ئانىسىنىڭ چاكىرى

كۇفە ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەۋۋىلىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پات – پات پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان بىر كىشىنى كۆرۈشكە ئادەتلىنىشكەن ئىدى. ئۇلار ئۇ كىشىنى كۆرۈشى بىلەنلا ئۇنىڭدىن كۆزلىرىنى ئۈزەلمەيتتى. بۇ قاراش ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ يۇقىرى نوپۇزلۇق، ئالىي مەرتىۋىلىكلىكىدىن ئەمەس ئىدى. ئۇ زات (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن) نام – نىشانسىز، ئەرزىمەس كىشىلەرنىڭ يوقاپ كېتىشى ھېچكىمنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى تارتمىغىنىدەك، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ شۇ تۈردىكى ئېتىبارسىز كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. كىشىلەر ئۇنى پەقەت مەسخىرە قىلىش ۋە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن كۆزىتىشەتتى. بۇ مەسخىرىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئۇنىڭ جۇل – جۇل، قوپال كىيىملىرى ئىدى. ئۇ زاتنىڭ ياماق چۈشكەن ئىككى پارچە يىرتىق كىيىمى بار بولۇپ، ئۇ كىيىملەرنىڭ بىرىنى ئاستىغا ئىشتان قىلىپ ئورۇۋالاتتى. يول ماڭغاندا ئېڭىكىنى كۆكسىگە تىرىگەن، كۆزلىرىنى سەجدىگاھىغا تىككەن، ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويغان ھالدا، خۇددى نامازغا تۇرغان كىشىدەكلا ماڭاتتى. كۆپىنچە ھاللاردا ئۇ ئانىسى بىلەن بىرگە يوللاردىن تېرىۋالغان خورما ئۇرۇقلىرى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى.

ئۇ زات تابىئىنلارنىڭ ئېسىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىر – قىممەتلىك، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئورنى كاتتا كىشى ئىدى. شۇنداقلا تابىئىنلارنىڭ زاھىدلىرىنىڭ كاتتىلىرىدىن، تەقۋادار، پەرھىزكار، ئىسلامغا ئەڭ چىڭ يېپىشىدىغانلىرىدىن ئىدى. ئۇ زات ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر ئەلقەرنىي ئەلمۇرادىي بولۇپ يەمەندە تۇغۇلۇپ، كۇفىدە ئولتۇراقلاشقان. كۈچلۈك رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن زامانداش ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى كۆرمىگەن. چۈنكى، ئۇ ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، ئۇنىڭغا ئىتائەتمەن، كۆيۈمچان بولۇش بىلەن مەشغۇل بولغان بولۇپ، ئانىسىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە بەجا كەلتۈرەتتى. ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئانىسىنىڭ قوللىرىغا سۆيۈپ، ئاياغلىرىغا لەۋلىرىنى ياقاتتى. ئانىسىنىڭ قەدەملىرى ئاستىدا ئېغىنغىنىدا ئۆزىنى خۇددى جەننەتنىڭ باغلىرىدىن بىر باغدا ئېغىناۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلاتتى. ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا» دېگەن سۆزى يېتىپ كەلگەن ئىدى.

ئول زات ئەمرىمەرۇپنى كۆپ قىلىدىغان بولۇپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا سەمىمىي ئىدى. قاچانلا بولمىسۇن ئەمرىمەرۇپ قىلغىنىدا كىشىلەر ئۇنى شۇملۇق بىلەن قارىلىشاتتى – دە، ئۇنى ساراڭغا چىقىرىشاتتى. ئۇلار بۇ قىلمىشلىرىدا پاسىق كىشلەردىن ئۆزلىرىگە گۇپپاڭچىلارنى تېپىۋېلىشقان ئىدى. بىز ئۇلارنى ئۆز ئازغۇنلۇقلىرىغا تاشلاپ قويۇپ، بۇ ئۇلۇغ تابىئىننىڭ ئاللاھ نەزىرىدىكى ئېسىل ئورنىنى بايان قىلىپ ئۆتەيلى.

ئۇۋەيس مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەن ئۆمەك بىلەن بىللە كەلگەن ئىدى. ئۆمەر ئۇنىڭغا:

ـ سەن ئۇۋەيس ئىبنى ئامىرمۇ؟ ـ دېدى.

ـ شۇنداق، ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ـ دېدى ئۇ.

ـ سەندە ئاق كېسەل بولۇپ، ئۇ كېسەلدىن شىپا تېپىپ پەقەت تەڭگىدەك جاي قالدى شۇنداقمۇ؟ ـ دېدى ئۆمەر.

ـ شۇنداق ـ دېدى ئۇ.

ـ سەن مۇرادتىن، ئۇندىن كېيىن قەرىندىنغۇ؟

ـ شۇنداق.

ـ سېنىڭ ئاناڭ بارغۇ؟

ـ ھەئە ـ دېدى ئۇ،

ـ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغانمەن: «سىلەرگە يەمەن ئەھلىنىڭ ياردەمچى قوشۇنى بىلەن بىرگە ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر دېگەن كىشى كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئاق كېسىلى بار ئىدى، ئۇنىڭدىن شىپا تېپىپ پەقەت تەڭگە مىقدارىدىلا قالدى. ئۇنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ ئانىسىغا بەكلا ئىتائەتمەن، كۆيۈمچان، ئەگەر ئۇ قەسەم قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قەسىمىنى بۇزماي تۇرۇشىغا نېسىپ قىلىدۇ، ئەگەر سەن ئۇنىڭ ساڭا مەغپىرەت تەلەپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلىسەڭ شۇنداق قىلغىن».

ئۆمەر ئۇنىڭدىن ئۆزىگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىشىنى ئۆتۈنىۋىدى، ئۇ ئۆمەرنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ئۆمەر ئۇنىڭغا:

ـ قەيەرنى كۆڭلۈڭ تارتىدۇ؟ ـ دېدى. ئۇ:

ـ كۇفىنى ـ دەپ جاۋاب بەردى.

ـ كۇفىنىڭ ۋالىيسىغا خەت يېزىپ بەرمەيمەنمۇ؟ ـ دېدى ئۆمەر.

ـ كەمبەغەل، ھاجەتمەنلەرنىڭ ئارىسىدا بولغىنىم ياخشىراق ـ دېدى ئۇ.

ئىبنى جابىر رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز كۇفىدە بىر ھەدىسشۇناسنىڭ دەرسىدە بولغان ئىدۇق، ئۇ كىشىلەرگە ۋەز – نەسىھەت قىلىپ ئۇلارغا ھەقنى چۈشەندۈرەتتى. ھەدىسشۇناس ئالىمنىڭ دەرسى ئاخىرلاشقاندا كىشىلەر تارقىلىپ بىر قانچىمىزلا قالاتتۇق، قېپقالغانلارنىڭ ئارىسىدا مەن تونۇمايدىغان بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇ مەن ھېچ بىرسىدىن ئاڭلاپ باقمىغان سۆزلەرنى قىلاتتى، ئۇ مېنىڭ دىققىتىمنى قوزغىدى – دە، ئۇنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم، ئۇنى بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇچرىتالمىدىم. ھەمراھلىرىمدىن:

– بىز بىلەن بىرگە سۆھبەتتە بولىدىغان، مۇنداق، مۇنداق سۈپەتلىك كىشىنى تونۇمسىلەر؟ ـ دەپ سورىدىم. ئۇلاردىن بىرى:

ـ مەن ئۇنى تونۇيمەن، ئۇ ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر ئەلقەرنىي ـ دېدى. مەن:

ـ ئۇنىڭ ئۆيىنى بىلەمسەن؟ ـ دېدىم. ئۇ:

ـ ھەئە ـ دېدى.

مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرۈپ ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كەلدىم. ئۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىپ كەلدى. مەن:

ـ بۇرادەر، سېنى بىزدىن نېمە توسۇپ قويدى؟ ـ دەپ سورىدىم.

ـ سەن كۆرۈۋاتقان ئەھۋال دېدى ئۇ. (ئۇ يالىڭاچ بولۇپ پەقەت ئەۋرىتىلا يېپىلغان ئىدى) ھەمراھلىرىم ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ ئۇنىڭغا ئەزىيەت بېرىشەر ئىدى. مەن ئۇنىڭغا:

ـ بۇ رىدانى ئېلىپ كىيىۋالغىن ـ دېدىم. ئۇ:

ـ ئۇنداق قىلمىغىن. چۈنكى، ئۇلار (ھەمراھلىرىم) ئازار بېرىشىدۇ ـ دېدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن تارتىشىپ ئاخىرى ئۇ كىيىمنى كىيدى، ئاندىن كېيىن ھەمراھلىرىمنىڭ يېنىغا چىقتى. ئۇلار:

ـ قايسى ئەخمەق بۇ دۆتكە ئالدانغاندۇ؟ ـ دېيىشتى. ئۇۋەيس كېلىپ رىدانى سېلىۋەتتى ۋە:

ـ كۆردۈڭمۇ؟ ـ دېدى. مەن سورۇنغا كەلدىم – دە ئۇلارغا:

ـ سىلەر بۇ كىشىدىن نېمىنى كۈتىسىلەر؟ ئۇنىڭغا راستىنلا ئازار بەردىڭلار، ئادەم دېگەن بەزىدە كىيىم كىيسە، بەزىدە كىيىمسىز قالىدۇ ـ دەپ ئۇلارنىڭ دەككىسىنى راسا بېرىپ قويدۇم.

بىر كۈنى كۇفە ئەھلىدىن بىر بۆلەك كىشىلەر مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دائىم ئۇۋەيسكە ئازار بېرىدىغان بىر كىشىمۇ بار ئىدى. ئۆمەر: «بۇ يەردە قەرنىيلىك بىرەرى بارمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى ئۆمەرنىڭ قېشىغا كەلدى، ئۆمەر ئۇنىڭدىن ئۇۋەيس توغرىلىق سورىدى، ئۇندىن كېيىن ئۇ كىشىگە: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «سىلەرگە يەمەندىن ئۇۋەيس دەيدىغان بىرى كېلىدۇ، ئۇ ئانىسىغا ئىتائەتمەن، كۆيۈمچان بولۇپ، ئانىسىنى ھەرگىز يالغۇز تاشلىمايدۇ، ئۇنىڭ ئاق كېسىلى بار ئىدى. ئاللاھقا دۇئا قىلىۋېدى، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئۇنى كەتكۈزۈپ پەقەت تەڭگە مىقدارىدىكى ئورۇنلا قېلىپ قالدى، سىلەردىن كىم ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشسا ئۇنىڭدىن ئۆزىگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىشنى ئۆتۈنسۇن» دېدى.

ئۇ كىشى قايتىپ كېلىپ ئۆز ئائىلىسىگە چۈشمەستىن، ئۇۋەيسنىڭ قېشىغا سالام – سائەت قىلغىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇۋەيس ئۇنىڭغا:

– بۇنداق قىلىش سېنىڭ ئادىتىڭ ئەمەس ئىدىغۇ؟ ـ دېدى. ئۇ كىشى:

– مەن ئۆمەرنىڭ مۇنداق – مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، ماڭا مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن ـ دەپ ئۆتۈندى. ئۇۋەيس ئۇنىڭغا:

– ماڭا بۇندىن كېيىن مېنى مەسخىرە قىلماسلىققا، ئازار بەرمەسلىككە، شۇنداقلا ئۆمەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى ھېچ كىشىگە ئېيتماسلىققا ۋەدە بەرمىگىچە ساڭا مەغپىرەت تەلەپ قىلمايمەن، – دېدى. ئۇ كىشى ئۇۋەيسكە ۋەدە بەردى، ئۇۋەيسمۇ ئۇ كىشىگە مەغپىرەت تىلىدى.

ھەر قېتىم ئۆمەرنىڭ قېشىغا يەمەننىڭ ھەمدەمچى قوشۇنلىرى كەلگەندە ئۇلاردىن: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر بارمۇ؟» دەپ سورايتتى، ئەگەر ئۇنى كۆرسە ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىنى قايتىلاپ بېرەتتى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە مەغپىرەت تەلەپ قىلشنى ئۆتۈنەتتى.

يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن مەقسىتىمىزگە كەلسەك، ھەر بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئۇۋەيسكە ئوخشاش دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان، شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان، قەسەم ئىچسە ئاللاھ قەسىمىنى بۇزماي تۇرۇشقا نېسىپ قىلىدىغان بولۇش ئاساندۇر. ئۇنىڭ چارىسى ئاشۇ سالىھ ئەمەل ۋە دىننىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىلىرىگە سۇسلۇق قىلماستىن، ئېغىپ كەتمەستىن ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

كىمكى ئۇنىڭ ئەمىلىنى قىلسا ئۇنىڭدەك بولالايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ قىلسا، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بولالايدۇ، ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

«ئەلمۇتالەئەتۇل ئەزھەرىييە» دېگەن كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمىدە: دىلىپاك.

2013. 8. 19

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ