ئالىملار سۇلتانى ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسسالام

(ھىجرىيە 577 – 660 / مىلادىيە 1181 – 1262)

 

 

«ئەي ئوغلۇم! ئاللاھنىڭ ھەيۋىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم – دە، ئالدىمدىكى سۇلتاننى مۈشۈكتەك كۆردۈم».

                                                                                                                                                              _ ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسسالام

 

ئىسلام ئىززەت دىنىدۇر!

بۇ دىن ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلغان ھەربىر ئىنساننىڭ قەلبىدە ئىززەت ۋە شان – شەرەپ پەيدا قىلىدۇ. شۇ ئىززەتتىن كېيىن ئىنسان زېمىننىڭ ئەڭ چوڭ پادىشاھى ئالدىدا بولغان تەقدىردىمۇ، ھېچكىمگە خۇشامەت قىلمايدىغان بولىدۇ.

بىز ئىتالىيەلىك گېنېرال گرازىيانىنىڭ لېۋىيە مۇجاھىدى ئۆمەر مۇختارنى ئۈستى بېشىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغانلىقى بىلەن سۈپەتلىگەنلىكىنى كۆردۇق. ئەمەلىيەتتە، بۇ گېنېرال ئاشۇ نۇرنى ھەقىقەتەن راست سۈپەتلىگەنىدى. لېكىن، بىچارە ئۇ نۇرنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلمىگەنىدى. ئۇ نۇر بولسىمۇ قۇرئان ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلغان مۇسۇلماننى ئوراپ تۇرىدىغان نۇر بولۇپ، ئۇ نۇر مۇسۇلماننى زېمىننىڭ جىمى سۇلتانلىرى ئالدىدا بىر ئىمپېراتورغا ئايلاندۇرىدۇ. بىز ھازىر قىسسىسىنى سۆزلىمەكچى بولغان بۈيۈكىمىز ئەنە شۇ ئىسلامىي ئىززەتنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىززىددىن (دىننىڭ ئىززىتى) ئىدى. بىز پادىشاھ – ئەمىرلەرنى تىز پۈكتۈرگۈن ئالىملار سۇلتانى ھەققىدە سۆزلەيمىز. ئۇ بولسىمۇ قەھرىمان مۇجاھىد، سۆزمەن ناتىق، ئىززەت ۋە تىنچلىق سىمۋولى شەيخ ئىززىددىن ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇسسالامدۇر.

ئىسلام ئۈممىتى بۈيۈكلىرىنىڭ «ئەقىدە بىرلىكى، ئىرقلىرىنىڭ ھەر خىللىقى، نىشانىنىڭ يۈكسەكلىكى»دىن ئىبارەت باشقىلاردا تېپىلمايدىغان ئۈچ خىسلەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتكەنىدۇق. قەھرىمانىمىز ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسسالاممۇ شۇ ئۈچ خىسلەتنى ئۆزىدە جۇغلىغان. ئۇ تېگى مەغرىبلىك، تۇغۇلۇشتا شاملىق، ئۆلۈشتە مىسرلىقتۇر. شەيخنىڭ ئائىلىسى مەغرىبتىن شامغا ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، شەيخ ئۇمەۋىيلەرنىڭ پايتەختى دىمەشقتىكى ئۆيلەرنىڭ بىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا ناھايىتى ئاددىي ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئەجەبلىنەرلىك پەرقى، بۇ بۈيۈك شەيخ ئىلىمنى كېچىكىپ ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ سەرگۈزەشتى «ئىلىم ئوقۇش مەزگىلىم ئۆتۈپ كەتتى» دەپ باھانە كۆرسىتىدىغان ياشلارغا ئەڭ ياخشى ئۈلگە بولۇشى مۇمكىن. گەرچە شەيخ ئوقۇشىنى بەك كېچىكىپ باشلىغان بولسىمۇ، ئالىملارنىڭ مەجلىسلىرىدە ئولتۇرۇپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئىلىمدا بۈيۈك پەللىگە يەتكەن ۋە دىمەشقتە ئۇمەۋىي جامەسىنىڭ ئىمامى بولغان. بۇ شام ئېلىدىكى ئالىملار ئېرىشەلەيدىغان ئەڭ ئۈستۈن مەنسەپ ئىدى.

شۇ ۋاقىتتا دىمەشق ئەمىرى سالىھ ئىسمائىل ئەھلىسەلىپ بىلەن دوستلىشىشقا باشلاپ، ئۇلارغا سەفەد قورغىنى بىلەن سەقىفنى بەردى، ئۇلارنىڭ قورال سېتىۋېلىش ۋە ئاشلىق ئېلىش ئۈچۈن دىمەشققە كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسسالام بۇ ئىشنى يامان كۆرۈپ، ئۇمەۋىي جامە مۇنبىرىگە چىقتى – دە، كىشىلەرگە كەم – كۈتىسىز بىر خۇتبىنى سۆزلەپ، ياۋروپالىقلارغا قورال سېتىش ۋە ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشنى ھارام دەپ پەتىۋا بەردى. يەنە بىر خۇتبىسىدە مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى: «ئاللاھىم! بۇ ئۈممەتنى توغرا يولىدا مۇستەھكەم قىلغىن، بۇ يولدا ساڭا ئىتائەت قىلغانلارنى ئەزىز قىلغىن، ساڭا ئاسىي بولغانلارنى خار قىلغىن».

ئاندىن ئۇ پادىشاھ سالىھ ئىسمائىل ئۈچۈن دۇئا قىلماي مۇنبەردىن چۈشۈپ كېتىۋىدى، پادىشاھ بۇنى ئۆزىگە ئاسىيلىق ۋە ئىتائەتتىن باش تارتقانلىق دەپ ھېسابلاپ، ئىززىددىنغا غەزەپ قىلدى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ چېدىرىنىڭ يېنىدىكى بىر چېدىردا ھەپسىگە ئالدى. پادىشاھ ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تۈنەۋاتقان پەيتتە، ئەھلىسەلىپلەر شەيخنىڭ تۈن نىسپىدە قۇرئان ئوقۇۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. سالىھ ئىسمائىل ئەھلىسەلىپكە پەسكەشلەرچە ھىجىيىپ، بۇ ئادەمنى ئۇلار ئۈچۈن سولاپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. ئەھلىسەلىپلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقدىشى سۇلتان ئىسمائىلغا مەنسىتمىگەن ھالدا قاراپ، ئۇنىڭغا: «ئەگەر بۇ ئادەم بىزنىڭ بىر پوپىمىز بولۇپ قالسا ئىدى، بىز ئۇنىڭ پۇتىنى ئۆز قولىمىز بىلەن يۇيۇپ، پۇتىدىن ئاققان سۇنى ئىچكەن بولاتتۇق» دېدى.

پادىشاھ ئۇنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇ دىنىنى دەپ مىسىرغا ھىجرەت قىلدى. مىسىردا ئۇنى مۇجاھىد سۇلتان نەجمىددىن ئەييۇب ھۆرمەتلەپ، ئۇنى قاھىرەدىكى ئەمر ئىبنى ئاس جامەسىنىڭ ئىمامى قىلدى. لېكىن، شۇنداقتىمۇ، شەيخ ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسسالام سۇلتانلارنىڭ ئالىمى بولۇشقا ئۇنىماي، ئالىملارنىڭ سۇلتانى بولۇشنى تاللىدى. شەيخ مىسىردا شۇنچە زور مەنسەپلەرگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ھەق سۆزنى دېيىشنى، قاھىرەدە ھاكىملارغا ھەقنى جاكارلاشنى ئۆزىگە بۇرچ دەپ بىلدى. ئۇ يامان ئىشلارنى كۆرسە، ھەقنى يوشۇرماي ئوتتۇرىغا قوياتتى.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەيخ ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسسالام قاھىرەدە ھاراق ساتىدىغان بىر دۇكاننىڭ بارلىقىنى جەزملەشتۈردى – دە، بىر ھېيت كۈنى قەلئەگە _ سۇلتان نەجمىددىن ئەييۇبنىڭ قېشىغا باردى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇرغانلىقىغا شاھىت بولۇپ، سۇلتاننىڭ ھېيت كۈنىدىكى ھەيۋىتىنى كۆردى. ۋەھالەنكى، سۇلتان خەلقنىڭ ئالدىغا ئەڭ كۆركەم كۆرۈنۈشىدە چىققانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمىرلەر سۇلتاننىڭ ئالدىدا يەرنى سۆيۈشكە باشلىدى. شۇ ۋاقىتتا شەيخ سۇلتانغا بۇرۇلۇپ قاراپ، يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق نىدا قىلدى: «ئەي ئەييۇب! ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغىنىڭدا، ئاللاھ ساڭا: ‹مەن سېنى مىسىرنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگە قىلسام، سەن ھاراققا رۇخسەت قىلمىدىڭمۇ؟› دېسە، سەن ئاللاھقا نېمە دەيسەن؟».

سۇلتان:

–      شۇنداق ئىش بولدىمۇ؟ – دېۋىدى، شەيخ:

–      ھەئە، – دېدى. سۇلتان شەيخكە:

–      ئەپەندىم! بۇ مەن قىلغان ئىش ئەمەس، بۇ دادامنىڭ دەۋرىدىن قالغان ئىش، – دېۋىدى، شەيخ:

–      ئەجەبا، سەن «ئاتا – بوۋىلىرىمىز بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىپتىكەن، بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ ماڭىمىز» دەيدىغانلاردىنمۇ؟

شۇ چاغدا، سۇلتان نەجمىددىن ئەييۇب (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) ھېلىقى دۇكاننى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، شەيخ بولغان ئىشلاردىن خۇشال ھالدا، شاگىرتلىرىنىڭ قېشىغا قايتتى. شاگىرتلىرىدىن بىرى: «ئەپەندىم! كاتتا سۇلتاننىڭ قارشىسىدا تۇرۇپ، قانداقمۇ ئۇنى ئەمىرلىرىنىڭ ئالدىدا ئىسمى بىلەن چاقىرالىدىڭىز؟» دەپ سورىۋىدى، شەيخ مۇنداق دېدى: «ئەي ئوغلۇم! مەن ئۇنى شۇ كاتتىلىق ئىچىدە كۆرۈپ، ئۇنىڭ نەپسىنىڭ يوغىناپ، باشقىلارغا زىيان سېلىپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشنى خالىدىم». شاگىرت: ئەپەندىم! ئۇنىڭدىن قورقمىدىڭىزمۇ؟ دېۋىدى، شەيخ ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسسالام شاگىرتىغا كۈلۈمىسىرەپ قاراپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ھەرقاچان ئاللاھ تائالانىڭ ھەيۋىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم، سۇلتان ئالدىمدا بىر مۈشۈككە ئايلىنىدۇ» دېدى.

سۇلتان سەيفىددىن قوتۇز مىسىردا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان چاغدا، قوشۇننى جابدۇش ئۈچۈن خەلقتىن پۇل – مال توپلىماقچى بولۇپ، شەيخ ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسسالامدىن پەتىۋا سورىۋىدى، شەيخ ئاللاھنىڭ دىنى بارىسىدا سۇلتانغا يان بېسىشنى رەت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ئاۋۋال مەملۇكىيلارنىڭ ئەمىرلىرىدە بار بولغان ئالتۇن – جاۋاھىراتلارنى توپلاش كېرەكلىكى، ئۇلاردا جەڭ قىلغۇدەك ئېتى ۋە قورالىدىن باشقا نەرسىنىڭ قالماسلىقى، ئەمىرلەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە بولۇشى كېرەكلىكىنى، شۇندىلا شۇ خىل پەتىۋانى ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇزەففەر سۇلتان سەيفىددىن قوتۇز شەيخىنىڭ دېگەنلىرىنى ئورۇنلىدى ۋە پۈتۈن قوشۇن ئەمىرلەرنىڭ جاۋاھىراتلىرىنى سېتىپ ھاسىل بولغان پۇللار بىلەن جابدۇلدى. ھەتتا پۇللار ھاجەتتىن ئېشىپ قالغانىدى. شۇ ۋاقىتتا قەھرىمان شەيخ ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسسالام مىسىر جامەلىرىدە كىشىلەرنى جىھادقا رىغبەتلەندۈردى ھەمدە ئۇلارغا ساھابىلەر ۋە سەلەف سالىھلارنىڭ قىسسىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. شۇ ئارقىلىق ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە غەلىبە روھىنى قايتىدىن تىكىشكە مۇۋەپپەق بولدى. شەيخ موڭغۇللارنى ئىسلام ئۈممىتىدىن چېكىندۈرۈش شەرىپىگە نائىل بولۇش ئۈچۈن، ئۆزىمۇ جىھاد مەيدانىغا چىقتى. نەتىجىدە، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا ئوخشاش قەھرىمانلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن ئۇنتۇلماس «ئەين جالۇت» ئۇرۇشىدا زەپەر قازاندى. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇجاھىد داۋاملىق ئاللاھ يولىدا جىھا قىلىپ ۋە ئاللاھ ئۈچۈن دەۋەت قىلىپ 83 ياشقا يەتتى ۋە ھىجرىيە 660 – يىلى ۋاپات بولدى. بارلىق مىسىر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئالىمى، ئالىملار سۇلتانى، مۇجاھىد شەيخ ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسسالامدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا يىغلىغان ھالدا، ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى.

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.

 

تەرجىمىدە: قاراخانىي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ