رامازان ئايلىرىدا ۋاپات بولغانلار جەننەتكە كىرەمدۇ؟

رامازان ئايلىرىدا ۋاپات بولغانلار جەننەتكە كىرەمدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىر كىشىنىڭ: «رامازان ئايلىرىدا ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئوقۇغانمەن، دېگىنىنى ئاڭلىغانتىم. شۇنداق ھەدىس بارمۇ؟ ئۇنداقتا، ناماز ئوقۇمايدىغان، روزىمۇ تۇتمايدىغانلارمۇ مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ئايلاردا ۋاپات بولسا جەننەتكە كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

رامازان ئېيىدا ۋاپات بولغان كىشىگە ئالاھىدە مەرھەمەت ياكى مەغپىرەت قىلىنىپ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى ھەققىدە سەھىھ ھەدىس يوق. لېكىن، ئاخىرقى ئەمەلى ياخشى ئەمەل – ئىبادەت بىلەن ئاخىرلاشقان، تائەت – ئىبادەت قىلىۋاتقان ھالەتتە ۋاپات بولغان كىشى ھەققىدە ھەدىسلەر كەلگەن.

زەيد ئىبنى ۋەھب رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: راست سۆزلىگۈچى ھەم راست سۆز يەتكۈزۈلگۈچى زات بولغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە سۆزلەپ بەردىكى: «ھەربىرىڭلار ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا قىرىق كۈن جەملىنىدۇ. ئاندىن يەنە شۇنچىلىك كۈندە ئۇيۇل قان بولىدۇ. ئاندىن يەنە شۇنچىلىك كۈندە بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ. ئاندىن ئاللاھ بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، مۇنۇ تۆت نەرسىنى پۈتۈشكە بۇيرۇيدۇ: ئۇنىڭ ئەمەلى، رىزقى، ئەجەلى ۋە بەختلىك ياكى بەختسىزلىكى. ئاندىن ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىنىدۇ. شۇڭا، سىلەردىن بىر كىشى ئەھلى جەننەتنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ جەننەتكە كىرىشكە پەقەت بىر گەزلا قالغاندا، ئەينى چاغدا پۈتكەن پۈتۈك غالىب كېلىپ، ئەھلى دوزاخنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ دوزاخقا كىرىدۇ. بىر كىشى ئەھلى دوزاخنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ كېلىۋېتىپ، دوزاخقا كىرىشكە پەقەت بىر گەزلا قالغاندا، ئەينى چاغدا پۈتكەن پۈتۈك غالىب كېلىپ، ئەھلى جەننەتنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ جەننەتكە كىرىدۇ».(1)

يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ: ‹بىر ئاللاھتىن باشقا ھەق مەبۇد يوق› دەپ، ئاشۇ سۆزى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرسا، جەننەتكە كىرىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بىر كۈن روزا تۇتۇپ، ئاشۇ روزىسى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرسا، جەننەتكە كىرىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بىر سەدىقە بېرىپ، ئاشۇ سەدىقىسى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرسا، جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن.(2)

دېمەك، بۇ ھەدىسلەر روزا تۇتقان ھالىتىدە دۇنيادىن كېتىشنىڭ، يەنى دۇنيادىكى ئەمەللىرى تائەت – ئىبادەت بىلەن ئاياغلاشقاننىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «رامازان ئېيى كىرسە، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ» دېگەن.(3) يەنە بىر رىۋايەتتە: «رامازان كەلسە، جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ» دېگەن.(4) «سەھىھۇ مۇسلىم»نىڭ يەنە بىر رىۋايەتىدە: «رەھمەتنىڭ ئىشىكلىرى» دەپ كەلگەن.

بۇ سەھىھ ھەدىسلەردىن ئاسماننىڭ، جەننەتنىڭ ۋە رەھمەتنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ رامازان ئېيىدا ۋاپات بولغان ياكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېچىلىدىغانلىقى، رامازان ئېيىدا مەغپىرەت، ئەپۇ قىلىش كۆپ بولىدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، روزا تۇتۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ رامازاندا تۈگەپ كەتكەنلەرگە قارىتا خۇش پال ئالسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رامازان ئېيى مەغپىرەت ئېيى بولغاچقا، روزا تۇتقان، تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلغان مۇسۇلماننىڭ رامازان ئېيىدا جانابى ئاللاھنىڭ پەزلى – مەرھەمىتىگە نائىل بولۇشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 10 – رامازان / م. 2011، 10 – ئاۋغۇست

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 20  – نومۇرلۇق پەتۋا.

————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3208)؛ «مۇسلىم»، (2643).
2. «ئەھمەد»، (23372). ئالبانىي («سەھىھۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، 1/985) «سەھىھ» دېگەن.
3. «بۇخارىي»، (1899).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1898)؛ «مۇسلىم»، (1079).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ