ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى(4)

ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى(4)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىما قىلىش

شەرىئەتتە جىما قىلىش چەكلەنگەن ئەھۋال پەقەتلا ھەيزدارلىق، نىپاسدارلىق ياكى ئىھراملىق ھالىتىدۇر.

ئالىملىرىمىزنىڭ قارىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىما قىلىش ئايال بىلەن تۆرەلمىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بەلكى تېخى ئىلگىرىكى بەزى ئالىملار: «مەنىينى بالىياتقۇغا چىقىرىش تۆرەلمىگە پايدىلىق» دەپمۇ قارىغان. ئىمام ئەھمەد: «جىما تۆرەلمىنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ» دەپ قارىغان. تىرمىزىي ھەسەن دەپ باھالاپ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، باشقىلارنىڭ زىرائىتىنى سۈيى بىلەن سۇغارمىسۇن» دەپ كەلگەن. بۇ ھەدىسمۇ تۆرەلمىنىڭ جىمادىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ(1).

ئەمما، مەلۇم ئەھۋاللاردىكى ھامىلىدارغا ۋە ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا نىسبەتەن جىما زىيانلىق ياكى زىيانلىق ئەمەسلىكىنى دوختۇرلار مۇئەييەنلەشتۈرسە، شەرئىي ھۆكۈممۇ شۇنىڭغا قاراپ بولىدۇ. دوختۇرلارنىڭ قارىشىدا، قورساقتىكى تۆرەلمىگە زىيان يېتىدىغان بولسا جىما قىلىش چەكلىنىدۇ. دېمەك، تۆرەلمىگە زىيان يېتىش – يەتمەسلىكنى دوختۇرلار بەلگىلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، جىمانىڭ چەكلىنىشى پەۋقۇلئاددە ئەھۋال سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ.

دوختۇرلار ئارىسىدا «بالا چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن بۇرۇن بىرقانچە قېتىم بالىسى چۈشۈپ كەتكەن ئاياللارغا قارىتا، ھامىلىدارلىقنىڭ بىرىنچى ياكى دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا جىما قىلىش چەكلىنىدۇ» دەيدىغان قاراش بار ئىكەن. يەنە «ياللۇغلىنىش ياكى بالدۇر تۇغۇۋېتىش كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە جىما قىلىش چەكلىنىدۇ» دەيدىغان قاراش بار ئىكەن.

يەنە بەزى دوختۇرلار: «مەيلى دەسلىپىدە بولسۇن ياكى ئوتتۇرىسىدا ۋەياكى ئاخىرقى باسقۇچىدا بولسۇن، ھامىلىدار چاغدا جىما قىلسا زىيىنى يوق» دەپ قارايدىكەن. شۇنداقتىمۇ، بەزىبىر ئەھۋاللار كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن دىققەت قىلىشنى، قورساققا بېسىم بولۇپ قالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.

بۇ مەسىلىنىڭ جىسمانىي ياكى ماددىي تەرىپى شۇكى، ئەگەر توققۇز ئايغا يېقىن ۋاقىت ئايالىغا يېقىن كەلمىگەن ئەھۋالدا ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەت سوۋۇپ ياكى ئىككى تەرەپنىڭ ئېھتىياجى قامدالماي، ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، چەكلەيدىغان ئېنىق بىر دەلىل بولمىغاندىكىن، بۇ ئىش زىيانلىق بولۇشىغا ياكى ئىككى زىياننىڭ يەڭگىلرەكىنى تارتىشقا بېرىپ تاقىلىدۇ.

بالىياتقۇدىن يەل كەلسە تاھارەت سۇنامدۇ؟

بىرقانچە قېتىم تەبىئىي تۇغۇت نەتىجىسىدە ئايال كىشىنىڭ ئالدى تەرىپى سەل كېڭىيىپ كېتىشى، ئولتۇرغاندا ياكى ئوڭدا ياتقىنىدا ئالدى تەرىپىگە ھاۋا كىرىۋېلىپ، بەدەن ھالىتى ئۆزگەرگەن چاغدا سىرتتىن كىرگەن ئاشۇ ھاۋا ئاۋاز بىلەن چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچەي بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.

ھەنەفىي، مالىكىي شۇنداقلا بىر قىسىم ھەنبەلىي مەزھەبى ئالىملىرى نەزەرىدە، بۇ يەل ئادەتتىكى يەل چىقىدىغان نىجاسەت بار جايدىن چىقمىغان بولغاچقا، خۇددى كېكىرىككە ئوخشايدۇ، تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. سۇندۇرىدۇ دەيدىغان ئايرىم دەلىلمۇ كەلمىگەن. شۇڭا، تاھارەت بۇرۇنقىدەك تۇرۇۋېرىدۇ(2).

شەيخى زادە: «ئايال كىشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن چىققان يەل مەينەت ئەمەس، چۈنكى ئۇ نىجاسەت ئورنىدىن قوزغىلىپ چىقمايدۇ» دەيدۇ(3).

رامازان ئۈچۈن ھەيز كېچىكتۈرۈش دورىسى ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟

ئالىملار بىردەك ئىتتىپاقلاشقان مەسىلە شۇكى، رامازاندا ھەيز كۆرگەن ئايالغا شۇ ھالەتتە روزا تۇتۇش پەرز ئەمەس. پەرز بولغىنى رامازاندىن كېيىن ئۇ كۈنلەرنىڭ ئورنىغا روزا تۇتۇۋېلىش. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا قىلغان كەڭچىلىكىدۇر. ھەقتائالا ئيتىدۇ: ﴿رامازان ئېيى بولسا قۇرئان ئىنسانلارغا ھىدايەت ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى روشەن ئايرىغۇچى بولۇش سۈپىتىدە نازىل قىلىنغان ئايدۇر. شۇڭا، سىلەردىن قايسىڭلار رامازاندا مۇقىم تۇرسا، ئۇ ئايدا روزا تۇتسۇن. كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، تەسلىكنى خاھلىمايدۇ. بۇ ساننى تولدۇرۇشۇڭلار ۋە سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ھەمدۇسانا ئېيتقان ھالدا ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 185).

ھەيزدار ئايال جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق جەھەتتىن ئىنتايىن بىئارام ۋە چارچىغان ھالەتتە بولىدۇ. شۇڭا، روزا تۇتۇش ياكى تۇتماسلىقنى ئاياللارنىڭ ئىختىيارىدا قويماي، ئېغىز ئېچىۋېتىشنى ۋاجىب قىلغان. ئايال كىشى بۇنداق ئەھۋالدا، روزا تۇتسىمۇ روزىسى قوبۇل بولمايدۇ، پەرز روزىمۇ بوينىدىن ساقىت بولمايدۇ. كېيىن باشقا كۈنلەردە ئورنىغا روزا تۇتمىسا يەنىلا بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، شۇنداقلا ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ئاياللىرىمۇ شۇنداق قىلىپ كەلگەن. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ھەيز ھالەتتىكى ئايال روزا تۇتمىسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. دورىلار بىر تەرەپتىن ھەيزنى توختىتىپ قويغىنى بىلەن، يەنە باشقا تەرەپتىن زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىزمۇ زىيانلىق بولۇش تەرىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، دورا ئارقىلىق ھەيز ۋاقتىنى ئىلگىرى – كېيىن قىلىشنى مەكرۇھ دېگەن.(4) شۇڭا، بۇنداق ئىشلار ئۆز يولىدا تەبىئىي ماڭغىنى تۈزۈك.

لېكىن، ھېچقانداق زىيىنى يوقلۇقى ئىسپاتلانغان ھەيزنى كېچىكتۈرىدىغان دورا بولسا، ئۇنى ئىشلىتىپ، رامازاندا ساق ھالەتتە روزا تۇتقان ئاياللار بولسا، ئىنشائاللاھ، ئۇلارنىڭ روزىسى جايىدا ئورۇنلانغان بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە ھازىرقى دەۋردىكى ئىمام قەرەداۋىيدەك ئاتاقلىق ئالىملىرىمىز شۇنداق پەتۋا بەرمەكتە.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بەندىنىڭ ئىبادەتلەرنىڭ ۋاجىب بولۇشىغا كۈچەپ كېتىشى ۋاجىب ئەمەس. مەسىلەن، زاكات ۋاجىب بولۇش ئۈچۈن ياكى ھەج پەرز بولۇش ئۈچۈن پۇل تېپىشى ۋاجىب ئەمەس. ئاياللارنىڭمۇ رامازاندا تولۇق بىر ئاي روزا تۇتالىشى ياكى ئېتىكاپتا ئولتۇرالىشى ئۈچۈن ھەيزنى كېچىكتۈرۈشى ۋاجىب ئەمەس. لېكىن، ھەيز ۋاقتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى كېچىكتۈرۈشنىڭ روزا تۇتۇشقىلا ئەمەس، بەلكى تۆۋەندىكى ئىشلارغىمۇ تەسىرى بار:

1. نورمال ئىددەت مۇددىتىنى قىسقارتىۋېتىش ياكى ئۇزارتىۋېتىشكە تەسىر قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىز: «دورا ئارقىلىق ھەيز ۋاقتىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەھۋالدا بۇنىڭ بىلەن ئىددەت توشمايدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

2. سەپەرگە چىقىش ياكى سەپەردىن كېلىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئەر – خوتۇنغا بىللە بولۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

3. روزا، ناماز، «قۇرئان» ئوقۇش ۋە ھەجلەرگە، شۇنداقلا ھەيزنىڭ توختىشىغا باغلىق شەرتلىك تالاق قاتارلىقلارغا تەسىرى بولىدۇ.

يۇقىرىقىلارنى كۆزدە تۇتقاندىن كېيىن ئالىملارنىڭ تەرجىھى مۇنداق: جىددىي زۆرۈرىيەت تېپىلغاندا ھەيزنى ئىلگىرى – كېيىن قىلىش ئۈچۈن دورا ئىشلىتىش مەكرۇھلۇق بىلەن جائىز بولىدۇ. مەسىلەن، سەپەرگە قىستالغان چاغدا ئىفازەت تاۋىپىنى قىلىۋېلىش، رامازاندا «قۇرئان» ئىمتىھانى بېرىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش. لېكىن، شۇنداقتىمۇ ھەيز قېنىنى چىقارماي تۇرۇۋېلىشنىڭ ئايالغا بولغان زىيىنى ئېغىر بولسا ھارام بولۇپ كېتىدۇ. زىيىنى بولمىغان تەقدىردىمۇ، زۆرۈرىيەت بولمىسا، دورا ئىشلەتمەسلىك لازىم. ئىبادەتنى زامان جەھەتتىنمۇ ئاللاھ تائالا سىزىپ بەرگەن بويىچە ئورۇنداش ئاللاھ تائالا روزا تۇتۇش ئايەتىدە بىزگە ئاتا قىلغان قولايلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر(5).

جىمادىن كېيىن يۇيۇنماستىن بالىسىنى ئېمىتسە بولامدۇ؟ «جۇنۇب ھالەتتە باشقىلارنىڭ يۈزىگە قاراشقىمۇ بولمايدۇ» دېگەن گەپ توغرىمۇ؟

جاۋاب: جىمادىن كېيىن غۇسۇل قىلماي تۇرۇپ بالا ئېمىتسە، بالىغا تاماق تەييارلىسا، يېگۈزسە، شۇنداقلا جۇنۇب ھالەتتە بالىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ يۈزىگە قارىسا بولۇۋېرىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «ﺟﯘﻧﯘب ﮪﺎلىتىمدە ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪمگە يولۇقۇپ قالدىم. ئۇ زات ﻗﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ، ﻣﻪﻥ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘﻣﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻏﯘسۇل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ، ئۇ زات تېخىچە ئولتۇرغانىكەن. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:

— ﺋﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﮪﯘﺭﻩﻳﺮﻩ! ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﯩﯔ؟ — ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻘﺎ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻨﻰ ئېيتقان ئىدىم، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:

— ﺳﯘﺑﮭﺎﻧﻪﻟﻼﮪ! ﺋﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﮪﯘﺭﻩﻳﺮﻩ! مۇئمىن ﻧﯩﺠﯩﺲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، — ﺩﯦﺪى»(6).

قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كېچىدە ھەممە ئاياللىرىنى ئايلىنىپ چىقاتتى. ئۇ كۈنلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ توققۇز ئايالى بار ئىدى».(7) مۇسلىم رىۋايەتىدە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممە ئاياللىرىنى بىر غۇسۇل بىلەن ئايلىنىپ چىقاتتى» دەپ كەلگەن([8]). ^ﺋﻪﺗﺎﺋ: «ﺟﯘﻧﯘﺏ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﺎﮪﺎﺭﻩت ئېلىۋەتمەي تۇرۇپ، ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﺳﺎ، ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎ ۋە ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ(9).

ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرىئىتىمىزدە بالا ئېمىتىش ئۈچۈن جۇنۇبلۇقتىن پاك بولۇشنى شەرت قىلغان بىرەر كۆرسەتمە يوق. ئەگەر ئۇنداق ھالەتتە بالا ئېمىتسە بولمايدىغان بولسا، ھەر ئائىلە دۇچ كېلىدىغان بۇنداق بىر ئىشقا قارىتا ئەلبەتتە بىرەر دەلىل كەلگەن بولاتتى.

جۇنۇب ھالەتتە بالا ئېمىتمەكچى بولغان ئايال كۆكسىنى يۇيۇۋېتىپ ئېمىتسە ياخشى. بالا يىغلاپ قالمىسا كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ ياكى غۇسۇل قىلىۋېتىپ، ئاندىن ئېمىتسە تېخىمۇ ياخشى. بۇنىڭ ئەۋزەللىكىدە، مۇستەھەبلىكىدە گەپ يوق. لېكىن، ئۇنداق قىلماي تۇرۇپ ئېمىتسە ھېچنېمە بولمايدۇ.

تۆۋەندىكى ھەدىسلەر جۇنۇب ھالەتتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن غۇسۇل قىلىۋېتىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى كۆرسىتىدۇ:

ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، «ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎﺩﯨﻦ:

— پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ جۇنۇب ﮪﺎلەتتە ﺋﯘﺧﻼﻣﺘﻰ؟ — ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:

— ﮪﻪﺋﻪ، ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﯘﺧﻼﻳﺘﺘﻰ، — ﺩﯦﺪﻯ»(10).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلدىكى: «(ئاتام) ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺧﻪﺗﺘﺎﺏ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﺪﯨﻦ:

— ﺟﯘنۇب ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﺎق ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ — ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﯟىدﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:

— ﮪﻪﺋﻪ، ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ئېلىۋەتسەڭلار، ﺟﯘنۇب ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﺎڭلار ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، — ﺩﯦﺪﻯ»([11]).^

يەنە بىر ھەدىستە ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا: «ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ئېلىپ ﺋﻪﯞﺭﯨﺘﯩﯖﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘۋەت، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺧﻼ!» ﺩﯦﮕﻪﻥ»(12).

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردىن چىقىدىغان مەزمۇن شۇكى، جۇنۇب كىشى ئۇخلىسا، يەپ – ئىچسە، غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇن جىما قىلسا بولىدۇ. بۇ بارلىق ئالىملار ئوتتۇرىسىدا بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن مەسىلە. ئالىملار يەنە جۇنۇب كىشىنىڭ بەدىنى بىلەن تەرىنىڭ پاكىزلىقىغا بىردەك ئىتتىپاق. بۇ ھەدىسلەردىن يەنە يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىپ، كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشىنىڭ مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ»(13).

جۇنۇب، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ بەدىنى نىجىسمۇ؟

ئىمام نەۋەۋىي يەنە ئېيتىدۇ: «ئىماملىرىمىز شۇنداقلا باشقا ئالىملار: جۇنۇب، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ بەدەن ئەزالىرىمۇ، تەرلىرىمۇ نىجىس ئەمەس، پاكتۇر، دېگەن. بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشقىچە قاراش يوق»(14).

ئەگەر ئۇلارنىڭ بەدىنى نىجىس بولىدىغان بولسا، خېمىر يۇغۇرۇش، تاماق ئېتىش، چاي دەملەش، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش، بالا ئېمىتىش، ئەر – ئايال بىر كارىۋاتتا يېتىش، سۇ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلار چەكلەنگەن بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، ئىسلام كۆرسەتمىسىدە بۇنداق چەكلىمە يوق.

يەنە جۇنۇب ھالەتتە باشقىلارغا قاراش، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش، قان ئالدۇرۇش، چاچ – تىرناق ئېلىش، ئېمىتىش ياكى تاماق يېگۈزۈش، جۇنۇب كىشىگە قاراش قاتارلىق ئىشلار جائىزدۇر. ئاۋامۇنناس ئېتىقاد قىلغاندەك «جۇنۇب ھالەتتە باشقىلار بىلەن كۆرۈشسە، جۇنۇب كىشىگە قاراپ سالسا، پالاكەت باسىدۇ، ئاپەتكە ئۇچرايدۇ ياكى نەس باسىدۇ» دېگەن قاراشلارنىڭ ئىسلامدا ئاساسى يوق. بۇلار يەھۇدىيلاردىن ئېقىپ كىرگەن قاراش بولسا كېرەك. چۈنكى، يەھۇدىيلار ھەيزدار ئايالنى نىجىس دەپ قارايدۇ.

جۇنۇب كىشى غۇسۇل قىلىشنى كېچىكتۈرسە بولامدۇ؟

كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن، ھەرقانداق ۋاقىتتا جىما ياكى ئېھتىلامنىڭ ئارقىسىدىنلا دەرھال غۇسۇل قىلىش ۋاجىب بولمايدۇ. پەقەتلا ھەدىسلەردە كەلگەندەك يەپ – ئىچمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى ۋەياكى قايتا جىما قىلماقچى بولسا، بەدىنىدىكى مەينەتنى تازىلىۋېتىپ، كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى ۋاجىب ئەمەس، مۇستەھەب بولىدۇ. ئەمما، ناماز ۋاقتى بولۇپ قالسا ياكى ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولسا، دەرھال غۇسۇل قىلىپ، ناماز ئوقۇش ۋاجىب بولىدۇ.

ئومۇمەن ئالدىراشچىلىق ياكى باشقا سەۋەب بولمىسا، غۇسۇل قىلىشقا ئالدىراش ئەۋزەل. چۈنكى، ھەرۋاقىت تاھارەت بىلەن تۇرۇش ياخشىدۇر. تاھارەت بىلەن تۇرسا، كىشى ئۆلۈپ كەتسىمۇ جۇنۇبلۇق ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، رەھمەت پەرىشتىلىرىمۇ قاچمايدۇ. كېيىن غۇسۇل قىلاي دەپ كېچىكتۈرگەن بولسا، باشقا جىددىي ئىشلار بولۇپ قېلىپ غۇسۇل قىلالماي قېلىش، ناماز ئوقۇيالماي قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

غۇسۇل قىلماي تۇرۇپ، قايتا جىما قىلىشقا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىپ، كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى مۇستەھەب. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلار ئايالى بىلەن قايتا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەكچى بولسا، كىچىك تاھارەت ئېلىۋەتسۇن» دېگەن(15).

جۇنۇب ھالەتتە بىرنەرسە يەپ – ئىچسە بولامدۇ؟

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇب ھالەتتە يەپ – ئىچمەكچى بولسا، ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ، ئاندىن يەپ – ئىچەتتى» دېگەن(16).

بۇ ھەدىسنى «جۇنۇب كىشى يەپ – ئىچمەكچى بولسا، قولىنى ۋە ئېغىزىنى چايقىۋېتىدۇ» دەپ قارىغانلار دەلىل قىلغان. كاتتا تابىئىن سەئىد ئىبنى مۇسەييەب: «جۇنۇب كىشى بىرنەرسە يېمەكچى بولسا، قوللىرىنى يۇيۇۋېتىپ، ئېغىزىنى چايقىۋېتىپ يەيدۇ» دېگەن. مۇجاھىد ۋە ئىمام زۇھرىيلەرمۇ قوللىرىنى يۇيۇۋېتىپ يەيدۇ، دەپ قارىغان. ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق قارىغان ۋە: «چۈنكى، ›تاھارەت ئالىدۇ‹ دېگەن ھەدىسلەر ئۇخلىماقچى بولغان كىشى ھەققىدە كەلگەن» دېگەن(17).

باشقا ئالىملار نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن يەپ – ئىچىدۇ، دەپ قارىغان. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇب ھالەتتە يەپ – ئىچمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى بولسا، ئادەتتىكىدەك تاھارەت ئالاتتى(18). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە جۇنۇب كىشى يەپ – ئىچمەكچى بولسا ياكى ئۇخلىماقچى بولسا، تاھارەت ئېلىۋەتكەندىن كېيىن شۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلغان ئىدى(19).

بۇ ئىككى خىل ھەدىسلەرنى مۇنداق بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزىدە نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، بەزىدە ئىككى قولىنى يۇيۇش بىلەنلا بولدى قىلاتتى. لېكىن، بۇ يەپ – ئىچىشكە خاس ئەھۋال. «ئۇخلىماقچى ياكى قايتا جىما قىلماقچى بولغىنىدا نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى» دەپ ئېنىق كەلگەن ھەدىسلەر بولۇپ، بۇلارغا زىت كېلىدىغان باشقا بىرەر ھەدىس بولمىغاچقا، ئۇخلىماقچى ياكى قايتا جىما قىلماقچى بولغىنىدا نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى(20).

دېمەك، بۇ ھەدىسلەر بۇنداق تاھارەت ئېلىۋېتىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تاھارەت ئالماسلىقنىڭ جائىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەزى ئالىملار تاھارەت ئالماي، ئۇنداق قىلىش مەكرۇھ، دەپمۇ قارىغان(21).

 

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

ھ. 1436، 26 – رامازان/ م. 2015، 12 – ئىيۇل

ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

———————-
1. ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 5/155.
2. قازى شەيخزادە: «مەجمەئۇل ئەنھۇر»، 1/31؛ ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1/17؛ ئەلغەرناتىي: «ئەتتاجۇ ۋەلئىكلىل»، 1/291؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 1/195.
3. قازى شەيخزادە: «مەجمەئۇل ئەنھۇر»، 1/31.
4. ساۋىي: «بۇلغەتۇسسالىك»، 1/144.
5. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھازىرقى دەۋردىكى فىقھىي مەسىلىلەر»، «شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتى»، «ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، 1/174.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (285)؛ «مۇسلىم»، (371).
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (284)؛ «مۇسلىم»، (309).
8. «مۇسلىم»، (309).
9. «بۇخارىي»، «ﺟﯘﻧﯘﺏ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﯞﯦﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ» بابى.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (286)؛ «مۇسلىم»، (305).
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (287)؛ «مۇسلىم»، (306).
12. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (290)؛ «مۇسلىم»، (306).
13. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 3/217.
14. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/170.
15. «مۇسلىم»، (308).
16. «ئەھمەد»، (24758).
17. «ئابدۇرراززاق»، (1081 – 1083)؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/144؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1/273.
18. «مۇسلىم»، (305).
19. «ئەبۇ داۋۇد»، (225). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
20. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1/273.
21. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 3/217.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ