداق دېگەن: «مەريەم ئەلەيھىسسالام پەقەت بىر ئىنساننىلا تۇغدى. شۇڭا ئۇ ئىلاھنىڭ ئانىسى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئانىسىدۇر». نەستۇرىيلار ﺋﯩﻳﺴﺎ ئەلەيھىسسالامدا ئىككى تەبىئەت بار دېگەن قاراشنى يەنى ھۇلۇل ئەقدىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (ئاللاھ بۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر).
([12]) بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان.
([13]) «رىسالە» ژورنىلى، 42 – سان.
([14]) «الإسلام بين العلم و المدنية»، محمد عبده.
([15]) «ھەسەن ئىبنى ھەيسەم ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ـ كەشپىياتلىرى»، مۇستافا نەزىف، 1/242. قاھىرە ئۇنىۋېرسىتىتى.
([16]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 110 – ئايەت.
([17]) «ئەلەق» سۈرىسى، 1 – 5 – ئايەتلەر.
([18]) «مۇھەممەد»
([19]) «ماذا خسر العالم بانحطاط المسلمين»، 303 – بەت.
([20]) «صيد الخاطر»، 8/217.
([21]) «فۇسسىلەت» سۈرىسى، 53 – ئايەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز