دۇنياغا مەشھۇر خۇش ئاۋاز قارىي ئابدۇلباسىت ئابدۇسسەمەد

(ھىجرىيە 1346 _ 1409/ مىلادىيە 1927 _ 1988)

 

«مىسىر» دېسە كۆپىنچىمىزنىڭ ئېسىگە نىل دەرياسى بىلەن ئەلئېھرام ۋە شىر تەنلىك ئادەم ھەيكىلى كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇلاردىن باشقا مىسىرنىڭ بىزگە ئانچە تونۇش بولمىغان ئەڭ مۇھىم يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بار. ئۇ بولسىمۇ مىسىرنىڭ قارىيلار بۆشۈكى ئىكەنلىكىدۇر.

ھەقىقەتەن شۇنداق! قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە مىسىر ھەقىقەتەن قارىيلارنىڭ بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن. بەزىلىرىمىزگە تونۇشلۇق بولغان يېقىنقى زاماندىكى مۇھەممەد سىددىق مەنشاۋىي، مەھمۇد خەلىيل خۇسەرىي، مەھمۇد ئەلى ئەلبەننا، مۇستاپا ئىسمائىل، مۇھەممەد رەفئەت، مۇھەممەد ئەتتابلاۋى قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر قارىيلارنىڭ ھەممىسى مىسىردىن چىققان. بىز بۇ تەرجىمىھالدا قىسقىچە تونۇشۇپ چىقماقچى بولغىنىمىز بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاۋام خەلققە ئەڭ مەشھۇر بولغان خۇش ئاۋازلىق قۇرئان بۇلبۇلى ئابدۇلباسىت ئابدۇسسەمەدتۇر.

ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

قارىي ئابدۇلباسىت 1927 – يىلى مىسىرنىڭ شىمالىدىكى قىنا ۋىلايىتىنىڭ ئەرمەنت شەھىرىدە «قۇرئان كەرىم» ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بۇنداق دېيىشىمىز ئۇنىڭ بوۋىسى ۋە دادىسىنىڭمۇ تەجۋىدلىك قارىي بولغانلىقىدىندۇر. شەيخ ئابدۇلباسىت «قۇرئان كەرىم»نى 10 يېشىغا بارماي تۇرۇپلا مەھەللىسىدىكى شەيختە يادقا ئېلىپ بولغان. كېيىن شەيخ مۇھەممەد سەلىيمنىڭ قولىدا يەتتە خىل قىرائەت ئىلمى قاتارلىق «قۇرئان كەرىم»گە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئوقۇغان. ئۇ 12 ياشقا كىرە – كىرمەيلا ھەر خىل ئاممىۋى يىغىلىشلارغا تەكلىپ قىلىنىدىغان بولغان. چۈنكى، ئۇستازى مۇھەممەد سەلىيم بارغانلا يېرىدە ئابدۇلباسىتنىڭ تەرىپىنى قىلغان. كىشىلەر شەيخ مۇھەممەد سەلىيمنى چوڭ كۆرىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ماختىشى كىشىلەرنىڭ بالا ئابدۇلباسىتقا ئۈزۈلدۈرمەي تەكلىپنامىلەرنى ئەۋەتىشىگە تۈرتكە بولغان. ئۇ رامىزاندا خەتمىدىن ئۆتۈشكە باشلىغاندىن كېيىن ئەتراپقا تونۇلغان. ئۇ مەشھۇر قارىي مۇھەممەد رەفئەتنىڭ ئاۋازىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىش ئۇنىڭغا ھېچگەپ ئەمەس ئىدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: 10 يېشىمدا «قۇرئان كەرىم»نى يادلاپ بولغانىدىم، «قۇرئان كەرىم» تىلىمغا تولىمۇ يېنىك ئىدى. دادام قاتناش مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلاتتى. بوۋام ئەھلى ئىلىم كىشى ئىدى. مەن ئۇلارغا باشقا قىرائەتلەرنىمۇ ئۆگىنىش ئارزۇيۇم بارلىقىنى ئېيتتىم. ئۇلار ماڭا تەنتا شەھىرىگە بېرىپ شەيخ مۇھەممەد سەلىيمدە «قۇرئان» بىلىملىرى ۋە باشقا قىرائەتلەرنى ئۆگىنىش تەكلىپىنى بەردى. ئەرمەنت بىلەن تەنتانىڭ ئارىسى يىراق ئىدى. ئەمما، بۇ مېنىڭ ئىستىقبالىمغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، سەپەر تەييارلىقىنى باشلاپ كەتتىم. تەنتاغا يولغا چىقىشتىن بىر كۈن بۇرۇن شەيخ مۇھەممەد سەلىيمنىڭ ئەرمەنتكە دىنىي ئىنستىتۇتقا ئوقۇتقۇچى بولۇپ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. ئەرمەنتلىكلەر شەيخنى ئالاھىدە قىزغىن كۈتىۋالدى. چۈنكى، ئۇلار شەيخنىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە ئۇ ھەقتىكى ئىلىمدە قانچىلىك يۇقىرى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتى. تەقدىر گويا بۇ شەيخنى دەل ۋاقتىدا پەقەت بىز ئۈچۈنلا بۇ جايغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. يۇرت خەلقى ئۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم» يادلاش جەمئىيىتى قۇرۇپ بەرگەن ئىدى. شەيخ بۇ جايدا «قۇرئان كەرىم» يادلىتاتتى، «قۇرئان» ئىلىملىرى ۋە باشقا قىرائەتلەرنى ئۆگىتەتتى. مەن شەيخنىڭ قېشىغا بېرىپ شەيخكە «قۇرئان»نى باشتىن – ئاياغ بىر ئوقۇپ ئۆتكۈزدۈم. ئاندىن يەتتە خىل قىرائەت ئىلمىگە خاس بولغان «الشاطبية (ئەششاتىبىييە)» دېگەن كىتابنىڭ تېكىستىنى يادلىدىم.

مۇراسىمدىكى ياش قارىي

شەيخ ئابدۇلباسىتنىڭ 1950 – يىلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەۋرىسى (فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قىزى) ھەزرىتى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانى خاتىرلەش مۇراسىمىغا قەدەم تەشرىپ قىلىش ئۈچۈن قاھىرەگە كەلگەندىن باشلاپ رەسمىي ھالدا داڭقى چىققان. بۇ مۇراسىم بۇ «يۇلتۇز»نىڭ چاقنىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان. مۇراسىمدا مەسجىد ئىمامى ئۇنى قىرائەت كۇرسىغا تەكلىپ قىلغان. ئۇ دەسلەپ ئۆزىدىن چوڭ، ئۇستاز ھېسابلىنىدىغان قارىيلار ۋە شۇنچىۋالا كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشتىن يالتىيىپ بىر ئاز ئىككىلىنىشتە بولغان، ئەمما مەسجىد ئىمامىنىڭ قايتا – قايتا تەكلىپ قىلىپ رىغبەتلەندۈرىشى بىلەن قىرائەت كۇرسىغا چىققان. كىشىلەر چوڭ – چوڭ قارىيلار بار تۇرۇپ ھېچ ئىككىلەنمەي ئالدىغا چىققان بۇ يىگىتنىڭ بۇ ئىشىدىن بىر ئاز تەئەججۈپلەنگەن. كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىككەن. ئۇ قىرائەت كۇرسىغا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن «ئەھزاب» سۈرىسىنىڭ: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پەيغەمبەرگە رەھمەت قىلىدۇ، پەرشتىلەرمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ؛ ئى مۆمىنلەر! سىلەرمۇ پەيغەمبەر ئۈچۈن دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار﴾[1] دېگەن ئايىتىدىن باشلاپ ئوقۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ ھەيران قالارلىق تالانتى ۋە ئىنتايىن يېقىملىق قىرائىتىگە مەھلىيا بولىدۇ. ئەسلىدە 10 مىنۇت قىلىپ بېكىتىلگەن ئوقۇش ۋاقتى كىشىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئىككى سائەتتىن كۆپرەككە ئۇزارتىلىدۇ. ئارىلىقتا بىرئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن يەنە تا تاڭ ئاتقانغا قەدەر ئوقۇيدۇ. كىشىلەر بۇ قارىينىڭ مۆجىزە كەبى خۇش ئاۋازىغا مەستخۇش بولىدۇ ۋە پۈتكۈل مەسجىد ئۇلارنىڭ مەدھىيە – ئالقىشلىرىدىن، «ئاللاھۇ ئەكبەر!»، «ئاللاھ سەندىن رازى بولسۇن!» دېگەن سادالاردىن تىتىرەپ كېتىدۇ. ئاۋازى كىشىلەرنى ئۆزىگە رام قىلىپلىۋالىدۇ.

«مىسىر رادىئوسى»نىڭ ئەڭ ياش قارىيسى

«سەييىدە زەينەب جامىئەسى»دىكى تىلاۋىتىدىن كېيىن ئۇنىڭغا شەيخ دەببادىن «مىسىر رادىئوسى»دا تىلاۋەت قىلىش تەكلىپى كېلىدۇ. ئۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىدۇ. كېيىن رادىئو ئۇزېلىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇنىڭغا رادىئونىڭ رەسمىي قارىيسى بولۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ ۋە ئۇ شۇنىڭ بىلەن مىسىر رادىئوسىنىڭ رەسمىي قارىيسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ رادىئودا تۇنجى تىلاۋەت قىلىشى بىلەن نامى پۈتۈن مىسىرغا، ئاندىن پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا پۇر كېتىدۇ. ئۇنىڭ تىلاۋەت قىلىدىغان مۇقىم ۋاقتى ھەر شەنبە كەچ ئىدى.

ئۇ رادىئودا تىلاۋەت قىلىشقا باشلاپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن رادىئو ئۇزېلىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلى يۇرتى ئەرمەنتتىن قاھىرەنىڭ سەييىدە زەينەب مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. كېيىن مىسىردىكى مەسجىدلەردە يۆتكىلىپ يۈرۈپ مىسىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»گە بولغان تەشنالىقىنى بىر ئاز بولسىمۇ قاندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئۇنىڭ خەلقئارالىق زىيارەتلىرى

ئۇ رادىئوغا كىرىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن ئۇنىڭغا تەكلىپنامىلەر كېلىشكە باشلايدۇ. 1952 – يىلى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن دادىسى بىلەن بىللە مەككە مۇكەررەمەگە سەپەر قىلىدۇ. ئۇ سەئۇدىيدا تەكلىپكە بىنائەن تاراتقۇلاردا تارقىتىلىشى ئۈچۈن بىر بۆلۈك قىرائەتلىرىنى ئۈنگە ئېلىپ بېرىدۇ، ھەرەم مەسجىدىدە، مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى پەيغەمبەر مەسجىدىدە تىلاۋەت قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا «مەككە ئاۋازى» دېگەن نام بېرىلىدۇ. ئۇ سەئۇدىيدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بىر قانچە قېتىم زىيارەتتە بولىدۇ.

ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە تەكلىپكە بىنائەن زىيارەتتە بولىدۇ. نەگىلا بارمىسۇن شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ئۇنى ئالاھىدە كۈتىۋالىدۇ ۋە تىلاۋىتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قارشى ئالىدۇ. مەسىلەن، پاكىستانغا تەكلىپ قىلىنغاندا شۇ ۋاقىتتىكى پاكىستاننىڭ رەئىسى شەخسەن ئۆزى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتىۋالغان ۋە شەيخ تېخى ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ بولالماستىلا ئالدىغا بېرىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن. ھىندونىزىيەگە بارغاندا پايتەخت جاكارتادىكى ئەڭ چوڭ مەسجىدتە قىرائەت قىلغان بولۇپ، مەسجىدنىڭ ئىچىلا ئەمەس، بەلكى ئۆپچۆرىلىرىمۇ قىرائەت ئاڭلاشقا كەلگەن ئادەملەر بىلەن لىققىدە تولۇپ كەتكەن. مەسجىد سىرتىدىكى ئادەملەر بىر كۋادرات كىلومېتىر دائىرىگىچە سوزۇلغان بولۇپ، تا تاڭ ئاتقانغا قەدەر ئۆرە تۇرۇپ شەيخنىڭ قىرائىتىنى تىڭشىغان. بۇنداق ئىش باشقا دۆلەتلەردىمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن.

ئۇ ئەرەب – ئىسلام دۆلەتلىرىدىن باشقا يەنە ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى بىرما، مالايسىيا، ئافغانىستان، جەنۇبىي ئافرىقا… قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، فىرانسىيە، لوندون، ھىندىستان قاتارلىق نۇرغۇن جايلارنىمۇ زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن مۇسۇلمانلار دىيارى ئاساسەن قالمىغان.

ئۇ ئېرىشكەن ھۆرمەتلەر

شەيخ ئابدۇلباسىت ھېچقانداق قارىي ئېرىشىپ باقمىغان قەدرلەشكە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقتىنى پەقەت «قۇرئان كەرىم» ئوقۇش بىلەنلا ئۆتكۈزگەنلىكى، خۇش ئاۋازلىق بولغىنىدىن باشقا يەنە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت ساھىبى بولغانلىقىدىندۇر، ئەلۋەتتە. بۇ يېرىم ئەسىر جەريانىدا ئۇ غايەت زور ساندىكى كىشىلەرنىڭ دۇئايى – تىلەكلىرى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە نائىل بولغاندىن سىرت ئۇلارنىڭ تەقدىرلىشىگىمۇ ئېرىشكەن. كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغىنى شۇكى، بۇ ھۆرمەت ۋە قەدىرلەشلەر ۋاقىت ئۆتكەنسېرى سۇسلاشماقتا يوق، بەلكى تېخىمۇ ئارتىپ بېرىۋاتىدۇ.

ئۇ ھايات ۋاقتىدا يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كۆپلىگەن مېداللىرىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

·       1959 – يىلى سۈرىيەنىڭ باش ۋەزىرى بەرگەن مېدال.

·       1965 – يىلى مالايسىيا ھۆكۈمىتى بەرگەن مېدال.

·       1975 – يىلى سىنگالنىڭ رەئىسى بەرگەن مېدال.

·       1980 – يىلى پاكىستان بەرگەن ئالتۇن مېدال.

·       1984 – يىلى پاكىستان رەئىسى زىيائۇلھەق تەرىپىدىن بېرىلگەن ئۆلىمالار مېدالى.

·       مىسىر رادىئوسى رادىئو تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنىدە بەرگەن مېدال.

·       1987 – يىلى مىسىر رەئىسى مۇھەممەد ھۈسنى مۇبارەك بەرگەن مېدال.

·       لىۋان جۇمھۇرىيىتى بەرگەن مېدال.

·       ئىراق جۇمھۇرىيىتى بەرگەن مېدال.

كېسىلى ۋە ۋاپاتى

شەيخ ئابدۇلباسىت ۋاپاتىدىن بىر ئاز بۇرۇن قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرايدۇ. يەنى، ئۇنىڭ ماشىنىسى بىلەن شال بېسىپ ماڭغان يۈك ماشىنىسى سوقۇشۇپ كېتىدۇ. بۇ ھادىسىنىڭ ئۇنىڭ دىئابېت كېسىلى بىلەن جىگەر ياللۇغىنىڭ ئاسارىتىدە كۈچ ئېلىشىۋاتقان جىسمىغا چوڭ تەسىرى بولىدۇ. ھادىسىدىن كېيىن ئۇ دوختۇرخانىدا ئۈچ ھەپتە يېتىپ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى، پەرزەنتلىرىنىڭ زورلىشى بىلەن ئوغلى تارىقنىڭ ھەمراھلىقىدا داۋالىنىش ئۈچۈن لوندونغا بارىدۇ. لوندونغا بېرىپ بىر ھەپتە بولغاندا شەيخ مىسىرغا قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىپ قايتىپ كېلىدۇ. لوندوندىن قايتىپ كېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن يەنى 1988 – يىلى 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چارشەنبە ۋاپات بولىدۇ. مېيىتى رەسمىي دۆلەت ئەربابلىرىدەك ئۇزىتىلىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى ئۆز خەلقلىرىگە، رەئىس – پادىشاھلىرىغا ۋاكالىتەن مېيىت نامىزىغا قاتنىشىدۇ.

مەنبە: ئەرەبچە ۋېكپىدىيا،

http://www.shikh.com

http://www.abdussamed.biz

https://www.youm7.com/story

http://www.yeniasya.com.tr

https://www.youm7.com

تەييارلىغۇچى: بىلىميار

—————————
[1] «ئەھزاب» سۈرىسى، 56 – ئايەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز