شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە

(ھىجرىيە 661 – 728 / مىلادىيە 1263 – 1328)

 

«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئىبنى تەيمىيەنى نادان ياكى ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلىدىن باشقىسى ئۆچ كۆرمەيدۇ. چۈنكى، نادان نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلى بولسا ھەقنى تونۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسى ئۇنى ھەقتىن توسۇپ قويىدۇ»

                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                           _ ئەبۇلبەقا سۇبكىي

 

ئىسلام ئۈممىتى ئۆلمەس ئۈممەتتۇر!

گويا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىنسانىيەتكە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تىرىك ۋە باقىي ئۈممەت ئىكەنلىكىدىن سىگنال بەرگەندەك، شەيخ ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسسالام ھىجرىيە 660 – يىلى ۋاپات بولىۋىدى، شەيخ ئەھمەد ئىبنى تەيمىيە ھىجرىيە 661 – يىلى تۇغۇلدى. ئىبنى تەيمىيەنىڭ شەيخ ئىززىدىن ئىبنى ئابدۇسسالامنىڭ ئۆلۈمىدىن پەقەتلا بىر يىل كېيىن تۇغۇلۇشىنىڭ نېمە ھېكمىتى باردۇ؟ بەلكى بۇ يەردە ئىنسان ئۆزىگە تاشلاپ بېقىشقا تېگىشلىك بىر سوئال بار. ئۇ بولسىمۇ بۇ ئۈممەت شۇنچە مۇسىبەت ۋە شۇنچە ئۇرۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بۈگۈنگىچە تۈگىمىدى؟

پىرئەۋنلەر قېنى؟ نېمىشقا ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىدىن باشقا ھېچنەرسىسى قالمىدى؟ پىرئەۋنلەرنىڭ تىلى قېنى؟ زېمىنغا ھۆكۈمران بولغان موڭغۇللار نەگە كەتتى؟ ھازىر قېنى ئۇلار؟ قەدىمكى گېرىكلەر قېنى؟ نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئافېنادىكى ۋەيرانە ئىبادەتخانىلىرىدىن باشقىسى قالمىدى؟ ھىكسوسلار قېنى؟ فىنىكىيالىقلار (Phoenicia) نەگە يوشۇرۇندى؟ مۇشۇ ئۈممەتلەرنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇنۇپ، نېمە ئۈچۈن ئىسلام ئۈممىتىدىن باشقىسى قالمىدى؟ شۇنچىۋالا ئەھلىسەلىپلەرنىڭ ھۇجۇملىرى، موڭغۇللارنىڭ قىرغىنچىلىقلىرى ۋە ياۋروپانىڭ مۇستەملىكىلىرىگە ئۇچراپ تۇرۇپ، بۇ ئۈممەت نېمە ئۈچۈن تېخىچە مەۋجۇت؟ نېمە ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسلامنى يەرشارى يۈزىدىكى ئەڭ تېز تارقىلىدىغان دىن سۈپىتىدە قاتارغا تىزىدۇ؟ بۇ ئۈممەتنىڭ ھەرقايسى خەلقلىرىنى كەمبەغەللىك ۋە كېسەللىك چىرمىۋالغان تۇرۇقلۇق، ئىسلام يەنە نېمىشقا تېز تارقىلىدۇ؟ ئىسلام دىنىنى سەت كۆرسىتىدىغان شۇنچە تەشۋىقات ھۇجۇملىرى تۇرۇقلۇق، نەچچە مىڭلىغان ياۋروپالىق ۋە ئامېرىكىلقلارنى ئىسلامغا توپ – توپ بولۇپ كىرىشكە نېمە ئۈندىدى؟

جاۋاب ئاددىيلا، چۈنكى بۇ ئۈممەت ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئۈممەتتۇر، ئۇنى يوقىتىۋېتىش ھەرگىزمۇ باسقۇنچىلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ئۈممەت دۈشمەنلىرىنى شەرئى ئىلىمنى دەۋا قىلىدىغان بىر قىسىم ئىنسانلار ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا بىدئەت ۋە خۇراپاتلىقلارنى تارقىتىشىغا ئۈندىگەن سەۋەب مانا بۇ بولسا كېرەك. ھەقىقەت شۇكى، بۇ خىل ساختا ئالىملارنى ئېچىپ تاشلاش ئىنتايىن ئاسان. سىز پەقەت ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئىسىمىنى دېسىڭىزلا كۇپايە. ئەگەر سىز ئۇ شەخسنىڭ ئازراقمۇ تولغانماي تۇرغانلىقىنى كۆرسىڭىز، بىلىڭكى، ئىنشائاللاھ ئۇ ياخشىلىق ئۈستىدە. ئەگەر ئۇنىڭ شەيخ ئەھمەد ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغانلىقتىن، ئۈگىلىرىنىڭ تىترەپ، چىرايىنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىڭىز، بىلىڭكى، سىز بىر بىدئەتچى ئادەمنىڭ ئالدىدا.

مەسخىرىگە لايىق بىر ئىش شۇكى، شىئەلەر ئىبنى تەيمىيەنى ۋاھھابىيلىقنىڭ ئاساسچىسى دەپ ھېسابلايدۇ. ھالبۇكى، بۇ مۇنداق ئىككى سەۋەبتىن، بىر خىل ھاماقەتلىكتۇر: بىرى، شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب ئىبنى تەيمىيەنىڭ ۋاپاتىدىن نەچچە يۈز يىل كېيىن تۇغۇلغان. يەنە بىرى، ئەڭ مۇھىمى دۇنيادا ۋاھھابىيلىق دەيدىغان بىر نەرسە يوق. لېكىن، ئۇلار باشقا بىدئەت ئەھلىلىرىدەك ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتى ئەۋلادلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن كاتتا يازمىلىرى ئارقىلىق قەبرىگە چوقۇنغۇچىلارغا قارشى تۇرغان بۇ مۇجاھىد شەيخنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاشقا قەتئىي تاقىتى يەتمەيدۇ.

ئىبنى تەيمىيە ئىلىم ۋە ئالىملار بىلەن مەشھۇر بولغان بىر ئائىلىنىڭ پۇشتىدۇر. ئۇنىڭ نەسەبى مۇنداق: ئەھمەد ئىبنى شەيخ ئىمام شىھابۇددىن ئەبۇلمەھاسىن ئابدۇلھەلىم ئىبنى شەيخ ئىمام مەجدۇددىن ئەبۇلبەرەكات ئابدۇسسالام ئىبنى ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇلقاسىم خىزىر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى خىزىر ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئەلى ئىبنى ئابدۇللاھ نۇمەيرىي ھەررانىي دىمەشقىي.

ئائىلىسىنىڭ ئىبنى تەيمىيە دەپ مەشھۇر بولۇشىنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك، ئۇنىڭ بوۋىسى مۇھەممەد ئىبنى خىزىر ھەج قىپتۇ، ئايالى ھامىلىدار ئىكەن. تەيما (تەبۇكقا يېقىن بىر جاي) يولىدا كېتىپ بېرىپ، شۇ يەردە چېدىرىدىن چىققان ناھايىتى چىرايلىق كىچىك بىر قىزنى كۆرۈپ قاپتۇ. ھەررانغا قايتقاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ قىز تۇغقانلىقىنى بىلىپتۇ. قىزىنى كۆرۈپ: «ئەي تەيمىيە (تەيمالىق قىز) !» دەپ چاقىرىپتۇ يەنى قىزى تەيما دېگەن يەردە كۆرگەن قىزغا ئوخشايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بوۋىسى تەيمىيە دەپ لەقەملەنگەنىكەن. يەنە دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ مۇھەممەد دېگەن مۇشۇ بوۋىسىنىڭ ئانىسى تەيمىيە دەپ ئاتىلاتتى ۋە ۋائىز ئايال ئىدى. شۇڭلاشقا، بوۋىسى ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى شۇ ئايالغا نىسبەت بېرىلگەن.

دەرۋەقە، ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئىسمى يېقىنقى مەزگىللەردە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ قالدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق ھۇجۇم قوزغىماقتا. ئۇلار ئۇنى پەقەت بىر تارىخىي شەخس سۈپىتىدە نىشانلىمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ مۇشۇ ئۈممەتنىڭ سەلەفلىرىنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن قۇرئان – سۈننەت ئۈستىگە قۇرۇلغان پىكىر – ئىدىيەسىنى نىشانلايدۇ. ئىبنى تەيمىيەنىڭ قەبرىلەرگە ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن بەرىكەت تىلەشكە قارشى تۇرىدىغان پەتىۋالىرى بىدئەت ئەھلىلىرىگە ياقمايدۇ. بۇنداقلارنىڭ كۆپى ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە ئاتالمىش بەرىكەتنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن، پۇل – مال ئەكىلىپ قەبرىنىڭ يېنىغا قويۇپ قويىدىغان ھاماقەتلەردىن مەنپەئەت ئۈندۈرىدۇ.

ئىبنى تەيمىيە كاتتا ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىدئەت ئەھلىنىڭ ماھىيىتى ۋە خىيانەتلىرىنى ئېچىپ تاشلىغان. ئىبنى تەيمىيە موڭغۇللارغا قارشى ۋە بىدئەت ئەھلىلىرىگە قارشى ئوخشاش كۈرەش قىلغان. شەيخۇلئىسلامنىڭ سىيرىتىدىكى نازۇك بىر تەرەپ شۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى مىسىر ۋە شامنىڭ ھەربىرىدىكى تۈرلۈك قاماقخانىلاردا تۇرۇپ يازغان. چوڭ ئالىملار شەيخ ئەھمەد ئىبنى تەيمىيەنىڭ كىتاب – ئەسەرلىرىگە مەدھىيە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىملىرى ئۇنىڭغا «شەيخۇلئىسلام» لەقىمىنى بەرگەن. ئەللامە كامالىددىن ئىبنى زەمەلكانىي ئۇنى مۇنداق دەپ سۈپەتلىگەن:

«ئۇنىڭدىن مەلۇم پەن توغرۇلۇق سوئال سورالسا، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئادەم ئۇنى «شۇ پەندىن باشقىنى بىلمەيدۇ (يەنى مۇشۇ پەننىلا قالتىس بىلىدىغان ئوخشايدۇ)» دەپ ئويلاپ، ئۇ پەننى ھېچكىم ئۇنىڭدەك بىلمەيدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلىپ قالاتتى. ھەر تائىپىلەردىن فەقىھلەر كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۆز مەزھەپلىرىدە بۇرۇن بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىۋالاتتى. ئۇنىڭ بىركىم بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، مەيلى شەرىئەت ئىلىملىرىدىن بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىلىمدىن بولسۇن، قانداقلىكى بىر ئىلىمدىن سۆز ئېچىپ قالسا، شۇ ئىلىمدە ئۇنىڭ ئەھلىنى بېسىپ چۈشەتتى».

ئۆلىمالار سۇلتانى شەيخ ئىز ئىبنى ئابدۇسسالام موڭغۇللارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان تارىخىي ئەين جالۇت ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى بولسا، شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە شىددەتلىك شەقھەب ئۇرۇشى (مەرج سۇففەر ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ قەھرىمانى بولغانىدى. بىز ئانچە ئاڭلىمىغان بۇ ئۇرۇش جىمى تارىخ باسقۇچلىرى بويىچە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇرۇشلىرىدىن بىرى ئىدى. شەيخ ئىبنى تەيمىيە ئۇشبۇ ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەھرىمانىنىڭ ئورنىدا بولغانىدى. پادىشاھ غازاننىڭ قوماندانلىقىدىكى موڭغۇللار ئەرمەنىيە پادىشاھى ھەدىم ئىككىنچىنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئەھلىسەلىپلەر بىلەن ئىتتىپاقلاشقانىدى. ھىجرىيە 702 – يىلى، مىلادىيە 1303 – يىلى مەملۇكىيلار دەۋرىدە موڭغۇل – ئەھلىسەلىپ بىرلەشمە قىسىملىرى دىمەشققە قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشقا ئاز قالغاندا، ئىمام ئىبنى تەيمىيە دىمەشق ۋە ھەلەبتە شام ئەھلىنى ئىسلامنى قوغداش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا تەرغىب قىلىشقا باشلىدى. شام مۇسۇلمانلىرىنى قوغداشقا ياردەم سوراش ۋە جىھادقا چاقىرىش ئۈچۈن، شام ئەھلى ئۇنى مىسىر مەملۇكىيلار سۇلتانى ناسىر مۇھەممەد ئىبنى قالاۋۇنغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەنىدى. شەيخ ئىبنى تەيمىيە يەنە كىشىلەر ئارىسىدا مۇداپىئە جىھادىنىڭ ھۆكمى ھەققىدىكى پەتىۋالىرىنى قايتا – قايتا تارقاتتى. ئاندىن ئەرەب ئەمىرى مۇھەننا ئىبنى ئىسا تائىينىڭ قېشىغا سەپەر قىلىپ، ئۇنى جىھادقا چاقىردى. مۇھەننا موڭغۇللارغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى. مۇجاھىد شەيخ ئەھمەد ئىبنى تەيمىيە موڭغۇل – ئەھلىسەلىپ ئىتتىپاقىغا قارشى ئىسلام مۇجاھىدلىرىدىن چوڭ بىر ئىتتىپاق شەكىللەشدۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. تەييارلىقلار تولۇق بولغاندىن كېيىن، شامدىن، مىسىردىن ۋە ئەرەب سەھراسىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنلىرى دىمەشقتىن 37 كىلومېتىر كېلىدىغان، دىمەشققە يېقىن شەقھەب (ياكى مەرج سۇففەر) دېگەن يەرگە توپلاندى.

ھىجرىيە 702 – يىلى رامىزاننىڭ ئىككىنچى كۈنى، مىلادىيە 1303 – يىلى 20 – ئاپرېل مۇجاھىد ئىسلام قوشۇنى بىلەن موڭغۇل ۋە ئەھلىسەلىپتىن تۈزۈلگەن كۇپۇر كۈچلىرى مەرج سۇففەرتە روبىرولاشتى. (دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر تەرەپ شۇكى، ئىسلام تارىخىدىكى چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ ئۇلۇغ ئايدا بولغان. ھەيران قالارلىقى رامىزاندا قىلىنغان ئاشۇ ئۇرۇشلارنىڭ تولىسىدا نۇسرەت مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىدا بولغان. شۇ جەھەتتىن، رامىزان نۇسرەت ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئىسلام تارىخىدىكى ھەل قىلغۇچ بۇ ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىغا ئازغىنە ۋاقىت قالغاندا، مۇجاھىد شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئېغىز ئېچىۋېتىش (يەنى روزا تۇتماسلىق) قا پەتىۋا بەردى ۋە بۇ شارائىتتا روزا تۇتماسلىقنىڭ روزا تۇتۇشتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. ئۇ بۇنىڭدا رەسۇلۇللاھنىڭ ھىجرىيە سەككىزىنچى يىلى رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان مەككە فەتھىسىدىكى سۈننىتىگە ئەگەشكەنىدى. رەسۇلۇللاھ شۇ چاغدا مۇنداق دېگەنىدى: «ئەتە دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىسىلەر، سىلەر ئۈچۈن روزا تۇتماسلىق ياخشىدۇر» دېگەنىدى. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە ئەسكەرلەرنى يېمەك يېيىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، قولىدىكى يېمەكنى يېگەچ ئەسكەرلەرنى ئارىلاپ چىقتى. دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش سۇلتان ناسىر ۋە قاھىرەدە تۇرىدىغان ئابباسىيلار خەلىپىسى مۇستەكفىي بىللاھنىڭ قوماندانلىقىدا باشلاندى. مۇجاھىد ئىمام تەقىييۇددىن شەيخۇلئىسلام ئەھمەد ئىبنى تەيمىيە ئىسلام مۇجاھىدلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ قەتئىيلىك ۋە دىننى قوغداش روھىنى ئۇرغىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەرگە خۇش بېشارەت بېرەتتى ۋە ئۇلارنى ئۇرۇشتا سۇباتلىق تۇرۇشقا ئۈندەپ: «چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر» دەيتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا: ئەي ئىمام! «ئىنشائاللاھ» دېگىن، دېگىنىدە، ئۇلارغا: «ئىنشائاللاھ، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر» دەيتتى. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە غەلىبىگە ئاللاھنىڭ ياردىمىگە جەزمەن ئىشەنگەن ئادەمنىڭ كۆزى بىلەن باققانىدى.

شانلىق شەقھەب ئۇرۇشى باشلاندى

مۇسۇلمان مۇجاھىدلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى، قەھرىمان مەملۇكىيلار سۇلتانى مۇھەممەد ئىبنى قالاۋۇن ئېتىنى قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن باغلاپ قويۇشقا ئەمىر قىلدى ۋە ئاخىرقى ۋەسىيىتىنى يېزىپ بولۇپ، زەپەر ياكى شاھادەتتىن ئىبارەت ئىككى ياخشىلىقنىڭ بىرىگە بەل باغلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئابباسىي خەلىپىسى مۇستەكفىي بىللاھ قىلىچنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇجاھىدلارنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دىنىنى قوغداشقا چاقىردى. ھالبۇكى، مۇجاھىد شەيخ ئىبنى تەيمىيە سەپلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۆمىنلەرگە زەپەردىن بېشارەت بېرىپ، تىلى ۋە قىلىچى بىلەن جىھاد قىلىۋاتتى. ئىككى قوشۇننىڭ تىركىشىشى بىلەن تەڭ ئىككى يۈز مىڭدىن ئاشىدىغان موڭغۇل – ئەھلىسەلىپ ئەسكەرلىرى خۇددى چېكەتكىلەردەك ئۆزلىرىدىن سان ۋە ھازىرلىق جەھەتتە كۆپ تۆۋەن بولغان مۇسۇلمانلار قوشۇنى تەرەپكە ئاتلاندى. موڭغۇللار ياۋۇزلارچە ئۇرۇشقانلىقتىن، مۇسۇلمانلارغا سەلدەك يوپۇرۇلۇپ كەلدى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرغۇن ئاقساقاللىرى ۋە ئەمىرلىرىنى ئۆلتۈردى. لېكىن، مۇسۇلمانلار كەچنى كەچ دېمەي داۋاملىق مۇستەھكەم تۇردى. بۇ ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش ئۈچ كۈن داۋاملاشتى. ئەسكەرلەرنىڭ بىرىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇرۇش تازا چىڭىغا چىققان چاغدا، مۇجاھىد شەيخ ئىبنى تەيمىيە ئۇ ئەسكەردىن ئۇرۇشنىڭ شىددىتىدىن ئۆلۈش مۇقەررەر بولىدىغان بىر ئورۇننى كۆرسىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى. ئەسكەر ئۇنىڭغا چاڭ – توزانلار كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان، ئۇرۇش شىددەتلىك بولۇۋاتقان بىر ئورۇننى كۆرسىتىپ قويدى. ئۇ يەردە دۈشمەن كۈچلىرى سەل كەبى تۆكۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قوراللىرى ئۇلارنى بېسىۋالغان توپىنىڭ ئاستىدىن پارقىراپ تۇراتتى. ئەسكەر شەيخكە: «ئەپەندىم! مانا ئۆلۈم دەرگاھى، مانا ئۈستى – بېشىنى توپا باسقان دۈشمەن كەلدى، خالىغىنىڭىز ئالدىڭىزدا» دېدى.

ئۇشبۇ ئەسكەر ئۇنىڭدىن كېيىن بولغان ئىشلارنى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭ بىلەن شەيخ كۆزىنى ئاسمانغا قارىتىپ، ئىككى لېۋىنى ئۇزاق مىدىرلاتتى، ئاندىن ئورنىدىن قوزغىلىپ، ئۇرۇشقا يۈزلەندى. شەيخ مۇجاھىد ئەھمەد ئىبنى تەيمىيە ئاشۇ ئورۇنغا بۆسۈپ كىردى، چاڭ – توزانلار ئاستىغا غەرق بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلمىدى. ئاخىرى، مۇسۇلمانلار ئاشۇ چاڭ – توزانلار ئىچىدىن پارقىراق قىلىچىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان بىر چەۋەندازنى كۆردى. ئۇ ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىشىگىلا، ئۇنىڭ ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› ساداسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ چەۋەنداز ھەقىقەتەن غەلىبە بېشارەتلىرى قوللىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان شەيخۇلئىسلام مۇجاھىد ئەھمەد ئىبنى تەيمىيە ئىدى.

بۈيۈك ئىسلام تارىخچىسى ھافىز ئىبنى كەسىر شۇ جەڭدە بولغان ئىشلارنى مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:

«كېچە كەلگەندە، موڭغۇللار تاغ ۋە دۆڭلۈكلەرگە كىرىپ پاناھلاندى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنى قورشاپ، قېچىپ كېتىشتىن توستى ۋە تاڭ ۋاقتىغىچە ئۇلارغا ئوق ئاتتى. نەتىجىدە، ئۇلاردىن سانىنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىنى ئۆلتۈردى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنى تاغدىن چۈشۈرۈپ، بويۇنلىرىغا قىلىچ ئۇردى».

موڭغۇل ۋە ئەھلىسەلىپلەرنىڭ زور قوشۇنلىرى فۇرات دەرياسى تەرەپكە چاشقاندەك بەدەر تىكىۋېتىشتى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە يامغۇر تامچىلىرىدەك ياغقان ئوقلىرى ۋە قىلىچلىرىدىن قېچىپ، بىر – بىرلىرىنى دەسسەپ قېچىشقانىدى. نەتىجىدە، ئۇلاردىن نەچچە مىڭلىرى سۇدا غەرق بولدى، سۇدىن ئۆتۈپ قۇتۇلۇپ قالغانلىرى بولسا قاتتىق چارچاش ۋە ئېغىر يارىدىن ھالاك بولۇشتى. بۇنىڭدىمۇ ھالاك بولمىغانلىرى ئىراقتا مۇسۇلمانلارغا ئەسىرلىككە چۈشتى. ئۇلار مىڭ تەستە باغدادقا قاراپ مېڭىپ، كۆپىنچىسى فۇرات بويىدا ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئىراق ئەھلى ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنى تۇتۇپ قالدى.

ھافىز ئىبنى كەسىر ئۆزىنىڭ قالتىس كىتابى «بىدايە ۋە نىھايە»دە شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە باشچىلىقىدىكى شام مۇجاھىدلىرىنىڭ دىمەشققە قايتىشىنى مۇنداق سۈپەتلەيدۇ:

«شۇ ئاينىڭ تۆتىنچى كۈنى دۈشەنبە ئۇلار كىسۋەدىن دىمەشققە قايتىپ، كىشىلەرگە غەلىبىدىن خۇش خەۋەر بەردى. شۇ كۈنى شەيخ تەقىييۇددىن ئىبنى تەيمىيە مۇجاھىد يارەنلىرى بىلەن شەھەرگە كىردى. شەھەر ئەھلى ئۇنىڭ بىلەن خۇشاللاندى، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلدى ھەمدە ئاللاھ ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق مۇيەسسەر قىلغان ياخشىلىقلار ئۈچۈن ئۇنى تەبرىكلىدى».

شەيخۇلئىسلام ئۆزىنىڭ ئىمانى، ئورۇنلۇق تەدبىرى، مەسلىھەتى، جەڭگاھتىكى پىداكارلىقى ۋە باتۇرانە پوزىتسىيەلىرى بىلەن شۇ جەڭدىكى زەپەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولغانىدى. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش، ھۆكۈمدارلارنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىش، دىمەشقنى قوغداش قوشۇنىنى جابدۇش ئۈچۈن دىمەشق سودىگەرلىرىدىن پۇل – مال توپلاش قاتارلىق تۆھپىلىرى بولغانىدى.

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە جىھادى بىلەن شەقھەب جېڭىغا قاتناشقانلىقى قەھرىمانە بىر ئىش بولۇشىغا قارىماي، شەيخ ھايات مۇساپىسىدە بۇ جەڭدىنمۇ كاتتا جىھادىي جەڭلەرگە قاتناشقان. شەيخۇلئىسلام ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە مۇخالىپ بولغان سۇلتانلارنىڭ قارارلىرى ئالدىدا كەسكىن تۇرغان ئىدى. بۇ ھال ئۇنى ھاياتىدا ئۇزۇن مەزگىللەر تەكرار تۈرمىگە تاشلىنىشىغا ئېلىپ بارغانىدى. ئۇشبۇ تۈرمىگە تاشلىنىشلارنىڭ ئاخىرى ھىجرىيە 726 – يىلى شەبان ئېيىدا، ئۇنىڭ قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يۇرتتىن يۇرتقا سەپەر قىلىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدىكى پەتىۋاسى سەۋەبىدىن بولغانىدى. بۇ پەتىۋا سۇلتاننىڭ رايىغا ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى ناچار ئالىملارنىڭ رايىغا قارشى كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىبنى تەيمىيەگە ئەگەر قارىشىدىن يانمىسا تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقلىرى بىلەن تەھدىت سالدى. لېكىن، ئۇ يېشىنىڭ چوڭىيىپ، كېسىلىنىڭ ئەدەپ قالغانلىقىغا باقماي، ھۆكۈمدارنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە مۇخالىپ كېلىشتىن تۈرمىنى ئارتۇق كۆردى. نەتىجىدە، ئىبنى تەيمىيە قاراڭغۇ تۈرمىگە تاشلاندى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى شۇ تۈرمىدە يېزىپ چىقتى. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە دىمەشقتىكى قەلئەنىڭ تۈرمىسىدە تۇرۇۋاتقىنىدا، قېشىغا جاللات كېلىپ، ئۇنىڭغا: «مېنى كەچۈرگىن شەيخىمىز! بۇيرۇق مۇشۇنداق بولۇپ قالدى» دېۋىدى، شەيخۇلئىسلام ئەھمەد ئىبنى تەيمىيە پۈتۈن زالىم – زوراۋانلارنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان مۇنداق سۆزنى دېدى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن بولمىساڭ ئىدىڭ، ئۇلار زۇلۇم قىلالماس ئىدى».

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنى تۈرمىدە كۆرگەن تۈرمىداشلىرىنىڭ بىرى ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئاخىرقى قامىلىشتا قۇرئاننى يادقا 81 قېتىم تۈگەتكەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.

شەيخ ئەھمەد ئىبنى تەيمىيەنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشتى…

شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئىزچىل كېچىلىك ناماز ئوقۇدى ۋە قۇرئان ئوقۇدى، ھەتتا ھىجرىيە 728 – يىلى 20 – زۇلقەدە دۈشەنبە كۈنى گۇگۇم ۋاقتى… شۇ كېچىسى كىشىلەر ياشىنىپ قالغان شەيخنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئۇ كېسەلنىڭ دەستىدىن ھالسىز ئاۋازدا قۇرئان ئوقۇۋاتقان ئىدى. ئۇ ئوقۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿شۈھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە بولىدۇ، (سۇ، مەي، ھەسەل، سۈت) ئۆستەڭلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ﴾ ([1]) دېگەن بۇ ئايىتىگە كەلگەندە ئاۋازى ئۆچتى… مەڭگۈگە ئۆچتى… تۈرمە ۋە زۇلۇمنىڭ دەستىدىن ھالسىز چىققان بۇ ئاۋاز ھايات – ماماتلىق شەقھەب ئۇرۇشىدا تەكبىر بىلەن كۆتۈرۈلگەن ئاۋاز شۇ ئىدى، زوراۋانلار، يوغانچىلار ۋە ناچار ئالىملارنىڭ ئالدىنى توسقان ئاۋاز شۇ ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك شەيخۇلئىسلام ئەھمەد ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا چەكسىز رەھمەت قىلغاي!

مۇھاپىزەتچىلەر شۇ كامىرغا كىرىپ، ئىسلام قەھرىمانى، مۇجاھىد ئەھمەد ئىبنى تەيمىيەنىڭ جاندىن جۇدا بولغانلىقىنى بايقاشتى. قەلئە مۇئەززىنى جامەنىڭ مۇنارى ئۈستىدە ئىمامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى جاكارلىدى، مۇھاپىزەتچىلەرمۇ مۇنارلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئۇقتۇردى. كىشىلەر بۇنى ئاڭلىشىپ، قەلئە ئەتراپىغا يىغىلدى. مۇھاپىزەتچىلەر قەلئەنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. قەلئە ئۆزلىرىنىڭ مۇجاھىد شەيخى بىلەن ۋىدالىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئەر، ئاياللار بىلەن تولدى. يىغا ئاۋازلىرى ئاسمان – زېمىننى قاپلىدى. قەھرىمان شەيخۇلئىسلام ئەھمەد ئىبنى تەيمىيە شامدا ئوخشىشى كۆرۈلۈپ باقمىغان كاتتا جىنازىدا كۆتۈرۈلدى، دىمەشق ۋە قوشنا يۇرتلاردىن كەلگەن ئون نەچچە مىڭ مۇسۇلمان ئۇنىڭغا ناماز ئوقۇدى.

زالىملار بۇ بۈيۈك مۇجاھىدنىڭ ئاۋازىنى جىمىقتۇرالىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇلماس تارىخ بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈۋېتەلمەيدۇ. شەيخ ئەھمەد ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئەسەرلىرى تا مۇشۇ كۈنگىچە مۇسۇلمان ياشلىرى ئارىسىدا تارىلىپ كەلدى. ئېتىبارلىق ئالىملار شەيخ ئەھمەد ئىبنى تەيمىيەنى «شەيخۇلئىسلام (ئىسلام باش شەيخى ۋە ئىسلامنىڭ باش ئۇستازى)» دەپ ئېتىبارغا ئېلىشقا بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىتابلىرى ئىسلام دۈشمەنلىرى تاشلىغان شۈبھىلەرگە رەددىيە بېرىشنىڭ تۈپ مەنبەسىگە ئايلاندى. سەن شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، بۇ ئادەمنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرقانچىنى بىلسەڭلا كۇپايە. ھەر گىگانىت ئىسىملار شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ قولىدا شاگىرت بولغان. ئۇ ئىسىملاردىن: بۈيۈك ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزىيە، ئىمام ھافىز، بۈيۈك تارىخچى، «بىدايە ۋە نىھايە»نىڭ ئاپتورى ئىبنى كەسىر، «سىيەرۇلئەئلامىن نۇبەلا»نىڭ ئاپتورى ئىمام زەھەبى ۋە ئۇندىن باشقا ياخشىلىقلىرى ۋە بۈيۈك ئەسەرلىرىنىڭ ساۋابلىرى شەيخۇلئىسلامنىڭ ياخشىلىقلىرى قاتارىدا بولىدىغان، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كۆپلىگەن گىگانىتلىرى.

ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ چەكسىز رەھمەتلىرى ۋە ئالىي دەرىجىلىرى يار بولغاي!

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي

——————————–
([1]) سۈرە «قەمەر»، 54 – ۋە 55 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ