ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى(5)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

تۆۋەندە «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى»غا كەلگەن، ئاياللار ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى سوئاللارغا بېرىلگەن ئىخچام جاۋابلارنى كەلتۈرۈپ ئۆتىمەن.

 

سوئال: بىر نەچچىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ھامىلىدارلىقتىن ساقلانماقچى بولسا، ئۈزۈك سالدۇرسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەگەر ئايال كىشىدىكى ۋاقىتلىق كېسەللىك ياكى بەدەن ئاجىزلىق ۋە ياكى ھامىلىدار بولسا زىيانغا ئۇچراش، تۇغۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان باشقا سەۋەبلەر زىيان قىلىش، ھەر يىلدا بىر قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنىشتىن كېلىدىغان خېيىم – خەتەر، ئەنسىرەش ۋە ئېمىتىۋاتقان بالىسىغا زىيان يېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر بولسا، ۋاقىتلىق تۇغماي چارە قىلىشقا ئىسلام رۇخسەت قىلىدۇ. قورساق كۆتۈرۈشنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈشكە بېرىلگەن بۇ رۇخسەت ھەدىسلەردە رۇخسەت قىلىنغان ئەزلى قىلىش (مەنىينى سىرتقا چىقىرىۋېتىش) نى ئاساس قىلغان.

ھازىرقى زامان ئالىملىرى ئاساسەن بىرەر ئېھتىياج تېپىلغاندا، تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيىنى بولمىغان ئەھۋالدا ئەرنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئۈزۈك سالدۇرۇش جائىز بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا جائىز بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشتىكى ئالىملارنىڭ قاتارىدا دوكتور ئەھمەد ھەججى ئەلكۇردى، دوكتور مۇستافا دىيب ئەلبۇغا، شەيخ بىن باز، شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىن قاتارلىق نۇرغۇن ئالىملار بار.

چۈنكى، ئۈزۈك سالدۇرۇشتا ئەۋرەتكە قاراش ۋە تۇتۇشقا ئوخشاش ئىشلار بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈزۈك ھەيزنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تاھارەت، ناماز ۋە روزا قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم شۇكى، ئاللاھ تائالا يارىتىشنى پۈتكەن ئىنسانلا بولىدىكەن، بىزلەر ھەرقانچە توسقۇنلۇق قىلىپ باقساقمۇ، ئۇ بەرىبىر يارىتىلىدۇ. شۇڭا، ئۈزۈك سالدۇرغاندىمۇ ئۈزۈكنىڭ ئۈستىدىن قورساق كۆتۈرۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ.

سوئال: ئەگەر بىرەيلەن ئۈزۈك سالدۇرغان ھالدا ئۆلۈپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ئېھتىياج تېپىلغاندا ئۈزۈك سالدۇرۇش جائىز بولغاچقا، ئۈزۈك سالدۇرغان ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىپ قالسا ھېچگەپ بولمايدۇ. چۈنكى، ئىنسان رۇخسەت قىلىنغان ئىشنىڭ ھېسابىنى بەرمەيدۇ.

سوئال: جەمئىيىتىمىزدە «ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرسا ناماز دۇرۇس بولمايدۇ» دەيدىغان قاراشلار پەيدا بولۇپ قاپتۇ، بۇنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

جاۋاب: ئۈزۈك سالدۇرغان تەقدىردە، ئۈزۈك سالدۇرغانلىق جەھەتتىن نامازغا تەسىرى يوق. پەقەتلا ھەيزنى قالايمىقانلاشتۇرسا، شۇ تەرەپتىن نامازغا تەسىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

سوئال: بالىياتقۇغا دورا سېلىپ داۋالاش روزىغا دەخلى يەتكۈزەمدۇ؟ ئەگەر روزىغا دەخلى يەتكۈزسە، داۋالىنىدىغان كۈنىدە روزا تۇتماي، داۋالىنىش تاماملانغاندا قازاسىنى قىلىۋالسا بولامدۇ؟ قازاسىنى قانداق قىلىدۇ؟

جاۋاب: بەزىدە ئايال كىشى بىرەر كېسەللىكتىن داۋالىنىش ئۈچۈن ئالدى تەرەپتىن دورا سېلىپ، ياكى سۇ ماڭغۇزۇپ، ياكى تەكشۈرۈش ئەينىكى كىرگۈزۈپ، ياكى تېببىي ئۈسكۈنە سېلىپ ۋە ياكى بارماق سېلىپ تەكشۈرتۈشى ۋە داۋالىنىشى كېرەك بولىدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋاللاردا روزا سۇنمايدۇ.

«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» ھىجرىيە 1418 – يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 23 – 28 – كۈنلىرى جىددە شەھىرىدە ئاچقان 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا تېببىي خادىملار بىلەن فەقىھلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئىشلارنىڭ روزىنى سۇندۇرمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن:

ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىگە دورا سېلىش، چايقايدىغان سۇيۇقلۇق ماڭغۇزۇش، تېببىي تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئەينىكى ياكى بارماق كىرگۈزۈش، ئۈزۈك سېلىش، ئەر ياكى ئايالنىڭ سۈيدۈك يولىغا نەيچە، تەكشۈرۈش ئەينىكى، رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن سايىدىتىدىغان رەڭ ياكى دورا كىرگۈزۈش، دوۋساق ۋە سۈيدۈك خالتىلىرىنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى كىرگۈزۈش.

سوئال: مەن تۇرۇۋاتقان يەردە ئايال كىشى ئۈزۈك سالدۇرماقچى بولسا، ئادەت قېنى توختاشقا ئاز قالغاندا (يەنى، بىر – ئىككى كۈن بۇرۇن) سالىدىكەن. مەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۈزۈك سالغۇزغان ئىدىم. ئادەت توختاشقا ئاز قالغان. ئۈزۈك سالدۇرغاندىن كېيىن قان كۆپ كېلىپ كەتتى. ئەتە ئۈزۈك سالدۇرغىلى بەش كۈن بولىدۇ. قان تېخىچە ئاز – ئازدىن كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، يۇيۇنۇپ، ھەر نامازغا بىر تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇۋېرىشنى ياكى توختاپ تۇرۇشنى بىلەلمەي قالدىم. مۇشۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟

جاۋاب: ھەيزىڭىزنىڭ ئاخىرىغا تۇتۇشۇپ، ئادەت كۈنلىرىڭىزدىن ئارتۇق كەلگەن قانلار ئەگەر رەڭ ۋە پۇراق جەھەتتىن ھەيز قېنىغا ئوخشاپ كەتسە، يەنە ئادىتىڭىز باشلىنىپ، جەمئىي قان كەلگەن كۈنلەر ئون بەش كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، ئارتۇق كەلگەن قان ھەيز قېنى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئەسلى قائىدە بويىچە ھەيز ئورنىدىن چىققان قان يۇقىرىقى ئىككى شەرت تېپىلغان تەقدىردە، ھەيز قېنىدۇر. ئەمما، ئادەت كۈنلىرىڭىزدىن ئارتۇق كەلگەن قانلار رەڭ ۋە پۇراق جەھەتتىن ھەيز قېنىغا ئوخشىمىسا ياكى ئوخشىغان تەقدىردىمۇ ئادىتىڭىز باشلىنىپ، جەمئىي قان كەلگەن كۈنلەر ئون بەش كۈندىن ئېشىپ كەتسە، ئارتۇق كەلگەن قان ھەيز قېنى ئەمەس، خۇن كېسىلى قېنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالدا يۇيۇنۇپ، ھەربىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئالىسىز.

سوئال: ئادىتىم ئون كۈن ئىدى، ئون كۈن ئادەت كۆرگەندىن كېيىن ساقىيىپ، ناماز ئوقۇشقا باشلىدىم. ئۈچ كۈن ئۆتكەندە يەنە قان كەلدى. بۇ قاننىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ھەيز قېنى پۇراق ۋە رەڭ جەھەتتىن ئالاھىدە بولىدۇ، ئايال كىشى بۇنى ئايرىۋالالايدۇ. ئۇنى ئايرىيالمىغان بولسا، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئادەتلەنگەن ھەيز كۈنلىرىدە تولۇق ئادەت كۆرۈپ ساقايغاندىن كېيىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە كەلگەن قان ھەيز قېنى ئەمەس، خۇن كېسىلى قېنى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئىككى ھەيز ئارىلىقى ئۇنداق قىسقا بولمايدۇ. خۇن كېسىلى ئەھكاملىرىنى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتتۇق.

سوئال: بىر قانچە تامچىدىن باشقا قان كەلمىسە، ئۇنىڭغا ھەيز دەپ ھۆكۈم قىلساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ھەيزنىڭ ئەڭ قىسقا مۇددىتى ھەققىدە ئالىملارنىڭ كۆزقاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. بەزىلەر ئەڭ ئاز دېگەندە بىر كۈن دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر بىر سوتكا دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر ئۈچ كۈن دېگەن. لېكىن، «بىرەر قېتىم كەلگەن قان ھەيز ئەمەس» دەيدىغان ياكى «ھەيز بىرەر قېتىملا قان كېلىپ توختاپ قالمايدۇ» دەيدىغان بىرەر كەسكىن دەلىل يوق. ئىمام شەۋكانى شۇنداق دەپ قارىغان. ئومۇمەن، ھەيز قېنى غەيرىي پۇراقلىق بولىدۇ. شۇنداق پۇراقتا كېلىپ قالسا ياكى شۇنداق ئادەتلەنگەن ئايال بولسا، ئاز بولسىمۇ ھەيز دەپ ھۆكۈم قىلىش كېرەك بولىدۇ.

سوئال: ھەيز كۈنلىرىدە قان بىر – ئىككى كۈن كەلمەي توختاپ قېلىپ كېيىن ھەيز كۈنلىرى توشۇپ بولغۇچە قايتا كەلسە، ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ھەيز كۈنلىرىنىڭ ئىچىدىكى قان كەلمىگەن كۈنلەرنىڭ ھۆكمىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى بار. ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەپلىرىنىڭ قارىشىدا، ئۇ كۈنلەر يەنى ھەيز كۈنلىرىدە ھەيز كەلگەندىن كېيىن بىر – ئىككى كۈن قان كەلمەي، ئاندىن ئادەت كۈنلىرى چىقىپ كېتىپ بولغۇچە يەنە قان كەلسە، قان كەلمىگەن كۈنلەر ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، ئۇ كۈنلەر ھەيز كۈنلىرىگە تەۋە بولىدۇ. چۈنكى، ئارىلىقتىكى قان كەلمىگەن كۈنلەر نورمال بولمىغان پاكلىق بولغاچقا، ھېساب قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەيز كۈنلىرىنىڭ باش – ئاخىرىدا قان كەلسە بولدى، ئوتتۇرىدا قان كېلىشى شەرت ئەمەس. زاكات بېرىش ئۆلچىمىدىمۇ بىر يىلنىڭ باش – ئاخىرىدا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىدىغان پۇل – مال بولسا، گەرچە ئارىلىقتا يوق بولغان بولسىمۇ، زاكات بېرىشى كېرەك بولىدۇ، بۇ مەسىلىمۇ شۇنداق.

كىشىلەرگە قولاي بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ قاراش بويىچە ئىش قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئارىلىقتىكى كۈنلەردىمۇ ئايال كىشى ھەيزدارنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ… ئەمما، قان توختاپ قالغان كۈن ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتسە، ئۇ چاغدا ئارىلىقتىكى بۇ كۈنلەر پاكىزلىق ھالىتى ھېسابلىنىدۇ.

سوئال: مەن ئالتە ئايلىق ھامىلىدارمەن. ئالدى تەرەپتىن داۋاملىق سۇيۇقلۇق چىقىپ، مېنى بەك قىيناپ قويدى. تاھارەتنى قايتا – قايتا ئالساممۇ كۆڭلۈم خاتىرجەم بولالمىدى. چۈنكى، بۇ سۇيۇقلۇق تاھارەت ئېلىۋاتقاندىمۇ، ناماز ئوقۇۋاتقاندىمۇ كېلىدۇ، بەزىدە چىققانلىقىنى سەزمەيمۇ قالىمەن. قانداق قىلىشىم كېرەك؟

جاۋاب: چىققان سۇيۇقلۇق قان، ياكى مەنىي، ياكى ۋەدىي ۋە ياكى مەزى قاتارلىق سۇيۇقلۇقلار بولمىغان، سۈيدۈك يولىدىن چىقماي، بالا تۇغىدىغان جايدىن چىققان بولسا، ئۇ پاكىز ھېسابلىنىدۇ، تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسلى قىلىش كېرەك ئەمەس، كىيىم – كېچەكنى يۇيۇشمۇ كېرەك ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق سۇيۇقلۇقلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدىكى ئاياللاردىنمۇ چوقۇم چىقاتتى. بۇنىڭ مەينەتلىكىگە قارىتا بىرەر دەلىل بولغان بولسا، ئىسلام ئۇنى بايان قىلغان بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق سۇيۇقلۇقلار سۈيدۈك يولىدىن ئەمەس، بالىياتقۇدىن كېلىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدارلاردا، بولۇپمۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا كۆپ كېلىدۇ. ئىمام ئىبنى ھەزممۇ شۇنداق پەتىۋا بەرگەن([1]). شۇنداقتىمۇ، تاھارەتنى يېڭىلىۋېتىش ئەۋزەل. چۈنكى، بۇ سۇيۇقلۇق پاكىزدۇر. لېكىن، تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ دېگەن ئالىملارمۇ بار.

سوئال: مەن يىگىرمە ياشتىكى بىر قىز. بەزىدە ئالدى تەرىپىمدىن ھېچقانداق شەھۋەتسىز ياكى باشقا سەۋەبسىز ئاق، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كېلىدۇ، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ غۇسلى قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى تاھارەت ئالسام يېتەرلىكمۇ؟ كىيىمنى ئالماشتۇرامدىمەن؟

جاۋاب: بۇنداق سۇيۇقلۇقلارنىڭ ناماز ياكى روزىغا تەسىرى يوق، غۇسلى قىلىشىڭىزمۇ كېرەك ئەمەس. ناماز ئوقۇماقچى بولسىڭىز، كىيىمنى تازىلىۋېتىشىڭىزمۇ كېرەك ئەمەس. چۈنكى، بۇ سۇيۇقلۇق پاكىزدۇر.

سوئال: ئايال كىشى ئېھتىلام بولسا، غۇسلى قىلىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ئايال كىشى ئېھتىلام بولۇپ، مەنىي چىققان بولسا، غۇسلى قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. لېكىن، مەنىي چىقمىسا، غۇسلى قىلىشى ۋاجىپ بولمايدۇ.

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «ئۇممۇ سۇلەيم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەقنى بايان قىلىشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ. ئايال كىشى ئېھتىلام بولۇپ قالسا، غۇسلى قىلىشى كېرەكمۇ؟ ــ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

ــ ئەگەر مەنىي كۆرسە، غۇسلى قىلىدۇ، ــ دېدى. ئۇممۇ سەلەمە دەرھال يۈزىنى يۆگىۋېلىپ:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ئايال كىشىمۇ ئېھتىلام بولامدۇ؟ ــ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

ــ ھەئە، ئەقلىڭىز زىيادە بولغاي! ئۇنداق بولمىسا، بالىسى نېمە ۋەجىدىن ئۇنىڭغا ئوخشايدۇ؟ ــ دېدى»([2]).

لېكىن، بەزى ئالىملار ئايال كىشى ئېھتىلام بولۇپ مەنىي كۆرمىسە، ئېھتىيات جەھەتتىن غۇسلى قىلىۋېتىشى كېرەك، دەپ قارىغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئايال كىشىدىن مەنىي چىقىپ، يەنە ئارقىغا قايتقان بولۇش ئېھتىماللىقى بار. بەزىلەر: «ئوڭدا ياتقان بولسا غۇسلى قىلىش ۋاجىپ، بولمىسا ۋاجىپ ئەمەس» دەپمۇ باققان. يۇقىرىقى ھەدىسكە ئاساسەن، «ھەرقانداق ھالەتتە غۇسلى قىلىش كېرەك ئەمەس» دېگەن قاراش كۈچلۈك. دېمەك، مەنىي چىقمىغانلا بولسا، قانداق ھالەتتە ئۇخلىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ. ئەمما، غۇسلى قىلىۋەتسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

سوئال: جىمادىن يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئايالدىن ئەرنىڭ مەنىيسى يېنىپ چىققان بولسا، قايتا غۇسلى قىلىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: قايتا غۇسلى قىلىشى كېرەك ئەمەس. ناماز ئوقۇماقچى بولسا، كىچىك تاھارەتلا ئېلىشى كېرەك. ئەمما، ئەرنىڭ مەنىيسى ئايالنىڭ مەنىيسى بىلەن ئارىلىشىپ چىققان بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ بار بولغاچقا، بەزى ئالىملار قايتا غۇسلى قىلىشى كېرەك، دەپ قارىغان([3]).

سوئال: ئەر – ئايال ئىككىيلەن ئويغانغان چاغدا يوتقان – كۆرپىسىدە مەنىي كۆرگەن بولسا قانداق قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب: بىر كىشى يالغۇز ياتقان بولسا، ئويغانغاندا كۆرپىسىدە مەنىي كۆرسە، ئۇنىڭ غۇسلى قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئويغانغاندا كۆرپىسىدە، ياكى كىيىمىدە ۋە ياكى يوتىسىدا نەملىك كۆرگەن كىشى چۈش كۆرگەنلىكىنى ئەسلىيەلىسۇن ياكى ئەسلىيەلمىسۇن، نەملىكنىڭ مەنىيلىكىنى جەزملەشتۈرسۇن ياكى ئۇنىڭدا شەك قىلسۇن، بەرىبىر غۇسلى قىلىشى كېرەك. نەملىك كۆرگەن، لېكىن چۈش كۆرگەنلىكىنى ئەسلىيەلمىگەن كىشىنىڭ قانداق قىلىشى توغرىسىدا سورالغاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «غۇسلى قىلىدۇ» دېگەن. ئېھتىلام چۈشىنى ئېسىگە ئېلىپ، نەملىك كۆرمىگەن كىشى قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سورالغاندا: «غۇسلى قىلىشى كېرەك ئەمەس» دېگەن([4]).

ئەمما، ئەر – ئايال ئىككىيلەن ئويغانغان چاغدا يوتقان – كۆرپىسىدە مەنىي كۆرگەن بولسا، جىمانى قايسىبىرى ئەسلىيەلىسە، ھەر ئىككىيلەن غۇسلى قىلىشى كېرەك. قايسىبىرى ئېھتىلام چۈشىنى ئەسلىيەلىسە، ئۇ كىشى غۇسلى قىلىشى كېرەك. ئەمما، ھەر ئىككىيلەن يا جىما، يا ئېھتىلام چۈشىنى ئەسلىيەلمىسە، ئېھتىيات جەھەتتىن ھەر ئىككىيلەن غۇسلى قىلىشى كېرەك.

سوئال: ھەيزدىن ساقايغاندىن كېيىن جۇنۇپ بولسا ياكى جۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ھەيز كۆرسە، جۇنۇپلۇق بىلەن ھەيزنىڭ ھەر ئىككىسىگە بىر غۇسلى قىلسا بولامدۇ؟

جاۋاب: جىمادىن ياكى ئېھتىلامدىن كېيىن غۇسلى قىلىپ بولغۇچە ھەيز كۆرگەن بولسا، ساقايغاندىن كېيىن جۇنۇپلۇق بىلەن ھەيزنىڭ ھەر ئىككىسىگە غۇسلى قىلىمەن دەپ نىيەت قىلسا، بىرلا غۇسلى قىلىش كۇپايە. ئەمما، ھەيزدىن ساقىيىپ بولغۇچە جۇنۇپلۇققا غۇسلى قىلغان بولسا، جۇنۇپلۇق يوقايدۇ. قۇرئان ئوقۇش، قۇرئان تۇتۇش قاتارلىق جۇنۇپ كىشىگە چەكلىنىدىغان، ئەمما ھەيزدارغا بىز تەرجىھ قىلغان بويىچە ئوقۇ – ئوقۇتۇش دائىرىسىدە چەكلەنمەيدىغان بەزى ئىشلارنى قىلىشى جائىز بولىدۇ. ئەگەر ھەيزدىن ساقايغاندىن كېيىن غۇسلى قىلماي تۇرۇپ جىما قىلغان ياكى ئېھتىلام بولغان بولسا، ھەر ئىككىسىگە بىرلا نىيەت كۇپايە قىلىدۇ([5]).

سوئال: ئايال كىشى ھەيزدار ھالەتتە ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ، دۇئايى تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ھەيزدار ھالەتتە ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، جىما قىلىش، مەسجىدتە تۇرۇش ۋە تاۋاپ قىلىش قاتارلىق يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بىرقانچە ئىشلار مەنئىي قىلىنىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭدىن باشقا دۇئا – تەلەپ، تەسبىھ، زىكىر، دۇرۇت – سالام قاتارلىق ئىشلار چەكلەنمەيدۇ.

دۇئا ئىبادەتنىڭ يىلىكىدۇر. دۇئا قىلىش ئۈچۈن چوڭ ياكى كىچىك تاھارەت شەرت قىلىنمايدۇ. ئەكسىچە، ھەيزدار ھالەتتە دۇئا قىلىش مۇستەھەپ، مەكرۇھ ئەمەس. بارلىق ئالىملار دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا ھەيزنىڭ توسالغۇ بولمايدىغانلىقىدا ئىتتىپاقتۇر.

سوئال: ئاياللارنىڭ جىنسى يولىغا يەتتە سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى نەيچە سېلىپ داۋالىسا، داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چوڭ تاھارەت ئېلىشى ۋاجىپ بولامدۇ؟

جاۋاب: بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بىر نەرسە چىقمىسا، تاھارەتمۇ سۇنمايدۇ، يۇيۇنۇشمۇ ۋاجىپ بولمايدۇ. ئەگەر مەنىي چىقسا، جۇنۇپلۇق شەكىللىنىپ، يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ. مەنىيدىن باشقا نەرسە چىقسا، ئىستىنجا قىلىپ، تاھارەت ئېلىۋەتسە بولىدۇ.

بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە چىققان قان ھەيز قېنى بولماستىن، تومۇردىن چىققان قان بولۇپ، بۇ قان ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى تەرجىھ قىلغان قاراشتا روزىغا تەسىر قىلمايدۇ. ئەمما، نەيچە كىرگۈزۈش بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، روزىنى بۇزىدۇ.

سوئال: ھەيز ئون كۈندە بىر قېتىم كېلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇرۇنقى ھەيزدار بولغان ۋاقتىمغا ئوخشاش كېلىدۇ ھەم ئوخشاش كۈن كېلىپ، توختاپ قالىدۇ.

جاۋاب: ئادەتتە، پاك تۇرغان كۈنلەر ئون بەش كۈندىن كەم بولمايدىغان ئىدى. بەكلا قىسمەن ئەھۋاللاردا ئون بەش كۈندىن ئاز پاك ھالەت بولىدۇ. سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋال دېسەك، ئون كۈن ساق تۇرغاندىن كېيىن ھەيز كەلسە، ھەيز داۋاملاشقان كۈنلەردە ناماز ئوقۇمايسىز. بۇنداق ھەيز كۈنلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەتتە، تۇغۇت چەكلەش دورىسى، ياكى ئوكۇلى ۋە ياكى ئۈزۈك تەسىرىدىنمۇ بولىدۇ.

سوئال: ئايالىم مەلۇم ئاياللار كېسىلى سەۋەبلىك ئاستىدىن كۈندە دورا سېلىۋاتقان. مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن ناماز ئوقۇيالمىدى، بۇ قىلغىنى توغرىمۇ؟ ياردەم قىلسىڭىز.

جاۋاب: ھەر نامازغا تاھارەت يېڭىلاپ، نامىزىنى ئوقۇۋېرىدۇ. ھەيز كۆرگەن ۋاقىتلىرىدىلا ناماز ئوقۇمايدۇ.

سوئال: تاھارەتسىز قۇرئان ئوقۇسا بولامدۇ؟ جۇنۇپ ۋە ھەيزدارنىڭ قۇرئان ئوقۇشى توغرۇلۇق پەتىۋا بار ئىكەن. بىراق، پەتىۋا ئىچىدىن تاھارەتسىز قۇرئان ئوقۇش توغرۇلۇق مەزمۇننى تاپالمىدىم. ئېغىر كۆرمەي جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز.

جاۋاب: تاھارەتسىز ئوقۇسا بولىدۇ.

سوئال: ئادەت كەلگەن چاغلىرىمدا ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمەن. ناماز ئوقۇغىلى بولمىغاندىكىن تور ئارىلاپ ماتېرىيال كۆرۈپ، بىئاراملىقنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنىمەن. ناماز يوق بولغاچقا، ھەر قېتىم ئادەتتىن كېيىن ئىمانىم بۇرۇنقىدىن نەچچە دەرىجە تۆۋەنلەپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ. نامازنى باشلاپ، ئۈچىنچى كۈنلىرىگە بارغاندا ياخشى بولۇپ قالىمەن. بۇنىڭدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم. دائىم مۇشۇنداق تەكرارلىنىدۇ. ئىمانىم توسالغۇسىز كۈچەيسە دەپ ئويلايتتىم، چېكىنىپ يەنە ئەسلىگە كېلىپ بولۇشى ماڭا زىيان قىلىۋاتىدۇ. شۇ ئالاھىدە ۋاقىتلاردا ئىماننى ھېچبولمىسا ئەسلى سەۋىيىدە ساقلايدىغانغا بىرەر ياخشى ئامال بارمىدۇ؟ قۇرئاننى تۇتاي دېسەم، پەلەي كىيمىسەم بولمىسا، پەلەي بىلەن قانداق ۋاراقلايدۇ؟ ئاۋازىمنى چىقىرىپ ئوقۇي دېسەم، گۇناھتىن قورقىمەن. مەن بەك قىينىلىپ قالدىم. ئاللاھ رازىلىقىدا ماڭا بىر ياخشى ئامال دەپ بەرگەن بولسىلا. جانابىي ئاللاھ ئىككىلا ئالەمدە ئەزىز قىلغاي!

جاۋاب: ھەيز ۋاقتىدا قىلالمىغان ئىبادەتلەرگە ساق ۋاقتىدا قىلغاندەك ساۋاب بېرىلىدۇ. ناماز ئوقۇيالمىغان ئەھۋالدا ئاللاھنى زىكىر قىلىش، تەسبىھ، تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېيىش) ۋە ئىستىغپار ئېيتىش، دۇئا قىلىش، قۇرئاندىن يادلىغان جايلارنى ئوقۇش بىلەنمۇ يەنىلا ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەت داۋاملىشىدۇ. دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالسا بولىدۇ.

سوئال: قىزلار ھەيز كۆرگەندە تەرجىمە قۇرئاننى تۇتۇپ ئوقۇساق ياخشى بولامدۇ؟ كىچىك تاھارەت يوق، ئادەتتىكى ۋاقىتتىمۇ مۇشۇ خىلدىكى تەرجىمە قۇرئاننى تۇتۇش جائىزمۇ؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن.

جاۋاب: قۇرئاننى ۋە تەرجىمىسىنى ھەيز ۋاقتىڭلاردا ۋە يەنە پاك ۋاقتىڭلاردا كىچىك تاھارەتسىز ئوقۇساڭلار بولىدۇ.

سوئال: ئايال كىشىنىڭ ھەيزى نورمالسىز كەلسە، نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟

جاۋاب: ئالتە ياكى يەتتە كۈننى ئادىتى بويىچە ھېسابلاپ ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئاندىن كېيىن يۇيۇنۇپ، ھەربىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئېلىپ ئوقۇيدۇ.

سوئال: كىچىك بولماستىن ۋە ھەيزدىن ‏ئۈمىدىنى ‏ئۈزگەن بولماستىن ھەيزى توختاپ قالغان ‏ئايال تالاق قىلىنغان بولسا، قانداق ‏ئىددەت تۇتىدۇ؟

جاۋاب: ھەنەفىي مەزھىپى قارىشىدا، تاكى ھەيز كەلگۈچە ساقلاپ، خۇن كېسىلىدىغان ياشقا بارغاندا ئاندىن ئۈچ ئاي ئىددەت تۇتىدۇ. يەنە بىر قاراشتا، قورساقتا بار – يوقلۇقى مەلۇم بولغۇچە توققۇز ئاي كۈتىدۇ. يوق بولسا ئۈچ ئاي ئىددەت تۇتۇپ، جەمئىي بىر يىلدا ئىددىتى توشقان بولىدۇ.

سوئال: ئىيلا([6]) شەكىللەنگەندە، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھىپى بويىچە، ئەر تۆت ئاي ئاخىرلاشقۇچە قەسەمدىن يانمىسا، ئايال ئۈزلۈكىدىن بىر تالاق بولۇپ كېتىدۇ. مەسىلە شۇكى، ئايال تۆت ئايدىن كېيىن ئۇ تالاقنىڭ ئۈچ ئاي ئون كۈنلۈك ئىددىتىنى تۇتامدۇ؟

جاۋاب: تۆت ئاي تۈگىگەن ھامان تالاق چۈشكەن بولىدۇ. ئاندىن شۇ چاغدىن باشلاپ ئۈچ ھەيز كۆرۈپ پاكلانغۇچە ئىددەت تۇتىدۇ. ئۈچ ئاي ئون كۈن دەيدىغان گەپ يوق.

سوئال: ئەگەر ئەر ئايالىنى رەجئىي تالاق قىلىپ، يېنىشىۋالماي تاشلاپ قويسا، بائىن بولۇپ كەتسە، يەنە ئەكېلىۋالماي كارى بولمىسا، ئۇ ئايال مەڭگۈ ئايالى بولۇپ تۇرۇۋېرەمدۇ ياكى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن نىكاھ ئاجرامدۇ؟

جاۋاب: «بائىن بولۇپ كەتتى» دېگەنلىك «نىكاھ ئۈزۈل – كېسىل ئاجراپ كەتتى» دېگەنلىك بولىدۇ. يەنى، بۇ ئەر ئۇ ئايالغا نىسبەتەن باشقا يات ئەرلەر بىلەن ئوخشاش.

سوئال: بىراۋ بىناماز مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئون ئۈچ يېشىدىن باشلاپ ھەيز كۆرگەن، ئوتتۇز يېشىدا ھەقىقىي ئىسلامنى چۈشىنىپ، نامازنى باشلىغان بولسا: 1. ئىلگىرىكى يىگىرمە يىلغا يېقىن ئوقۇمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ 2. قازا نامازلىرىنى ئوقۇش ئېغىر كەلسە قانداق قىلىدۇ؟ 3. يېنىك ئوقۇشنىڭ ئامالى نېمە؟ ئاللاھ ئىككى ئالەملىك بەخت ئاتا قىلسۇن، رەھمەت.

جاۋاب: ئىلگىرىكى ئوقۇيالمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. ئېغىر كەلسە، ئۇ نامازلارنىڭ پەرزلىرىنىڭلا قازاسىنى قىلىدۇ. تاكى قازاسىنى قىلىپ بولدۇم دېگۈچە، ھەربىر پەرز نامازنى ئوقۇغاندا ئىلگىرىكى بىر پەرزنىڭ قازاسىنى ئوقۇپ ماڭسا ئېغىر كەلمەيدۇ.

سوئال: ئىككى ھەيزنىڭ ئارىلىقى نەچچە كۈن بولىدۇ؟

جاۋاب: ئىككى ھەيز ئارىلىقى ئاز دېگەندە ئون بەش كۈن بولىدۇ.

سوئال: تۇغۇتتىن كېيىن ھەيز دەۋرىيلىك كەلمەي قالايمىقان كەلسە (ساقىيىپ ئالتە – يەتتە كۈندىن كېيىن يەنە كەلسە)، نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟ مالال كۆرمەي دەپ بەرگەن بولسىلىرى.

جاۋاب: تۇغۇتتىن كېيىن ئۈزۈلۈپ كەلسىمۇ، قىرىق كۈن ئىچىدە كەلگەن قان نىپاس قېنى بولىدۇ. ئەگەر نىپاس قېنى ئارىلىقىدا ئون بەش كۈندىن ئارتۇق پاكلىق ھالىتى بولسا، ئون بەش كۈندىن كېيىنكىسى يېڭى كەلگەن ھەيز بولىدۇ.

سوئال: 39 كۈن نىپاس كەلدى، بەش كۈن ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن يەنە كەلدى. بۇ نىپاسمۇ؟

جاۋاب: نىپاس قېنى 40 كۈن ئىچىدە توختاپ يەنە كەلسە، نىپاس داۋاملاشقان ھېسابتا بولىدۇ. ناماز ئوقۇلمايدۇ، جىما قىلىنمايدۇ. 40 كۈندىن كېيىن توختاپ ئاندىن كەلسە، قايتا كەلگىنى نىپاس بولمايدۇ. 40 كۈندىن كېيىن توختاپ، ئاندىن ئون بەش كۈندىن ئارتۇق ئۆتكەندە كەلسە، بۇ ھەيز بولىدۇ. ئون بەش كۈندىن بۇرۇن كەلسە، خۇن كېسىلى بولىدۇ.

سوئال: سىڭلىم يەڭگىگىلى 60 كۈن بولدى، 40 كۈندىن كېيىن ھۆللۈك كەلسىمۇ ناماز ئوقۇغان. 60 كۈن بولغاندا ھەيز كېلىپ قالدى. بۇ ھەيز كېلىدىغان كۈنلەر ئەمەس ئىدى. ئۇنداقتا بۇ ھەيزمۇ؟

جاۋاب: 40 كۈن نىپاس بولىدۇ. 40 كۈندىن كېيىن نىپاس تۈگىگەن بولدى. ئارقىدىن 20 كۈندىن كېيىن كەلگىنى رەڭگى بىلەن پۇرىقى ھەيز قېنىدەك بولسا ھەيز بولىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن ئادەت ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن.

سوئال: ئوغۇل – قىزلىرىمىزنىڭ ناماز پەرز بولىدىغان ۋاقتىنى قانداق ھېسابلايمىز؟ ناماز پەرز بولغاندىن كېيىن رامىزان روزىسىمۇ پەرز بولامدۇ؟

جاۋاب: بالىلارنى نامازغا يەتتە ياشتا بۇيرۇپ، ئون ياشتا كېرەك بولسا ئانچە – مۇنچە ئۇرۇپ كۆندۈرىمىز. بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. لېكىن، ناماز بىلەن روزا بالىلارغا بالاغەتكە يېتىش بىلەن پەرز بولىدۇ. بالاغەتكە يېتىش قىزنىڭ ھەيز كۆرۈشى ياكى 15 ياشقا كىرىشى ۋە ياكى ئېھتىلام بولۇشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ. ئوغۇلنىڭ ئېھتىلام بولۇشى ياكى 15 ياشقا كىرىشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ.

سوئال: ئايالىمنىڭ ھەيزى بارغانچە ئازلاپ ئۈزۈلگەندە يېقىنچىلىق قىلىپ، تۇتۇق قىزىل قان كەلسە، بۇ ھەيزمۇ؟ ئەگەر مەن شۇنداق ۋاقىتتا بىللە بولغان بولسام، ھەيزدار ئايال بىلەن بىللە بولغان بولىمەنمۇ؟

جاۋاب: ئاياللارنىڭ ھەيز كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئادەتلەنگەن كۈنلىرى بولىدۇ. يا بەش، يا ئالتە كۈن دېگەندەك. مۇشۇ ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەر تېخى تۈگىمىگەن ئەھۋالدا تاكى ئاق سۇيۇقلۇق كەلگۈچە ھەيز مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.

سوئال: سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەيز ۋاقتى نىكاھ كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا، نىكاھ ئوقۇشقا بولامدۇ؟ ئەگەر دۇرۇس بولمىسا، ئوقۇلۇپ بولۇنغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ھەيزدارغا نىكاھ چۈشىدۇ. لېكىن، ھەيزدىن پاك بولغۇچە بىللە بولمايدۇ.

سوئال: تويدىن بۇرۇن ئىككىيلەن بىللە بولۇپ بولدى. بۇ ئىككىيلەن توي قىلسا بولامدۇ؟ توي قىلسا ھالال نىكاھلانغان بولامدۇ؟

جاۋاب: ئالدى بىلەن بۇ قىلمىشتىن تەۋبە قىلىش بەك زۆرۈر. ئاخىرقى زىنا قىلمىشىدىن كېيىن ئۈچ ھەيز كۆرۈپ ساقىيىش ئارقىلىق ئىددەت تۇتۇپ، ئاشۇ ئەرگە نىكاھلانسا بولىدۇ.

سوئال: مەن تۇغۇشتىن بۇرۇن يەتتە كۈن ئادەت كۆرىدىغان ئىدىم. ھازىر تۇغقىلى بىر يىل بولدى، ئادىتىم يەتتە كۈن قىزىل كېلىدۇ. 8، 9 – كۈنلىرى بوز توپارەڭ، كۈلرەڭ، سارغۇچ كېلىدۇ. بۇ ئىككى كۈندىكىمۇ ھەيزمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق. تاكى ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇق كەلگۈچە ئاشۇ ئىككى كۈنمۇ ھەيز ھېسابلىنىدۇ.

سوئال: بىر ھەدىمىزنىڭ يولدىشى بەش يىل بۇرۇن باشقا بىر يەرگە كېتىپ قايتىپ كەلمىگەن ھەم شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى، ئايالىنىڭ باشقا بىرسىگە تۇرمۇشقا چىقىپ كەتسە رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئايال ئۇنىماي بەش يىل ساقلىغان، ئۇ ئايال ئەمدىلىكتە تۇرمۇشقا چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، بۇلارنىڭ نىكاھىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ھازىر ئىددەت تۇتۇشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ئەگەر ئېرى ھايات بولۇپ ئۇچۇرلاشقىلى بولسا ئۇچۇرلىشىپ، خېتىنى بەرسە ئۈچ ھەيز ئىددەت توشقۇزۇپ ياتلىق بولىدۇ. ھايات ئەمەسلىكى ئېنىق بولسا، تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇپ، ئاندىن ياتلىق بولىدۇ. ئېنىق بولمىسا، مەھەللىدىكى بىرەر ئۆلىمانىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئېيتسۇن.

سوئال: كۆپ ئاياللىق ئەرنىڭ ھەممە ئايالى بىر ئائىلىدە تۇرىدۇ. بىر ئايالى تۇغقان بولسا، نۆۋەت مەسىلىسى قانداق بولىدۇ؟ ياكى ئەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە بولۇۋېرەمدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ھەيزدار، نىپاسدار (تۇغۇتلۇق) ۋە كېسەل ئاياللارغا ئوخشاش تەقسىم قىلىپ، نۆۋەت بويىچە قونىدۇ. چۈنكى، مەقسەت جىمالا ئەمەس، بەلكى ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشتۇر. ئەگەر بىرەرسى بىرەر كۈندىشىگە نۆۋىتىنى ئۆتۈنسە، ئۆزىنىڭ ئىختىيارى.

سوئال: 24 ياش ئەتراپىدىكى ھەمشىرىمىز تۇغۇپ، ھازىرغا قەدەر 11 ئاي بولۇپتۇ، ھەيز كۆرمەپتۇ. تۇغۇتتىن كېيىن يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپتۇ. ئەگەر ئۇ ھەمشىرىمىز توي قىلـماقچى بولسا، ئىددەتنى قانداق ھېسابلايدۇ؟

جاۋاب: «تالاق قىلىنغان كۈندىن تارتىپ بىر يىل ئۆتسە، ئىددەت توشقان بولىدۇ» دېگەن قاراشنى تۇتسا بولىدۇ.

سوئال: ئايالىم ئاخشام ساق ئىدى، ئەتىگەن يۇيۇنۇپ بولغۇچە ئادەت كېلىپ قاپتۇ. ئەمدى يۇيۇنۇپ، ئادەتنى كۈتۈۋېلىشى كېرەكمۇ ياكى ئادەت تۈگىگەندىن كېيىن بىراقلا يۇيۇنۇشى كېرەكمۇ؟ مەندىن سورىغان ئىدى، ئىككىلىنىپراق «يۇيۇنما» دېگەن ئىدىم. شۇڭا، ئۆزلىرىدىن سورىشىم.

جاۋاب: كېرەك ئەمەس. كېيىن ساقايغاندا بىراقلا يۇيۇنسا بولىدۇ. لېكىن، جۇنۇپلۇق ئۈچۈن يۇيۇنۇۋەتسە، ھەيزدار ھالەتتە قۇرئان ئوقۇيالايدۇ. يۇيۇنغاننىڭ پايدىسى شۇ.

سوئال: بىر تالاق قىلغان ئايالنى قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن نىكاھ قىلىپ ئەكېلىۋالالايدۇ؟

جاۋاب: تالاق قىلىپ ئىددەت توشۇپ بولغان بولسا يەنى ئايالى ئۈچ ھەيز كۆرۈپ ساقايغان بولسا، قايتا نىكاھلاپ ئەكېلەلەيدۇ. ئۇنىڭغىچە نىكاھلىمايلا ئەكېلەلەيدۇ.

سوئال: ئايال كىشىنىڭ بالىياتقۇسىدىن كېسەللىك سەۋەبىدىن كەلگەن قان توختىماستىنلا ھەيزنىڭ ۋاقتى كىرىپ كەتسە، قان يەنىلا كېلىۋەرسە، ھەيزنىڭ ۋاقتى توشۇپ نامازغا لايىق بولغاندا سۇ ئىشلەتسە سۇ ئايالغا زىيان قىلىدىغان بولسا چوقۇم غۇسلى قىلامدۇ ياكى تەيەممۇم قىلسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ئاغرىپ قېلىش خەۋپى بولسا ياكى كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىش خەۋپى بولسا ۋە ياكى سۇ زىيان قىلسا، تەيەممۇم غۇسلى ئورنىدا تۇرىدۇ.

سوئال: مەن باشقىلاردىن «ھەيزدىن پاكلانغاندىن كېيىن ھەيز ۋاقتىدا كىيگەن كىيىمنى يۇيماي تۇرۇپ، كىيىپ ناماز ئوقۇسا بولمايدۇ» دەپ ئاڭلىغان (لېكىن، بۇ كىيىم پاكىز، ھەيز يۇقۇپ قالمىغان بولسا)، بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

جاۋاب: ئاساسى يوق.

سوئال: ھەپتە بۇرۇن مەندىن ئازراق قان كەلگەن ئىدى. ھەيزدار بولغان ئوخشايمەن دەپ، نامازنى ئوقۇماي تۇرغان. ئۇ چاغدا كەلگەن قان بەك ئاز ئىدى. ئىككى كۈن شۇنداق ئاز، يوقنىڭ ئورنىدا كەلگەچ غۇسلى قىلىپ، نامازنى داۋاملاشتۇردۇم. تاھارەت ئالغۇچە ئاساسەن ئاز – ئازدىن قان كېلىۋەردى. ئەمدى تۈنۈگۈندىن بېرى قاننىڭ رەڭگى سەل قىزىللىشىپ (ھەيز قېنىدەك قىزىل ئەمەس) ھەم سەل جىقىيىپ قالدى. لېكىن، يەنىلا ھەيزنىڭ قېنىدەك كۆپ ئەمەس. تاھارەت ئالىمەن دېسەم، قان توختىماي، قاننى پاكىزلايمەن دەپ ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتىمەن. پاختا ياكى قەغەز بىلەن پاكىزلاپ، تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇپ، روزىمۇ تۇتۇۋاتىمەن. باشقا ۋاقىتتا ئاز مىقداردا كېلىدۇ. ھېسابلىسام ئالدىنقى ئايدا 3 – چېسلا ئاغرىپتىكەنمەن. بۈگۈن چېسلاغا ئۈچ ئىكەن. بۇ ھەيزنىڭ قېنى ھېسابلىنامدۇ، يوق؟ شۈبھىلىنىپ ئىبادىتىمنى ياخشى قىلالمايۋاتىمەن. يەنە بىرسى، ئەگەر بۇ ھەيزنىڭ قېنى ھېسابلانمىسا، ئىستىنجا قىلغان ۋاقتىمدا قانداق قىلسام بولىدۇ؟ مەن ئاۋۋال سۇ، ئاندىن قەغەز بىلەن ئىستىنجا قىلسام، تاھارەت ئېلىپ بولغۇچە قايتا كېلىدۇ. يەنە ئالسام يەنە كېلىدۇ، گەرچە جىق بولمىسىمۇ. قانداق قىلىشنى ھېچ بىلمىدىم. تاھارەت ئېلىش ماڭا ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ئۇستاز.

جاۋاب: ھەيز كېلىدىغان ئادەت مەزگىلىدە كەلگەن بولسا، قان توختىغۇچە ھەيز ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرى ئون كۈندىن ئاشسا، قان كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يۇيۇنۇپ ئىبادەتلەرنى قىلىۋەرسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، ئارتۇقى خۇن كېسىلى بولىدۇ. ئون كۈندىن ئاشسا ئىستىنجا قىلىپ، تاھارەت ئېلىپ، لاتا تاقاپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋېرىسىز.

سوئال: مەن ئادەتتە، ئالتە ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۆرەتتىم، يەتتىنچى كۈن غۇسلى قىلاتتىم. بۇ قېتىم سەككىز كۈن بولۇپ كەتتى. 8 – كۈنى توختىغان ئىدى، 9 – كۈنى ئەتىگەن پاكلىنىپ، يولدىشىم بىلەن بىللە بولغان. غۇسلى قىلىپ بولۇپ، چۈشكە يېقىن يەنە داۋاملىق ھەيز كېلىۋەردى. 8 – كۈنى كەلمىگەچكە ساقايدىم دەپلا بىللە بولغان. 10 – كۈنى بولدى، ھەيز داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا فىدىيە بېرىش ۋاجىپ بولامدۇ؟ قانداق قىلساق توغرا بولىدۇ؟ ئەگەر بامدات بىلەن ساقايغان بولساق، يەنە كېلىپ قالارمۇ دەپ خۇپتەنگىچە ساقلاپ، كەلمىسە ئارىلىقتىكى نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىمىزمۇ؟

جاۋاب: ئادەتتىن ئېشىپ كەتكىنىمۇ ئون كۈنگە يەتكۈچە ھەيز ھېسابلىنىدۇ. فىدىيە بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كېلىپ قالارمۇ دەپ خۇپتەنگىچە ساقلاپ، كەلمىسە ئارىلىقتىكى نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىسىز.

سوئال: «ئاياللارنىڭ ھەيزدىن ساقىيىدىغان ۋاقتى كەلسە، ئەمما ساقايغانلىقىنى بىلمەي قالسا، بىر ناماز ۋاقتى ئۆتۈش كېرەك» دەيدىكەن. مەسىلەن، بامدات بىلەن پېشىننىڭ ئارىلىقى ئۇزۇن، پىشىن بىلەن ئەسىرنىڭ ئارىلىقى بەك قىسقا، بۇنداق ئەھۋالدا قايسىنى تاللايمىز؟

جاۋاب: شۇ چاغ قايسى ناماز ۋاقتىغا ئۇدۇل كەلسە، شۇ نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈش كېرەك.

سوئال: ئۇستاز! دىنىمىز ئۈچۈن قىلغانلىرىغا ئاللاھ كۆپ ئەجىر بەرسۇن! دىنىي مەسىلىلەردە ئايەت ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىمىز. ئۆزلىرىنىڭ «باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئايال ئىددەت تۇتامدۇ؟» دېگەن پەتىۋالىرىنى ئوقۇغان ھەمدە ساجىيە تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «ئىددەتنىڭ سەۋەبىدىن مۇسۇلمان بولغان ئالىم» دېگەن ماقالىنى ئوقۇغان. ئويلاپ قالدىم، ئەگەر ئەرنىڭ ئىزى ئايالدا قېلىشى ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمە قىلغان ماقالىدىكىدەك بولسا، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئايال بىلەن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن توي قىلغان ئادەمنىڭ نەسەبىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، «ئەگەر ئېرى بار ئايال بولسا، بىر ھەيز كۆرۈپ، قورسىقىدا يوقلۇقى ئىسپاتلانغانغا قەدەر ئېرى ئايالىغا يېقىن كەلمەي تۇرىدۇ. ئەگەر قورسىقىدا بارلىقى ئىسپاتلانسا، بالىنى تۇغۇپ بولغۇچە يېقىن كەلمەي تۇرىدۇ. ئېرى يوق ئايال بولسا، بىر ھەيز كۆرۈپ، قورسىقىدا يوقلۇقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ياتلىق بولسا بولىدۇ» دېگەننى ئۈچ ھەيزگە ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ قانداق؟

جاۋاب: شەرئى نىكاھ بىلەن زىنانىڭ ھۆرمەت جەھەتتىن پەرقى بار. نىكاھ ھۆرمەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈچ ھەيز مۇددىتى ئىددەت تۇتىدۇ. زىنا ھۆرمەتسىز بولغانلىقى تۈپەيلى كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى بار بولۇپ، بەزى ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ئىددەت تۇتۇش يوق. يەنە بەزىلىرىنىڭ نەزىرىدە بىر ھەيز، يەنە بەزىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۈچ ھەيز ئىددەت تۇتۇش بار. بىز پەرزەنت يوقلۇقىنىڭ ئىسپاتلىنىشنى ئاساس قىلىپ، «بىر ھەيز» دېگەن ئىمام ئىبنى تەيمىيەنىڭ قارىشىنى مۇۋاپىق كۆرگەن. بۇ قاراشنىڭمۇ ھەدىستىن دەلىلى بار. ئۈچ ھەيز ئىددەت تۇتۇش دېگەن مەزمۇندىكى ئايەت شەرئى نىكاھنىڭ ئىددىتىدۇر.

سوئال: ئايالىم ھەيزدىن پاك بولغاندا يۇيۇنماي، كىچىك تاھارەت ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولساق بولامدۇ؟ بەزەنلەر «ئۇنداق يۇيۇنماي بىرگە بولسا ھارام» دەيدۇ. بۇ گەپنىڭ ئاساسى بامۇ؟

جاۋاب: يۇيۇنغاندىن كېيىن ئاندىن يېقىن كېلىدۇ.

سوئال: روزا مەزگىلىدە ئايال كىشى سەھەردە روزىغا نىيەت قىلىپ، بىر نەچچە سائەتتىن كېيىنلا، مەسىلەن، سائەت سەككىزلەر بىلەن دېگەندەك ھەيزدار بولۇپ قالسا، دەرھال ئېغىز ئېچىپ دۇئا قىلسا، بۇ شۇ كۈنلۈك روزىغا ھېساب بولامدۇ ياكى قازا روزىسىنى تولۇقلاپ تۇتامدۇ؟ ئەگەر ھەيز شۇ كۈننىڭ چۈش ياكى چۈشتىن كېيىنىگە توغرا كەلسىچۇ؟

جاۋاب: كۈن پاتقۇچە ئون مىنۇت قالغاندا ھەيز كېلىپ قالسىمۇ روزىنى بۇزۇۋېتىشى، كېيىن قازاسىنى قىلىشى كېرەك. بۇ شۇ بىر كۈنلۈك روزىغا ھېساب بولمايدۇ.

تۈگىدى.

 

————————————-
([1]) «حاشية ابن عابدين»، 1/84؛ «المحلي»، 1/239. شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھىمۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىدا مۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەن. «مجموع فتاوى ابن عثيمين»، 11/284.
([2]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 130 – ھەدىس.
([3]) «المجموع»، 2/170.
([4]) «ئەبۇ داۋۇد»، 236 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دېگەن.
([5]) «ئەلمۇغنى»، 1/134.
([6]) «ئىيلا»: ئەر كىشىنىڭ «ئايالىمغا يېقىن كەلمەيمەن» دەپ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشىدىن ئىبارەت.

 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز