ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ بۈيۈك ھۆكۈماسى ۋە ئەڭ چوڭ ئىسلام پەيلاسوپى ئىبنى رۇشد

(ھىجرىيە 520 _595 / مىلادىيە 1126 _ 1198)

 

ئىبنى رۇشد كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ قارىشىدا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھۆكۈماسى ۋە ئەڭ چوڭ ئىسلام پەيلاسوپى. ئۇ ئەركىن پىكىرنىڭ بەرپاچىسى، جۈرئەتلىك ۋە مەنتىقىلىق سۆزلەيدىغان كىشى بولۇپ، دەسلەپ پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى ئارىستوتېلغا قاراتقان. ئۇ ئارىستوتېلنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىنچىكە نۇقتىلىرىغا قەدەر چوڭقۇر تەتقىق قىلىش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، بەلكى ئۇلارنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە شەرھلىگەن. ئۇ شەرھلىرىدە تەنقىدىي پوزىتسىيەنى ئاساس قىلىپ ئۆزىگە خاس يول تۇتقان بولۇپ، دېبولنىڭ قارىشىچە، ئۇ بۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە ئارىستوتېلنىڭ ئىلمىنى ئارىلاشمىلاردىن خالىي ساپ ھالىتىدە مىراس قالدۇرغان.

رەينان مۇنداق دېگەن: «… ئارىستوتېل ‹كائىنات كىتابى›غا چوڭقۇر نەزەر سېلىپ، ئۇنى ئىزاھلىغان ۋە مۈجمەللىكلىرىنى يېشىپ بەرگەن. ئاندىن ئىبنى رۇشد كېلىپ ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپەسىگە ئۆتكۈر نەزەر سېلىپ ئۇنى شەرھلىگەن ۋە چۈشىنىش قېيىن بولغان جايلارنى يېشىپ بەرگەن…». جون روبېرتسون ئىبنى رۇشدنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرى ۋە ياۋروپانىڭ پىكرىي ساھەسىگە تەسىر كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ ئارىستوتېلنىڭ ئەسەرلىرىنى شەرھلەشتە ئەڭ يۈكسەك پەللىگە يەتكەنلىكىدىندۇر.

بېيكون ئىبنى رۇشدنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي نەتىجىلىرى ۋە پىكرىي يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك دەرىجىدە ئىنتايىن چوڭ پايدىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئىبنى رۇشدقا شۇ قەدەر قىزىقاتتىكى، بۇ قىزىقىشى ئۇنىڭغا ئىبنى رۇشدنىڭ بىلىمى پۇختا ۋە چوڭقۇر، ئارىلاشما پىكىرلەردىن خالىي، ئەقلىي بايلىققا ئۇنىڭسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغۇدەك بايلىقلارنى قوشقان، بۇرۇنقىلاردىن ھېچكىم بايقىمىغان مەلۇماتلارنى بايقىغان، تەتقىق قىلغان كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىدىكى مۈجمەللىكلەرنى بىرمۇبىر يېشىپ بەرگەن پەيلاسوپ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇزغان.

ئىبنى رۇشدنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى تەنقىد قىلىشتۇر. ئۇنىڭ يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلار ئارىسىدا تەسىرى كۈچلۈك بولغان. ئۇ ئىسكەندەر فىردەۋس ۋە غوشتىيوسنىڭ شەرھلىرىنى تەنقىدلىگىنىدەك بەتلىيوموسنىڭ ئالەم ھەققىدىكى قاراشلىرىنىمۇ تەنقىد قىلغان. شۇنداقلا يەنە ئىبنى سىنانىمۇ تەنقىدلەپ ئەيىبلىگەن. فارابى ۋە غەززالىيلارغىمۇ رەددىيە بەرگەن. ئۇ تەنقىدتە ئىنتايىن كەسكىن سۆز – ئىبارىلەرنى قوللىناتتى. ئۇ مۇشۇ ئۇسۇلى ئارقىلىق پىكرىي مۇكەممەللىكنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىسىگە ئۆرلىگەن.

ئەرەبلەر ئىبنى رۇشدنىڭ پەلسەپەسىنى تولۇق قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ سايىسىدە ياۋروپا ئىدىيەسىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلغان، ئۇنىڭغا قارشى تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان. بۇ ھەقتە دوكتور فۇرۇخ مۇنداق دەيدۇ: «… ئوتتۇرا ئەسىر مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئىبنى رۇشدقا قىزىقىشى ۋە ئۇنىڭ قاراشلىرىنى توغرا دەپ قارىشى ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس…».

ئىبنى رۇشد ئېقىمى تەتقىقاتتا ئەقىلنى ئىشقا سېلىش ۋە رىۋايەتلەرنى دەلىل – پاكىت سۈپىتىدە قوبۇل قىلماسلىق ئارقىلىق شەكىللەنگەن.

ئىبنى رۇشد ھەقىقەتكە ئىنتايىن سادىق بولۇپ، پەقەت ھەقىقەتنى بايقاش ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلاتتى، بۇ يولدىكى ھەرقانداق جاپا – مۇشەققەتلەرگە پەرۋا قىلمايتتى، ئۇنىڭغا يېتىش جەريانىدا ھېچكىمنىڭ ھەرقانداق توسالغۇ بولىدىغان سۆزىگە قۇلاق سالمايتتى. باشقىلارنى توغرا قاراشنى نەدىن كەلگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قوبۇل قىلىشقا ئۈندەيتتى. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ «ھېكمەت ۋە شەرىئەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە مۇپەسسەل بايان (فصل المقال فيما بين الحكمة والشريعة من الاتصال)» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆتكەن خەلقلەر ئىچىدىكى مەۋجۇداتلارغا نەزەر سېلىش ۋە ئۇ مەۋجۇداتلارغا دەلىل – پاكىتلارنىڭ شەرتلىرىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئېتىبار بېرىش جەھەتتە بىزدىن ئىلگىرىلەپ كەتكەنلەرگە يولۇققىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ شۇ ھەقتە دېگەنلىرىگە ۋە كىتابلىرىدا ئىسپاتلىغانلىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ، ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولغانلىرىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ رەھمەت ئېيتىشىمىز، مۇۋاپىق كەلمىگەنلىرىگە دىققەت قىلىپ ھەزەر ئەيلىشىمىز ۋە ئۇلارغا: ‹كەچۈرۈڭلار (بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز)» دېيىشىمىز كېرەك… پېشىدا بولغان نەرسىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىزدىن بۇرۇنقىلارنىڭ سۆزلىرىدىن پايدىلىنىشىمىز لازىم… ئۇلار بىز بىلەن بىر دىندا بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بەرىبىر. چۈنكى، پاكلىنىشنىڭ توغرا بولۇشىدا قوللىنىلغان ۋاسىتىنىڭ كېرەكلىك شەرتلەر مەۋجۇتلا بولىدىكەن، پاكلىنىشنىڭ دۇرۇس بولۇش – بولماسلىقىدا بىز بىلەن بىر دىندا بولغان ۋاسىتە بولۇش – بولماسلىقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ…». دوكتور ئەمر فۇرۇخ ئۆزىنىڭ «ئەرەبلەرنىڭ تالانتى (عبقرية العرب)» دېگەن كىتابىدا گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ كانتنىڭ زامان ۋە ماكان ھەققىدىكى نەزەرىيەسى ھەققىدە ئىنتايىن ياخشى ئۇسلۇبتا تەنقىدىي تەھلىل يۈرگۈزگەن ۋە مۇنداق توغرا يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغان: زامان – ماكان تەتقىقاتىنى ئىبنى رۇشد كانتتىن بۇرۇن قولىغا ئالغان، گېرمانىيەلىك بۇ پەيلاسوپنىڭ بۇنىڭدا ئىجادىي تۆھپىسى يوق، پەقەت بىرئاز كېڭەيتكەن، خالاس.

دوكتور فۇرۇخ بۇ سۆزىگە «‹پەيلاسوپلارنىڭ ھالاكىتى›[1]نىڭ ھالاكىتى (تهافت التهافت)» ناملىق كىتابتىكى ئىبنى رۇشد 18 – ۋە 19 – ئەسىرلەردە ئۆتكەن پەيلاسوپلاردىن بالدۇر دېگەن گەپ – سۆز ۋە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلارنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن.

كۆپلىگەن پەيلاسوپلار ۋە مۇتەپەككۇرلار شۇنداق قارايدۇكى، ئىبنى رۇشد ياۋروپادا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ۋە ياۋروپانى تەقلىدچىلىك زۇلمىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئەقىل ئىشلىتىش ۋە تەپەككۇر قىلىش يورۇقلۇقىغا چىقارغان. شۇڭا، بىز ئۇلارنىڭ ئىبنى رۇشدنى ئەپلاتون ۋە ئارىستوتېللار بىلەن بىر قاتاردا ئەقلىي پەلسەپە سېپىگە تىزغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

ئىبنى رۇشد دىنىي، پەلسەپەۋى ۋە غەززالىينىڭ پەلسەپەگە قىلغان ھۇجۇملىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە شۇنداق خۇلاسىگە كەلگەنكى، ھەقىقەتكە بولغان ئىخلاسمەنلىك پەلسەپەنى مۇداپىئە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا بۇ نۇقتىدا ئۇنىڭ ھايات ھەققىدىكى رىسالىسى نۇر كەبى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە پەلسەپەگە لىللا قاراشقا، ئۇنىڭغا يېڭىدىن ئېتىبار بېرىپ جانلاندۇرۇشقا ھەمدە شەرىئەت بىلەن پەلسەپەنىڭ ئارىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.

كىتابلىرىدا يايغان قاراشلاردىن ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپتىن يىراق، ئەقىلگە باغلانغان ھالەتتە ۋە پەقەت ئەقىل كۆرسەتكەن يولدىنلا ماڭىدىغان بىرى ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ. شۇڭا، بەزى مەسىلىلەردە دىنىي نۇقتىئىنەزەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، دىنىي زاتلار بىلەن ئارىلىرىدا ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىدە بىر قاتار دىشۋارچىلىقلارغا دۇچار بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

ئىبنى رۇشد ئىلمىكالامدىن ئۆزىنى چەتكە ئالاتتى. بىراق، دىندا بىر تۈرلۈك ھەقىقەت بار دەپ قارايتتى. ئۇ كېيىنچە ئىسبىينوزاغا ئوخشاش «ۋەھىي كىشىلەرگە تەلىم بېرىشنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى تۈزەش ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى نىشان قىلىدۇ. شەرىئەتنى يولغا قويغۇچىنىڭ مەقسىتى يالغۇز ئىلىم ئۆگىتىشلا ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنى ياخشى ئىش – ھەرىكەت ۋە بويسۇنۇشقا يېتەكلەش» دەپ قارىغان. ئۇ دىنغا (دىيبوردقا ئوخشاش) سىياسىيوننىڭ كۆزى بىلەن قارايتتى ۋە دىننى يۈكسەك ئەخلاقىي غايىلەردىن ئىبارەت نىشانغا يېتىشنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ۋاسىتىسى دەپ تونۇيتتى. شۇڭا، ئۇ كوللىكتېپلىقنى ياقلايتتى ۋە بەخت – سائادەت پەقەت كوللىكتېپلىقتا، شەخسنىڭ بەخت – سائادىتى جەمئىيەتنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئاۋۋالقى ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك، بۇ شەخسنىڭ مەنپەئەتىدىنمۇ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ قارايتتى. شۇڭا، بىز ئۇنىڭ ناباب ھۆكۈمرانلارغا پۇرسەت تاپسىلا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بايقايمىز، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك تۈزەشكە ئىقتىدارى يېتىشمەيدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرى ياشايدىغان جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزىنى مىت قىلىپ قويمايلا قۇربان قىلىدۇ.

ئېھتىمال، بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ساغلام ئىلمىي روھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مۇشۇ روھ بىلەن خاراكتېرلەنگەن بولغاچقا، ئەڭ كەمتەر، ئەڭ كىچىك پېئىل، ئەڭ شەخسىيەتسىز ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلار ئالدىدىكى نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ ئومۇمىي ئىسلاھاتقا كۆڭۈل بۆلگەن. ئۆزىگە نە مەرتىۋە، نە بايلىق تەلەپ قىلمىغان. پۈتۈن دىققىتىنى يۇرتى ۋە ۋەتىنى بولغان ئەندەلۇس خەلقىنىڭ ياخشىلىنىشىغا قاراتقان. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئىلمىي پەلسەپەسىنىڭ ھەممىنى قۇچاقلايدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتنى نىشان قىلغانلىقى ئايان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئىنساننىڭ جەمئىيەتتىكى بەختىيارلىقتىن بىر ئۈلۈش نېسىۋىسى بولۇشى كېرەكلىكىگە چاقىرىق قىلغان. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماستىن، ئاياللارنىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش جەمئىيەتكە ۋە دۆلەتكە تۆھپە قوشۇشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ ئايال كىشى ئىسكەنجىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن قۇللۇق ھالەتنىڭ ئۇنىڭغا ئاللاھ ئاتا قىلغان تالانتنى زايە قىلىۋەتكەنلىكى، ئەقلىي ئىمكانىيەتلەرنى تۈگەشتۈرۈۋاتقانلىقى، شۇڭا پەزىلەتلىك ۋە يۈكسەك ئەخلاقلىق ئاياللارنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە خۇددى پارازىت جانلىقلار كەبى يۈك بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىۋاتقانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى نۇرغۇن پېقىرچىلىقنىڭ سەەۋبىنىڭ ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى ئۆسۈملۈكتەك ياكى بەھرىلىنىش ئۈچۈنلا كۆندۈرۈلگەن ئەرمەك ھايۋىنى كەبى تۇتۇپ تۇرۇۋېلىشى ئىكەنلىكىنى، ئەرلەرنىڭ ئۇ ئاياللاغا ماددىي ۋە ئەقلىي بايلىق ۋە قىممەت يارىتىشتا ئۆزلىرىگە شېرىك قىلىۋېلىشىنىڭ ئورنىغا تاپا – تەنە قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىبنى رۇشد ياخشى دېگەن ئاللاھ بۇيرىغانلىقى ئۈچۈن ياخشى، يامان دېگەن ئاللاھ بۇيرىغانلىقى ئۈچۈن يامان دەيدىغان فىقھىشۇناسلار ئېقىمىنىمۇ تەنقىد قىلغان ۋە بۇ قاراشنىڭ ھەممىسىگە قوشۇلماي بىر ئەمەلنىڭ ئۆزى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى بولىدىغانلىقى شۇنداقلا ئۆزى يامان بولغانلىقى ئۈچۈن يامان بولىدىغانلىقى ياكى ئۇنىڭ يامانلىقىغا ئەقىلنىڭ ۋە يېتىشكەن ئەقىلنى مەنبە قىلغان ئەخلاقىي پائالىيەتنىڭ ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە شۇنداق مۇلاھىزە قىلىدۇكى، يەككە شەخسنىڭ ئەقلى بەزى ۋاقىتلاردا تاپتىن چىقىدۇ، شۇڭا ھوشيار بولۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېگەن: «… بىزنىڭ تايىنىدىغان ئەڭ مۇھىم ئاساسىمىز يەككە شەخسنىڭ ئەقلى ئەمەس، بەلكى دۆلەت مەنپەئىتى تەلەپ قىلغان نەرسە بولۇشى كېرەك…».

ئىبنى رۇشد بەزى ئەسەرلىرىدە بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتكەن ۋە ھەرىكەت، تۈپكى نۇقسان ھەققىدە بەزى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلار ئەمەلىيەتتە يېڭى دىنامىكا ئىلمىنىڭ بەزى ئۇقۇملىرىغا مۇقەددىمە بولۇپ قالغان.

ئىبنى رۇشدنىڭ دەۋرى ۋە ھاياتى

پەيلاسوپ ئىبنى رۇشد ھىجرىيە 520 (مىلادىيە 1126) – يىلى تېگى ئەرەب، ئەندەلۇستا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، يۈز – ئابرۇي ۋە ئىلىم – مەرىپەت بىلەن تونۇلغان ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئۈچ ئەۋلاد ئارقىمۇئارقا قۇرتۇبە[2]دە ئەڭ ئالىي قازىلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغان. ئۇلار: بوۋا، دادا، نەۋرە. نەۋرە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرى بولۇپ، ئىنسانىيەت پىكرىي تارىخىدا نامى ئەڭ ئۇزۇن ياد ئېتىلگەن. ئۇنىڭ نام – شۆھرىتى پەقەت قەدىمكى ۋە ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئون ئىككىنچى ئەسىردىن باشلاپ تا بۈگۈنىمىزگە قەدەر پۈتۈن جاھانغا مەشھۇردۇر. شۇڭا، ناۋادا «قۇرتۇبەلىك پەيلاسوپ» ياكى «ئارىستوتېلنىڭ ئەڭ چوڭ شەرھلىگۈچىسى» دېيىلسە، كىشىلەر ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى شۇ ھامان بىلىدۇ.

شۇنى ئەسكەرتىشىمىز كېرەككى، غەربنىڭ ئىبنى رۇشدقا بولغان پوزىتسىيەسى بىرئاز ئىزاھلاشقا ئېھتىياجلىق. چۈنكى، غەربلىكلەر ئىبنى رۇشدقا ئۇنىڭ پەيلاسوپلىقىنى ئانچە – مۇنچە تەكىتلەپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا پەيلاسوپ دېگەن نامدىن بەكرەك چوڭ شەرھلىگۈچى دېگەن نامنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن كىتابلارنى مەيدانغا چىقارغان. بۇنداق بولۇشى ئىبنى رۇشدتىن قەستەن قۇسۇر چىقىرىلىشى ياكى مەشھۇر خىرىستىيان مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ بىرەرسىنىڭ ئۇنىڭ قاراشلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇ قاراشلارنىڭ ياۋروپانىڭ يېقىنقى زامان گۈللىنىش ھەرىكىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى توختاتقان دەپ ئويلاپ قېلىنىشى ئۈچۈندۇر.

ئېھتىمال، شەرقشۇناسلار ۋە خىرىستىيان دىنى پەلسەپەسى تەتقىقاتىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى بەزىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ خىل قاراشنى غەربتىكىلا ئەمەس، بەلكى شەرقتىكىمۇ پەلسەپە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مېڭىسىگە مەھكەم ئورنىتىۋەتتۇق، ئۇنى ئۆزگەرمەس ھەقىقەت قىلىۋەتتۇق، دەپ ئىشىنىپ قالىدىغاندۇ. لېكىن، ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، ئەمما سۇنمايدۇ. گەرچە ئۇلار بۇ ھەقىقەتنى مەلۇم مەزگىل يوشۇرۇپ قالالايدىغان بولسىمۇ، ئەمما ھامىنى بەرىبىر ئاشكارا بولىدۇ. بىز بۇ گەپلەر ئارقىلىق شەرقشۇناسلارنىڭ ئىنساپلىقلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەسىين بىلاسىيوسنىڭ ئىبنى رۇشدقا تېگىشلىك ئورنىنى بەرمەي ئامالى يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشنى ۋە مىلادىيە 13 – ئەسىردىن بېرى كاتولىك مەزھىپىنىڭ پەيلاسوپى ھېسابلىنىپ كەلگەن توماس ئىكۋەينىنىڭ ئۆز پەلسەپەسىنىڭ پۈتكۈل ئاساسىنى ئىبنى رۇشدنىڭ پەلسەپەسىدىن ئالغانلىقىنى تونۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلىمىز.

بىز بۇ ئىجادكار مۇسۇلمان پەيلاسوپىمىزنىڭ ياۋروپا پەلسەپە ئىدىيەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئازراق توختىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ دەۋرى، ھاياتى، ئائىلىسى، پەلسەپەۋى ئىجادىيەتلىرى قاتارلىقلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى توغرا تاپتۇق.

ئەبۇلۋەلىيد مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى رۇشد ئەندەلۇس يېرىم ئارىلىدا ئىسلامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇداپىئە قىلىشتا مەغلۇپ بولغان ۋە چاك – چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن مۇرابىتىنلار دۆلىتىدىن كېيىن ئەندەلۇس ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق جايلارنى ئىدارە قىلىۋاتقان مۇۋەھھىدىنلار دۆلىتى دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، بۇ دەۋرلەردە ئەھلىسەلپلەرنىڭ ھۇجۇملىرى تازا قۇترىغان ئىدى. بۇ ھۇجۇملار پەقەت شەرقتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، مەغرىب ۋە ئەندەلۇس قاتارلىق مۇسۇلمان دىيارلارغىمۇ تارالغان ئىدى.

بۇ يەردە مۇرابىتىنلار دۆلىتىدە ھۆكۈم سۈرگەن ۋە دۆلەتنىڭ مۇنقەرز بولۇشىنىڭ بىر ئامىلى بولۇپ قالغان پىكرىي يۆنىلىشلەرنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغان بىر ھادىسىگە ۋە مۇۋەھھىدىنلار دۆلىتىنىڭ ئەندەلۇسنى ساقلاپ قېلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلىشىنى ئارقىغا سۈرگەن باشقا پىكرىي يۆنىلىشلەرگە ئىشارە قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، مۇرابىتىنلار فىقھىشۇناسلار ۋە كالامشۇناسلارنى پۇقرالارنىڭ قەلبلىرىنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىش بېشىدىكىلەرگە بولغان بويسۇنۇشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي چېكىنىشنىڭ ئالدىنى توسالايدۇ، دەپ قاراپ ئۆزىگە يېقىن تۇتقان. لېكىن، تولىمۇ ئەپسۇس! فىقھىشۇناسلار شۇ ۋاقىتتا تارىخىي ھادىسىلەر بىلەن ماس قەدەمدە ماڭمىغان، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشقا چاقىرىدىغان ھۆكۈمرانلىقنى ياخشى ئىدارە قىلمىغان ئىدى. توغرا! ئۇلار بارلىق پۇقرالارنىڭ، بولۇپمۇ ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ئىزدەيدىغان نىشانى بولغان، ئەمما ئۆزلىرىنى ئوبدانراق كونترول قىلمىغان. ئۇلار مەئىشەتلەردىن مۇرابىتىنلار دۆلىتىنىڭ ئەمىرلىرىگە ئوخشاش دەرىجىدە بەھرىلىنىشنى قوغلىشىپ، بايلىق ۋە ھۇزۇر – ھالاۋەتنىڭ پېيىغا چۈشۈپ كەتكەن، رىزىقلىرى كەڭرى بولغان. لېكىن، بۇ رىزىققا بەزى قانۇنسىز (شەرىئەتكە مۇخالىپ يولدىن كەلگەن) مال – مۈلۈكلەر ئارىلىشىپ قېلىپ بۇلغىنىپ كەتكەنىدى.

مۇرابىتىنلار دۆلىتىنىڭ ھەربىر ئەمىرلىرى ئەندەلۇسنىڭ مەلۇم بىر شەھىرى ياكى رايونلىرىغا ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغان ۋە بارغانسېرى مۇستەبىتلىشىپ، ئىدارە قىلىشنى ئاياللارغا تاشلاپ بەرگەندىن باشلاپ بۇ دۆلەتنىڭ يىمىرىلىشى مۇقىملىشىپ قالغانىدى. چۈنكى، بۇ ئەمىرلەر بەزىدە ئۆزىنىڭ رەقىبلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن ياۋروپالىقلارنىڭ ئارمىيەسىدىن ياردەم سورايتتى.

ئەمما مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى تومرەت ھىجرىيە 6 – ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە قۇرغان مۇۋەھھىدىنلار دۆلىتى بولسا، شىمالىي ئافرىقىنى ئەھلىسەلىپلەردىن تازىلىغان، ئاندىن شىمالىي ئەندەلۇستىكى مۇسۇلمانلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئالدىرىغان ۋە باشقا شەھەرلەردىكى قالدۇق ئەھلىسەلىپلەرنى قوغلاپ چىقارغان، مۇسۇلمانلارنىڭ بالچاقىلىرى، مال – مۈلۈكلىرى ۋە يۇرت – مەھەللىلىرىگە بولغان ئەندىشىسىگە خاتىمە بەرگەن، ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرغان ئىدى. بۇ دۆلەتتىكى ھۆكۈم سۈرگەن يۆنىلىش بولسا ئەقىدىلەرنى خىلمۇخىل خوراپاتلاردىن ئازاد قىلىش، كالامشۇناسلارنىڭ ئايىغى چىقماس مۇنازىرىلىرىگە خاتىمە بېرىشتىن ئىبارەت ئەقلىي يۆنىلىش ئىدى. بۇ مۇنازىرىلەر ھېچبىر مۇسۇلمانغا پايدا يەتكۈزگەن ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە، مەيلى مەشرىقتىكى بولسۇن، مەيلى مەغرىپتىكى بولسۇن، ھەركىم بۇنىڭ زىينىغا ئۇچرىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا مۇۋەھھىدىنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئىشىنىدىغان ۋە خاتىرجەم بولىدىغان زىيالىيلار ۋە ئۆلىمالار قاتلىمى شەكىللەندى. بۇ قاتلام پەقەت ئالىم ۋە پەيلاسوپلاردىنلا تەشكىل تاپقان قاتلام ئىدى.

بۇنداق پىكرىي ۋە سىياسىي مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن پەيلاسوپ ئىبنى رۇشدقا نىسبەتەن بۇ خىل مۇھىت تەبىئىيلا ئۆزىنىڭ ئائىلىۋى ۋە ئىجتىمائىي شەرت – شارائىتلىرى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغان تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنە بولۇپ قالاتتى. ئۇنىڭ بوۋىسى ئەبۇلۋەلىيد مۇھەممەد ئىبنى رۇشد قۇرتۇبەنىڭ ئالىي قازىسى بولۇپ، ئۆز دەۋرىدىكى بارلىق فىقھىشۇناسلارنىڭ ئەڭ ئالدى، مالىكىي مەزھەپنىڭ ۋە مىراس ئىلمىنىڭ مۇتەخەسسىسى، تەقۋادار، قىسقىسى، ئۆزىدە بارلىق ئىلمىي ۋە ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكلەرنى مۇجەسسەملىگەن بىرى ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئېغىزىغا قارايتتى، ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلاتتى. كەمتەر، كىچىك پېئىل ئىدى. ئەتراپىدىكىلەرگە داۋاملىق پايدا يەتكۈزەتتى. كىشىلىك مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلاتتى.

ئىبنى رۇشدنىڭ بوۋىسى ئەندەلۇسلۇقلار بىلەن شىمالىي ئافرىقا ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدا ئەلچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ مۇرابىتىنلارنىڭ ئەمىرى يۈسۈف ئىبنى تاشفىنغا ئەندەلۇسنىڭ بەزى شەھەرلىرىدىكى قېپقالغان خىرىستىيانلارنى مۇسۇلمانلارغا قارشى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىمالىي ئافرىقىغا كۆچۈرۈۋېتىش ئارقىلىق بۇ جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنى ئارام تاپقۇزۇش ھەققىدە تەكلىپ سۇنىدۇ. دادىسى ئۆزىنىڭ ئىلمى ۋە پەزىلىتى بىلەن قۇرتۇبەنىڭ ئالىي قازىسىلىق ماقامىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما نام – شۆھرەت جەھەتتە بوۋا ۋە نەۋرىدىن تۆۋەنرەك ئورۇندا تۇراتتى. ئۇ يەنى ئىبنى رۇشدنىڭ دادىسى ئەھمەد ئىبنى رۇشد پەيلاسوپ ئوغلىنىڭ يۇلتۇزى پارلاشقا باشلىغاندا ۋاپات بولغان.

بىزنىڭ بۇ پەيلاسوپىمىزنىڭ ئەبۇ يەئقۇب بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۇنىڭ ئارىستوتېلنىڭ كىتابلىرىنى ئەمىرنىڭ بۇ كىتابلارنىڭ مۇجمەللىكىدىن شىكايەت قىلىپ، بەرگەن كۆرسەتمىسىگە بىنائەن شەرھلەشكە تۇتۇش قىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئارىستوتېلنىڭ ئەسەرلىرىگە يازغان شەرھلىرى فارابى، ئىبنى سىنا قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئوخشاش يېڭىچە ئەپلاتونىزم خاراكتېرىگە ئىگە شەرھلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ شۇ جايدىكى پىكرىي ساھەدە ئەپلاتوننىڭ پەلسەپەسىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئارىستوتېل پەلسەپەسىگە شەرھى يېزىلىشقا تۈرتكە بولغان.

شۇنىسى مۇقەررەركى، ياۋروپا مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئىبنى رۇشدنىڭ شەرھلىرى بىلەن تونۇشلۇقى ئۇلارنىڭ فارابى ۋە ئىبنى سىنانىڭ بىلىش نەزەرىيەسى، ئالەمنىڭ يارىتىلىش مەسىلىسى دېگەنلەرگە ئوخشاش بىر قانچە مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىغا رەددىيە بېرىشىدە پايدىسى بولغان. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ ئۇنى ئارىستوتېلنىڭ ئەڭ چوڭ شەرھلىگۈچىسى دەپ ئاتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

توماس ئىكۋىينىمۇ ئىبنى رۇشدنىڭ شاگىرتىنىڭ يولىدا ماڭغان بولۇپ، ئۇنىڭ دىنىي قاراشلىرىنى رازىمەنلىك بىلەن تەپسىلاتلىرىغا قەدەر ئەينەن قوبۇل قىلغان ۋە ئۇ قاراشلىرىنى ئۆزىنىڭ چوڭ ھەجىملىك «ئىلاھىيەت ھەققىدە خۇلاسە (الخلاصة اللاهوتية)» ناملىق كىتابىدا تەپسىلىي بايان قىلغان. ئۇ ئۆز قەۋمىنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ خىرىستىيان دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ جەدىتچى[3] ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغانىدى. ئەمەلىيەتتە، توماس ئىكۋىينى مەخسۇس ئىبنى رۇشدنىڭ كىتابلىرىدا يېڭى دەۋردىكى لېيبتنز ئىسىملىك يەنە بىر خىرىستىيان پەيلاسوپى تەپسىلىي سۆزلىگەن ئۇ «خەزىنە»لەرنى بايقىغانلىقى ھەقىقەتتۇر. لېيبتنز ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى خىرىستىيان پەلسەپەسى توغرىسىدا ئىنتايىن قىممەتلىك «خەزىنە»گە يولۇققانلىقىنى ئېيتقان.

ئىبنى رۇشد مۇۋەھھىدىنلار دۆلىتىدە تەدرىجىي ھالدا بىر قانچە مەنسەپلەرنى تۇتقان. تۇنجى بولۇپ، ئىشبىيلىيە[4]نىڭ قازىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئاندىن قۇرتۇبەنىڭ ئەڭ ئالىي قازىلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغان. بۇ ئارىلىقتا ئۇ ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپەسىنى مۇپەسسەل، ئوتتۇرھال ۋە ئىخچام شەكىلدە شەرھلەشتىن ھەمدە ئىسلامىي پىكىر يۈرگۈزۈش ھەققىدە ئەسەر يېزىشتىن ھېچ توختاپ قالمىغان. بۇنىڭغا ئۇنىڭ «شەرىئەت ۋە ھېكمەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە ئېنىق بايان (فصل المقال فيما بين الحكمة والشريعة من الاتصال)»، «ھەرقايسى ئەقىدىۋى ئېقىملارنىڭ دەلىل – پاكىت مېتودلىرىنى ئېنىقلاش (الكشف عن مناهج الأدلة في عقائد الملة)»، «‹پەيلاسوپلارنىڭ ھالاكىتى›نىڭ ھالاكىتى (تهافت التهافت)» قاتارلىق كىتابلىرى شاھىتتۇر. بىرىنچى كىتابتا ئىبنى رۇشد ئۆزىنىڭ خاس نەزەرىيە تەرەپتىن ئەقىل بىلەن دىننىڭ ئارىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ھەققىدىكى نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيەنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، شەرىئەت ۋە ئەقىلنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئاللاھ تائالانىڭ سوۋغىتىدۇر. بۇنى ۋەھىي ئېلىپ كەلگەن، ئەقىلغا زىت كېلىدىغان بىردىنبىر ھەقىقەت بولغان نەزەرىيە دېيىش مەنتىقىلىق ئەمەس. بۇ توماس ئىكۋىينى ئىبنى رۇشدتىن قوبۇل قىلغان قاراشلىرى قاتارىدا قوبۇل قىلغان نەزەرىيەدۇر.

«ھەرقايسى ئەقىدىۋى ئېقىملارنىڭ دەلىل – پاكىت مېتودلىرىنى ئېنىقلاش (الكشف عن مناهج الأدلة في عقائد الملة)» دېگەن كىتابقا كەلسەك، بۇ ئىبنى رۇشدنىڭ نەزىرىدىكى ئىسلام دىنى بىلەن ئەقىلنىڭ ئارىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ كونكرېت تەتبىقلىنىشىنىڭ بايانىدۇر. بۇ ئەقىدە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلارنىڭ ھەممىسىنى مەشغۇل قىلغان مەسىلىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئەسەر ئىدى.

«‹پەيلاسوپلارنىڭ ھالاكىتى›نىڭ ھالاكىتى (تهافت التهافت)» دېگەن كىتاب بولسا ئىمام غەززالىينىڭ پەيلاسوپلارنى كۇپۇرغا چىقارغانلىقىغا رەددىيە سۈپىتىدە يېزىلغان كىتابتۇر. دوكتور مەھمۇد قاسىم ئۆزىنىڭ «ئىبنى رۇشد پەلسەپەسى ۋە ئۇنىڭ ياۋوپالىقلارنىڭ تەپەككۇرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى (فلسفة ابن رشد وأثرها في التفكير الأوروبي)» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «شۇنى يەكۈنلىيەلەيمىزكى، ئىبنى رۇشدنىڭ غەززالىي بىلەن فارابى ۋە ئىبنى سىناغا قارىغاندا كۆپلىگەن پىكىرلىرى ئوخشاش. شۇڭلاشقا، شۇنداق دېيەلەيمىزكى، بەزىلەرنىڭ بۇ كىتابنىڭ ئىسمى بىلەنلا قېلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇننى ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ باقماستىن، ئىككى بۈيۈك ئىمام ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان يادرولۇق ئوخشاشلىقلار يوق دەپ قارىۋېلىشى چوڭ خاتالىقتۇر. ئۇلار بۇ خاتاسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىمام غەززالىينى بولسا ‹ھۇججەتۇل ئىسلام›، ئىبنى رۇشدنى (دىندىن چىققۇچىلارنىڭ ئىمامى دېمىگەن تەقدىردىمۇ) ئىسلام ئەقىدىسىدىن بىرئاز ئېغىپ كەتكەن دەپ قاراشقا ئېلىپ بارغان. ئەمەلىيەتتە، يۇقىرىقى پىكىرلەردىن خالىي ئوبيېكتىپ تەتقىقاتلار بىزگە تامامەن باشقىچە بىر ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئىبنى رۇشدنىڭ ئىمام غەززالىيغا پىكىر جەھەتتىن ئەڭ بەك ئوخشايدىغان پەيلاسوپ ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ فارابى ۋە ئىبنى سىنانىڭ ھەربىرىگە قوغدىغىنىغا قارىغاندا كۆپرەك ھۇجۇم قىلغانلىقىدۇر. بەلكى تېخى بىز ‹پەيلاسوپلارنىڭ ھالاكىتى›نىڭ ھالاكىتى (تهافت التهافت)› ناملىق كىتاب ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپەسىنى بۇرمىلىغان ۋە ھەقىقىي ئىسلام ئېقىمىدىن چەتنەپ كەتكەن مەزكۇر ئىككى پەيلاسوپنىڭ قاراشلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان، دېيەلەيمىز».

ئىبنى رۇشدنىڭ بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلار

شۇنىسى تەبىئىيكى، بەزى فىقھىشۇناسلار ياكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى پەيلاسوپلارنىڭ مۇۋەھھىدىنلار دۆلىتىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىغا ، بولۇپمۇ ئىبنى رۇشدنىڭ ئالاھىدە ئورنىغا بىرئاز نارازىلىقى بار ئىدى. مانا بۇ مەزكۇر قۇرتۇبەلىك پەيلاسوپنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ سەۋەبى ئىدى. ئۇ ئىش مۇنداق بولغان: فىقھىشۇناسلار ئۆزلىرىنىڭ مۇرابىتىنلار دۆلىتى زامانىدىكى بۇ ئورنىنى قايتىدىن قوللىرىغا ئېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بار تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى چىقاردى. ئۇلار مۇۋەھھىدىنلارنىڭ مەنسۇر دەپ ئاتالغان ئۈچىنچى ئەمىرى ئەبۇ يۈسۈف يەئقۇب تەختكە كەلگەندە «شامال»نى ئۆزلىرى تەرەپتىن چىقىشقا باشلايدۇ، دەپ ئويلاشقان، شۇنىڭ بىلەن بۇ يېڭى ئەمىرنىڭ دەۋرىدىمۇ كۈندىن – كۈنگە نوپۇزى ئېشىۋاتقان ئىبنى رۇشدقا زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئاساسسىز سۆزلەرنى پەيدا قىلىپ، بەزى تېكىستلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىبنى رۇشدقا چېقىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئىش شۇكى، يېڭى ئەمىر تەختكە چىقىپ بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىلمىكالامنى ياقتۇرمايۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ، كىشىلەرنى ھەدىس بىلەن مەشغۇل بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. فىقھىشۇناسلار ئۆلىمالار ۋە پەيلاسوپلار تەرىپىدىن چەتلەشتۈرۈلگەن ماقاملىرىنى قايتا قوللىرىغا ئېلىشنىڭ پۇرسىتى كەلدى دەپ ئويلايدۇ.

ئۇلارنىڭ ئۆز ئارزۇلىرىغا مەلۇم مەزگىللىك يېتىشى پۈتۈلگەنىكەن. ئەمىر مەنسۇر ئىبنى رۇشدنى ھەقەمسايىلىرى بىلەن قوشۇپ يەھۇدىيلار ئولتۇرىدىغان مەھەللىگە پالاش، كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈش، دۆلەت مىقياسىدا ئومۇمىيۈزلۈك پەلسەپە كىتابلىرىنى ئوقۇشنى مەنئى قىلىش پەرمانى چۈشۈرىدۇ، پەرمانغا قارشى چىققانلارنى قەتلى قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالىدۇ. بۇ كېلىشمەسلىككە دۇچ كەلگەنلەر پەقەت ئىبنى رۇشد بىرلا كىشى ئەمەس، بەلكى ئىبنى رۇشد ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئىدى، خالاس. بۇ كېلىشمەسلىكنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھەركىم ھەرخىل گەپلەرنى قىلغان. بەزىلەر: دىنىي سەۋەبلەر تۈپەيلى شۇنداق بولغان، دېگەن. يەنە بەزىلەر: سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى شۇنداق بولغان، دېگەن. بىز مۇشۇ كېيىنكى سەۋەبكە بەكرەك مايىلمىز. چۈنكى، ئىبنى رۇشد ھىجرىيە 575 – يىلى«ھەرقايسى ئەقىدىۋى ئېقىملارنىڭ دەلىل – پاكىت مېتودلىرىنى ئېنىقلاش (الكشف عن مناهج الأدلة في عقائد الملة)» دېگەن كىتابىنى يېزىپ، ئەشئەرىي ۋە ماتۇرىدىي كالامشۇناسلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، 16 يىلدىن كېيىن يولۇققان بۇنداق كېلىشمەسلىككە ئوخشاش مۇشەققەتكە دۇچار بولمىغانىدى. كېيىن مەنسۇر 595 – يىلى ئىبنى رۇشدنى كەچۈرۈپ قىلىدۇ ۋە ماراكەشكە چاقىرىپ ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ راۋۇرۇس ھۆرمىتىنى قىلىدۇ. ناۋادا بۇ مۇشەققەتنىڭ سەۋەبى دىنىي سەۋەب بولسا ئىدى، مەنسۇر ئىبنى رۇشدنىڭ ئىشىدا ئارقىغا يېنىپ پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ھېسسىياتى بىلەن ئوينىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولاتتى. ئىبنى رۇشد 595 – يىلى مەنسۇر ۋاپات بولۇشتىن تەخمىنەن بىر ئايچە ۋاقىت بۇرۇن ۋاپات بولغان.

بىزنىڭ بۇ پەيلاسوپىمىز ئەڭ مۇستەقىل قارار چىقىرىدىغان، ئىشەنگەن نەرسىسىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ يەنە تەقلىدكە قارىغاندا ئىجتىھادقا بەكرەك مايىل ئىدى. ئىبنى ئابار ئۇنى مۇنداق دەپ سۈپەتلىگەن: ئەندولۇستا تاكامۇللۇق، ئىلىم ۋە پەزىلەت جەھەتتە ئىبنى رۇشدقا ئوخشاش بىرى ئۆتۈپ باقمىغان. ئۇ مەرتىۋىسى ئۈستۈن، ئېسىل ۋە يۇقىرى نەسەبلىك بىرى بولۇپ، ئەڭ كەمتەر، ئەڭ سىلىق – سىپايە بىرى ئىدى. ئۇنىڭ خۇلقى ۋە دىنى ئۇ كېلىشمەسلىكنىڭ ئۇنىڭغا ئانچە بەك تەسىرى بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكىنى ئۇ ئوغلى بىلەن بىللە قۇرتۇبەنىڭ چوڭ مەسجىدىدە ئەسىر نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن تەكبىر چۈشۈرگىلىۋاتقاندا قۇرتۇبەنىڭ جەمئىيەت داشقاللىرى تەرىپىدىن مەسجىدتىن قوغلاپ چىقىرىلىشى ئىدى.

 

 

مەنبە: ئەھمەد مۇھەممەد ئەششىنەۋانىينىڭ «موسوعة عباقرة الحضارة العلمية في الاسلام» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: بىلىميار
—————————————
[1] غەززالىينىڭ شۇ ناملىق كىتابىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىدۇ. _ ت.
[2] ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «كوردوفان»، «كوردوۋان» دەپ ئېلىنغان.
[3] يېڭىلىق ئېلىپ كەلگۈچى، ئىسلاھاتچى دېگەندەك مەنىلەردە.
[4] ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «سېۋېلىيە» دەپ ئېلىنغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز