ھىجرىيە كونا يىل بىلەن خوشلىشىش ئىپادىلىرى

ھىجرىيە كونا يىل بىلەن خوشلىشىش ئىپادىلىرى

ھەر نەرسىنى ياراتقان، ئاندىن ئۇلارغا مۇناسىپ ئۆلچەم بەلگىلىگەن ئاللاھقا جىمى ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئۆزىنى ئەسلىمەكچى ياكى شۈكۈر قىلماقچى بولغانلارغا كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇيمەن ۋە شۈكۈر قىلىمەن، ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىپ كەچۈرۈم سورايمەن. دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولىدىغان كۈن قىيامەتتە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىمەن. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر. يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرىدۇر. ئاللاھ ئۇ زاتنى قىيامەتنىڭ ئالدىدا خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئاللاھ تەرەپكە چاقىرغۇچى نۇرلۇق چىراغ قىلىپ ئەۋەتتى. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابەلىرىگە، شۇنداقلا ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد – سالاملار بولسۇن!

تەقۋالىقنىڭ چەكلىك زامانى، مۇئەييەن مەۋسۇمى بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى دائىمىي ھەققىدۇر. بەندىلەر ۋاقىتلىرىنى تەقۋالىق بىلەن ئاۋاتلاشتۇرىدۇ، بەدەنلىرىنى ئۇنىڭغا ئىشلىتىدۇ، ئۆمۈرلىرىنى ئۇنىڭدا ئۆتكۈزىدۇ.

ئۆز رەببىنى مەلۇم كۈنلەردىلا ياكى ساناقلىق سائەتلەردىلا تونۇپ، باشقا ۋاقىتلاردا تونۇمايدىغان، ئاندىن ئازغۇنلۇق ۋە غەپلەتكە قايتىپ كېتىدىغان ھەمدە گۇناھ – مەئسىيەت، ھاۋايى – ھەۋەسكە چۆمۈپ كېتىدىغان ئادەم ھەقىقىي زىيانكاردۇر. ئاللاھقا سىغىنىپ بىزلەرنى ياردەمسىز قويۇشىدىن پاناھ تىلەيمىز.

بىلىڭلاركى، كېلىۋاتقان نەرسىلەر يېقىندۇر، بەلكى كەلمەيدىغان نەرسە يىراقتۇر. كىمكى كېچە بىلەن كۈندۈز دېيىلىدىغان ئۇلاغقا مىنىدىكەن، ئۇ مېڭىشنى خاھلىمىسىمۇ مېڭىۋېرىدۇ. چۈنكى، كېچە ۋە كۈندۈز ھەر يىراقنى يېقىن قىلىدىغان، ھەر يېڭىنى كونىرىتىدىغان، ھەر ۋەدىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان ئۇلاغدۇر.

ئاللاھ تائالا كېچە – كۈندۈز، ئاي ۋە يىللارنى ئەمەل – پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتى، ئەجەللەرنىڭ ئۆلچىمى قىلغان. دېمەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ، تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنى يوقتىن بار قىلغان ئاللاھ باقىيدۇركى، يوقالمايدۇ؛ داۋاملىق بولغۇچىدۇركى، ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.

كىمكى «ئاللاھ ئاسمان – زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى ھېكمەتسىز ياراتتى» دەپ گۇمان قىلىدىكەن، مېھرىبان ئاللاھقا يالغان چاپلىغان، قۇرئاننى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ ياراتقىنىمىز يوق (يەنى، ئۇلارنى بىكار ياراتماستىن، قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ياراتتۇق) ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 16).

كىمكى «ئىنسان ۋەزىپىسىز يارىتىلدى» دەپ قارايدىكەن، يالغان ئېيتقان ۋە بۆھتان چاپلىغان بولىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى، شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟﴾(76/«قىيامەت»: 36)، ﴿ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى، سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى)، ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 115)

خوشلىشىش ئىپادىلىرى

بىز ئۆمۈرلىرىمىزدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھىجرىيەنىڭ بىر يىلى بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋالدۇق. ئارىمىزدىكى ھەربىر ئادەمدە ئۆز – ئۆزىدىن سوئال سوراش، ئويلىنىش، تەپەككۇر قىلىش ئىپادىسى بولۇشى، ئاندىن ئۆمرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن تولۇق بىر يىل جەريانىدا قىلغان – ئەتكەنلىرى توغرىسىدا ئۆز – ئۆزىدىن ئۇزۇن ھېساب ئېلىش ئىپادىسى بولۇشى لازىم. ئاللاھنىڭ ئۇ كونا يىلدا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز ۋەيەنە ھەر ئادەمدە بىز كۈتۈۋالغان يېڭى يىل ئارقىلىق ئاللاھ تەرەپكە ئاتلىنىش ئۈچۈن تەييارلىق ئىپادىسى بولۇشى لازىم. بىز ئاللاھنىڭ يېڭى يىلدا نېمىلەرنى پۈتۈۋەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز.

1. ئويلىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىپادىسى

‏بىز دىققىتىمىزنى قارىتىشقا تېگىشلىك دەسلەپكى ئىش بولسا بۇ يىلنىڭ ئاجايىب تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدۇر. بىز تېخى تۈنۈگۈنلا بۇ كونا يىلنى كۈتۈۋالغان ئىدۇق. مانا مۇشۇنداق تېزلا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ تۇرۇپتىمىز. بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرلەرنىڭ تېز تۈگەپ كېتىدىغانلىقى ۋە بۇ دۇنيانىڭ تېز يوقىلىدىغانلىقىغا ئوچۇق دەلىل بار. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلبەتتە روشەن دەلىللەر بار﴾(3/«ئال ئىمران»: 190).

تۇغۇلۇش بىلەن ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق بىلەن قېرىلىق، ياشانغانلىق بىلەن ئۆلۈم ئارىسىدا ھاياتلىق لېنتىسى تېز ئاخىرلىشىدۇ. ئىنساننىڭ خاتىرىسى گويا كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقاندەك ياكى چاقماق سوققاندەكلا قاتلىنىپ كېتىدۇ. كىشىلەرنىڭ بۇ ھاياتلىق (دۇنيا تىرىكچىلىكى) بىلەن ئالدىنىپ كېتىۋاتقانلىقىغا، ھاياتلىقتىكى ئارزۇ – ئارمانلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن گول بولۇۋاتقانلىقىغا ھەيرانمەن. ھاياتلىق ئاللاھ تائالانىڭ دېگىنىدەك: ﴿ئويۇندىن، (كىشىنى ئاخىرەتتە غەپلەتتە قالدۇرىدىغان) مەشغۇلاتتىن، زىبۇ – زىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل – مال ۋە پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇر﴾(57/«ھەدىد»: 20).

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى، كىشىلەرگە) دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدە مۇنداق مىسالنى كەلتۈرگىن: (ئۇ شۇنىڭغا) ئوخشايدۇكى، بىز ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردۇق، شۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بىر – بىرىگە چىرمىشىپ بولۇق ئۆستى، كېيىن ئۇ قۇرۇپ تۆكۈلدى، شاماللار ئۇنى (تەرەپ – تەرەپكە) ئۇچۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر﴾(18/«كەھف»: 45)، ﴿ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگىرىشىدە، نېئمەتلىرىنىڭ باقاسىزلىقىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇر بولۇشىدا) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان (تۇيۇقسىز) كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى – دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى، ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئۇرۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى، نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز﴾(10/«يۇنۇس»: 24).

مانا بۇ كۆپىنچە كىشىلەر ئاز – تولا مەنپەئەتكە ئېرىشىش، بىر قىسىم ھۇزۇر – ھالاۋەتلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن غەرق بولۇپ كېتىۋاتقان، ئاخىرەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان دۇنيادۇر. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، دۇنيا ئالدامچى ئېزىتقۇ، چاقناپ تۇرغان پارقىراق نەرسە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يارقىن، ئۆتكۈر قىلىچتۇر. ئۇ نۇرغۇنلىغان بەختسىزلىك، نامراتلىقنىڭ تەمىنى تېتىتقۇزدى، نۇرغۇنلىغان دەرد – ئەلەملەرنى يۇتقۇزدى، نۇرغۇنلىغان خۇشاللارنى غەمگە سالدى، نۇرغۇنلىغان شادلارنى يىغلاتتى. ئۇنىڭدا نۇرغۇن ياشلار قېرىدى، نۇرغۇن خانلار خار بولدى، پەسلەر ئۈستۈن بولدى، بايلار كەمبەغەل بولدى، كەمبەغەللەر باي بولدى، چوڭ – كىچىك، ياخشى – يامان، يۇقىرى – تۆۋەن، باي – كەمبەغەل ھەممىسى ئۇنىڭدا ئۆلدى. شۇڭلاشقا بىلىڭلاركى، دۇنيا چەكلىك كۈنلەردۇر، ساناقلىق نەپەسلەردۇر، بېكىتىلگەن ئەجەللەردۇر ۋە ھېسابى بار ئەمەللەردۇر. گەرچە دۇنيا ئۇنىڭ زىبۇ زىننىتى بىلەن ئالدانغانلارنىڭ نەزەرىدە ئۇزۇن كۆرۈنسىمۇ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ناھايىتى قىسقىدۇر؛ ئۇنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرى بىلەن ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ قەلبلىرىدە ئۇ كاتتا بولسىمۇ ئەرزىمەستۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا يول قويماڭلار﴾(35/«فاتىر»: 5)، ﴿ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (ۋاقىتلىق) پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن (مەڭگۈلۈك) قارارگاھتۇر﴾(40/«غافىر»: 39).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنىڭ مۈرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ‹دۇنيادا غېرىپتەك ياكى يولۇچىدەك بولغىن› دېگەن ئىدى»(1).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «تاڭ ئاتقۇزساڭ كەچنى، كەچ قىلساڭ تاڭنى كۈتمىگىن» دەيتتى(2).

بۇ ھەدىس شەرىف سەپەر قىلىش ئالدىدا سەپەرگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئادەمدەك بۇ ھاياتلىقتا ئارزۇ – ئارماننى قىسقا قىلىشتىكى پرىنسىپتۇر. تىرمىزىي ۋە باشقىلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «مەن دۇنياغا قانداقمۇ قىزىقاي، دۇنيادا مەن پەقەت بىر دەرەخ ئاستىدا سايىداپ، ئاندىن دەرەخنى تاشلاپ، قوپۇپ كەتكەن يولۇچىغا ئوخشايمەن» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەمراھلىرىغا: «دۇنيا بىر كۆۋرۈك، ئۇنىڭدىن ئۆتۈڭلار، ئەمما ياسىماڭلار»، «كىممۇ دېڭىز دولقۇنى ئۈستىگە ئۆي سالسۇن، دۇنيامۇ ئەنە شۇنىڭدەكتۇر. شۇڭا، ئۇنى قارارگاھ قىلىۋالماڭلار» دېگەن.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «دۇنيا كەينىنى قىلىپ كېتىۋاتماقتا، ئاخىرەت ئالدىنى قىلىپ كېلىۋاتماقتا. ھەربىرىنىڭ بالىلىرى بار، سىلەر ئاخىرەت بالىلىرىدىن بولۇڭلار، دۇنيا بالىلىرىدىن بولماڭلار! بۈگۈن ھەقىقەتەن ئەمەل ۋاقتى، ھېساب ۋاقتى ئەمەس. ئەتە ھېساب ۋاقتى، ئەمەل ۋاقتى ئەمەس».

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن زېرەك بەندىلىرى باركى، ئۇلار دۇنيادىن ۋاز كەچتى، فىتنەلەردىن قورقتى، ئۇلار دۇنياغا نەزەر تاشلاپ، دۇنيانىڭ ھەقىقىي ھاياتلارنىڭ ۋەتىنى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇنى قارا دېڭىز دەپ قارىدى، ياخشى ئەمەللەرنى قارا دېڭىزدا كېمە قىلدى».

‏نۇھ ئەلەيھىسسالامغا: «ئەي ئىنسانلار ئىچىدە ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن ئادەم! دۇنيانى قانداق ھېس قىلدىڭ؟ (دۇنياغا قانداق قارايسەن؟)» دېيىلگىنىدە، ئۇ: «دۇنيانى ئىككى ئىشىكى بار ئۆيگە ئوخشاتتىم، مەن بىر ئىشىكتىن كىرىپ، يەنە بىر ئىشىكتىن چىقتىم» دېگەن. مىڭ يىلچە ياشىغان ئادەمنىڭ ھالى مۇشۇنداق بولسا، 60 ~ 70 يىل ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ ھالى قانداق بولار؟

ئۇتبە ئىبنى غەزۋان خۇتبە ئوقۇپ، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن ئېيتتىكى: «دۇنيا ھەقىقەتەن يوقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ناھايىتى تېزلا يۈز ئۆرۈدى، دۇنيادىن پەقەت كىشى ئىچىپ قاچىنىڭ تېگىدە قالىدىغان قالدۇق سۇدەك قالدۇق قالدى. (دۇنيا ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، قىيامەت ئاز قالدى) سىلەر بۇ دۇنيادىن يوقالماس بىر ئالەمگە يۆتكىلىسىلەر، ئۇ ئالەمگە يېنىڭلاردىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى (ئىمان، تەقۋالىق ۋە ياخشى ئەمەللەرنى) ئېلىپ بېرىڭلار! بىزگە بايان قىلىنىشىچە، جەھەننەمنىڭ لېۋىدىن بىر تاش تاشلانسا، ئۇنىڭغا يەتمىش يىل پەسلەپ چۈشسىمۇ، تېگىگە يېتەلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى جەھەننەم لىق تولدۇرۇلىدۇ».

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز كىشىلەرگە نۇتۇق سۆزلەپ ئېيتتىكى: «ئى خالايىق! دۇنيا (ھەقىقىي مەڭگۈلۈك) قارارگاھ ئەمەس، ئاللاھ ئۇنىڭغا يوقىلىشنى پۈتۈۋەتكەن، دۇنيادىكىلەرگىمۇ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشنى پۈتۈۋەتكەن، نۇرغۇن ئىمارەتلەر باركى، ئاز ۋاقىتتىن كېيىن خاراب بولىدۇ، (دۇنيادا) نۇرغۇن تۇرغۇچىلار بار، ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ».

 

شاد – خۇرام ئۆتۈپتۇ ھەربىر كۈنلىرىم،

‏ۋە لېكىن، ئەجەلمۇ قاپتۇ يېقىنلاپ.

‏نەپسىممۇ دۇنياغا بولۇپتۇ مەپتۇن،

‏بەس، چۈشەندىم بەختكەن نەپسىنى يىغماق.

 ‏

‏ئۆلمەكلىك ھەممىگە ئايان ھەقىقەت،

‏ئۆلۈمگە چارە يوق ئەزەلدىن ئەبەت.

‏ھەربىر جان تېتىيدۇ ئۆلۈم تەمىنى،

‏بۇ ئەجەل كېلىدۇ سەھەر ۋەيا كەچ.

 

‏2. ئۆز – ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش ئىپادىسى

‏بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرىدۇر: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى، قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر﴾(59/«ھەشىر»: 18).

﴿قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى، ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 47).

﴿كىشىلەرنىڭ نامە – ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامە – ئەمالغا چوڭ – كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟» دەيدۇ، ئۇلار قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە – ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ﴾(18/«كەھف»: 49).

﴿ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا قىلغان) قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى (نامە – ئەمالىغا) خاتىرىلەپ قويغان، ئۇلار بولسا ئۇنتۇپ قالغان، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(58/«مۇجادىلە»: 6).

«بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش (يەنى، نەتىجىسىگە ئېرىشىش) ئۈچۈن توپ – توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ»(99/«زەلزەلە»: 6 – 8).

﴿ئۇ كۈندە (يەنى، قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، (ئۇلار يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكنى)، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا (مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك) ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 30).

﴿بىلىڭلاركى، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن (يەنى، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ جازالىنىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 235).

﴿ئاندىن ھەر كىشى قىلغان (ياخشى – يامان) ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ، (يەنى، ياخشى ئەمەلى كېمەيتىلىپ، يامان ئەمەلى كۆپەيتىلمەيدۇ)﴾(2/«بەقەرە»: 281).

‏ئەقىل ئىگىلىرى مۇشۇنداق ئايەتلەر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، پات ئارىدا ئۆزلىرىدىن ھېساب ئالىدىغانلىقىنى، كۆڭۈلدىن كەچكەن زەررىچىلىك كەچمىش ۋە دەقىقىلەردىنمۇ سوئال – سوراق قىلىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ ۋە تونۇپ يېتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خەتەرلەردىن قۇتۇلالماستىن، بەلكى ئۆزلىرىدىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى، ھەر ئادەمدىن تىنغان نەپەسلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىگىچە سوئال قىلىندىغانلىقىنى، كۆڭۈلدىن كەچكەن كەچمىش ۋە دەقىقىلىرىدىنمۇ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىشەنچ قىلىدۇ.

كىمكى ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشىدىن بۇرۇن ئۆز – ئۆزىدىن ھېساب ئالىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ھېسابى يەڭگىل ۋە ئاسان بولىدۇ. سوئال سورالغاندا جاۋابى تېز كېلىدۇ، بارار جايى، ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ. كىمكى نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ نەپسىنىڭ خاھىشلىرىنى ئورۇنلاشقا چاپىدىكەن، نەپسىنى ئەدەپلىمەستىن، ھېساب ئالماستىن ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىدىكەن، ھەسرەت – نادامەتتە قېلىپ ھەسرەتلىرى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. قىيامەتنىڭ مەھشەر مەيدانلىرىدا (ھېسابنىڭ كۆپلۈكىدىن جاۋاب بېرىپ بولالماي) ئۇزۇن تۇرىدۇ. ئۇنىڭ قىلغان يامانلىقلىرى ئۇنى خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا بولۇشقا ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئېلىپ بارىدۇ.

‏كىمكى رەببىنىڭ ئالدىدا ئەتىدىكى ھېسابنىڭ ئاسان بولۇشىنى خاھلايدىكەن، ھازىرلا ئۆزىدىن ھېساب ئالسۇن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «نەپسى خاھىشىغا ئەگەشمەي، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھېساب ئۈچۈن ئەمەل قىلغان ئادەم ئەقىللىق ئادەمدۇر. نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، ئاللاھتىن قۇرۇق ئارزۇ – ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئادەم ئاجىز (دۆت) ئادەمدۇر» دېگەن(3).

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «ھېساب ئېلىنىشىڭلاردىن بۇرۇن ئۆز – ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇڭلار، ئەمەللىرىڭلار ئۆلچىنىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭلار ئۆلچەپ تۇرۇڭلار، ئەڭ چوڭ ئۇچرىشىش (ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىش) ئۈچۈن ياسىنىپ زىننەتلىنىڭلار! ﴿بۇ كۈندە سىلەر (ئاللاھقا ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توغرىلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر﴾(69/«ھاققە»: 18). ‏شۈبھىسىزكى، دۇنيادا ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرغان ئادەمگە قىيامەت كۈنى ھېساب يەڭگىل بولىدۇ».

‏مەيمۇن ئىبنى مىھران ئېيتىدۇ: «بېخىل شېرىك يەنە بىر شېرىكىدىن: ئاش – تامىقىڭ، كىيىم – كېچىكىڭ نەدىن كەلدى؟ قايسى پۇلغا ئالدىڭ؟ دەپ ھېساب ئالغاندەك، بەندە ئۆز – ئۆزىدىن ھېساب ئالمىغۇچە تەقۋادار بولالمايدۇ».

‏ھەسەن ئەلبەسرىي ئېيتىدۇ: «مۇئمىن ئۆز نەپسىگە نازارەتچى بولۇپ، ئاللاھ ئۈچۈن ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ. بۇ نازارەتچىلىك ۋەزىپىسىنى قولغا ئېلىپ، ئۆزىدىن ھېساب ئالمىغان قەۋمگە قىيامەت كۈنى ھېساب ئېغىر بولىدۇ. مۇئمىندىن بىرەر خاتالىق سادىر بولسا، ئۆزنەپسىگە مۇراجىئەت قىلىپ: ‹مەن مۇنداق قىلىپ نېمىگە ئېرىشمەكچى، نېمىشقا شۇنداق قىلغاندىمەن؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇنىڭغا ئۆزرەم يوق، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇنداق ئىشنى قايتا ھەرگىز قىلمايمەن› دەيدۇ».

‏كېلىڭلار دوستلار! بىز يىلنىڭ ئاخىرىدا تۇرۇپتىمىز، بىر – بىرىمىزدىن سوراپ باقايلى، بىز بۇ يىلنى قانداق ئاخىرلاشتۇردۇق؟ بۇ يىل ۋاقىتلىرىمىزنى قانداق ئۆتكۈزدۇق؟ پۇل – ماللىرىمىزنى نەدىن تاپتۇق؟ نەگە خەجلىدۇق؟ كۈندىلىك خاتىرىلىرىمىزغا يازغانلىرىمىزنى كۆرۈش ئۈچۈن قاراپ باقايلى! ئەگەردە ياخشى بولسا، ئاللاھقا مەدھىيە ئېيتىپ شۈكۈر قىلايلى! بۆلەكچە بولۇپ قالسا ئاللاھقا تەۋبە قىلايلى! ئۇ زاتتىن كەچۈرۈم سورايلى!

ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن! بىلىڭلاركى، كىمكى ئۆزىدىن كۆپ ھېساب ئېلىپ تۇرىدىكەن، ئۆزىنىڭ تىزگىنىكىگە ئۆزى ئىگە بولالايدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېسابى يېنىك، ئاسان بولىدۇ.

كىمكى نەپسىنى ھاۋايى – ھەۋەسكە قويۇپ بېرىدىكەن، خىيانەتلىرى ۋە خاتالىقلىرى، كۆپلىگەن ‏ئەيىب – نۇقسانلىرى ئىچىدە ئۇنىڭغا ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈم كېلىدۇ. نەتىجىدە قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قورقۇنچىسىدا، ئاللاھ سوئال سورىغاندا جاۋاب تاپالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھېسابى ئېغىرلىشىپ، ھال – ئاقىۋىتى ناچار بولىدۇ. ئى ئاللاھ! سەندىن ھېسابىمىزنى ئاسان قىلىشىڭنى سورايمىز.

‏3. تەۋبە ۋە ئىستىغپار

‏‏‏بىلىڭلاركى، ئەي دوستلىرىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە ئىسپاتلانغىنىدەك، «ئەمەللەر (نىڭ قوبۇل بولۇشى) ئاخىرقىسىغا باغلىق» ئىكەنلىكى بۇ دىننىڭ ئۆزگەرمەس قائىدىلىرىنىڭ بىرىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ھەقىقەتەن دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى قىلىدۇ، ھەتتاكى ئۇنىڭ بىلەن دوزاخ ئارىلىقى پەقەت بىر گەزلا قالىدۇ. ئاندىن ئىلگىرى پۈتۈۋېتىلگەن تەقدىر ئۇنىڭغا غالىب كېلىدۇ – دە، جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ جەننەتكە كىرىدۇ»(4).

تائەت – ئىبادەتلەرنىڭ ئارقىسىدا ئەپۇچان، غالىب ئاللاھنى كۆپ ئەسلەش ۋە ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكى شەرىئەتنىڭ پرىنسىپلىرىدىندۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەرەفات تېغىدىن قايىتقىنىڭلاردا، مەشئەرى ھەرەمدە (يەنى، مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 198).

‏﴿ھەجگە ئائىت ئىبادىتىڭلارنى ئادا قىلغىنىڭلاردىن كېيىن ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 200).

﴿رامازان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامازان ئېيىدا ھازىر بولسا، رامازان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، تەسلىكنى خاھلىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامازان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خاھلايدۇ»(2/«بەقەرە»: 185).

‏پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنىڭ ئارقىسىدا «أَسْتَغْفِرُ اللهَ (ئاللاھتىن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى سورايمەن)»نى ئۈچ قېتىم دەيتتى ۋە «اللَّهُمَّ أَنْتَ السَّلاَمُ… (ئى ئاللاھ! سەن سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىسەن… )»نى ئوقۇيتتى(5).

‏مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، مۇسۇلماننىڭ سۈننەت نامازلىرىدا ئىلگىرى ئۆزىدىن سادىر بولغان خاتالىقلىرى ھەققىدە ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى، كېيىنكى خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ئەسلىشى لازىم. كىمكى كېيىنكى خاتالىقلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلسا، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلسا، ئاللاھ ئۆز پەزل – مەرھەمىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ. كىمكى كېيىنكى خاتالىقلىرى بىلەن بىرگە يەنە يامان ئىش قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى خاتالىقلىرىنى قوشۇپ جازالايدۇ.

مەنبە: وقفات في وداع العام الهجري – https://www.islamweb.net

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل (قاراخانىي).

————————-
1. «بۇخارىي»، (6416).
2. «بۇخارىي»، (6416).
3. تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان ۋە بۇ ھەدىسنى «ھەسەن» دېگەن.
4. «بۇخارىي»، (3208).
5. «مۇسلىم»، (591).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ