جەننەتتىكى مەرتىۋىڭىزنى قانداق كۆتۈرىسىز؟

دوكتور مۇھەممەد ئىبراھىم نەئىم

جەننەت، جەننەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ چاقناپ تۇرغان نۇر، ئۇنىڭدا خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان رەيھانلار، كاتتا ياسالغان قەسىرلەر، مەڭگۈ ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلەر، مەي باغلىغان ‏مېۋىلەر، مۇلايىم، گۈزەل، مەڭگۈلۈك ھەمراھ ھۆر پەرىلەر باردۇر. ئۇ تۈگىمەيدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر. شەكسىزكى، ئۇ جەننەت بىز تەلەپ قىلىدىغان مەنزىلگاھىمىزدۇر، غايىمىزدۇر. ئۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ دوستلىرىغا، ئىتائەتمەن بەندىلىرىگە تەييارلىغان بۈيۈك مۇكاپات، چەكسىز ساۋاب ۋە سۈپەتلەشكە تىللار ئاجىزلىق قىلىدىغان، ھەتتا سۈپەتلىگىلى بولمايدىغان مۇكەممەل نېمەتتۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بۇ ئەقلىمىز يەتمەيدىغان جەننەت ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى، ھەشەمەتلىكلىرىنى، دەرىجىلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا قادىر ئەمەسمىز. ئۇنىڭدا كۆزلەر كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاقلار ئاڭلاپ باقمىغان، ئىنساننىڭ كۆڭلىگە ھېچ كېچىپ باقمىغان نېمەتلەر باردۇر. كىمكى ئۇنىڭغا كىرىدىكەن مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن بولىدۇ. ‏ ئۇ يەردە كىيىملەر كونىرىمايدۇ، ياشلىق خورىمايدۇ، ئىنسان بۇ ھاياتتىن ھەرگىزمۇ زېرىكمەيدۇ.

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جەننەت چەكسىز كەتكەن بىرلا ماكان دەپ پەرەز قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، توغرىسى، ئۇ بىرلا جەننەت بولماستىن، بەلكى ئۇ نۇرغۇن دەرىجىلەرگە ئايرىلغاندۇر. ئىمام سۇيۇتىي قۇرتۇبىي ۋە ھەلىمىيلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەر بىر جەننەت دەرىجىلەرگە بۆلۈنگەن، ئىشىكلەرگە ئايرىلغان بولىدۇ».

ھەقىقەتەن جەننەت نۇرغۇنلىغان دەرىجىلەرگە ‏ئايرىلغاندۇر. ھەدىسلەردە ھەربىر دەرىجە ئارىسى خۇددى زېمىن بىلەن ئۇپۇقتىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئارىسىدەك كېلىدۇ دەپ سۈپەتلەنگەن. ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن جەننەتتىكى يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشكەن كىشىلەرنى ئۇلاردىن تۆۋەن دەرىجىدىكىلەر خۇددى سىلەر ئۇپۇقتىكى يۇلتۇزلارنى كۆرۈپ تۇرغاندەك كۆرۈپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر جەننەتتىكى يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشكەن كىشىلەردۇر ۋە ئۇ ئىككىسى بۇنىڭغا ئەڭ لايىقتۇر»([1]).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جەننەتتە يۈز دەرىجە بار، ھەربىر دەرىجىنىڭ ئارىلىقى يۈز يىللىق مۇساپىدۇر»([2]) ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قارىي جەننەتكە كىرگىنىدە ئۇنىڭغا ئوقۇغىن ۋە ئۆرلىگىن دەپ خىتاب قىلىنىدۇ. ئاندىن ئۇ ئوقۇيدۇ ۋە ھەربىر ئايەتتە بىر دەرىجە ئۆرلەيدۇ. بۇ تاكى ئەڭ ئاخىرقى ئايەتنى ئوقۇپ تۈگەتكۈچە داۋاملىشىدۇ»([3]). بۇ يەنى، جەننەتنىڭ دەرىجىلىرىنىڭ سانى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن جەننەتنىڭ دەرىجىلىرىنىڭ سانى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سانى بىلەن ئوخشاشتۇر. ئەگەر قارىيلار جەننەتكە كىرسە جەننەتتە ئۇلاردىن يۇقىرى كىشى بولمايدۇ»([4])‏‏.

‏مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «جەننەتتە يۈز دەرىجە بار» دېگەن ھەدىس بىلەن، قارىيلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايەتنى ئوقۇغانغا قەدەر دەرىجىسىنىڭ ئۆرلەپ يۈز دەرىجىدىن ئېشىپ كېتىشى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلگەن ھەدىس ئارىسىدا ھېچقانداق زىتلىق يوق، چۈنكى بۇ يۈز دەرىجە ئارىسىدىكى ھەربىر دەرىجە نۇرغۇنلىغان كىچىك دەرىجىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جەننەتتىكى يۇقىرى مەرتىۋە ۋە كاتتا قەسىرلەرگە ھەرگىزمۇ پۇل – مېلىڭىز بىلەن، مەنسىۋىڭىز بىلەن ۋە ياكى بالىلىرىڭىز بىلەن ئېرىشەلمەيسىز. ئۇلارغا پەقەت ئىمان ۋە سالىھ ئەمەللىرىڭىز بىلەنلا ئېرىشەلەيسىز. «ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرالمايدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتنىڭ ئېسىل ئۆيلىرىدە ھەرقانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن ئەمىن بولغان ھالدا تۇرىدۇ»([5]). ئاللاھ تائالا بىزگە «تاھا» سۈرىسىدە سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە جەننەتتە يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ تەييارلانغانلىقى بىلەن خۇش بېشارەت بېرىدۇ. «كىمكى مۆمىن بولۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشىدۇ»([6]). شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پۈتۈن سالىھ ئەمەللەرنىڭ ساۋابىمىزنى كۆپەيتىپ، جەننەتتىكى دەرىجىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەئىد ئبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېسەل بولۇپ قالغاندا ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ مۇنداق دېگەن: «سەن بۇ يەردە قېپقېلىپ، ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ قانداقلا بىر ئىش قىلساڭ، شۇ ئىش سەۋەبى بىلەن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى) دەرىجەڭ ۋە ئورنۇڭ يوقىرى كۆتۈرىلىدۇ»([7]).

بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاللاھنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس، بۇ دەرىجىلەر قۇرۇق ئارزۇ – ئارمان بىلەن ئەمەس، بەلكى نۇرغۇنلىغان تەييارلىق ۋە تىرىشچانلىق، سالىھ ئەمەل ۋە پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا بويسۇنۇش بەدىلىگە قولغا كېلىدۇ. ئى قېرىندىشىم، سىز سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇش ئارقىلىق جەننەتتىكى دەرىجىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بەل باغلاڭ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە مۆمىننىڭ جەننەتتىكى ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مەرتىۋىسىنى يۇقۇرىلىتىدىغان بەزى ئەمەللەرنى بايان قىلىپ بەردى ۋە بۇ ‏ئەمەللەرنىڭ بىرى سەۋردۇر. سەۋر ئىككى خىل بولىدۇ: شەرئىي ئەھكاملارغا سەۋر قىلىش ۋە مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىش.

1.  شەرئىي ئەھكاملارغا سەۋر قىلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللارنى قىلغان كىشىلەرنى جەننەتنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئالىي جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن مۇكاپات نېمىدېگەن ياخشى! ئۇلار(ھىجرەت قىلىشنىڭ جاپا – مۇشەققەتلىرىگە ئاللاھنىڭ يولىدا يەتكەن ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلىدۇ. (ھەممە ئىشلىرىدا) پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدۇ»([8]). شەرئىي ئەھكاملارغا سەۋر قىلىشتىن مەقسەت: ئۆز نەپسىنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇندۇرۇش ۋە ئۇنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن توسۇشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد، ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەگەشكىن (يەنى، ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئۇنى يەتكۈزگىن). ئاللاھ (سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقارغۇچە سەۋر قىلغىن. ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر»([9]). ئاللاھ تائالا «فۇرقان» سۈرىسىدە بەندىلىرىنى ۋە ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن زىننەتلەنگەن بۈيۈك ئەمەللىرىنى ۋە ئۇلار بۇ بۈيۈك ئەمەللىرى بىلەن لايىق بولغان مۇكاپاتلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بۇ بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى قىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغانلىقلىرىنىڭ مېۋىسى قىلىپ تەييارلىغان جەننەتتىكى ئالىي ئورۇنلارنى تىلغا ئالىدۇ. «ئەنە شۇلار سەۋرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇلار جەننەتتە (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان) دۇئا ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ»([10]). كىمكى سالىھ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشنى خالايدىكەن، ئۇنى ئادا قىلىشتا (جاپا – مۇشەققەتلەرگە) سەۋر قىلىش كېرەكتۇر.

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: سەۋر ئىككى خىلدۇر: ھاراملاردىن ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشتا سەۋر قىلىش؛ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا ۋە ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشتا سەۋر قىلىشتۇر. ئىككىنچى خىلدىكى سەۋرنىڭ ساۋابى كۆپ بولۇپ، چۈنكى ئۇ ئەسلىي مەقسەتتىكى سەۋردۇر. ئۈچىنچى خىلدىكى سەۋر: مۇسىبەتلەرگە، بالا – قازالارغا سەۋر قىلىش بولۇپ، ئۇمۇ خۇددى گۇناھلارغا تەۋبە قىلغانغا ئوخشاشلا ۋاجىپتۇر.

ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆز نەپسىنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشقا ۋە چەكلەنگەن ئىشلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا بويسۇندۇرۇشى كېرەك ۋە بۇلارغا ئەمەل قىلىشتا سەۋر قىلىشى ۋە ئۆز نەپسىگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان ساۋابنىڭ كاتتىلىقى بىلەن تەسەللى بېرىش ۋە ئۇنىڭغا بۇ ساۋابلارنى ئارزۇ قىلدۇرۇش كېرەك. چۈنكى، ئىنساننىڭ تەبىتىگە ئۆز خاھىشىغا ئەگىشىش سىڭىپ كەتكەندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن؟»([11]) شۇنداقلا مۆمىنلەر ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا ئۆزئارا سەۋرنى ۋە شەرئىي تەكلىپلەرنى ئۆز رازىلىقى بىلەن ھېچ بىر شىكايەتسىز ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشى لازىمدۇر. بۇلار پەقەت ئىككى ئىش بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت ۋە ئۇ زاتتىن قورقۇشتۇر. بىز ئاللاھ خالىسا مانا مۇشۇ مۇھەببىتىمىز ۋە قورقۇنچىمىز بىلەن ھەقىقىي مەقسىتىمىزگە يېتەلەيمىز. ئىبنى قەييىم جەۋزىييە مۇنداق دەيدۇ: قورقۇش سۆيگۈنىڭ ھەمراھىدۇر، ئەگەر ئۇ ئىككىسى بىرلەشسە نەتىجىسى بۇيرۇقلارغا ئەمەل قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش بولىدۇ. ‏

شەرئىي ئەھكاملارغا سەۋر قىلىشنىڭ ساۋابى ئەمەلنىڭ ۋە شارائىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئوخشاشمايدۇ. بۇ ساۋاب پىتنە – پاسات كۆپەيگەن ۋە دىننىڭ ياردەمچىلىرى، قوللىغۇچىلىرى ئازايغان زامانلاردا 50 شېھىدنىڭ ساۋابى باراۋېرىدە كۆپىيىدۇ. بۇ زامان دەل دىننىڭ غېرىپلەشكەن ۋە ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ (ئەقىدىسىنىڭ) چېكىنگەن زامانىدۇر. ئۇ چاغدا دىننى چىڭ تۇتۇپ ماڭغۇچىنىڭ ھالى ئۇ ئۇچرىغان ئەزىيەت، سىناق ۋە قىيناشنىڭ قاتتىقلىقىدىن خۇددى چوغنى تۇتۇپ تۇرغۇچىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن سىلەردىن كېيىنكى بىر زامانلاردا دىننى چىڭ تۇتۇپ، سەۋر قىلغۇچىغا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن 50 شېھىدنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ»([12]). ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، قىيامەت كۈنى شېھىدلەرنىڭ ساۋابى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنداقتا ئويلاپ بېقىڭ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابە – كىراملىرىدىن 50 شېھىدنىڭ ساۋابى قانچىلىك دەرىجىدە يۇقىرىدۇ؟!

شۇنداقلا مەئقىل ئىبنى يەسار رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىسمۇ پىتنە – پاسات كۆپەيگەن، كىشىلەرنىڭ ئىشلىرى قالايمىقانلاشقان ۋە ئۇلار دىندىن يىراقلاشقان مۇشۇنداق بىر زامانلاردا ئىبادەت قىلىشنىڭ ساۋابىنىڭ يۇقىرىلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «پىتنە – پاسات زامانىدا قىلىنغان ئىبادەتنىڭ ساۋابى خۇددى مېنىڭ ئۈچۈن ھىجرەت قىلغاننىڭ ساۋابى باراۋېرىدىدۇر»([13]).

2. مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىش

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇم بىر مەرتىۋىسى بولىدۇ. ئەگەردە ئۇ كىشى ئەمەللىرى بىلەن ئۇ مەرتىۋىگە يېتەلمىسە، ئاللاھ ئۇنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان ئىشلار بىلەن تاكى ئۇشبۇ مەرتىۋىگە يەتكۈچە سىناشنى داۋاملاشتۇرىدۇ»([14]).

ھەقىقەتەن تۈرلۈك سىناقلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا بېكىتىپ بەرگەن قانۇنىيىتىدۇر. بۇنىڭدىن مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن، مەيلى كاپىر بولسۇن ھېچكىم خالىي ئەمەستۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ماللىرىڭلاردا (سەدىقىگە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يېتىشى بىلەن) ۋە جانلىرىڭلاردا (قەتل قىلىنىش، ئەسىرگە ئېلىنىش، كېسەل بولۇش بىلەن) چوقۇم سىنىلىسىلەر»([15]) «شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنى (يەنى، ئەر – ئايالنىڭ مەنىسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز (شەرىئەت تەكلىپلىرى بىلەن) سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق»([16]) «ئىنسانلار (ئىمان ئېيتتۇق) دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز دەپ ئويلامدۇ؟»([17]) ئەمما، مۆمىنلەر بۇ مۇسىبەتلەرگە رازىلىقى، سەۋرچانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋابنىڭ كاتتىلىقىغا بولغان ئىشەنچى بىلەن يۈزلىنىدۇ.

ئەجىبا، سىز ئاللاھنىڭ سىزنى ياخشى كۆرگىنىدە سىزگە بولغان سىناقلارنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلمەمسىز؟ ئەگەر بىر ھۆكۈمران ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىدىن بىرەرىنى ياقتۇرۇپ قالسا ئۇنىڭ تېخىمۇ راھەت – پاراغەتلىك، باي – باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بولغان نېمەتلىرىنى (تارتۇقلىرىنى) كۆپەيتىدۇ، سېخيلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ ۋە ئۇنى يۇقىرى مەنسەپلەرگە ئولتۇرغۇزىدۇ. ئەمما، شاھلارنىڭ شاھى، ھۆكۈمرانلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە بولسا بىر قەۋمنى ياخشى كۆرگىنىدە، ئۇلارنى سەۋر قىلالىسا دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن سىنايدۇ، ‏ئەپسۇسكى، بۇ ئىش كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئاللاھقا قارىتا گۇمانلاردا بولۇشىدۇ. يەنى، ئاللاھ ئۇلارنى سىنىغىنىدا بولسا، ئاللاھنى ئۆزلىرىگە غەزەپلەندى دەپ گۇمانلىنىشىدۇ. مەھمۇد ئىبنى لەبىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىر قەۋمنى ياخشى كۆرگىنىدە ئۇلارنى تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ، سەۋر قىلغانلار ۋە سەۋرسىزلىك قىلغانلار ئۆز ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»([18]).

مۇھەممەد ئىبنى خالىد چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ بىر قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چىققىنىدا ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىق خەۋىرى يېتىدۇ. ئۇ قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە بارغىنىدا: «مەن يېنىڭغا زىيارەتچى، كېسەل يوقلىغۇچى ۋە خۇش بېشارەت بەرگۈچى بولۇپ كەلدىم» دەيدۇ. قېرىندىشى: «قانداق بولۇپ بۇلارنى بىرلا ۋاقىتتا قىلدىڭ؟» دېگىنىدە، ئۇ: «مەن ئۆيۈمدىن سېنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چىققانىدىم، ئاندىن ماڭا سېنىڭ كېسەل بولغانلىقىڭ يەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ زىيارىتىم كېسەل يوقلاش بولدى ۋە مەن ساڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن خۇش بېشارەت بەرمەكچى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر بەندىگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇم بىر ماقام ئىرادە قىلىنغان ۋە ئۇ بۇ ماقامغا ئەمەللىرى بىلەن يېتەلمىگەن بولسا، ئاللاھ ئۇنى تېنى، مېلى ۋە ياكى بالىلىرى بىلەن سىنايدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا شۇ ئىرادە قىلىنغان ماقامغا يېتىشى ئۈچۈن سەۋر ئاتا قىلىدۇ»([19]).

ئەگەر سىز كىچىك ۋە ياكى چوڭراق كېسەللىكلەر بىلەن سىنالسىڭىز «إنا لله وإنا إليه راجعون» (بىز ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز) دېيىشىڭىز، سەۋرنى ئۆزىڭىزگە زىننەت قىلىشىڭىز، ھەمدىنى كۆپلەپ ئېيتىشىڭىز لازىم. چۈنكى، سىز مۇشۇ ئەمەللىرىڭىز بىلەن ئاللاھ سىزگە ئىرادە قىلغان يۈكسەك ماقامغا ئېرىشەلەيسىز. ئەلۋەتتە، بۇ مۇسىبەتلەرگە ئىلاج قىلىش، كېسەللىكلەردىن شىپا تېپىش ئۈچۈن شەرىئەت يولغا قويغان سەۋەبلەرنى قىلسىڭىز بولىدۇ.

بەزى كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۆزلىرىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرغىنىدا ئۆز ھاللىرىدىن نارازى بولۇشىدۇ ۋە ساغلام كىشىلەرنى ئۆزلىرىدىن ياخشىدەك ھېس قىلىشىدۇ. لېكىن، ئۇلار ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ قىيامەت كۈنى مۇسىبەت ئىگىلىرىگە قانداق كاتتا ساۋابلارنى تەييارلىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ساغلام ياشىغان كىشىلەر مۇسىبەت ئىگىلىرىگە ساۋاب بېرىلگىنىدە، كاشكى دۇنيادىكى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تېرىلىرى قەرزگە بېرىلگەن بولسىچۇ دەپ ئارزۇ قىلىشىدۇ»([20]). يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۆمىن كىشىگە بىر تال تىكەن كىرسە ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەردىن ئەزىيەت يەتسە ئۇنىڭدىن بىر گۇناھ ئۆچۈرۈلۈپ، مەرتىۋىسى بىر دەرىجە ئۆستۈرىلىدۇ»([21]). مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىش مۆمىننىڭ جەننەتتىكى مەرتىۋىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلىدۇ. قېنى، بىز نە‏ئىم جەننىتىدىكى دەرىجىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە قۇدرەتلىك ‏ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك مەرتىۋىگە ‏ئېرىشىش ‏ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى!

ئاللاھدىن سىزنى ياخشىلىققا باشلىشىنى، سىزگە جەننەتتىن يۇقىرى مەرتىۋە ئاتا قىلىشىنى، جەننەتتە پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار(راستچىللار)، شېھىدلەر، سالىھلار بىلەن بىللە بولۇشقا نېسىپ قىلىشىنى سورايمەن. ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار! بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ھەرگىزمۇ قىيىن ئەمەستۇر. يولباشچىمىز، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە سالام يوللايمەن، پۈتۈن ھەمدۇسانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

 

(من كتاب «كيف ترفع درجتك في الجنة»‎ – دكتور محمد ابراهيم النعيم‎)

تەرجىمىدە: زۇلخۇمار ئابدۇرېشىت.

——————————————————-
([1]) تىرمىزىي ، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([2]) تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([3]) ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([4]) بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان.
([5]) «سەبەﺋ» سۈرىسى، 37 – ئايەت.
([6]) «تاھا» سۈرىسى، 75 – ئايەت.
([7]) «سەھىھەين».
([8]) «ئەنكەبۇت» سۈرىسى، 58 -، 59 – ئايەت.
([9]) «يۇنۇس» سۈرىسى، 109 – ئايەت.
([10]) «فۇرقان» سۈرىسى، 57 – ئايەت.
([11]) «مەريەم» سۈرىسى، 65 – ئايەت.
([12]) تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([13]) تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([14]) ئەبۇ يەئلا رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([15]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 186 – ئايەت.
([16]) «ئىنسان» سۈرىسى، 2 – ئايەت.
([17]) «ئەنكەبۇت» سۈرىسى، 2 – ئايەت.
([18]) ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([19]) ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([20]) تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([21]) «سەھىھۇ مۇسلىم».

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز