قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىش تارىخى

ئابدۇللاھ كامال نەسىر

قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئىسلام تارىخىدىكى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش، شۇنداقلا ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ شانلىق مۇساپىسىدۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىبلىنىڭ مەسجىد ئەقسادىن بوۋىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىكى قىبلىسى بەيتۇللاھقا ئۆزگىرىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. بۇ ھىجرەتتىن 16 ياكى 17 ئايدىن كېيىن يەنى، ئىسرا ۋە مىراجدا ناماز پەرز بولۇپ تەخمىنەن ئۈچ يېرىم يىلدىن كېيىن ئىشقا ئاشتى.

مۇسۇلمانلار بۇ ئۈچ يىلدا يەھۇدىيلارنىڭ قىبلىسى بولغان بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ناماز ئوقۇيتتى.

ئاللاھ تائالا بۇنى مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىدا راستچىل ئىكەنلىكىنى سىناش ۋە يەھۇدىيلارنىڭ يالغانچىلىقىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن تەقدىر قىلغان. چۈنكى، يەھۇدىيلار ئىنتايىن ھەسەتخور قەۋم ئىدى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىيلار بىرەر نەرسىگە ئاللاھ بىزگە ئىنئام قىلغان جۈمە كۈنى، قىبلە ۋە ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئامىن دېيىشىمىز قاتارلىقلارغا ھەسەت قىلغاندەك ھەسەت قىلىشمايدۇ»([1]).

مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلغان جەھەتتىن بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ناماز ئوقۇيتتى. ئەمما، يەھۇدىيلار بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە يېقىنلىشىش ۋە شەرىئىتىنى بىزگە تېڭىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇۋاتىدۇ دەپ قارايتتى. شەيتان ئۇلارغا شۇنداق ۋەسۋەسە قىلاتتى. ئۇلار خۇرسەن بولۇشۇپ: «مۇھەممەد بىزنىڭ قىبلىمىزگە ئەگەشتى، پات يېقىندا بىزنىڭ دىنىمىزغىمۇ ئەگىشىدۇ» دەپ جۆيلۈشەتتى.

قۇبا مەسجىدى قىبلە ئۆزگەرتىلىش ۋەقەسى بولغان مەسجىد

بۇ مەسجىد مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ غەربى جەنۇبى قىسمىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا يەنى، ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى سەۋاد ئىبنى غەنەم ئىبنى كەئبنىڭ بالىلىرى بىنا قىلغان. شۇ ۋاقىتلاردا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كېسەك ۋە خورمىنىڭ شاخ – شۇمبىلىرى ئىدى.

بۇ مەسجىدنىڭ ئىسلام تارىخىدا ئۆزىگە خاس ئەھمىيىتى بار بولۇپ، شۇ ھەقتە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ مۇبارەك سۆزى نازىل بولغان: «بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد ھەقىقەتەن سېنىڭ ناماز ئوقۇشۇڭغا ئەڭ لايىقتۇر. ئۇنىڭدا (گۇناھلاردىن) پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار، ئاللاھ (ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ»([2]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر شەنبە كۈنى قۇبا مەسجىدىگە پىيادە ياكى ئۇلاغ بىلەن بېرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇبا مەسجىدىدىكى بىر ناماز بىر ئۆمرە ھەجگە باراۋەر بولىدۇ»([3]).

ۋە يەنە مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆيىدە پاكلىنىپ ئاندىن قۇبا مەسجىدىگە كېلىپ بىر ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمرە ھەجنىڭ ئەجرىدەك ئەجىر بولىدۇ»([4]).

بۇ مەسجىدتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كەئبىگە يۈز كەلتۈرۈش ھەققىدە ۋەھىي كەلگەن. ئاشۇ ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى شەئباننىڭ 15 – كۈنى (مىلادى 624 – يىلى فېۋرالنىڭ 11 – كۈنى) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەنى سەلەمەدىن بولغان ئۇممۇ بەشەرنى زىيارەت قىلىپ بارغاندا، ئۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تاماق قىلغان ۋە پېشىن ۋاقتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇپ، ئىككى رەكئەت تاماملىغان چاغدا ئۇنىڭغا مۇشەررەپ كەئبىگە ئۆرۈلۈشى ھەققىدە ۋەھىي نازىل بولغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز سېنىڭ (كەئبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا – قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار»([5]).

 قىبلىنىڭ بەيتۇلمۇقەددەسكە ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى ۋەز – نەسىھەتلەر:

1. قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن بىر مۆجىزە

ئاللاھ تائالا مەككىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىبلىسى بولغان بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان. مانا بۇ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ مەنبەسى، نىشان – غايىسىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھالەت ھىجرەتتىن كېيىنكى 16 ئايغىچە داۋاملاشقان، كېيىن يەھۇدىيلار شۇ ھەقتە: «مۇھەممەد نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ دىنىمىزغا ئەگەشمەي قىبلىمىزغا ئەگىشىدۇ؟» دەپ جۆيلۈگەن. ئاندىن ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئايەتلەر نازىل بولغان ۋە كىشىلەر ئۇنىڭدىن مۇھىم تەربىيە قىممىتىگە ئىگە ۋەز – نەسىھەتلەرنى ئالغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بەزى ئەخمەق كىشىلەر: ئۇلارنى (يەنى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مۆمىنلەرنى) قاراپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن (يەنى، بەيتۇلمۇقەددەستىن) نېمە يۈز ئۆرۈگۈزگەندۇ؟ دەيدۇ»([6]).

بۇ ئايەت قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىسى بولۇپ، يەنى، بۇ ئىشنى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى سۆزلىگەندە، يەھۇدىيلارمۇ قۇرئاننى يالغانغا چىقىرالمىغان ۋە ئاغزىغا كەلگەننى دەپ يۈرگەن. مانا بۇ يەھۇدىيلار ۋە ساھابىلار ئۈچۈن بىر سىناق بولۇپ، يەھۇدىيلار سىناقتىن ئۆتەلمەي، ساھابىلار ئۆتكەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سەن يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرەپنى (يەنى، بەيتۇلمۇقەددەسنى) قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئاسىيلىق قىلغانلاردىن (يەنى، مۇرتەد بولۇپ كەتكەنلەردىن) ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ (يەنى، قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى) ھەقىقەتەن ئېغىردۇر»([7]).

ئىنسان توغرا ۋە ئېنىق ھەقىقەت ئۈستىدىلا بولىدىكەن، خۇسۇمەت قىلىشقا ئورۇن يۇقتۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلار يەھۇدىيلارنىڭ دېگەنلىرىگە پەرۋامۇ قىلمىغان. چۈنكى، ھەر ئىككى قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان زات پەقەت ئاللاھ تائالادۇر. ۋەھالەنكى، بۇ، مۇسۇلماننىڭ بۇ دىن ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىدا ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ زورايتىدۇ. ھىدايەت يالغۇز ئاللاھ تەرەپتىن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، مەشرىق ۋە مەغرىب (يەنى، ھەممە تەرەپ) ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»([8]).

شۇنداقلا بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىكى ئالاھىدە بىر خۇسۇسىيەتنى بىلەلەيمىز، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاللاھقا دۇئا قىلىشى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «قۇرئان بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تۇنجى ھۆكۈم بەيتۇلمۇقەددەسكە يۈزلىنىشتۇر». يەنى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان چاغدا شۇنداق بولغان دېمەكچى. ھالبۇكى، مەدىنە ئاھالىسىنىڭ كۆپرەكى يەھۇدىيلار ئىدى.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى نامازدا بەيتۇلمۇقەددەسكە يۈزلىنىشكە بۇيرۇغاندا يەھۇدىيلار خۇرسەن بولۇپ كەتكەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئون نەچچە ئاي بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ناماز ئوقۇغان، لېكىن ئۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىبلىسىنى ياخشى كۆرەتتى ۋە شۇنى ئۆزىنىڭ قىبلىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ئاسمانغا قاراپ ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلاتتى. ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتنى چۈشۈردى: «بىز سېنىڭ (كەئبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا – قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز»([9]).

مانا بۇ خاس ئالاھىدىلىك ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن تەسەۋۋۇر ۋە ئېتىقاد، قىبلە ۋە ئىبادەت، شۇنداقلا مۇسۇلمانلىق كىملىك بولۇپ، مۇسۇلمانلار ھاياتىنىڭ ھەربىر باسقۇچى، ھەربىر ئىشىدا بۇ ئالاھىدىلىك ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

2. بويسۇنۇش ۋە ئىتائەت قىلىشتا مۇكەممەل بولۇش

سادىق مۇسۇلمان دىننىڭ بارلىق تەلىماتلىرىغا ھېچقانداق ئېتىراز بىلدۈرمەستىن ئەگىشىدۇ، ئەمما مۇناپىق بولسا بىرەر قۇسۇر چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ، ئۇ چۈشىنىش مەقسىتىدە ئەمەس، بەلكى شەكلەندۈرۈش، جېدەللىشىش مەقسىتىدە كۆپ سوئال سورايدۇ. يەھۇدىيلار ھەقىقەتەن قىبلىنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئېتىراز بىلدۈرگەن ۋە ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلارنىڭ، خۇسۇسەن، قىبلە ئۆزگىرىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ نامىزىدا شەك پەيدا قىلغان. ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان: «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى، ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر»([10]).

3. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھ تائالا نەزىرىدىكى ئورنى

قىبلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان قىزىقىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەقلى – تەپەككۇرىنى مەشغۇل قىلىپ قويدى. لېكىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى دۇئاسىدا ئوچۇق تىلىمىدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئىجابەت قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەردى. مانا بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھ تائالا نەزىرىدىكى يۈكسەك ئورنى ۋە دەرىجىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان بەندىسىنىڭ مەقسەتلىرىنى گەرچە ئۇ بەندە تىلغا ئالمىسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىشى مۇسۇلمان بەندىنىڭ ئاللاھ نەزىرىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

4. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىنىڭ ئەۋزەللىكى

ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ياخشى ئۈممەت ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭدەك (يەنى، سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى، ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق»([11]).

«ئوتتۇراھال» دېگىنى ئەڭ ئەۋزەل، ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئۈستۈن دېگەننى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام ئۈممىتى ھەرقانداق نەرسىدە يەنى، ئەقىدە، شەرىئەت، ئەخلاق ۋە مۇئامىلە قاتارلىقلاردا ئوتتۇراھال يولنى تۇتۇپ ماڭىدۇ. بۇ ئىسلام دىنى تەلىماتلىرىنى تەپسىلىي ئۆگەنگەن ھەربىر كىشىگە ناھايىتى ئېنىقتۇر.

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە شاھىت بولۇشى خەيرىيەتلىكىنى تېخىمۇ ئوبرازلاشتۇرىدۇ. بۇ ئۈممەتنىڭ ياخشىلىقى ئۇنىڭ باشقىلارغا شاھىت بولۇشى، تەلىم – تەربىيە بېرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتىسلەر»([12]).

5. ھەقىقىي يۈز كەلتۈرۈشنىڭلا ئېتىبارغا ئېلىنىشى

ھەقىقىي ياخشىلىق بولسا ئەقىدە، ئەخلاق ۋە ماڭغان يولنىڭ ياخشىلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەقەت شەكىلگىلا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلارغا مۇنۇ سۆزى بىلەن رەددىيە بەردى: «سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەبغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش – ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبنى سەبىللەرگە (يەنى، پۇل – مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل ـ مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى، يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر»([13]).

6. خەبەر ۋاھىدنىڭ ھۆكمى

بۇنىڭدا «خەبەر ۋاھىد»نى قوبۇل قىلىشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل بار. چۈنكى، بەيتۇلمۇقەددەسكە يۈز كەلتۈرۈش ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قەتئىي دەلىل بىلەن سابىت بولغان، ئاندىن قۇبا ئەھلىگە بىرسى كېلىپ قىبلىنىڭ مەسجىدى ھەرامغا ئۆزگەرگەنلىكىنى خەبەر قىلغاندا، ئۇلار ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىپ كەئبە تەرەپكە يۈزلەنگەن.

7. بۇنىڭدا يەنە ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى ھۆكۈم يەتمىگەن كىشىنىڭ ئاۋۋالقى ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىشىغا دەلىل بار

يەنى، ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى ھۆكۈم گەرچە نازىل بولۇشى ئىلگىرى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى بىلگەندىن كېيىنلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئەسىر، شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى قايتىلاشقا بۇيرۇلمىدى.

قۇدۇس ئىسلامىي قىبلە ۋە ئىسلام زېمىنىدۇر

1948 – يىلى 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى يۈز بەرگەن پەلەستىن ئاپىتى، شۇنداقلا قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىش تارىخىنى ئەسلىگەن چېغىمىزدا مۇسۇلمانلارنى مەسجىد ئەقسادىكى ھەقىقىتى بىلەن ئەسلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. شۇ جەھەتتىن پەلەستىن زېمىنى ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت بۈيۈك دىننىڭ مۇقەددەس جايى بولۇپ قالغان. بۇ ھەقتە ئىسلام مۇتەپەككۇرى دوكتور مۇھەممەد ئەمارە مۇنداق دەيدۇ: «مەككە شەرىف بىلەن قۇدۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئاللاھ باغلىغان بۇ رىشتە تۈپەيلىدىن قۇدۇس ئىسلام ئەقىدىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (يەنى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى) بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»([14]).

ئاخىرقى قىبلە بىلەن ئىلگىرىكى پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ قىبلىسى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ رىشتە قانداقمۇ ئەقىدە بولمىسۇن؟! چۈنكى، بۇ رىشتە دىننىڭ بىر ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى. يەنى، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تاكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمغىچە بولغان بارلىق دىنلارنىڭ پەقەت بىر ئاللاھ تەرەپتىن بولغان بىر دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار دىندىكى بۇ بىرلىك تۈپەيلىدىن بارلىق پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرگە ئىمان ئېيتىدۇ ۋە ئۇلارغا دۇرۇت – سالام يوللايدۇ. قۇدۇس يەنە ئىسرا ۋە مىراج مۆجىزىسى سەۋەبىدىن ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ بىر ئالامىتى بولغان. مەلۇمكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرئان مۆجىزىسى بىلەن باشقىلارغا جەڭ ئېلان قىلغان، بۇ مۆجىزە ئىسرا ۋە مىراج مۆجىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى، قۇدۇس ئىسلام ئەقىدىسىدە دىنىي ئەقىدىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. قۇدۇسنىڭ بۇ دىنىي تۈسى قۇرئان نازىل بولۇپ ئىسرا ۋە مىراجدىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى، ئىسلام رېئاللىقى، ئىسلام تارىخى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىدە جۇلالىنىپ تۇرماقتا، شۇنداقلا بۇ تاكى قىيامەت كۈنگىچە جۇلالانغۇسى!».

دېمەك، قىبلىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ سىياسىي، ھەربىي، دىنىي ۋە تارىخىي جەھەتلەردىن ناھايىتى كۆپ رولى بار.

سىياسىي جەھەتتىكى رولىغا كەلسەك، ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئۇرۇش تۈگىنى قىلدى ۋە شەرەپلىك قۇدۇسقا مۇسۇلمانلار ئىگىدارچىلىق قىلىشنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. تارىخىي جەھەتتىن، بۇ ئالەمنى ئەرەب ئىرسىيىتى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا باغلىدى. ھەربىي جەھەتتىن، مەككىنىڭ ئازاد بولۇشى ئۈچۈن ئورۇن ھازىرلىدى. دىنىي جەھەتتىن، قەلبلەرنى ھەق دىنغا باغلاپ، ئىسلام ئۈممىتىنى غەيرىيدىن ئايرىدى. مانا بۇ جەھەتلەردىن قىبلىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاللاھنىڭ بىزگە ئىنئام قىلغان كاتتا نېمەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر (يەنى، يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار) گە سىلەرگە قارشى دەلىل – ئىسپات بولماسلىقى ئۈچۈن، (ئى مۇھەممەد! سەپەر قىلىشقا) قەيەردىن چىقمىغىن، (نامىزىڭدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولماڭلار، (نامىزىڭلاردا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلارلا (قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىۋالىدۇ)، ئۇلار (يەنى، زالىملار) دىن قورقماڭلار، (مېنىڭ ئەمرىمنى تۇتۇش بىلەن) مەندىن قورقۇڭلار (قىبلىنى ئۆزگەرتىشكە ئەمر قىلىشىم) سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن ۋە توغرا يولدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر»([15]).

ئاللاھ بەيتۇلمۇقەددەسنى ۋە بارلىق ئىسلام دىيارلىرىنى يەھۇدىيلارنىڭ، كاپىرلارنىڭ ھىيلە – مىكرىسىدىن، يامانلىق قىلىشىدىن، نىجىس قوللىرىدىن ساقلىسۇن! (ئامىن)

مەنبە: «ئەزھەر ژۇرنىلى» 87 – يىللىق 8 – سانى.

تەرجىمىدە: شاكۇرە ئابابەكرى.

—————————–
([1]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد».
([2]) «تەۋبە» سۈرىسى، 108 – ئايەت.
([3]) تىرمىزىي سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.
([4]) ئىبنى ماجە سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.
([5]) «بەقەرە» سۈرىسى، 144 – ئايەت.
([6]) «بەقەرە» سۈرىسى، 142 – ئايەت.
([7]) «بەقەرە» سۈرىسى، 143 – ئايەت.
([8]) «بەقەرە» سۈرىسى، 142 – ئايەت.
([9]) «ئەددۇررۇل مەنسۇر» تەپسىرى.
([10]) «بەقەرە» سۈرىسى، 143 – ئايەت.
([11]) «بەقەرە» سۈرىسى، 143 – ئايەت.
([12]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 110 – ئايەت.
([13]) «بەقەرە» سۈرىسى، 177 – ئايەت.
([14]) «ئىسرا» سۈرىسى، 1 – ئايەت.
([15]) «بەقەرە» سۈرىسى، 150 – ئايەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز