ئافىيەت (سالامەتلىك) نېمىتى

دوكتور خالىد سەئد نەججار

ئافىيەت دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسىگە قىلغان ياخشلىقلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىلىرى قاتارىدىندۇر. ئافىيەت بىلەن رىزىقلانغان كىشى رىزىقنىڭ كاتتىسغا ئېرىشكەن بولىدۇ. چۈنكى، ئافىيەت نېمەتلەرنىڭ ئاچقۇچى، ياخشىلىقلارنىڭ ئىشىكى ۋە بەخت – سائادەتنىڭ خەزىنىسىدۇر. ياخشىلىقلار ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، ئافىيەت بولمىسا ئۇ يەنىلا ئازدۇر؛ شان – شەرەپ گەرچە شۇنچە ئېسىل بولسىمۇ، ئافىيەت بولمىسا ئۇ يەنىلا ئېتىبارسىزدۇر. ئىمان – ئېتىقادتىن قالسىلا دۇنيادىكى ھېچقانداق نەرسە ئافىيەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. چۈنكى، دىننىڭ ئافىيىتى ھەرقانداق ئافىيەتنىڭ ئۈستىدىدۇر. ھەقىقىي ئىمان بولسا دىننىڭ ئافىيىتىدۇر.

بىر كىشى ئېسىل قەسىرلەر توغرىسىدا ئويلىنىپ ئۆزىنىڭ دانىشمەن ھەمراھىغا: «مۇشۇ مۈلۈكلەر تەقسىم قىلىنغاندا بىز نەلەردە بولغىيتتۇق؟!» دېسە، شۇنىڭ بىلەن ھەمراھى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ: «بۇ كېسەللەر تەقسىم قىلىنغاندا بىز قەيەرلەردە بولغىيتتۇق؟!» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن.

ئۆزىنىڭ دىنىدا ۋە دۇنياسىدا ئافىيىتىنى يوقىتىپ قويغان كىشىلا ئافىيەتنىڭ قىممىتىنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئافىيەت داۋاملىشىۋەرسە ئۇنىڭ قىممىتى بىلىنمەي قالىدۇ. ئەگەر ئۇ يوقالسا ئۇنىڭ لەززىتى بىلىنىدۇ ۋە ھۇزۇرى ئاشكارا بولىدۇ. ئافىيەت لىباسى دىن ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ چىرايلىق لىباسلىرىدىندۇر. ئۇنىڭدا دۇنيا ھاياتى ھۇزۇرلۇق بولىدۇ ۋە ئاخىرەتتىكى ئورنى ياخشى بولىدۇ.

ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ سەقەفىي بىر ئەئرابىينى تاماققا تەكلىپ قىلغان چاغدا ئۇنى تاماق يېيىشكە قىزىقتۇرۇپ ئۇنىڭغا: «بۇ ھەقىقەتەن بەك ياخشى تاماقكەن» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەئرابىي ئۇنىڭغا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاشپەزلىرىڭ ئۇنى ياخشى قىلغىنى يوق، بەلكى ئۇنى ئافىيەت ياخشى قىلدى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئافىيەت دۇئاسىنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق دۇئا باسالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ خاس كىشىلىرىگە ۋە ئەھلىگە ئافىيەت دۇئاسىنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزىي ئابباس ئىبنى مۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ماڭا مەن ئاللاھدىن سورايدىغان نەرسىنى ئۆگىتىپ قويغىن» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «ئافىيەتنى سورا» دېدى. مەن بىرنەچچە كۈننى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن كېلىپ: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ماڭا مەن ئاللاھدىن سورايدىغان نەرسىنى ئۆگىتىپ قويسىلا» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا: «ئى ئابباس، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ تاغىسى، ئاللاھدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئافىيىتىنى سورا» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى([1]).

ۋە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئاللاھدىن ئەپۇنى ۋە ئافىيەتنى سوراڭلار، ھەقىقەتەن بىر كىشىگە ئىماندىن كېيىن ئافىيەتتىنمۇ ياخشىراق بىرەر نەرسە بېرىلمىدى»([2]).

دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەندىنىڭ ياخشىلىقى پەقەتلا ساپ ئىمان ۋە ئافىيەت بىلەنلا تولۇق بولىدۇ. چۈنكى، ساپ ئىمان ئۇنى ئاخىرەتنىڭ جازاسىدىن ساقلايدۇ، ئافىيەت بولسا ئۇنىڭ قەلبىدىكى ۋە بەدىنىدىكى دۇنيا كېسەللىكلىرىدىن ساقلايدۇ.

مەناۋىي مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىسنىڭ دالالىتىدە بەندىنىڭ رەببىدىن قاتتىق ھايا قىلىشى ئۇنىڭ رەببىدىن رازىلىقنى ئەمەس، بەلكى ئەپۇنى سورىشىنى ۋاجىپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت بار. چۈنكى، رازىلىق پەقەتلا ئاللاھنىڭ ساقلىشى بىلەن رەزىللىكلەردىن پاك بولغۇچىلار ئۈچۈنلا بولىدۇ، ئەمما گۇناھلارغا چۆككەن كىشىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا پەقەت ئاللاھدىن ئەپۇ قىلىشنى سوراش ئەڭ لايىق بولىدۇ».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتىگەندە ۋە كەچتە: «ئى ئاللاھ! ئۆزلىرىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئافىيەت سورايمەن، ئى ئاللاھ! ئۆزلىرىدىن دىنىم، دۇنيارىم، ئەھلىم ۋە مېلىم ھەققىدە ئەپۇ قىلىشلىرىنى ۋە ئافىيەتنى سورايمەن. ئى ئاللاھ! ئەۋرەتلىرىمنى ياپقايلا، قورقۇنچلاردىن ئەمىن قىلغايلا، ئالدىمدىن، كەينىمدىن، ئوڭ تەرىپىمدىن، سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستى تەرىپىمدىن مېنى ساقلىغايلا، سىلىنىڭ ئۇلۇغلىقلىرى بىلەن ئاستى تەرىپىمدىن سۇيىقەست قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن» دېگەن دۇئانى تاشلىمايتتى([3]).

ئەپۇ قىلىش، ئافىيەت ۋە ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشىش

ئىمام زەمەخشەرىي مۇنداق دەيدۇ «ئەپۇ قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ بەندىنى گۇناھلاردىن ئەپۇ قىلىشىدۇر. ئافىيەت بولسا كېسەل ۋە بالايىئاپەتلەردىن سالامەت بولۇشتۇر. ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشىش بولسا بىر كىشىنىڭ باشقىلارنى ئەپۇ قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئۇ كىشىنى ئەپۇ قىلىشىدۇر. شۇنداق قىلسا قىيامەت كۈنى قىساس بولمايدۇ».

يەنە بەزىلەر مۇنداق دېگەن: «ئەپۇ قىلىشىش بولسا ئاللاھنىڭ سېنى كىشىلەردىن سالامەت قىلىشى، ئۇلارنىمۇ سەندىن سالامەت قىلىشىدۇر».

بىر دانىشمەن مۇنداق دېگەن: «ئەپۇ ۋە ئافىيەت بىر – بىرىدىن ياسالغان سۆز بولۇپ، لېكىن تىلىمىزدا ئەپۇنىڭ ئاخىرەتنىڭ مۇسىبەتلىرى توغرىسىدا، ئافىيەتنىڭ بولسا دۇنيانىڭ مۇسىبەتلىرى توغرىسىدا ئىشلىتىلىشى كۆپ كەلگەن. دۇنيا ۋە ئاخىرەت توغرىسىدىكى ھەدىستە ئەپۇ ۋە ئافىيەتنىڭ بىر نەرسىگە قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇ ئىككىسى تىلغا ئېلىنغان. شۇڭا، جازا ئورۇنلىرىدا «ئۇنى ئەپۇ قىلدى»، بالايىئاپەت ئورۇنلىرىدا بولسا: «ئۇنى ساقلىدى» دېيىلگەن. تەلەپ قىلىنىدىغان ئافىيەت بولسا داۋام قىلىشى بىلەن بىرگە كىبىر، ئىنكار قىلىش ۋە غەپلەت ھەمراھ بولمىغان ئافىيەتتۇر».

ئەپۇ قىلىش جەننەتكە ئېرىشىش ۋە دوزاختىن قۇتۇلۇشنىڭ تۈۋرۈكى بولغىنىدەك، ئافىيەت دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولۇشى ۋە ئۇنىڭ يامانلىقلىرىدىن سالامەت قېلىشنىڭ تۈۋرۈكىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتىگەن ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن: «ئى ئاللاھ بەدىنىمگە ئافىيەت ئاتا قىلغايلا، قۇلىقىمغا ئافىيەت ئاتا قىلغايلا، كۆزۈمگە ئافىيەت ئاتا قىلغايلا، سىلىدىن باشقا ھېچ قانداق ئىلاھ يوقتۇر» دەيتتى([4]).

ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىرەر نەرسىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلمەكچى بولساڭ، ئۇنى قارشىسىغا ئۆرۈپ باق، شۇ چاغدا ساڭا بېرىلگەن نەرسىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلىسەن، شۇڭا، ئافىيەتنى بالايىئاپەتكە ئالماشتۇرۇپ باق، شۇنداق قىلساڭ، ئافىيەتنىڭ ياخشىلىقىنى بىلىسەن».

سالىھلارنىڭ بىرى مۇنداق دېگەن: «ئاللاھدىن ئافىيەتنى كۆپ سوراڭلار. چۈنكى، بالاغا مۇبتىلا بولغۇچىنىڭ گەرچە بالاسى ئېغىرلاشسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىرراق بالادىن ئەمىن بولالمايدۇ. شۇنداقلا، بالاغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بالاسى ئېغىرلاشسىمۇ، ئافىيەت تىلەپ دۇئا قىلىشقا بالالاردىن ئامان بولالمايدىغان سالامەت كىشىدىنمۇ ھەقلىقراق كىشى يوقتۇر. چۈنكى، بۈگۈنكى بالالارغا ئۇچرىغۇچىلار تۈنۈگۈنكى سالامەت كىشىلەردۇر ۋە بۇندىن كېيىنكى بالالارغا ئۇچرايدىغانلار بولسا بۈگۈنكى سالامەت كىشىلەردۇر».

بەزى كىشىلەر مۇھەممەد ئىبنى ۋاسىئنىڭ قولىدىكى يارىنى كۆرۈپ بىئارام بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەرگە: «بۇ ئاللاھنىڭ نېمىتىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ ئۇنى كۆزۈمدە قىلمىدى» دېدى.

ئاللاھ ئۆزىگە دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۆزىگە يالۋۇرۇپ نىدا قىلغان كىشىلەردىن يامانلىقنى كۆتۈرۈۋىتىدۇ. ئىبنى جەۋزىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «سەيدۇل خاتىر» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «ھەقىقىي سەۋر قىلىش تەقدىرگە سەۋر قىلىشتۇر. شۇنداقلا تەقدىر كۆپىنچە ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە قارشى بولىدۇ. ئاقىل كىشى بولسا بالانىڭ كېتىشى ئۈچۈن شىكايەتلەردىن ساقلانغان ھالدا ئاللاھنىڭ ساۋاب بېرىش ۋە ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش ۋەدىسى بىلەن نەپسىنى سەۋرگە كۆندۈرگەن، ئاندىن ئاللاھدىن ئافىيەت سوراپ ياردەم تىلىگەن كىشىدۇر. ئەمما، بويۇنتاۋلىق قىلىدىغان كىشى بولسا ئاللاھنى قەتئىي تونۇمايدۇ. بىز ئاللاھقا سىغىنىپ تۇرۇپ ئۇنى تونۇماي قىلىشتىن پاناھ تىلەيمىز ۋە ئۇنى تونۇشنى سورايمىز، ھەقىقەتەن ئاللاھ كەرەملىك، دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى زاتتۇر».

سۇفيان سەۋرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىز مۇسىبەتتىن قورقمايمىز، بەلكى مۇسىبەت جەريانىدا بىزدە كۆرۈلىدىغان بىئارام بولۇش، غەزەپلىنىش قاتارلىق ئىشلاردىن قورقىمىز» دەپ، ئاندىن يەنە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مەن مۇسىبەتكە ئۇچرىسام مەندىن نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن؟ بەلكىم ئۆزۈم ھېس قىلماي تۇرۇپ كۇپۇرلۇق قىلىشىم مۇمكىن» دېگەنىدى.

سەھنۇننىڭ سۆزىمۇ يۇقىرىقى سۆزلەر قاتارىدىن بولۇپ، ئۇ: «ئى رەببىم، مېنىڭ سەندىن باشقا ھېچ كىمدە نېسىۋەم يوق، سەن قانداق خالىساڭ، مېنى شۇنداق سىنا!» دېگەن ئىدى. كېيىنچە، ئۇ سىيەلمەسلىك كېسىلى بىلەن سىنالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايلىنىپ، مەدرىستىكى كىچىك بالىلارغا: «يالغانچى تاغاڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇڭلار» دەيدىغان بولۇپ قالغانتى.

نېمەت قەدرىنى بىلگەن كىشى ئۈچۈن داۋاملىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ قەدرىنى شۈكۈر قىلغۇچىلارلا بىلىدۇ. ئۇتبىي مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر بەندە كېسەل بولسا، ئاندىن ساقىيىپ، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپەيتمىسە، پەرىشتىلەر: «بۇ بىز داۋالاپ، داۋا مەنپەئەت قىلمىغان كىشىدۇر» دەيدۇ.

مەنبە: (نعمة العافية) www. islamweb. Com

تەرجىمىدە: چەۋەنداز.

———————————————-
([1]) تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([2]) ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([3]) ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([4]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «ھەسەن»دەپ باھالىغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز