ئىسلامنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇشى

ئىسلامنىڭ ئىلىم ئېلىشقا قىزىقتۇرۇش شەكىللىرى

ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى، ئالىملار خەلق ئاممىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىق ناھايىتى چوڭ ئىدى. خەلق ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىلىمدىن تامامەن يىراق ياشاۋاتقان ئەھۋالدا پارىس، رىم ۋە گرېتسىيە ئالىملىرى ئۇلاردىن ئايرىلىپ تەنھا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇنازىرە ۋە سۆھبەتلەر بولۇپ تۇراتتى ۋە ئۆزئارا ئىلىم ئالماشتۇراتتى.

لېكىن، ئىسلام ئۇنداق ئەمەس ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىلىم ئۆگىنىشنى ھەربىر كىشىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن، ئاممىۋى ۋە دىنىي مەجبۇرىيەت قىلىش ئۈچۈن كەلدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئىلىم ئۆگىنىش – ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر».

شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممەيلەن بىلىملىك بولۇش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىشى زۆرۈر بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەر ياكى ئايال مۇستەسنا قىلىنمىدى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەدر ئۇرۇشىدا ئەسىرگە ئېلىنغانلاردىن ھەربىر كىشى، مەدىنە ئەھلىدىن ئون كىشىگە ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىش بەدىلىگە ئۇلارنى قويۇۋېتىش پىكرىگە قوشۇلدى ھەم بۇ تەلىم – تەربىيە پروگراممىسىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىدى. ئەلۋەتتە، بۇ پىكىر شۇ زاماندا، ھەتتاكى شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئەسىرلەرگىچە، دۇنيا خەلقى بىلمىگەن ھازارەت بەرپا قىلىدىغان پىكىر ئىدى.

دەرھەقىقەت، ئىسلام ئىسلامغا ئەگەشكەنلەرنى، ئىلىم ئۆگىنىش مەسىلىسىنى ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئاساسىي پائالىيەت قىلىشقا ۋە ئالىملارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھە ۋەسەللەم تۆۋەندىكى ھەدىسىدە دېگىنىدەك، يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈشكە بۇيرۇدى: «كىمىكى، ئىلىم ئۆگىنىش يولىغا قاراپ ماڭىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يوللىرىنى ئاسان قىلىپ بېرىدۇ، پەرىشتىلەر ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ قىلغانلىرىدىن رازى بولۇپ، ئۇلارغا قاناتلىرىنى يېيىپ بېرىدۇ، ئاسمان – زېمىندىكى جانلىقلار ۋە سۇدىكى بېلىقلار ئۇلارغا مەغپىرەت تىلەپ تۇرىدۇ. ئالىمنىڭ ئىبادەتگۇي كىشىدىن ئارتۇقچىلىقى، خۇددى ئاي تولغان كېچىدىكى تولۇنئاينىڭ يۇلتۇزلاردىن پەرقلىق بولغىنىغا ئوخشايدۇ. ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر، پەيغەمبەرلەر تىللا ياكى تەڭگە مىراس قالدۇرمىدى، بەلكى ئىلىمنى مىراس قالدۇردى. كىمىكى ئۇ ئىلىمنى ئالىدىكەن، تولۇق نېسىۋىسىنى ئالغان بولدى».

ئىسلامدىكى ئىلمىي ھەرىكەتلەرنىڭ شەكىللىرى

بۇ كوللېكتىپ ئىلمىي ھەرىكەت رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى ۋە ئىلگىرى ياۋروپالىقلارنىڭ چۈشى ھېسابلىنىدىغان ھەرخىل شەكىل ۋە تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. بىز بۇ يەردە ئىسلام بەرپا قىلغان كوللېكتىپ ئىلمىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن پەقەت ئۈچىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز:

1. ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار

كۇتۇپخانا – دىننىڭ ئىلىم ئېلىشقا قىزىقتۇرىدىغان مۇھىم شەكىللىرىدىن بولۇپ، ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلار كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئېچىۋېتىلگەن نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى تەسىس قىلغان ئىدى. كىشىلەر ئۇ كۇتۇپخانىلاردا كىتابلارنى ھەقسىز ئوقۇيتتى، كىتابلاردىن لازىملىق بىلىملەرنى كۆچۈرۈۋالاتتى. شۇنداقلا خەلىپە ۋە ۋەزىرلەر بۇ كۇتۇپخانىلاردا، باشقا يۇرتلاردىن ئىلىم ئۆگەنگىلى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى مېھمان قىلاتتى، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مال – مۈلۈكلىرىدىن سەرپ قىلاتتى. بۇنداق كۇتۇپخانىلارنىڭ سانى ناھايىتىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەشھۇرراقلىرىدىن، باغداد، قۇرتۇبە، ئىشبىيلىيە، قاھىرە، قۇددۇس، تىرابلۇس، مەدىنە، سانئا، فاس ۋە قەيرەۋان كۇتۇپخانىلىرىدۇر.

2. كەڭ كۆلەملىك ئىلىم سورۇنلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى

ئىسلامدىن ئىلگىرى، ئۆلىمالاردىن كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرىدىغان كىشىلەر يوق ئىدى. ئەمما، بۇ بۈيۈك دىن پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئىلىم سورۇنلىرى كەڭ تارقالدى، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا بۇنداق سورۇنلارغا ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ سانى ئويلىغاندىنمۇ كۆپ بولدى. مەسىلەن؛ ئىبنۇل جەۋزىينىڭ سورۇنىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى يۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەڭ خەلق ئاممىسى ئىدى. شۇنداقلا، ھەسەن بەسرىي، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، شافىئىي، ئەبۇ ھەنىفە ۋە مالىك قاتارلىق ئىماملارنىڭ سورۇنلىرىغىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قاتنىشىپ تۇراتتى.

بەزىدە ھەربىر مەسجىدنىڭ ئىچىدە، بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە ئىلىم سورۇنلىرى بولىدىغان بولۇپ، بۇ سورۇنلاردا تەپسىر، فىقھى، ھەدىس، ئەقىدە ۋە تېبابەتكە ئوخشاش ھەرخىل دەرسلىكلەر سۆزلىنەتتى.

3. ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن، ئىلىم يولىدا مال – دۇنيا سەرپ قىلىش

ئاللاھقا يېقىنلىشىش – ئىسلام ئۈممىتىدىن بولغان پۇلدارلارنى، مەكتەپ ۋە ئىلىم يۇرتلىرىنى قۇرۇش شۇنداقلا، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋەخپىلەرنى بەرپا قىلىش، كۇتۇپخانا تەسىس قىلىش ۋە مەكتەپلەرنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلىشقا ئۈندىدى.

بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلىمگە پۇل ئاجرىتىش – پەقەت ئىلىم ئىگىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادلىق كىشىلەر ئۈچۈنمۇ، ياخشىلىقنىڭ ئىشىكىگە ئايلاندى.

دەرۋەقە، ئىلىم ئۆگىنىش – ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىپ ۋە پەرز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىلىم ئۆگىنىش مەسىلىسى ھەممەيلەنگە خاس ۋە مۇھىم بولغان كوللېكتىپ مەسىلىگە ئايلاندى. كۇتۇپخانا، دەرسخانا ۋە ئىلىم سورۇنلىرى ھەممە يەرگە تارقىلىپ، ساۋاتسىزلىق ئازايدى ۋە تۈگەشكە ئاز قالدى.

 

مەنبە: تشجيع الإسلام على العلم – د. راغب السرجاني – https://www.islamstory.com

2010 – يىلى ماي، دۈشەنبە

تەرجىمىدە: مۇھەممەد

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز