ئىمان تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتىكى دەسلەپكى باسقۇچنىڭ نىشان – غايىسى ھەققىدە

دوكتور مەجدىي ھىلالىي

ئاللاھ تائالا قەلبلەرگە تولىمۇ يېقىن ئىكەن، ئۇنداقتا قەلبلەرنى ئاللاھقا يېتىشتىن توسۇپ قويۇۋاتقان ۋە ئاللاھ بىلەن قەلب ئارىسىغا توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقان نەرسە زادى نېمە؟ ھالبۇكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى): مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن»([1]) دەپ ئېيتقان تۇرسا، رەببىمىز بىلەن بولغان ئالاقىمىزدە ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتقان بىزدىكى بۇ قەدەر ئۇزاقلىشىش، مەھرۇملۇق ۋە يىراقلىشىش زادى نېمە سەۋەبتىن بولىۋاتىدۇ؟

جاۋاب شۇكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن»([2]).

دېمەك، قەلب بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى يولنى ئېتىۋالغان نەرسە دىللارنى ئوراپ تۇرۇۋاتقان كىر – داغلار ئىكەن.

قەلب بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى تاقاقلىق يوللارنى ئېچىشتا كېتىدىغان تىرىشچانلىقنىڭ قايسى دەرىجىدە بولۇشى ھەر شەخس ئۈچۈن پەرقلىق بولۇپ، ھەممىسى شۇ قەلبنى قاپلىۋالغان غەپلەت ۋە قاراڭغۇلۇقلارنىڭ مىقدارىغا قارىتا بولىدۇ.

مەسىلەن، تىرىك قەلبنى بىز گويا يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن خەزىنىگە ۋەياكى بولمىسا ئىككى كىشى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئورنى يېقىن ۋە يىراقلىقتا پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بايلىققا ئوخشىتىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا، بەزىلەر بۇ بايلىقنى ئۆزىگە يېقىنلا يەردىن تاپسا، يەنە بەزىلەرنىڭ ئۇنى تېپىش ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدىنقىلاردىنمۇ بەكرەك تېرىشچانلىك كۆرسىتىشىگە ۋە ئاز بولمىغان ۋاقىتلىرىنى سەرپ قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

بەلكىم بەزىلەر مۇنداق بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن: «ئەجەبا، ئارىمىزدىن بىرى ئاللاھقا يېتىدىغان ئاشۇ تاقاقلىق يولنى ئاچتىمۇ دەيلى، ئەمما ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ يولدا قەلب بايلىقىغا ئېرىشكەنلىكىنى نېمە ئارقىلىق بىلىدۇ؟»

ئەمەلىيەتتە، قۇرئان كەرىم بۇخىل سوئاللارغا بىر قانچە ئورۇندا جاۋاب بەرگەن ۋە ھاياتلىقنىڭ شەخسنىڭ قەلبىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان ئالامەتلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدە كەلگەن بايانلاردا ئۇشبۇ ئالامەتلەر تىلغا ئېلىنغان: «ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى، كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى، ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى، كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟»([3])

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولغان ئادەم (دىلى كور ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟»([4]) دېگەن سۆزى توغرىسىدا، «قانداق بولغاندا قەلب ئىسلام ئۈچۈن كەڭ بولىدۇ؟ دەپ سورىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئىمان نۇرى قەلبكە كىرسە قەلب كېڭىيىدۇ ۋە ئېچىلىدۇ» دېدى. بىز: قەلب ئېچىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى نېمە؟ دېۋىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئالامىتى: «ئەبەدىيلىك ماكانىغا يۈزلىنىش، ئالدامچى دۇنيادىن نېرى بولۇش ۋە ئەجەل كېلىشتىن ئاۋۋال ئۆلۈمگە تەييارلىق كۆرۈشتۇر» دەپ جاۋاب بەردى ([5]).

بۇ ئالامەتلەردىن يەنە بىرى: ئاللاھنىڭ زىكرى بولغاندا قەلبتە قورقۇنچ ھاسىل بولۇشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر»([6]).

دېمەك، ئاللاھنىڭ زىكرى بولغاندا قەلبتە قورقۇنچ بولۇشى ھاياتلىقنىڭ قەلبكە قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، ئايەتتىكى «ۋەجل» سۆزى: قورقۇش، تەۋرىنىش، چۆچۈش ۋە قەلبنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دۈپۈلدىشى ۋە يۈرەك سوقۇشىنىڭ تېزلىشىشى قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە.

ئۇممۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «قەلبتىكى ئۇ قورقۇنچ گويا خورما يوپۇرمىقىنىڭ كۆيۈشىگە ئوخشايدۇ»([7]).

بۇ ئالامەتلەردىن يەنە بىرى: ئاللاھنى زىكىر قىلغاندا قەلبتە خۇشۇنىڭ ھاسىل بولۇشى بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى، قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر»([8]).

قەلبتىكى خۇشۇ، قەلبنىڭ ئاللاھقا بوي ئېگىشى، ئاڭا يىقىلىشى، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشى ۋە بويسۇنۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «خۇشۇ سۆزى ئەسلى ئەرەب تىلىدا ئېڭىشىش، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش ۋە تىنچلىنىش قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ھەيۋىتىدىن قورقۇپ، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ»([9]) يەنى، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، ھەممە ئاللاھقا بوي ئېگىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ دېگەن مەنىلەردىدۇر.

خۇشۇ سۆزىنىڭ مەنىلىرى جۈملىسىدىن يەر – زېمىننىمۇ خۇشۇ سۆزى بىلەن تەرىپلەش بار. زېمىننىڭ خۇشۇ ھالىتى دېگەندە، يەرنىڭ قاقاسلىقى، ئۇنىڭ پەس ھالىتى ۋە ئۇنىڭ سۇغىرىلىشى ۋە ئۆسۈملۈكلەر سەۋەبلىك ئېگىزلىمەيدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: «(بۇمۇ) ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇركى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ»([10])»([11]).

بۇ ئالامەتلەردىن يەنە بىرى: زىكىر ۋە نامازلاردا ھۇزۇرى قەلب بولۇشى ۋە تىل بىلەن قەلب ئوتتۇرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل بولۇشىدۇر.

شۇنىڭدەك ئالامەتلەردىن يەنە بىرى: قەلب ئىگىسىنىڭ ئەنە شۇ ھۇزۇرى قەلبنى ئۆزى خالىغان ۋە ئىستىگەن چېغىدا ھېس قىلىپ تۇرالىشى بولۇپ، بۇ پەقەت نامازغا، ياكى قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا، ياكى زىكىرگە ۋەياكى دۇئاغىلا خاس ئەھۋال ئەمەس، بەلكى قاچان ئۆزى خىلۋەت ھالەتلىرىدە قەلبىنىڭ تېتىكلىكىنى، خۇشۇلىقىنى ۋە ئېرىشىنى ئىستىسە، شۇ ھامان قەلب ھۇزۇرىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ئالامەتلەردىن يەنە بىرى: خۇددى ئاللاھ تائالا ئېيتقىنىدەك، قەلب خۇشۇئىنىڭ ھەرقېتىملىق ئىبادەتتىن كېيىن ئالدىنقىدىنمۇ بەكرەك زىيادە بولۇپ ئارتىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىشقا يىقىلىدۇ (قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار ئاللاھقا) تېخىمۇ تەزەررۇ قىلىدۇ (يېلىنىدۇ)»([12]).

بۇ ئالامەتلەردىن يەنە بىرى بولسا: تىرىك قەلب ئىگىسىنىڭ ئىمان ھالاۋىتىنى تېتىشىدۇر. ئىمان ھالاۋىتى، ئىنسان ھاياتىدا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ھېس قىلىپ باقمىغان بىر ھالاۋەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمدە ئۈچ تۈرلۈك نەرسە تېپىلسا، ئۇ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان بولىدۇ، ئۇلار: ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنى ھەممە نەرسىدىن ئارتۇق سۆيۈش، بىرەر بەندىنى دوست تۇتسا، ئۇنى پەقەت خۇدالىق ئۈچۈن دوست تۇتۇش، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن كۇفرىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، قايتا كۇفرىغا قايتىشنى ئوتقا تاشلىنىشنى يامان كۆرگەندەك يامان كۆرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت»([13]).

ھەسەن بەسرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئىمان ھالاۋىتىنى مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئىشتىن ئىزدەڭلار! ناماز ئوقۇۋاتقاندا، زىكىر قىلغاندا ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋاتقاندا. ئەگەر سىلەر بۇ ئۈچ نەرسىدىن ئىمان ھالاۋىتىنى ھېس قىلالىساڭلار قىلدىڭلار. ئەمما، ھېچبىرىدىن ھالاۋەت ئالالمىساڭلار، ئۇچاغدا سىلەرگە ئاسمان ئىشىكلىرى تاقاقكەن – دەپ بىلسەڭلار بولىدۇ»([14]).

شۇنىڭدەك ئالامەتلەردىن يەنە بىرى، تىرىك قەلب ئىگىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشى بولۇپ، بۇخىل تۇيغۇ شۇ قەلب ئىگىسىنىڭ رەببىگە دۇئا قىلىۋاتقان ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناجات قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا قەلبىگە ئايان بولىدۇ ۋە بۇ يېقىنلىق تۇيغۇسى كۈندىن – كۈنگە، تاكى ئۇ ئاللاھ بىلەن ئۇنس – ئۈلپەت قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناجاتلاردىن لەززەتلىنىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن خىلۋەتتە مۇلاقات بولۇشنى كۈتۈپ ئۆتۈش مەرتىۋىسىگە يەتكەنگە قەدەر ئارتىپ ماڭىدۇ.

ئىمام ئىبنۇل قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنكى، ناۋادا قەلب دۇنياغا كۆڭۈل قويۇشتىن ۋە دۇنياغا ئائىت بولغان مال – مۈلۈك، مەنسەپ ۋە شۆھرەت كەبى نەرسىلەرگە باغلىنىپ ياشاشتىن خالىي بولالىسا، ئاخىرەتكە باغلانسا، ئاخىرەت ھازىرلىقلىرىنى كۆرۈشنى مۇھىم بىلسە ۋە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە تەرەپكە ئاتلىنىشقا تەييارلىق كۆرسە، ئەنە شۇ قەلبنىڭ تۇنجى ئېچىلىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ ۋە قەلب تېڭىنىڭ ئېتىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر. مۆمىن قەلب، ئەنەشۇ چاغدا رەببىنىڭ نېمە ئەمەل قىلسا رازى بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىدۇ – دە، بىلگەنلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ئاللاھقا يېقىن بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇ يەنە، نېمىنىڭ رەببىنى نارازى قىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ ۋە رەببىنى نارازى قىلىدىغان ئەمەللەردىن يىراق بولىدۇ. مانا بۇ، قەلبنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە سادىق ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر.

ئەگەردە قەلب يۇقىرىقىلارنى ئورۇندىغۇدەك بولسا، ئۇنىڭغا خىلۋەت ۋە يالغۇزلۇق ھالەتلىرىدە ھەمدە بارلىق ئاۋاز ۋە ئىش – ھەرىكەتلەر جىمجىتلىققا چۈمىدىغان خالىي جايلاردا ئاللاھ بىلەن ئۇنس – ئۈلپەت قىلىش ئىشىكى ئېچىلغۇسىدۇر. ئەنەشۇ ۋاقىتتا، قەلبنىڭ ئاللاھدىن باشقا سىغىنىدىغان نەرسىسى بولمايدۇ. چۈنكى، بۇلار ئۇنىڭغا قەلبنىڭ ۋە ئىرادىنىڭ بارلىق كۈچ – قۇۋۋىتىنى جەملەپ ئۇنىڭ دىققىتىنى چاچىدىغان، قەلبىنى بۆلىدىغان بارلىق ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىدىغان بولۇپ، بولمىسا ئۇ، ئاشۇ ئىشىكلەر بىلەن مەشغۇل بولىدۇ – دە، ئاخىرىدا خەلقى ئالەمدىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئۇنس – ئۈلپەت ئىشىكى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭغا ئىبادەتتىن ھالاۋەت ئېلىش ئىشىكى ئېچىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ھالاۋەت شۇنداق نەرسىكى، ئىبادەت قىلغانسېرى قەلب ئىبادەتكە تويمايدۇ ۋە ئىبادەتتىن ئويۇن – تاماشىدا، شەھۋەت – پاراغەتتە ئالغان ھۇزۇر – ھالاۋەتتىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ھۇزۇر ۋە لەززەتنى ئېلىشقا باشلايدۇ. بۇ لەززەت شۇ دەرىجىدىكى، كىشى نامازغا تۇرغان بولسا، نامازنىڭ مەڭگۈ تۈگىمەي داۋام قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن كېيىن ئۇنىڭغا، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ لەززەتلىنىش ئىشىكى ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىمۇ ئۇ، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ قانمايدۇ. قۇرئان ئاڭلىغان زامان گويا كىچىك بالىغا ئامراق نەرسىسىنى تۇتقۇزسا جىم بولغىنىدەك قەلبى شۈكلەپ كېتىدۇ»([15]).

مانا بۇلار، كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك ھاياتلىقنىڭ قەلبكە قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر سۈننەتلىرىدە كەلگەن بىر قاتار ئالامەتلىرىدۇر.

نۆۋەتتە، مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتۈشىمىز زۆرۈر بولغان يەنە مۇنداق بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ، بىزنىڭ يۇقىرىقىغا ئوخشىغان ئالامەتلەرنى ھېس قىلالمىغىنىمىز بىزنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىمىزنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت. چۈنكى، ئىمان ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن قەلبلىرىمىزدە بار. بەلكى بەزىلىرىمىزدە شۇنداق لەھزىلەر بولىدۇكى، بۇ لەھزىلەردە ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھقا يېقىنلىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھالبۇكى بۇ لەھزىلەر ئۇزۇنغا داۋاملاشمايدۇ. ئەلۋەتتە!

مانا بۇ، دەل ئۇشبۇ ئىمان تەربىيەسى يولىغا قەدەم ئېلىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى ئىسپاتلايدىغان ئامىللار جۈملىسىدىندۇر. بەلكىم بىز، ئۇشبۇ ئىمان تەربىيەسى ئارقىلىق قەلبلىرىمىزنى ئەبەدىي ئويغاقلىققا ئېرىشتۈرۈپ قالساق ئەجەب ئەمەس!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى، ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى، كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر»([16]).

بەزىدە ئويغاق ۋە تىرىك قەلبكە ئىگە بولالمىغان كىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئىتائەتلىك ئەمەللىرى ۋە ئىبادەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ، مۇئەييەن مەزگىللەردە ئادا قىلىنىدىغان رامزان روزىسى تۇتۇش، ئۆمرە قىلىش ۋە پەرز ھەج قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغان مەزگىللىرىدە شۇنداق. بەلكىم ئۇ، ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاشۇ پەيتلەردە لەززەت، راھەت ۋە بەختىيارلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ۋاقىتتىكى تەسىرلىنىشلەر ۋاقىتلىق بولۇپ، تىرىكچىلىكنىڭ داۋام قىلىشىغا ئەگىشىپ تېزلا غايىب بولىدۇ.

بىز بۇخىل ئەھۋالدىكى كىشىنى ئۇيقۇسىغا غەرق بولۇپ كەتكەن ئۇيقۇچى بىرىگە ئوخشىتىشىمىز مۇمكىن. ئۇ تۇيۇقسىز سىرتقى تەسىرنىڭ سەۋەبى بىلەن ئويغانغان ۋاقىتتا، بۇ ئويغىنىشنىڭ نەتىجىسىدە دەرھال ئۇيقۇسىنى ئېچىشى ۋە ئازراق ۋاقىت ئويغاق تۇرۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە ئاۋۋالقىدەكلا ئۇيقۇسىغا قايتىۋالىدۇ… ئەمما، تىرىك قەلب ئىگىسى بولسا، دائىم ئويغاق ۋە سەگەك تۇرىدۇ.

مانا بۇ، ئىمان تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتىكى دەسلەپكى باسقۇچنىڭ نىشان – غايىسىدىن ئىبارەت.

تەرجىمىدە: تالىب.
————————-
([1]) «بەقەرە» سۈرىسى، 186 – ئايەت.
([2]) «مۇتەففىفىين» سۈرىسى، 14 – ئايەت.
([3]) «ئەنئام» سۈرىسى، 122 – ئايەت.
([4]) «زۇمەر» سۈرىسى، 22 – ئايەت.
([5]) ھاكىم ۋە بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان.
([6]) «ئەنفال» سۈرىسى، 3 – ئايەت.
([7]) ئىمام قۇرتۇبىينىڭ «ئەھكامۇلقۇرئان» ناملىق كىتابى، 163/15.
([8]) «ھەدىد» سۈرىسى، 16 – ئايەت.
([9]) «تاھا» سۈرىسى، 108 – ئايەت.
([10]) «فۇسسىلەت» سۈرىسى، 39 – ئايەت.
([11]) «تەھزىيب مەدارىجۇسسالىكىن»، 275 – بەت.
([12]) «ئىسرا» سۈرىسى، 109 – ئايەت.
([13]) «سەھىھەين».
([14]) «تەھزىيب مەدارىجۇس سالىكىين»، 463 – بەت.
([15]) «تەھزىيب مەدارىجۇس سالىكىين»، 631 -، 632 – بەتلەر.
([16]) «ئەنفال» سۈرىسى، 24 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ