ئۆگەي قىزىغا زاكات بەرسە دۇرۇس بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ياتلىق بولۇپ كەتكەن ئ‍ۆگەي قىزىغا زاكات بەرسە دۇرۇس بولامدۇ؟ (ئ‍ۆگەي قىز ۋە كۈيئوغۇل باشقا شەھەردە پەقەت ئ‍وقۇش بىلەن بولۇپ، مۇقىم كىرىم مەنبەسى يوق).

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئۆگەي قىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى بولمىسا، ئېرى ياكى ئاتىسى تەرىپىدىن يېتەرلىك نەپىقە سەرپ قىلىنمايدىغان بولسا، ئۆگەي ئاتىسى زاكىتىنى ئۇ قىزغا بەرسە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ قىز ئۆگەي دادىنىڭ ئۆز قىزى ئەمەس.

پېقىر، مىسكىنلەرگە زاكات بېرىشنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن، ئاشۇ پېقىر، مىسكىنلەرنىڭ نەپىقىسى زاكات بەرگۈچىگە ۋاجىپ بولمىغان بولۇشى شەرت. بۇ ئىجما بار بولغان مەسىلىدۇر.([1])

ئۆلىمالار ئومۇم بىر قائىدە تىكلەپ مۇنداق دەيدۇ: «كىشى نەپىقىسىنى قىلىپ قويۇشى ۋاجىپ بولغان يېقىنلىرىغا زاكىتىنى بەرسە بولمايدۇ».

بۇنىڭغا ئاساسەن ئەر – خوتۇنلۇق ياكى ئاتا – بالىلىق مۇناسىۋىتى بارلىقى سەۋەبىدىن زاكات بەرگۈچى نەپىقىسىنى قىلىپ بېرىشى ۋاجىپ بولغان ئۆز ئاتا – ئانا، ئۆز بوۋا – موما ۋە ئۆز پەرزەنت، نەۋرىلىرىگە، ئايالىغا زاكات بەرسە دۇرۇس بولمايدۇ. ئەمما ئۆگەي پەرزەنتىگە زاكات بېرىشى دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى ئۆگەي پەرزەنتنىڭ نەپىقىسى ئۆگەي ئاتىغا ۋاجىپ ئەمەس. ئەگەر ئۆگەي ئاتا قىزغا نەپىقە بېرىپ خەۋەر ئالسا، بۇ، ئېھسان ۋە ياخشىلىق قىلىش بولىدۇ.

باشقا بىر ئائىلىدە، ئەرنىڭ قولىدا ياشايدىغان ئۆگەي قىزغا زاكات تېخىمۇ دۇرۇس كېلىدۇ.

بەلكى تېخى ئۆگەي دادا ئۇ قىزغا مەھرەم بولغانلىق سەۋەبىدىن زاكىتىنى ياتقا بەرگەندىن كۆرە، ئۆگەي قىزغا بەرسە سىلە – رەھىم جەھەتتىن ساۋاب بولىدۇ.

شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ئەگەر ئۇ قىزنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى ئېرىنىڭ قولىدا يېتەرلىك ئىقتىساد بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇ قىز ئەسلى ئاتىسىدىن نەپىقە تەلەپ قىلىشى لازىم. تەلەپ قىلمايدىغان، ياكى ئۆز ئاتىسى نەپىقە بەرمەيدىغان، ياكى بېرەلمەيدىغان بولسا، ئۇ قىزغا زاكات بېرىشى دۇرۇس، ئەلۋەتتە.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

4 – 1 – 2016

2-توم، 36-نومۇرلۇق پەتىۋا.

—————————————–

([1]) «الإجماع» ابن المنذر 46 – بەت. «تبيين الحقائق» 1/301. «الإنصاف» 3/254. «المغني» 2/269. «الموسوعة الفقهية الكويتية» 8/127.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز