ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى – مەرھەمىتىدىن خۇشال بولسۇن

دوكتور سالمان ئەۋدە

ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نېمەتلىرىنىڭ بىرى ئىسلام نېمىتى ۋە بىزنى ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ كاتتا دىنىغا تەۋە قىلىش بىلەن شەرەپلىك قىلغانلىقى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ دىنغا ئىشىنىپ، كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇپ، ئەمەل قىلغان كىشىلەرنى دۇنيانىڭ بەخت – سائادىتى ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرىگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلغان.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ»([1]). «ئەر، ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە، (دۇنيانىڭ قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز»([2]). «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى، ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار»([3]).

خۇشاللىق بىلەن بەختنى پەرقلەندۈرۈش

بىز ئالدى بىلەن دائىملىق بەخت – سائادەت بىلەن ئىنساننى بىر نەچچە مىنۇت ياكى بىر نەچچە كۈن خۇشال قىلىدىغان ئىشلار ئارىسىدىكى پەرقنى ئايرىشىمىز كېرەك. تەقدىرنامىگە ئېرىشىش، كۆپ پۇل – مال تېپىش، قىممەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىش ياكى چىرايلىق ئايال بىلەن توي قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ھەقىقىي بەختنىڭ ئامىللىرى قوشۇلمىسا ئىنساننى بەخت – سائادەتكە ئېلىپ بارالمايدۇ. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى كۆرىمىز: «بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ»([4]). «قارۇن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. قارۇن ئۇلارغا يوغانلىق قىلدى، قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى (كۆتۈرۈش) كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتا قارۇنغا قەۋمى ئېيتتى: «كۆرەڭلەپ كەتمە، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ»([5]). «بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە (گۇناھ قىلىپ پۇل – مالنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن) خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر»([6]).

بەخت بولسا بېچارىلىكنىڭ قارىمۇقارشىسى بولۇپ، لۇغەتتە ‹ئاللاھ ئۇنى بەختلىك قىلدى› دېگەننى ‹ئاللاھ ئۇنى مۇۋەپپەق قىلدى ۋە ياردەم قىلدى› دەپ كەلتۈرگەن. بەخت: ئاللاھنىڭ بەندىسىگە ياخشىلىققا ئېرىشىشتە ياردەم بەرگەنلىكى، شۇنداقلا روھنىڭ راھەتلىنىشى، قەلبنىڭ خاتىرجەملىكى، ئاللاھنىڭ ئىنساننى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشى ۋە ئۇنى ھاياتنىڭ خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلىرىغا تەڭپۇڭ مۇئامىلە قىلالايدىغان قىلىشىدۇر. بۇنىڭدىن شۇنى بىلىمىزكى، غەرب جەمئىيىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جەمئىيەتلەر يۇقىرى ماددىي سەۋىيە ۋە ئەركىنلىككە ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇق يەنىلا بەختلىك ئەمەس.

قەلب بەختنىڭ مەنبەسى

بەختنى سىرتتىن ياكى بەخت قاتلىمىدىن يىراق يەرلەردىن كېلىدۇ دەپ ئويلىغان كىشى خاتالاشقان بولىدۇ. بەختنىڭ پەيدا بولىدىغان ۋە ئورۇن ئالىدىغان جايى قەلبتۇر. قەلب بەختكە ۋە خاتىرجەملىككە تولغان كۈنى بۇ بەخت ئىنساننىڭ باشقا ئەزالىرىنىمۇ نۇرلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسان يۈزلىرى شاد – خۇرام، كۆڭلى راھەتتە، كەيپىياتى تەمكىن ھالەتتە بولىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن قەلب ئالدى بىلەن قەلبلەرنى ئۆزگەرتكۈچى زات ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلاھ قىلىشى ۋە پاكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ»([7]).

ئىمام ئىبنى قەييىم (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن) ئىمان ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىمان بولسا بەندىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئەڭ چوڭ سائادىتى بولغان ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇشتۇر. بەندىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلىشتىنمۇ چوڭ مەنپەئەت يوق. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنۇشتىن باشقا بەخت ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە ئاسىيلىق قىلىشتىنمۇ چوڭ بىچارىلىك يوق».

بەخت پەقەت ئىككى ئىشنىڭ جەملىنىشى بىلەنلا بولىدۇ

بىرىنچىدىن: ئاللاھنى تونۇش ۋە ئىسلام ئەھكاملىرىنى ياخشى بىلىش.

ئىككىنچىدىن: بۇ تونۇش ۋە بىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش. ئىلىمنىڭ ئۆزىلا بىزنى بەختلىك قىلالمايدۇ. سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: «ياخشى – ياماننى بىلىدىغان كىشى بىلەن ياخشىلىقنى كۆرسە ئەگىشىدىغان، يامانلىقنى كۆرسە ئۇنىڭدىن قاچىدىغان كىشى ئوخشاش بولمايدۇ».

سالىھ كىشىلەردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «پادىشاھ ۋە بەگلەر بىز ھېس قىلىۋاتقان بەختنى بىلگەن بولسا ئىدى، ئۇنى بىزدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن قېلىچ كۆتۈرۈپ ئۇرۇشقان بۇلاتتى». ئاللاھقا يېقىن تۇرۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدىغان دۇنياۋى جەننەت بار. بۇ جەننەتكە بارىدىغان يول ئىتائەت قىلىش ۋە گۇناھلاردىن ساقلىنىش بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. مانا بۇ بەخت – سائادەتكە ئېلىپ بارىدىغان يول. بەخت قەلبنىڭ بەختى، بىچارىلىك قەلبنىڭ بىچارىلىكى. ئىمام ئىبنى قەييىم (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ «مۆمىنلەر شەك – شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ، كاپىرلار شەك – شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ»([8]) دېگەن سۆزىنى ئاخىرەتتىكى جەننەت ۋە دوزاخقىلا خاس دەپ ئويلىما، بەلكى ئۇلار ئۈچ ئورۇندا يەنى، دۇنيادا، قەبرىدە، ئاخىرەتتە بولىدۇ. شۇڭا، بەزى كىشىلەر جەننەتتە، يەنە بەزىلەر دوزاختا بولىدۇ. خۇشاللىق پەقەت قەلبنىڭ خۇشاللىقى، ئازاب پەقەت قەلبنىڭ ئازابلىنىشىدۇر. قايسى ئازاب قورقۇنچ، خاتىرجەمسىزلىك، قايغۇ، ئىچى تارلىق، ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىش، ئۆزىنى ئاللاھدىن باشقىغا تاپشۇرۇشتىنمۇ قاتتىقراق بولسۇن؟([9])

بەختنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ۋاسىتىلىرى

بىرىنچى سەۋەب: جىسمانىي ئوزۇق بىلەن روھىي ئوزۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش. بۇلاردىن ھەربىرىنىڭ پەيدا بولۇش، يېتىلىش ۋە قايتىش ئورۇنلىرى بار. جىسىم تۇپراقتىن يارىتىلغان بولۇپ، تۇپراق ئۈستىدە ياشايدۇ، ئۆلۈمدىن كېيىن يەنە شۇ تۇپراققا قايتىدۇ. روھنىڭ ئورنى بولسا ئاسماندۇر، ئاسماندا ياشايدۇ، ئۆلۈمدىن كېيىن ھەم ئاسمانغا قايتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئىككىسىنى قاندۇرۇشتا تەڭپۇڭ بولۇش كېرەك، بىرى ئۈچۈن يەنە بىرىنى زايە قىلىۋېتىش زۇلۇم ھېسابلىنىدۇ.

بىر بۆلەك كىشىلەر مۇئەييەن بىر تەرەپكە مايىل بولۇپ كېتىپ يەنە بىر تەرەپكە سەل قاراش بىلەن ئېزىپ كەتكەن. غەربلىكلەر جىسمانىي تەرەپكە بەكراق ئەھمىيەت بېرىپ روھىي تەرەپكە سەل قارىغان، شۇنىڭ بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ نەتىجىسىدە مۇستەملىكىچىلىك، ئەنسىزلىك، ئەيدىز، زەھەر چېكىش قاتارلىق بىرمۇنچىلىغان ئىشلار كېلىپ چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرى مەن ھەركۈنى روزا تۇتىمەن، ئىككىنچىسى مەن ھەر كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇيمەن، ئۈچىنچىسى مەن مەڭگۈ ئۆيلەنمەيمەن دېگەن ئۈچ كىشىگە رەددىيە بېرىپ: «ئەمما، مەن نامازنىمۇ ئوقۇيمەن، ئويقۇنىمۇ ئۇخلايمەن، روزىنىمۇ تۇتىمەن، روزىسىزمۇ يۈرىمەن، خوتۇنمۇ ئالىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرىسە مېنىڭ ئۈممىتىمتىن ئەمەس» دېگەن([10]).

ئىككىنچى سەۋەب: كەلگۈسىنى يېتىپ كەلگۈچە بىر ياققا قايرىپ قوي. نۇرغۇن كىشىلەر زېھنىنىڭ كۆپ قىسمىنى كەلگۈسىدىكى نامەلۇم ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ ۋە خىيالىي ئاۋارىچىلىقلار بىلەن پۇچۇلىنىپ كېتىدۇ. ھالبۇكى بۇ شەرىئەتتە ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئىش. بۇ يەنە ئەقلىي جەھەتتىنمۇ ئەيىبلىنىدۇ، چۈنكى بۇ مەۋھۇم ئىشلار ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىق. بەزىلەر كەلگۈسىدىكى ئاچ – يالىڭاچلىق، كېسەل، نامراتلىق ياكى مۇسىبەتلەرنى خىيال قىلىپ ئەنسىرىشىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شەيتاننىڭ دەرسلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقۇتىدۇ، يامان ئىشلارغا (يەنى، بېخىللىققا، زاكات بەرمەسلىككە) بۇيرۇيدۇ؛ ئاللاھ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»([11]).

ئۈچىنچى سەۋەب: باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىپ كۆڭلى – كۆكسىڭنى كەڭ تۇت. باشقىلارنى بەختلىك قىلىشتا بەكراق مەنپەئەتلىنىدىغىنى بەختلىك قىلغۇچىنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ باشقىلارنى بەختلىك قىلغاننىڭ نەتىجىسىنى تېزلا ئۆزىدە، ئەخلاقىدا، ئىچكى دۇنياسىدا كۆرىدۇ. كۆڭلى – كۆكسىنىڭ كەڭ ئېچىلغانلىقىنى، قەلبىنىڭ تەمكىنلىك ۋە تىنچلىق ئىچىدە بولغانلىقىنى بايقايدۇ.

ئى ئىنسانلار! خەيرى – ئېھسان بوستانىغا كېلىڭلار، ياخشىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇپ باشقىلارغا مېھماندوستلۇق، ياردەم، غەمخورلۇق ئاتا قىلىڭلار، شۇندىلا بەخت – سائادەت نېمىتىنىڭ تەمىنى ھەقىقىي تېتىيسىلەر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر»([12]).

تۆتىنچى سەۋەب: مۇسىبەت يەتكەندە ئاللاھقا ئىلتىجا قىل. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارى قىلغان كىم؟ ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنە ۋەز – نەسىھەت ئالىسىلەر»([13]).

بۇ ئايەتتە بېشىغا كۈن چۈشۈپ ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا قىلغان كىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خۇش بېشارەت بار:

1. دۇئانى ئىجابەت قىلىش.

2. ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىش.

3. زېمىنغا ئورۇنباسار قىلىش.

بەشىنچى سەۋەب: دۇنيانىڭ غەم – ئەندىشىلىرىنى يۈدۈۋالما.

بوران – چاپقۇن ۋە بالا – قازالارنىڭ ئالدىدا قەيسەر قەلب، مۇستەھكەم ئىشەنچ، كۆڭلى – كۆكسىنىڭ كەڭ بولۇشىدىنمۇ بەكراق ئەسقاتىدىغان نەرسە يوق. ئەگەر سەن مۇقىم تۇرمۇشنى كۆزلىسەڭ ئۇنداقتا، ئىشلارغا شىجائەت، تىرىشچانلىق بىلەن يۈزلەنگىن، دىنغا ئىشەنمەيدىغانلار سېنى تۆۋەن چاغلاپ قالمىسۇن. ھىيلە – مىكىر قىلىۋاتقانلاردىن سىقىلما.

ئالتىنچى سەۋەب: ئاللاھنىڭ ساڭا بەرگەنلىرىگە رازى بول.

مۇسۇلمان قىياپەت، تەن – سالامەتلىك، مال – دۇنيا، ئەۋلاد، تۇرالغۇ، ئىقتىدار جەھەتتىن ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغانلىرىدىن رازى بولۇشى كېرەك. بۇ قۇرئاندا كەلگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ساڭا مەن ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن»([14]) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «بىرەرسىڭلار مال – مۈلۈك ۋە يارىتىلىشتا ئۆزىدىن ئۈستۈن كىشىلەرنى كۆرگەن ۋاقتىدا ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەرگە نەزەر سالسۇن!»([15]) ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە (بۇ ھەدىسنىڭ كەينىدە): «بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمەتلىرىگە ناشۇكۇرلۇك قىلماسلىقنىڭ ئەڭ توغرا يولىدۇر» دەپ كەلگەن.

ھۆسن – جامال، مال – دۇنيا ياكى ئاياللاردىن قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىرىڭ ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمە. ئاللاھنىڭ تەقسىم قىلغىنىغا رازى بول. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇلارنىڭ ھاياتى دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق»([16]).

 

مەنبە: فبذلك فليفرحوا -د/ سلمان العودة – http://www.manaratweb.com

تەرجىمىدە: شەھرىزات.

————————-
([1]) «تاھا» سۈرىسى، 123 – ئايەت.
([2]) «نەھل» سۈرىسى، 97 – ئايەت.
([3]) «ئەنفال» سۈرىسى، 24 – ئايەت.
([4]) «رۇم» سۈرىسى، 4، 5 – ئايەت.
([5]) «قەسەس» سۈرىسى، 76 – ئايەت.
([6]) «غافىر» سۈرىسى، 75 – ئايەت.
([7]) «رەئىد» سۈرىسى، 28 – ئايەت.
([8]) «ئىنفىتار» سۈرىسى، 13 -، 14 – ئايەتلەر.
([9]) ئىبنى قەييىم: «ئەلجەۋابۇل كافىي».
([10]) «سەھىھۇ مۇسلىم».
([11]) «بەقەرە» سۈرىسى، 268 – ئايەت.
([12]) «لەيل» سۈرىسى، 19 -، 20 – ئايەتلەر.
([13]) «نەمل» سۈرىسى، 62 – ئايەت.
([14]) «ئەئراف» سۈرىسى، 144 – ئايەت.
([15]) «سەھىھۇل بۇخارىي».
([16]) «زۇخرۇف» سۈرىسى، 32 – ئايەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز