«تۈركىستان كېچىلىرى»نىڭ مۇئەللىپى، تالانتلىق ئەدىب نەجىب كەيلانىي

(ھىجرىيە 1350 – 1415 / مىلادىيە 1931 – 1995)

ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتى، ئىقتىدارى ۋە كۈچىگە بېقىپ ئورۇنلايدۇ.

ئەدىب ۋە شائىر دوكتور نەجىب كەيلانىي ھەقىقەتەنمۇ نېمىدېگەن ياخشى ئەدىب ۋە شائىر ئىدى – ھە! ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتىنى دىنى ئۈچۈن ۋە دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىكى مەزلۇم مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانىدى. ئۇنىڭ قىسسە – رومانلىرى، درامىلىرى ۋە شېئىر – ئەدەبىياتى ھەتتا ئۇنىڭ تېببىي كەسپى ھەممىسى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئىززەت، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتەنلىرى ئۈچۈن ھۆرىيەت ۋە ئىستىقلال تەلەپ قىلىدىغان مۇشۇ چوڭ نىشان ۋە مۇشۇ بۈيۈك غايە ئۈچۈن ئىدى.

كەيلانىي ئىسلامنىڭ پىكىر – ئىدىيەلىرىنى گۈزەل يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلام تارىخى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ رېئاللىقىنى توغرا ئىسلامىي تەسەۋۋۇر بىلەن چۈشەندۈرگەن ئۇتۇقلۇق ئەدىبلەردىن بولۇپ، بۇ ھال، خۇسۇسەن، ياش ئوغۇل – قىزلارنىڭ، ئومۇمەن، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇردى.

دوكتور نەجىب كەيلانىينىڭ «عمالقة الشمال (شىمال گىگانىتلىرى)»، «ليالي تركستان (تۈركىستان كېچىلىرى)»، «عذراء جاكرتا (جاكارتا قىزى)» دېگەن رومانلىرى بۈيۈك ئىسلام ۋەتىنىنىڭ ھەر تەرەپلىرىدىكى قىز – ئوغۇل ياشلار ۋە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى.

مىسىردا ئىسلام دەۋىتى مەيدانىدا خىزمەت قىلىدىغان قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش دوكتور كەيلانىيغىمۇ مۇسىبەت يېتىپ، ئۇزۇن مەزگىل تۈرمىگە تاشلانغان، ئاندىن قويۇپ بېرىلىپ، يەنە تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ھىجرىيە 1388 – يىلى، مىلادىيە 1968 – يىلى زالىملار دىيارىدىن ئايرىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دوختۇر بولۇپ، كېيىن سەھىيە ساغلاملىق مەدەنىيىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان.

ئۇ مىسىرلىق باشقا ئېسىل قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش يۇمۇرىستىك ئىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى، لېكسىيەلىرى ۋە يازمىلىرىنىڭ ھەممىسى يۇمۇرىستىك ئىدى.

ئۆسۈپ يېتىلىشى

دوكتور نەجىب كەيلانىي ھىجرىيە 1350 – يىلى، مىلادىيە 1931 – يىلى شەرشابە يېزىسىدا، دېھقان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ھىجرىيە 1369 – يىلى، مىلادىيە 1949 – يىلى تەنتادا تولۇق ئوتتۇرا دىپلومىغا ئېرىشىپ، قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ھىجرىيە 1375 – يىلى، مىلادىيە 1955 – يىلى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىگە قوشۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرقى ئوقۇش يىلى قولغا ئېلىنىپ، ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. شۇ جەرياندا ھەربىي تۈرمىدە، ئاسيۇت تۈرمىسىدە، قارا مەيدان تۈرمىسىدە، قاھىرە تۈرمىسىدە، ئەبۇ زەئبەل تۈرمىسى ۋە تۇرا تۈرمىسىدە ھەرخىل قىيناشلارغا دۇچار بولغان. ھىجرىيە 1379 – يىلى، مىلادىيە 1959 – يىلى ئىككى پۇتىنىڭ پەيلىرى تارتىشىپ، ساغلاملىقى ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن قويۇپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇشىنى قايتا داۋاملاشتۇرۇپ، ھىجرىيە 1380 – يىلى، مىلادىيە 1960 – يىلى تېببىي فاكۇلتىتنى پۈتتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېبابەت، ھېكايە – رومان ۋە دراما يېزىش كەسپىدە خىزمەت قىلىشقا ئاتلانغان. ھىجرىيە 1385 – يىلى، مىلادىيە 1965 – يىلى زالىم ئابدۇنناسىر زىيارەتكە بارغان موسكۋادىن ئىلگىرى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولغا ئېلىنىش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن، كەيلانىي يەنە بىر قېتىم تۈرمىگە كىرگەن، ھىجرىيە 1387 – يىلى، مىلادىيە 1967 – يىلى «ئالتە كۈن» ئۇرۇشى مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

تۈرمىلەردە تارتقان مۇشەققەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقنى ئۆچ كۆرۈشىگە، مېھىر – مۇھەببەت، كەڭ قورساقلىق ۋە ئىنسانلىقىنى ھۆرمەتلەش دېگەندەك قاراشلىرىغا چوڭ تەسىرى بولغان. شۇ جەھەتتىن، بۇ يۈكسەك ئىنسانىي خاراكتېر ئۇنىڭ پۈتۈن ئەدەبىياتىغا سىڭىپ كەتكەن.

ئىجادىيەتلىرى

نەجىب كەيلانىي ئىجادىيەتلىرىنىڭ موللۇقى، سەرخىللىقى ۋە يارقىنلىقى جەھەتتىن، ھازىرقى زامان ئىسلامچى ئەدىبلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. ئۇ رومان، قىسسە، شېئىر، ئوبزور، پىكىر – ئىدىيە ۋە تېبابەت ساھەلىرىدە 70 تىن ئارتۇق كىتاب يازغان بولۇپ، يازمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەركىن پەرۋاز قىلغۇچى تالانتلىق ئەدىب، شۇنداقلا ياخشىلىق، پەزىلەت، كەڭ قورساقلىقتىن ئىبارەت ئىنسانىي ۋە ئىسلامىي قىممەت قاراشلارغا چاقىرغۇچى ئىدى.

ئەدىب كەيلانىي دىن بىلەن پەن – ئەدەبىياتى ئارىسىدا ھېچبىر توقۇنۇش يوق، ئەگەر بار دېيىلسە، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان ياكى ئىسلامنىڭ كەڭ شەرىئىتىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان توقۇنۇش بار، چۈنكى ئىسلام پەنگە، ئەدەبىياتقا قارشى تۇرمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا تەرغىب قىلىدۇ، مۇسۇلمان دېگەن روھ ۋە تەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئىسلامىي ئەدەب – ئەخلاقلاردىن چىقىپ كەتمەيدىغان ئىش بولسىلا، روھى ۋە تېنىنىڭ ئارام ۋە ھۇزۇر ئېلىشىنى رەت قىلمايدۇ، دەپ قارايتتى.

ئۇ ناھايىتى خۇش پىچىم ۋە كەمتەر بولۇپ، كۈلۈمىسىرەپ تۇرۇشى، ئىللىق چىرايى، گۈزەل كېلەچەككە ئىشەنچ بىلەن بېقىشى، مۇۋازىنەتلىكلىكى، چوڭقۇر نەزىرى، تىمتاسلىقى، ساغلام لوگىكا، راۋان ئۇسلۇبى قاتارلىقلار ئۇنىڭ ھەربىر ھالەتلىرىدە، ھەتتا قاپقاراڭغۇ كامىرلاردىمۇ، زالىم جاللاتلارنىڭ قامچىلىرى ئاستىدىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدىغان سۈپەتلەر ئىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ھاياتىمنى شائىرلىق بىلەن باشلىدىم، پەقەت شېئىرلا يازاتتىم، شېئىرلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى سىياسىي ۋە ھېسسىي شېئىرلار ئىدى. كېيىن ھېكايە – قىسسىگە يۆتكىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىنى ۋە ئۇنىڭ مىسىر جەمئىيىتىگە، بولۇپمۇ مىسىرنىڭ يېزا – سەھرالىرىغا بولغان تەسىرىنى ئىپادىلەيدىغان ‹ئۇزۇن يول› دېگەن رومانىم بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ بىر مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى ئۇرۇنۇپ كۆرۈشۈم ئىدى. نەتىجىدە، تۈرمىدە تۇرۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم. تەلىيىمگە روماندىكى ئىسمىم تەخەللۇس ۋە مەخپىي رەقەم بولغاچقا، روماننىڭ بىر مەھبۇسنىڭ ئىكەنلىكى پەقەت نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاشكارىلاندى.

ئەرەب ۋە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ھەققىدە بىر بۆلۈك قىسقا ھېكايىلەرنى يازدىم، مەسىلەن: ‹أرض الأنبياء (پەيغەمبەرلەر زېمىنى)›، ‹عمر يظهر في القدس (قۇدۇستا نامايان بولغان ئۆمەر)›، ‹ليالي تركستان (تۈركىستان كېچىلىرى)›، ‹عمالقة الشمال (شىمال گىگانىتلىرى)›، ‹عذراء جاكرتا (جاكارتا قىزى)› قاتارلىقلار. ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشلىرى ھەققىدە ‹اليوم الموعود (ۋەدە قىلىنغان كۈن)› رومانىنى، ئىسلامنىڭ تۇنجى دەۋرى ھەققىدە ‹قاتل حمزة (ھەمزەنىڭ قاتىلى)› رومانىنى يازدىم».

ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى

ئۇنىڭ ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلاردىن:

1.     1958 – يىلى مىسىر مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بىرقانچە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

2.     1959 – يىلى تاھا ھۈسەين ئالتۇن مىدالى مۇكاپاتى.

3.     1972 – يىلى قاھىرە ئەرەب تىلى كومىتېتى مۇكاپاتى.

4.     1978 – يىلى پاكىستان رەئىسى تەرىپىدىن ئالتۇن مىدال مۇكاپاتى.

كەيلانىي ھەققىدە ئېيتىلغان گۇۋاھلىقلار

بىز بۇ يەردە، بۈيۈك ئۇستاز ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ «ئىسلام ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ دوكتور نەجىب كەيلانىي ھەققىدىكى ئالاھىدە سانىدا ئېيتقانلىرى بىلەن كۇپايىلىنىمىز:

«نەجىب كەيلانىينىڭ ھاياتى ئەدەبىي ئىجادىيەتلەرگە تولغان بولۇپ، ئۇ قەلىمى بىلەن پەن – ئەدەبىيات ئەھلىلىرىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەدەبىياتنىڭ جىمى قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ قىسسە – رومان يېزىشتا ئۆزگىچە يۆنىلىشكە ئىگە يازغۇچى ئىدى. ئۇ يازغۇچىلىقتا باشقا ئەدىبلەرگە ئوخشاش نوقۇل ھايات رېئاللىقىنى تەسۋىرلىگۈچى ئەمەس ئىدى، بەلكى ھايات رېئاللىقلىرىغا چارە تېپىپ ھەل قىلغۇچى ئىدى. ئۇنىڭ كۆپلىگەن قىسسە – رومانلىرى بىر ئەدىب ئۆزى ياشىغان ياكى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھايات رېئاللىقىدىن ئېلىنغان ئىدى. ئاندىن كەيلانىي شېئىر ساھەسىدە بەلگىلىك ئورنى بار شائىر ئىدى. ئۇ ئوبزور ۋە ئەدەبىي تەتقىقاتلار جەھەتتىمۇ قەلەم تەۋرەتكەن. ئۇنىڭ شەخسىي تەرجىمىھال يېزىش، ئىسلام ئەدەبىياتى ۋە ئىسلام تەسەۋۋۇرى ئىدىيەسىنى شەرھىلەش جەھەتتىمۇ تۆھپىسى بار. شۇ ئارقىلىق ئۇ ھەقىقەتەن ھازىرقى زامان ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىنىڭ بايراقدارلىرىدىن ۋە ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادكارلىرىدىن بولۇپ قالغانىدى.

كەيلانىينىڭ ھاياتى _ ئەدەبىي قىممىتى، ئورنى ۋە ئەدەبىي بايلىقى قانچىلىك بولۇپ كەتسۇن _ نوقۇل بىر ئەدىب ياكى بىر شائىرنىڭ ھاياتى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھاياتى ئىمان كەلىمىسى ۋە ھەق يولىدىكى بىر كۈرەشچان مۇجاھىدنىڭ ھاياتىدۇر. ئاللاھ ئىمان كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىشقا، شۇنداقلا ئىمان كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلغانلارنىڭ شەرىپىنى ئۈستۈن قىلىشقا ۋە ھەقنىڭ ئۈستۈن بولۇشى ئۈچۈن تىرىشقانلارنىڭ دەرىجىسىنى ئالىي قىلىشقا ۋەدە قىلغان. شۇ جەھەتتىن، كەيلانىينىڭ ئەسەرلىرىنىڭ باقىي قېلىشى، پەزىلەتلىرىنىڭ ياد ئېتىلىشى ئۇنىڭ ھەققىدۇر ھەم ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ ھەققىدۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋە پەزىلەتلىرى ھەق كەلىمە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا مېڭىشنى خالايدىغان يېڭى ئەۋلادلارغا رەھنامە بولغۇسىدۇر».

«تۈركىستان كېچىلىرى» رومانى

نەجىب كەيلانىي ئۆزىنىڭ بۇ تارىخىي رومانىنىڭ يېزىلىش سەۋەبىنى روماننىڭ بېشىدا ئازراق بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ مەككىگە ھەجگە بارىدۇ. بىر كۈنى پېشىن نامىزى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تۇرۇۋاتقان ئۆيىگە قايتىۋېتىپ، بىر كوچىنى ئارىلاپ قالىدۇ ۋە تەسۋى – جايناماز ساتىدىغان بىر كىچىك دۇكانغا كىرىدۇ. ئۇ 70 ياشتىن ئاشقان دۇكانداردىن:

–   سىز قايسى يۇرتتىن؟ – دەپ سورايدۇ. دۇكاندار:

–   ئاللاھنىڭ كەڭ يۇرتلىرىدىن – دەپ جاۋاب بېرىدۇ. كەيلانىي:

–   بىلىمەن، ئەمما سىز قايسى يۇرتنى دەۋاتىسىز؟ – دەپ سورايدۇ. دۇكاندار:

–   تۈركىستاندىن – دەپ جاۋاب بېرىدۇ. كەيلانىي:

–   ئۇ تۈركىيەگە تەۋە بىر جايمۇ؟ – دەپ سورايدۇ. دۇكاندار:

–   مۇسۇلمانلار ئۆز يۇرتلىرىنى بىلمەيدۇ. سىزنىڭ كەسپىىڭىز نېمە؟ – دەپ سورايدۇ. كەيلانىي:

–   مىسىردا دوختۇرمەن – دېگەندىن كېيىن، دۇكاندار:

–   ئەزھەر شەرىف يۇرتىدىمۇ؟ ياخشى! ئۇنداقتا، سىز چوقۇم ئىمام بۇخارى، پەيلاسوپ رەئىسى ئىبنى سىنا ۋە فارابى، يېتۈك ئالىم بېيرۇنىلارنى بىلىسىز، – دەيدۇ. كەيلانىي:

–   ئۇلارنى بىلىمەن، – دېگەندىن كېيىن، دۇكاندار:

–   ئاشۇلار مېنىڭ يۇرتۇمدىن، – دەيدۇ ۋە كەيلانىيغا ئىسمىنىڭ مۇستاپا مۇراد ھەزرەت ئىكەنلىكى، تۈركىستاننىڭ قانداق يەر ئىكەنلىكى، مۇستەملىكىچىلەر سەۋەبىدىن تۈركىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان دەپ ئىككىگە بۆلەنگەنلىكى، رۇسلارنىڭ غەربىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىپ، سوۋت ئىتتىپاقىغا قوشۇۋالغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننى بۇرۇن چىنلارنىڭ بېسىۋېلىپ ئۆزلىرىگە قوشۇۋالغانلىقى ۋە ئۇنى شىنجاڭ _ يېڭى زېمىن _ دەپ ئاتىغانلىقى، تۈركىستاننىڭ ئىككىلى تەرىپىنى كوممۇنىستلارنىڭ بېسىپ كەتكەنلىكى، مەدەنىيەت، تارىخ، كۈرەش ۋە شان – شەرەپ… جەھەتلەردە ئاللاھنىڭ ئەڭ كاتتا يۇرتلىرىدىن بولغان بىر ئىسلامىي يۇرتنىڭ مۇشۇنداق نابۇت بولۇپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئەندەلۇس ئىكەنلىكى… مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ئەيىبى ئۆز تارىخلىرىنى بىلمەيدىغانلىقى، ئۆز يۇرتلىرى توغرىسىدا پەقەت ئازغىنە بىر نەرسە بىلىدىغانلىقى… قاتارلىقلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ. دۇكاندار:

–   ھېكايە پاجىئەلەرگە تولغان ئۇزۇن بىر ھېكايە. ھەر يىلى ھاجىلار مەككىگە كېلىدۇ، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاپ بولۇپ، نەدىن كەلگەن بولسا شۇ پېتى قايتىپ كېتىدۇ… ھەج مۇسۇلمانلارغا مۇشۇنداق كېلىپ كېتىش ئۈچۈن پەرز قىلىنغانمۇ؟! مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن. بولقا – توقماقلارنىڭ ئېزىشلىرى ئارىسىدا قالغان شور پېشانە مۇسۇلمان خەلقنىڭ ھېكايىسىنى بۇ مۇقەددەس دىيارلارنى زيارەت قىلغىلى كەلگەنلەرگە كىممۇ ئاڭلىتىشىپ بېرەر ماڭا؟!

كەيلانىي ئاڭلىغانلىرىدىن يىغلاپ كېتىدۇ ۋە دۇكاندارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئاچچىق ھېكايىنى مۇسۇلمانلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن رومان يېزىشقا تۇتۇنىدۇ.

روماننىڭ قۇرۇلمىسى ئاسان، ۋەقەلەر بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئوقۇرمەننى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئوقۇرمەننىڭ قەلب قاتلىرى، روھى ۋە پىكرىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ. بۇ رومان تۈركچە ۋە پارسچىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، داڭ قازانغان. ئۇيغۇرچىغىمۇ بىر تەرجىمە قىلىنىپ، بېسىلىپ نەشر قىلىنغىچە ئارىلىقتا يوقاپ كەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

روماندىكى باش پىرسۇناژلار:

1.  خوجا نىياز ھاجى

2.  ئەمىر

3.  چولپانگۈل

4.  مۇستاپا مۇراد ھەزرەت (روماندىكى ئىسمى تۇرسۇن)

5.  مەنسۇر دورغا

6.  جىنشۇرىن

7.  قۇمۇل ۋاڭ

قوشۇمچە پىرسۇناژلار:

1.  خاتۇن

2.  چىنلى

3.  گېنېرال شېرىپخان

4.  شىڭ شېسەي

5.  مەركىزىي ئاخبارات باش مۇدىرى ھاجى ئەپەندى

6.  مۇستەملىكىچى چىننىڭ ساقچىسى باۋۇدۇن

7.  تۈركىستان جىھاد ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرىدىكى قوماندان گېنېرال ئوسمان باتۇر.

ئىجادىيەتلىرىنىڭ ھەرخىللىقى

بىز چوڭ ئەدىب دوكتور نەجىب كەيلانىينىڭ ئىجادىيەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ چۈشكۈنلۈك، شەھۋانىيلىق ۋە يالىڭاچچىلىقتىن يىراق ئىكەنلىكى، ئىسلام خەلقلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۈشكۈلاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايقايمىز.

رومان دۇنياسىدا ئۇ كىتابلىرىغا ئىسلام تارىخىنى سىڭدۈردى، مەسىلەن: ئۇنىڭ «نور الله (ئاللاھنىڭ نۇرى)»، «قاتل حمزة (ھەمزەنىڭ قاتىلى)»، «عمر يظهر في القدس (قۇدۇستا نامايان بولغان ئۆمەر)» قاتارلىق كىتابلىرى؛ ئىسلام خەلقلىرىنىڭ رېئاللىقىنى سىڭدۈردى، مەسىلەن: «عذراء جاكرتا (جاكارتا قىزى)». بۇ كىتابى 250 مىڭدىن كۆپ كىشى قۇربان بولغان، كوممۇنىزم بىلەن مۇسۇلمان ھىندىنوزىيە خەلقى ئارىسىدىكى شىددەتلىك ئۇرۇشنى تەسۋىرلىگەن. «ليالي تركستان (تۈركىستان كېچىلىرى)» كىتابىدا مەزلۇم مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۈشكۈلاتلىرىنى بايان قىلغان. «عمالقة الشمال (شىمال گىگانىتلىرى)» بۇ كىتابى نېگىرىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، نېگىرىيەلىك بىر ئېنژېنىر ئادەم مۇئەللىپكە: بۇ كىتاب نېگىرىيە ھەققىدە ئەڭ راست يېزىلغان كىتابلاردىن ئىكەن، سىز خۇددى بۇ قىيىنچىلىقلارنى ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەندەك يېزىپسىز» دېگەنىدى. ھالبۇكى، مۇئەللىپ نېگىرىيەگە بېرىپ باقمىغانىدى.

«الظل الأسود (قارا كۆلەڭگە)». بۇ كىتابى ھەبەشىستان (ئېفىئوپىيە) دىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇئەللىپ ئۇنىڭدا ھەتتا ئېفىئوپىيەلىكلەر ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدىغان نۇرغۇن تارىخىي ھەقىقەتلەرنى كەلتۈرگەن. مۇئەللىپ ئېرتېرىيە ئىنقىلابچىلىرىدىن تارىخىي ۋەسىقىلەرگە ئېرىشكەنىدى.

ھەر رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان بۇ قالتىس مېتود كەيلانىيغا خاس مېتود بولۇپ، كەيلانىي ئۇنىڭدا بايراقدار ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ رومانلىرىدا ئىسلام تارىخى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەندەك ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي رېئاللىقنىمۇ ئەكس ئەتتۈرگەن. مەسىلەن: ئۇنىڭ «امرأة عبد المتجلي (ئابدۇلمۇتەجەللىنىڭ ئايالى)»، «مملكة العنب (ئۈزۈم پادىشاھلىقى)»، «أقوال أبي الفتوح الشرقاوي (ئەبۇلفۇتۇھ ئەششەرقاۋىينىڭ سۆزلىرى)» قاتارلىقلار.

قىسقا ھېكايىلىرىدە بولسا تارىخ، رېئاللىق ۋە ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بىز بۇنى ئۇنىڭ «فارس هوازن (ھاۋازن چەۋەندازى)»، «موعدنا غدا (ئەتە بىزنىڭ ۋاقتىمىز)»، «حكايات طبيب (بىر دوختۇرنىڭ ھېكايىلىرى» … قاتارلىق كىتابلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز.

شېئىر بارىسىدا 10 دىۋان قالدۇرغان بولۇپ، ئۇلار: «عصر الشهداء (شېھىتلەر دەۋرى)»، «أغاني الغرباء (غېرىبلەرنىڭ ناخشىلىرى)»، «أغنيات الليل الطويل (ئۇزۇن كېچە غەزەللىرى)»، «مدينة الكبائر (چوڭ گۇناھلار شەھىرى)»، «نحو العلا (يۈكسەكلىككە قاراپ)»، «مهاجر (مۇھاجىر)»، «كيف ألقاك؟ (سەن بىلەن قانداق ئۇچرىشاي؟)» قاتارلىقلار.

تەنقىد ۋە ئوبزور ساھەسىدە: «الإسلامية والمذاهب الأدبية (ئىسلامىيەت ۋە ئەدەبىي ئېقىملار)»، «إقبال الشاعر الثائر (ئىنقىلابچى شائىر ئىقبال)»، «مدخل إلى الأدب الإسلامي (ئىسلام ئەدەبىياتىدىن دەسلەپكى ساۋات)»، «رحلتي مع الأدب الإسلامي (ئىسلام ئەدەبىياتى بىلەن قىلغان سەپىرىم»، «آفاق الأدب الإسلامي (ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ ئۇپۇقلىرى)» قاتارلىقلار بار.

دراما ساھەسىدە: «على أسوار دمشق (دىمەشق سېپىللىرىدا)»، «حول المسرح الإسلامي (ئىسلامچە دراما توغرىسىدا)»، «على أبواب الخير (ياخشىلىق ئىشىكلىرىدە)»، «نحو مسرح إسلامي (ئىسلامچە دراما ھەققىدە)» قاتارلىقلار بار.

پىكىر ساھاسىدە: «تحت راية الإسلام (ئىسلام بايرىقى ئاستىدا)»، «الطريق إلى اتحاد إسلامي (ئىسلامىي بىرلىشىش يولى)»، «أعداء الإسلامية (ئىسلامىيەت دۈشمەنلىرى)»، «حول الدين والدولة (دىن ۋە دۆلەت توغرىسىدا)» قاتارلىقلار.

ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق كەسپى بويىچە، «في رحاب الطب النبوي (پەيغەمبەر تېبابىتى سايىسىدا)»، «الدواء سلاح ذو حدين (دورا ئىككى بىسلىق قورال)»، «الصوم والصحة (روزا ۋە ساغلاملىق)»، «الغذاء والصحة (غىزا ۋە ساغلاملىق)»، «مستقبل العالم في صحة الطفل (دۇنيانىڭ بالىلار ساغلاملىقىدىكى كېلەچىكى)»، «احترس من ضغط الدم (قان بېسىمدىن پەخەس بولۇڭ)»، «الدين والصحة (دىن ۋە ساغلاملىق)» قاتارلىقلار كىتابلارنى يازغان.

ئۇنىڭدىن باشقا كىتابلىرى

«دموع الأمير»، «المجتمع المريض»، «ليالي السهاد»، «ليل وقضبان»، «في الظلام»، «قصة الأيدز»، «مملكة البلعوطي»، «الكابوس»، «مواكب الأحرار»، «نحن والإسلام»، «النداء الخالد»، «أهل الحميدية»، «الإسلامية والقوى المضادة»، «اعترافات عبد المتجلي»، «العالم الضيق»، «طلائع الفجر»، «الصوم والصحة»، «شوقي في ركب الخالدين»، «الإسلام وحركة الحياة»، «رجال الله»، «أدب الأطفال في ضوء الإسلام»، «رجال وذئاب»، «الرجل الذي آمن»، «حكايات جاد الله»، «حمامة السلام»، «حول القضية الفلسطينية»… قاتارلىقلار.

كەيلانىي 24 يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتىدىن كېيىن مىسىرغا قايتتى ۋە ئاخىرقى كۈنلىرىنى سەۋر – چىدام ئىچىدە راك كېسىلى بىلەن ئېلىشىپ ئۆتكۈزدى. ھىجرىيە 1415 – يىلى شەۋۋالنىڭ بەشىنچى كۈنى، مىلادىيە 1995 – يىلى 6 – مارت ۋاپات بولدى ۋە مىسىرغا دەپنە قىلىندى. دوكتور ھەسەن ئەمرانىي ئۇنىڭغا مۇنداق مەرسىيە ئوقۇغانىدى:

 

كەتتىڭ بۈگۈن كەيلانىي داغدا قالدى يۈرەكلەر،

مەرسىيەدىن ئۆرتىنىپ قان يىغلىدى بۇ كۆزلەر.

سەن كۈيلىگەن «جاكارتا» يۇلقۇنىدۇ ئاھ ئۇرۇپ،

ۋادەرىخ، دەپ «تۈركىستان» سۈر تارتىدۇ قايغۇرۇپ.

 

ئەدەبىيات بابىدا ياراتتىڭ بىر چوققىنى،

ئەلئېھراممۇ ھەتتاكى ئېگىپ تۇرار بېشىنى.

ئادالەتلىك قىلىچنى يالتىراتتىڭ ھەر زامان،

زالىملارنىڭ ھەيۋىسى بولدى يەر بىلەن يەكسان.

پەيغەمبەرگە تەلپۈنۈپ ھېچ يانمىدىڭ ئىزىدىن،

ئاجىزلارنى ئايلىنىپ كېتەلمىدىڭ بېشىدىن.

قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئىڭراپ ياتقان غېرىبلار،

ئۈمىدىنى يورۇتتى مەشئىلىڭنىڭ نۇرىدىن.

خىتاب قىلدىڭ يۈرەكتىن شىردەك غالىب شېھىتكە،

شېھىتلىكنىڭ شەربىتى بەلكى يەتتى ھەركىمگە.

ئەدىب كىمدۇر، ئوغلان كىم، دېگەن نىدا قىلىنسا،

ئۈنلۈك ھالدا «نەجىب» دەپ زۇۋان كىرەر زامانغا([1]).

 

مەزلۇملارغا كۆڭۈل بۆلگەن مەرھۇم ئەدىب نەجىب كەيلانىيغا مەزلۇملارنىڭ ئىگىسى ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ۋە مەغپىرەت قىلسۇن!

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1.     ئابدۇللاھ ئەقىل سۇلايمان ئەقىلنىڭ «من أعلام الدعوة والحركة الإسلامية المعاصرة» دېگەن كىتابى.

2.     نەجىب كەيلانىينىڭ «ليالي تركستان» رومانى.

3.     ۋېكېپىدىيا.

تەييارلىغۇچى: قاراخانىي

 

——————————
([1]) شېئىرنى تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنسىز

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز