ئۆزۈڭنى ھۆرمەتلە!

د. سالمان ئەۋدە

سوغۇق شامال شىددەت بىلەن چىقىۋاتاتتى. كىشىلەر يۈزلىرىگە شارپىلىرىنى ئورۇشۇپ تېز – تېز مېڭىۋاتاتتى. شامالنىڭ ئاۋازى باشقا ئاۋازلارنى بېسىپ كېتىپ، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىغىلى تاس قالاتتى.

مەن يولدا كېتىۋاتقان بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا توختىدىم – دە، ئۇنىڭ مېنى بىلمەسكە سېلىۋالماسلىقى ئۈچۈن تېزلىكتە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن «سىپونت»([1]) توغرۇلۇق سورىدىم. ئۇ ماڭا پەرۋا قىلماي يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى.

ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىم يەنە شۇنداق قىلدىم، ئۇ يەنىلا پەرۋا قىلماي يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى.

ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ ئىچىمگە يۇتۇۋەتتىم. چۈنكى، بۇنداق قىلىشىمنىڭ باشقىلارغا قارىتا سەلبىي تەسىراتلىرىمىز ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىزنى ياقتۇرىدىغان ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتىم.

دەرھاللا بىر مەنە كۆڭلۈمدىن كەچتى. بۇ مەنە باشقىلارنى تونۇماسلىققا سېلىۋېلىش، يەنى، ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى كۆزگە ئىلماسلىق ياكى ئۇلارنى ھۆرمەت قىلماسلىقنىڭ كىشىلەرنى ئەڭ كۆپ غەزەپلەندۈرىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى.

ھالبۇكى، ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىشى بولسا ئادەمگەرچىلىك قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ ئىتتىرگۈچ كۈچلەرنىڭ بىرى ئىدى.

زىندان دېگەن سېپىللار، قۇلۇپلار، دېرىزىلەر، كويزا – كىشەنلەر ۋە قانۇن – تۈزۈملەرلا ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي زىندان دېگەن ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان ئارتۇقچە بىر مەۋجۇدىيەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن نە ياشاشنىڭ، نە ئۆلۈشنىڭ، نە ئاچچىقلىنىشنىڭ، نە مەمنۇن بولۇشنىڭ، نە يېقىنلىشىشنىڭ، نە يىراقلىشىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلىقىنى خورلۇق ۋە كەمسىتىش بىلەن ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئۆزۈڭنى ھۆرمەتلىشىڭ، ئۆز كىملىكىڭنى، ئىززەت – ھۆرمىتىڭنى، ئەركىنلىكىڭنى ۋە ئۇتۇقلىرىڭنى قوغدىشىڭ، ھەتتاكى كېچىك ئىشلاردىمۇ غەلىبەڭنى داۋاملاشتۇرۇشۇڭ، مانا بۇ باشقىلارنىڭ سېنى ھۆرمەتلىشىدىكى مۇھىم باشلىنىشتۇر!

كىچىك بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ھۆرمەتلىشى ھەرگىزمۇ سەن ئويلىغاندەك ئاتا – ئانىسىغا خۇشامەتچىلىك قىلىش ئەمەس. بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئېھتىرامىدۇر. بۇ كىچىك بالىمۇ پات ئارىدا چوڭ بولۇپ خوجايىن، ئالىم، كەشپىياتچى، مىنىستىر ياكى بىر بايغا ئايلىنىدۇ. بۇ كىچىك قىزنىڭمۇ ئائىلە قۇرۇش – قۇرماسلىقنى ئويلىشىدىغان مەزگىللىرى كېلىپ، ئۇمۇ ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى، خىزمەت خانىمى، ھەممە ئادەم ھەۋەس بىلەن قارايدىغان بالىلىرىنىڭ ۋە نەۋرە – چەۋرىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدۇ.

ئەرەب دۇنياسىنىڭ كۆپ سانىنى ئىگىلەيدىغان ياش – ئۆسمۈرلەر باشقىلارغا ئوخشاش كەسىپ ئىگىلەش، مۇستەقىللىققا ئىگە بولۇش غېمىدە ياشاۋاتقانلار بولۇپ، يالغۇز ياشاش ئۈچۈن پىسىخىكىلىق قارارغا كېلىشتىن ئىلگىرى دادىسىنىڭ، مۇئەللىمىنىڭ، يېتەكلىگۈچىسىنىڭ ۋە مەسئۇللىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى كېرەك.

يول سۈپۈرىدىغان ۋە ماشىنا يۇيىدىغان خىزمەتچىمۇ بىر ئىنسان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «شەك – شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق»([2]).

سېنىڭ خاس سۈپىتىڭ بولغان ئىنسانىيلىقتا ئۇمۇ سەن بىلەن ئوخشاش. بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ دىيانىتى، سەۋرى ياكى ئىمانى بىلەن سېنى بېسىپ چۈشۈشى مۇمكىن. بەزىبىر شوپۇرلار ياكى خىزمەتچىلەر كېچىسى قىيامدا تۇرىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ خوجايىنى كېچىسى قىيامدا تۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن جامائەت نامىزىغىمۇ قوپماي ئۇخلايدۇ. «مېنى ئاجىزلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەڭلار. سىلەر ھەقىقەتەن ئاجىزلىرىڭلار سەۋەبلىك رىزىق بېرىلىسىلەر ۋە ياردەم بېرىلىسىلەر»([3]).

«بۇ دېگەن بېنگاللىق»، «بۇ دېگەن ھىندى»، «ئۇ پالانى… بۇ پوكۇنى..» دېيىش مانا بۇ كىبىر ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلىقتۇر، ھەقتىن تېنىش ۋە كىشىلەرنى پەس كۆرۈشتۇر.

ھەرقانداق ئادەم مەيلى ئۇ ھۆكۈمەت دائىرىسىدىكى تەكشۈرگۈچى خادىم ياكى خېرىدار بولسۇن، ئايرىدۇرۇمدىكى يولۇچى ياكى ئۆچرەتتە تۇرغۇچى بولسۇن، خالىغىنىغا ئېرىشەلىسۇن ياكى ئېرىشەلمىسۇن ھۆرمەتلىنىشكە موھتاج. ھۆرمەتكە ئېرىشىش ئۇنىڭغا رازىمەنلىك ئاتا قىلىپ، چىرايىغا تەبەسسۇم پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇشال ھالدا قايتىدۇ.

ئۆزۈڭنى ھۆرمەتلە، بولمىسا ئۇ بىر ئىشنىڭ ئەكس تەرىپىنى قوزغىۋېتىدۇ. «سەھىھۇل بۇخارىي» بىلەن «سەھىھۇ مۇسلىم»دا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «بىر كىشىنىڭ ئۆز ئاتا – ئانىسىنى تىللىشى چوڭ گۇناھلار قاتارىدىندۇر». ساھابىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ! كىشى ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىمۇ تىللامدۇ؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەئە، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللايدۇ – دە، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپمۇ ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللايدۇ» دېگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىنى ئىنچىكە نۇقتىدىن مۇلاھىزە قىلىپ ئېيتقاندا، رەسۇلۇللاھ بۇنى ئاتا – ئانىسىنى تىللاش دەپ ھېسابلىغان.

بىراۋنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىغىنىڭ ئۆز ئاتا – ئاناڭنى تىللىغىنىڭ بىلەن ئوخشاش.

قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «مۇشرىكلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ»([4]).

ئەڭ بۈيۈك ھۆرمەت بولسا ھەرقانداق يېڭىلىق ياكى ئىجادىيەت نامى بىلەن چېقىلىشقا بولمايدىغان ئىلاھىيەت، پەيغەمبەرلىك، ئاللاھنىڭ كالامى ۋە شەرىئىتىگە ئوخشاش مۇقەددەس رەببانىيلىققا ئىمان كەلتۈرۈشتىكى ھۆرمەتتۇر.

«ئۆزۈڭنى ھۆرمەتلە!» دېگەن سۆز بەزى چاغلاردا باشقىلار ساڭا دارىتمىلاپ دەيدىغان سۆز بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن گۈزەل، ھەقىقىي مەنىسىدىن تەنلەر شۈركىنىدىغان تەھدىت سۆزىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۆزىنى ھۆرمەتلەش بولسا ئىنساننىڭ ئۆز زاتىنى ھۆرمەتلىشى دېگەنلىكتۇر.

«سەھىھۇ مۇسلىم»دا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئەگەر بىرىڭلار قېرىندىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا، يۈزىگە ئۇرۇشتىن ساقلانسۇن. ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭغا لايىق (گۈزەل) شەكىلدە ياراتتى».

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنىڭ كۆرسەتمىسى شۇكى، يۈز دېگەن ئاڭلاش، كۆرۈش، پۇراش، تېتىشقا ئوخشاش ھېس – تۇيغۇ ئەزالىرىنىڭ جايلاشقان جايى بولۇپ، ئىززەتلىنىش ۋە ھۆرمەتلىنىشكە لايىق ئورۇندۇر. يۈزنىڭ بۇ قىسىملاردىن تەركىب تېپىشى پاكلىق، سېخىيلىق، كەڭ ـ قورساقلىق ۋە بۇلارنىڭ قارىمۇقارشىسىدا بولىدىغان سۈپەتلەرنى، غەزەپ، مەمنۇنىيەت، خۇشاللىق ۋە خاپىلىققا ئوخشاش ھېس – تۇيغۇلارنى ئىپادىلەيدۇ. شائىر، ئەدىبلەر تىلى بىلەن ئىپادىلىيەلمەيدىغان بۇ تۇيغۇلارنى ئىجادىي سەنئەتكار موي قەلىمى ئارقىلىق سىزىپ چىقالايدۇ …

مانا بۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىدۇر. سەن بولساڭ شۇ ئىنسانىيەتنىڭ بىر ئەزاسى. سېنىڭ باشقا قېرىنداشلىرىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىقىڭ ئاخىرىدا ئۆزۈڭگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىڭدۇر.

شەھەردە مۇقىم تۇرغۇچىلار ياكى سەپەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تاغاقنىڭ چىشلىرىغا ئوخشاش باپ – باراۋەردۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ (يەنى، قابىل) نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى (يەنى، ھابىلنى) ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى»([5]).

قابىل قاتىللىق قىلغان بولسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنى (ھابىلنىڭ) «قېرىندىشى» دەپ ئاتىدى، شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۇنى «ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى بالىسى» دەپ ئاتىدى. قابىل يەر يۈزىدە قاتىللىقنى تۇنجى بولۇپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن كېيىن زۇلۇم قىلىپ قاتىللىق قىلغان بارلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھى ئۇنىڭغىمۇ يۈكلىنىدۇ.

كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلەر ياكى ئۆز خەلقىنى ئۆلتۈرگەنلەر ئىنسانپەرۋەرلىكىنى، ئۆز نەپسىگە بولغان ھۆرمەتنى، شۇنداقلا ئىنسانىي ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە شەرىپىنى يوقاتقان بولىدۇ. مانا بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مۇشرىكلاردىن قالسىلا گۇناھى ئەڭ ئېغىر كىشىلەردۇر.

ئىنساننىڭ ئۆز قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشى ھەرگىزمۇ شەرەپلىك ئىش ئەمەس. شۇ سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ قاتىل ئۈستىدىن نۇرغۇن ھەقلىرى بار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەقىقەتەن سەن بىلەن بولغان گۇناھنى (يەنى، مېنى ئۆلتۈرگەنلىك گۇناھىڭنى) ۋە سېنىڭ (ئىلگىرىكى) گۇناھىڭنى (يەنى، ئاتاڭ ئادەمنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق گۇناھىڭنى) ئۈستۈڭگە ئېلىپ ئەھلى دوزاخلاردىن بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن، (كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر»([6]).

ھايات بولسا ھەدىيە ۋە مەرھەمەتتۇر. شۇڭا، ئاللاھ تائالا قاتىللىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىگۇناھ جانلارنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتلىقتا قىساس ئېلىشنى بەلگىلىگەن.

ئايال تۇغۇتىدا بالىسى بىلەن بىرگە ۋاپات بولسا شېھىد بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ يېڭى بىر جاننىڭ روھى ئۆزىدىن چىقىۋاتقىنىدا شۇ جان بىلەن بىرگە ۋاپات بولغان.

بۇ شان – شەرەپ قۇچقۇچىلار تارىخ مابەينىدە چۈشىنىدىغان نەرسىدۇر.

ئالىيجاناب كىشى دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن پەخىرلەنمەيدۇ. لېكىن، ئۇ ئىلگىرىكى كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى ۋە رىقابەتلىرى بىلەن پەخىرلىنىدۇ.

كۈچلۈك، ياۋۇز دۈشمەننىڭ ئاياغلىرى ئاستىدا پارچىلىنىپ ۋەيران بولۇپ كەتكەن قوشۇن قورال – ياراق بىلەن دۈشمەنلەردىن غالىب كېلەلەيدۇ. ئاخىرقى نەتىجىنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ۋە ئۇنى بايان قىلىپ شۇنداق دەيدۇكى: «خالىغىنىڭنى قىل! سەن پەقەتلا ھۆكۈم چىقىرالايسەن. مېنىڭ ئەركىنلىكىمنى، ئىززەت – ھۆرمىتىمنى ۋە ئابرۇيۇمنى تارتىۋېلىشقا ياكى ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىشكە قادىر ئەمەسسەن!»

بىر ئەسكەر ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ھۇجۇم قىلىش ۋە سۇيىقەست قىلىشنى ئەمەس، ئىززەت – ئابرۇي ۋە ئېھتىرامنىڭ مەنىسىنى ھازىرلىغان چاغدا، ئاندىن ئۇ ھەقىقىي ئىنسان بولىدۇ.

ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ۋەيران قىلىش ئەمەس، بەلكى ھاياتلىق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى ياشارتىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيدىغان يېڭى ئەسكەرلەرنى يېتىلدۈرۈش بولسا، مانا بۇ شەرىئەت ۋە يۈكسەك قاراشلار بەلگىلەپ بەرگەن پىرىنسىپلارنى ھۆكۈمران قىلغانلىق بولىدۇ.

قورقۇنچ، خەۋپسىرەش، دەپسەندە قىلىش ئاساسىدىكى ھەربىي تۈزۈم ئەمەس، بەلكى (يېڭىلمەس) تىز پۈكمەس روھقا ئىگە بولغان مۇھەببەت، ھۆرمەتنى ۋە گۈزەللىكنى قوغداشنى مەجبۇرىيەت قىلغان ھەربىي تۈزۈم ئۇ ھەقىقىي ھامىي بولۇشقا ۋە مەۋجۇتلۇق ساقلاشقا لايىقتۇر!

مەنبە: احتَرِم نَفْسَك !- د. سلمان بن فهد العودة  www. islamtoday. net

تەرجىمىدە: iqraa
——————————–
([1]) جەنۇبى ئافرىقىدىكى بىر ساياھەت رايونى.
([2]) «ئىسرا» سۈرىسى، 70 – ئايەت.
([3]) ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
([4]) «ئەنئام» سۈرىسى، 108 – ئايەت.
([5]) «مائىدە» سۈرىسى، 30 – ئايەت.
([6]) «مائىدە» سۈرىسى، 29 – ئايەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز