ئابدۇراھمان كاشغەرىي نەدۋىي

(ھىجرىيە 1330 – 1391 / مىلادىيە 1912 – 1971)

 

يازغۇچى، شائىر، ناتىق، ئەدىب، لۇغەتشۇناس ئابدۇراھمان كاشغەرىي (1912 – 1971) قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ([1])، ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان. لاكنۇ شەھىرىدىكى ئۆلىمالار كېڭىشى تارمىقىدىكى فاكۇلتېتتا ئىلىم تەھسىل قىلغان، ھىندىستان ۋە بېنگالدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دەرس بەرگەن. شېئىرلار توپلىمى، ئەرەب تىلشۇناسلىق ۋە ئەدەبىيات توغرىسىدا كاتتا ئەسەرلەرنى قالدۇرغان، ھىندى رايوندىكى ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىيات تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئىدى. تۆۋەندە ئۇنىڭ ھاياتى، ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتتىكى ئىلمىي خىزمەتلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىمىز.

نام – شەرىپى ۋە تۇغۇلغان يۇرتى

تولۇق ئىسمى مەۋلىۋى ئابدۇلھادىنىڭ ئوغلى ئابدۇراھمان، ئەبۇ زىبرىقان، كاشغەرىي ، نەدۋى([2]).

ئەبۇ زىبرىقان دېگەن تەخەللۇسىنى شئېرلار توپلىمىدا، ماقالىلىرىدە، لاكنۇدا چىقىدىغان ئايلىق «زىيا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىدە قوللانغان ئىدى([3]). لېكىن، ئۇستاز ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى (1931 _ 2009) ئۇ زات بىلەن ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇچراشقىنىدا ئۇنىڭ بۇ تەخەللۇسىغا ئانچە ئېتىبار بېرىپمۇ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆرگەن.([4])

 

كاشغەرىي بولسا تۇغۇلغان ئانا يۇرتى قەشقەرگە نىسبەت بېرىلىپ ئېيتىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان شەھەرلىرىنىڭ بىرىدۇر.

نەدۋىي بولسا ئۇ زات ئىلىم تەھسىل قىلغان ئۆلىمالار كېڭىشى (نەدۋەتۇل ئۆلەما) تارمىقىدىكى دارۇلئۇلۇمغا نىسبەت بېرىلىپ دېيىلگەن.

دادىسى مەۋلىۋى ئابدۇلھادىي داموللا بېيت ئاخۇنۇم دېگەن نام بىلەن مەشھۇر كىشى بولۇپ، ئۆز يۇرتىنىڭ ئابرويلۇق كىشىلىرىدىن ئىدى.

1912 – يىلى 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنى([5]) قەشقەردە سالىھ بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، شۇيەردە ئۆسۈپ يېتىلىپ، 1922 – يىلى ئوقۇش ئۈچۈن ھىندىستانغا سەپەر قىلغان.

ئوقۇش ھاياتى

ئۆسمۈر چاغلىرىدا ھىندىستان ئۆلىمالىرىنىڭ ئىلىمدىكى نام – شۆھرىتى ۋە كاتتىلىقىنى ئاڭلاپ ھىندىستاندا ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلىغان ئىدى.

ئۇ ھىندىستاندا ئوقۇش ئۈچۈن كارۋانغا قېتىلىپ يولغا چىقتى. قارا كۆل، پامىر، دۇخان، پارك، زەيباق([6])دېگەن جايلاردىن پىيادە ئۆتۈپ تەشتىرالغا يېتىپ كەلدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا ھىندىستان ئۆلىمالىرىدىن ئىلىم ئېلىشنى نېسىپ قىلدى.

ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇھتەر چاترال دېگەن ئالىمنى ئۇچراشتۇردى، بۇ ئالىم ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھىندىستاندىكى ئۆلىما تونۇشلىرىنى تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئۇ ئەمرىتسىردىكى شەيخ ئابدۇللا مىنھاس([7])نىڭ قېشىدا تۇردى، ئۇ يەردىن پويىز بىلەن لاكنۇغا سەپەر قىلدى ۋە 1922 – يىلى ئۆلىمالار كېڭىشى تارمىقىدىكى دارۇلئۇلۇمغا قوبۇل قىلىندى. 1931 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ([8])، بىرلا ۋاقىتتا لاكنۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئەدەبىيات، فۇرقان مەدرىسەسىدىن يەتتە خىل قىرائەت دىپلومىنى ئالدى([9]).

ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە مەمۇرىي خىزمەتلىرى

ئابدۇراھمان كاشغەرىي ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەر بىلەن شوغۇللاندى. 1931 – يىلى ئۆزى ئوقۇش پۈتتۈرگەن دارۇلئولۇمغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ تەيىنلەندى ۋە بۇ يەردە يەتتە يىل خىزمەت قىلدى. 1938 – يىلى 4 – ئاينىڭ 26 – كۈنى كالكۇتتادىكى ئالىي مەكتەپتە فىقھىي ۋە فىقھىي ئۇسۇل – قائىدىلىرى بۆلۈمىدە ئۇستاز بولۇپ تەيىنلەندى ۋە بۇ يەردە تاكى ھىندىستان 1947 – يىلى مۇستەقىل بولغانغا قەدەر خىزمەت قىلدى. 1947 – يىلى مەزكۇر ئالىي مەكتەپ داكارغا (شۇ چاغدا پاكىستاننىڭ شەرقىدە ئىدى، ھازىر بولسا بېنگالدا) يۆتكەلگەندە بىللە يۆتكىلىپ، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ئەخلاقىي سۈپەتلىرى

ئابدۇراھمان كاشغەرىي ئەقىللىق، مەرت، زېرەك، ئۆتكۈر چۈشەنچىلىك، چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىدىغان ناتىق كىشى بولۇپ، ئىلىم ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇشنى دەپ ئائىلە قۇرمىغان ئىدى. 1971 – يىلى 3 – ئاينىڭ ئاخىرى داكاردا ۋاپات بولغان([10]) (ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن).

شاگىرتى ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى (1931 – 2009) ئۇنىڭغا بېشى مۇنداق باشلانغان بىر مەرسىيە يازغان :

«يقولون: مات الكشغري، فقلت لا أصدقكم يوما، وإن لم أكذب»

كاشغەرىي ئالەمدىن ئۆتتى، دەيدۇ خالايىق،

دېدىم: ئىشەنمەيمەن، يالغانمۇ دېيەلمەسمەن.

ئۇ مەرسىيەدە مۇنداق كەلگەن:

«وأكرم به من كشغري مهند يظل يباري كل أفصح معرب»

ھىندىستان شەمشىرى كاشغەرىي نېمە دېگەن ئېسىل زات،

تىلى ئەرەب ھەر پەسىھ([11]) بىلەن چاپتۇرپ تۇرار ئات.

«لقد كان فصحى اللغى أصمعيها وفي النحو شَرْوَى سيبويه وقطرب»

ئىدى ئەسمەئىسى تىل پاساھېىتىنىڭ،

نەھۋى([12])دە سىيبەۋەيھ ۋە قۇترۇب كەبى.

«فلو عاش في إبانهم، جازهم إلى ذراه المذاكى أو نجائب أرحب»

ئەگەر ياشىسا ئۇلارنىڭ دەۋرىدە،

ئۇلاردىن ئۈستۈن قىلاتتى پەرۋاز.

«يشد رواة العلم تلقاء بابه مشاة حفاة أو على ظهر مركب».

ئۆيى ئىلىم يايغۇچىلار ئۈچۈن بىر قىبلىگاھ،

كېلىشىدۇ پىيادە ياكى ئۇلاغلىق([13]).

ئىلمىي مىراسلىرى

ئابدۇراھمان كاشغەرىي شئېرلار توپلىمى، ئەرەپ تىلى ۋە ئەدەبىياتىدا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى قالدۇرغان، بىرقانچە شېئرلار توپلىمى ۋە تىل كىتاپلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئەمما، بەزى ئەسەرلىرى تا ھازىرغىچە بېسىلمىغان.

ئۇنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:

نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرى

1)    «الزهرات (گۈل – چىچەكلەر)»([14]). شئېرلار توپلىمى، 1935 – يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇستاز مەسئۇد ئالىم نەدۋىيي (1910 _ 1954) ئۇنىڭغا تەپسىلىي كىرىش سۆزى يازغان ۋە ئۇنىڭدا ھىندىستاندىكى ئەرەب شېئىرىيىتى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان ئىدى.

2)    «المفيد لمن يستفيد (ئوقۇغۇچىلار لوغىتى)»([15]) بىرىنچى قىسىم ئەرەب – ئوردۇ تىلىدا، ئىككىنچى قىسىم ئوردۇ – ئەرەب تىلىدا بولۇپ، 1959 – يىلى نەشر قىلىنغان.

نەشر قىلىنمىغان ئەسەرلىرى

1)    «المجمهرات في المؤنثات والمذكرات (ئەرلىك، ئاياللىق ئىسىملار توپلىمى)»([16]) ياكى «المحبر في المؤنث والمذك (ئەرلىك، ئاياللىق ئىسىملار توغرىسىدا جەۋھەرلەر)»([17]) دېگەن كىتابى بولۇپ، 200 بەت.

ئۇستاز مەسئۇد ئالىمنىڭ ئۇ زاتنىڭ «گۈل – چېچەكلەر» دېگەن شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقەددىمىسىدە يۇقىرىقى كىتابىدىن سۆزلىگەن بىر قانچە مىساللىرىنى سۇنىمىز.

«توشقان (أرنب) ھەممىگە تونۇشلۇق ھايۋان بولۇپ، ئاياللىق شەكلىدە قوللىنىلىدۇ، بەزىدە ئەرلىك شەكىلدىمۇ قوللىنىلىدۇ. فەييۇمى «توشقان (أرنب) ئاياللىق ئىسىم بولۇپ، بەزىدە ئەرلىك، ئاياللىقتا تەڭ ئىشلىتىلىدۇ. بەزى قەبىلىلەر تىلىدا ئاياللىقنىڭ ‹ت›سى بىلەن ئاياللىق قىلىنىدۇ ۋە بەزىدە بۇ شەكلىدە ئەرلىك، ئاياللىقتا ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ» دېگەن. ئەبۇ ھاتەم:«ئاياللىق ئۈچۈن ‹أرنب›، ئەرلىك ئۈچۈن ‹خزز›، كۆپلۈكى ئۈچۈن ‹خزان› دېيىلىدۇ» دېگەن. مۇبەررىد «كامىل» دېگەن كىتابىدا «تازقارا (العقاب) توشقان (أرنب) دېگەن ئىسىم بىلەن ئەرلىك، ئاياللىقتا ئوخشاش قوللىنىلىدۇ، پەقەت كۆرسىتىش ئالماشلىرىدىلا ئەرلىك، ئاياللىق بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ» دېگەن»([18]).

2)    «ديوان ابن مقبل العجلاني (ئىبنى مۇقبىل ئەجلانىنىڭ شېئىرلار توپلىمى)»نى تەهقىقلەپ مىسرالىرىنى ئىگىسىگە مەنسۇپ قىلغان تەھقىقاتى ([19]).

3)    شاھ ۋەلىيۇللاھ دىھلەۋىنىڭ «إزالة الخفاء عن خلافة الخلفاء للشاه ولي الله الدهلوي (خەلىپىلەر ھۆكۈمدارلىقى توغرىسىدا يوپۇقنى ئېچىۋېتىش)»([20]) دېگەن كىتابىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان ۋە رەتلەپ تەھقىقلىگەن.

4)    قۇدامە ئىبنى جەئفەرنىڭ «شرح نقد الشعر (شېئىرىي تەنقىد)» دېگەن ئەسىرىگە يازغان شەرھى «محك النقد (شېئىرىي تەنقىتنىڭ ئۆلچىمى)» دېگەن كىتابى([21]).

5)    « الإلماع بما في كلام العرب من الإتباع (ئەرەب تىلىدا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ئەگىشىپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش)» دېگەن كىتابى([22]).

6)    ، 7)، 8) تىلشۇناسلىققا ئائىت ئۈچ رىسالە تەھقىقى. ئۇلار: ساغانىينىڭ «كتاب الأسد وكناه (شىر ئىسىملىرى ۋە لەقەملىرى)». ساغانىينىڭ «كتاب الأسد وكناه (شىر ئىسىملىرى ۋە لەقەملىرى)». سۇيۇتىينىڭ «نظام اللسد في أسماء الأسد (شىر ئىسىملىرى ھەققىدە)»([23]). ئۇ ئۇلارنى تەھقىقلىگەن ۋە ئىزاھلىغان.

9)    «العبرات (ئىبرەتلەر)»، شېئىرلار توپلىمى([24]).

10)   «الشذرات (دۇردانىلەر)»، شېئىرلار توپلىمى([25]).

11)   «ئىككى تىل (ئوردۇچە – ئەرەبچە) ماقال تەمسىللىرى»([26]). بۇ، ئۇستاز ئابدۇراھمان كاشغەرىينىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئوردو تىلىدىكى ماقال – تەمسىللىرىگە ماس كېلىدىغان ئەرەب ماقال – تەمسىللىرىنى توپلىغان. ئوردۇ ۋە ئەرەب شېئىرلىرىدىن دەلىل كەلتۈرگەن، يات سۆزلەرنى ئىزاھلىغان ئىدى. بۇ ئەسەر ئوردۇ تىلىنى ئاساس قىلىش بىلەن گەۋدىلىنىدىغان بولۇپ، ئوردۇ تىلىدىكى ماقال – تەمسىللەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئەرەب تىلىدىكى ئوخشاش مەنىدىكى ماقال – تەمسىلنى كەلتۈرگەن.

ئۇ زاتتىن بۇرۇن شاھ ھۈسەيىن ھەقىقەت «ماقال – تەمسىللەر خەزىنىسى» دېگەن كىتابىنى، «بىيسا كۈندىلىك خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ مۇدىرى مۇنشى مەھبۇب ئالىم «مەھبۇب ماقال –تەمسىللىرى» دېگەن كىتابىنى تۈزگەندىن باشقا ھېچبىر كىشى بۇ ئىلمىي ئەمگەكنى قىلمىغان ئىدى.

«ماقال – تەمسىللەر خەزىنىسى»نىڭ ئاپتورى ئەرەبچە، پارىسچە، ئوردۇچە، ھىندىچە ماقال – تەمسىللەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە سېلىشتۇرماستىن بايان قىلغان ئىدى. ھەقىقەت بۇ كىتابنى ھىجىرىيە 1799 – يىلى تۈزگەن بولۇپ، 1853 – يىلى تۇنجى قېتىم لاكنۇدىكى «مۇستافائى نەشرىياتى»دا بېسىلغان ئىدى([27]).

«مەھبۇب ماقال – تەمسىللىرى» ئۆز تۈرىدىكى يېگانە ئەسەر بولۇپ، ئاپتور بۇ كىتابىدا ئىنگلىزچە ماقال – تەمسىللەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە بايان قىلغان ۋە ماس كېلىدىغان ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە ماقال – تەمسىللەرنىمۇ بايان قىلغان ئىدى. تۇنجى قېتىم 1887 – يىلى بېسىلدى. 1902 – يىلى لاھوردا قايتا بېسىلدى([28]).

ئابدۇراھمان كاشغەرىينىڭ «ئىككى تىل (ئوردۇ چە – ئەرەبچە) ماقال تەمسىللىرى» دېگەن ئەسىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ھ 1353 – 1354 – يىللىرى لاكنۇ «زىيا» ژۇرنىلىدا بېسىلغان بولۇپ، ئەرەب – ئوردۇ ماقال – تەمسىللىرىنى توپلاپ چۈشەندۈرۈشتە يېگانە ئەسەردۇر. بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ ئەرەب تىلشۇناسلىقى ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى چوڭقۇر بىلىمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ([29]).

«ئىككى تىل (ئوردۇچە – ئەرەبچە) ماقال تەمسىللىرى» دېگەن كىتابىدىن ئۆرنەكلەر:

ئوردۇچە ماقال: «ناچن آو آنگن یا». بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئەرەبچە ماقال: «لا عِلَّةَ لا عِلَّةَ، هذه أَوْتَادٌ وَأَخِلَّةٌ» (ئوسۇرغاققا ئارپا نېنى بانا). ھېچقانداق ئۆزرى يوق تۇرۇپ، ئۆزرە ئېيتقان كىشىگە مىسال قىلىنىدۇ.

«الأوتاد»: «قوزۇق»نىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، ياغاچ، ياكى تۆمۈر، ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان، يەرگە ياكى تامغا قېقىلىدىغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ.

«الْأَخِلَّةُ» بولسا «خِلَالٍ (كەكە)»نىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، يەر كولايدىغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. ۋەزىن جەھەتتە «أَسْلِحَة وسِلَاح»قا ئوخشايدۇ.

بۇ ماقال ئەسلىدە ئۆي سېلىشنى بىلمەيدىغان بىر ئايال قوزۇقنىڭ يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىغان، شۇنىڭ بىلەن يولدىشى ئۇنىڭغا قوزۇق ۋە كەكەنى ئەكىلىپ بېرىپ ئۇنىڭغا بۇ سۆزنى قىلغان ئىكەن.

ئەرەب ماقالى: «لا تَعْدَمُ الخَرْقاءُ عِلَّةً» (ھورۇننىڭ ئەتىسى تۇگىمەس).

ئەبۇ زەيد مۇنداق دىگەن: «پۇچەك باھانە – سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ، بىرسى بىلەن تۈگەپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ»([30]).

شېئىرلىرى

ئابدۇراھمان كاشغەرىي ناھايىتى تالانتلىق شائىر بولۇپ، ئۈچ شېئىرلار توپلىمى بار. ئولار بولسا: «گۈل – چېچەكلەر» (بېسىلغان)، «الشذرات (دۇردانىلەر)» (قول يازما)، «العبرات (ئىبرەتلەر)» (قول يازما).

ئۇستاز مەسئۇد ئالىم نەدەۋىي (1910 _ 1954) ئۇ زاتنىڭ «گۈل – چىچەكلەر» دېگەن شئېرلار توپلىمىنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دىگەن: «شائىرنىڭ تىلى ناھايتى گۈزەل بولۇپ، ھەرقانداق يېرىكلىك، قولاشماسلىقتىن خالىي، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى چاغلىرىدا بىر قانچە مىڭ قەدىمىي ئەرەپ شئېرلىرىنى، جۈملىلىرىنى يادلىغانلىقى بىلەن مۇناسۋەتلىكتۇر، شئېرلىرىدا ئەرەپ بالاغىتى ۋە قەدىمىي ئۇسلۇبىنىڭ پۇرىقى بار»([31]).

شېئىرلىرىدىن ئۆرنەكلەر

مۇھەممەد ئىقبالنىڭ (1877 – 1938) پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ يازغان «ئىسلام دۇنياسىنىڭ ياشلىرىغا» دېگەن قەسىدىسىدە مۇنداق دىگەن:

«ألا فاسمعوا رنات خل مصادق سليم دواعي الصدر غير مماذق»

ئى ياشلار! سىلەر راستچىل، ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي كىشىنىڭ چاقىرقىغا قۇلاق سېلىڭلار.

«وأحلف بالله الذي هو خالقي أنكب عن فعل المكور المسارق»

ياراتقۇچۇم ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ كىشى يالغان – ياۋىداقلاردىن بەك يىراقتۇر.

«لقد علموا أن جاب شعري مواطنا أذكر فيها أنني جِد صادق»

شئېرلىرىمدا راستچىل ئىكەنلىكىمنى بايان قىلغان مىسرالارنى كەلتۈرگەنلىكىمنى بىلدىلەر.

«إذا قلت شعرا طار صيتا وسمعة من الهند حتى حف جل الخلائق»

مەن شېئىر سۆزلىسەم نام – شۆھرىتى ھىندىستاندىن تارقىلىپ، پۈتۈن كىشلەرگە يېتىدۇ.

«جدير بأن يروى ويتلى على الذي تقاعس عن مجرى المذاكي السوابق»

ياخشىلىق يولىدىن كىيىن قالغان كىشلەرگە سۆزلەپ بېرشكە بەكمۇ مۇۋاپىقتۇر.

«فما الشعر إلا لفظة بعد لفظة وأجزاء صوت لا يساوي بدانق»

شئېر بىر – بىرىگە ئەگەشكەن، بىر سىنتقىمۇ تەڭ كەلمەيدىغان سۆزلەردۇر.

«إذا لم يكن في طيه نور حكمة يبين في الظلماء أهدى الطرائق».([32])

ئەگەر ئۇنىڭدا قاراڭغۇ – زۇلمەتتە ئەڭ توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇر بولمىسا.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئابدۇراھمان كاشغەرىي ھىندى قىتئەسىدىكى ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتىدىكى كاتتا ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ، يازغۇچى، تېلشۇناس، شائىر، ئەدىب ئىدى. ئەرەب ئەدەبىياتىدا كاتتا خىزمەتلەرنى قىلغان. بۇ زاتنىڭ تېلشۇناسلىق ۋە ئەدەبىياتتىكى رولى مىراس قالدۇرغان ئىلمىي ئەسەرلىرىدە روشەن گەۋدىلىنىدۇ، بۇ ئەسەرلار ھازىرمۇ مەۋجۇتتۇر. بۇ زاتنىڭ ھاياتى ۋە خىزمەت – نەتىجىلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە جىددىي ئىھتىياجلىقتۇر.

 

مەنبەلەر:

ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسەمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، دوكتۇر مۇھەممەد ئەجمەل ئەييۇب ئىسلامى قاراپ چىققان، بىرىنچى باسما، بەيرۇت غەرب ئىسلام نەشرىياتى 2001.

شاھ ھۇسەيىن ھەقىقەت «ماقال – تەمسىللەر خەزىنىسى»، بىرىنچى باسما، ئىسلامئاباد، مۇقتەدىر قەۋمى زۇبان، 1986.

شاھ مۇھسىن ھەقىقەت «ماقال – تەمسىللەر خەزىنىسى»، لاكنۇ، مۇستافائى باسمىسى، 1853 .

شاھ مۇھسىن ھەقىقەت «ماقال – تەمسىللەر خەزىنىسى»، لاكنۇ، ئولىكشور باسمىسى، 1827.

ئابدۇراھمان كاشغەرىي نەدۋىيي، «گۈل – چىچەكلەر»، لاكنۇ، ھ 1354.

ئابدۇساتتار: «خەلقئارالىق مەدرىسە تارىخى»، داكار، خەلقئارالىق مەدرىس، 1959.

«زىيا» ژۇرنىلى، لەكنائۇ، ھ 1353\1354 سانلىرى.

مەنشى مەھبۇب ئالىم «مەھبۇب ماقال – تەمسىللىرى»، ئىككىنچى باسما لاھۇر. بىيىسە خەۋەرلىرى، 1902.

مۇھەممەد فازىل قەدىر زەفىر نەدۋىيي: «تىللار ۋە ماقال – تەمسىللەر»، ئەلى كەرە شىرۋانى نەشىرياتى، 1940.

 

ئەرەبچە ئەسلىي مەنبەسى: http://www.allugah.com/post.php?id=87

تەرجىمىدە: نۇرۇددىن

———————————
([1]) مۇھممەد قاسىم ھاجىم «مەشھۇر تۈركىستان كىشىلىرىنى تونۇشتۇرۇش» دېگەن كىتابىدا «ئابدۇراھمان كاشغەرى قەشقەر تاشمىلىق يېزىسىدىن» دەپ يازىدۇ. نەسەبىنى بولسا «ئابدۇرراھمان ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلھەكىم ئىبنى بەكر» دەپ بايان قىلىدۇ. _ ساجىيە.
([2]) ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 694 – بەت.
([3]) مىسال قىلىپ ئېيتقاندا، «گۈل – چىچەكلەر» دېگەن شئېرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى، بىرىنچى ۋە تۆتىنچى بەتلىرىگە قاراڭ. ئەلى كەرە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى مەۋلانە ئازار كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان نۇسخىسىنىڭ بىرىنچى بېتىدە «ئەبۇ زىبرىقان» دەپ ئىمزا قويغان.
([4]) ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 695 – بەت.
([5]) ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 694 – بەت. ئابدۇساتتار: «خەلىقئارالىق مەدرىسە تارىخى» 2\198.
([6]) ئابدۇساتتار: «خەلقئارالىق مەدرىسە تارىخى» 2\199.
([7]) ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 694 – بەت. ئابدۇساتتار: «خەلقئارالىق مەدرىسە تارىخى» 2\199.
([8]) ئابدۇساتتار: «خەلقئارالىق مەدرىسە تارىخى» 2\199.
([9]) ئابدۇساتتار: «خەلقئارالىق مەدرىسە تارىخى» 2\199.
([10]) ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 695 – بەت.
([11]) پاساھەتلىك كىشى.
([12]) سىنتاكسىس. _ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى».
([13]) «رائىد ژۇرنىلى»، لەكنائۇ، 13 – يىلى 23 – سان، 1927\6\01 7 – بەت.
([14]) ئابدۇراھمان كاشغەرىي نەدۋىيي، «گۈل – چىچەكلەر»، ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى،«تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر» 695 – بەت.
([15]) ئابدۇراھمان كاشغەرىي نەدۋىيي: «گۈل – چىچەكلەر» (ئۇستاز مەسئۇد ئالىم نەدۋىنىڭ كىرىش سۆزى)، 25 – بەت. ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 695 – بەت. ئابدۇساتتار: «خەلقئارالىق مەدرىسە تارىخى» 2\200.
([16]) ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 695 – بەت. ئابدۇساتتار: «خەلقئارالىق مەدرىسە تارىخى» 2\200.
([17]) ئابدۇراھمان كاشغەرىي نەدۋىيي: «گۈل – چىچەكلەر» (ئۇستاز مەسئۇد ئالىم نەدۋىنىڭ كىرىش سۆزى)، 25 – بەت.
([18]) ئابدۇراھمان كاشغەرىي نەدۋىيي: «گۈل – چىچەكلەر» (ئۇستاز مەسئۇد ئالىم نەدۋىنىڭ كىرىش سۆزى)، 26 – بەت.
([19]) ئابدۇراھمان كاشغەرىي نەدۋىيي: «گۈل – چىچەكلەر» (ئۇستاز مەسئۇد ئالىم نەدۋىنىڭ كىرىش سۆزى)، 28 – بەت. ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 695 – بەت. ئابدۇساتتار: «خەلقئارالىق مەدرىسە تارىخى» 2\200.
([20]) ئابدۇراھمان كاشغەرىي نەدۋىيي: «گۈل – چىچەكلەر» (ئۇستاز مەسئۇد ئالىم نەدۋىنىڭ كىرىش سۆزى)، 26 – بەت. ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 695 – بەت.
([21]) ئابدۇراھمان كاشغەرىي نەدۋىيي: «گۈل – چىچەكلەر» (ئۇستاز مەسئۇد ئالىم نەدۋىنىڭ كىرىش سۆزى)، 27 – بەت. ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 695 – بەت، ئابدۇساتتار: «خەلقئارالىق مەدرىسە تارىخى» 2\200.
([22]) ئابدۇراھمان كاشغەرىي نەدۋىيي: «گۈل – چىچەكلەر» (ئۇستاز مەسئۇد ئالىم نەدۋىنىڭ كىرىش سۆزى)، 28 – بەت. ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 695 – بەت.
([23]) ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 695 – بەت. ئابدۇساتتار: «خەلقئارالىق مەدرىسە تارىخى» 2\200.
([24]) ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 695 – بەت.
([25]) ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 695 – بەت.
([26]) ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 695 – بەت.
([27]) ئابدۇراھمان كاشغەرىي نەدۋىيي: «گۈل – چىچەكلەر» (ئۇستاز مەسئۇد ئالىم نەدۋىنىڭ كىرىش سۆزى)، 28 – بەت. ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 695 – بەت.
([28]) تەپسىلاتى ئۈچۈن دوكتۇر گۆھەر نۇشاھنىڭ شاھ ھۇسەيىن ھەقىقەتىڭ «ماقال – تەمسىللەر خەزىنىسى» دېگەن كىتابىغا يازغان كىرىش سۆزىگە قاراڭ. مۇقتەدىر قەمى زۇبان، ئىسلامئاباد، 1986. ئابدۇساتتار: «خەلقئارالىق مەدرىسە تارىخى» 2\199.
([29]) تەپسىلاتى ئۈچۈن مەنشى مەھبۇب ئالىمنىڭ «مەھبۇب ماقال – تەمسىللىرى»، 1 – بەتكە قاراڭ.
([30]) ئابدۇراھمان كاشغەرىي نەدۋىيي: «گۈل – چىچەكلەر» (ئۇستاز مەسئۇد ئالىم نەدۋىنىڭ كىرىش سۆزى)، 28 – بەت. ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى: «تەتقىقات ۋە تەنبىھلەر»، 695 – بەت.
([31]) ئابدۇراھمان كاشغەرىي نەدۋىيي: «گۈل – چىچەكلەر» (ئۇستاز مەسئۇد ئالىم نەدۋىنىڭ كىرىش سۆزى)، 21 – بەت.
([32]) ئابدۇراھمان كاشغەرىي نەدۋىيي: «گۈل – چىچەكلەر»، 34 _ 35 بەتلەرگە قاراڭ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ