ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئېلىش جائىزمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئىجارىگە ئالغان دۇكان ياكى ئاشخانىلارنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئالىمىز. بۇ جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى (تۈركىيەدە ھاۋا پاراسى دېيىلىدۇ) دېگىنىمىز: ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ ئىجارىگە ئالغان ئورۇندىن پايدىلىنىش ھەققىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن ئالىدىغان ھەق([1]) بولۇپ، ئىجارە باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ياكى ئورۇننى بېزەش ۋە تەييارلاشقا خەجلىگەن چىقىممۇ بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىنىڭ بىرقانچە شەكلى بار بولۇپ، ئىسلام فىقھى كومىتېتى ھەر بىرىنىڭ ھۆكمىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان:

1.  بەزى جايلاردا بىر ئورۇننى يېڭىدىن ئىجارىگە بەرگەندە ئورۇننىڭ ئىگىسى ئىجارىگە ئالغۇچىدىن ئىجارە پۇلىدىن باشقا ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئالىدۇ، بۇ ماھىيەتتە ئىجارىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۇرۇس بولىدۇ. يېنىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا بۇ پۇلغا ئىجارە ھەققى ئەھكاملىرى ئىجرا قىلىنىدۇ ۋە ئىجارە پۇل بىلەن بىللە قايتۇرۇلىدۇ.

2.  ئىجارىگە بېرىلگەن ئورۇننىڭ ئىگىسى ئىجارە مۇددىتى توشماستا قالغان مۇددەتتە ئورۇننى بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىجارىگە ئالغۇچىغا پۇل بېرىشكە كېلىشسە جائىز بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۇ ئورۇندىن قالغان مۇددەتتە پايدىلىنىشتىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن ئالغان تۆلەمدىن ئىبارەت.

ئەمما ئىجارە مۇددىتى توشۇپ بۇرۇنقى توختامدا ئۆزلىكىدىن يېڭىلىنىدۇ دەپ توختاملاشمىغان ياكى توختام يېڭىلانمىغان تەقدىردە، ئىجارىگە ئالغۇچى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئالسا ھالال بولمايدۇ. چۈنكى مۇددەت توشقاندىن كېيىن ئورۇننىڭ ئىگىسى ئۆز مۈلكىگە ھەقلىق.

3.  ئىجارىگە ئالغۇچى مۇددەت توشماستا قالغان مۇددەت ئىچىدە باشقا بىرسىگە ئىجارىگە بەرگەن ۋە ئورۇننىڭ ئىگىسى بىلەن قىلغان توختامدا باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ ئىجارىگە بېرەلەيدۇ دېيىلگەن بولسا، كونا ئىجارىگە ئالغۇچى يېڭى ئىجارىگە ئالغۇچىدىن ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئالسا جائىز بولىدۇ. بۇنىڭدا يەنە شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىجرا قىلىنىۋاتقان قانۇنلارغىمۇ رىئايە قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى بەزى قانۇنلاردا ئىگىسىنىڭ رازىلىقىسىز بولمىسا ئىجارىگە ئالغۇچى باشقا بىرسىگە ئىجارىگە بېرەلمەيدۇ ھەم ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئالالمايدۇ.

4.  ئىجارىگە ئالغۇچى ئىجارە مۇددىتى توشقاندا باشقا بىرسىگە ئىجارىگە بەرگەن بولسا، ئىجارە مۇددىتى توشۇپ ئۇ ئورۇندىن پايدىلىنىش ھەققى قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئالسا جائىز بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇ ئورۇننى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىش ھەققىمۇ بولمايدۇ. ئورۇن ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ. ئىگىسى خالىسا ئىجارىگە بېرىدۇ([2]).

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2019. 8. 26

————————————-
([1]) «الفقه الإسلامي وأدلته» للزحيلي (7/5138).
([2]) قرار رقم: 31 (6/4) [1] بشأن بدل الخلو. مجمع الفقه الإسلامي في دورة مؤتمره الرابع بجدة في المملكة العربية السعودية من 18 ـ 22 جمادى الآخرة 1408هـ الموافق 1988م.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز