تېرىلغۇ يەر ساتقان پۇلغا قانچە پىرسەنت زاكات ئايرىيمىز؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىزنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىمىزدا ھۆكۈمەت تەرەپتىن دېھقانچىلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بېرىلگەن تېرىلغۇ يېرىمىزنى، شەھەر قۇرۇلۇشى ياكى زاۋۇت سېلىش باھانىسى بىلەن مەجبۇرىي دېگەندەك كىچىككىنە پۇلنى تۇتقۇزۇپلا سېتىپ ئېلىنىۋاتىدۇ. ئەمدىكى مەقسەت بولسا، مەزكۇر يەر ساتقان پۇلغا زاكات ھېسابىدا %2.5 بېرەمدۇق ياكى ئۆشرە ھېسابىدا %10 بېرەمدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

تېرىلغۇ يەر ساتقان پۇلغا %2.5 مىقداردا زاكات ئايرىلىدۇ. %10 (ئۆشرە) ئايرىلمايدۇ، چۈنكى ئۆشرە دېگەن تېرىلغۇ زېمىندىن چىقىمسىز سۇغارغاندا ئالغان ھوسۇلنىڭ زاكىتىدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2012. 7. 20

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 37 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز