ھەجدىن كېيىن ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلماي يۇرتىغا قايتىشنىڭ ھۆكمى

ھەجدىن كېيىن ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلماي يۇرتىغا قايتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇ يىل ھەجدىن كېيىن يۇرتقا قايتىش ئالدىدا بىرقانچە ھاجىلىرىمىز ياشىنىپ قالغانلىق تۈپەيلى ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلالمىدى. يەنە بەزىلەر ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاپتۇبۇسقا ساقلاپ مەككەدە بىر كۈن قونۇپ قالدى. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەرەمنىڭ سىرتىدىن كەلگەن هاجىلار يۇرتلىرىغا قايتماقچى ياكى سەپەر قىلماقچى بولسا، شۇنداقلا مەككەلىكلەر ياكى ھەرەملىكلەر ھەرەمدىن سەپەر قىلماقچى بولسا، بەيتۇللاھ بىلەن خوشلىشىش، ۋىدالىشىش ئۈچۈن «ۋىدالىشىش تاۋاپى» قىلىشى كۆپچىلىك ئالىملار تۇتقان كۈچلۈك قاراش بويىچە ۋاجىب(1)بولۇپ، بۇ تاۋاپ ھەرەمنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ تاۋاپنى ئۆزرىسىز تۇرۇقلۇق ئادا قىلمىسا بىر قوي قان كېلىدۇ. بىر قوي قان قىلىشقا قۇربى يەتمىسە 10 كۈن روزا تۇتىدۇ. بۇ تاۋاپ «قايتىپ كېتىش تاۋاپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەككەلىك هاجىلار سەپەر قىلمايدىغان بولسا ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلمايدۇ.

ھەيزدار ۋە نىپاسدارلار ئىفازەت تاۋاپىنى(2) قىلغان، پاكلىنىشقا قەدەر كۈتۈپ تۇرالمايدىغان بولسا ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلىشى ئۇلارغا ۋاجىب بولمايدۇ. ئۆزرە سەۋەبىدىن بۇ تاۋاپنى قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قوي قان قىلىشىمۇ كېرەك بولمايدۇ. ئەمما، مەككەدىن قايتىشتىن بۇرۇن ھەيزدىن ساقىيىپ قالسا بۇ تاۋاپنى قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ.

ھەيزدار ۋە نىپاسدارلاردىن باشقا ئاغرىقچان، ھارغىن ۋە ياشانغان كىشىلەرگە بۇ رۇخسەت يوق. ئۇلار تاۋاپ قىلىشى كېرەك، تاۋاپ قىلالمىسا ئۇلارنى باشقىلار تاۋاپ قىلدۇرىدۇ. تاۋاپ قىلدۇرمىغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ بىر قوي قان قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ھەرەمنىڭ بېسىق بولۇپ كېتىشىمۇ ئۆزرە بولالمايدۇ. چۈنكى، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاغرىپ قالغاندا پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ھاجىلارنىڭ ئارقىسىدا ئۇلاغقا مىنىپ تاۋاپ قىلىڭ» دېگەن(3). ئەگەر باشقىلارمۇ ئۇنى كۆتۈرۈپ ياكى ھارۋىدا ئولتۇرغۇزۇپ تاۋاپ قىلدۇرالمايدىغان بولسا ئاندىن ھەيزدارغا ئوخشاش بىر قوي قان قىلمىسىمۇ بولىدۇ(4).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇكى: «كىشىلەر ھەر تەرەپتىن يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلىغان ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلماي تۇرۇپ ھېچكىم قايتمىسۇن› دېدى»(5).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يەنە: «هاجىلار بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشنى ئەڭ ئاخىرىدا قىلىشقا بۇيرۇلغان. لېكىن ھەيزدارغا يەڭگگىللىتىلگەن» دېگەن(6).

يۇقىرىقى ھەدىسلەرنىڭ بىرىنجىسىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاۋاپ قىلماي تۇرۇپ قايتىشتىن توسقان، ئىككىنجىسىدە ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلىشقا بۇيرۇغان. ھەيزدارغا يەڭگگىللىتىلگەن. مانا بۇلار مەزكۇر تاۋاپنىڭ ۋاجىبلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ ھەقتە ھەدىسلەر كۆپ، مەسىلەن، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ھەيزدار ئاياللاردىن باشقا ھېچكىم ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلماي تۇرۇپ قايتمىسۇن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەقەت ھەيزدار ئاياللارغىلا (ۋىدالىشىش ھەجىنى قىلماي تۇرۇپ قايتىشقا) رۇخسەت قىلغان» دېگەن (7).

يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇكى: «دادام ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹ھاجىلاردىن ھېچكىم بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلماستىن ھەرگىزمۇ قايتمىسۇن. چۈنكى، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىش ھەجنىڭ ئاخىرقى پائالىيىتىدۇر› دېگەن»(8).

مەككەدىن قايتىش ئالدىدا ئاخىرقى ئىش تاۋاپ قىلىش بولغاچقا، سەپەر قىلماقچى بولغاندىلا ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلىدۇ. ئاندىن سەپەرگە چىقىدۇ. تاۋاپ قىلىپ بولۇپ مەككەدە تىجارەت ياكى باشقا بىر ئىشى ئۈچۈن تۇرۇپ قالسا ئاخىرقى ئىشى تاۋاپ بولماي قالىدۇ. لېكىن ناماز ئوقۇش، ياكى ھەمراھلىرىنى ساقلاش، ياكى ماشىنا ساقلاش، ياكى غىزالىنىۋېلىش قاتارلىق زۆرۈر ئىشلار بۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كېتىپ قالسا يەنە بىر قېتىم تاۋاپ قىلىۋەتكىنى ياخشى.

ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلماي قايتقانلار ئەگەر مەككەدىن يىراقلاپ كەتمىگەنلا بولسا مەككەگە قايتىپ بۇ تاۋاپنى قىلىشى كېرەك. ئەمما قانچىلىك ئارىلىقتىن قايتىپ كېلىپ تاۋاپ قىلسا ھېساب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار. ھەنەفىي مەزھەبتە مىيقات دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىپ قالمىغانلا بولسا قايتىپ كېلىپ قىلسا بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ(9).

يەھيا ئىبنى سەئىد: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەجدىن قايتىپ، زەھران ئېغىزىغا بېرىپ بولغان بىر ئادەمنى ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلىپ كېلىش ئۈچۈن كەينىگە قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى» دېگەن(10).

ئەگەر يىراقلاپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن مەككەگە قايتالمايدىغان بولسا بۇ ئەھۋالدا يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، بىر قوي قان قىلسا ۋە ئۇنىڭ گۆشىنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بەرسە بولىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «كىمكى ھەج پائالىيەتلىرىدىن بىرەر ئىشنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى قىلماي قالسا بىر قوي قان قىلىۋەتسۇن» دېگەن(11).

بۇ قاننى چوقۇم ھەرەمدە قىلىشى كېرەكمۇ ياكى يۇرتىدا قىلسىمۇ بولامدۇ؟

بەزى ئالىملار بۇ قاننى چوقۇم ھەرەمدە قىلىشى كېرەك دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەزرىتى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ چېچىنى ئۆزرە سەۋەبلىك چۈشۈرۈش كېرەك بولۇپ قالغاندا ھەرەمنىڭ سىرتىدىكى سۇقيا دېگەن جايدا بىر قوي قان قىلغان. يەنە سەلەفلەردىن كەلگەن بىرقانچە بايانلاردىمۇ نەدە قىلسا بولۇۋېرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئومۇمىي دەلىللەرگە بىرمۇبىر نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇ قۇربانلىقنى نەدە قىلسا بولۇۋېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنىڭ دەلىلىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەجدىن قايتىدىغان چاغدا ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلمىغانلار يۇرتىغا بارغاندا كېچىكتۈرمەستىن بىر قوي قان قىلىۋەتسىمۇ، يۇرتىغا بېرىپ بولغۇچە تېلېفۇن قىلىپ يۇرتىدا ياكى باشقا يۇرتلاردا قان قىلدۇرسىمۇ بولىدۇ. بىر قوي قان قىلىشقا قۇربى يەتمىسە زۇلھەججە ئېيى چىقىپ كەتكىچە 10 كۈن روزا تۇتىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1440، 19 – زۇلھەججە / م. 2019، 20 – ئاۋغۇست

——————-
1. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 2/160؛ ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/155؛ ئەينىي: «ئەلبىنايە»، 1/265؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/403؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/12؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 26/204.
2. «ئىفازەت تاۋاپى» ھەجدىكى پەرز تاۋاپ بولۇپ، ئەرافاتتىن قايتقاندىن كېيىن قىلىنىدىغان بولغاچقا، «ئىفازەت»، يەنى «قايتىش تاۋاپى» دەپ ئاتالغان. بۇ تاۋاپ يەنە «پەرز تاۋاپ، زىيارەت تاۋاپى، ئاساسىي تاۋاپ ياكى كېتىش تاۋاپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1619)؛ «مۇسلىم»، (1276).
4. ئىبنى ھەجەر: «بۇلۇغۇل مەرام»، 3/391.
5. «مۇسلىم»، (1327).
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1755)؛ «مۇسلىم»، (1328).
7. «تىرمىزىي»، (944). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
8. «مالىك»، (829).
9. شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇغۇدەك مۇساپىگە بېرىپ قالمىغانلا بولسا قايتىپ تاۋاپ قىلسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
10. «مالىك»، (830).
11. «مالىك»، (905). «سەھىھ».

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ