پەتىۋاغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار(1)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

پەتىۋانىڭ لۇغەت مەنىسى

ئەرەب تىلىدا پەتىۋا دېگەن سۆز «ئىفتا» دېگەن مەستەر([1])دىن چىققان بولۇپ، «سورالغان سوئالنىڭ جاۋابىنى بايان قىلىپ بېرىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَاسْتَفْتِهِمْ أَهُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَم مَّنْ خَلَقْنَا﴾ يەنى ﴿ئۇلاردىن سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ ياكى بىزنىڭ ياراتقانلىرىمىزنى يارىتىش قىيىنمۇ؟﴾([2]).

پەتىۋا سۆزى يەنە «چۈشكە تەبىر بېرىش» مەنىسىدىمۇ كەلگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە مىسىر پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَفْتُونِي فِي رُؤْيَايَ﴾([3]) يەنى «چۈشۈمگە تەبىر بېرىڭلار».

پەتىۋا يەنە فەقىھنىڭ بىلىۋېلىش ئۈچۈن بىراۋنىڭ سورىغان سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَسْتَفْتُونَكَ﴾ ([4]) يەنى «سەندىن پەتىۋا سورىشىدۇ».

شۇڭلاشقا، ئەھكام مەسىلىلىرىگە قارىتا سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگۈچى ئالىملارمۇ پەتىۋا سۆزىدىن تۈرلىنىپ چىقىدىغان «مۇفتى (پەتىۋا بەرگۈچى)» نامى بىلەن ئاتالغاندۇر([5]).

 

پەتىۋانىڭ ئىستىلاھ (ئىستېمال) مەنىسى

مەلۇم مەسىلىگە دۇچ كېلىپ ئۇنىڭ ھۆكمىنى سورىغان كىشىگە شەرىئەت ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ([6]).

مۇفتى _ شەرئى ئىشلاردا جاۋاب بەرگۈچى([7]).

دېمەك، مۇفتى پەتىۋا بەرسە مۇكەللەفكە([8]) ئېنىق بولمىغان بىر ئىشتا ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بەرگەن بولىدۇ.

كۆپىنچە ئەھۋالدا ئىسلام دۇنياسىدا مۇفتى دېگەن ئىسىم دىنىي ئەمەلنى كۆزدە تۇتسا، بەزىدە مۇستەھكەم فىقھى ئاساسى بار ئالىمنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

 

پەتىۋانىڭ تارىخى

تۇنجى پەتىۋا بەرگەن زات ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالادۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلِ اللَّـهُ يُفْتِيكُمْ﴾([9]).

ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپىسىرىدە: «يەنى سىلەر سورىغاننى بايان قىلىپ بېرىدۇ» دېگەن([10]).

ئاندىن كېيىن پەتىۋا بەرگەن زات رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىجازىتى بىلەن باشقا بىرقانچە ساھابە كىراملەرمۇ پەتىۋا بەرگەن.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دىننى تولۇق يەتكۈزگەندىن باشقا يەنە قۇرئان ۋە سۈننەتنى قالدۇرۇپ كەتتى. بۇ لىنيەنى بويلاپ ئەھلى ئىلىملەر دىننى يەتكۈزدى. ئاللاھ تائالا دىن ئەھكاملىرىنى بىلمەيدىغانلارنى ئىلىم ئەھلىدىن سوراشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە ئەھلى ئىلىملەرنى ئۆزلىرىدىكى ئىلىمنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈشكە، ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان.

مانا بۇ پەتىۋانىڭ نەقەدەر شەرەپلىك ۋە نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىمام شاتىبى رەھىمەھۇللاھ مۇفتىنىڭ شەرىئەتتىكى ئورنىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن: «مۇفتى دېگەن ئۈممەت ئىچىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئورنىدا تۇرغۇچىدۇر»([11]).

كېيىنچە ئىسلام دۆلىتى مۇفتىلىككە مەخسۇس بىر مەنسەپ تەييارلاپ، دۆلەت ئىشلىرىدا شۇ مۇفتىنىڭ پەتىۋاسى بويىچە ئىش تۇتۇپ كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۆلىمالارمۇ سورالغان ۋەقەلىكلەرگە قارىتا پەتىۋا بېرىپ كەلگەن. بۇلارنىڭ پەتىۋاسى مۇفتىنىڭكىگە بەزىدە ئوخشىمىغان بولۇپ، پەتىۋا بېرىش شۇ تەرىقىدە مېڭىپ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى بايان قىلىشتا ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر دىنىي خىزمەت بولۇپ قالغان.

 

مۇفتىلىق بىلەن قازىلىق ۋەزىپىسىنىڭ پەرقى

قازىلىق دېگىنىمىز، ھۆكۈمنى بايان قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئىجرا قىلدۇرالايدىغان مەمۇرىي ھوقۇقتۇر.

مۇفتىلىكمۇ مەمۇرى ھوقۇق بولسىمۇ، بىراق، ئۇ ھۆكۈمنى باشقىلارغا تاڭالمايدۇ. پەتىۋا سورىغۇچى خالىسا، پەتىۋاغا ئەمەل قىلىدۇ. خالىمىسا، ئەمەل قىلمايدۇ.

قازىنىڭ ھۆكمى دەۋالاشقانلارغىلا خاس بولىدۇ. لېكىن مۇفتىنىڭ پەتىۋاسى سورىغانلارغىمۇ، باشقىلارغىمۇ ئومۇمىي بولىدۇ.

مۇفتىنىڭ پەتىۋاسى بىرەر ۋەقەلىككە، بىرەر ئورۇنغا ياكى زامانغا خاس بولۇشىمۇ، ئۇنداق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئەمما، قازىنىڭ ھۆكمى مەلۇم زامان – ماكانغا ياكى ۋەقەلىككە باغلىنىدۇ.

مۇفتى پەتىۋا بېرىشىدە ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرمايدۇ. شۇڭا، مۇفتى ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە بالىچاقىلىرىغا پەتىۋا بېرەلەيدۇ. قازى بولسا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دەۋالارغا قارار چىقىرالمايدۇ.

قازى پەقەت قازىلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغان ئەھۋالدىلا ھۆكۈم قىلالايدۇ. مۇفتى بولسا مەمۇرىي خىزمىتىدىن سىرتمۇ پەتىۋا بەرسە بولىدۇ.

 

مۇفتىلىق بىلەن ۋائىزلىقنىڭ پەرقى

ۋەز دېگىنىمىز، نەسىھەت قىلىپ ئاخىرەتنى ئەسلىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەمرىمەرۇپ، نەھىمۇنكەر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەرۇپ دېگەن شەرىئەت بۇيرۇغان ئېتىقاد، سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتتۇر. مۇنكەر دېگەن شەرىئەت چەكلىگەن ئېتىقاد، سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەمرىمەرۇپ، نەھيىمۇنكەر قىلغان ھەرقانداق كىشى ۋائىزدۇر.

مۇفتى بولسا سورالغان ۋەقەلىككە قارىتا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بەرگۈچىدۇر. لېكىن، مۇفتىلىق قىلىش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ سورىغان سوئاللىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ رېئال ھاياتىنى، ئەھۋاللىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىرەر خەتەرلىك ئىشقا كىرىشىپ قالغانلىقى ئايان بولسىلا، سورالغان سوئالنى بايان قىلىپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەپ قويۇشى لازىم بولىدۇ. ئادەتتە پەتىۋا سوراش جەريانى ئارقىلىقمۇ قىلىۋاتقان ئىشنىڭ نەقەدەر يامانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ. بۇ جەھەتتىن مۇفتىمۇ ۋەز – نەسىھەت، ئەمرىمەرۇپ، نەھىمۇنكەر قىلىش، ئادالەتكە بۇيرۇش، مەسلىھەت بېرىش، تەسەللى بېرىش، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا يار – يۆلەكتە بولۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى تەڭ ئېلىپ بارالايدۇ.

 

پەتىۋانىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياج

ئىمام قەرافى پەتىۋا بەرگۈچىنى ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان «تەرجىمان»غا ئوخشاتقان. چۈنكى، پەتىۋا بەرگۈچى ئاللاھنىڭ مەقسەت – مۇرادىنى ئايەت – ھەدىستىن بىۋاسىتە چۈشىنەلمەيدىغانلارغا ئۆزىنىڭ ئىلمىگە ئاساسلىنىپ چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ([12]).

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ، پەتىۋا بەرگۈچىنى «ئاسمان – زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى نامىدا ئىمزا قويغۇچى» دەپ قارىغان([13]).

دېمەك، يۇقىرىقىلار بىر جەھەتتىن پەتىۋانىڭ ئىمام قەرافى ئېيتقاندەك «تەرجىمانلىق» ياكى ئىمام ئىبنى قەييىم دېگەندەك «ئاللاھ نامىدا ئىمزا قويۇش»تەك بۈيۈك مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىدىغان قىيىن ۋەزىپە ئېكەنلىكىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر جەھەتتىن، پەتىۋا سورىغۇچى ئۈچۈنمۇ پەتىۋانى ئاددىي چاغلىماسلىق، ئۇنىڭ ئەدەپ – قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ چۈشەنچىسى ۋە ئىلمىي ئىجتىھادىنىڭ قەدىر – قىممىتى شەرىئەت نەزىرىدە شۇ قەدەر يۇقىرى ماقامدا بولغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمدە ئالىملار ئۆز پەتىۋالىرىدا: «ئاللاھنىڭ ھۆكمى مۇنداق»، «ئىسلامنىڭ ھۆكمى مۇنداق» دېگەندەك ئىبارىلەرنى كۆپ ئىشلەتكەن ئىدى.

ھىجرەتنىڭ ئۈچىنچى ئەسىرىدىن باشلاپ مەزھەپچىلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، تەقلىدچىلىك يوللۇقلاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى. نەتىجىدە، پەتىۋا تەقلىدكە تايىنىدىغان بولۇپ قالدى. پەتىۋا بەرگۈچىلەرنىڭ سانى قانچە بولسا، بىر ۋەقەلىكنىڭ ئۆزىدىلا «ئاللاھنىڭ ھۆكمى» شۇنچە كۆپ بولۇپ، ھارام دەيدىغانلارمۇ «شەرىئەت ھارام قىلدى» دېسە، مۇباھ دەپ قارىغانلارمۇ «شەرىئەت مۇباھ قىلدى» دەيدىغان بولدى. پەتىۋا ساھەسىدىكى بۇ سەلبىيلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەنپەئەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەركىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارغا خىتاب قىلالايدىغان ئىمكانىيەت يارىتىلغان ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرى قولايلىشىپ كەتكەن بۇ دەۋرىمىزدە ۋابا كەبى يامرىدى.

دەۋرىمىزدىكى ئىلمىي تەرەققىيات، تۇرمۇش ۋە مۇئامىلە يېڭىلىقلىرىنىڭ كۆپلۈكى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈز بېرىدىغان خىلمۇخىل ۋەقەلىكلەر مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭ ھۆكمىنى بىلىشكە، ھالال – ھارامنى، توغرا – خاتانى ئايرىشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرماقتا. بۇلارنى بىلىۋېلىش شەرىئەت ئۆلىمالىرىدىن سوراش ئارقىلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

دىيارىمىزدا رەسمىي پەتىۋا ئورگانلىرى بولمىغاچقا، پەتىۋانى ئەھلى ئىلىملەردىن سوراشقا توغرا كېلىدۇ. پەتىۋا بەرگۈچى بولماي قالسا، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىپ، ھارامنى ھالال، ھالالنى ھارام دەپ قالىدۇ. گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى بىلىپ – بىلمەي قىلىۋېرىدۇ. نەتىجىدە، ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. بۇ جەھەتتىن، كىشىلەرنىڭ پەتىۋا بەرگۈچىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ يېمەك – ئىچمەككە بولغان ئېھتىياجىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى، يېمەك – ئىچمەككە بولغان ئېھتىياجنىڭ قاندۇرۇلماسلىقى تەننىڭ ۋاقىتلىق خاراب بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، توغرا يولدا مېڭىش ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلماسلىقى ئىنساننىڭ ئەبەدىي ئازابقا دۇچار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كاتتا مەرتىۋىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەھكاملارنى يەكۈنلەش ئىقتىدارى ئاتا قىلىنغان، خالايىق پەتىۋادا شۇلارنىڭ ئاغزىغا قارايدىغان، ھالال – ھارامنىڭ قائىدىلىرىنى بېكىتىشكە كۈچ چىقارغان ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ زېمىندىكى ھالىتى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك بولۇپ، ئۇلار بىلەن قاراڭغۇدا تېنەپ يۈرگەنلەر يولىنى تاپالايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ئېھتىياجى يېمەك – ئىچمەككە بولغان ئېھتىياجىدىن زور بولۇپ، قۇرئاندا ئېنىق كۆرسىتىلگىنىدەك، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش ئاتا – ئانىغا ئىتائەت قىلىشتىنمۇ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان پەرزدۇر»([14]). ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر بىرەر دىنى مەسىلىدە تالاش – تارتىش قىلىپ قالساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئۇنى ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا مۇراجىئەت قىلىپ بىلىۋېلىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈنمۇ ياخشى، چۈشىنىش جەھەتتىنمۇ ياخشىدۇر﴾([15]).

دېمەك، بۇ ئايەتتە ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالا ئىختىلاپلىشىپ قالغانلارنى ئاللاھقا ۋە رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىپ بىلىۋېلىشقا بۇيرۇغاندۇر. ئۆلىمالاردىن باشقىلار ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش يولىنى بىلەلمەيدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئايەت سوئالنى ئۆلىمالاردىن سوراشنىڭ ۋاجىپلىقىنى، سورىغۇچىنىڭ جاۋاب بېرىلگەن پەتىۋاغا ئەمەل قىلىشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ھالبۇكى، ھالال – ھارامنى بىلىش، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلار نۇقتىسىدىن، پەتىۋا بېرىش ئىشى شۇنداق ئالىي مەرتىۋىدە بولۇش بىلەن بىرگە بۈگۈنكى كۈندە سەلەف – سالىھلارنىڭ ھاياتىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى – يېڭى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەددى – ھېسابسىز كۆپىيىپ كېتىشى، ھۆكۈمنىڭ شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنىڭمۇ تۇراقسىز بولۇشى ۋە نەتىجىدە، قىياس ئىشىنىڭمۇ قىيىنلىشىش ھالىتىگە ئۆتۈشى قاتارلىق ئامىللار پەتىۋانىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە پەتىۋاغا بولغان ئېھتىياجنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

 

پەتىۋا بېرىشنىڭ ھۆكمى

پەتىۋا بېرىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە توختىلىدىغان بولساق، گەرچە پەتىۋا بېرىشتە كىمنىڭ ئەڭ ھەقلىق بولۇشى ھەققىدە ئىختىلاپ بولسىمۇ، ئەمما پەتىۋا بېرىش ئىشىنىڭ پەرز كۇپايە دەرىجىسىدە ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ يوقتۇر. چۈنكى، كىشىلەرگە پەتىۋا بېرىپ تۇرىدىغان ئۆلىمالار بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىن، مۇفتىلارنى بەلگىلەش دىننى قوغداشتىن ئىبارەت چوڭ پەرز ئەمەل دائىرىسىگە كېرىدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، پەتىۋا بېرىش ئەھلى ئىلىملەرگە پەرزى كۇپايە بولۇپ، پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلاردىن بىرى پەتىۋا بەرسە، باشقىلاردىن ۋاجىپلىق ساقىت بولىدۇ. ئەگەر پەتىۋا بەرگۈچىلەر تېپىلمىغانلىقتىن پەتىۋا بېرىش بىرەر ئالىمغا مۇئەييەنلەشكەن بولسا، پەتىۋا بېرىشى پەرز ئەينگە ئايلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەردىن كىتابنى كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى، لېكىن ئۇلار بۇنى ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشتى. ئۇلارنىڭ تېگىشىپ ئالغىنى نېمىدېگەن يامان!﴾([16]).

ئەئىرەج رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: كىشىلەر ئەبۇ ھۇرەيرە كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلىپ كەتتى، دېيىشىدۇ. ناۋادا ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئىككى ئايەت بولمىغان بولسا ئىدى، مەن بىرمۇ ھەدىس رىۋايەت قىلمىغان بولاتتىم، دەپ: ﴿كىتابتا ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن بىز نازىل قىلغان روشەن دەلىللەرنى ۋە ھىدايەتنى يوشۇرىدىغانلار بولسا، ئاشۇلارغا ھەم ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، ھەم پۈتۈن لەنەت قىلغۇچىلار لەنەت قىلىدۇ. پەقەت تەۋبە قىلىپ، بۇزۇۋەتكىنىنى تۈزەتكەن ۋە يوشۇرماي بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇرمەن. ناھايىتى مېھرىباندۇرمەن﴾([17]) دېگەن ئىككى ئايەتنى ئوقۇدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز تىجارەت بىلەن ئالدىراش، ئەنسارى قېرىنداشلىرىمىز تېرىقچىلىق بىلەن ئالدىراش. ئەبۇ ھۇرەيرە بولسا، قورسىقىنى تويغۇزسىلا رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ ئۇلار قاتنىشالمىغان سورۇنلارغا قاتنىشىپ، ئۇلار ئەستە ساقلىيالمىغان نۇرغۇن ھەدىسلەرنى ئەستە ساقلىۋالغان ئىدى»([18]).

ئىمام سۇيۇتى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى پەرز كۇپايىلەرنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «بىر ئىقلىمدا بىر مۇفتى يېتەرلىك ئەمەس، ئۆلچەم شۇكى، ئىككى مۇفتى ئارىلىقى نامازنى قەسىر قىلغۇدەك ئارىلىقتىن يىراق بولماسلىقى كېرەك»([19]).

مۇفتىلار بىر تەرەپ قىلمىسا زادى بولمايدىغان ئىشلاردا پەتىۋا بېرىشتىن باش تارتسا بولمايدۇ. ئەمما بىلىش زۆرۈر بولمىغان ئارتۇقچە ئىشلاردا پەتىۋا بېرىشى ۋاجىپ بولمايدۇ([20]).

بۇ ھەقتە ئىمام ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا مۇنداق دەيدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن 120 نەپەر ئەنسارىنى كۆرگەنمەن. ئۇلارنىڭ بىرىدىن بىرەر مەسىلە سورالسا، بۇ ئۇنىڭغا، ئۇ بۇنىڭغا يوللاپ ئاخىرى چۆرگىلەپ دەسلەپكىسىگە كېلىپ قالاتتى». يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇلاردىن ھەر بىرى قېرىندىشىنى جاۋاب بېرىپ ئۆزىنى مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويسىكەن دەپ ئارزۇ قىلاتتى» دېگەن. ئىبنى مەسئۇد ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار: «كىشىلەر سورىغان ھەممە مەسىلىگە پەتىۋا بەرگەن كىشى ساراڭدۇر» دېگەن([21]).

 

بىلمەي پەتىۋا بېرىشنىڭ خەتىرى

پەتىۋا ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرى ۋە ھالال – ھارام مەسىلىلىرىدىكى ھۆكمى قاتارلىقلارنى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، دىنغا دائىر ھەرقانداق مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ناۋادا پەتىۋا خاتا بېرىلىپ قالسا، بىلىپ – بىلمەي ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولۇش خەتىرى كېلىپ چىقىدۇ. ۋاھالەنكى، بىلمەي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان. ﴿ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنى ھارام قىلدى. گۇناھلارنى، ناھەق چېقىلىشنى، ئاللاھ دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشنى ۋە ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى»﴾([22]).

﴿ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار. چۈنكى، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر. ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغۇچىلار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ﴾ ([23]).

يۇقىرىقى ئايەتلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەر ھەققىدە ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلىش بىلەن بىرگە ھالال ياكى ھاراملىق ھۆكمى ئېنىق بولمىغان مەسىلىلەرنىمۇ «ھالال» ياكى «ھارام» دەپ كېسىپ ئاتاشنى يالغان سۆزلىگەنلىك دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، بىلمەي پەتىۋا بېرىش باشقىلارنى ئازدۇرۇشتىن ئىبارەت بولغانلىقى ئۈچۈن، خەتىرى يامان ئىشتۇر.

ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى ئاڭلىغان: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىلىمنى بەندىلەرنىڭ دىللىرىدىن بىر يولىلا كۆتۈرۈۋەتمەي ئۆلىمالارنى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كېتىش ئارقىلىق ئىلىمنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىىلىپ ئاخىرىدا بىرەر ئالىمنىمۇ قويمىغاندا كىشىلەر بىلىمسىزلەرنى ئۆزلىرىگە يېتەكچى قىلىۋالىدۇ، ئۇلاردىن مەسىلە سورالسا بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىدۇ – دە، ئۆزلىرىمۇ ئازىدۇ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ»([24]).

ئىمام مالىك: «مۇسۇلمانلارنىڭ پەتىۋالىرىدا ‹ماۋۇ ھالال›، ‹ماۋۇ ھارام› دېيىش يوق بولۇپ، ئۇلار: ‹بىز ماۋۇنى يامان كۆرىمىز›، ‹مەن بۇنى قىلمايمەن› دېگەندەك سۆزلەرنى قىلاتتى». دېگەن([25]).

دېمەك، ئالىملار ئىجتىھادىي مەسىلىلەردە مۇفتىنىڭ «ماۋۇ ھالال، ماۋۇ ھارام» دېيىشىنى يامان كۆرگەن. بۇ سۆزلەر پەقەت ئاللاھ ئېنىق بايان قىلغان ئىشلارغا دېيىلىدۇ. ئىجتىھادىي مەسىلىلەردە بولسا «مەن ماۋۇنى يامان كۆرىمەن» ياكى «ياقتۇرمايمەن» دېگەندەك سۆزلەر ئىشلىتىلىدۇ. شۇنداق دېگەندىلا ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرۇپ قېلىشتىن يىراق بولغىلى بولىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق ئالىملاردىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، سەلەفلەر ئالدىراپ بىر نەرسىگە ھالال ياكى ھارام دەۋەتمەيتتى.

مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر: «ئالىم _ ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرسىدا تۇرغۇچىدۇر. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق تۇرۇۋاتقانلىقىغا ئوبدان قارىشى لازىم!» دېگەن.

بۇ سەۋەبتىن سەلەفلەر «پەتىۋا بېرىشكە ئالدىرىغان كىشى ئىلىمى ئاز كىشىدۇر» دەپ قارايتتى.

ئىمام شەئىبىدىن بىر مەسىلە توغرۇلۇق سورالغاندا، ئۇ: «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن، ئۇنىڭغا:

_ ئۆزلىرى ئىراقنىڭ فەقىھى تۇرۇپ «بىلمەيمەن» دېگەنلىرىدىن خىجىل بولماملا؟ _ دېيىلگەندە، ئۇ:

_ پەرىشتىلەرمۇ «بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز» دېيىشتىن خىجىل بولمىغان، _ دېگەن([26]).

پەتىۋا ئىشى ئەنە شۇنداق خەتەرلىك بولغاچقا، ئالىم كىشى سورالغان بەزى پەتىۋالارغا قارىتا باشقىلار جاۋاب بەرسۇن دەپ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلسىمۇ بولىدۇ. پەتىۋانى ئالدىرىماي بەرسىمۇ بولىدۇ. خالىغىنىغا جاۋاب بېرىپ، خالىغىنىغا جاۋاب بەرمىسىمۇ بولىدۇ.

لېكىن بەزى ئۆلىمالار «بىلمەيدىكەن» دەپ قالارمۇ دەپ پەتىۋاغا ئالدىراپ كېتىدۇ. ئۆزىنى چوڭ – كىچىك ھەرقانداق سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىدىغان يېتۈك مۇجتەھىد قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى گۇناھكار بولۇپلا قالماي، سورىغۇچىنىڭ خاتا پەتىۋاغا ئەمەل قىلغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ گۇناھكار بولىدۇ.

 

پەتىۋا سوراش ۋە بېرىشنىڭ كۆپ بولۇشى ياخشىلىقتىن دېرەك بېرەمدۇ؟

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ھازىر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پەتىۋا سوراشمۇ كۆپ، بېرىدىغان ئەھلى ئىلىملەرمۇ كۆپ. بۇ بىر قاراشقا ھازىرقى ئۈممەتتىكى خەيرلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى، مەيلى ئىبادەت، مەيلى مۇئامىلە، مەيلى تەقۋادارلىقنى كۈچەيتىدىغان مەسىلىلەردە بولسۇن، ئومۇمەن، دىن ئەھكاملىرى ھەققىدە كۆپلەپ سوئاللارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى سوئال سورىغۇچىنىڭ ھەقنى تونۇپ، ھەقكە ئەگىشىشنى ۋە يامانلىقتىن نېرى تۇرۇشنى چىن كۆڭلىدىن خالايدىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.

شۇنىڭدەك، ئەمەلىي مەسىلىلەرنىڭ ھۆكمىنى سوراش بىلەن بولدى قىلىپ، تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز سوئاللارنى سورىماسلىق، جاۋابىنى بىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇچرىغانكى ئىلىم ئەھلىدىن قايتا سوراۋەرمەسلىك، مەسىلىنىڭ جاۋابى بېرىلىپ تۇرسىمۇ كوچىلاپ سوراۋەرمەسلىك پەتىۋا سورىغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەدەپ – قائىدىلەر ھېسابلىنىدۇ.

بەزىلەرنىڭ سوئالنى سوراشتىكى مۇددىئاسى بېرىلگەن پەتىۋاغا ئەمەل قىلىش ياكى جاۋابىنى بىلىۋېلىش بولماستىن، بەلكى ئەھلى ئىلىملەر بىلەن بىللە ئولتۇرغىنىدا سۆھبەت تېمىسىنى تاپالمىغانلىقتىن ياكى بىرەر سورۇندا پەقەتلا سورۇننى قىزىتقۇسى كەلگەنلىك بولۇشى مۇمكىن.

«بەقەرە» سۈرىسىگە قارايدىغان بولساق، كالا ۋەقەسى سۆزلىنىدىغان ئايەتلەر بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ سوئال سوراش ئەدەپ – قائىدىسىگە رىئايە قىلماي كوچىلاۋەرگەنلىكى تۈپەيلى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇرىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئالىملار مانا بۇ قىسسىنىڭ قۇرئاندا تىلغا ئېلىنىشىدىكى ھېكمەتنىڭ كىشىلەرنىڭ دىن ئۆگىنىشتە توغرا ئۇسۇل – قائىدىنى قوللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئىنسان بىھۇدە سوئال سوراپ يۈرگەننىڭ ئورنىدا قۇرئان ئوقۇش ۋە يادلاش، دىنىي ئىلىم ئۆگىنىش، زىكىر – تەسبىھ قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولسا، كۆپ سوئال سوراشقا ۋاقتى چىقمايدۇ. ئەمەل قىلىش ئاز بولسا، كۆپ سوراپ، مەسىلىنى شاخلىتىپ، مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتسىز ئىشلار ھەققىدە سوراپ ئۆزىمۇ ئاۋارە بولىدۇ، باشقىلارنىمۇ ئاۋارە قىلىدۇ. بۇخىل قىلمىشنى ئاللاھ تائالامۇ ياقتۇرمايدۇ.

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا، سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەرنى سورىماڭلار!﴾([27])

ھەدىستىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەرنى چەكلىمەي قويۇپ قويغان بولسام، كوچىلاپ سوراپ يۈرۈپ مېنى ئاۋارە قىلماڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر پەقەتلا سوئاللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى بۇيرۇغان ئىشلاردا ئىختىلاپلىشىشى سەۋەبىدىن ھالاك بولۇپ كەتكەن. شۇڭا، ئەگەر مەن سىلەرنى بىر نەرسىدىن چەكلىسەم، ئۇنىڭدىن نېرى تۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرنى بىرەر نەرسىگە بۇيرۇسام، قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۇنى ئورۇنداڭلار!»([28]).

كىشى ئەسلىدە تالاش – تارتىش قىلىش، مات قىلىش، مۇنازىرىلىشىپ يېڭىپ قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، بىلىۋېلىش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن سورىشى كېرەك. بەس – مۇنازىرىگىمۇ مەلۇم شارائىت ھازىرلانغان ئايرىم سورۇن بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا پەتىۋا سوراشمۇ ھۆكۈمنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن بولۇشى كېرەك. بىرەر ئەھلى ئىلىمنى سىناپ بېقىش ياكى بىراۋلار ئالدىدا يۈزىنى چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلىش بولسا، ھەقىقەتەنمۇ بەدئەخلاق قىلمىشتۇر.

يەنە يا دىنغا، يا ئەمەلىي تۇرمۇشقا پايدىسى يوق ئىشنى سوراش، مەقسەت ئادا بولغاندىن كېيىنمۇ سوراۋېرىش، ئۇچرىمىغان، تېخى ۋاقتى كەلمىگەن ياكى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يوق مەسىلىلەرنى قەستەن سوراش، ياكى خاتالاشتۇرۇش ئۈچۈن توقۇناق، چىگىش مەسىلىلەرنى سوراش، مەسىلەن، «نېمە ئۈچۈن ھەيزدار نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇماي، روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ؟» دېگەندەك ئايەت – ھەدىسنىڭ مەنە قاراتمىلىقى ئېنىق بولغانلىرىغا ئەمەل قىلماي، ئېھتىماللىق بارلىرىدىن سوراش ياقتۇرۇلمايدۇ.

دېمەك، سوئال سوراشنىڭ ھەممىسى بەزىدە تەقۋادارلىقتىن دېرەك بېرىشى ناتايىن.

قارا – قويۇق پەتىۋا بېرىدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ قېلىشىمۇ ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى بەزىلەرنىڭ ئالدىراقسانلىقىنى، بىلەرمەنلىكىنى، «بىلمەيمەن» دېيىشتىن نومۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

———————————————————-
([1]) ئىسىمداش يەنى پېئىللارنىڭ ئىسىم شەكلى. _ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى».
([2]) «ساففات» سۈرىسى، 11 – ئايەت.
([3]) «يۈسۈف» سۈرىسى، 43 – ئايەت.
([4]) «نىسا» سۈرىسى، 176 – ئايەت.
([5])«لىسانۇل ئەرەب»، 15/145 – 147 – بەتلەر. «تاجۇل ئەرۇس»، 39/211 – 212 – بەتلەر.
([6]) «شەرھى مۇنتەھەل ئىرادات»، 3/483 «ئەلفۇتيا ۋەمەناھىجۇل ئىفتا»، ئەشقەر 9 – بەت.
([7]) «جامىئۇل ئۇلۇم في ئىستىلاھاتىل فۇنۇن»، 3/12.
([8]) مۇكەللەف: شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغان، بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى – ھوشى جايىدا ئادەم.
([9]) «نىسا» سۈرىسى، 127 – ئايەت.
([10]) «ئەلمۇھەررەر ئەلۋەجىيز»، 4/267.
([11]) «ئەلمۇۋافىقات»، 5/253.
([12]) «ئەلئىھكام في تەميىيزىل فەتاۋا ئەنىل ئەھكام»، 28 – 29 – بەتلەر.
([13]) «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىين»، 1/10.
([14]) «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىين»، 1/9.
([15]) «نىسا» سۈرىسى، 59 – ئايەت.
([16]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 187 – ئايەت.
([17]) «بەقەرە» سۈرىسى، 159 – 160 – ئايەتلەر.
([18]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 118 – ھەدىس.
([19]) «ئەلئەشباھ ۋەننەزائىر»، 1/414.
([20]) «مەئالىمۇسسۇنەن» 1/302.
([21]) «ئەدەبۇل مۇفتى ۋەلمۇستەفتى»، نەۋەۋى 1/75.
([22]) «ئەئراف» سۈرىسى، 33 – ئايەت.
([23]) «نەھل» سۈرىسى، 116 – ئايەت.
([24]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 100 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 2673 – ھەدىس.
([25]) «ئەھكامۇل قۇرئان»، 3/166.
([26]) «ئەدەبۇل مۇفتى ۋەلمۇستەفتى»، 74 – بەت.
([27]) «مائىدە» سۈرىسى، 101 – ئايەت.
([28]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 7288 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 1337 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز