قوشنىغا ياخشىلىق قىلىش

ماھىر سەييىد

«سەپەردىن بۇرۇن دوست تاپ، ئۆي سېلىشتىن بۇرۇن قوشنا» بۇ ماقال – تەمسىل كىشىلەر ئارىسىغا كەڭ تارالغان. ئۆينىڭ قىممىتى قوشنىغا بېقىپ بولىدۇ. سالىھ قوشنا بەخت – سائادەتتىن ئىبارەتتۇر.

ئىسلامدا قوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ پەزىلىتى

ئىسلام دىنى قوشنا ھەققىنى ئۈستۈن قىلدى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قوشنا توغرىلىق كۆپ نەسىھەت قىلاتتى، شۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوشنىنى مىراسخور قىلىپ قويارمۇ دەپ ئويلاپمۇ قالاتتى. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جىبرىل ئەلەيھىسسالام ماڭا قوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىۋەرگەچكە، ئۇنى قوشنىنى مىراسخور قىلىپ قويىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغانىدىم»([1]). ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە قوشنا توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا – ئاناڭلارغا، خىش – ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى، سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، يولۇچىغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل – چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ»([2]).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن قوشنىسىنى ھۆرمەت قىلسۇن»([3]). مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «قوشنىسىغا ياخشىلىق قىلسۇن» دەپ كەلگەن.

قوشنىغا ياخشىلىق قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇق شۇ دەرىجىدە كۈچلۈككى، شەرىئەت ئۇنى ئىماننىڭ قاتارىدىن قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قوشنىسىغا ياخشى كۆرمىگىچىلىك كامىل مۆمىن بولالمايدۇ» دېگەن([4]).

قوشنىغا ياخشىلىق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ياخشى ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ياخشىلار ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرىغا ۋە قوشنىلىرىغا ياخشىلىق قىلغانلاردۇر.

قوشنا كىملەرنى كۆرسىتىدۇ؟

مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن قوشنىلىق دائىرىسىگە كىرىدىغان كىشىلەر قوشنا ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئۆلىمالار قوشنىلىق دائىرىسى ھەققىدە بىر نەچچە خىل كۆزقاراشتا بولغان بولۇپ، بۇ قاراشلارنىڭ ئىچىدە «قوشنىلىق دائىرىسى كىشىلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىدىكى قوشنىلىق دائىرىسىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن قاراش ئەڭ توغرا قاراش بولۇشى مۇمكىن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

قوشنىلار دەرىجە جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ: تۇغقان مۇسۇلمان قوشنا، مۇسۇلمان قوشنا، تۇغقان مۇسۇلمان ئەمەس قوشنا، تۇغقان بولمىغان مۇسۇلمان ئەمەس قوشنا قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن ھوقۇقلاردا ئورتاق بولىدۇ. بەزىلىرى ئۆزىنىڭ دەرىجىسى ۋە ئەھۋالىغا ئاساسەن قىسمەن ئىمتىيازلارغا ئىگە بولىدۇ.

قوشنىدارچىلىقنىڭ شەكىللىرى

بەزى كىشىلەر قوشنا دېگەن پەقەت تۇرالغۇدا يېقىن ئولتۇرىدىغان كىشىلەر دەپ ئويلايدۇ، ۋەھالەنكى بۇ قوشنىدارچىلىقنىڭ پەقەت بىر خىل شەكلى. قوشنىدارچىلىقنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن شەكىللىرى بار، مەسىلەن، خىزمەتتىكى قوشنىدارچىلىق، بازاردىكى(تىجارەتتىكى) قوشنىدارچىلىق، ئېتىزدىكى قوشنىدارچىلىق ۋە دەرسخانىدىكى قوشنىدارچىلىق دېگەندەك.

قوشنىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى

شۈبھىسىزكى، قوشنىنىڭ نۇرغۇن ھەقلىرى بار بولۇپ، تۆۋەندە ئۇنىڭ بەزىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

1. سالامغا جاۋاب قايتۇرۇش ۋە چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىش.

گەرچە بۇ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىر – بىرى ئۈستىدىكى ھەققى بولسىمۇ، ئەمما دوستلۇق ۋە ئۈلپەتچىلىك روھى تارقىتىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قوشنىدارچىلىقتا تېخىمۇ تەكىتلىنىدۇ.

2.  ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك.

ئەلۋەتتە، بۇ قوشنىلار ھوقۇقىنىڭ ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدۇ. ئەزىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن ھارام، ئەگەر ئۇ قوشنىغا قارىتىلسا ھاراملىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوشنىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش ئۇسلۇبلىرى ھەرخىل بولغان ئىدى.

تۆۋەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىگە قاراپ باقايلى:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى كامىل مۆمىن بولالمايدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى كامىل مۆمىن بولالمايدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى كامىل مۆمىن بولالمايدۇ» دېگەن. «ئى رەسۇلۇللاھ! كىم كامىل مۆمىن بولالمايدۇ؟» دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ: «قوشنىسى يامانلىقلىرىدىن خاتىرجەم بولالمىغان كىشى» دەپ جاۋاب بەرگەن([5]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: «ئى رەسۇلۇللاھ! پالانى ئايال كېچىسى ناماز ئوقۇپ كۈندۈزى روزا تۇتىدىكەن، لېكىن قوشنىلىرىغا تىل – ئاھانەت قىلىدىكەن» دېيىلگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنىڭغا ياخشىلىق يوق، ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ» دېگەن([6]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «قوشنىسى يامانلىقلىرىدىن خاتىرجەم بولالمىغان كىشى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دېگەن([7]).

بىر كىشى قوشنىسىنىڭ ئەزىيىتىنى شىكايەت قىلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كەلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «نەرسە – كېرەكلىرىڭنى يولغا ئېلىپ چىقىپ تاشلا» دېدى، ئۇ كىشى شۇنداق قىلدى. كىشىلەر تاشلانغان نەرسىلەرنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىنى سورىدى ۋە قوشنىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭ قوشنىسىغا لەنەت ئوقۇشتى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى يامان قوشنا كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە لەنەت ئوقۇغانلىقىنى شىكايەت قىلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كەلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا ئۇ كىشىلەردىن بۇرۇن لەنەت قىلغان» دېدى.

3. ئەزىيەتكە سەۋر قىلىش.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەزىيەتكە سەۋر قىلىش ئېسىل ئەخلاق، ئېسىل مىجەز شۇنداقلا يۈكسەك ھىممەتتۇر. چۈنكى، كىشىلەر باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىشتىن ساقلىنالايدۇ، ئەمما ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەتكە سەۋر قىلىش، ياخشى كۆرگەن ھالدا چىداش يۈكسەك دەرىجىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئۇلارنىڭ قىلغان) يامانلىقىغا (ئەپۇ قىلىش بىلەن) ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلارنىڭ (سېنى) سۈپەتلەشلىرىنى (يەنى، ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان مەسخىرىسىنى) بىز ئوبدان بىلىمىز»([8]).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى (ئەزىيەتكە) سەۋر قىلسا، (ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە، مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر»([9]).

ھەسەن بەسرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەزىيەتتىن ساقلىنىش ياخشى قوشنىدارچىلىق ئەمەس، بەلكى ئەزىيەتكە سەۋر قىلىش ياخشى قوشنىدارچىلىقتۇر».

4. قوشنىنى يوقلاش ۋە ئۇنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىش.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قوشنىسىنىڭ ئاچ قورساق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزى توق ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزغان كىشى ماڭا (تولۇق) ئىمان كەلتۈرمىگەن بولىدۇ»([10]). سالىھلار قوشنىلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلاتتى. ساھابىلەرگە ھەدىيە كەلسە قوشنىسىغا ئەۋەتەتتى، ئۇ قوشنىسى يەنە بىر قوشنىسىغا ئەۋەتەتتى، مۇشۇ تەرىقىدە ئون قېتىم ئايلىنىپ يەنە ئاۋۋالقى ئادەمگە قايتىپ كېلەتتى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قوي سويغاندا خىزمەتكارىغا: گۆشنى تارقىتىشتا يەھۇدىي قوشنىمىزدىن باشلاپ تارقاتقىن، دەيتتى. مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھتىن: «مېنىڭ ئىككى قوشنام بار، ھەدىيەنى، قايسىسىغا بېرەي؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىشىكى ساڭا ئەڭ يېقىنى بولغىنىغا بەرگىن» دېدى([11]).

5. قوشنىنىڭ ئەيىبىنى يېپىش ۋە ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاش.

بۇ ئەڭ تەكىتلەنگەن ھوقۇقلاردىن بولۇپ، گاھىدا بىز مەقسەتسىزلا قوشنىلىرىمىزنىڭ بەزىبىر ئىشلىرىنى كۆرۈپ قالىمىز، بۇنداق چاغدا ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرىنى يېپىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلساق، ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىزنىڭ ئەيىبلىرىمىزنىمۇ ياپىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلماي كۆرگەنلا ئىشنى سۆزلەپ ئەيىبىنى ئېچىپ يۈرسەك، ئۇنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن بولىمىز، شۇنداقلا ئۆزىمىز قىلغان ئىشقا ئوخشاش (يەنى، ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاچقانغا ئوخشاش) جازاغا دۇچار بولىمىز.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر»([12]).

ئەرەبلەر جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ قوشنىسىنىڭ ئابرۇيىنى قوغداش بىلەن پەخىرلىنىپ مۇنداق دەيتتى: «قوشنام كۆرۈنسە ئۆز جايىغا قايتىپ بولغۇچە يەرگە قارىۋالىمەن». ئىسلام كەلگەندىن كېيىن ئۇلار مۇنداق دېدى: «قوشنامنىڭ ئۆيىنىڭ پەردىسى بولمىسىمۇ مەندىن يامانلىق يەتمەيدۇ، ناۋادا ئايال قوشنام چىقىپ قالسا، ئۇ چىمىلدىق بىلەن يوشۇرۇنۇۋالغانغا قەدەر مەن ئەما بولىۋالىمەن».

بىز ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەيمىزكى، بىر جەمئىيەتنىڭ بەختلىك، ئىناق بولۇشى ۋە جەمئىيەت ئەزالىرى ئارىسىدا مۇھەببەتنىڭ تارقىلىشى شەرىئەت ئېلىپ كەلگەن مۇشۇ ھەقلەرگە رىئايە قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر ھەتتا ئۇدۇل قوشنىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ، بەزىلەر قوشنىسىنىڭ ھوقۇقلىرىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزىدۇ، يەنە بەزىلەر قوشنىسىغا يۈزسىزلىك قىلىپ قوشنىسىنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدۇ ۋە قىز – ئاياللىرىغا يامان نىيەتتە بولىدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ چوڭ گۇناھلار قاتارىدىندۇر ۋە پەسكەشلىكتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «چوڭ گۇناھلار قايسى؟» دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چوڭ گۇناھلارنى ساناپ، «قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن([13]).

ئاللاھ تائالادىن بارلىق مۇسۇلمانلارغا قوشنىلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى ئادا قىلالايدىغان كامىل ئىمان بېرىشىنى سورايمەن. ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلىرىگە دۇرۇت – سالام يوللايمەن.

مەنبە: الإحسان إلى الجار – ماهر السيد http: //articles. islamweb. net

تەرجىمىدە: فەيسەل.
—————–
([1]) «سەھىھەين».
([2]) «نىسا» سۈرىسى، 36 – ئايەت.
([3]) «سەھىھۇل بۇخارىي».
([4]) «سەھىھۇ مۇسلىم».
([5]) «سەھىھەين».
([6]) ئىمام ئەھمەد ۋە بەززار رىۋايەت قىلغان.
([7]) ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «ھەسەن» دەپ باھالىغان.
([8]) «مۆمىنۇن» سۈرىسى، 96 – ئايەت.
([9]) «شۇرا» سۈرىسى، 43 – ئايەت.
([10]) تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([11]) ئىمام بۇخارىي «ئەدەبۇل مۇفرەد» دېگەن كىتابىدا رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي سەھىھ دەپ باھالىغان.
([12]) «فۇسسىلەت» سۈرىسى، 46 – ئايەت.
([13]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.

 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز