كىچىك بالىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش

كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بولغان، بۈگۈنگە قەدەر زېھنىلىرىمىزدە قالغان، بەزىسى خۇشاللىق ئاتا قىلغان، بەزىسى قايغۇغا سالغان نۇرغۇنلىغان ئىشلار بار.

خاتىرەڭنى بالىلىق كۈنلىرىڭگە قايتۇرغىن. مەكتىپىڭدە ساڭا بېرىلگەن بىرەر مۇكاپات ياكى ئاممىۋى سورۇندا بىرەرسىنىڭ سېنى مەدھىيىلىگەنلىكى چوقۇم ئېسىڭگە كېلىدۇ. بۇلار ئۇنتۇلمايدىغان ئىشلاردۇر. شۇڭا بۇلارنى تېز ئۇنتالمايسەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بالىلىقىمىزدا بېشىمىزغا كەلگەن قايغۇلۇق ئىشلارمۇ ئېسىمىزدىن چىقمايدۇ. مەسىلەن، مەكتەپتە مۇئەللىمنىڭ بىزنى ئۇرۇشى، بەزى ساۋاقداشلار بىلەن بولغان جېدەل، ئائىلىمىزدىن تىل-دەشنام يېيىشىمىز ياكى بىرەرسىمىزنىڭ دادىسىنىڭ ئايالىدىن (ئۆگەي ئانىسىدىن) ھاقارەتكە ئۇچرىشى… دېگەندەك.

كىچىك بالىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئۇلاردىن سىرت يەنە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئائىلىسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرىدىغان، تەسىرى زور بولغان بىر ئۇسۇلدۇر. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىغا كىچىك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى تېلېفون قىلىپ، ئۇنى ماختىشى، بالىسىنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىشى ۋە نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلار بىلەن تىلغا ئېلىشى كۆپ تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ئىشتۇر. ئۇلار بۇ تۇيغۇلىرىنى ئۇچرىشىش، سوۋغات بېرىش ياكى خەت ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىپادىلىشى مۇمكىن. شۇڭا كىچىك بالىلارغا كۈلۈمسىرەپ قاراش، قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە مۇئامىلە قىلىشلارنى كىچىك ئىش دەپ ئويلىماپ قالماڭ.

بىر كۈنى بىر مەكتەپتە كىچىك (ياشتىكى) ئوقۇغۇچىلارغا ناماز توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدىم ۋە ئۇلاردىن نامازنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا بىر ھەدىس سورىدىم. بىر ئوقۇغۇچى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹بەندە بىلەن كۇپۇر ياكى شېرىك ئارىسىدا پەرق نامازنى تەرك ئېتىشتۇر› دېگەن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ جاۋابى ماڭا ياقتى. ئۇنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قولۇمدىن سائىتىمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردىم. بۇ سائەت كەمبەغەللەر تەبىقىسىدىكىلەرنىڭ سائەتلىرىدەك ئادەتتىكى بىر سائەت ئىدى.

بۇ ئىش بۇ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئىلھام بولۇپ، ئىلىمنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان، قۇرئان يادلاشقا يۈزلىنىدىغان ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىدىغان بوپتۇ. كۈنلەر، ھەتتا يىللار ئۆتۈپتۇ. كېيىن بىر مەسجىدكە كىرسەم، شۇ مەسجىدنىڭ ئىمامى شۇ ئوقۇغۇچى ئىكەن. ئۇ ئوقۇغۇچى ياش بىر يىگىت بولۇپ قاپتۇ، شەرىئەت فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، مەھكىمىلەرنىڭ بىرىدە سوتچى بولۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ. مەن ئۇنى ئەسلىيەلمىدىم، لېكىن مەن ئۇنىڭ ئېسىدە باركەنمەن. ئويلىنىپ باققىن، نەچچە يىللار ئىلگىرى بىر ئورۇندا بولغان ياخشى كۆرۈش ۋە مۇكاپاتلاش ئۇنىڭ زېھنىدە قانداق قىلىپ مەھكەم ساقلىنىپ قالغاندۇ؟!

ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىر كېچىسى بىر زىياپەتكە تەكلىپ قىلىندىم. چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بىر ياش تۇيۇقسىز ماڭا قىزغىن سالام بەردى ۋە كىچىك ۋاقتىدا مەكتىپىدە سۆزلىگەن بىر لېكسىيەمدە مەن بىلەن بولغان قىزىقارلىق بىر ئىشنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى كۆرىسەن، ئۇلار مەسجىدلەردىن چىقىپ كىچىك بالىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. بىر دادىنى كۆرىسەن، ئۇنىڭ كىچىك بالىسى قولىنى تارتىپ بىر ئادەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ بالىنىڭ دادىسى بۇ ئادەمگە سالام قىلىپ، بالىسىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلار نۇرغۇن ئادەم تەكلىپ قىلىنىدىغان چوڭ زىياپەت ياكى توي مۇراسىملىرىدىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن. سەندىن يوشۇرمايمەنكى، مەن كىچىك بالىلارنى ئىززەتلەپ، ئۇلارغا بىر ئاز قىزغىن مۇئامىلە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۆپىنچە چاغلاردا مۇھىم بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ تاتلىق سۆزلىرىگىمۇ قۇلاق سېلىشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىمەن. بەزى چاغلاردا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە دادىسىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش ۋە ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلىمەن.

بىر دوستۇمنى بەزى چاغلاردا كىچىك بالىسى بىلەن بىللە ئۇچرىتىپ قالاتتىم. ئۇنىڭ بالىسىغا قىزغىن ۋە سىلىق مۇئامىلە قىلاتتىم. بۇ دوستۇم بىلەن بىر كۈنى چوڭ بىر يىغىلىشتا ئۇچرىشىپ قالدۇق. ئۇ ماڭا سالام بېرىپ ئەھۋاللىشىش ئۈچۈن بالىسىنى ئېلىپ يېنىمغا كەلدى. كېيىن ماڭا مۇنداق دېدى: «بالامغا نېمە ئىش قىلغانتىلا؟ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىسى ئۇلاردىن: «سىلەر كەلگۈسىدە نېمە بولىسىلەر؟» دەپ سوراپتىكەن، ئۇلارنىڭ بەزىسى (بىرى) دوختۇر بولىمەن، دېسە، يەنە بەزىسى ئىنژىنىر بولىمەن، دەپتۇ. مېنىڭ بالام بولسا، مەن مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي بولىمەن، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ».

شۇنى بايقىشىڭ مۇمكىنكى، كىشىلەر كىچىك بالىلارغا مۇئامىلە قىلىشتا بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ. بىر ئادەم بىر ئاممىۋى سورۇنغا كىرىپ، سورۇندىكىلەر بىلەن ئايلىنىپ قول ئىلىشىپ كۆرۈشسە، بالىسىمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ شۇنداق قىلسا، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بەزىسى كىچىك بالىغا پەرۋا قىلمايدۇ، بەزىسى قولىنىڭ ئۇچىدىلا كۆرۈشۈپ قويىدۇ، بەزىسى تەبەسسۇم قىلىپ، بالىنىڭ قولىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇپ: «خۇش كەلدىڭىز، ئى باتۇر»، «قانداق ئەھۋالىڭىز، ئى ئەقىللىق بالا؟» … دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق كىشىنى ياخشى كۆرۈش كىچىك بالىنىڭ قەلبىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ قەلبىدىمۇ يەر ئالىدۇ.

تۇنجى تەربىيىچى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىچىك بالىلارغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان كىشى ئىدى. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كىچىك بىر ئىنىسى بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بىلەن چاقچاقلىشىپ، ئۇنى ئەبۇ ئۇمەير دەپ ئاتايتتى. بۇ بالىنىڭ ئوينايدىغان كىچىك بىر قۇشى بار ئىدى. كېيىن بۇ قۇش ئۆلۈپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئۇچرىشىپ قالغان چاغدا، ئۇنىڭ بىلەن چاقچاقلىشىپ: «ئى ئەبۇ ئۇمەير، نۇغەير (يەنى كىچىك قۇش) نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دەيتتى. رەسۇلۇللاھ كىچىك بالىلارغا مۇلايىم بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئوينىشاتتى. ئۇممۇ سەلەمەنىڭ قىزى زەينەب بىلەن ئوينىشىپ: «ئى زەينەب، ئى زۇۋەينەب (زەينەبچاق)» دەيتتى. ئەگەر ئويۇن ئويناۋاتقان كىچىك بالىلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالسا ئۇلارغا سالام بېرەتتى. ئەنسارلارنى يوقلاپ بارسا ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىغا سالام قىلىپ، ئۇلارنىڭ باشلىرىنى سىلاپ قوياتتى.

رەسۇلۇللاھ ئۇرۇشتىن قايتقان چاغدا، ئۇنىڭ ئالدىغا كىچىك بالىلار چىقىپ قالسا ئۇلارنى ئۇلىغىغا مىندۈرۈۋالاتتى. مۇسۇلمانلار مۇئتەدىن قايتقان چاغدا مۇسۇلمانلار قوشۇنى مەدىنىگە قايتىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ۋە مۇسۇلمانلار ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. كىچىك بالىلارمۇ يۈگۈرۈپ ئۇلارنى قارشى ئېلىشقا چىقتى. رەسۇلۇللاھ كىچىك بالىلارنى كۆرگەندىن كېيىن: «ئۇلارنى ئېلىپ ئۇلىغىڭلارغا مىندۈرۋېلىڭلار، جەئفەرنىڭ ئوغلىنى ماڭا بېرىڭلار» دېدى. جەئفەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ كەلتۈرۈلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئېلىپ، ئالدىغا مىندۈرۈۋالغانىدى. رەسۇلۇللاھ بىر كۈنى تاھارەت ئېلىۋاتاتتى. بەش ياشلىق بالا مەھمۇد ئىبنى رەبىئ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئېغىزىغا سۇ ئېلىپ، مەھمۇدقا چاقچاق قىلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە سۇ پۈركىگەنىدى.[1]

ئومۇمەن، رەسۇلۇللاھ چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان، كىشىلەر بىلەن چاقچاقلىشىپ تۇرىدىغان ئادەم بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدە خۇشاللىق پەيدا قىلاتتى، خۇشخۇي بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتىن زېرىكىپ قالمايتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا بىر ئادەم سەپەر ياكى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۇلاغ سوراپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ: «مەن سېنى چىشى تۆگىنىڭ بالىسىغا مىندۈرۈپ قوياي» دېدى. بۇ ئادەم «كىچىك تۆگىگە قانداقمۇ مىنگىلى بولسۇن؟! ئۇ ئۈستىگە ئارتىلغان يۈكنىمۇ كۆتۈرەلمەيدىغان تۇرسا» دەپ ئويلاپ ھەيران قالدى. شۇنىڭ بىلەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! چىشى تۆگىنىڭ بالىسىنى نېمە قىلىمەن؟» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «(چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن) تۆگىنىڭ ھەرقاندىقى چىشى تۆگىنىڭ بالىسى بولماي نېمە بولىدۇ؟!» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ ئەنەسكە چاقچاق قىلىپ: «ئى ئىككى قۇلاقلىق!» دېدى. بىر كۈنى بىر ئايال ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئېرىنى شىكايەت قىلدى. ئاللاھ يەئقۇب ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا: [قايغۇدىن -كۆپ يىغلاپ- ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى] دېگىنىدەك، رەسۇلۇللاھمۇ بۇ ئايالغا: «ئېرىڭ كۆزىدە ئاقلىق بولغان كىشىمۇ؟» دېۋىدى، بۇ ئايال بۇ گەپتىن چۈچۈپ كېتىپ، ئېرىمنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئېرىنىڭ يېنىغا قايتىپ، ئېرىنىڭ كۆزىگە ئىنچىكە سەپسېلىشقا باشلىدى. ئېرى ئۇنىڭدىن: «نېمە ئىش بولدى؟» دەپ سورىۋېدى، ئېرىگە: «رەسۇلۇللاھ سىزنىڭ كۆزىڭىزدە ئاقلىق بارلىقىنى سۆزلىدى» دېدى. بۇ ئايالغا ئېرى: «ھەي خوتۇن، رەسۇلۇللاھ كۆزنىڭ ئاقلىقىنىڭ قارىسىدىن كۆپرەك بولىدىغانلىقىنى (يەنى ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆزىدە ئاقلىق ۋە قارىلىق بولىدىغانلىقىنى) سۆزلىمىدىمۇ؟» دېدى.

قانداق بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ بىلەن چاقچاقلىشىپ قالسا رەسۇلۇللاھمۇ ئۇنىڭ بىلەن چاقچاقلىشاتتى، كۈلەتتى ۋە تەبەسسۇم قىلاتتى. رەسۇلۇللاھ ئاياللىرىنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلىۋاتقان نەپىقىلىرى (خىراجەتلىرى)نى تېخىمۇ كۆپرەك قىلىپ بېرىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىۋەرگەنلىكى ئۈچۈن ئاچچىقى كېلىپ تۇرغىنىدا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، مۇنداق دېدى: «ئى رەسۇلۇللاھ، سىلى بىزنى بىلىلا، بىز قۇرەيشلىكلەر، ئاياللاردىن قورقمايمىز. بىزنىڭ بىرەرسىمىزدىن ئايالى نەپىقە سورىسا، ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا، ئۇنىڭ بوينىغا ئۇراتتۇق (تانابىنى تارتىپ قوياتتۇق). بىز مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن قارىساق، بۇ خەق ئاياللىرىدىن قورقىدىكەن. بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ئۇلارنىڭ ئاياللىرىدىن ئۆگەنگىلى تۇرۇپتۇ (يەنى بىزدىن قورقماس بولۇپ قاپتۇ) دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ كۈلۈمسىرىدى. ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى، رەسۇلۇللاھمۇ ئۆمەرگە بېقىپ كۈلۈمسىرەۋەردى.

بەزى ھەدىسلەردە، رەسۇلۇللاھنىڭ ئېزىق چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە كۈلگەنلىكىنى ئۇچرىتىسەن. دېمەك، رەسۇلۇللاھ كىشىلەرگە مۇلايىم، بىللە ئولتۇرغان ئادەمنىڭ داۋاملىق بىللە ئولتۇرغۇسىنى كەلتۈرىدىغان ئادەم ئىدى. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى كىشىلەرگە بۇنىڭغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن بولساق، ھەقىقەتەن ھاياتنىڭ ھۇزۇرىنى ھېس قىلغان بولاتتۇق.

 

بىر پىكىر

كىچىك بالا يۇمشاق لاي(غا ئوخشاش) بولۇپ، بىز ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلساق، ئۇنى شۇنداق شەكىلگە كىرگۈزەلەيمىز.

 

دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان

——————-
[1] بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز