ھىندىستاننىڭ بۈيۈك سۇلتانى شىھابۇددىن غۇرى

(ھىجرىيە 544 – 602 / مىلادىيە 1149 – 1206)

 

ھىندىستاننىڭ بۈيۈك ئىنسانلىرى

ماۋەرائۇننەھر ئەللىرىدىكى ئىسلام تارىخى نۇرغۇن مۇسۇلمانلارغا تۇتۇق. ھالبۇكى، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ دەۋرىدە ساھابىلەرنىڭ قوشۇنلىرى پارس ئىمپېرىيەسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلغان زامانلاردا يەنى دەسلەپكى دەۋەت مەزگىلىدە ماۋەرائۇننەھردە ئىسلام تارىخى بالدۇرلا باشلانغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ماۋەرائۇننەھر ئەللىرىدە مۇسۇلمانلار ئەتراپقا تارىدى. مۇسۇلمانلار ئىران ئېگىزلىكى بىلەن تۈرك يۇرتلىرى ئارىسىدىكى تارىخىي توسۇقلارنى ئېلىپ تاشلاپ، ھىندىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان يۇرتلىرىغا ئاتلاندى. بۇ مەزگىلدە كەم ئۇچرايدىغان بۈيۈك ئوغلانلار پارلاپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۈكسەك بىر نىشاننى كۆزلەيتتى، ئۇ بولسىمۇ دىن خىزمىتى ۋە ئىسلامنى يېيىشتۇر. زۇننۇر لەقەملىك ئابدۇررەھمان ئىبنى رەبىئە، ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ بەكرە، شۇرەيھ ئىبنى ھانى، ئابدۇررەھمان ئىبى ئەشئەس، قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم، مۇھەممەد ئىبنى قاسىم قاتارلىقلار ئەنە شۇ بۈيۈكلەردىندۇر.

ئابباسىيلار دۆلىتى قۇرۇلغاندا، ئەنە شۇنداق ئەللەرگە غازات ئاچىدىغان كىشىلەر ئاز بولدى. مۇسۇلمانلار ئۇزۇن مەزگىل ئۆزلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، غەزنەۋىيلەر دۆلىتى ۋە غەزنەۋىيلەرنىڭ بۈيۈك سۇلتانى مەھمۇد ئىبنى سېبۇكتېكىن مەيدانغا كەلدى. مەھمۇد ئىبنى سېبۇكتېكىن مۇسۇلمانلارغا جىھادنىڭ تۇنجى ئەسلىمىلىرىنى ئەسلىتىپ، ھىندىستان ئەللىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئۇ يەرلەرنى فەتھى قىلدى ۋە ھىندىستاننىڭ بۇتلىرىنى چاقتى، ئىبادەتخانىلىرىنى تۈزلىدى، نە بىرەر سۈرە، نە بىرەر ئايەت ئوقۇلۇپ باقمىغان رايونلاردا ئىسلامنى يايدى.

ھىندىستان ئەمىرلىرىنىڭ كۈچىنىڭ پاچاقلىنىشىدا ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ تۆھپە ئىگىسى بولدى. لېكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئىزباسارلىرى ھىندىستاندا تۇرماي، دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختى غەزنەگە قايتىشتى ۋە شۇ يېڭى ئەللەرگە ئۆزلىرى تەرىپىدىن ۋالىيلارنى تەيىنلەشتى. بۇ سەۋەبتىن، ھىندىستاندا ئىسلامنىڭ ئەھۋالى تۇراقلىق بولمىدى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەدەملىرى تەۋرىنىپ قالدى. بۇ ھالەت ھىندىستان كاپىرلىرىنىڭ نەچچە رەت توپىلاڭ كۆتۈرۈشىگە پۇرسەت بولۇپ بەردى. ئىشلار مۇشۇنداق مېڭىپ، ئاخىرىدا ھىندىستاندا تۇنجى مۇقىم ۋە پۇختا بىر دۆلەت قۇرغان، پۈتكۈل ھاياتىنى جىھاد ۋە دەۋەت بىلەن ئۆتكۈزگەن بۈيۈك قەھرىمانىمىز شىھابۇددىن غۇرى مەيدانغا كەلدى. ھىندىستاندا ئىسلامنىڭ مۇقىملىشىپ قېلىشىغا ئۇنىڭ ئىنتايىن زور تەسىرى بولغانىدى، ھەتتا مۇسۇلمان پاكىستان دۆلىتى چوڭ ۋە مۇھىم قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى ياسىغاندا، مۇسۇلمانلىرىمىز تونۇماي قېلىۋاتقان ئۇشبۇ قەھرىمانىمىزنىڭ بۈيۈكلۈكى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش يۈزىسىدىن، داڭلىق ئاتوم بومبىسىغا ئۇنىڭ ئىسمىدىنمۇ ئەۋزەل بىر ئىسىم يوق دەپ قاراپ قەھرىمانىمىز غۇرىنىڭ ئىسمىنى قويغانىدى.

ئۇنداقتا، ئۇشبۇ شىھابۇددىن كىم؟

ئۇ بولسا باتۇر قەھرىمان، ئېستىداتلىق ئەمىر، ئەبۇلمۇزەففەر شىھابۇددىن مۇھەممەد ئىبنى سام غۇرىدۇر، غۇرى قەبىلىلىرىنىڭ رەھبىرىدۇر. بۇ قەبىلىلەرنىڭ كۆكى تۈرك ئىرقىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، غۇر تاغلىرىنى ماكان تۇتقان. غۇر غەزنە بىلەن ھىرات ئارىلىقى (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرى) غا جايلاشقان، كەڭ كەتكەن چۆللۈك. بۇ خىل تەبىئىي مۇھىت ئۇلارنىڭ تەبىئىتىنى كۈچلۈك ۋە قاتتىق قىلغانىدى. ئۇلار ھىجرىيە 401 – يىلى سۇلتان مەھمۇد ئىبنى سېبۇكتېكىننىڭ قولىدا ئىسلامغا كىرگەن.

سۇلتان مەھمۇد ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى ۋە باتۇرلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىسلام ئەسكەرلىرىدىن بولۇپ قېلىشىنى كۆپ ئارزۇ قىلىپ، ئۇلارنى دىنغا چاقىرغان ئىدى. نەتىجىدە، ئۇلار دىنغا توپ – توپ بولۇپ كىردى. سۇلتان مەھمۇد ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىكلىرىدە قالدۇرۇپ، ئۇلارنى دىنغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتتى، ئۇلارغا دەۋەتچى ۋە مۇئەللىملەرنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقى تاكامۇللىشىپ، مەھمۇد ئىبنى سېبۇكتېكىننىڭ ئەڭ خالىس ياردەمچىلىرىدىن بولدى ۋە ھىندىستاندىكى كۆپلىگەن جەڭلەردە ئۇنىڭغا ياردەم بەردى.

ئالماشتۇرۇش قانۇنىيىتى

بۇ ئىلاھىي قانۇنىيەت مىللەتلەر، دۆلەتلەر ۋە جامائەتلەرگە، ھەتتا شەخسلەرگە قەدەر ھېچبىرىگە يان باسماستىن ۋە ھېچبىرىگە زۇلۇم قىلماستىن جارى بولۇپ كېلىۋاتقان بىر قانۇنىيەتتۇر. كىمكى قۇدرەت تېپىش يولىدا مېڭىپ، داۋاملىشىش ۋە كۈچىيىش سەۋەبلىرىنى قىلسا، يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شۇ مۇزەپپەر ۋە باقىي بولىدۇ. كىمكى بۆلىنىش ۋە ئىختىلاپلىشىش يولىدا مېڭىپ، زاۋاللىق ۋە مەغلۇبىيەت سەۋەبلىرىنى قىلسا، چوقۇمكى، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى يىقىلىش ۋە يوقۇلۇش بولىدۇ. مانا بۇ، غەزنەۋىيلەر دۆلىتىدە يۈز بەرگەن ئەھۋال بولۇپ، غەزنەۋىيلەر ھىندىستاندا خېلى ئۇزاق تۇرۇپ ئىسلامنى يايغانىدى. كېيىن تەختتىكى پادىشاھلارنىڭ قەلبلىرىگە دۇنيا سۆيگۈسى ۋە بوشاڭلىق سىڭىپ كىرىپ، ئۆزئارا ئىختىلاپلاشتى ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئۇرۇشتى، دۆلەت زەئىپلەشتى. بۇ ئەھۋال ھىندىستان كاپىرلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم باشلىرىنى كۆتۈرۈشىگە، ئىتائەتتىن چىقىشىغا ۋە مۇسۇلمانلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىشىغا ئوبدان پۇرسەت بولۇپ بەردى.

جانابىي ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆز دىنىغا ياردەم بېرىدىغان، شەرىئىتىنى غالىب قىلىدىغان بولغاچقا، ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىنى قوغداپ، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ۋە ئۇنى يايىدىغان باشقا بىر قەۋمنى ئۆزىنىڭ دىنىغا ئىگە قىلىشى مۇشۇ قانۇنىيەتنىڭ تەقەززالىرىدىندۇر. غەزنەۋىيلەر دۆلىتى زەئىپلەشكەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا غەزنەۋىيلەر دۆلىتىنىڭ ئورنىغا غۇرىيلار دۆلىتىنى، غەزنەۋىيلەر سۇلتانلىرىنىڭ ئورنىغا قوماندان شىھابۇددىن غۇرىينى ئالماشتۇردى. غۇرىيلار ھىجرىيە 582 – يىلى پۈتۈنلەي يىقىلغان غەزنەۋىيلەر دۆلىتىگە ۋارىس بولغانىدى.

شان – شەرەپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

غەزنەۋىيلەر دۆلىتى ئۆزىنىڭ بۈيۈك سۇلتانى مەھمۇد ۋە ئۇنىڭ بالىسى مەسئۇدنىڭ دەۋرىدە، كۈچىيىش ۋە كېڭىيىشتە تازا ئەۋجىگە چىقىپ، ئىران، پۈتۈن شىمالىي ھىندىستان، سىند، پەنجاپ، گانگ دەرياسىدىن بىنگالغىچە بىپايان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. دۆلەت ئاجىزلاشقاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ نۇرغۇن زېمىنلىرى يەنە كاپىرلارنىڭ قولىغا چۈشۈشكە باشلىدى. كاپىرلارغا ياردەم بەرگەنلەر كاپىرلىقتا ئۇلاردىن تۆۋەن تۇرمايتتى، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ مۇناپىقلىقى بىلەن قارا كاپىرلاردىن ئېشىپ كېتەتتى. ئۇلار بولسا قەرمەتىيلەر پىرقىسى ۋە ئىسمائىلىيە شىئەلىرىدۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، غەزنەۋىيلەرنىڭ نۇرغۇن ئىگىلىكلىرى، ھەتتا ئۇلارنىڭ مەركىزى بولغان ئىرانمۇ تارتىۋېلىنغانىدى.

ئەنە شۇ ۋاقىتتا، باتۇر قەھرىمانىمىز، غۇرنىڭ خانى شىھابۇددىن غۇرى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىلگىرىكى شان – شەرەپلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشكە تۇتۇش قىلدى.

شىھابۇددىن جىھاد ھەرىكىتىنى بالدۇرلا باشلىدى. ئۇ جىھادىنى خۇددى ئىلگىرى مەھمۇد ئىبنى سېبۇكتېكىن باشلىغاندەك ئەينى نۇقتىدىن _ مۇلتاندىن باشلىدى. بۇ رايون كاپىر قەرمەتىيلەرنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغانىدى. دەرۋەقە، شىھابۇددىن ھىجرىيە 570 – يىلى مۇلتاننى قەرمەتىيلەرنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالدى، ئاندىن پىشاۋەرنى، ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ بولسىمۇ سىند دەرياسىنىڭ ئەتراپىنى تولۇق بويسۇندۇردى. ئۇ غەزنەۋىيلەرنىڭ ئىگىلىكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ، غۇرىيلارنىڭ نوپۇزىنى پەنجاپ، سىند، شىمالىي ھىندىستاندىن تا بېنگال قولتۇقىغىچە يايدى.

ھىندى بۇتپەرەسلىرى ئىتتىپاقى

ھىندىستان ئەمىرلىرى شىھابۇددىن غۇرىدىن ئىبارەت يېڭى بىر ئارسلاننىڭ مەيدانغا چىققىنىدىن كېيىن، ئىشنىڭ خەتەرلىكلىكىنى، ئىسلام تەھدىدىنىڭ قايتىدىن يېنىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىشىپ، ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدا «چوڭ دەريالار رايونى ئەمىرلىرى ئىتتىپاقى» دەپ تونۇلغان ئىتتىپاقنى تۈزۈشتى. بۇ رايون ھىندىستان ئەللىرى ئىچىدە ئەڭ مول ۋە ئاھالىسى ئەڭ زىچ رايون ئىدى. بۇ ئەمىرلەرنىڭ ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىكى، براھمان كاھىنلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى ۋە تاجۇتەختلىرىدىن ئەنسىرىشى ئۇلارنى مۇسۇلمانلارغا ئاشكارا دۈشمەنلىك قىلىشقا، غۇرىيلار دۆلىتىدىكى بەزى ئىچكى ئىشلارنى ۋە شىھابۇددىننىڭ بەزى ئىچكى توپىلاڭ ۋە مۇقىمسىزلىقلارنى تۈگىتىش بىلەن ئالدىراشلىقىنى پۇرسەت بىلىپ مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش ئېچىشقا ئېلىپ باردى.

ھىندىلارنىڭ پۈتۈن سەپلىرىگە قارشى جىھاد قىلىش

شىھابۇددىن غۇرى پۈتكۈل ھىندىستاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى، ئىلگىرىكى سۇلتان مەھمۇد ئىبنى سېبۇكتېكىننىڭ ئۆتىگەن رولىنى تولۇقلاشنى ئارزۇ قىلاتتى. شىھابۇددىن مەھمۇد ئىبنى سېبۇكتېكىنغا ئوخشاش بولۇشنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. بۇ ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىدا ئوچۇق كۆرۈلگەن. لېكىن، ئىشلار مەھمۇد ئىبنى سېبۇكتېكىننىڭ كۈنلىرىدىكىدەك ئۇنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقمىدى. چۈنكى، شىھابۇددىن نۇرغۇنلىغان ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلەر بىلەن جىھاد قىلىشقا قىستالدى، ھۇجۇمدىن مۇداپىئەگە، مۇداپىئەدىن قايتۇرما ھۇجۇمغا، ھىندىستاندىن خۇراسانغا، خۇراساندىن چىن ۋە ئىرانلارغا يۆتكىلىپ تۇراتتى، ھىندى كاپىرلىرى، تۈرك كاپىرلىرى، كاپىر باتىنىيلارغا قارشى ھەم مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى بۇزغۇنچى، ئاچكۆز، دۇنياپەرەسلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلاتتى. شۇڭا، ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى نە ئىللىق ئۆي ۋە نە راھەت كۆرۈپ باقماستىن، نە بالىلىرىنى ئەركىلىتىپمۇ باقماستىن ئۆتكۈزدى، بەلكى ئۇ ئاتنىڭ ئۈستىدىن ئاتنىڭ ئۈستىگە، قىلىچ ئۇرۇشتىن ئوقيا ئېتىشقا يۆتكىلىپ تۇراتتى.

بىرىنچى: ھىندىستان كاپىرلىرىغا قارشى جىھادى

ھىندى بۇتپەرەس ئەمىرلىرى شىھابۇددىن غۇرىنىڭ ئۇرۇشلىرىدىكى ئەسلىي ۋە ئەڭ چوڭ دۈشمەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۇلار بىلەن قىلغان تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولماي، شىھابۇددىنغا قاتتىق رىيازەتلەرنى چەكتۈردى. ھىجرىيە 583 – يىلى مۇسۇلمانلار شىرىستى شەھىرىگە كىردى. بۇ شەھەر ھىندىستان شەھەرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ باي شەھەرلىرىدىن ئىدى. بۇنىڭ ئارقىسىدا، بەرىتى قوماندانلىقىدىكى ھىندى ئىتتىپاقى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلدى ۋە بۇ جەڭ مۇسۇلمانلار ھىندىستاندا يولۇققان ئەڭ قاتتىق جەڭلەردىن بولدى. غۇرىيلارنىڭ بەزى ئەمىرلىرى چېكىندى ۋە جەڭگاھتىن قاچتى. شىھابۇددىن بولسا ئىزچىل ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى. ئۇرۇشنىڭ قاتتىلىقىدىن ئۇ قىلىچى ۋە نەيزىسى بىلەن بىرقانچە پىلنى ئۆلتۈردى. ئۇ ئېغىر يارىلاندى ۋە كاپىرلار ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن يوپۇرۇلۇپ كەلگەندە، ئۇنى ئەسكەرلىرى قوغداپ قېلىپ، ئۇنى قان ئېقىۋاتقان يارىدار ھالىتىدە 40 كېلومېتىر نېرىسىغا كۆتۈرۈپ ئاپاردى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتى. كېيىن ئۇ ساقىيىپ لاھۇرغا قايتقاندىن كېيىن، جەڭگاھتىن قاچقان غۇرىيلارنىڭ ئەمىرلىرىنى جازالىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ بوينىغا ئارپا پاخىلىنى ئېسىپ، ئۇلارغا: «سىلەرمۇ ئەمىرمۇ؟! بەلكى سىلەر چارپايسىلەر» دېدى ۋە ئۇلارنى غەزنەگىچە پىيادە مېڭىشقا بۇيرۇدى.

شىھابۇددىن ھىندى بۇتپەرەسلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۆزىدىن مەغلۇبىيەتنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل تەييارلىق قىلىپ، كېرەكلىك ھازىرلىقلارنى قىلدى ۋە چوڭ بىر قوشۇن راسلىدى. ئىلگىرىكى جەڭدە تاشلاپ قاچقان ئەمىرلەرنى ئۆچ كۆرەتتى، ھىندىلارغا قارشى ئۇرۇشقا ئۇلارنى ئالماسلىققا بەل باغلىغان ئىدى. قەۋمنىڭ بەزى ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئۇلاردىن رازى بولۇپ كېتىشىنى سورىۋىدى، شىھابۇددىن دىنغا ياردەم بېرىش ۋە ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ھېس قىلغان ئىمانلىق چىن خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە بۇ باتۇر قەھرىماننىڭ نەقەدەر كۈچلۈك بىر قەلبى بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان مۇنداق ئىبارىلەرنى دېدى: «بىلگىنكى، شۇ كاپىر مېنى مەغلۇپ قىلغاندىن بېرى مەن خوتۇنۇم بىلەن بىر كۆرپىدە ئۇخلاپ باقمىدىم، ئۈستۈمدىن ئاق كىيىمىم (كېپەن كىيىمى) نىمۇ سېلىپ باقمىدىم. مەن دۈشمىنىمنىڭ ئالدىغا بارىمەن، مەن پەقەت رەببىمغا تايىنىمەن، غۇرىيلار ۋە نە باشقىسىغا ئەمەس. ئەگەر ئاللاھ ماڭا ياردەم بەرسە، دىنىغا ياردەم بەرسە، بۇ ئۇنىڭ پەزلى – مەرھىمىتىدۇر. ئەگەر مەغلۇپ بولۇپ قالسام، مېنى ئىزدەپ يۈرمەڭلار، مەن ئاتلارنىڭ تۇيىقى ئاستىدا تۈگىشىدىغان بولساممۇ، ھەرگىز ئارقامغا چېكىنمەيمەن».

بۇ روشەن ئىپادىدىن كېيىن غۇرىيلارنىڭ ئەمىرلرىنىڭ قەلبلىرى لەرزىگە كەلدى ۋە ھەممىسى ئۆلگىچە ئۇرۇش قىلىشقا، جەڭگاھتا نېمە ئىش بولسا بولسۇن قەتئىي چېكىنمەسلىككە قەسەم ئىچتى.

شىھابۇددىن غۇرى ئىلگىرىكى مەغلۇبىيەتتىن بىر يىل كېيىن، 120 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ھىندىستانغا ئاتلاندى. ھىندىستان پادىشاھى بەرىتى 300 مىڭ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاشىدىغان بىر قوشۇن بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. شىھابۇددىن غۇرى دانا بىر ھەربىي تاكتىكا قوللىنىپ، قوشۇنىنى ئىككى قىسىمغا بۆلدى ۋە تاڭ سەھەردە ھىندىلارغا ئىككى ياندىن ھۇجۇم قىلدى. ھالبۇكى ھىندىلار قىسماققا چۈشۈپ قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئۇلارنى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. بەرىتى قاچماقچى بولغاندا، ئۇنىڭغا سەپداشلىرى: «سەن بىزگە: ۋاز كەچمەيمىز ۋە قاچمايمىز، دەپ قەسەمياد قىلغانىدىڭ» دېۋىدى، ئۇ ئېتىدىن چۈشۈپ، داۋاملىق ئۇرۇش قىلدى ۋە ئاخىرىدا ئەسىرگە چۈشتى. بەرىتى ئۆز جېنى بەدىلىگە ھەددى – ھېسابسىز پۇل – مال بېرىشنى ئېيتتى. لېكىن، شىھابۇددىن بەرىتىنى ئۆلتۈرۈرۈش ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ قالغان ئەللىرىنى ئاسان قولغا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، تۆلەم ئېلىشنى رەت قىلدى ۋە ئۇنى ئۆلتۈردى. مانا بۇ، ئىسلامدىكى جىھادنىڭ مەنىسىنى روشەن تەكىتلەپ بېرىدۇ. چۈنكى، جىھاد نە دۇنيا ئۈچۈن، نە غەنىيمەت ئۈچۈن، نە ئۆلتۈرۈش ۋە ئىگەللىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەڭ يۈكسەك بىر غايە _ ئىسلامنى يېيىش ئۈچۈن، دىننى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، كىشىلەرنى ھەقنى ئاڭلاشتىن توسۇۋاتقان زوراۋانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلاتتى.

مانا بۇ روشەن زەپەر ھىندىستاندا ھىندى بۇتپەرەسلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاياغلاشقانلىقى، ھەقىقىي ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. شىھابۇددىن غۇرى شىرىستى، ھىنسى، ئاجمېر، كاھرام قاتارلىق بىرقانچە شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، بۇتپەرەسلەرنىڭ بۇتلىرىنى چاقتى ۋە ئۇ بۇتلارنىڭ تاشلىرىنى مەسجىد قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى. ئەمىر شىھابۇددىن غۇرى فەتھى قىلىنغان ھىندىستان شەھەرلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ئۆزىنىڭ قۇلى ۋە قوشۇن سەركەردىسى قۇتبىددىن ئايبەگكە تاپشۇرغانىدى. قۇتبىددىن ئايبەگ باتۇرلۇق ۋە ساپ كۆڭۈللۈكتە ئۇستازىدىن قېلىشمايتتى. شۇڭلاشقا، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قەدەملىرىنى ئۇ يەرلەردە بەرقارار قىلىپ، دېھلىنى ئۆزىنىڭ پايتەختى قىلدى ۋە داڭلىق جامە _ قۇتبى مۇنارنى سالدى. شۇنداقلا، قۇتبىددىن ھىندى ئىتتىپاقى گۇرۇھلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ھىجرىيە 591 – يىلى جۇندۇۋار تۈزلەڭلىكىدىكى شىددەتلىك بىر جەڭدە ئۇلار ئۈستىدىن نۇسرەت قازاندى.

قۇتبىددىن ئايبەگ ھىندىستاندىكى ئىسلامنىڭ ئۇللىرىنى چىڭىتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، شىھابۇددىن ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ئىبنى بەختيار خەلەجىي ئىسىملىك يەنە بىر تۈرك قەھرىماننى شەرق تەرەپكە يەنى بىنگال رايونىغا ئەۋەتتى. بۇ رايون پۈتۈن ھىندىستان بويىچە بۇتپەرەسلىكنىڭ قورغانى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىنگال رايونىنى فەتھى قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنى يىقىتتى، ئىسلام سىمۋوللىرىنى نامايان قىلدى. بۇ ھىجرىيە 599 – يىل ئىدى. شۇ يىلى قۇتبىددىن ھىندىستان قەلئەلىرىنىڭ ئەڭ مۇستەھكىمى بولغان كەلەنجەر قەلئەسىنى فەتھى قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. مەزكۇر قەلئەنىڭ قولغا كېلىشى بىلەن _ جەنۇب سەھراسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا _ ھىندىستاندا ئىسلام كىرمىگەن بىرمۇ جاي قالمىغانىدى.

ئىككىنچى: شىھابۇددىننىڭ تۈركلەرنىڭ كاپىرلىرىغا قارشى جىھادى

تۈرك ئىرقى ئىران ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىدىن تا چىننىڭ ئەڭ يىراق شەرقىگىچە، شۇنداقلا كاۋكاز ۋە موڭغۇلىيە ئەللىرىگىچە جايلاشقان ئۇلۇسلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇلۇسلارنىڭ ئىچىدە مۆمىنىمۇ، كاپىرىمۇ بار ئىدى. مۆمىن ئۇلۇسلار مەسىلەن، سەلجۇقىيلار، تۈركمەنلەر، قاراخانىيلار، غۇرىيلار ۋە خارەزمىيلەردۇر. بۇتپەرەس كاپىر تۈرك ئۇلۇسلار بولسا، چوڭ بىر بايراق _ مۇشۇ ئۇلۇسلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى ھېسابلىنىدىغان قاراخىتايلار (يەنى قاراقىتانلار) نىڭ بايرىقى ئاستىغا توپلاشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ يىلتىزى چىننىڭ غەربىدە بولۇپ، ئامۇ – سىر دەريا دەريالىرى بۇ كاپىر ئۇلۇسلار بىلەن ئىسلام يۇرتلىرىنى ئايرىپ تۇراتتى.

بۇ كاپىر ئۇلۇسلار كۈچلۈك ۋە بۇزغۇنچى بولۇپ، مۇسۇلمان قوشنىلىرىغا ئەزىيەت بېرەتتى ۋە ئۇلارغا كۆپ ھۇجۇم قىلاتتى. دېمەك، زېمىننىڭ بۇنداق بىر يېرىدە بىر ئىسلام قەھرىمانىنىڭ كۆكرەپ كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ پۈتۈن ئۈمىدى ئۇنىڭغا چۈشۈشى تەبىئىي ئىدى. دەرۋەقە، شىھابۇددىن ئۇلارغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلەپ، ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈشىنى توستى. لېكىن، ھەقىقەتەن كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان بىر تارىخىي ئاچچىق ھەقىقەت شۇكى، بۇ ئۇلۇسلار يەنە بىر مۇسۇلمان پادىشاھنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن شىھابۇددىنغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش ئاچقان ئىدى. ئۇ پادىشاھ بولسىمۇ خارەزىمشاھ ئالائىددىن مۇھەممەد ئىككىنچىدۇر. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى پۈتۈن ئىران ئېگىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇ يەنە بۈيۈك سەلجۇقىيلار دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، سەلجۇقىيلارنىڭ پۈتۈن زېمىنلىرىغا ئىگە بولغانىدى (شۇنداقلا ماۋەرائۇننەھرگە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان غەربىي قاراخانىيلار بىلەنمۇ كۆپ توقۇنۇشۇپ، ئۇلارنى مۇنقەرز قىلغان ئىدى). ئۇ پەقەت ئۆز مەنپەئەتى ۋە بايلىقىدىن باشقىسىغا پەرۋا قىلمايدىغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ كەڭ پادىشاھلىقى ۋە سەلجۇقىيلاردىن ئالغان زېمىنلار ئۇنى ئابباسىيلار خەلىپىسى ناسىرلىدىينىللاھتىن سۇلتانلىق مەنسىپى ۋە باغدادتا ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن خۇتبە ئوقۇلۇشنى تەلەپ قىلغۇزدى. خەلىپە ئۇنى رەت قىلىپ، شىھابۇددىن غۇرىنىڭ خارەزىمشاھنى ئۆزىگە قارشى ئۇرۇش ئېچىشقا قەدەم تاشلىشىدىن توسۇشىنى تەلەپ قىلىپ، شىھابۇددىنغا ئەلچى ئەۋەتتى. شۇ چاغدا خارەزىمشاھ شىھابۇددىننىڭ كۈچىدىن قورقۇپ، كاپىر قاراخىتاي پادىشاھلىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى غۇرىيلار دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتتى. شىھابۇددىن بۇندىن ئىلگىرى قاراخىتايلارنىڭ بەزى يۇرتلىرىنى ئالغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ شىھابۇددىن ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش ئېچىش ئىرادىسى كۈچەيدى.

كاپىرلار شىھابۇددىن غۇرىنىڭ ھىندىستاندا غازاتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى پۇرسەت بىلىپ، غۇر ئېلىغا زور قوشۇن باشلاپ ھۇجۇم قىلدى. شىھابۇددىننىڭ يوقلۇقى ۋە دۈشمەننىڭ زورلۇقى تۈپەيلىدىن، مۇسۇلمانلارغا مۇسىبەت ئېغىر بولدى. لېكىن، ئۆزىنىڭ دىنىنى ساقلاشقا، ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھ شىھابۇددىننىڭ ياردەمچىلىرىدىن بولغان ئەمىر مۇھەممەد ئىبنى چاربەگ، ھۈسەين ئىبنى خەرەمىل، ھەرۇش غۇرىلاردەك بىرقانچە قەھرىماننى مۇسۇلمانلارغا مۇيەسسەر قىلدى. ھەريەردىن مۇجاھىدلار ۋە پىدائىيلار كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى. ئاندىن ئۇلار قاراخىتاي قوشۇنىغا كېچىدە باستۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. ئىككى پىرقە ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، ھەرۇش غۇرى شېھىت قىلىندى. ئۇ ياشىنىپ قالغان كىشى ئىدى. نەتىجىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى تېخىمۇ ئۇلغايدى. ئۇلار ياچاق ۋە نەيزىلىرىنى تاشلىۋېتىپ، پەقەت قىلىچ ۋە پالتىلار بىلەن جەڭ قىلدى. ئاخىرى، مۇسۇلمانلار قاراخىتايلارنىڭ پادىشاھىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك زر نۇسرەت قازاندى. بۇ زور غەلىبىدىن كېيىن قاراخىتايلارنىڭ پادىشاھى خارەزىمشاھقا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭدىن ھەربىر ئۆلگەن كاپىرغا 1000 دىنار ئالتۇن بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ھال خارەزىمشاھنى شىھابۇددىندىن ئەپۇ سوراشقا قىستىدى. شىھابۇددىن خارەزىمشاھنىڭ ئابباسىيلار خەلىپىسىنىڭ ئىتائىتىگە كىرىشى شەرتى بىلەن ئەپۇ قىلىشقا قوشۇلدى. ئۆزىنىڭ مۇھەببەت – نەپرىتىنى ھاۋايى – ھەۋىسىگە بېقىپ ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان خارەزىمشاھ ئۇنىڭ شەرتىگە ماقۇل كەلدى. ھالبۇكى، شەرق ۋە غەربتىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبلىرىدە خارەزىمشاھنى ئۆچ كۆرۈش پەيدا بولغانىدى. ھەيران قالارلىق تەرىپى، بۇ بالا – قازا ئادەم قايتىپ بېرىپلا، يەنە قايتىدىن قاراخىتايلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى ۋە ئۇلارنى شىھابۇددىنغا قارشى كۈشكۈرتتى ھەم ئۇلارغا شىھابۇددىننىڭ ئاجىزلىق نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. نەتىجىدە، ئۇلار ھىجرىيە 600 – يىلى ھەيۋەتلىك بىر جەڭدە شىھابۇددىننى يەڭدى. ئۇ جەڭدە شىھابۇددىن ئۆلگىلى ۋە شۇ سەۋەبلىك ھىندىستاندىكى ئىسلام دۆلىتى غۇلاپ چۈشكىلى تاس قالغانىدى.

3. زىندىقلارغا، شىئە باتىنىيلارغا ۋە باشقا ئازغۇن پىرقىلەرگە قارشى جىھادى

ئىران ئېگىزلىكى رايونى ۋە ھىندىستان ئەللىرى ئازغۇن پىكىر – ئىدىيەلەر ۋە قايمۇققان ئەقىدىلەرنىڭ كەڭ ۋە مۇنبەت ئېتىزى ئىدى. چۈنكى، ئۇ يەرلەر خىلمۇخىل پەلسەپە، براھمان چۈشەنچىلىرى، ئاتەشپەرەسلىك ۋە ھەرخىل پارس ئېتىقادلىرىنىڭ ئوچىقى ئىدى. دېمەك، ئاشۇ جايلاردا شۇ ئازغۇن ئېتىقادلارنىڭ ئىزلىرىنىڭ قېپقېلىشى ئېنىق ئىدى. شۇ جەھەتتىن، بۈيۈك سۇلتان مەھمۇد ئىبنى سېبۇكتېكىن فەتھى قىلغان ياكى ئىگىلىگەن ھەربىر شەھەرنى شۇ ئازغۇن ئېتىقاد ۋە پىرقىلەرنىڭ ئىزلىرىدىن ئېرىغداشقا قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەگە قارشى بولغان مەزھەپلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقاتقان ئىدى. ئالدىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەھمۇد ئىبنى سېبۇكتېكىنغا قاتتىق ئوخشايدىغان ئەمىر شىھابۇددىن غۇرىمۇ ئۇنىڭ يولىنى بويلاپ ماڭدى. شىھابۇددىن غۇرى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىدىكى شافىئىي كىشى بولۇپ، ئىسلامغا مۇھەببىتى ۋە ئىمانى كۈچلۈك ئىدى، بىدئەت ۋە بۇزۇقچىلىق ئەھلىنى يامان كۆرىدىغان، ئازغۇن پىرقىلەرگە، بولۇپمۇ باتىنىي ئىسمائىلىيە پىرقىسىگە قاتتىق ئۆچ ئىدى. ئۇلاردىن ئۇچراتقانلىكى ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، يېزىلىرىنى خاراب قىلاتتى، ئۇلارنى ئىسلامغا كىرىشكە بۇيرۇيتتى. شىھابۇددىن غۇرى ئازغۇن پىرقىلەردىن بولغان دىنسىزلار ۋە زىندىقلارنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تېنىنى چىرىتىۋاتقان ئەڭ چوڭ خەتەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بۇ ئۈممەتكە يامانلىق كۈتۈپلا تۇرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا سالىدىغان زىيىنىنىڭ قارا كاپىرلارنىڭ سالىدىغان زىيىنىدىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى.

خىيانەتكار خارەزىمشاھ شىھابۇددىن ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى قاراخىتاي ئۇلۇسلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇلارغا شىھابۇددىننىڭ ئاجىزلىق تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا مۇسىبەت چۈشكەندە، يۇرت – يۇرتلاردا شىھابۇددىن جەڭدە ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، دېگەن ئىغۋا تارالدى. شۇ چاغدا ھەربىر دىنسىز، زىندىق، جىنايەتچى، بۇزغۇنچى ۋە دۇنياپەرەسلەرنىڭ خورىكى ئۆستى. شىھابۇددىننىڭ ئايبەگ بال ئىسىملىك بىر قۇلىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ، شىھابۇددىننىڭ ئورنىغا ئۆزىنى سۇلتان دەپ جاكارلىدى. ئۇنىڭغا ئەمىر ئىبنى يەزان دەيدىغان بىر زىندىق ياردەم قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئايبەگ بال كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش ۋە كىشلەرنىڭ قانلىرىنى تۆكۈش، ماللىرىنى ئېلىۋېلىشقا باشلىدى. پۈتۈن ئوغرى – قاراقچىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى، شۇنداقلا زىندىق ۋە دىنسىزلارنىڭ پىكىر – ئېتىقادلىرىنى تارقىتىشقا كەڭ ئىشىك ئېچىلدى. شىھابۇددىن غۇرى ئۇرۇشتىن قايتىپ، بولغان ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ بۇزغۇنچىلارنى، زىندىقلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى تىلاۋەت قىلدى: ﴿ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ (يەنى جازا) ئۇلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادا رەسۋالىق (ئېلىپ كەلگۈچىدۇر)، ئاخىرەتتە ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾[1].

ئاندىن ئۆز مەملىكىتىنىڭ ئىچى – تېشىدىكى ئىسمائىلىيە يېزىلىرى ۋە شەھەرلىرىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. مەقسىتى بارلىق ئىسلام ئەللىرىنى بۇ نىجىسلاردىن تازىلاش ئىدى.

شىھابۇددىننىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا قاراخىتايلاردىن ئېقىپ كىرگەن بۇ ئىغۋا نۇرغۇنلارنىڭ قارا نىيەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى. سۇبھانەللاھ! خۇددى ئاللاھ ئېيتقاندەك: ﴿سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ھالبۇكى ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر﴾[2]. مەزكۇر مەغلۇبىيەت ئومۇمەن، مۇسۇلمانلارغا، خۇسۇسەن، شىھابۇددىنغا قاتتىق يامان كۆرۈلگەن ۋە ئېغىر كەلگەن ئىدى. لېكىن، ئۇ مەغلۇبىيەت مۇسۇلمانلارنىڭ چۆرىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بەردى.

جۇدى رايونىنىڭ دانىيال ئىسىملىك ئەمىرىمۇ يۇقىرىقىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇ شىھابۇددىننىڭ كۈچىدىن قورقۇپ مۇسۇلمان بولغانىدى. ئۇنىڭغا شىھابۇددىننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئىغۋالار يەتكەندىن كېيىن، ئىسلامدىن يېنىۋېلىپ، لاھۇر ۋە مۇلتان تاغلىرىدا تۇرىدىغان بىر كاپىر تۈرك قەبىلە بىلەن ئىتتىپاقلاشقانىدى. ئۇلارنىڭ تۇرغان يەرلىرى مۇستەھكەم ۋە پۇختا يەرلەر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كاپىر ئىتتىپاق مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ يول توستى ۋە سودا كارۋانلىرىنى بۇلىدى. بۇ مەزگىلدە شىھابۇددىن قاراخىتايلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى جابدۇۋاتاتتى. ئۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىرادىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىشنى ئۆز مەملىكىتىدىكى بۇ كاپىر مۇرتەدلەردىن باشلاشنى قارار قىلدى.

مانابۇ، شىھابۇددىننىڭ ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشنى ئەڭ خەتەرلىك ھېسابلىنىدىغان يېقىن دۈشمەندىن باشلاش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن شىھابۇددىن ھىجرىيە 602 – يىلى 25 – رەبىئۇلئەۋۋەل پەيشەنبە كۈنى قوشۇنلىرىنى تېزلىكتە شەرق يۆنىلىشىدىن شىمالغا يۈزلاندۈرۈپ، خائىن – مۇرتەدلەرگە ئېچىرقاپ كەتكەن شىر كەبى ھۇجۇم قىلدى. كاپىرلارنىڭ قارشىلىقىمۇ قاتتىق بولدى. شىھابۇددىن قوشۇننى ئىككى بۆلگەنىدى، بىر بۆلىكىگە ئۆزى قوماندانلىق قىلدى ۋە كاپىرلار بىلەن يۈزمۇيۈز تۇتۇشتى. يەنە بىر بۆلىكىگە شىھابۇددىننىڭ ئەڭ ئېسىل شاگىرتى باتۇر ئەمىر قۇتبىددىن ئايبەگ قوماندانلىق قىلدى. بۇ ئىككىنچى بۆلۈك كەسكىن پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بۆكتۈرمە كەبى بولغانىدى. دەرۋەقە، قۇتبىددىن ئايبەگ ئۇرۇش چىڭىغا چىققان چاغدا، قوشۇنى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار ئىسلامنىڭ شۇئارى «ئاللاھۇ ئەكبەر»نى ياڭرىتىپ، كاپىرلارغا مەردانە ئېتىلدى. نەتىجىدە، مۇسۇلمانلار كاپىرلارنى يەر چىشلىتىپ، ئۇلارنى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. كاپىرلار قېچىپ، شۇ يەردىكى بىر تۆپىلىككە چىقىۋالدى ۋە تۆپىلىكتە بىر گۈلخان يېقىپ، بىر – بىرلىرىگە: ئۆزىمىزنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلتۈرۈشىگە قالدۇرۇپ قويمايلى، دېيىشىپ، ئۆزلىرىنى ئوتقا ئېتىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆيۈپ ھەم ئۆلتۈرۈلۈپ تۈگەشتى. مۇسۇلمانلار زور غەنىيمەت ئالدى، ھەتتا ھەر بەش ئەسىر بىر دىنارغا سېتىلدى. بۇ روشەن نۇسرەت زېمىن يۈزىدىكى ھەربىر كاپىر، دىنسىز، زىندىقنى خاپا قىلدى.

مېھراب شېھىدى

ھەرخىل ئېقىم ۋە ھەرخىل چۈشەنچىدىكى ئىسلام دۈشمەنلىرى ئىسلامنى ھىمايە قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ باش سەركىسىنى، ئۇلارنىڭ باتۇر قەھرىمانىنى بىر تەرەپ قىلماي تۇرۇپ، بۇ دىن ئۈستىدىن غەلىبە قازانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىشتى. ئىسلام دۈشمەنلىرى بۇ پەس ۋەزىپىگە كاپىر باتىنىيلارنى ۋەكىل قىلىشتى. چۈنكى، باتىنىيلار قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇستا ئادەملەر ئىدى. دەرۋەقە، ئىسمائىلىي باتىنىيلاردىن بىرقانچە نەپەر كىشى شىھابۇددىننىڭ قوشۇنىغا يوشۇرۇنچە كىرىۋالدى. ئۇ بولسا كاپىر قاراخىتايلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقىپ كەتكەنىدى. بۇ باتىنىيلار ئۆزلىرىنى قوشۇن ئەزالىرىدەك كۆرسەتكەنىدى. ھىجرىيە 602 – يىلى 1 – شەئبان كېچىسى شىھابۇددىن چېدىرىدە يالغۇز تەھەججۇد نامىزى ئوقۇۋاتاتتى. كاپىرلار ئۈستىگە كىرىپلا خەنجەر ئۇردى، ئۇ ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتىدە جان ئۈزۈپ شېھىت بولدى. يارەنلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنىڭ نامازگاھىدا سەجدە قىلىۋاتقان ھالىتىدە ئۆلگەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار بۇ كاپىرلارنى تۇتۇپ، ھەممىسىنى ئۆلتۈردى.

ئىسلامنىڭ ئەڭ بۈيۈك قەھرىمانلىرىدىن بولغان بۇ بۈيۈك قەھرىماننىڭ ھاياتى مانا مۇشۇنداق ئاياغلاشتى. جىھادقا چىقىپ، نامازدا سەجدە قىلىۋاتقان ھالىتىدە شېھىت بولۇش، بۇ، بىر ئادەم ئۈچۈن نېمىدېگەن گۈزەل ئاياغلىشىش – ھە!

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1.      الكامل في التاريخ.

2.      البداية والنهاية.

3.      سير أعلام النبلاء.

4.      وفيات الأعيان.

5.      شذرات الذهب.

6.      أطلس تاريخ التاريخ.

7.     تاريخ المسلمين في شبه القارة الهند وباكستانية.

 

مەنبە: شەرىف ئابدۇلئەزىز زۇھەيرنىڭ «أبطال سقطوا من الذاكرة» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي
————————–
[1] «مائىدە» سۈرىسى، 33 – ئايەت.
[2] «بەقەرە» سۈرىسى، 216 – ئايەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز