پەتىۋاغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار(2)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

پەتىۋا سوراشتىن مەقسەت بىلىش ۋە ئەمەل قىلىش بولۇشى كېرەك

ئەھلى ئىلىم بىردەك ئىتتىپاقكى، پەتىۋا دېگەن ئاللاھنىڭ ئەمەلگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكمىنى بايان قىلىشتۇر. ئەمەلگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلار ھەققىدە سورىماسلىق ۋە پەتىۋا بەرمەسلىكتىمۇ ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.

بىر كىشى ئىمام شەئىبىگە: «مەن سىلىگە (سورايدىغانغا) بىرقانچە مەسىلە ساقلاپ قويدۇم» دېگەندە ئۇ: «ئۇنى ئىبلىسقا ساقلاپ قويغىن» دېگەن.

ئىمام ئىبنى قەييىم مۇفتىلارغا چۈشىدىغان سوئاللارنى 4 تۈرگە ئايرىغان.

1 – شەرىئەت ھۆكمىنى سوراش. پەتىۋا ئىشىدا مۇشۇ ئاساس. سورىغۇچىلارمۇ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن سورىشى، مۇفتىمۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشى لازىم. نەتىجىدە، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ھاياتىمىزدا تەتبىقلىنىپ ماڭىدۇ.

2 – ھۆكۈم ئاساسلانغان دەلىلنى سوراش. بۇ پەقەت ھۆكۈمنى بىلگەن ئالىم تەرىپىدىن دەلىلنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە سورىلىدۇ.

3 – دەلىلنىڭ ھۆكۈمگە قايسى جەھەتتىن ئىسپات بولىدىغانلىقىنى سوراش. بۇ خىل سوئال دەلىلنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىدا ئەمەس، بەلكى دالالىتى ھەققىدە بولىدۇ ھەمدە بۇ خىل سوئال كۆپىنچە بىرەر مەسىلىگە ئىسپات كەلتۈرۈش ئۈچۈن سورىلىدۇ.

4 – دەلىللەر بىر – بىرىگە زىتتەك كۆرۈنگەن ئەھۋالدا قايسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن سوراش. بۇنىڭدا ئادەتتە قايسى دەلىلگە ئەمەل قىلىش كېرەكلىكى سورىلىدۇ([1]).

قارايدىغان بولساق، باشتىكى ئىككىسى پەتىۋادىن كۆزلەنگەن مەقسەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. چۈنكى، ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بىلىش پەتىۋانىڭ نىشانىدۇر. دەلىل پەتىۋانىڭ تاجىدۇر. پەتىۋا سورىغۇچى ھۆكۈم بىلەن بىللە قۇرئان – ھەدىستىن ياكى قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىستىن ئىسپاتلانغان دەلىلنى كۆرسە، تولۇق قانائەت ھاسىل قىلىپ ئەمەل قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن پەتىۋادىن مەقسەت ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئەمما كېيىنكى 2 تۈردىن مەقسەت ئۇنداق ئەمەس. بەلكى، مەقسەت ئەمەل قىلىش بولماستىن، بىلىپ قېلىش، مۇنازىرە قىلىش ۋە مۇفتىنىڭ پەتىۋاسىدىكى ھۆكۈمنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىق تەرەپلىرىنى ئۇقۇۋېلىشتىن ئىبارەت.

 

مۇفتىنىڭ شەرتلىرى

ئۇسۇل – قائىدە ۋە پەتىۋا توغرىسىدىكى كىتابلاردا ئۆلىمالار مۇفتىنىڭ شەرتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىدۇ:

1 – شەرئى بىلىمى مول بولۇش. شۇڭا، پەتىۋا بەرگۈچى پەتىۋا بېرىشكە لاياقەتلىك قىلىدىغان دەرىجىدە ئىلمىي مەرتىۋىگە ئېرىشكەن بولۇشى لازىم. شۇڭا، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بىلمەيدىغان كىشى پەتىۋا بەرسە بولمايدۇ.

﴿ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنى ھارام قىلدى. گۇناھلارنى، ناھەق چېقىلىشنى، ئاللاھ دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشنى ۋە ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى»﴾([2]).

2 – ئەرەب تىلىنى قۇرئان ۋە ھەدىسنى چۈشەنگىدەك بىلگەندىن سىرت، كەلىمىلەرنىڭ قاراتمىلىقى، تەركىبى، ئىستىلىستىكا قاتارلىقلارنىمۇ بىلىشى شەرت.

3 – قۇرئاننى تولۇق يادقا بىلگەن بولۇش كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە شەرت ئەمەس. لېكىن ئەھكام ئايەتلىرىنىڭ ئورۇنلىرىنى بىلسە، ئىزدەپ پايدىلانسا بولىدۇ([3]).

4 – قۇرئاندىكى ناسىخ ۋە مەنسۇخ، مۇتلەق ۋە مۇقەييەد، مەنتۇق ۋە مەفھۇم، ئايەتلەرنىڭ نازىل قىلىنىش سەۋەبلىرى، ئومۇمەن، قۇرئان بىلىملىرىنى بىلىشى شەرت.

5 – فىقھىشۇناسلىق (أصول الفقه) ئىلمىنى بىلىش. بۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ھۆكۈم چېقىرىش ئۇسۇلىنى بايان قىلىدىغان ئىلىم بولغاچقا، ئىمام رازى «مۇجتەھىد ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىلىم فىقھىشۇناسلىق ئىلمىدۇر» دېگەن([4]).

6 – ھەدىسلەرنىڭ تۈرلىرىنى، ھەر بىر تۈرنىڭ ئەھكامغا دالالەت قىلىش دەرىجىسىنى بىلىش. ھەدىسنى ئۆزى باھالاپ يۈرمىسىمۇ بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزىدەك ھەدىسشۇناشلارنىڭ باھاسىغا تايانسا بولىدۇ.

7 – يەنە تېبابەت، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن ۋە ئىقتىسادقا ئوخشاش تۈرلۈك ئىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشى ياكى باشقىلاردىن سوراپ بىلىۋېلىشى زۆرۈر.

8 – بولغان ۋەقەنى بىلىش. ياشاۋاتقان مۇھىتنى، شارائىتنى، ۋەزىيەتنى، كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى توغرا چۈشىنىپ يەتكەندىلا پەتىۋا بەرمەكچى بولغان مەسىلىدە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بىلەلەيدۇ. ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «مۇفتى بىلەن ھاكىم پەتىۋا بېرىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىشنى پەقەت ئىككى تۈرلۈك ئۇسۇل بىلەن قىلالايدۇ. بىرى، بولغان ۋەقەنى بىلىش. يەنە بىرى، ئۇنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ھۆكمىنى بىلىش. ئاندىن تەتبىقلاش»([5]).

9 – شەرىئەت مەقسەتلىرىنى بىلىش. بۇ ئىجتىھاد قىلىشنىڭ دەسلەپكى شەرتىدۇر. چۈنكى، شەرىئەت ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بېكىتىلگەن قانۇندۇر. ئىمام شاتىبى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «ئىجتىھاد پەقەت ئىككى خىل كىشىدە بولىدۇ: بىرى، شەرىئەت مەقسەتلىرىنى تولۇق بىلگەن. يەنە بىرى، شۇنىڭغا بىنائەن ھۆكۈم چىقارغان»([6]).

10 – ھەقنى ئىزدەش. ھەق دەپ يەكۈنلىگەن نەتىجە بىلەن پەتىۋا بېرىشى لازىم. ئۆزىنىڭ خاھىشى، پەتىۋا سورىغۇچىنىڭ ياقتۇرۇشى ياكى باشقا غەرەزلەرنى كۆزدە تۇتۇپ پەتىۋا بېرىش ھارامدۇر.

11 – دىيانەتلىك بولۇش. ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «ئالىملار دەيدۇكى، مۇفتى دىيانەت بىلەن تونۇلغان، تەقۋادارلىقى چىقىپ تۇرىدىغان، گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ئادەتتىن تاشقىرى ئۆزىنى ساقلايدىغان كىشى بولۇشى كېرەك».

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مۇفتىنىڭ شەرتى: بالاغەتكە يەتكەن، مۇسۇلمان، ئىشەنچلىك، نالايىق قىلمىشلاردىن نېرى تۇرىدىغان، زېھنى ساغلام، پىكرى ئۆتكۈر، دەلىللەردىن توغرا ھۆكۈم ئالالايدىغان، مەسىلىلەرنى كۆزىتىشتە سەگەك بولۇشى كېرەك»([7]).

يۇقىرىقى ئىمام نەۋەۋى بايان قىلغان قاراش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، ئەلخەتىب ئەلباغدادى مۇفتىنىڭ شەرتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «دىيانەتلىك، ئىشەنچلىك بولۇشى لازىم. پاسىق دىن ئەھكاملىرىنى ياخشى بىلسىمۇ، لېكىن ئۆلىمالار پاسىقنىڭ سۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىدا ئىختىلاپ قىلمىغان»([8]).

ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكىمۇ پاسىقتىن پەتىۋا ئېلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى، «پەتىۋا دىن ئىشى. پاسىقنىڭ خەۋىرى دىن ئىشلىرىدا مەقبۇل ئەمەس» دەپ قارايدۇ([9]).

ئىمام ئىبنى قەييىم «ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەڭ سالاھىيەتلىك كىشىدىن پەتىۋا سوراش، پىسقى – پۇجۇر ئومۇملىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا پاسىقنىڭ پەتىۋا بېرىشى چەكلەنسە ئەھكاملار ئىجرا قىلىنماي، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرى زايە بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن، زۆرۈرىيەت ئەھۋاللىرىدا پاسىقتىن پەتىۋا سوراشقا بولىدۇ»، دەپ قارىغان([10]).

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن چوڭ گۇناھلارنى داۋاملىق، ئوچۇق – ئاشكارا قىلىپ يۈرىدىغان، ئازغۇن ئېقىملارنى تەشۋىق قىلىدىغان پاسىقتىن پەتىۋا سوراشقا بولمايدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما، پەزىلەتلىك ئۆلىمالار تېپىلمىغان ئەھۋالدا كىچىك گۇناھلارنى قىلسىمۇ، چوڭ گۇناھلارنى ئاشكارا ياكى داۋاملىق قىلمايدىغانلاردىن سوراشقا بولىدۇ دېيىش مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىگە زىت ئازغۇن پىرقىلەرنىڭ، بۇزۇق ئېقىمدىكىلەرنىڭ پەتىۋاسىنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىختىلاپ يوقتۇر.

 

ئۇستاز كۆرمىگەن ئەھلى ئىلىمنىڭ پەتىۋا بېرىشى

ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدۇكى، ئىلىمنى ئۆز ئەھلىدىن ئاغزاكى ئاڭلاپ ئالمىغان كىشىنىڭ ئىلمى يېتەرسىزدۇر. ئىمام شاتىبى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «ئىلىمنى چېكىگە يەتكۈزۈپ ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۇنى يېتۈك ئىلىم ئەھلىدىن ئېلىشتۇر. دېمەكچى بولغىنىمىز ئىلىمنىڭ تەتقىقات ۋە ئېنىق چۈشىنىۋېلىشقا ئائىت قىسمىدا ئۇستاز بولمىسا بولمايدۇ. ئۇستازسىز ئىلىم ئېلىش مۇمكىنلىكى ئىنكار قىلىنمايدىغان بولسىمۇ، بىراق ئادەتتە ئۇستاز بولمىسا بولمايدۇ. بۇ ھەقتىكى بەزى تەپسىلاتلاردا ئىختىلاپ بولسىمۇ، لېكىن ئالىملار ئومۇمەن بۇ نۇقتىدا ئىتتىپاقتۇر. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىلىمنى بەندىلەرنىڭ دىللىرىدىن بىر يولىلا كۆتۈرۈۋەتمەي ئۆلىمالارنى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كېتىش ئارقىلىق ئىلىمنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ…»([11]).

ھەرقانداق ئىلىمنى شۇ ئىلىمنىڭ يېتىشكەن ئەھلىدىن ئېلىش كېرەكلىكىدە ئاقىللار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوقتۇر. سەلەف – سالىھلارنىڭ شەرئى بىلىملەردىكى ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساقمۇ ئۇلارنىڭ شۇنداق ئۇستازلاردىن ئىلىم ئالغانلىقىنى كۆرىمىز»([12]).

بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە مۆتىۋەر ئۇستازلاردىن ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم تەلىم ئالغان ياكى شەرئى تەتقىقات فاكۇلتېتلىرىدا سىستېمىلىق ئىلىم تەھسىل قىلغان، بىرەر شەرئى پەندە ئۇنۋانغا ئېرىشكەن، فىقھىشۇناسلىق (أصول الفقه) ۋە فىقھى كىتابلىرىدىن خەۋەردار بولغان، نەزەرىيە ئىلىمنى ئەمەلىي ھاياتقا تەتبىقلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئىلىم ئەھلىلىرىدىمۇ پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتى بولىدۇ.

پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان، مۇفتىلىق شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئاۋاملارغا كەلسەك، بۇلارنىڭ پەتىۋا بېرىشى ھارامدۇر. بۇنىڭ دەلىللىرى يۇقىرىدا بايان قىلىندى. شۇنداقلا پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ئىلىم ئەھلى بەزى مەسىلىلەرنىڭ ھۆكمىنى بىلمىگەن بولسا، ئىزدىنىپ باقماستىن پەتىۋا بېرىشىمۇ ئوخشاشلا ھارامدۇر.

ئۇنداقتا، بىرەر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى دىنىي كىتابلارنى كۆرۈش ئارقىلىق قۇرئان ياكى ھەدىستىن دەلىلى بىلەن بىلگەن ئاۋامنىڭ پەتىۋا بېرىشى جائىزمۇ؟

بۇ مەسىلىدە 3 خىل قاراش بار:

بىرىنچى قاراش: مۇتلەق جائىزدۇر. چۈنكى، شۇ مەسىلىنى ئاۋام كىشى ئالىمدەك بىلگەن بولدى. شۇ بىلگىنى باشقىلارغا جاۋاب بېرىشتە يېتەرلىك.

ئىككىنچى قاراش: دەلىلى قۇرئان ياكى ھەدىستىن بولغان ئەھۋالدا جائىز. ئۇنىڭدىن باشقا مەسىلىدە پەتىۋا بەرسە بولمايدۇ. چۈنكى، قۇرئان بارلىق مۇكەللەفلەرگە قىلىنغان خىتاب بولۇپ، ھەر بىر مۇكەللەف قۇرئان ۋە ھەدىستىن بىلگىنى بويىچە ئەمەل قىلسا، باشقىلارنى يېتەكلىسە بولىدۇ.

ئۈچىنچى قاراش: جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ دەلىل كۆرسىتىش سالاھىيىتى يوق. شەرتلەرنىمۇ بىلىپ بولالمايدۇ. نەتىجىدە، دەلىل ئەمەسنى دەلىل دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: «قايسىنى ھېساب قىلىپ ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى سوراپ بىلمىگىچە ئەمەل قىلماي تۇرىدۇ. توغرىنى قىلىشى ئۈچۈن ئەھلى ئىلىمدىن سورىشى لازىم».

ئىبنى ھەمدان مۇنداق دەيدۇ: «جائىز بولمايدىغانلىقى كۈچلۈك. چۈنكى، ئۇ بىلمەي قالغان باشقىچە دەلىللەر بولۇشى مۇمكىن»([13]).

ئەلۋەتتە، مۇشۇ قاراش مۇۋاپىق، چۈنكى، يادلىۋېلىش باشقا گەپ، چۈشىنىش باشقا گەپ. ئالىملار دەيدۇكى، «يېتۈك ئالىم ياكى ئۇستازلارنىڭ قولىدا ئوقۇماستىن، كىتاب كۆرۈپ ئىلىم ئالغان كىشىدىن ئىلىم ئالمىغىن. چۈنكى، كىتابتىنلا ئىلىم ئالغان كىشىنىڭ ئاجىز يېرى كۆپ بولىدۇ، خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ»([14]).

ئاۋام دېگىنىمىز، شەرئى ئىستىلاھتا مەيلى ئۇ ساۋاتسىز بولسۇن ياكى باشقا پەنلەردە كاتتا ئالىم بولسۇن، فىقھى ۋە فىقھى ئۇسۇلىنى بىلمەيدىغان توپتۇر. بۇنداق كىشىلەر مەلۇم ۋەقەلىكتە بىرسىگە پەتىۋا بەرسە بولمايدۇ. ئەمما، بىرەر مۇفتىنىڭ پەتىۋاسىنى باشقىلارغا ئاڭلىغىنى بويىچە توغرا يەتكۈزۈپ قويسا بولىدۇ. يەتكۈزۈشى بۇ ئادەمنىڭ راستچىللىقىغا باغلىق ئىش.

 

پەتىۋانىڭ ئۆزگىرىشى

ئالىملار پەتىۋانىڭ زامان – ماكانغا، شەخسكە ۋە ئۆرپ – ئادەتكە قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. «مەجەللەتۇل ئەھكامۇل ئەدلىيە»نىڭ 39 – ماددىسىدا مۇنداق كەلگەن: «زاماننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئەھكامنىڭ ئۆزگىرىشى نورمال قانۇنىيەتتۇر».

بۇ يەردىكى زاماننىڭ ئۆزگىرىشى پەتىۋانىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ سەۋەبى بولماستىن، بەلكى زاماندىكى بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر پەتىۋانىڭ ئۆزگىرىشىنى تەقەززا قىلغاندۇر.

پەتىۋانىڭ زامانغا قاراپ ئۆزگىرىشىگە شەرئى دەلىللەر گۇۋاھ بولالايدۇ. شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ تەدرىجىي بېكىتىلىشىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. يەنە مىسال ئالىدىغان بولساق:

پېقىرلىق سەۋەبىدىن قۇربانلىق گۆشىنى 3 كۈندىن ئارتۇق ساقلىۋالماسلىق ھۆكمى ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرگەن. يەزىد ئىبنى ئەبى ئۇبەيد رىۋايەت قىلىدۇكى، سەلەمە ئىبنى ئەكۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەردىن كىمكى قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئۈچ كېچە قونۇپ تاڭ ئاتقۇزغىنىدا ئۇنىڭ گۆشىدىن ئۆيىدە ئازراقمۇ قالمىسۇن» دېگەن. كېيىنكى يىلى ساھابىلار: «ئى رەسۇلۇللاھ! قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۆتكەن يىلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلامدۇق؟» دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: «ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، باشقىلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار ھەم ساقلىۋېلىڭلار. ئۆتكەن يىلى كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئىدى. شۇڭا، ئاشۇ ئەھۋالدا ياردەم قىلىشىڭلارنى مەقسەت قىلغان ئىدىم» دېگەن([15]).

پەتىۋانىڭ ماكانغا قاراپ ئۆزگىرىشىگە كەلسەك، بۇنىڭ مىساللىرىمۇ كۆپ. تاۋۇس مۇنداق دەيدۇ: مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەن ئاھالىسىگە: «زاكىتىڭلارغا ماڭا ئارپا بىلەن بۇغداينىڭ ئورنىغا تون ۋە كىيىم – كېچەك قاتارلىق تاۋار ماللارنى بېرىڭلار! بۇ ھەم سىلەرگە قولايراق، ھەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنىدىكى ساھابىلىرىگە ياخشىراق» دېگەن([16]).

شىمالى قۇتۇپ، ئانتاركتىكا ۋە ئالەم پونكىتىدا ياشايدىغانلارنىڭ، شۇنداقلا قۇياش سوتكىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىغا قاراپ بەزى رايونلاردا ياشايدىغانلارنىڭ ناماز ۋە روزىلىرى ئادەتتىكىدىن باشقىچە بولىدۇ.

پەتىۋانىڭ شەخسكە قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقىمۇ شۇنداق. مەلۇمكى، بەندىلەر بايلىق ۋە كەمبەغەللىكتە، كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىقتا ئوخشاش ئەمەس. شۇڭا، شەرىئەت شەخسنىڭ ئەھۋالىغا رىئايە قىلغان. مەسىلەن:

ئىمران ئىبنى ھۇسايىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەندە مەقئەت كېسىلى بار ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قانداق ناماز ئوقۇش ھەققىدە سورىسام، رەسۇلۇللاھ: «ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇغىن، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيالمىساڭ ئولتۇرۇپ ئوقۇغىن، ئولتۇرۇپمۇ ئوقۇيالمىساڭ يانچە يېتىپ ئوقۇغىن» دېدى([17]).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: سەۋدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇزدەلىفە كېچىسى بۇرۇنراق مېڭىشقا ئىجازەت سورىدى. ئۇ سېمىز، ھەرىكىتى ئاستىراق ئايال ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ئىجازەت قىلدى([18]).

يۇقىرىقىلاردىن كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى پەتىۋانىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.

ئۆرپ – ئادەت ئۆزگىرىشىمۇ ئەگەردە ئايەت ياكى ھەدىسكە زىت كەلمىگەن تەقدىردە، پەتىۋا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر زىت كېلىپ قالسا ھېساب بولمايدۇ.

ئۆرپ – ئادەت ئۆزگىرىشىنىڭ پەتىۋا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتلىرى دەلىل بولىدۇ:

﴿ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار﴾([19]).

﴿ئۇلارغا بىر نەرسە بېرىڭلار، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا بەرسۇن. بۇ ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر﴾([20]).

يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، مۇئاۋىيەنىڭ ئانىسى ھىند رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئېرىم ئەبۇ سوفيان بېخىل بىر ئادەم، ئۇنىڭ مېلىدىن يوشۇرۇنچە ئالسام ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۆزىڭىزگە ۋە بالىلىرىڭىزغا يەتكۈدەك ئېلىڭ» دېدى([21]).

ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىستە شەرىئەت بېكىتمىگەن ئىشلاردا ئۆرپ – ئادەتنى ئاساس قىلىش بار»([22]).

بەندىلەرنىڭ دىنى، جېنى، نەسلى، ئەقلى ۋە مال – مۈلكىنى قوغدايدىغان پايدىلىق ئىشلارمۇ پەتىۋا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. شەرىئەتتە چەكلەنمەي ياكى تەشەببۇس قىلىنماي كەڭ قويۇۋېتىلگەن دائىرىدىكى پايدىلىق ئىشلارنى كۆزلەپ پەتىۋانى ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىقىدا گەرچە ئالىملار نەزەرىيە جەھەتتىن ئىختىلاپ قىلىشسىمۇ، لېكىن بارلىق ئىسلام مەزھەپلىرى ئەمەلىي جەھەتتىن بۇنىڭغا ئىتتىپاق.

بۇ تۈرلۈك مەنپەئەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ پەتىۋا ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسى ساھابە كىراملارنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا بولۇپ باقمىغان ئىشلارغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسىدۇر. ئۇلار پۇل سوقتۇرغان، تۈرمىلەرنى ياساتقان، قۇرئان ئايەتلىرىنى كىتاب شەكلىدە جەملىگەن. ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلامىيەت كۈچەيگەن چاغلاردا نوپۇزلۇق شەخسلەرگە دىللىرىنى مايىل قىلىش ئۈچۈن زاكات بېرىشنى توغرا تاپمىغان. چۈنكى، ئۇ ئۇلارغا زاكات بېرىش مەلۇم مەنپەئەت ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ مەنپەئەتنىڭ يوقىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ھۆكمىمۇ ئۆزگەرگەن، دەپ قارىغان. كۇپۇر دىيارىغا سەپەر قىلىش مەسىلىسىدىمۇ پەتىۋا پايدا – زىيانغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. سەپەر قىلغان كىشى ئۇ سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىماي پايدىلىنىپ قايتىدىغان بولسا، سەپەر قىلىشى جائىز بولىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. ساھابىلار بۇنى ئاساس قىلىشقا ئىجماغا كەلگەندۇر.

يەنە ئالىملار «زىياننىڭ يەڭگىلرەكىنى تارتىش» دېگەن بىر قائىدىنى بېكىتىپ ئەمەل قىلىپ كەلگەن. بۇ قائىدىمۇ پەتىۋا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىزىر ئەلەيھىسسالام زالىم پادىشاھ كېمىنى تارتىۋالمىسۇن دەپ كېمىنى تېشىۋەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چوڭراق زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ساھابىلارنى مەسجىدكە سىيىۋاتقان بەدەۋىنى تا ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بولغىچە توسمىغان. بۇ قائىدىگە ئاساسەن بىر قانچە تۈرلۈك پايدىلارنىڭ بىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە توغرا كەلگەندە ئەڭ چوڭ پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش، بىر قانچە تۈرلۈك زىيانلاردىن بىرىنى تارتىشقا توغرا كەلگەندە ئەڭ ئاز زىياننى تارتىش ئارقىلىق چوڭ زىياندىن ساقلىنىش لازىم. بۇنىڭ مىساللىرىمۇ ئىنتايىن كۆپتۇر.

بىزنىڭ شارائىتىمىزدا ئىسلامچە كېيىنىش ۋە ئىبادەت قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان بەزىبىر ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىش مەسىلىسىدە، يا دىنىي زىياننى تارتىش، ياكى خىزمەتنى تاشلاش، پاسىقلىقى كۇپۇر دەرىجىسىگە يەتمىگەن ئىماملارنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش، ياكى ئۇنىڭ كەينىدە ئوقۇماي جامائەتنى، مەسجىدنى تەرك ئېتىش، كېيىنىش ۋە باشقا ئىشلاردا ئىسلامغا زىت تۈزۈم بېكىتىلگەن مەكتەپلەردە ئۈزلۈكسىز ئوقۇش ياكى بىلىم – مەرىپەتتىن مەھرۇم قېلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلار مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ. بۇ تۈرلۈك ئىشلاردا پايدا – زىيان سېلىشتۇرمىسى قىلماي بولمايدۇ.

 

كىمنىڭ پەتىۋاسىنى ئېلىش ھەققىدە

پەتىۋا سورىغۇچى بىلمەي تۇرۇپمۇ جاۋاب بېرىشتىن ساقلانمايدىغان پەتىۋاچىلاردىن ھەزەر ئەيلىشى، دىنىنى كىمدىن ئۆگىنىۋاتقانلىقىغا ئوبدان قارىشى لازىم. بولۇپمۇ، نامەلۇم پەتىۋاچىلار كۆپىيىپ كەتكەن بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ھەر كىشى سەگەك بولۇشى، تەقۋادارلىقى، ئىلمى بىلەن تونۇلغان ئەھلى ئىلىملەردىنلا پەتىۋا سورىشى كېرەك.

ئالىملىرىمىز: «ئىلىم _ دىندۇر. شۇڭا، دىننى كىمدىن ئېلىشقا ئوبدان قارىماق لازىم» دېگەن([23]).

پەتىۋامۇ دىن. شۇڭا، بەك دىققەت قىلىنىشى لازىم.

بۇنىڭغا ئاساسەن پەتىۋا سورىغۇچى كىشىلەر ئارىسىدا ئىلمى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن تونۇلغان ئەھلى ئىلىمدىن پەتىۋا سورىسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى تەكشۈرۈپ يۈرۈشى ھاجەتسىز.

پەتىۋا بېرەلەيدىغان بىرقانچە ئەھلى ئىلىم بولسا، ئەڭ بىلىملىكىدىن، ئەڭ تەقۋادارىدىن سورايدۇ. ئەگەر ئەڭ بىلىملىك بىلەن ئەڭ تەقۋادار _ ئىككى كىشى بولسا ئەڭ بىلىملىكىدىن سورايدۇ([24]).

 

پەتىۋا سورىغۇچى ئىككى خىل پەتىۋا ئالغىنىدا قانداق قىلىشى كېرەك؟

بەزى ئالىملار: «ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئىككى پەتىۋانىڭ ئەڭ قاتتىقراقىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىدۇ» دېگەن.

يەنە بەزى ئالىملار: «يەڭگىلرەكىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىدۇ» دېگەن.

يەنە بەزى ئالىملار: «ئىلىم ۋە تەقۋادارلىقتا ئۈستۈنرەكىنىڭكىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىدۇ» دېگەن.

يەنە بەزى ئالىملار: «باشقا بىرسىدىن سوراپ شۇنىڭ جاۋابى بويىچە ئەمەل قىلىدۇ» دېگەن.

يەنە بەزى ئالىملار: «خالىغىنىنى تاللاپ ئەمەل قىلسا بولىدۇ» دېگەن.

يەنە بەزى ئالىملار: «ئىككى تېۋىپ ياكى ئىككى مەسلىھەتچىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشتا دەڭسەپ باققاندەك دەڭسەپ بېقىپ ئاندىن شۇ بويىچە ئەمەل قىلىدۇ» دېگەن([25]).

بۇ قاراشلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. ھەر ھالدا دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى پاك تۇتۇش ئەڭ مۇھىم بولۇپ، بەزىدە ئەڭ قاتتىقىنى، بەزىدە ئەڭ يەڭگىلىنى تاللاش دىيانەت جەھەتتىن ئەڭ پۇختىلىق مۇمكىن.

نوئىمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھالال ئىشلارمۇ ئېنىق، ھارام ئىشلارمۇ ئېنىق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قالغان شۈبھىلىك ئىشلار بار، ئۇ ئىشلارنىڭ ھۆكمىنى نۇرغۇن ئادەملەر بىلمەيدۇ، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلىگەن ئادەم دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى پاك تۇتقان بولىدۇ، شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلغان ئادەم چېگرا چۆرىسىدە پادا باقىدىغان چوپانغا ئوخشايدۇ، پادا چېگراغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن، ھەر پادىشاھنىڭ بىر چېگراسى بولىدىغۇ؟! ئاللاھنىڭ چېگراسى ئاللاھنىڭ ھارام قىلىپ بېكىتكەن ئىشلىرىدىن ئىبارەت. قۇلاق سېلىڭلار! ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتۇر»([26]).

گەرچە ئاخىرقى قاراشنى ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى كۈچلۈك دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ مەسىلىدە پەتىۋا بەرگۈچىنىڭلا ئەھۋالىغا قاراپ ئەمەس، سورىغۇچىنىڭمۇ ئەھۋالىغا قاراپ تاللاش مۇۋاپىق.

پەتىۋا سورىغۇچى بىر قانچە قاراش ياكى پەتىۋالاردىن بىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تەرجىھ قىلىش([27]) ئىقتىدارى يوق ئاۋام خەلق بولسا، ئىشەنچلىك ئىلىم ئەھلىدىن سوراپ بىرىنى تاللىشى لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم!

—————————-
([1]) «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىين»، 4/157.
([2]) «ئەئراف» سۈرىسى، 33 – ئايەت.
([3]) «ئەلمۇستەسفا»، 1/344 – بەتكە قارالسۇن.
([4]) «ئەلمەھسۇل»، 6/36.
([5]) «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىين»، 1/88.
([6])«ئەلمۇۋافىقات»، 4. 106.
([7]) «ئادابۇل فەتۋا»، 1/18.
([8]) «ئەلفەقىھ ۋەلمۇتەفەققىھ»، 2/156.
([9]) «ئەلبەھرۇررائىق»، 6/266.
([10]) «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 4/280.
([11]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 100 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 2673 – ھەدىس.
([12]) «ئەلمۇۋافىقات»، 1/92.
([13]) «سىفەتۇل فەتۋا»، ئىبنى ھەمدان. 26 – بەت.
([14]) «ئەلمەجمۇ»، 1/65.
([15]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 5569 – ھەدىس.
([16]) «سەھىھۇل بۇخارى». «تاۋار مالنى زاكاتقا ھېسابلاپ ئېلىش توغرىسىدا» دېگەن باب.
([17]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 1117 – ھەدىس.
([18]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 1680 – ھەدىس.
([19]) «نىسا» سۈرىسى، 19 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([20]) «بەقەرە» سۈرىسى، 236 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([21]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 2211 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 3233 – ھەدىس.
([22]) «فتح الباري»، 9/510.
([23]) «جامىئۇ بايانىل ئىلمى ۋە فەزلىھى»، 2/140.
([24]) «المجموع»، 1/95.
([25]) «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىين»، 4/ 333 «سىفەتۇل فەتۋا»، 80 – بەت.
([26]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 52 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 1599 – ھەدىس.
([27]) تەرجىھ قىلىش: دەلىللەرنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئىككى ياكى بىرنەچچە قاراش ئىچىدىن مەلۇم بىر قاراشنى كۈچلۈك دەپ تاللاشتىن ئىبارەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز