خىرىستىيان دەۋەتچىسىدىن ئىسلام دەۋەتچىسىگە ئايلانغان يۈسۈف ئەستېس

(ھىجرىيە 1363 – …. / مىلادىيە 1944 – ….)

 

يۈسۈف ئەستېس (Yusuf Estes) 1944 – يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولۇپ، مۇسۇلمان بولغانغا قەدەر ئامېرىكا چېركاۋلىرىدا ۋەز – نەسىھەت قىلىدىغان خىرىستىيان دەۋەتچىسى ئىدى. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى جوسىف ئىدۋارد ئەستېس دېگەن ئىسمىنى يۈسۈف ئەستېسكە ئۆزگەرتكەن. خىرىستىيان دىنىنىڭ پىروتىستانت مەزھىپىدىكى ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1974 – يىلى گۈزەل – سەنئەت كەسپىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنىۋانىغا، كېيىن ئىلاھىيەت پەنلىرىدە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. مىسىرلىق مۇسۇلمان مۇھەممەد ئابدۇراھمان بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن 1991 – يىلى ئايالى، دادىسى ۋە دادىسىنىڭ ئايالى بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمان بولغان. ئاندىن شۇ يىلىدىن باشلاپ، تا 1998 – يىلىغىچە مىسىر، ماراكەش ۋە تۈركىيەلەردە ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام دىنىنى ئۆگەنگەن. ھازىر ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا دەۋەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئىنگىلىزچە بىر قانچە دەۋەت ۋە لېكسىيە پىلاستىنكىلىرى بار.

شەيخ كۆپىنچە ۋاقتىنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىش ۋە كىشىلەرگە دىنىي تەلىم – تەربىيە بېرىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. دەۋەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارچە ئىمكانىيەتلەرنى ھېچ ئىككىلەنمەي ئىشقا سالىدۇ. ئۇ دائىم ئاللاھنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان، سېلىق – سىپايە مۇئامىلە قىلىدىغان گۈزەل ئەخلاق ساھىبى بولغاچقا، ئۇنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرىدۇ. ئۇ شۇنچە ئالدىراشچىلىقى ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئەقىدە، ئىدىيە ۋە ئەخلاقىي تەرەپلەردىن چۈشكۈنلىشىۋاتقان بۇ جەمئىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بالىلىرىغا تەلىم – تەربىيە بېرىشنىمۇ چىڭ تۇتىدۇ. ئايالى ۋە قىزلىرى ئۆلچەملىك يوسۇندا ئورۇنىدۇ. شەيخ يۈسۈفنىڭ قولىدا مىڭلىغان كىشىلەر مۇسۇلمان بولغان. ئۇ قولىدا زادى قانچە ئادەمنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بەك كۆپ بولغاچقا ئېنىق قىلىپ ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىر قېتىم گېرمانىيەدە سۆزلىگەن لېكسىيەسىدە زالدىكى 1250 كىشىنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولىدۇ.

ئۇ خىرىستىيان دىنى توغرىسىدا ئىنتايىن ئەستايىدىل تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن سىرت ھىندى، يەھۇدىي، بۇددا دىنلىرى توغرىسىدىمۇ ئىزدەنگەن. ئۇ ئۇدا 30 يىل دادىسى بىلەن بىرلىكتە سودا قىلىپ نەچچە مىليون دوللار يىغقان بولغاچقا، ھاياتىنى تەتقىقات ۋە دەۋەتكىلا ئاتىۋەتكەن.

يۈسۈف ئەستېسنى چوڭ – كىچىك ھەممە كىشى ياخشى كۆرىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر خىل ئېقىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالىدۇ. ئۇمۇ ئۇلارغا ھەقىقىي ئىسلامنىڭ سىماسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇش جەريانى ھېكايە قىلىنغان «پوپلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى» دېگەن لېكسىيەسى ئەڭ تەسىرلىك لېكسىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ئاڭلىغان كىشى بىر ياندىن كۈلۈپ، يەنە بىر ياندىن يىغلاپ كېتىدۇ. ئۇ خىرىستىيان دىنىغا ئىنتايىن چىڭ ئېسىلىدىغان بىر خىرىستىيان ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، تىكساستا ئوقۇغان. شەيخ ئەستېسنىڭ ھەر خىل ئېقىم ۋە مەزھەپلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئىلىم سورۇنلىرى ۋە يىغىلىشلاردا سۆزلىگەن لېكسىيەسى بەزى پوپ ۋە خاخام[1]لارنى جەلپ قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ دۇنياغا ئەڭ تېز تارقىلىشىنىڭ سەۋەبىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان سۈزۈك ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا سۆزلەيتتى. ئۇ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان شىددەتلىك ھۇجۇم خاراكتېرىنى ئالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ئەستايىدىللىق بىلەن يۇمۇرىستىكىلىق يۇغۇرۇلغان ئۇسلۇبنى قوللىنىدىغان بولغاچقا، قولىدا نۇرغۇن كىشى مۇسۇلمان بولغان.

ئۆسۈپ يېتىلىشى

يۈسۈف ئەستېس ئۆزىنىڭ خىرىستىيان دىنىغا بولغان تونۇشىنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن رەسمىي ھالدا ئىلاھقا ئالاقىدار ئىزدىنىشىنى باشلايدۇ. دەسلەپتە خىرىستىيان دىنى ھەققىدە ئىزدەنگەندە جاۋابقا موھتاج بولىدىغان نۇرغۇن سوئاللار بىلەن باشلاپ، ئاخىرىدا دادىسىغا ئوخشاش خىرستىيان دىنىنىڭ دەۋەتچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. قوشۇمچە مۇزىكا تەشكىلاتلىرىدا چېركاۋ ئۈچۈن تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرەتتى. چۈنكى، ئۇنىڭغا يەتكەن ئۇچۇرلار ئۇنىڭ زېھنىدە مۇسۇلمانلارنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايدىغان، سايلىقتىكى قارا ساندۇققا ئوخشايدىغان ئۆيگە ئىبادەت قىلىدىغان بۇتپەرەستلەر؛ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئويلىمايدىغان كىشىلەرنى قارا – قويۇق ئۆلتۈرىدىغان ۋەھشىي تېررورچىلار دېگەن چۈشەنچىنى پەيدا قىلغان ئىدى.

ئۇنىڭ ئائىلىسى خىرستىيان دىنىغا ئىنتايىن چىڭ ئېسىلىدىغان ئائىلە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ياشايتتى. ئۇنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى چېركاۋ ۋە مەدرىسەلەرنى بىنا قىلىپلا قالماستىن، ئۆزلىرىنى خىرىستىيان دىنى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن كىشىلەر ئىدى. ئۇ دادىسى بىلەن بىرلىكتە شۇنچە كۆپ مال – دۇنيا تاپقان بولسىمۇ كۆڭلىنىڭ يەنە بىر يەرلىرى بىر خىل ئازادە ئەمەس ئىدى. بۇ خىل بىئارامچىلىقتىن پەقەت ھەقىقەتنى تونۇش ۋە ئۇ كۆرسەتكەن يولدا مېڭىش بىلەنلا قۇتۇلۇش مۇمكىن بولاتتى.

ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇش ھېكايەسى

ئۇ ئۆز ئۆيىدە مىسىرلىق مۇسۇلمان بىلەن ئىككى ئايچە ۋاقىتنى بىرگە ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە قەتئىي ئوخشىمايدىغان كىشىلەر بولغان مۇسۇلمانلار ھەققىدە بىلمەيدىغان نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىش سەۋەبلىك ئۆز ھايات يولىنى ۋە ياشاشنىڭ مەنىسىنى تېپىۋالىدۇ.

بىر كۈنى دادىسى ئۇنىڭغا: بۈگۈن بىزگە مىسىرلىق بىر كىشى كېلىدۇ، بىز ئۇنىڭ بىلەن ھەر خىل تاۋارلارنى ئېلىپ – سېتىپ تىجارەت قىلىمىز، دەيدۇ. يۈسۈف ئەستېس قاتتىق خۇشال بولۇپ، كۆڭلىدە: تىجارىتىمىزنى شىر تەنلىك ئادەمنىڭ زېمىنىغا قەدەر كېڭەيتىپ خەلقئارالىشىدىكەنمىز – دە، دەپ ئويلايدۇ. ئاندىن دادىسى ئۇنىڭغا يەنە: لېكىن، شۇنى دەپ قويۇشۇم كېرەككى، كەلمەكچى بولغان كىشى بىر مۇسۇلمان تىجارەتچى، دەيدۇ. يۈسۈف ئەندىككەن ھالدا: مۇسۇلمان؟! مەن مۇسۇلمان بىلەن ھەرگىز ئۇچراشمايمەن، دەيدۇ. دادىسى: ئۇچرىشىشىڭ كېرەك، دەيدۇ. يۈسۈف: ياق، دەيدۇ.

كېيىن ئاتىسىنىڭ ئۇچرىشىش تەكلىپىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە يۈسۈف تەستە ماقۇل كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇ دادىسى بىلەن بىر ئۆيدە بىللە تۇرىدىغان بولغاچقا، دادىسى بىلەن ئارىسىدا بىرەر كۆڭلۈسىزلىك يۈز بېرىپ قېلىپ ئۆيدە تۇرالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى كەلگەندە يۈسۈف «ئىسا بولسا پەرۋەردىگاردۇر» دېگەن خەت يېزىلغان شىلەپىنى كېيىپ، بىلىگە يوغان كرېستتىن بىرنى ئېسىپ، «ئىنجىل»دىن بىرنى كۆتۈرۈپ ئۇچرىشىش ئۈستىلىگە كېلىدۇ. ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ دىنى ھەققىدە سۆز ئېچىپ ئۆزىنىڭ كاللسىدىكى خۇنۈك چۈشەنچىلەرگە ئاساسەن ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلايدۇ. مىسىرلىق مۇسۇلمان بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك جىممىدىلا ئولتۇرىدۇ. يۈسۈف پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن ئۇنى ئۆيىدە ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. يۈسۈف، يۈسۈفنىڭ ئايالى ۋە يۈسۈفنىڭ دادىسى قاتارلىقلار تۇرىدىغان ئۆيگە بۇ مىسىرلىق مۇسۇلمانمۇ قوشۇلىدۇ. ئارقىدىن ئۇلار يەنە بىر كاتولىك مەزھىپىدىكى پوپنىمۇ مېھمان بولۇشقا چاقىرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۆت خىرىستىيان دەۋەتچىسى ۋە بىر مىسىرلىق ئادەتتىكى مۇسۇلماندىن تەركىب تاپقان بەش كىشى بولىدۇ. يۈسۈف ئەستېس بىلەن دادىسى خىرىستىيان دىنىنىڭ پروتىستانت مەزھىپىگە تەۋە. مېھمان بولۇپ كەلگەن پوپ كاتولىك. يۈسۈفنىڭ ئايالى بولسا زىئونىزىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇتەئەسسىپ ئايال ئىدى. يۈسۈف ئەستېسنىڭ دادىسى كىچىكىدىن باشلاپ «ئىنجىل»نى قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ چوڭ بولغان، چېركاۋلاردا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن نوپۇزلۇق خىرىستىيان دەۋەتچىسى ئىدى. كاتولىك مەزھىپىدىكى پوپ بولسا ئىككى ئامېرىكا قىتئەسىدە 12 يىللىق دەۋەت تەجرىبىسى بولغان تەجرىبىلىك پوپ ئىدى. ئەستېسنىڭ ئايالى زىئونىزىمغا مايىللىقى بىلەن تونۇلغان يېڭى «ئىنجىل»چىلارنىڭ مەزھىپىدە ئىدى. ئەستېسنىڭ ئۆزى «ئىنجىل»نى، خىرىستىيان مەزھەپلىرىنى تەتقىق قىلىپ، بىرىنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك مەزھىپى بولۇشقا تاللىغان، ئاخىرىدا شۇ ساھەدە يەنى ئىلاھىيەتشۇناسلىق پەنلىرىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئىدى.

«ئىنجىل» ۋە «قۇرئان كەرىم»

ئۆيدىكى بۇ خىرىستىيانلارنىڭ ھەر بىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان «ئىنجىل»لارنى قولىغا ئېلىپ، ئوخشىماسلىقلار ۋە خىرىستىيان ئەقىدىسى ھەققىدە داستىخان ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشاتتى. مەزكۇر مۇسۇلمان بولسا ئۇلارغا قاراپ ئولتۇراتتى ۋە ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى ئىختىلاپلاردىن ھەيران قالاتتى. ئەستېسنىڭ دادىسىدا شۇ مەزگىللەردە «پادىشاھ جېمىس نۇسخىسى»، ئەستېستا بولسا «رەيفازد ئېيدەيشىن نۇسخىسى»[2] بار ئىدى. كېيىنكى نۇسخا ئالدىنقى نۇسخىدا كۆپلىگەن خاتالىقلارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى. چۈنكى، خىرىستىيانلار «پادىشاھ جېمىس نۇسخىسى»دا كۆپلىگەن خاتالىقلارنىڭ بارلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن چوڭ خاتالىق دەپ قارالغان جايلارنى يېڭىۋاشتىن تۈزىتىپ قايتا يېزىپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئىدى. ئۈچىنچى خىل «ئىنجىل» ئەستېسنىڭ ئايالىدا بولۇپ، ئۇ ھازىرقى زاماندىكى پوپ جېيمىي سوقرات يېزىپ چىققان نۇسخىسى ئىدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جېيمىي سوقرات شەيخ ئەھمەد دىيدات بىلەن كشىلەرنىڭ ئالدىدا مۇنازىرىلەشكەن چاغدا، «مەن ‹ئىنجىل›نى پىششىق بىلمەيمەن» دېگەنىدى. «ئىنجىل»نى پىششىق بىلمەيدىغان كىشى قانداقسىگە پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا «ئىنجىل»دىن بىرنى يېزىپ چىقىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ؟! كاتولىك پوپنىڭ قولىدىكى «ئىنجىل» بولسا ئۇنىڭ ئۆز مەزھىپىگە خاس «ئىنجىل» بولۇپ، ئۇنىڭدا 73 باب بار ئىدى. پىروتىستانت مەزھىپىنىڭ «ئىنجىل»ى بولسا 66 بابتىن تەركىب تاپقان ئىدى. ھەممە «ئىنجىل»لار بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولغاننىڭ ئۈستىگە ھەربىرىنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپ ئىختىلاپلار بار ئىدى. ئەستېس مۇنداق دەيدۇ: بىز مۇھەممەد ئىسىملىك مىسىرلىق مۇسۇلماندىن سىلەر مۇسۇلمانلاردا قانچە خىل «قۇرئان كەرىم» بار، دەپ سورىدۇق. ئۇ: بىزدە «قۇرئان كەرىم» پەقەت بىر خىللا، 1400 نەچچە يىلدىن بېرى ئەرەبچە نازىل بولغان پېتىچىلا، دەپ جاۋاب بەردى. بۇ جاۋاب خۇددى چاقماققىلا ئوخشايتتى.

ھەقىقەت ئىزدەش

كاتولىك پوپ مەلۇم تەرەپتىن چېركاۋنىڭ رەت قىلىشىغا دۇچ كېلەتتى، چېركاۋنىڭ ئەقىدىسى بىلەن ئۇنىڭ مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىدە زىتلىقلار بار ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ مۇشۇ دىن، مۇشۇ مەزھەپ ئۈچۈن 12 يىل دەۋەت بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. ئەمما، ئۇ ئۇنى كەسكىن ھالدا توغرا ئەقىدە، دەپ قارىمايتتى. مۇھىم ئەقىدىۋى ئىشلاردا ئەكسىچە يول تۇتۇپ مېڭىۋېرەتتى. ئەستېسنىڭ دادىسى مەزكۇر مۇقەددەس كىتابنى كىشىلەر يېزىپ چىققان، ئۇ ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى ئەمەس، لېكىن كىشىلەر ئۇنى ۋەھىي دەپ ئويلاپ قېلىپ يېزىپ چىققان، دەپ قارايتتى. يۈسۈف ئەستېسنىڭ ئايالى ئۆزىنىڭ قولىدىكى «ئىنجىل»دا كۆپ خاتالىقلار بارلىقىغا ئىشىنەتتى – يۇ، بىراق بۇ «ئىنجىل» ئەسلىدە ئاللاھ تەرەپتىن نازىل بولغان، دەپ قارايتتى. ئەستېس بولسا «ئىنجىل»دا بەزى ئىشلار بار، ئۇنىڭغا كىشىنىڭ ئىشىنىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايتتى. ئۇ ئىشلارنىڭ بىرى شۇكى، ئۇ دائىم ئۆز – ئۆزىدىن ۋە باشقىلاردىن: ئىلاھ قانداقسىگە بىرلا ۋاقىتتا ھەم بىر، ھەم ئۈچ بولالايدۇ، دەپ سورايتتى. ئۇ بۇرۇن بۇنى ئالىم دەپ قارىلىدىغان مەشھۇر پوپلاردىنمۇ سورىغانىدى. ئۇلار بۇ سوئالغا تولىمۇ ئەخمىقانە جاۋابلارنى بېرىپلا ئۆتۈپ كەتكەنىدى، ئەقلى – ھوشى جايىدا كىشىنىڭ ئۇ جاۋابلارغا قايىل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ ئۇلارغا: مەن خىرىستىيان دەۋەتچىسى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ئۆزۈم قايىل بولماي تۇرۇپ قانداقمۇ كىشىلەرگە ئىلاھ بىرلا ۋاقىتتا ھەم بىر، ھەم ئۈچ دېيەلەيمەن. باشقىلارنى قانداق قايىل قىلالايمەن، دېگەنىدى.

بەزىلەر ئۇنىڭغا: بۇ مەسىلىدە بەك توختالما، بۇنى كىشىلەرگە گۇڭگا ھالىتىدە قالدۇرۇپ قوي ۋە ئۇلارغا: «بۇ چۈشەنگىلى بولمايدىغان، ئىمان ئېيتىش ۋاجىپ بولغان بىر ئىش» دېگىن، دەپ يول كۆرسىتەتتى. يەنە بەزىلەر ئۇنىڭغا: بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرەلىشىڭ مۇمكىن: بۇ ئالمىغا ئوخشايدۇ، ئالمىمۇ سىرتى تەرەپتىن پوستى، ئىچىدە ئېتى ۋە ئۇرۇقىدىن تەركىب تاپىدۇ، دەپ مەسلىھەت كۆرسىتەتتى. ئالما مىسالى ئەستېس مۇھەممەدكە مىسال قىلىپ كەلتۈرگەن مىساللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ جاۋابى ئۇلارنى قىيىن ئەھۋالدا قوياتتى. چۈنكى، ئۇ ئۇلارغا: ئەگەر ئالمىدا بىر قانچە ئۇرۇق بار بولسا، دېمەك، بىر قانچە ئىلاھ مەۋجۇت دېگەن گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدا قۇرت بولۇشى مۇمكىن. بەزىدە سېسىق چىقىشىمۇ مۇمكىن، دېگەنىدى. يۈسۈف ئەستېس: ئاندىن بىز ئۇنىڭغا شاكىلى، ئېقى ۋە سېرىقى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدىغان تۇخۇمنى مىسال قىلىپ كەلتۈردۇق. ئۇ: بۇمۇ ئىلاھنىڭ مىسالى بولالمايدۇ. چۈنكى، بەزىدە تۇخۇمنىڭ سېرىقى ئىككى چىقىپمۇ قالىدۇ – دە، بۇ، ئىلاھ كۆپ بولۇشىمۇ مۇمكىن دېگەنگە ئىشارەت بولالايدۇ. بەزىدە تېخى سېسىق چىقىپمۇ قالىدۇ. كېيىن ئۇلار ئۇنىڭغا يەنە نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرىدۇ، ئەمما ھەر قېتىم ئۇ ئۇلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

يۈسۈف ئەستېس خىرىستىيان دىنىنىڭ دەۋەتچىسى بولغاندىن بېرى «ئۈچ گەۋدىلىك بىر ئىلاھ نەزەرىيەسى»گە قايىل بولۇپ بولالماي، ئەقلى – ھوشى جايىدا ئىنساننى ئۇنىڭغا قايىل قىلالايدىغان بىرەرسىنى تېخى تاپالماي كەلگەن ئىدى.

مۇنازىرە ۋە ھىدايەت تېپىش

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، خىرىستىيان دىنى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە تۆتىمىز مىسىرلىق مۇسۇلمان مۇھەممەد بىلەن ئۆيىمىزدە بىر يەرگە كەلسەكلا ئەقىدە مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپ، ئۇنى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن خىرىستىيان بولۇشقا دەۋەت قىلاتتۇق. ئۇنىڭ جاۋابى ئېنىق ئىدى. ئۇ: سىلەرنىڭ دىنىڭلار مېنىڭ دىنىمدىن ئەۋزەللا بولسا مەن سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا كىرىشكە تەييار، دېگەنىدى. بىز: ئەلۋەتتە، ئەۋزەل، دېگەنىدۇق. ئۇ: مەن تەييار، ئەمىسە ماڭا ئۇنى دەلىل – پاكىت بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىڭلار، دېگەنىدى. مەن ئۇنىڭغا: بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدە دىننىڭ دەلىل – پاكىت ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن بولۇش – بولماسلىق دېگەن بىلەن ئىشى يوق. ئۇ پەقەت ماقۇل دەپ قوبۇل قىلىدىغانلا نەرسە، پەقەت ئىشىنىشتىنلا ئىبارەت. شۇڭا، ئۇنى مەن ساڭا قانداقمۇ دەلىل – پاكىت بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلەي؟! دېدىم. ئۇ مۇسۇلمان: بىراق، ئىسلام دىنى ئىشىنىدىغان، دەلىل – پاكىت بىلەن ئىسپاتلىنىدىغان، ئەقىلگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئاللاھتىن ۋەھىي قىلىنغان دىندۇر، دېدى. مەن ئۇنىڭغا: ئەگەر ئىسلام دىنى دەلىل – پاكىتلارنى ئاساس قىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، مەن سىلەردىن ئۆگىنەي ۋە بىلەي، دېدىم. ئاندىن بىز يەنە «ئۈچ گەۋدىلىك بىر ئىلاھ نەزەرىيەسى»گە كىرىشتۇق. ھەر بىرىمىز قولىمىزدىكى «ئىنجىل»نىڭ نۇسخىسىنى قايتا ۋاراقلاشقا باشلىدۇق. ئەمما، ئېنىق جاۋاب تاپالمىدۇق. ئاندىن مۇھەممەدتىن سورىدۇق: سىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلاھ ھەققىدىكى ئېتىقادىڭلار قانداق؟ مۇھەممەد: ﴿ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ يەككە – يېگانىدۇر. ئاللاھ ھېچقانداق مەخلۇققا موھتاج ئەمەس، ھەممە مەخلۇقات ئاللاھقا موھتاجدۇر. ئاللاھ بالىلىق بولغانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ﴾[3] دېدى. ئۇ بۇنى ئالدى بىلەن ئەرەبچە ئوقۇپ ئاندىن بىزگە تەرجىمە قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ ئەرەبچە ئوقۇغان ۋاقىتتىكى ئاۋازى يۈرىكىمنىڭ بېغىغا تەگكەن ئىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئاۋازى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. مەنىسىگە كەلسەك، مۇتلەق ھالدا بۇنىڭدىنمۇ روشەن، بۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل، بۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك، بۇنىڭدىنمۇ مېغىزلىق، بۇنىڭدىنمۇ مۇكەممەل چۈشەندۈرۈش بولمىسا كېرەك. بۇ ئىش بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن تۇيۇقسىزلىق بولدى. چۈنكى، بىز بۇ ۋە باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەردە خاتالىق ۋە زىتلىق ئىچىدە ياشاپ كەلگەن ئىكەنمىز.

كېيىن كاتولىك پوپ مۇھەممەدتىن مۇسۇلمانلارنىڭ نامىزىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن مەسجىدكە ئۆزىنىمۇ بىللە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئۇ ئۇنى ئېلىپ ئىككى قېتىم مەلۇم بىر ئىسلام مەركىزىگە بېرىپتۇ. ئۇ ئۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ تاھارەت ئېلىشىنى ۋە نامىزىنى كۆرۈپتۇ. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، بىز ئۇنىڭدىن: ئۇلار نامازدا قايسى مۇزىكىنى ئىشلىتىدىكەن؟ دەپ سورىدۇق. ئۇ پوپ: ھېچقانداق مۇزىكا ئىشلەتمەيدىكەن، دېدى. بىز ئەجەپلىنىپ: ئۇلار رەببىگە مۇزىكىسىز ناماز ئوقۇپ ئىبادەت قىلامدىكەن؟ دەپ سورىدۇق. كاتولىك پوپ: شۇنداق! گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، دەپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەن ئۇنىڭغا: نېمىشقا مۇسۇلمان بولىسەن؟ سەن نېمە قىلىۋاتقىنىڭنى بىلىۋاتامسەن؟ دېدىم. شۇنداق دېدىم – يۇ، ئىچىمدە «ئۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولسامچۇ! ئۇ ياخشى نەرسىدە ئالدىمغا ئۆتۈپ كەتتى» دەپ تولغىنىپ كەتتىم. ئاندىن دەرھال ئايالىم بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتىم. ئايالىم ماڭا: مەن سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمنى ئانچە ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالمايدىغاندەك قىلىمەن، دېدى. مەن: نېمىشقا؟ سىز مېنى مۇسۇلمان بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارامسىز؟ دېدىم. ئايالىم: ياق، ئەكسىچە مەن مۇسۇلمان بولۇپ كېتىدىغاندەك قىلىمەن، دېدى. مەن ئۇنىڭغا: ئەمەلىيەتتە، مېنىڭمۇ مۇسۇلمان بولغۇم بار، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىشىكتىن چىقىپ قىبلە تامان سەجدىگە ئۆزۈمنى ئاتتىم. دېدىمكى، «ئاللاھىم! مېنى ھىدايەت قىل». شۇ پەيتتە كۆكسۈمنىڭ ئىسلام ئۈچۈن ئېچىلغانلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم. ئۆيگە كىرىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ئېلان قىلدىم. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: مەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىمىزنى ئاۋۋال ئاللاھنىڭ پەزلىدىن، ئاندىن قالسا چىرايلىقچە دەۋەت قىلغان ئاشۇ مۇسۇلماندىكى ئېسىل ئۈلگىدىن بولدى، دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان مۇئامىلىسى باشتىن -ئاخىرى ياخشى بولدى. بۇ خۇددى بىزدىكى «سۆزدە ئەمەس، ئەمەلدە كۆرسەت» دېگەندەكلا ئىش بولغانىدى.

شەيخ يۈسۈف ئەستېس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى 1991 – يىلى مۇسۇلمان بولغان. دادىسى 2002 – يىللىرى ۋاپات بولغان. شەيخ يۈسۈف چاقلىق ئورۇندۇققا چۈشۈپ قالغان دادىسىنى نامازغا ئېلىپ كېلەتتى. ھەر كۈنى شەيخ يۈسۈفنىڭ قولىدا ئەڭ ئاز دېگەندە بىر كىشى مۇسۇلمان بولاتتى. بىر كۈنى ئۇ مېنىڭ يېنىمغا خۇشچىراي ھالدا كېلىپ: «بۈگۈن 60 كىشى مۇسۇلمان بولدى» دېگەنىدى. ئۇ پەقەت شاھادەتنى تەلقىن قىلىپ بېرىپلا توختاپ قالمايتتى. بەلكى، يېڭى مۇسۇلمانلارنى پات – پات يوقلاپ تۇراتتى، ئۇلارغا دىنىي جەھەتتىكى ئىشلاردا ياردەم قىلاتتى. بەزىدە بۇنىڭ ئۈچۈن سەپەرگە چىقىشقا توغرا كېلەتتى. ئۇنىڭ «ئىسلام ۋە تېررورلۇق»، «ئىسلامنى ساپ ھالەتتە تونۇشتۇرۇش»، «ئىسلامنى چۈشىنىش» قاتارلىق تېمىلاردىكى لېكسىيەلىرىنىڭ بىرنەچچە سىنلىق پىلاستىنكىلىرى بار.

شەيخنىڭ پائالىيەتلىرى

ئۇنىڭ بىر قانچە ئۈن تەخسىلىرى بار. مەسىلەن: «Daddy.. tell me about God» يەنى «دادا! ماڭا ئاللاھ ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭ» دېگەن پىلاستىنكىسى. بۇ پىلاستىنكىدا شەيخ بىلەن كىچىك قىزى ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئاللاھ ھەققىدىكى سوئال – جاۋابلار خاتىرىلەنگەن. شەيخ يۈسۈف مۇنداق دەيدۇ: مەن قىزىم بىلەن بولغان دىئالوگلارنى ئۈنگە ئالغان ۋاقتىمدا ئۇنى نەشر قىلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. ئۈنگە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قايتا ئاڭلىغان ۋاقتىمدا پايدىسى بارلىقىنى ھېس قىلىپ نەشر قىلدىم.

شەيخ يۈسۈف كۆپ ۋاقتىنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىش، كىشىلەرگە ئىلىم ئۆگىتىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. دېمىسىمۇ ئۇ دەل مۇشۇ ئىشنىڭ ئەھلى ئىدى. ئۇ بارلىقىنى دەۋەتكە ئاتىغان بىرى. شۇڭا، ۋاقتىنى پەقەت يا دەۋەتكە، يا مەنپەئەتلىك سۆھبەتكە، يا ياخشى ئىشقىلا سەرپ قىلىدۇ. ئۇ بالىلىرىنىڭ ئەقىدە، ئىدىيە، ئەخلاق قاتارلىق تەرەپلەردە چېكىنىپ كەتكەن جەمئىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەربىيەسىگە شەخسەن ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ ئايالى ۋە قىزلىرى ئۆلچەملىك ھالدا ئورۇنىدۇ.

ئۇ ئەرەبچە بىلمەيدۇ. بىراق، مۇسھەپكە قاراپ توغرا رەۋشتە قۇرئان ئوقۇيالايدۇ. دىنلار مەسىلىسىدە راۋۇرۇس بىلىمى بار. ئاللاھنىڭ پەزلى – مەرھەمىتى بىلەن باشقا دىندىكى مۇنازىرىچىسىنىڭ ئاسانلا ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ قويالايدۇ. سىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ھەدىس كىتابلىرىدىن تەرجىمە قىلىنغان بەزى ھەدىسلەرنىڭ رەت نومۇرىنى يادقا بىلىدىغانلىقىنى كۆرىسىز. شەيخ يۈسۈف ئەستېس يا فىقھىشۇناس، يا مۇفتىي سانالمايدۇ. ئۇ تولىمۇ كەمتەر بولۇپ، ئىلىم سورۇنلىرىغا ئىنتايىن ھېرىسمەن. ئۇ تۇرغان يېرىدە تەشكىللەنگەن دەرسلەرگە قاتنىشىپ، ئوقۇغۇچى – ئۇستازلاردىن پايدا ئالىدۇ. ئۇ سۈننەتكە ئىنتايىن چىڭ ئېسىلىدۇ. ئۇ يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشتە ئىنتايىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. مەن (يەنى ئاپتور) بىر قېتىم ئۇنىڭغا: ئىنگىلىز تىلىنى سىزگە ئوخشاش راۋان سۆزلىيەلىسەم دەيمەن، دېسەم، ئۇ: مەن ئىنگىلىزچە بىر ھەرپمۇ بىلمەي سىزگە ئوخشاش ئەرەبچە سۆزلىيەلىسەم دەيمەن، چۈنكى مەن رەببىمنىڭ سۆزىنى ئوقۇپ ئاڭقىرالىسام، مۇلاھىزە قىلالىسام دەيمەن، دېگەنىدى.

شەيخ رىيادتا ئېچىلغان مۇسۇلمان ياشلار خەلقئارالىق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقىلى بارغاندا رەبۋە مەھەللىسىدىكى دەۋەت ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلغان. رىيادنىڭ بەتھاغا جايلاشقان دەۋەت چېدىرىدا شەيخنىڭ قولىدا تۆت فىلىپپىنلىق مۇسۇلمان بولغان. بۇ 2002 – يىلى 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى جۈمە ئىدى. ئۇ يەنە ئامېرىكا تۈرمىلىرىدە دەۋەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، مۇسۇلمان بولغانلارنى يوقلاپ، ئۇلارغا دىن ۋە ئەقىدە ھەققىدە تەلىم – تەربىيە ئېلىپ باراتتى. ئۇلارغا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنى ھەدىيە قىلاتتى. بەزىدە ئۇلارغا ئەقىدە ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇنىڭ دەرىسىگە بەزى ۋاقىتلاردا مۇسۇلمان ئەمەسلەرمۇ قاتنىشىپ ھەر قېتىمىدا بىر قانچىسى مۇسۇلمان بولاتتى.

ئۇنىڭ تور بېتىنىڭ ئادرېسى islamtomorrow.com بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىسلامنى چۈشەندۈرۈش ۋە تونۇشتۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان نۇرغۇن پايدىلىق نەرسىلەر بار. شەيخنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىغا ھەر كۈنى يۈزدىن ئارتۇق خەت كېلىدۇ. ئۇ يېڭى مۇسۇلمان بولغانلارنى داۋاملىق يوقلاپ تۇرىدۇ، ئۇلارغا كېرەكلىك چۈشەنچە ۋە بىلىملەرنى ئۆگىتىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ. ئىشقىلىپ، ئۇ ئىنتايىن ئالدىراش بىر ھاياتنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ.

 

مەنبە: ۋېكپىدىيا

تەرجىمىدە: بىلىميار

———————————
[1] يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي ئۆلىمالىرى.
[2] مەنبە ھېسابلىنىدىغان يېڭى يېزىلغان «ئىنجىل»لار.
[3] «ئىخلاس» سۈرىسى، 1 _ 4 ئايەتلەر.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز