ئىمان ئاجىزلىقى ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى

ئىمان ئاجىزلىقى ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى

ئابدۇلئەزىز كۇھەيل

ئىمان ئاجىزلىقىدىن شىكايەتلىنىش دىيانەتلىكلەر ئارىسىدا ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بىر ھادىسىدۇر. ناۋادا بۇ خىل شىكايەتلىنىش ھادىسىسى كېسەللىككە ئايلىنىپ كىشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاشكارىلانسا ۋە بۇ كېسەللىك داۋالىمىسا بولمايدىغان باسقۇچىغا بېرىپ يەتسە، ئۇ چاغدا بۇ مەنىۋى ساغلاملىق ئۈچۈن ئاپەتكە ئايلىنىدۇ.

ئىمان، زاھىرىي ۋە باتىنىي جەھەتتىن سۆز ۋە ئەمەلدىن بىرىككەن ھەقىقەتتۇر. ئەگەر ئۇ قەلبكە ئورنىسا زۆرۈرىي ھالدا تاشقى ئەمەللەردە بەدەنگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. ئىمان مانا بۇ قانۇنىيەتكە ئەگەشكەن ئاساستا كۈچىيىدۇ ۋە ئاجىزلايدۇ. ياشنايدۇ ۋە ئۆلىدۇ. مانا بۇ قۇرئان ۋە سۈننەتتە، شۇنداقلا ئەمەلىي تەجرىبىلەردە ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(قۇرئاندىن) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار (يەنى، مۇناپىقلار) نىڭ ئارىسىدا (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بۇ (يەنى، سۈرە) قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى» دەيدىغانلار بار، مۇئمىنلەرگە كېلىدىغان بولساق، (ھەر سۈرىدە يېڭى دەلىل – ئىسپاتلار بولغانلىقى ئۈچۈن) بۇ (يەنى، سۈرە) ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى، ئۇلار (سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) خۇشال بولىدۇ»([1]).

دېمەك، يۇقىرىقى ئايەت ئىماننىڭ كۈچىيىدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ ئورنىنىڭ قەلب ئىكەنلىكىگە ئوچۇق ئىسپاتتۇر. چۈنكى، ئىماننىڭ كۈچىيىشىنىڭ يۈز بېرىشى دېگەنلىك قەلب كېسەللىكى سەۋەبلىك ئىماننىڭ يەنە ئاجىزلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

تۆۋەندىكىلەر مۇئمىن كىشىگە ئۇنىڭ ئىمان جەھەتتىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ بېرىدىغان بىرقاتار ئىچكى ۋە تاشقى ئالامەتلەر بولۇپ، بۇلار ئىمانلىق كىشىدە كۆرۈلگەن ھامان ئىمانىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى ئوزۇقلاندۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئەنەشۇ ئالامەتلەردىن:

1.     گۇناھ – مەئسىيەتتىن قول ئۈزەلمەسلىك

بۇ نۇقتىدا، ئەسلىي مەسىلە خاتالىق سادىر قىلىشتا ۋەياكى خاتالىقتىن ساقلىنالماسلىقتا بولمايدۇ. چۈنكى، خاتالىقتىن ساقلىنالماسلىق ئىنسان ئايرىلالمايدىغان بىر ئەھۋالدۇر. ئىنسان خاتالىشىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بولسا، ئۇنى كەچۈرىدۇ، مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھمىتىگە ئالىدۇ.

ئەمما، مەسىلىنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە چەكلىمىلىرىگە قارشى چىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قىلىش ھەمدە ھەقتىن بۇرىلىپ كېتىش ۋە گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە ئۆگىنىپ قىلىش قاتارلىقلارغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى قەلب كېسىلىنى مەنبە قىلغان ئىمان ئاجىزلىقىنىڭ دەلىل – ئىسپاتىدۇر.

چۈنكى، كۈچلۈك ئىمان ئىگىسى دېگەن، شەيتان ئۇنى توغرا يولدىن بۇرىۋېتىشكە قانچە ئۇرۇنغانسېرى شۇنچە سەگەكلىكنى ئاشۇرىدۇ ۋە دىننىڭ قوينىغا تەۋبە قىلغان ۋە مەغپىرەت ئىزدىگەن ھالدا قايتىشقا ئالدىرايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسەسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ – دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسەسىدىن) خالاس تاپىدۇ»([2]).

ئاللاھ تائالا تەقۋادارلار ھەققىدە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ»([3]).

مىسالەن، پارىخور بولۇشتەك بىر گۇناھ بىلەن شۇغۇللانغان ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بۇخىل گۇناھ بىلەن ياشاپ ئۆگىنىپ قالغان كىشىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ خىل گۇناھقا كۆنۈكۈپ كەتكەن كىشىلەر پۇشايمانلىق ئەلىمىنىڭ نېمىلىكىنى ۋەياكى گۇناھ تۇيغۇسى سەۋەبلىك يۈرەك سىقىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا شۇنداق بىر كېسەل چاپلىشىدۇكى، ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىدراك ئەتتۈرىدىغان ۋە ئىمانىنى كۈچلەندۈرىدىغان نەرسىنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار يەنە، ياسانچۇقلۇققا ئۆگىنىپ قالغان ھىجابسىز ئاياللاردىمۇ ئوخشاش يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بۇخىل ھالەتكە كۆنۈكۈپ قالغۇچىمۇ ھىجابسىز يۈرۈشنىڭ شەرىئەتتە ھارام ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتقان ھالدا يۈرۈۋېرىدۇ.

ئۇنداقتا، يۇقىرىقى ئەھۋالدىكىلەرنىڭ ئوقۇغان نامىزى، تۇتقان روزىسى ۋە قىلغان سەدىقە – ئېھسانلىرى نېمىگە ھېساب بولدى؟

2.     ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتا سۇسلۇق قىلىش

بىر مۇئمىن بەندىنىڭ رەببى ئۈچۈن ھۇزۇرلىنىپ تۇرۇپ ئىبادەت قىلىشى ئۇنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىبادىتىدىن ھۇزۇر ئالغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرغان ھالدا، قىلىۋاتقان ئىبادىتىنى ھىممەت ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئادا قىلىشقا ئالدىرايدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئالدىراڭلار!»([4])، «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىندەك كېلىدىغان جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈڭلار!»([5]).

ئەمما، ئىمانى ئاجىز كىشىگە كەلسەك، ئۇ ئىبادەتنى گويا ئېغىر بىر يۈكنى ئارتىۋالغاندەك تۇيغۇدا ئادا قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ)، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ (يەنى، رىياكارلىق قىلىدۇ)، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ»([6]).

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىدە يۇقىرىقىدەك سۇسلۇقنى ھېس قىلغانلار، ئىمانىدا كېسەللىك بارلىقىنى بىلىشى ۋە بۇنى داۋالاشقا، ئىمانىنى يېڭىلاشقا ئالدىرىشى ئىنتايىن مۇھىم.

3.     ئىبادەتلەردىن تەسىر ئالالماسلىق

ئىبادەتلەرنىڭ ھەرخىل بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ روھىي ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن مۇئمىن كىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭدۇر. چۈنكى، ئىبادەتلەر قەلبكە ھۇزۇر ھېس ئەتتۈرىدۇ ۋە ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەڭ ياخشى باسقۇچقا قاراپ ئالغا باستۇرىدۇ.

ئەمما، ئىمان ئاجىزلىغاندا بولسا، بۇخىل تەسىرلەر تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ ۋە بارا – بارا ئىبادەتلەر روھسىز، قۇرۇق، شەكلى پائالىيەتلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

نامازنى ئېلىپ ئېيتساق، ناماز بۇخىل ئەھۋالدىكى كىشىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرالمايدۇ. شۇنداقلا، نامازخانغا نىسبەتەن مۇنۇ ئايەتتە كەلگەن ئىشلار ئەمەلىيلەشمەيدۇ: «(ئاللاھقا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن!»([7]).

شۇنداقلا، بۇ خىل ناماز قۇرئان كەرىمدە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلگەن ئەمەلىي تەسىرىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن، ناماز ئۇ كىشىنى تۈرلۈك ناچار گۇناھلارغا چۈشۈپ قىلىشتىن توسۇپ قالالمايدۇ. «ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ»([8]).

شۇنىڭدەك، بۇخىل ئاجىز ئىمان ئىگىسى پەرز ۋە نەپلە روزىلارنى تۇتۇپ كەلگەن بىرى بولسىمۇ، ئەمما روزا تۇتۇشتا كۆزلەنگەن تەقۋالىقتىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسىي مەقسەت ئۇنىڭغا ھاسىل بولمايدۇ. «ئى ئىمان ئېيتقانلار! (دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا تۇتۇش پەرز قىلىندى»([9]).

دېمەك، بۇخىل ئىمان ئىگىسىنىڭ روزا تۇتۇشتىن ئالىدىغان نېسىۋىسى ئاچلىق ۋە سۇسىز قىلىش بولىدۇ خالاس.

شۇنىڭدەك، بۇخىل ئىمان ئىگىسى يەنە مال – مۈلكىدىن زاكات ئايرىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئايرىغان زاكىتى جانسىز ۋە ئاپتۇماتىك شەكىلدە ئادا قىلىنغان بولغاچقا، ئۇ قىلغان بۇ ئىبادىتىدىن پاكلىققا يېتەلمەيدۇ ۋە پاكلىنىشقا ئېرىشەلمەيدۇ. خۇددى ئاللاھ تائالا مۇنۇ سۆزىدە ئىشارەت قىلىپ ئۆتكىنىدەك: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن»([10]).

شۇڭلاشقا، مۇسۇلمان كىشى ئىتائەت بولىدىغان ئەمەللەردىن مەنپەئەت ئېلىشنى بىلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق قەلبىدە ھۇزۇر ھاسىل قىلالىشى ھەمدە ھاياتىنى توغرىلىق ۋە ياخشىلىق تەرەپكە يېتەكلەش ئۈچۈن ئىبادەتلەر ئارقىلىق ئىمانىنى كۈچەيتىش يولىنى تۇتۇشى، شۇنداقلا ئىماننىمۇ، ئىبادەتنىمۇ پائال ھەرىكەتكە ئۆتكۈزىدىغان ئامىللارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى ئىنتايىن مۇھىم.

4.     قۇرئان كەرىمدىن تەسىر ئالالماسلىق

ئىمانلىق كىشى ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلغان ياكى سۈكۈت ئىچىدە قۇرئان ئاڭلىغان ۋاقىتتا، قۇرئان ئايەتلىرى ئۇنىڭ قەلبىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ قەلبىگە تەقۋادارلىق، رىغبەتلىنىش ۋە قورقۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئىمانى تۇيغۇلارنى ھاسىل قىلىدۇ.

ئەمما، ئىمانى ئاجىز كىشىگە كەلسەك، ئۇ بۇخىل جىددىي تۇيغۇلارنى يوقاتقان بولۇپ، ھېكمەتلىك قۇرئان ئايەتلىرى ئۇنىڭغا تەسىر قىلالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلالالمايدۇ. خۇش بېشارەت ۋە تەنبىھ ئايەتلىرىدىن، ئەمىر ۋە نەھى ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا بولسا، بۇ ئايەتلەرگە گويا ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەكلا مۇئامىلە قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاجىز ئىمان ئۇنىڭ قەلبىگە بىر قات قېلىن پەردىنى توقۇۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ قەلبىنى جەننەت ۋە دوزاخنىڭ، نېمەت ۋە ئازابنىڭ، بۇيرۇلما ۋە چەكلىمىلەرنىڭ، ئىبرەت ۋە نەسىھەتلەرنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلالمايدىغان، گويا قۇرام تاشقا ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ.

ناۋادا ئۇنىڭ ئىمانى كۈچلۈك بولغىنىدا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلەردە بېشارەت بېرىپ ئۆتكەن رەھمەتلىرىگە ئىنتىلگەن ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئازاب ئايەتلىرىدىن قورققان ھالدا، تېرىلىرى جۇغۇلدىغان، يۈرىكى دۈپۈلدىگەن، مۇسكۇللىرى تىترىگەن، كۆز ياشلىرى ئاققان ۋە بەدەنلىرى بوشىشىپ كەتكەن بولار ئىدى.

مانا بۇ، ئىمان سەۋىيەسىنى ستاتىستىكا قىلىشتىكى يەنە بىر ئۆلچەمدىن ئىبارەت.

5.     ئۆلۈمدىن ۋە ۋەز – نەسىھەت بولىدىغان ئىشلاردىن تەسىرلەنمەسلىك

ۋەز – نەسىھەتلىنىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچى ئۆلۈم سەپىرىدىكى سەكراتقا چۈشۈش ۋە جان ھەلقۇمغا كېلىش باسقۇچىدىن باشلاپ مېيىتنى يۇيۇش، كېپەنلەش، نامىزىنى چۈشۈرۈش، كۈمۈش ۋە ئۈستىگە توپا تاشلاش قاتارلىق باسقۇچلارغا قەدەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇ باسقۇچلارنىڭ ھەممىسى كۆرگەن ھەربىر مۇئمىننى تىترىتىپ توختىتىشقا يېتەرلىك ئىشلاردۇر. چۈنكى، باسقۇچلاردىن ھەربىرى مۇئمىنگە ئۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى بارار جايىنى ئەسلىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ قەلبىنى يۇمشىتىپ ئاللاھقا قايتىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

ئەمما، ئىمانى ئاجىز كىشىگە كەلسەك، ئۇ يۇقىرىقى باسقۇچلارنىڭ ھېچبىرىگە پەرۋا قىلماي ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. بەلكى، بەزى چاغلاردا، يۇقىرىقىدەك ئىشلارغا قارىتا ئېرەنسىزلىك بىلەن، گويا ئۇ ئىشلار ئۆزىگە يىراقتەك پوزىتسىيە تۇتۇپ، كۈلۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭىلاشقا، قەدىمكىلەر شۇنداق ئېيتقان: «ئۆلۈمدىن ۋەز – نەسىھەت ئالمىغا كىشىگە، دوزاخ ئۇزۇنغا قالماي ئۇنىڭ ۋەز – نەسىھەت قىلغۇچىسى بولىدۇ»

ۋەز – نەسىھەت ئېلىشنىڭ يەنە بىر يولى، قەلبلەرنى ۋە ھېس – تۇيغۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان دىنىي تەبلىغلەرنى ئاڭلاپ بېرىشتۇر. چۈنكى، بۇ، ئىماننى جانلاندۇرۇشقا ۋە كىشىنى سەمىمىي تەۋبە قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدا (ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى (ۋەز – نەسىھەتكە) ھۇزۇرى قەلب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز – نەسىھەت بار»([11]).

ئەگەر مۇسۇلمان كىشى ئۆلۈم ۋە ۋەز – نەسىھەت دەرسلىرىدىنمۇ تەسىر ئالالمىغان بولسا، ناۋادا ئۇ يەر ئۈستىدە قىمىرلاۋاتقان بىرى بولىدىكەن؛ ئۆز – ئۆزىدىن: «مەن تېرىكمۇ ياكى ئۆلدۈممۇ؟» دەپ سوراپ بېقىشى لازىم.

6.     غەپلەتكە مۇپتىلا بولۇش

ئىماننى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدىغان ۋە ئۇنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن بىرى: دۇنيالىق ئىشلارغا زىيادە بېرىلىپ كېتىش، ئاللاھ تائالادىن ۋە ئۇنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىدىن ھەمدە ئاخىرەت كۈنىدىن غەپلەتتە قالىدىغان دەرىجىدە ماددىي مەقسەتلەر ئارقىسىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرۈش قاتارلىقلاردۇر.

دۇنياغا قۇللۇق قىلىشتەك بۇخىل ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر نۇقتىدىن ئىماننىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولسا، يەنە بىر نۇقتىدىن ئاللاھقا بەندىلىك قىلىش ئورنىغا، دۇنياغا قۇلچىلىق قىلىشتەك يامان نەتىجىگە ئېلىپ بارىدۇ. «ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى (يەنى، ئاللاھنىڭ تائىتىنى تەرك ئەتتى)، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى (يەنى، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى)»([12]).

دۇنيا ئىشلىرىغا پەقەت شۇنىڭ بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ كەتمىگەن ئاساستا كۆڭۈل بۆلۈش ئەلۋەتتە، شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ بۇرچىدۇر. ئەمما، پۈتۈن دىققەتنى دۇنياغىلا بېرىپ، دىن ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىدىن غەپلەت ئىچىدە يۈرۈش ئۇ ئايرىم مەسىلە.

دۇنيا سۆيگۈسى دېگەندە، قەلبنى مەنسەپ – مەرتىۋىلەرگە تەئەللۇق قىلىۋېتىش، تىجارەت ساھەلىرى ۋە پۇتبولچىلىق ساھەلىرىگە ئوخشىغان بىرقاتار ماددىي مەنپەئەتلا ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل قويۇپ بېرىلىش قاتارلىقلارنى مىسال قىلىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، بۇ ئىشلار ئىنسانغا رەببىنى ئەسلەتمەيدۇ. ھەم بۇ ئىشلارغا زىيادە كۆڭۈل بۆلگەن كىشىمۇ ئاللاھنى ئەسلىشى ناتايىن. ئەگەر ئەسلىدى دېگەن تەقدىردىمۇ، جۈمە نامىزىغا قاتنىشىشتەك، قىسمەن ئاللاھنى ئەسلىتىدىغان ئىشلار بىلەنلا كۇپايىلىنىشى مۇمكىن. شۇڭىلاشقا، ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىمىز ۋە دۇنيالىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا تۇرمۇش تەقەززالىرى بىلەن دىنىي مەجبۇرىيەتلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىمىز ئۈچۈن، كۆپلەپ زىكىر ئېيتىشقا بۇيرۇغان ئىدى: «ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ئەتىگەن – ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار!»([13]).

7. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك

ئىمان ئاجىزلىقىدىن بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. نەتىجىدە، كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ياتلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، زۇلۇملىرى، ئومۇملىشىۋاتقان نامراتلىق، تۆكۈلۈۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرى قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دەردلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ دىيارلىرىنى ئازاد قىلىشنىغۇ ئەسلا ئويلاپ باقمايدۇ.

خۇلاسە كالام، يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەر ھەل قىلىنغاندىلا، ئاندىن قەلبلەردە ئىمان كۈچەيگۈسى ۋە مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھاياتى ئىسلاھ بولغىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئۆزىنىڭ مەغپىرىتىگە ئالدىراشقا ئەمر قىلغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار!»([14]).

مەنبە: ضعف الإيمان :الدلائل والعلاج بقلم:عبد العزيز كحيل – www.alukah.net.

تەرجىمىدە: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ.

2013. 9. 18

—————————–
([1]) «تەۋبە» سۈرىسى، 124 – ئايەت.
([2]) «ئەئراف» سۈرىسى، 201 – ئايەت.
([3]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 135 – ئايەت.
([4]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 133 – ئايەت.
([5]) «ھەدىد» سۈرىسى، 21 – ئايەت.
([6]) «نىسا» سۈرىسى، 142 – ئايەت.
([7]) «ئەلەق» سۈرىسى، 19 – ئايەت.
([8]) «ئەنكەبۇت» سۈرىسى، 45 – ئايەت.
([9]) «بەقەرە» سۈرىسى، 183 – ئايەت.
([10]) «تەۋبە» سۈرىسى، 103 – ئايەت.
([11]) «قاف» سۈرىسى، 37 – ئايەت.
([12]) «تەۋبە» سۈرىسى، 67 – ئايەت.
([13]) «ئەھزاب» سۈرىسى، 41 -، 42 – ئايەتلەر.
([14]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 133 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ