ئۇۋال قىلىنغان ئالىم ئۆمەر ھەييام

(ھىجرىيە 408 – 517 / مىلادىيە 1048 – 1131)

 

ئاپتورى: ئەھمەد ھۇسەين بەكر

ئۆمەر ھەييامنىڭ زېھنىمىزدە ئەكس ئەتكەن تەسۋىرى

«ئۆمەر ھەييام» دېسىلا كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا دەرھال قولىدىن رومكا چۈشمەيدىغان، لېۋى خىيالىدىن چىقمايدىغان سۆيگىنىگە ئاتالغان شېئىر – غەزەللەرنى تۆكۈپ تۇرىدىغان، داۋاملىق تەڭشىلىپ مەست يۈرۈيدىغان، مەستلىكىدىن يېشىلگەندە بولسا شەك – شۈبھە دۇنياسىغا ئۆزىنى ئاتىدىغان، «روھى تەشۋىش ۋە تۇراقسىزلىقلار ئىلكىدە پۇچۇلىنىۋاتقان، نەپىسىنى ۋەسۋەسە ۋە خام – خىياللار چىرمىۋالغان»[1]، ھاياسىز، زابوي شائىرنىڭ سىماسى كېلىدۇ.

ئۆمەر ئىبنى ئىبراھىم ھەييام ياكى ھەييامىي نىسابورىي ئىسمى بىلەن زىچ باغلانغان بۇ زېھنىي تەسۋىر ئۇنىڭ دېيىلىدىغان رۇبائىيلار سەۋەبلىك پەيدا بولغان.

ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرى

ئۆمەر ھەييامنىڭ ھايات كەچمىشىگە نەزەر سالغان كىشى ئۇنىڭ ئۇنى دۇنياغا مەشھۇر قىلغان، نامىنى ھەر تەرەپكە تاراتقان، دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارغا ھەتتا ئەرەب تىلىغا 30 نەچچە قېتىمدىن ئارتۇق تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنى ئەڭ مەشھۇر پارس شائىرى قىلغان رۇبائىيلىرىغا قەرزدارلىقىنى، بۇ رۇبائىيلارنىڭ ساھىبىنىڭ ھاياتىي دۇنيانىڭ شاراب، ساھىبجامال قاتارلىق كىشىنى شادلاندۇرىدىغان نېمەتلىرىنى قولدىن بەرمەي ئوبدان بەھرىلىنىشكە چاقىرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇ رۇبائىيلىرىدا ئۆزىنىڭ غەم – قايغۇسى، پۇشايمىنى، ھەسرىتى، ئىنتىزارى، ئىزتىراپى، نالە – پەريادى ۋە ھودۇقۇشلىرى، ئۆمۈرنىڭ قىسقىلىقىغا، ھاياتلىق، ئۆلۈم ۋە يوقۇلۇشنىڭ تېپىشماقلىرىنى تېپىش ئالدىدا ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى، نائىلاجىلىقى ۋە بىقوۋۇللىقىغا ھەيرەتتە قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، تېگىگە يېتىش ۋە سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن سوئال – سوراق قىلىش، سەركەشلىك قىلىش، ئىسيانكارلىق، ئارىسالدى بولۇش، گۇمانخورلۇق، شۈبھىلىنىش قاتارلىقلاردىن ئىزچىل قول ئۈزمىگەنلىكىنى بايقايدۇ.

مانا بۇ بەزىلەرنىڭ ئۇنى ھاياسىزلىق، زىندىقلىق، دەھرىيلىك، ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرىدىن چەتنەپ كەتكەنلىك بىلەن ئەيىبلىشىدىكى ۋە ئۇنى جەبەرىي[2]، باتىنىي[3]، روھلارنىڭ كۆچۈشىگە ئىشىنىدىغان ۋە شۇم بېشارەت بېرىدىغان بىرى دېيىشىدىكى دەستىكىدۇر.

خوش، ئەمدى قويۇلۇشى كېرەك بولغان بىر سوئال بار: ئۆمەر ھەييامغا ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن رۇبائىيلارغا قاراپ ھۆكۈم قىلغىلى بولامدۇ؟

شۈبھىسىزكى، مەلۇم بىر ئەدىبكە تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان ئەدەبىي ئەسەرلەر شۇ ئەدىبنىڭ ئىدىيەسىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىشتە ئەڭ ئىشەنچلىك پاكىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئۇ ھەقتە ئەڭ دەسلەپ يېزىلغان نەرسىلەر ياندىشىپ كېلىدۇ. شۇڭا، تەتقىقاتچىلار ئۆمەر ھەييامنىڭ خاراكتېرىنىڭ قىياپىتىنى سۈرەتلەپ بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھاياتلىق ھەققىدىكى كۆز – قاراش ۋە پىكىرلىرىنى،شۇنداقلا ئۇنىڭ ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى، دىن، پەيغەمبەر، كائىنات ۋە ھاياتلىققا بولغان قارىشىنىڭ قانداقلىقى قاتارلىقلارنى يەكۈنلەپ چىقىشتا رۇبائىيلارغا تايانغان. ئەمما، بىز ئىگىسىگە نىسبەت بېرىلىشىدە ھەممىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بولمىغان بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئالدىدا. شۇنداق بولغاچقا، بەزىلەر ئۆمەر ھەييامغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىشەنچلىك بولغان رۇبائىيلارنىڭ سانىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن مىڭدىن ئارتۇق رۇبائىيلارنىڭ ئىچىدە پەقەت 11 _ 17 دەپ قارايدۇ[4]. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ رۇبائىيلارنىڭ ئۆزئارا زىتلىققا تولغان بولۇشى بەزىلەرنىڭ ئۆمەر ھەييام بىرلا ئەمەس، بەلكى ئىسمى ئوخشاش ئىككى ئادەم دېيىشىگە سەۋەب بولغان. چۈنكى:

ياشىدىم دائىما نازىنىن ئارا،

ھەم يۇقى مەي – شاراب قوللىرىمدا.

دېيىشتى: ئاللاھ قىلار مەغپىرەت،

(دېدىمكى) نە ئۇ ئۇنداق قىلار، نە مەن توۋا [5].

دېگەن مىسرالاردا ئوپئوچۇق ئاسىيلىق قىلغان ۋە تۆۋە قىلىشنى رەت قىلغان بولسا:

قىلسام گەر تاغ كەبى گۇناھ – مەئسىيەت،

تىلەيمەن چوقۇمكى سەندىن مەغپىرەت.

دېگەنىدىڭ: مەن سېنىڭ غەمگۈزارىڭمەن،

ئاتا قىل شۇ ئاندا ئەڭ كۈچلۈك مەدەت[6].

دېگەن مىسرالاردا ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىدا ئۈمىدۋار بولۇشنىڭ نە قەدەر ئېسىل ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

دىققەت تارتىدىغان نۇقتا شۇكى، ئۆمەر ھەييام ئۆز دەۋرىدە ئەسلا شائىر بولۇپ تونۇلمىغان. ئۆمەر ھەييام ھەققىدە مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن قولىمىزدا بار ئەڭ قەدىمىي ئەسەر ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى نىزامىي سەمەرقەندى (ھىجرىيە 550 – يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولغان) نىڭ «چهار مقالە» ياكى «المقالات الأربع» دېگەن كىتابىدۇر. بۇنىڭغا نەزەر سالغان كىشى بۇ كىتابتا كەلگەن ئۆمەر ھەييام ھەققدىكى مەلۇماتلارنىڭ شېئىر ۋە شائىرلارغا ئالاقىدار ھېچقانداق باياننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقى، ئۇنىڭ پەقەت ئىلمىنۇجۇم ۋە مۇنەججىملەر ھەققىدىكى بايانلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ[7]. يەنە ھىجرىيە 7 – ئەسىردە ياشىغان مۇھەممەد ئەفۋىيمۇ ئۆزىنىڭ پارسچە يازغان، شائىرلارنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدىكى ئەڭ قەدىمىي كىتاب بولغان «لباب الألباب»تىمۇ ئۆمەر ھەييامنى بىر قېتىم بولسىمۇ تىلغا ئېلىپ باقمىغان. دۆلەتشاھ (ھىجرىيە 900 – يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولغان) مۇ ئۆزىنىڭ «تذكرة الشعراء (شائىرلار تەزكىرىسى)» دېگەن كىتابىدا ئۆمەر ھەييام ھەققىدە مەخسۇس توختالمىغان، پەقەت ئۆزىنىڭ بىر نەۋرىسىنىڭ تەرجىمىھالىدا ئىككى ئېغىزلا سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتكەن[8].

ئۇنداقتا، ئۆمەر ھەييامغا تەۋە ئىكەنلىكى كەسكىن ھالەتتە ئېنىق بولمىغان بۇ رۇبائىيلارنىڭ شۇنچىۋالا شۆھرەتكە نائىل بولالىغانلىقى قانداق گەپ؟

ئۆمەر ھەييامنىڭ نامىنىڭ مەشھۇر بولۇشىدىكى تۆھپە رۇبائىيلىرىنى ۋە ئۆزىنى قىزغىن قارشى ئالغان غەربكە، بۇنىڭدىكى تۆھپە 1856 – يىلى ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىنى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغان مەشھۇر ئىنگىلىز شائىرى فىتزجىيرېلد ((Fitzgerald قا ئائىتتۇر. بۇ تەرجىمە ئەسلى تېكىستنى شۇ ۋاقىتتىكى غەرب ئەقلىيىتى بىلەن ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇجەسسەملىيەلىگەن تەرجىمە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ھەققىدە بىر تۈركۈم كىتابلار ۋە رىسالىلەر مەيدانغا چىقىشقا باشلىغان ۋە ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق جايلارغا كەڭرى تارالغان. شەرقشۇناس ناسان ھېكسىلدۇل مۇنداق دېگەن: «پەقەت ئۆمەر ھەييام توغرىسىدىلا يېزىلغان ھەممە تىلدىكى ئەسەرلەرنى توپلاپ چىقىشنىڭ ئۆزىلا كىشىنىڭ بىر پۈتۈن ئۆمرىنى مۇشۇ ئىشقا ئاتىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇ ئەسەرلەرنىڭ يىغىندىسى بىلەن تامامەن ئاۋات بىر كۇتۇپخانا بەرپا قىلغىلى بولىدۇ»[9].

ئۆمەر ھەييامغا باھا بېرىش ۋە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تەسۋىرىلەپ بېرىش بىزدىن ئۇنىڭغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان زىتلىقلار ۋە شەك – شۈبھىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن رۇبائىيلاردىن كۆزىمىزنى يىغىشىمىزنى ۋە ئىشەنچلىك بايانلار، شەك – شۈبھىسىز ھەقىقەتلەر ۋە مەنتىقىلىق دەلىل – پاكىتلارغا ئاساسلىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلار تەسۋىرلەپ بەرگەن قىياپىتى يا راست بولۇپ چىقىدۇ، يا تۈزىتىلىدۇ، يا پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈپ يېپيېڭى قىياپىتى نامايان بولىدۇ.

ئۆمەر ھەييامنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى

ئەرەبچە ۋە پارسچە تەرجىمىھال كىتابلىرىدا ئۆمەر ھەييامنىڭ خاراكتېرىنى سۈرەتلىگەن، ئۇنىڭغا ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى تۈرلۈك ئىلىم ساھەلىرىدىكى ئىناۋىتى ۋە نوپۇزىنى ئېتىراپ قىلغان بىر قىسىم بايانلار كەلگەن. نىزامىي سەمەرقەندىي مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆمەر ھەييامنىڭ پىكىر يۈرگۈزمەي سۆزلىمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن… مەن بۇ ئالەمدە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم»[10].

ئەبۇ بەكرى ئەررازى (ھىجرىيە 654 – يىلى ۋاپات بولغان) ئۇنى «مرصاد العباد (مىرسادۇل ئىباد)»تا: «ئۇ زامانىسىدىكى پەزىلەتلىك بىر ئىنسان، ئۇ دانالىقى ۋە چېچەنلىكى بىلەن مەشھۇر» دەپ سۈپەتلىگەن[11]. بەيھەقىي (ھىجرىيە 565 – يىلى ۋاپات بولغان) ئۇ توغرىسىدا «تتمة صوان الحكمة (تەتىممە سىۋانىلھىكمە)»دا مۇنداق دېگەن: «ئۇ ھېكمەت بىلىملىرىنىڭ ھەر تۈرىدە ئەلى ئىبنى سىناغا ئوخشايدۇ… ئۇ فىقھىشۇناس، تىلشۇناس ۋە تارىخشۇناس كىشى ئىدى»[12]. ئىبنى ئەلقىفتىي (ھىجرىيە 646 – يىلى ۋاپات بولغان) «إخبار العلماء بأخبار الحكماء (ئىخبارۇلئۇلەما بىئەخبارىلھۇكەما)»دا مۇنداق دېگەن: «ئۆمەر ھەييام خۇراساننىڭ ئىمامى ۋە زامانىسىنىڭ ئەللامىسى، يۇنان بىلىملىرىدىن خەۋىرى بار… ئىلمىنۇجۇم ۋە ھېكمەتتە يېگانە. مۇشۇ ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان كىشىدۇر»[13]. قەزۋىنى (ھىجرىيە 682 – يىلى ۋاپات بولغان) «آثار البلاد وأخبار العباد (ئاسارۇلبىلاد ۋەئەخبارۇلئىباد)»تا مۇنداق دېگەن: «ئۆمەر ھەييام ھېكمەتنىڭ ھەر تۈرىنى، بولۇپمۇ ماتېماتىكىغا ئائىت پەنلەرنى پىششىق بىلىدىغان دانا كىشى ئىدى»[14].

بەيھەقىي مۇنداق ۋەقەلىكنى بايان قىلىدۇ: ئۆمەر ھەييام بىر كۈنى ۋەزىر ئابدۇراززاق ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ قېشىغا كىرگەنىدى. ۋەزىر قارىيلارنىڭ ئىمامى ئەبۇلھەسەن ئىبنى ئەلغەززال (ھىجرىيە 516 – يىلى ۋاپات بولغان) بىلەن قارىيلارنىڭ بىر ئايەتتىكى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۇنى كۆرگەن ۋەزىر: «مانا دەل ئىشنىڭ ئەھلى كەلدى» دەيدۇ. ئاندىن ئىمام ئۆمەر ھەييامدىن بۇ توغرىسىدا سوئال سورالدى. ئىمام قارىيلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى، ھەربىرىنىڭ دەلىللىرىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغىنى بىلەن ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغىنىنى بىرمۇبىر ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە ئارىسىدىن بىر قاراشنى تاللاپ بېرىدۇ. ئىمام ئىبنى ئەلغەززال: «ئاللاھ سىلى كەبى ئۆلىمالارنى كۆپەيتىپ بەرسۇن، مېنىمۇ ھەقامسايىلىرى قاتارىغا قېتىۋالسىلا ۋە مەندىن رازى بولسىلا. مەن ھۆكۈمالار تۈگۈل، ھايات قارىيلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسى بۇنى يادقا بىلىدۇ دەپ ئويلىمىغانىكەنمەن» دەيدۇ[15].

ئىمام ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرى

بىز ئۆزگەرمەس پاكىتلارغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىلمىي تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، پەلسەپە، مېدىتسىنا قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە ھەسسە قوشقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق «ئىمام»، «ھەقىقەت ھۆججىتى»، «ئەللامە»، «ھۆكۈما»، «دەستۇر»، «پەيلاسوپ» دېگەندەك ئاتاقلارغا نائىل بولغانلىقىنى بايقايمىز.

ئىبنۇل ئەسىير ھىجرىيە 467 – يىلىدىكى ھادىسىلەر قاتارىدا شۇنى تىلغا ئالىدۇكى، سەلجۇقىيلار سۇلتانى مەلىكشاھ (ھىجرىيە 485 – يىلى ۋاپات بولغان) ئەڭ مەشھۇر مۇنەججىملەرنى يىغقان. ئۇلار نورۇزنى ھەمەل (بۇرجى _ ت) نىڭ بىرىنچى نۇقتىسى قىلىپ بەلگىلىگەن… سۇلتاننىڭ قىلغان بۇ ئىشى كالېندارلارنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان… سۇلتان مەلىكشاھنىڭ رەسەتچىلىك خىزمەتلىرىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا بولغان. بۇ خىزمەتكە بىر تۈركۈم مەشھۇر مۇنەججىملەر يىغىلغان، بۇلارنىڭ قاتارىدا ئۆمەر ئىبنى ئىبراھىم ھەييامىيمۇ بار ئىدى… رەسەتچىلىك سۇلتان ھىجرىيە 485 – يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر داۋاملاشقان[16]. ئەلقەزۋىنىي مۇنداق دېگەن: «سۇلتان ئۆمەر ھەييامغا مەزكۇر رەسەتخانىغا ئەسۋاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل – مال بەرگەنىدى»[17].

جەلالىددىن مەلىكشاھقا مەنسۇپ قىلىنغان مەزكۇر كالېندار ئۆمەر ھەييام ئىجراسىغا نازارەتچىلىك قىلغان ئىلمىي ئىجرائاتلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مىلادىيە كالېندارىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىنچىكە ئىدى[18].

ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىلمىي يازما مىراسلىرى بار بولۇپ، بۇلار ماتېماتىكا، پەلسەپە، تەبىئەت، خېمىيە قاتارلىقلارغا ئائىت يازغان ئەسەرلىرىدە نامايان بولىدۇ. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىنى ئەرەبچە ۋە پارسچە ئىككى تىلدا يازغان. بەزىلىرى نەشر قىلىنغان، يەنە بەزىلىرى قوليازما ھالىتىدە. مەسىلەن: «ئالگېبىرا ھەققىدىكى رىسالە»، «چەمبەرنىڭ تۆتتىن بىرىنى بۆلۈش ھەققىدىكى رىسالە»، «ئىقلىيدىس مەنبەلىرىدىكى مۇجمەللىكلەرنىڭ يەشمىسى ھەققىدىكى رىسالە» قاتارلىقلار.

پەلسەپە ھەققىدە بەش پارچە رىسالە قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى پارسچە بولۇپ، «كليات الوجود (مەۋجۇتلۇقنىڭ پۈتۈنلۈكى)» دەپ ئىسىم قويۇلغان. قالغانلىرى ئەرەبچە. ئۇلار: «مەۋجۇدىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ھەققىدىكى رىسالە»، «ئالەم، ئالگېبىرا، باقىيلىق قاتارلىقلاردا زىتلىق بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدىكى رىسالە»، «ئىلاھى ئىلىمنىڭ ئوبيېكتى ھەققىدىكى رىسالە»، «مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى رىسالە».

ئۆمەر ھەييامنىڭ تەبىئەت پەنلىرى ساھەسىدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلەرنىڭ بىرى ئالتۇن ۋە كۈمۈش بۇيۇملاردىكى ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ مىقدارىنى بىلىش تەدبىرى ھەققىدىكى رىسالىسىدۇر. بۇلاردىن باشقا يەنە جايلارنىڭ پەسىللىك ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئوخشىمىغان يۇرت ۋە ئىقلىملاردىكى ھاۋا كېلىماتىنىڭ ھەر خىل بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە يازغان رىسالىسى، پارسلارنىڭ بايراملىرى، يەرمەنكىلىرى، ئۇلارنىڭ تارىخلىرى ۋە ئەدەپ – قائىدىلىرىنى بايان قىلغان «نورۇزنامە» ناملىق رىسالىسى بار.

مەنتىقىلىق دەلىل – پاكىتلارغا كەلسەك، ئۇنى ئۆمەر ھەييامنىڭ كەچمىشلىرىدىن خۇلاسىلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئورنىنى، ئالاقە دائىرىسىنى، ئۆز دەۋرىدىكى نوپۇزلۇق، پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن ئالاھىدە ئېھتىرامى قاتارلىقلارنى بىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. ھەمدۇللاھ مۇستەۋفى ئەلقەزۋىنى ئۆمەر ھەييامنىڭ سۇلتان مەلىكشاھ سەلجۇقىينىڭ ھەمداستىخىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان[19].

شەھرزۇرىي بۇخارادىكى خاقان شەمسۇلمۈلۈكنىڭ ئۆمەر ھەييامنى چوڭ بىلىدىغانلىقى، ئۇنى دائىم دېگۈدەك يېنىدا ئولتۇرغۇزىدىغانلىقىنى بايان قىلغان[20].

ئۆمەر ھەييام بىلەن ئۆز دەۋرىدىكى ئەكابىر – ئەشرەپلەر ئوتتۇرىسىدا مۇنازىرىلەر ۋە خەت – ئالاقە بولۇپ تۇراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قازى ئەبۇ بەكرى نەسەۋىي (ھىجرىيە 5 – ئەسىردە ۋاپات بولغان)، پەيلاسوپ ئەبۇ ھاتەم ئەسفەزارىي (ھىجرىيە 480 – يىلى ۋاپات بولغان)، ئىمام زەمەخشەرىي (ھىجرىيە 538 – يىلى ۋاپات بولغان) قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۆمەر ھەييام بۇلارنىڭ سورۇنلىرىغا كىرەتتى، ئۇلارمۇ ئۇنى يوقلاپ تۇراتتى. ئىمام ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىي (ھىجرىيە 505 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ ئاسترونومىيەگە ئائىت بىر مەسىلىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆمەر ھەييامنىڭ قېشىغا كېلىپ سوئال سورىغانلىقى بايان قىلىنغان[21]. يەنە ئىمام زەھىيرۇددىن بەيھەقىي ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئەرەبلەرنىڭ قەھرىمانلىقلىرى ھەققىدىكى شېئىرنىڭ مەلۇم بىر بېيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

دېمەك، بىزگە شۇ ئايان بولىدۇكى، ئۆمەر ھەييام ھەرگىزمۇ ئەخلاقسىز بىرى ئەمەس، چۈنكى بىز ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى، ئىلمىي ئورنىنى بىلدۇق؛ ئۇ تەپەككۇرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بىرى ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئىلمى، ئەدەپ – ئەخلاقى ۋە ئەسەرلىرى بىزگە ئۇنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئىلغار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى؛ ئۇ ئەقلى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىغان، تەبىئىتى بۇزۇلغان بىرى ئەمەس، چۈنكى بىز تارىخشۇناسلار ئۇنىڭ ئەقلىنىڭ كۈچلۈك، سالمىقى بار بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقىدا، زېرەكلىكىدە، چېچەنلىكىدە بىر مۆجىزە كەبى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق؛ ئۇ خاراكتېرى پەس بىرى ئەمەس، چۈنكى پەس كىشىلەرنىڭ پادىشاھلارنىڭ ھەمداستىخىنى بولالىشى، ئەمەلدارلارنىڭ ئۈلپەتدىشى بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. ھېچكىم ئۇنى ھاراق – شارابقا ئاشىق زابوي كىشى دەپ باقمىغان[22].

يۇقىرىقى بايانلار، ھەقىقەتلەر ۋە مەنتىقلىق دەلىل – پاكىتلار سۈرەتلەپ بەرگەن ئۆمەر ھەييامنىڭ قىياپىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ماتېماتىكا، ئاسترونوميىە، پەلسەپە قاتارلىق پەنلەردە چاقنىغان مۇسۇلمان ئالىمدۇر. ئۇ يەنە فىقھى، تىل، تارىخ ۋە يەتتە خىل قىرائەت بىلەتتى.

بۇ قىياپىتى تارازىنىڭ بىر تەخسىسىگە، ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن رۇبائىيلار سۈرەتلەپ بەرگەن قىياپىتى يەنە بىر تەخسىسىگە قويۇلسا ئاۋۋالقىسى بېسىپ چۈشىدۇ. بۇ بىزنى ئۆمەر ھەييامنى كىشىلەرگە قايتىدىن تونۇتۇشىمىزغا، ئۇنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى ئىلمىي ھاياتنى موللاشتۇرۇشقا ھەسسە قوشقان مۇسۇلمان ئالىملىق قىياپىتىنى نامايان قىلىشىمىزغا چاقىرىق قىلىدۇ.

مەنبە: https://www.islamstory.com

تەرجىمىدە: بىلىميار

——————————————————–
([1]) أحمد حامد الصراف: عمر الخيام، بغداد، مطبعة دار السلام، 1931م، ص120.
[2] ئىنساننىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىپ، ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە ئىختىيارىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان، ئىنسانغا جانسىز نەرسىلەر قاتارىدا قارايدىغان ئېقىم.
[3] «ھەرقانداق سىرتقى كۆرۈنۈشى بار نەرسىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى بولىدۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەرقانداق ئايەتنىڭ تەئۋىلى بولىدۇ» دەپ قارايدىغان ئېقىم.
[4] أبو النصر مبشر الطرازي: كشف اللثام عن رباعيات الخيام، القاهرة، الهيئة المصرية العامة للكتاب، 1987م، ص143.
[5] شېئىرنىڭ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: مەن پەقەت نازىنىنلارغا ئاشىق – بىقارار بولۇپلا ياشىدىم، قوللىرىمدا دائىما (سۇ كەبى) ئېرىتىلگەن مۇسەللەس يۇقى. كىشىلەر دېيىشتى: رەببىڭ سېنىڭ توۋاڭنى قوبۇل قىلىدۇ. (مەن دېدىمكى) نە ئاللاھ توۋامنى قوبۇل قىلغۇچى، نە مەن توۋا قىلغۇچى.
[6] سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: ناۋادا مەن پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ يىغىندىسىدەك گۇناھ قىلىپ قالساممۇ جەزمەن گۇناھىم ئۈچۈن سەندىن ئەپۇ سورايمەن. سەن ئاجىز كۈنۈمدە ماڭا ياردەم بېرىدىغانلىقىنىڭنى ئېيتقانىدىڭ، ھازىر ماڭا نىسبەتەن مېنىڭ ئاجىزلىقىمنى بېسىپ چۈشىدىغان ئاجىزلىق يوق.
[7] عروضي نظامي سمرقندي: چهار مقاله، طهران، انتشارات ارمغان، 1327هـ.ش، ص98 – 99.
[8] Browne, Edward G. A Literary History of Persia, V.4, London, Adelphi Terrace, 1906, P. 246.
[9] Ibid, P. 256.
[10] سمرقندي: چهار مقاله، ص99.
[11] أبو بكر عبد الله بن محمد الرازي: مرصاد العباد، طهران، مطبعة المجلس، 1352هـ.ش، ص18.
[12] ظهير الدين علي البيهقي: تتمة صوان الحكمة، بيروت، دار الفكر، 1994م، ص203.
[13] جمال الدين أبو الحسن علي القفطي: إخبار العلماء بأخبار الحكماء، القاهرة، مطبعة السعادة، 1366هـ، ص162 – 163.
[14] زكريا بن محمد القزويني: آثار البلاد وأخبار العباد، بيروت، دار صادر، ص474.
[15] البيهقي: تتمة صوان الحكمة، ص203.
[16] أبو الحسن علي بن محمد ابن الأثير: الكامل في التاريخ، ج8، بيروت، دار الكتب العلمية، 1987م، ص408.
[17] القزويني: آثار البلاد، ص474.
[18] عبدالمنعم الحفني: عمر الخيام والرباعيات، القاهرة، دار الرشيد، 1992م، ص22.
[19] حمد الله مستوفي قزويني: تاريخ گزيده، تهران، انتشارات امير كبير، 1393هـ.ش، ص728.
[20] شمس الدين محمد الشهرزوري: نزهة الأرواح وروضة الأفراح، حيدر آباد، 1976م، ص13.
[21] المصدر السابق، نفس الصفحة.
[22] الصراف: عمر الخيام، ص95.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز