بىز ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا خىرىستىيانلاردىنمۇ يېقىن

لېكسىيەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:

ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى پەقەت بىرلا دىن ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تاكى بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىسلام دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. ھەقىقەتەن ئىسلام دىنى ئاللاھ تاللىغان بىردىنبىر دىندۇر. بۇ قېتىمقى لېكسىيىمىزدە «ئاللاھ ئۈچىنچى ئىلاھ، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېگەن ئېتىقادقا قارشى تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلەر ئورتاق چاقىرىق قىلغان ۋە ھەرخىل شېرىك ئەقىدىلەردىن پۈتۈنلەي يىراق بولغان دىن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان.

مۇسۇلمانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا خىرىستىيانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يېقىن. چۈنكى، ئۇلار ئىيسا ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھنىڭ مەريەمگە تاشلىغان كەلىمىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مۇسۇلمانلار ئاللاھ ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىدۇ، ئۇلاردىن بىرەرسىنىمۇ ئىنكار قىلمايدۇ. شۇڭا، كىمكى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىپ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ئالدى بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ.

* * *

بارلىق ماختاش ۋە مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن، ئاللاھ بىزلەرگە رەھمەت قىلغاي، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەي. بىز ئاللاھقا تەۋبە قىلىمىز، گۇناھلاردىن يىراق قىلىشىنى بىزنى پاناھىغا ئېلىشىنى تىلەيمىز. ئاللاھ كىمنىكى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپىدۇ، كىمكى ھىدايەتتىن مەھرۇم بولسا، ھىچ كىشى ئۇنى ھىدايەتكە باشلىيالمايدۇ. مەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، ئۇنىڭ تۇغۇلۇش ۋە تۇغۇشتىن پاك ۋە مۇستەسنا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن. يەنە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە، مەخلۇقاتلار ئىچىدىن تاللانغان ئەڭ يېقىن پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەقكە ئەمەل قىلدى، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزدى، قەۋمىگە نەسىھەت قىلدى ۋە ھەقكە دەۋەت قىلدى. ئۇنىڭ ھۆرمىتىدىن ئاللاھ باشلىرىمىزغا كېلىدىغان غەم – قايغۇلارنى ساقىت قىلدى. ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن تاكى ئاخىرقى نەپسىگىچە جىھاد قىلدى.

بىز ئاللاھدىن ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەيمىز، ئاللاھ بىزگە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىنىڭ يۈزىسىدىن بىزلەرگە چەكسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى. بارلىق دۇرۇت ۋە سالاملار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا، ساھابىلىرىگە، ئۇنىڭ ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن، ئۇنىڭ سۈننىتىنى تۇتۇپ ماڭغۇچىلارغا بولسۇن.

قەدىرلىك ئاتىلار ۋە سۆيۈملۈك بۇرادەرلەر، ئاللاھنىڭ سالامى ھەممىڭلارغا بولغاي. ھەربىر قەدىمىڭلار ياخشىلىق بىلەن بېسىلىپ، ئاللاھنىڭ جەننىتىگە ئېلىپ بارغاي. ئاللاھ سىلەرنى شۇ سەۋەبلىك مۇكاپاتلىغاي، مېنىمۇ ھەم شۇ قاتاردىن قىلغاي.

بىز ئاللاھقا قەتئىي بوي سۇنغان ھالدا، كۇپۇرلىقتىن پاناھ تىلەيمىز. مەن بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە مېنى ۋە سىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئاخىرەتتىمۇ بىزلەرنى دەۋەتچىلەرنىڭ داھىيسى بولغان، مەخلۇقاتلار ئىچىدىن تاللانغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن جەننەتتە جەم قىلىشىنى ۋە شۇخىل شەرەپكە ئېرىشتۈرۈشىنى تىلەيمەن. ئاللاھ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر، شۇنداق قىلىشقا قادىردۇر.

قەدىرلىك قېرىنداشلار «بىز ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا خىرىستىيانلاردىنمۇ بەكرەك يېقىن» دېگەن لېكسىيە تېمىسى بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ قۇتلۇق كېچىمىزدىكى شەرھلىمەكچى بولغان ئاساسىي مەسىلىمىزدۇر. مەن بۇرۇنقى ئادەتلەنگەن ئۇسۇلۇم بويىچە، بۇ قېتىمقى لېكسىيەمنى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا بۆلۈپ سۆزلىمەكچىمەن.

1. بارلىق پەيغەمبەرلەر قېرىنداشتۇر.

2. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دىنى ئىسلامدۇر.

3. پۈتكۈل خىرىستىيانلار ئازغۇنلاردۇر.

4. ئۇلۇغ ئاللاھ جەننەتنىڭ بىردىنبىر ئىگىسىدۇر.

بىرىنچى نۇقتا: بارلىق پەيغەمبەرلەر قېرىنداشتۇر.

سۆيۈملۈك قېرىنداشلار، پۈتكۈل خىرىستىيان  دۇنياسى ۋە ئاجىز، مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىۋاتقان مۇسۇلمانلار دۇنياسى بۈگۈنكى كۈندە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىملىرىدا، خىرىستىيانلارنىڭ ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھقا قاتتىق ھاقارەت كەلتۈرۈۋاتقانلىقىغا شاھىد بولۇپ تۇرماقتا. خىرىستىيانلار ئاللاھنى ھاقارەتلەپ، ئاللاھقا قەبىھ سۆزلەر بىلەن بەدناملارنى چاپلىماقتا.

«بۇ سۆزنىڭ (يامانلىقىدىن) ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ دەۋا قىلدى. بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھغا بەندە بولۇپ بوي سۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر. شەك شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگىلىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ»([1]).

گەرچە ئۇلار ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى، ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانىڭ ئۆزى ياكى ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسى دەپ دەۋا قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن ناھايىتىمۇ يىراق بولغان كىشىلەردۇر، ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمەيدىغانلاردۇر. شۇنداقلا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا تېخىمۇ يېقىن بولغان كىشىلەر بولسا پەقەت بىرلا ئىلاھقا ئىشەنگۈچىلەردۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمامى ۋە خوجىسى مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى كىشىلەر ئىچىدە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغا ئەڭ يېقىن كىشى ھېسابلىنىمەن» دېدى. ساھابىلىرى: قانداقچە ئى رەسۇلۇللاھ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ: «بارلىق پەيغەمبەرلەر بىر دىندىكى ئاتا تەرەپتىن قېرىنداشلاردۇر، ئىيسا بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمىگەن» دېدى([2]).

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرادەرلەر، بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۆزئارا قېرىنداشلاردىن بولۇپ، كىمكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. ئەگەر سىز ئىيساغا ئىشىنىپ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىشەنمىسىڭىز ئۇنداقتا، سىز ئالدى بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمىگەن بولىسىز. شۇنداقلا يەنە ئەگەر سىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلسىڭىز ئوخشاشلا، سىز ئالدى بىلەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئىنكار قىلغان بولىسىز. بىز بىرلىكتە قۇرئاننىڭ بۇ ئايەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى! ئاللاھ نوھ ئەلەيھىسسالامنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەر يوق ئىدى، نىھايەت قەۋمى ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېدى: «نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى»([3]).

شۇنىڭدەك، لوت ئەلەيھىسسالام زامانىدا قەۋمى ئۇنى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېدى: «لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى»([4]).

ئوخشاشلا، ئاد قەۋمى ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر پەيغەمبىرى  ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغاندا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېدى: «ئاد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى»([5]).

سەمۇد قەۋمى پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭغا قارىتا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېدى: «سەمۇد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى»([6]).

ھەقىقەتەنمۇ كىمكى بىرەر پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ شۈبھىسىزكى، بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بۇ ھەقىقەتنى مۇسۇلمانلارغا تەلىم بەرگەن، ئۇلارمۇ ھەم بۇنى قوبۇل قىلىپ بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ (مۇسۇلمانلارنىڭ) ئىمانىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ ئەمىلىنى قۇرئان كەرىمدىكى «بەقەرە» سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايىتىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھىچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز)» دەيدۇ. ئۇلار: «بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيدۇ»([7]).

بارلىق پەيغەمبەرلەر بىر دىندا ۋە ئاتىنىڭ بالىلىرى بولغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا دىنغا دەۋەت قىلغۇچى بىرلا توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى كارۋانلاردۇر. قەدىرلىك بۇرادەرلەر، بۇ يەردە ئاللاھنىڭ دىنى بۇددا، ياكى خىرىستىيان، ۋەياكى يەھۇدىي دەيدىغان گەپ يوق. ئاللاھنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تاكى سۆيۈملۇك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە ئىنسانلارغا يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان دىنى پەقەت ئىسلام دىنىدىن باشقىسى ئەمەس. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بۇ ھەقىقەتنى مۇسۇلمانلارغا تەلىم بەرگەن، ئۇلارمۇ ھەم بۇنى قوبۇل قىلىپ بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ (مۇسۇلمانلارنىڭ) ئىمانىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ ئەمىلىنى قۇرئان كەرىمدىكى «بەقەرە» سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايىتىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى»([8]). «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى)دۇر»([9]).

ئىككىنچى نۇقتا: ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دىنى ئىسلامدۇر.

ئىسلام دىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىمۇ؟ شۇنداق. ئىسلام دىنى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىمۇ؟ شۇنداق! ئىسلام دىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە يۈسۈپ ئەلەيھىسسالاملارنىڭ دىنىمۇ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق! ھەقىقەتەن ئاللاھ ئىنسانلار ئۈچۈن نازىل قىلغان دىن ئىسلام دىنىدۇر. قەدىرلىك بۇرادەرلەر، نۇھ ئەلەيھىسسالام باشقا دىننى ئەمەس، دەل ئىسلام دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. بىز بىرلىكتە بۇ مۇھىم نۇقتا ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. سىز مانا مۇشۇ پەيتتە ياراتقۇچىڭىزغا چەكسىز شۈكۈرلەر بىلەن سەجدە قىلىڭكى، ئۇ سىزنى مەخلۇقاتلار ئىچىدىن مۇسۇلمان بولۇشقا تاللىدى ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى قىلدى.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ««مەن (ئاللاھغا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى» ([10]).

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ ئىسلام دىنىغا چاقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا «بەقەرە» سۈرىسىدە: «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەئبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزەڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزەڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەججىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن» دېدى»([11]).

ئاندىن كېيىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك – شۆبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن» دېدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى. ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىننى (يەنى، ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى، ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» دېدى. يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇ ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا بوۋىلىرىڭ – ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھىي بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى»([12])

ياقۇپ ئەلەيھىسسالاممۇ ھەم ئىسلام دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا «بەقەرە» سۈرىسىدە ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان – زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار»([13]).

لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن، ئاللاھ ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! سىلەر نېمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار» دېدى. ئۇلار «بىز ھەقىقەتەن بىر گۇناھكار قەۋمنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق (يەنى، لۇت قەۋمىنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق) ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى، ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان)، لايدىن پۇشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز». (ھالاك بولمىسۇن دەپ لۇتنىڭ) شەھىرىدىكى (مۆمىنلەرنى) سىرتقا چىقىرىۋەتتۇق، بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق»([14]).

يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنى ئۈچۈن ئەۋەتىلدى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ: ›پەرۋەردىگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن‹ دېدى»([15]).

سۇلايمان ئەلەيھىسسالاممۇ ئىسلام دىنى بىلەن ئەۋەتىلدى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سەبە دۆلىتىنىڭ ئايال پادىشاھىنىڭ سۆزىنى بايان قىلىپ «نەمل» سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ (يەنى، بىلقىس) ئېيتتى: ›ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلايماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كېلىڭلار‹»([16]).

سەبە دۆلىتىنىڭ ئايال پادىشاھى بىلقىس ھەقىقەتنى تونىغاندىن كېيىن ئاللاھقا قايتتى. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ (يەنى، بىلقىس) ئېيتتى: ›پەرۋەردىگارىم، مەن ھەقىقەتەن (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ، قۇياشقا چوقۇنۇش بىلەن) ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم، سۇلايمان بىلەن بىللە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بويسۇندۇم (يەنى، سۇلايماننىڭ دىنىغا ئەگىشىپ ئىسلامغا كىردىم) ‹»([17]).

ئۇندىن باشقا مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ كەلدى. «يۇنۇس» سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «مۇسا: ›ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىڭلار (يەنى، ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار) ‹»([18]).

سېھىرگەرلەر ياراتقۇچىسىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاللاھقا يۈزلەندى، ئىسلامنى قوبۇل قىلدى. ئۇلارفىرئەۋىننىڭ تەھدىتى ۋە زۇلمىغا ئۇچرىغاندا ئاللاھدىن مۇنداق دەپ تىلىدى: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن»([19]).

شۇنداقلا ئىيسا ئەلەيھىسسالاممۇ خەلقىنى ئاللاھقا بويسۇنۇشقا چاقىرىپ ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلدى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئىيسا ئۇلار (يەنى، يەھۇدىيلار) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ ئۈچۈن (ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ» دېدى. ھەۋارىيلار (يەنى، ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر) ئېيتتى: «ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (پەيغەمبەرلىكىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز»([20]).

ئاللاھ چەكسىز قۇدرەت ئىگىسىدۇر، ئىيسا ئۇنىڭ بەندىسى بولۇپ، ھېچقاچان ئاللاھنىڭ تەڭدىشى بولالمايدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى ھەم ئىسلام دىنىدۇر.

ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن تاكى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە كىشىلەرگە ھېچبىر پەيغەمبەر ئەۋەتىلمىدى. ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى قىلىپ قالدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز ئاللاھنىڭ قۇللىرىمىز، ئاللاھقا ئىشىنىمىز، ئى ئىيسا! بىزنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولغىن» ئۇندىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى، خوجىسى ۋە ئىمامى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسلام دىنىنى ئېلىپ كەلدى. پەرۋەردىگارى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇنىڭغا مۇنۇلارنى ۋەھىي قىلدى: «كاپىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى يوقۇتىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم»([21]).

ئاللاھ قۇدرەت ئىگىسىدۇر. ھەتتاكى جىنلارمۇ ئاللاھنى تونۇپ مۇسۇلمان بولدى. «بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ. توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ»([22]). «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى)دۇر»([23]).

ئى ئىسلام دىنىنى سۆيىدىغان قىرىنداشلىرىم، مەن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، سىلەر تاكى بىرەر كاپىر قەۋمنىڭ دۆلىتىگە بېرىپ، ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ياراتقان نېمەتلىرىگە نەزەر سالمىغىچە، ئاللاھنىڭ قۇدرەت كامالىتى ۋە شەپقىتىنى ھەرگىزمۇ ھېس قىلالمايسىلەر. كاپىر قەۋملەر كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى بىلدى، ئاتوملارنى پارتلاتتى. راكىتا، ئايروپىلان ۋە ئالەم كېمىلىرىنى ياسىدى. ئالاقە ۋە قاتناش تىرانسىپورت ساھەسىدىكى تېخنىكىلارنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە تەرەققى قىلىشى نەتىجىسىدە، پۈتكۈل دۇنيا كىچىككىنە بىر يېزىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى بىلدى. ئەپسۇسكى، بۇ شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسىنى بىلمىدى. سۇبھاناللا، كاپىرلار بارچە نەرسىنى تونىدى، لېكىن ياراتقۇچىسى بولغان زاتنى تونىمىدى. ئەگەر سىز بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاددىي بىر ئاتىدىن: دىنىڭىز نېمە؟ دەپ سورىسىڭىز، ئىسلام دەيدۇ. ياراتقۇچىڭىز كىم؟ دىسىڭىز، ئاللاھ دەيدۇ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. سىز ئۇنىڭدىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنەمسىز؟ دىسىڭىز، ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. سىز ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەمنى ئەيىبلەمسىز؟ ئۇنىڭغا يەھۇدىيلار ئېيتقاندەك قەبىھ بوھتانلارنى مەنسۇپ قىلامسىز؟ دەپ سورىسىڭىز، ئۇ: ياق، ئاللاھ بىزنى ئۇنىڭدىن چەكلىگەن دەيدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا: بىر پوپ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتكە يۈزلىنىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ ئېڭىغا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىر مۇسۇلمان ئۇنىڭدىن: پەرۋەردىگارىڭىزنىڭ نامى بىلەن راست ئېيتىڭكى، ئەگەر ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ھامىلدار بولغانلىقى توغرىسىدا قىزىڭىزغا ھەقىقىي ۋە ساپ ھېكايىنى ئېيتىپ بەرمەكچى بولسىڭىز، قايسى كىتابتىن ئوقۇپ بېرىسىز؟ دەپ سورىغىنىدا، پوپ: پەرۋەردىگارىمنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن مەريەمنىڭ ھېكايىسىنى قىزىمغا قۇرئان كەرىمدىن ئوقۇپ بەرگەن دەپ جاۋاب بەرگەن.

سۇبھاناللا، بىر خىرىستىيان مۇرىتى مەريەمنىڭ ھېكايىسىنى قۇرئان كەرىمدىن يەنى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بېرىلگەن ئەڭ پاك، ئەڭ ساپ ۋە ئىشەنچىلىك كىتابتىن ئوقۇپ بەرگەن. بۇنىڭدىن قۇرئان كەرىمنىڭ قانچىلىك ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتكە ئىگە كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. مەن ئىلگىرى دەپ ئۆتكەندەك، رىئاللىقتىكى بىر ھەقىقىي ھېكايىنى يازماقچى بولغان كىشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە جىنايەتلەرنى يازماقچى بولسا چوقۇم ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ھېكايىلەرنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىنى ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىكى پاكلىق، سەمىمىيلىك، ھۆرمەت ۋە ئەدەپ – ئەخلاقلاردىن ئۈلگە ئىلىشى كېرەك.

ھەرقانداق بىر مىللەت رەزىل ۋە قەبىھ چاكىنىلىقلاردىن بىزار ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى ۋاقىت دەل بارلىق ئەمەل ۋە ئەخلاقلىرىمىزنى قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۈزىتىدىغان ۋاقىتتۇر.

ئىسلام دىنى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىدۇر. ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر ئىسلامدىن باشقا دىن بىلەن ئەۋەتىلگەن ئەمەس. ئاللاھ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىگە مۇنداق ۋەھىي قىلغان: «(ئى مۇھەممەد) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھىچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق»([24]).

ھۆرمەتلىكقېرىنداشلار! ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ غەمخورلىقىنى تۇنۇپ يىتەيلى! ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر بوۋاق تۇغۇلىشىدىنلا ئىسلام ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ. لېكىن، ئاتا – ئانىسى ئۇنى بۇددا ياكى خىرىستىيان ۋە ياكى ئاتەشپەرەس قىلىپ تەربىيەلەيدۇ»([25]).

بىر بالا يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسا، ئۇ يەھۇدىي بولۇپ چىقىدۇ ۋە ئۈزەيرنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. يەنە بىر بالا خىرىستىيان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسا، ئۇ خىرىستىيان بولۇپ چىقىدۇ ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. مەجۇسىي  ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بالا ئاتەشپەرەس بولۇپ چىقىدۇ – دە، ئوتقا چوقۇنىدىغان بولىدۇ. لېكىن، قېرىنداشلار، سىز ۋە مەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇق، شۇڭا، بىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى بىر دەپ جاكارلايمىز. پۈتكۈل ياخشىلىق كىم تەرەپتىن؟ ئەلۋەتتە، ئاللاھ تەرەپتىندۇر.

«ئۇلار ساڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، (ئۇلارغا) «سىلەر ماڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلارنى مىننەت قىلماڭلار، بەلكى ئاللاھ سىلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، ئەگەر سىلەر راست (مۆمىن) بولساڭلار»([26]).

ئى ئاللاھ! سەن بىزنى مۇسۇلمان قىلىپ تاللىغاندىن كېيىن، بىز سەندىن بىزگە رەھمەت قىلىشىڭنى ۋە ئىسلام دىنىدا قەدىمىمىزنى سابىت قىلىشىڭنى تىلەيمىز، بىزنى ئىسلام دىنى بىلەن قەبزى روھ قىلغىن، ئاخىرەتتە بىزنى ھەقىقىي مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئىسلام بايرىقى ئاستىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ خوجىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىرلىكتە تىرىلدۈرگىن. ئامىن!

ئۈچىنچى نۇقتا: پۈتكۈل خىرىستىيانلار ئازغۇنلاردۇر.

مەن ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمنىڭ خىرىستىيانلار توغرۇلۇق بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسەن شۇنداق كېسىپ ئېيتىمەنكى، پۈتكۈل خىرىستىيانلار ئازغۇنلاردۇر. ھەممىدىن بۇرۇن بىزگە شۇ ئېنىق بولسۇنكى، بۇ بىزنىڭ ئۇلۇغ دەستۇرىمىز قۇرئان كەرىم، بۇلار بىزنىڭ مەسجىدلىرىمىز ۋە ئۇلار مۇسۇلمانلار. بىلىشىمىز كېرەككى، مۇبارەك قۇرئان كەرىمنى ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇپ، مۇسۇلمانلارغا شەرھلەپ تەلىم بېرىش ئىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈن پەرزدۇر. شۈبھىسىزكى، زېمىندىكى ئاللاھنىڭ ئۆيلىرى دەل مەسجىدلەردۇر. بۇ مۇنازىرە قىلىش بىھاجەت بولغان بىر چۈشەنچە. ئەستە چىڭ تۇتايلىكى، مانا بۇ ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىكى مۇبارەك كىتابلار مۇسۇلمانلار ئۈچۈن نازىل قىلىنغان پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندۇر.

ئاللاھ ناھايىتى روشەن ئايەتلەر بىلەن پۈتكۈل خىرىستىيانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى خۇدا دەپ قىلغان دەۋالىرىنى ئازغۇنلۇق دەپ جاكارلىدى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى»([27]).

مانا بۇ ياراتقۇچىمىز ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندا ئېيتىلغان سۆزلەردۇر. تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىڭ:

«ئىسا: «ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى، ئاللاھدىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ» دېدى»([28]).

«ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىر بولغانلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلمامدۇ؟ ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟ ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەت (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش) پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايالدۇر، ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى (يەنى، ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا گۆش، سۆڭەك، تومۇر ۋە پەيلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى). ئۇلارغا (يەنى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ باتىللىقىغا) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغا قارىغىن»([29]).

«ئاللاھنى خىرىستۇس ياكى ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسى» دەيدىغانلارنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالا ئېنىق جاكارلىدى. ھەقىقەتەن بۇ خىرىستىيان مەزھەپلىرىنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا توقىغان ئازغۇن ئېتىقادىدۇر. ئۇلار ئىيسا پەيغەمبەرمۇ ئەمەس، بەندىمۇ ئەمەس دېيىشىدۇ. ئەگەر ئۇلاردىن ئۇنداقتا ئۇ كىم؟ دەپ سورالسا، ئۇلار: «ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ خوجايىنى، پەيغەمبەرلەرنى ياراتقۇچى ۋە ئۇلارنى ئەۋەتكۈچى، پەيغەمبەرلەرگە ياردەم بەرگۈچى، شۇنداقلا پەرىشتىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەگەر بىر كىشى خىرىستىيان دىنىغا كىرگەن بولسا، پوپ ئۇنى «پاكلاش» ئۈچۈن چىركاۋدىكى ئاتالمىش مۇقەددەس سۇنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا: «سەن بۇ سۇدا يۇيۇنماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقىڭغا ئىشىنىشىڭ، ئىيسانىڭ ئاللاھنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ مەريەمنىڭ رەھمىگە كىرگۈزۈلگەن روھ ئىكەنلىكى ھەمدە كرېستقا مىخلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە كۆمۈۋىتىلگەنلىكى، ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلىپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكى ھەمدە دادىسى ئاللاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئورۇن ئالغانلىقىغا، قىيامەت بولغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ مەخلۇقلىرىغا ياردەم قىلىپ ئۇلارنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىشىڭ كېرەك» دەيدۇ. ئاندىن پوپ ئۇ كىشىگە قاراپ تۇرۇپ: «سەن يۇقىرىقىلارغا ئىشىنەمسەن؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ كىشى «ھەئە» دېگەندىن كېيىن، پوپ داستىكى سۇدىن ئېلىپ ئۇ كىشىنىڭ بېشىغا چېچىپ، مەن مۇقەددەس ئاتا، مۇقەددەس ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن سېنى پاكلىدىم. خىرىستىيان بولدۇڭ، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىيسا ئىنسان بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئىلاھتىن ئىبارەت. بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ ئۇلارچە، ئىيسانىڭ ئاتىسى ئىلاھ بولغانلىقتىن ئۇمۇ ئىلاھ. ئانىسى ئىنسان بولغانلىقتىن ئۇ يەنە ئىنساندۇر. سۇبھاناللاھ! ھەقىقەتتە بولسا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى، مەريەمگە تاشلىغان كەلىمىسى ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن روھتۇر. ئاللاھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكايىسىنى قۇرئاندىكى نۇرغۇن ئايەتلەردە ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. ئالدى بىلەن ئاللاھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز تۇغۇلغانلىقىغا ھەيران بولغانلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىيسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ»([30]).

قېنى مەن سىلەردىن سوراپ باقاي، ئاتا ۋە ئانىنىڭ ۋاسىتىسىسىز يارىتىلغان ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن پەقەت ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز يارىتىلغان ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن قايسىسىنىڭ مۆجىزىلىك خاراكتىرى يۇقىرى؟ ھەقىقەت شۇكى، ئاتا – ئانىنىڭ ۋاسىتىسىسىز يارىتىلغان ئادەم ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئەجەبلىنىشىمىزگە بەكرەك لايىقتۇر. چۈنكى، بىزنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىمىزدە بالا چوقۇم ئاتا – ئانىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تۇغۇلىدۇ. بۇ ھەم ئاللاھ ئورناتقان قانۇنىيەت. ئاللاھ ھەم بۇ قانۇنىيەتنى بۇزۇشقا قادىردۇر، خۇددى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىش مىسالىغا ئوخشاش. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «(ئۇلارغا) قۇرئاندا مەريەم (قىسسىسى)نى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى. ئۇ پەردە تارتىپ كىشىلەردىن يۇشۇرۇندى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىزنى (يەنى، جىبرىل ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى. مەريەم ئېيتتى: ›مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سىغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)‹. جىبرىل ئېيتتى: ›مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسىمەن‹. مەريەم ئېيتتى: ›ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟‹ جىبرىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر.‹»([31]).

ئاللاھنىڭ كالامىنى تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭلار! ئۇ ئېيتىدۇكى:

«ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ›ۋۇجۇدقا كەل‹ دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ»([32]) ئاللاھ ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئۈستىدىكى مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى ئىسپاتلاشنى ۋە ئاسمان ۋە زېمىندا ئاللاھ ئۈچۈن مۇمكىن بولمايدىغان ھېچ قانداق بىر ئىشنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشنى ئىرادە قىلدى، مەريەم ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ھامىلىدار بولدى.

ئاللاھ ئىنسانلارنى مۇنداق تۆت خىل ئۇسۇلدا ياراتتى: ئادەم ئەلەيھىسسالام ئانا – ئانىنىڭ ۋاسىتىسىز يارىتىلدى. ھەۋۋا ئانىنىڭ ۋاسىتىسىز يارىتىلدى. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز يارىتىلدى. ئۇلاردىن باشقا بارلىق مەخلۇقات ئاتا – ئانىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يارىتىلدى. ئاللاھ بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل كائىناتقا ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

مەريەم ئانىسى تەرىپىدىن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئاتالغان بىر پاك قىز ئىدى. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن) ئازاد قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم، (بۇ نەزرەمنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن»»([33]).

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇنىڭ دۇئايىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا بىر قىز ئاتا قىلىدۇ. «ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: «ئى پەرۋەردىگارىم قىز تۇغدۇم» دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ»([34]) ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھ كىمنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئوبدان بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. «(ئۇ تەلەپ قىلغان) ئوغۇل (ئاتا قىلىنغان) قىزغا ئوخشاش ئەمەس (بەلكى بۇ قىز ئارتۇقتۇر)»([35]). ئۇ قىزىنى ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئاتىدى. «ئۇنى پەرۋەردىگارى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنىڭغا زەكەرىيانى كېپىل قىلدى (يەنى، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا زەكەرىيانى قويدى)»([36]). ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى بولغان زەكەرىيا ئەلەيھسسالامنىڭ مەريەم ئانىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا قويۇلغانلىقى، مەريەم ئانىمىزنىڭ قانچىلىك پاك ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. «زەكەرىيا ھەرقېتىم ئۇنىڭ ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم، بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى. مەريەم: «ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى» دەيتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە جاپا – مۇشەققەتسىزلا ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ»([37]).

مانا بۇ ئەڭ پاك ئاياللاردىن بولغان مەريەم ئانىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ئارقا كۆرۈنىشى، ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئارقىلىق ھۆرمەتلەنگەن. مەن ھەممىدىن قۇدرەتلىك ۋە ھىچ تەڭدىشى ۋە شېرىكى بولمىغان ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دىندا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە مەريەم، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدا ھۆرمەتلەنگەندەك قەدىرلەنمىگەن. ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئەرلەر ئىچىدىن كامالەتكە يەتكەنلەر كۆپ، لېكىن ئاياللار ئىچىدىن كامالەتكە يەتكەنلەر يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئىمراننىڭ قىزى مەريەم ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كامالەتكە يەتكەنلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ»([38]).

مەريەم ئانىمىزنىڭ كامالىتىنى كۆتۈرگەن بۇ سۆزنى كىمنىڭ ئېيتقانلىقىغا قاراپ باقايلى. ھەقىقەتەنمۇ ئىسلام دىنى ئادالەت ۋە ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلغاندىن، ئۇ ھەرقانداق بىر شەخسنىڭ ھوقۇقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاياللار ئىچىدىن ئىمراننىڭ قىزى مەريەم،پىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيەدىن باشقا ھېچبىر ئايال ئىسلامدا كامالەتكە يەتمىگەن، ئائىشەنىڭ باشقا ئاياللارغا قارىغاندا ئەۋزەللىكى شورپىنىڭ باشقا تاماققا قارىغاندىكى ئەۋزەللىكىگە ئوخشايدۇ».

مەن مۇسۇلمان ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەدىستىكى ئاللاھ ھۆرمەتلىگەن ئاشۇ ئاياللاردەك كامالەتكە يەتكەن ئاياللاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەريەمدە كۈندىن كۈنگە كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىۋاتقان ھامىلدارلىق ئالامىتى كۆرگەندىن كېيىن ياغاچچى يۈسۈف (ئۇ يەھۇدىيلار تەرىپىدىن مەريەم بىلەن پاھىشە قىلغان دەپ تۆھمەت قىلىنغان. ئاللاھ يەھۇدىيلارغا لەنەت قىلسۇن) ناھايىتى ئەجەبلىنىدۇ ۋە ئى مەريەم بۇ نېمە ئىش؟ دەپ سورايدۇ.

مېنىڭ بۇ يەردە ئالدى بىلەن قېرىنداشلارغا ئېيتىپ ئۆتمەكچى بولغىنىم، ئۆلىمالار مەريەمنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا توققۇز ئاي تولۇق ھامىلە بولغانلىقىدا ئىتتىپاققا كەلگەن. بىز شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمىزكى، ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالا مەريەم ئانىمىزنىڭ بىر مىنۇت ئىچىدە ھامىلىدار بولۇپ بىر مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەڭگىشىگە مۇۋەپپەق قىلىشقا قادىردۇر. چۈنكى، ئاسمان ۋە زېمىندا ئاللاھ ئۈچۈن مۇمكىن بولمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق. شۇنىڭدەك ئاللاھ مەريەمنىڭ نورمال ئاياللاردەك توققۇز ئاي ھامىلىدار بولۇپ ئاندىن يەڭگىشىنى ئىرادە قىلدى.

ياغاچچى يۈسۈف مەريەمدىن: ئى مەريەم! ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز پەرزەنت ۋۇجۇدقا كېلەمدۇ؟ ئۇرۇق بولماي زىرائەت ئۈنەمدۇ؟ سۇ بولماي زىرائەت ياشنامدۇ؟ دەپ سورىدى. ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق ۋە ئەدەپ بىلەن سورالغان بو سۇئاللارغا قاراپ بېقىڭلار. يۈسۈف سوئالىنى بىۋاسىتە سورىماستىن، پەردە ئىچىدە سورىدى. چۈنكى، ئۇ مەريەمنىڭ ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان بىر ئابىد ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. مەريەم ئېيتتى: شۇنداق ئى يۈسۈف. ئۇ يەنە: قانداقچە ئى مەريەم؟ دەپ سورىدى. مەريەم، ئى يۈسۈف، سەن ئاللاھنىڭ ئادەم ئاتىمىزنى ئاتا – ئانىنىڭ ۋاسىتىسىز ياراتقانلىقىنى، دۇنيادىكى بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئەڭ دەسلەپتە ئۇرۇقسىز ئۆستۈرگىنىنى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى سۇ ياكى يامغۇر بولمىغان ھالەتتە ياشناتقىنىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ دېدى. يۈسۈف، شۇنداق! ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىر قۇدرەت ئىگىسىدۇر، دېدى([39]).

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ياكى سەن تام، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان (خارابە) شەھەر (يەنى، بەيتۇلمۇقەددەس)دىن ئۆتكەن كىشىنى (يەنى، ئۇزەيرنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ (ئەجەبلىنىپ): «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. ئاللاھ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن) تىرىلدۈردى. ئاللاھ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «(بۇ ھالەتتە) قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس (تولۇق) يۈز يىل تۇردۇڭ! يېمەك – ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارىغىنكى، (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). (ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سېنى بىز كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىمىز». (يۇقىرىقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا (يەنى، ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى. «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. ئاللاھ «(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىغىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم لېكىن، كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى ئالغىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە توپلىغىن (يەنى، ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن)، ئاندىن ھەر بىر تاققا ئۇلاردىن بىر بۆلىكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار چاپسان كېلىدۇ». بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»([40])

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلىف.

——————————-
([1]) «مەريەم» سۈرىسى، 90 – 95 – ئايەتلەر.
([2]) «سەھىھۇ مۇسلىم».
([3]) «شۇئەرا» سۈرىسى، 105 – ئايەت.
([4]) «شۇئەرا» سۈرىسى، 160 – ئايەت.
([5]) «شۇئەرا» سۈرىسى، 123 – ئايەت.
([6]) «شۇئەرا» سۈرىسى، 141 – ئايەت.
([7]) «بەقەرە» سۈرىسى، 285 – ئايەت.
([8]) «بەقەرە» سۈرىسى، 285 – ئايەت.
([9]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 19 – ئايەت.
([10]) «يۇنۇس» سۈرىسى، 72 – ئايەت.
([11]) «بەقەرە» سۈرىسى، 127 – 128 – ئايەت.
([12]) «بەقەرە» سۈرىسى، 130 – 132 – ئايەتلەر.
([13]) «بەقەرە» سۈرىسى، 133 – ئايەت.
([14]) «زارىيات» سۈرىسى، 31 – 36 – ئايەتلەر.
([15]) «يۈسۈف» سۈرىسى، 101 – ئايەت.
([16]) «نەمل» سۈرىسى، 29 – 31 – ئايەت.
([17]) «نەمل» سۈرىسى، 44 – ئايەت.
([18]) «يۇنۇس» سۈرىسى، 84 – ئايەت.
([19]) «ئەئراف» سۈرىسى، 126 – ئايەت.
([20]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 52 – ئايەت.
([21]) «مائىدە» سۈرىسى، 3 – ئايەت.
([22]) «جىن» سۈرىسى، 14 – 15 – ئايەتلەر.
([23]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 19 – ئايەت.
([24]) «ئەنبىيا» سۈرىسى، 25 – ئايەت.
([25]) «سەھىھۇل بۇخارىي».
([26]) «ھۇجۇرات» سۈرىسى، 17 – ئايەت.
([27]) «مائىدە» سۈرىسى، 17 – ئايەت.
([28]) «مائىدە» سۈرىسى، 72 – ئايەت.
([29]) «مائىدە» سۈرىسى، 73 – 75 – ئايەتلەر.
([30]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 59 – ئايەت.
([31]) «مەريەم» سۈرىسى، 16 – 21 – ئايەتلەر.
([32]) «ياسىن» سۈرىسى، 82 – ئايەت.
([33]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 35 – ئايەت.
([34]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 36 – ئايەت.
([35]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 36 – ئايەت.
([36]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 37 – ئايەت.
([37]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 37 – ئايەت.
([38]) «سەھىھۇل بۇخارىي».
([39]) «تەپسىرى ئىبنى كەسىر»، 5 – توم، 222 – بەت.
([40]) «بەقەرە» سۈرىسى، 259 – 260 – ئايەتلەر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ