ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى(3)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

تالاق قىلىنغان ياكى ئاجراشقان ئايال ھەيز بىلەن ئىددەت تۇتىدۇ

ئىددەت دېگىنىمىز تالاق قىلىنغان ياكى ئېرى ۋاپات بولغان ۋە ياكى شۈبھىلىك نىكاھ قىلىپ سالغان ئاياللارغا شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن مۇددەت بولۇپ، بۇ مۇددەت توشمىغۇچە ئۇ ئايال ياتلىق بولالمايدۇ.

ئىددەت تۇتۇش ۋاجىپتۇر. بارلىق ئالىملار بۇنىڭغا بىردەك ئىجما قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق بۇيرۇغان: ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە ئۇدۇللاپ تالاق قىلىڭلار، ئىددەتنى ساناڭلار﴾([1]).

ئىددەت تۇتۇشتا نۇرغۇن ھېكمەتلەر بار بولۇپ، بۇلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى ساناش مۇمكىن:

1. بالىياتقۇدا تۆرەلمە بار – يوقلۇقىنى ئېنىقلاش ۋە نەسەب ئارىلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

2. نىكاھنىڭ قەدىر – قىممىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى بايان قىلىش ۋە ئۇنىڭ مەلۇم مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.

3. يېنىشىۋالالايدىغان رەجئىي تالاق ھالىتىدە ھەر ئىككى تەرەپكە يارىشىۋېلىش پۇرسىتى بېرىش.

4. ئېرى ۋاپات بولغان تەقدىردە، پىراق دەردىنى تۆكۈۋېلىش ۋە ئېرىگە ۋاپادارلىق قىلىش.

5. ئەرنىڭ ۋە پەرزەنتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئورۇنداش. بۇ سەۋەبتىن، ئايالنىڭمۇ، ئەرنىڭمۇ ئىددەتتىن ۋاز كېچىش ھەققى بولمايدۇ([2]).

نىكاھتىن كېيىن ئېرى بىلەن بىللە بولمىغان ئايال تالاق قىلىنسا، ئىددەت تۇتمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۆمىن ئاياللارنى نىكاھلاپ ئېلىپ، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى تالاق قىلىۋەتسەڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن سىلەر سانىنى تولۇق ئالىدىغان ئىددەت تۇتۇشى كېرەك ئەمەس. شۇڭا، ئۇلارنى بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرىڭلار!﴾([3]).

 

ئىددەتنىڭ تۈرلىرى

1. ھەيز بىلەن ئىددەت تۇتۇش. ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن، ھەيز كۆرىدىغان ئايال ياتلىق بولۇپ ۋە ئېرى بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن تالاق قىلىنغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ئىددىتى ئۈچ ھەيز بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۆزلىرىنى ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە كۈتۈپ تۇرىدۇ﴾([4]).

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئايال ھەيزدار ئەمەس ھالەتتە تالاق قىلىنىپ شۇ ئاجراشقان ۋاقىتتىن باشلاپ تولۇق ئۈچ ھەيز كۆرۈپ ساقىيىپ بولسا ئاندىن ئىددىتى توشقان بولىدۇ. ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلىنغان بولسا، بۇ تالاق دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈكرەك بولغان بىر قاراشتا تالاق ھېسابلانمايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدا، تالاق ھېساب قىلىنىدۇ. ھېساب قىلىنغان تەقدىردە، تالاق قىلىنغان شۇ ھەيزدىن ساقىيىپ بولۇپ، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا تولۇق ئۈچ ھەيز كۆرۈپ ساقايسا، ئاندىن ئىددىتى توشقان بولىدۇ. بۇ ئىددەت بىر ياكى ئىككى تالاقتىن كېيىن بولغان بولسا، ئېرى ئايالىنى شۇ ئىددەت ئىچىدە نىكاھ قىلدۇرۇشقا ئېھتىياج چۈشمەستىن، تويلۇقسىز قايتۇرۇۋېلىپ، بىللە ياشىيالايدۇ. ئىددەت توشۇپ بولغاندىن كېيىن ئايال كىشى خالىسا يېڭى نىكاھ، يېڭى تويلۇق ئېلىپ تېگىدۇ.

ئۈچىنچى تالاق بولغان بولسا، ئىددىتى ئىچىدە بولسۇن ياكى ئىددىتى توشقاندىن كېيىن بولسۇن، قەتئىي يېنىشىۋالالمايدۇ.

2. ياشنىڭ چوڭلۇقى ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن ھەيز كۆرمەيدىغان ئاياللارنىڭ تالاق ئىددىتى ئۈچ ئاي بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاياللىرىڭلار ئىچىدىكى ھەيز كۆرۈشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئىددىتىنى بىلەلمەي شەكلىنىپ قالساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر. تېخى ھەيز كۆرۈپ باقمىغانلارنىڭمۇ شۇنداق﴾([5]).

بۇ ئايەتتىكى ﴿تېخى ھەيز كۆرۈپ باقمىغانلار﴾ دېگەن ئىبارە نارەسىدە قىزلارنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى، بالاغەتكە يەتكەن ۋە نىكاھلانغان، لېكىن كېسەللىك ياكى  باشقا سەۋەبتىن ئادەت كەلمىگەن چوكانلارنى كۆرسىتىدۇ. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە ئاياللارنىڭ ئىچىدە 5 ياكى 6%تى كېچىكىپ ھەيز كۆرىدىكەن، بۇلارنىڭ بەزىسى ۋاپات بولغۇچە ئادەت كۆرمەيدىكەن. شۇڭا بۇ ئايەت ھەيز كۆرمەيدىغان ئاياللارنىڭمۇ ئىددىتىنى بايان قىلغان. لېكىن، كۆپلىگەن مۇپەسسىرلەر مەزكۇر ئايەتنى تېخى ھەيز كۆرمىگەن نارەسىدە قىزلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەپسىر قىلىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، قىز بالىنىڭ بالاغەتكە يېتىشى ھەيز كۆرمىسىمۇ 15 ياشقا كىرىشى ۋە ياكى ئېھتىلام بولۇشى بىلەنمۇ بولىدۇ.

ئالىملارنىڭ ھەيز توختاش يېشىنى بېكىتىشتە قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. بەزىلىرى 55 ياش، بەزىلىرى 50 ياش، يەنە بەزىلىرى 62 ياش دەپ باققان. توغرىسى، بۇ ئاياللارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ([6]).

3. ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئىددىتى تۆت ئاي ئون كۈن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق بۇيرۇغان: ﴿سىلەردىن ۋاپات بولغانلارنىڭ قويۇپ كەتكەن ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن كۈتۈپ تۇرۇشى لازىم. ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق شەرىئەت قائىدىسى بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر﴾([7]).

بۇ ئەھۋالدا ئايالنىڭ يېشى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، نىكاھدىن كېيىن ئېرى بىلەن بىللە بولغان بولسۇن ياكى تېخى بىللە بولمىغان بولسۇن، ھامىلىدار بولمىغانلا بولسا شۇنداق بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئىددەت تالاق قىلىنغان ياكى ۋاپات بولغان چاغدىن باشلاپ قەمەرىيە كالېندارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. قەمەرىيە كالېندارىدا بەزىدە 29، بەزىدە 30 كۈن بولىدۇ. مىلادىيە كالېندارى بويىچە ھېسابلانمايدۇ.

4. بارلىق ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ھامىلىدار ئايال تالاق قىلىنغان بولسا، تالاقتىن بىر سائەت كېيىن تۇغسىمۇ تۇغقان ھامان ئىددىتى توشقان بولىدۇ، تۇغمىسا ئىددىتى توشمىغان بولىدۇ([8]). چۈنكى، ھامىلىدارلارنىڭ ئىددىتى تۇغۇش بىلەن ئاياغلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتىنىڭ توشۇش ۋاقتى بالىلىرىنى تۇغۇشتۇر﴾([9]).

ئەگەر ھامىلىدار ئايال ئېرى ۋاپات بولغانلىقىدىن ئىددەت تۇتقان ئايال بولسا، كۆپچىلىك ئالىملار: «ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتىمۇ ئوخشاشلا تۇغۇش بىلەن ئاياغلىشىدۇ، تۇغقاندىن كېيىن ئەرگە تېگەلەيدۇ» دەيدۇ. بەزى ئالىملار: «قايسى مۇددەت ئۇزۇن بولسا، ئۇزۇن مۇددەت بويىچە ئىددەت تۇتىدۇ» دەيدۇ. بۇ قاراش بويىچە تۆت ئاي ئون كۈن ئىچىدە تۇغسا، تۆت ئاي ئون كۈننى تولۇقلايدۇ. ئۇنىڭغىچە تۇغمىسا، تۇغقانغىچە ئىددەت تۇتىدۇ.

مەلۇمكى، ئىددەت ئىچىدە ئايالنىڭ بارلىق چىقىمىنى ئەر قىلىپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ، ئىددەتتىن كېيىن چىقىمىنى قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ. ئايال كىشى خالىسا ئىددىتى توشقاندىن كېيىن خالىغان باشقا بىر كىشىگە ياتلىق بولالايدۇ. مانا بۇنىڭدىن، ھەيز ئەھكاملىرىنى بىلىشنىڭ تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

ئەر كىشىمۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا ئاياللارنىڭ ئىددىتىنىڭ ئاياغلىشىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر. بىرى، ئايالىنى تالاق قىلىپ، تالاق قىلغان ئايالىنىڭ ھەمشىرىسىنى ئالماقچى بولسا، ئايالىنىڭ ئىددىتى تولۇق توشمىسا ئالالمايدۇ. يەنە بىرى، تۆت خوتۇنى بار كىشى بىرىنى تالاق قىلسا، ئىددىتى توشمىغۇچە بەشىنچىسىنى ئالالمايدۇ.

 

ھەيز قېنى يۇققان كىيىم – كېچەكلەرنى تازىلاش كېرەك

ھەيز قېنى نىجىس بولۇپ، بۇ قان يۇققان نەرسىلەرنى يۇيۇپ تازىلاش كېرەك، بولمىسا، ئۇ قان يۇققان كىيىم – كېچەكتە ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ. ھەيز قېنى كىيىم – كېچەك ياكى يوتقان – ئەدىياللارغا يۇقسا، ئۇنى ئالدى بىلەن تاتىلاپ، سۇ بىلەن ئۇۋۇلاپ يۇيىمىز، ئاندىن سۇدا چايقىۋېتىمىز.

فاتىمە (چوڭ ئانىسى) ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: «كىيىمىگە ھەيز قېنى تېگىپ كەتسە قانداق قىلىدۇ؟» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى تاتىلاپ، ئۇۋۇلاپ يۇيۇپ، چايقىۋېتىپ، شۇ كىيىمىدە ناماز ئوقۇۋېرىدۇ» دېگەن([10]).

بۇ ھەدىستىكى «تاتىلىۋېتىش» تىرناق ياكى چوتكىدەك نەرسىدە قاتما قاننى تازىلىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بۇ قان قۇرۇپ ياكى قېتىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، تازىلىغاندا مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تازىلاش ئەۋزەل. يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن قاننىڭ ئىزى ياكى دېغى قالسا زىيىنى يوق، ئۇ يەنىلا پاكىز ھېسابلىنىدۇ. پاكىز بولغاندىن كېيىن شۇ كىيىمدە ناماز ئوقۇۋېرىدۇ. چۈنكى، بىر ھەدىستە خەۋلە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ئى رەسۇلۇللاھ! قان چىقمىسىچۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قاننى يۇسىڭىز كۇپايە، ئىزى (دېغى) نىڭ سىزگە زىيىنى يوق»([11]).

يەنە بىر ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «بىرىمىز ھەيز كۆرۈپ، كىيىمىگە قان تېگىپ كەتسە، پاك بولغاندىن كېيىن قاننى يۇيۇپ، قان تەگمىگەن يەرلەرگە سۇ سېپىۋېتىپ، ئاندىن ئاشۇ كىيىمدە ناماز ئوقۇيتتى».([12]) قان تەگمىگەن يەرلەرگە سۇ سېپىۋېتىشتىكى مەقسەت ۋەسۋەسىگە خاتىمە بېرىشتۇر.

يەنە بىر ھەدىستە مۇئازە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كىيىمىگە قان تېگىپ قالغان ھەيزدار ئايال توغرۇلۇق سورىدىم، ئۇ: ›ئۇنى يۇيسۇن. ئەگەر دېغى قېلىپ قالسا، رەڭگىنى بىرەر سېرىق نەرسە بىلەن ئۆزگەرتىۋەتسۇن‹ دېگەن»([13]).

قاننىڭ ئىزىنى سېرىق بىر نەرسىدە ئۆزگەرتىۋېتىشمۇ، بىر تەرەپتىن، ۋەسۋەسىدىن قۇتۇلۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، باشقىلار تەرىپىدىن تازىلىققا رىئايە قىلمىغاندەك كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈندۇر. بولمىسا، ئۇ داغ ياكى چەلنىڭ زىيىنى يوق([14]).

 

2. نىپاس قېنى

نىپاس دېگەن تۇغۇتتىن كېيىن ۋە بالا چۈشۈپ كەتكەن ياكى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ھەيز كېلىدىغان جايدىن كېلىدىغان قاندۇر. قوشكېزەك ئارىلىقىدىكى قانمۇ نىپاس قېنى ھېسابلىنىدۇ. دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئالدىنقى تۆت كۈندە كېلىدىغان قاندىن ئىبارەت بولۇپ، كېيىن ئاستا – ئاستا رەڭگى ئېچىلىدىكەن، قان مىقدارىمۇ ئازىيىدىكەن، ئون كۈندىن كېيىن رەڭسىز شىلىمسىمان ماددا بولۇپ كېلىدىكەن، بەزىدە تۆت ھەپتىگىچە داۋاملىشىدىكەن. دېمەك، نىپاسنىڭ ئەڭ قىسقىسى بىر ھەپتىدىن ئون كۈنگىچە، ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقىنى ئالتە ھەپتە ياكى 42 كۈن بولىدىكەن. بۇنىڭدىن ئارتۇق داۋاملاشسا، كېسەللىكنىڭ ئالامىتى ياكى بالا ھەمرىيىنىڭ ئازراق پارچىسى بالىياتقۇدا قالدى دېگەنلىك بولىدىكەن. نىپاس جەريانىدا ئايال كىشىنىڭ تاناسىل ئەزالىرى ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى ئەسلى ھالىتىگە قايتىدىكەن. مەسىلەن، تۇغۇت مەزگىلىدە بالىياتقۇنىڭ ئېغىرلىقى 900 گىرامغا يېتىدىكەن، تۇغۇتتىن بىر ھەپتە كېيىن 450 گىرامغا چۈشىدىكەن، ئىككى ئايدىن كېيىن 55 گىرامغا چۈشىدىكەن([15]).

ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدىمۇ بىر ئايالنىڭ نىپاس مۇددىتى يەنە بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ نەزىرىدىمۇ ئەڭ قىسقا نىپاس بىردەملىك بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، تۇغۇتتىن كېيىنلا قان توختىسا ياكى قانسىز تۇغۇش بولغان بولسا، نىپاس تۈگىگەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، غۇسلى قىلىۋېتىپلا ناماز ئوقۇيدۇ ۋە باشقا نىپاس سەۋەبىدىن چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ. يەنە بەزىلىرىنىڭ نەزىرىدە نىپاس مۇددىتى ئەڭ ئاز بولسا 11 ياكى 26 كۈن بولىدۇ.

ئەمما، ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان نىپاس بولسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قىرىق كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. بەزى ئالىملار: «كەم ئۇچرايدىغان قىسمەن ئەھۋاللاردا 60 كۈنگىچە داۋاملىشىشىمۇ مۇمكىن» دېگەن([16]).

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە نىپاسدار ئايال قىرىق كۈن ئولتۇراتتى»([17]).

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن قىرىق كۈنگىچە ناماز ئوقۇماي ئولتۇراتتى. بىز (تۇغۇتلۇق ياتقان ۋاقتىمىزدا) يۈزىمىزگە داغ چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋەرەس (قىزىل بوياش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك) سۈرۈۋالاتتۇق»([18]).

يۇقىرىقى ھەدىسلەر بىلەن باشقا ھەدىسلەرنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنگىنىمىزدە، نىپاسنىڭ ئەڭ ئۇزۇن مۇددىتىنىڭ قىرىق كۈن بولىدىغانلىقى، بۇ مۇددەتتىن بۇرۇن ساقايسا نىپاس تۈگىگەن ھېسابتا بولىدىغانلىقى چىقىدۇ([19]).

قىرىق كۈن ئۆتۈپ نىپاس قېنى توختىمىسا ھەمدە بۇ كۈنلەر ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەرگە ئۇدۇل كەلسە، قىرىق كۈندىن ئاشقىنى ھەيز ھېسابلىنىدۇ. ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەرگە ئۇدۇل كەلمىسە، قىرىق كۈندىن ئاشقىنى ئىستىھازە (خۇن كېسىلى) ھېسابلىنىدۇ – دە، قىرىق كۈن توشقان چاغدا يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇشقا باشلايدۇ([20]).

قىرىق كۈن ئىچىدە پاك بولغاندىن كېيىن قىرىق كۈن توشقۇچە قان قايتىدىن كەلسە، بۇ قانمۇ نىپاس ھېسابلىنىدۇ. يەنى، نىپاس داۋاملاشقان بولۇپ ھېسابلانغاچقا، ناماز ئوقۇمايدۇ.

 

بالا چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن كەلگەن قان نىپاس ھېسابلىنىدۇ

ئەلۋەتتە، بالا چۈشۈرۈۋېتىش ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ بىرى. بىر ياكى ئىككى ئايلىق بولسىمۇ، ئوخشاشلا جىنايەت شەكىللىنىدۇ، كەفارەت كېلىدۇ.

بالا چۈشۈرۈۋېتىش نەتىجىسىدە كەلگەن قاننى بەزى ئالىملار نىپاس ھېسابلايدۇ. بەزى ئالىملار چۈشۈرۈۋېتىلگەن تۆرەلمە ئادەمزات شەكلىگە كىرگەن بولسا، چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى قان نىپاس بولىدۇ، شەكىلگە كىرمىگەن بولسا نىپاس ھېسابلانمايدۇ، شەكىلگە 81 كۈندە كىرىدۇ، دەپ قارايدۇ.

تۇغۇتتىن بىر – ئىككى كۈن بۇرۇن كەلگەن قان تۇغۇت ئالامىتى كۆرۈلۈپ كەلسە، نىپاس ھۆكمىدە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ناماز ئوقۇمايدۇ؛ تۇغۇت ئالامىتى كۆرۈلمىسە، نىپاس ھېسابلانمايدۇ. قان كېلىۋاتسىمۇ ناماز ئوقۇۋېرىدۇ، چۈنكى ئۇ نىپاس قېنى ئەمەس([21]). ئەمما، ئىككى كۈندىن ئېشىپ كەتسە، ئوقۇمىغان نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. چۈنكى، ئىككى كۈندىن ئاشقان ئەھۋالدا بۇنىڭ نىپاس ئەمەسلىكى مەلۇم بولغان بولىدۇ.

 

نىپاس مۇددىتىدە چەكلىنىدىغان ئىشلار

ھەيزدارغا چەكلىنىدىغان يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى نىپاسدارغىمۇ چەكلىنىدۇ. مەسىلەن، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، جىما قىلىش، قۇرئان تۇتۇش ۋە ئوقۇش، مەسجىدكە كىرىش ۋە تاۋاپ قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش. چەكلەنمەيدىغان ئىشلارمۇ ھەيزدارغا چەكلەنمەيدىغان ئىشلار بىلەن ئوخشاش. يەنە ھەيزدىن ساقايغاندا غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولغاندەكلا، نىپاسدىن ساقايغاندىن كېيىنمۇ غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

پەقەت تۆت تۈرلۈك ئىشلا ھەيزگە خاس بولۇپ، بۇلاردا ھەيز نىپاستىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ:

1. ئىددەت ھەيز بىلەن ھېسابلىنىدۇ.

2. ھەيز بىلەن ھامىلىدار ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.

3. ھەيز بىلەن بويىغا يەتكەنلىك ئىسپاتلىنىدۇ.

4. سۈننەتكە مۇۋاپىق تالاق بىلەن بىدئەت تالاقنى ھەيز ئارقىلىق ئايرىغىلى بولىدۇ.

 

3. ئىستىھازە (خۇن كېسىلى) قېنى

ئىستىھازە (خۇن كېسىلى) قېنى دېگىنىمىز ئاياللار ئادەتلەنگەن ھەيز ۋاقتىدىن ۋە نىپاس ۋاقتىدىن باشقا چاغلاردا كېلىدىغان قاندۇر. ئىستىھازە (خۇن كېسىلى) قان توختىماسلىق كېسىلىدۇر. ئايال كىشى ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالدىن تاشقىرى بولمايدۇ:

1. بۇرۇندىن تارتىپ ھەيز كۆرۈش ئادىتى مەلۇم بولۇپ بولغانلار. بۇنداق ئاياللاردىن ئادەت بويىچە كەلگەن قان ھەيز قېنى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق كەلگەن قان خۇن كېسىلى قېنى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر ئايالنىڭ ھەيز كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئادىتى بەش كۈن بولسا، بەش كۈندىن كېيىن كەلگەن قان خۇن كېسىلى قېنى ھېسابلىنىدۇ، بەش كۈن توشقاندىن كېيىن پاك بولغان ھېسابلىنىپ، غۇسلى قىلىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ ھۇبەيشنىڭ قىزى پاتىمە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «مەن ھەيزىم توختىمايدىغان، داۋاملىق پاك بولالمايدىغان ئايالمەن، نامازنى تەرك ئېتەمدىم؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ياق، ئۇ بولسا تومۇردىن كېلىدىغان قاندۇر. لېكىن، سىز ئادەت كۈنلىرىڭىز بويىچە نامازنى تەرك ئېتىڭ، ئاندىن كېيىن غۇسلى قىلىپ، ناماز ئوقۇڭ» دېدى([22]).

ئۇممۇ ھەبىبە بىنتى جەھش رەزىيەللاھۇ ئەنھا قان توختىماسلىق كېسىلى ھەققىدە شىكايەت قىلىپ كەلگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «نورمال ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىز مۇددىتىچىلىك كۈتۈپ تۇرۇڭ، ئاندىن كېيىن يۇيۇنۇڭ» دېدى. ئەمما، ئۇ ئايال ھەر ۋاخ ناماز ئۈچۈن يۇيۇناتتى([23]).

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىستىھازە (خۇن كېسىلى) بولۇپ قالغان بىر ئايالنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق پەتىۋا سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ئۇ ئايال ھەر ئايدا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئادىتى بويىچە ھەيز كۆرىدىغان مەلۇم كۈنلىرىدە ناماز ئوقۇمىسۇن، ھەيز مۇددىتىدىكى كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن يۇيۇنۇپ، ئاندىن لاتا قىستۇرۇپ ناماز ئوقۇسۇن»([24]).

بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەيز ئادىتىنىڭ كۈنلىرى مەلۇم بولغان ئايال ئادەتتە ھەر ئايدا ھەيز كۆرۈپ كېلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ سانى بويىچە ناماز ئوقۇماي ساقلاپ تۇرۇپ، ئۇ كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن غۇسلى قىلىپ، ناماز ئوقۇۋېرىدۇ. قان كەلسىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ([25]).

2. بۇرۇن مەلۇم مۇددەت ئادىتى بولمىغان ياكى ئادىتىنى ئۇنتۇپ قالغان ۋە ياكى يېڭىدىن بويىغا يەتكەنلەر ھەيز قېنى بىلەن باشقا قاننى ئايرىيالمىسا، بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ ھەيز مۇددىتى ئالتە ياكى يەتتە كۈن ھېسابلىنىدۇ. ئالتە كۈن دەپ قارىسا ئالتە كۈن، يەتتە كۈن دەپ قارىسا يەتتە كۈن چىقىرىۋېتىدۇ. چۈنكى، ئادەتتە، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ مۇشۇنداق بولىدۇ.

بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەھش قىزى ھەمنە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئاياللارغا ئادەت قىلىپ بەلگىلىگەن كۈنلەردە ھەيز ئەھكامىغا رىئايە قىلىڭ، ئاندىن غۇسلى قىلىپ بولغاندىن كېيىن 24 ياكى 23 كېچە – كۈندۈز ناماز ئوقۇپ روزا تۇتۇڭ، شۇنداق قىلسىڭىز كۇپايە. ھەر ئايدا كۆپچىلىك ئاياللار ھەيز كۆرۈپ ساقىيىدىغان مۇددەتكە رىئايە قىلىڭ»([26]).

3. ھەيز ئادىتى تېخى بەلگىلەنمىگەن ئاياللار ئالاھىدە پۇراقلىق، توق قارامتۇل كەلگەن ھەيز قېنى بىلەن ئوچۇق ياكى تۇتۇق قاننى ئايرىيالىسا، شۇ بويىچە ئىش قىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ ھۇبەيشنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېگەن: «ھەيز قېنى كەلسە قارامتۇل كېلىدۇ، (رەڭگى ۋە پۇرىقىدىن) بىلىنىدۇ. شۇنداق بولسا ناماز ئوقۇماي تۇرۇڭ، ئۇنداق بولماي باشقىچە قان كەلسە، تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇۋەرسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى ئۇ تومۇردىن چىققان قاندۇر»([27]).

 

ئىستىھازە (خۇن كېسىلى) گە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار

خۇن كېسىلى مەزگىلىدىكى ئايال پاك ھېسابلانغاچقا، ئادەتتىكىدەك ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ، ئېتىكاپتا تۇرىدۇ، قۇرئان ئوقۇيدۇ، قۇرئاننى تۇتىدۇ، باشقا بارلىق ئىبادەتلەرنىمۇ قىلىدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن.

ئىكرىمە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ بىرى خۇن كېسىلى بولغان ھالىتىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان([28]). يەنە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، خۇن كېسىلى مەزگىلىدە ئايال ئېرى بىلەن بىللە بولسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھەقتە بىرەر چەكلىمە كەلمىگەن([29]).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئۇنداق ئايال بىرەر سائەت بولسىمۇ پاكلىنالىسا، غۇسلى قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ، ئېرى ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلسا بولىدۇ» دېگەن. ئىمام بۇخارى: «ناماز جىماغا قارىغاندا ئۇلۇغ ئىش (ناماز ئوقۇيالىغان ئىكەن، جىما قىلالايدۇ)» دېگەن([30]).

خۇن كېسىلى مەزگىلىدىكى ئايال ھەربىر ناماز ئۈچۈن ئايرىم غۇسلى قىلىشى كېرەك ئەمەس، بەلكى ھەيز توختاپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم غۇسلى قىلىپ، ناماز ئوقۇشنى باشلايدۇ. كېيىن كەلگەن خۇن كېسىلى مەزگىلىدىكى قانلار ئۈچۈن قايتا غۇسلى قىلىشى كېرەك ئەمەس، پەقەتلا ھەربىر نامازغا يېڭى بىر تاھارەت ئالىدۇ. ھەدىستە: «ئاندىن بىر ھەيزنىڭ ۋاقتى كەلگۈچىلىك ھەر ناماز ئۈچۈن بىر قېتىم تاھارەت ئېلىڭ» دەپ كەلگەن([31]).

خۇن كېسىلى مەزگىلىدىكى ئايال ناماز ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن تاھارەت ئېلىۋالمايدۇ، بەلكى ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن تاھارەت ئالىدۇ، چۈنكى ناماز ۋاقتى كىرمىگۈچە تاھارەت ئېلىشقا ھاجەت يوق. ھەربىر نامازغا تاھارەت ئالسا، شۇ نامازنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەۋە نەپلە نامازلارنى تا يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە ئوقۇسا بولىدۇ. تاھارەت ئېلىشتىن بۇرۇن ئەۋرىتىنى يۇيۇپ، قان ئېقىپ كەتمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لاتا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا لاتىنى ئالماشتۇرىدۇ. دېمەك، خۇن كېسىلى مەزگىلىدىكى ئايال ئۆزرىلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ تاھارىتى ۋاقىتقا باغلىنىشلىق بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «خۇن كېسىلى مەزگىلىدىكى ئايال، سۈيدۈك تۇتالمايدىغان ئادەم، قان چىقىپ تۇرىدىغان يارىدار، بۇرنى قاناپ تۇرىدىغان ياكى يەل تۇتالمايدىغان ۋە ياكى شۇلارغا ئوخشىغان بىر نەرسە چىقىپلا تۇرىدىغان كىشىلەر بىر نەرسە چىقىپ تۇرسىمۇ، مەينەتلىك بولسىمۇ، ناماز ئوقۇۋېرىدۇ. مۇشەققەت ۋە زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن ئۇ نامازلارنى قايتا ئوقۇمايدۇ([32]).

ئەگەر ناماز ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن تاھارەت ئالغان بولسا، تاھارەت ئالغاندىن كېيىن بىر نەرسە چىقماي تۇرۇپ ناماز ۋاقتى كىرسە، شۇ تاھارىتى ھېساب بولىدۇ. ناماز ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن بىر نەرسە چىققان بولسا، تاھارىتى سۇنۇپ كېتىدۇ. ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن يېڭى تاھارەت ئېلىشى لازىم. ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن تاھارەت ئالغان بولسا، بىر نەرسە چىققان بولسىمۇ، تاھارىتىگە تەسىر يەتمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئۆزرىلىك ھالەتتۇر.

ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن يېڭى تاھارەت ئېلىپ نامازغا تۇرغان ياكى جامائەتنى ساقلاش، كىيىنىش قاتارلىق ناماز تەييارلىقىدا بولغان بولسا، قان كېلىپ تۇرسىمۇ، تاھارىتى سۇنمىغان بولىدۇ. ئەگەر ناماز ۋاقتى چىقىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، قاندىن باشقا تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئىشلاردىن بىرى يۈز بەرگەن بولسا، ئەلۋەتتە تاھارىتى سۇنىدۇ([33]).

ئەگەر قىيىنچىلىق بولۇپ قالمىسا، ھەربىر نامازغا بىر ياكى ھەر ئىككى نامازغا بىر غۇسلى قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇسا رۇخسەت. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەمنە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېگەن: «پېشىننى كېچىكتۈرۈپ ئوقۇيالىسىڭىز، غۇسلى قىلىپ پاكلىنىپ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جەملەپ ئوقۇڭ. ئاندىن شامنى كېچىكتۈرۈپ، خۇپتەن بىلەن بىللە بىر غۇسلى قىلىپ جەملەپ ئوقۇيالىسىڭىز جەملەپ ئوقۇڭ. بامداتتا بىر غۇسلى قىلىپ ئوقۇڭ»([34]).

ئەسما بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھقا: ‹ئى رەسۇلۇللاھ! پاتىمە بىنتى ئەبۇ ھۇبەيش خۇن كېسىلى بولۇپ قېلىپ ناماز ئوقۇيالمىغىلى خېلى بولدى› دېگەن ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹سۇبھاناللاھ! بۇ شەيتاننىڭ سەۋەبىدىندۇر. ئۇ ئايال (خۇن ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن) بىر داسقا سۇ قۇيۇپ، ئۇنىڭدا ئولتۇرۇپ قاراپ باقسۇن. سۇ يۈزىدە خۇننىڭ ئەسىرىدىن سېرىقلىق پەيدا بولسا، پېشىن بىلەن ئەسىرگە بىر قېتىملا يۇيۇنۇپ، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئوقۇسۇن. شام بىلەن خۇپتەننىمۇ شۇنداق قىلسۇن ۋە بامدات ئۈچۈن بىر يۇيۇنسۇن› دېدى». مۇجاھىدتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئايالغا يۇيۇنۇش قىيىن كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنى ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇشقا بۇيرۇغان»([35]). لېكىن، بۇنداق غۇسلى قىلىش يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ۋاجىپ ئەمەس، ۋاجىپ بولغىنى ھەربىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئېلىشتۇر، ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قان كەلسە، يەنە تاھارىتى سۇنغان بولىدۇ([36]).

ئىمام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «ئىككى ۋاقىتتا تاھارەتنى ئايرىم – ئايرىم تولۇق ئېلىپ بولالمايدىغان، ئالسا قىينىلىپ قالىدىغان خۇن كېسىلى ھالىتىدىكى ئاياللاردەك ئۆزرىلىك كىشىلەر ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇيدۇ»([37]).

يۇقىرىقى ھەدىستە كۆرسىتىلگەن ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇش ئۇسۇلى مۇنداق: مەسىلەن، پېشىننى ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈپ، ئەسىرگە ئەزان چىقىشتىن ئون مىنۇت بۇرۇن ئوقۇۋېلىپ، ئاندىن ئەسىرگە ئەزان چىققاندا ئەسىرنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش. بۇ شەكلىي جەھەتتىن جەملەپ ئوقۇش بولۇپ، ھەربىر ناماز ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇلغان بولىدۇ، شام بىلەن خۇپتەنمۇ شۇنداق.

مەلۇمكى، نىپاس قىرىق كۈندىن ئېشىپ كەتسە، قىرىق كۈندىن كېيىنكىسى خۇن كېسىلىنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ.

 

ھەيز كۈنلىرىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن كەلگەن سېرىق ياكى تۇتۇق خۇنلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟

ھەيز كېلىدىغان كۈنلەردىن بۇرۇن ياكى كېيىن سېرىق ياكى تۇتۇق خۇن كەلسە، بۇ ھەيز ھېسابلانمايدۇ. تاكى قىپقىزىل، پۇراقلىق ھەيز خۇنى كەلگۈچە ئايال كىشى پاك ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئاق خۇن كەلسىمۇ ھەيز ھېسابلانمايدۇ.

ئايال كىشى ھەيز قېنىنى ئۇنىڭ پۇرىقى ۋە رەڭگى بىلەن ئايرىيالايدۇ. سېرىق خۇن دېگىنىمىز يىرىڭ سۈيىگە ئوخشاش سارغۇچ كېلىدىغان سۇيۇقلۇق. تۇتۇق دېگىنىمىز ئاق بىلەن قارا ئوتتۇرىسىدا ياكى جىگەررەڭ ياكى تۆمۈررەڭ سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇ ھەيز قېنىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

ئالىملار ھەيز كېلىدىغان كۈنلەردىن بۇرۇن ياكى كېيىن كېلىدىغان سېرىق ياكى تۇتۇق خۇننى مۇنداق ئىككىگە ئايرىيدۇ: بىرى، ھەيز كۈنلىرىدىن بۇرۇن كېلىپ، ئارقىدىن ھەيز خۇنى تۇتاشماي ئايرىم كەلگىنى ياكى ھەيز كۈنلىرىدىن كېيىن كېلىپ، ھەيز خۇنى ئارقىدىن تۇتاشماي ئايرىم كەلگىنى. بۇ خۇن بىلەن بىللە ھەيزدارنىڭ بەل ئاغرىقى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. بۇ تۈردىكىسى ھەيز ھېسابلانمايدۇ. يەنە بىرى، ھەيزگە تۇتىشىپ كېلىدىغان ياكى ئۇنىڭ ئارقىدىنلا ھەيز تۇتىشىپ كېلىدىغان، ھەيزدارنىڭ بەل ئاغرىقى قاتارلىق ئاغرىقلىرى بىللە كۆرۈلىدىغان خۇنلار. بۇ تۈردىكىسى ھەيز ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلارنى ھەيز ھېسابلاش ياكى ھېسابلىماسلىقتا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. بىز بىر قاراشنى تەرجىھ قىلغان ئاساستا يۇقىرىقىدەك بايان قىلدۇق([38]).

ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «بىز ھەيز كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلەردە كېلىپ قالغان تۇتۇق ۋە سارغۇچ قانلارنى ھەيز دەپ سانىمايتتۇق».([39]) ئەلۋەتتە، بۇ ئىش خاتا بولغان بولسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولاتتى.

 

ھەيز كېلىدىغان كۈنلەردە كەلگەن سېرىق ياكى تۇتۇق خۇنلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟

ھەيز كۈنلىرىدە سېرىق ياكى تۇتۇق خۇن كەلسە، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھەيز ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھەيز قېنى پەقەتلا قىپقىزىل ياكى قارامتۇل بولىدۇ، ئۇندىن باشقىسى ھەيز قېنى بولمايدۇ. يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قىپقىزىل ھەيز قېنى كەلگەندىن كېيىن سېرىق ياكى تۇتۇق قان كەلسە، ھەيز قېنى ھېسابلىنىدۇ، بولمىسا، ھەيز قېنى ھېسابلانمايدۇ([40]).

بۇ قاراشتىكىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز ئالدىغا ھەدىسلەردىن دەلىل كەلتۈرگەن. كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، شۇنداق دەيمىزكى، ھەيز كېلىپ ئادەتلەنگەن كۈنلەردە سېرىق ياكى تۇتۇق سۇيۇقلۇق كەلسە، ھەيز ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خىزمەتچىسى مۇرجانە مۇنداق دېگەن: «ئاياللار ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ھەيز ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن قۇتىغا پاختىنى سېلىپ ئەۋەتەتتى، ئۇ سېرىق رەڭدە بولغاچقا، ھەزرىتى ئائىشە ئۇلارغا: ›تاكى سېرىقلىق تۈگەپ، پاختا ئاق، پاكىز چىققۇچە كۈتۈپ تۇرۇڭلار‹ دەيتتى»([41]).

ئىمام بۇخارى مۇنداق رىۋايەت قىلغان: بىر قىسىم ئاياللار ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا سارغۇچ قان بىلەن بويالغان پاختىنى لاتىغا يۆگەپ ئەۋەتىپ بېرەتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ئېنىق ئاقلىقنى كۆرمىگۈچە ئالدىرىماڭلار!» دەيتتى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ھەيزدىن پاكلىنىدۇ، دېمەكچى. زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزىغا بەزى ئاياللارنىڭ كېچىدە چىراغلارنى ئەكېلىپ، پاكلانغان – پاكلانمىغانلىقىغا قاراپ باقىدىغانلىقى يەتكەندە، ئۇ: «ساھابە ئاياللار مۇنداق قىلىپ كەتمەيتتى» دەپ ئۇلارنى ئەيىبلىگەن([42]).

يۇقىرىقىغا ئاساسەن، ھەيز كۈنلىرى كەلگەن سارغۇچ ياكى تۇتۇق خۇن ھەيز ھېسابلىنىدۇ.

 

ھامىلىدار ھالەتتە كەلگەن قان ھەيز ھېسابلىنامدۇ؟

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئالىملار ھامىلىدارلىق ھالىتىدە كەلگەن قاننى ھەيز ھېسابلىمايدۇ، ئىمام مالىك ۋە شافىئىي قاتارلىق ئالىملار ھەيز قېنى دەپ قارايدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشى كۈچلۈك ۋە قولاي. بۇ قاراشقا بىنائەن، ھامىلىدار ھالەتتە كەلگەن قان ھەيز قېنى ئەمەس، بىنورماللىق ياكى كېسەللىك قېنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قان بىلەن ناماز، روزا قاتارلىق ھەيز مەزگىلىدە چەكلىنىدىغان ئىشلار چەكلەنمەيدۇ، پەقەتلا تۇغۇتتىن بىر – ئىككى كۈن ئىلگىرى كەلگەن ياكى تولغاق يېگەندە كەلگەن قان نىپاس قېنى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئىمام ئەھمەد ئېيتقاندەك، ئاياللار ھامىلىدارلىقىنى ھەيزنىڭ توختاپ قېلىشى بىلەن بىلىدۇ. شەرىئەتمۇ بالىياتقۇدا بالا بار – يوقلۇقىنى بىر ھەيز بىلەن ئېنىقلاشنى، ئۈچ ھەيز بىلەن ئىددەت تۇتۇشنى يولغا قويغان. ناۋادا ھامىلىدار ھەيز كۆرىدىغان بولسا، ھەيز بىلەن بالىياتقۇدا بالا يوق دەپ جەزملەشتۈرگىلى ياكى بالا بار – يوقلۇقىنى بىلگىلى بولماس ئىدى، نەسەبمۇ ئارىلىشىپ كېتەتتى. شەرىئەت بۇ تۈرلۈك زۆرۈر ئىشلاردا نۇرغۇن ئەھكاملارنى مۇقىم بولمىغان بىر ئىشقا باغلاپ قويۇشى مۇمكىن ئەمەس([43]).

ئىلگىرىكى مەشھۇر تېۋىپلاردىن ئىمام ئىبنى رۇشدمۇ «ھامىلىدارلىق ھالىتىدە كەلگىنى كۆپىنچە ئەھۋالدا بىرەر كېسەللىك سەۋەبىدىن كەلگەن بىنورمال قان» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە ئىلگىرىكى بۇقرات ۋە جالىنۇس قاتارلىق مەشھۇر تېۋىپلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاز بىر قىسىم ئەھۋاللاردا ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنى ساغلام بولۇپ، قورساقتىكى بالا كىچىك بولسا، ھامىلە ئۈستىگە ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان([44]).

ھازىرقى تېببىي ئالىملارمۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھەيز كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھامىلىداردىن كەلگەن قان قاناپ كېتىش ياكى بىر ئىللەت سەۋەبىدىن كەلگەن بىنورمال قاندىن ئىبارەت. بۇنداق قان ھەيز قېنىغا سۈپەت ۋە ۋاقىت جەھەتتىن ئوخشاپ قالغان تەقدىردىمۇ، بىرلا ۋاقىتتا ھەم ھەيزدار، ھەم ھامىلىدار بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ھەيز قېنى دېگەن تۇخۇم بىلەن بىرلەشكەن ئۇرۇقنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بالىياتقۇ دىۋارىدا شەكىللەنگەن ماددىنىڭ ئاجراپ، چۈشۈپ كېتىشىدىن ئىبارەت. تۇخۇم بىلەن بىرلەشكەن ئۇرۇق بالىياتقۇغا كېلىپ، بالىياتقۇ دىۋارىغا چاپلاشمىغان تەقدىردە، شەكىللەنگەن بۇ ماددا چۈشۈپ كېتىدۇ. بالىياتقۇ دىۋارىغا چاپلاشقاندا بۇ قان چۈشمەيدۇ([45]).

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، ھامىلىداردىن قان كەلگەن ئەھۋالدا بۇنى تومۇردىن كەلگەن قان دەپ قاراپ، خۇن كېسىلى ھالىتى بويىچە مۇئامىلە قىلىپ، ھەربىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ، روزىنىمۇ نورمال تۇتۇۋېرىدۇ.

 

ئاياللاردىن چىقىدىغان ئاق خۇن (ئاق سۇيۇقلۇق) لارنىڭ ھۆكمى نېمە؟

ئادەتتە، نورمال ئەھۋالدا ئاياللاردىن كېلىدىغان ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇقلارنىڭ تۈرلىرى بىرقانچە خىل بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكىدەك ئايرىش مۇمكىن:

1. مەزى. بۇ سۇيۇقلۇق ئادەتتە، ئاياللاردا جىنسىي ھېسسىيات سەۋەبىدىن چىقىدىغان ئاق، شىلىمشىق سۇيۇقلۇقتۇر. بۇ سۇيۇقلۇق چىقسا، ئۇنى كىيىم – كېچەكتىن ۋە بەدەندىن تازىلىۋېتىش كېرەك. چۈنكى، ئۇ مەينەت ھېسابلىنىدۇ، ئۇ چىقسا تاھارەت سۇنىدۇ. شۇڭا، ناماز ئوقۇماقچى بولسا، نامازغا يېڭىدىن كىچىك تاھارەت ئېلىش كېرەك. بۇنىڭ دەلىلى:

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن مەزى كۆپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىم، بىر كىشىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سوراپ بېقىشقا بۇيرۇدۇم، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى (فاتىمە) مېنىڭ ئايالىم ئىدى. ئۇ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ›ئەۋرىتىڭنى يۇيۇپ تاھارەت ئال‹ دەپتۇ»([46]).

ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەۋرىتىڭنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى يۇيۇۋېتىپ، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالساڭ بولىدۇ» دېگەن([47]).

2. مەنىي. بۇ سېرىق ياكى سارغۇچ ۋە ياكى ئاقۇچ رەڭدە ئېتىلىپ كېلىدىغان سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئادەتتە، شەھۋەت بىلەن چىقىدۇ، ئارقىدىنلا شەھۋەت پەسىيىدۇ. بۇ سۇيۇقلۇق كۈچلۈك قاراشتا پاكىز. كىيىم – كېچەكنى ئۇنىڭدىن تازىلاش كېرەك ئەمەس. لېكىن، شۇنداقتىمۇ، تازىلىۋېتىش ياخشى، ئەگەر قۇرۇپ قالغان بولسا ئۇۋۇلىۋەتسە بولىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «كىيىمىڭدە بىر نەرسە كۆرگەن تەقدىردە، شۇنىلا يۇيۇۋەتسەڭ بولىدۇ. مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى قۇرۇپ قالغان مەنىينى تىرنىقىم بىلەن تاتىلاپ چىقىرىۋېتەتتىم» دېگەن([48]).

مەنىي چىقسا تاھارەت سۇنۇپلا قالماي، جۇنۇپلۇق ھالىتى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. غۇسلى قىلماي ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ. يەنە مەنىي چىققاندىن كېيىن غۇسلى قىلماي تۇرۇپ ھەيزدارغا چەكلەنگەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تاۋاپ، مەسجىدكە كىرىش، قۇرئان تۇتۇش ۋە ئوقۇش قاتارلىق بەزى ئىبادەتلەرنى قىلغىلى بولمايدۇ، روزا تۇتقىلى بولىدۇ. يەنە غۇسلى قىلماي تۇرۇپ، جىما قىلىشقا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، يەپ – ئىچمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى ۋە ياكى جىما قىلماقچى بولغاندا كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى مۇستەھەپ. چۈنكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ بولۇپ قېلىپ تاماق يېمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى بولسا، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى([49]).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ قەيس مۇنداق دەيدۇ: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (جۇنۇپ بولۇپ قالغاندا) ئۇخلاشتىن بۇرۇن غۇسلى قىلامتى ياكى غۇسلى قىلماي ئۇخلامتى؟› دەپ سورىغان ئىدىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممىسىنى قىلاتتى. بەزىدە غۇسلى قىلىپ ئۇخلىسا، بەزىدە كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ئۇخلايتتى› دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن: ‹بۇ ئىشتا كەڭچىلىك قىلغان ئاللاهقا شۈكرى› دېدىم»([50]).

3. ۋەدىي. بۇ سۈيدۈكتىن كېيىنلا ياكى ئېغىر نەرسە كۆتۈرگەندە چىقىدىغان ئاق، پۇراقسىز سۇيۇقلۇقتۇر. بۇ ماددا مەينەت ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، كىيىم – كېچەكتىكى ياكى بەدەندىكى شالتىقىنى تازىلىۋېتىش كېرەك. شۇنداقلا ئۇ تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ، شۇڭا، ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا يېڭىدىن تاھارەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ. لېكىن، غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ. چۈنكى، ۋاجىپلىق پەقەت شەرىئەتنىڭ بەلگىلىشى بىلەن بولىدۇ، شەرىئەت بولسا مەنىيدىن باشقا سۇيۇقلۇقتا غۇسلى قىلىشقا بۇيرۇمىغان([51]).

4. سۈيدۈك. بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم. ئۇ مەينەت بولغاچقا، كىيىم – كېچەك ياكى بەدەنگە تەگكەن جاينى يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ، كېيىن ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا كىچىك تاھارەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ.

5. ئادەتتە، ئاياللاردىن شەھۋەتسىز، ھاياجانسىز، كېسەللىكسىز ھالەتتە چىقىدىغان رەڭگى ئاق سۇيۇقلۇقتا ۋەدىي ياكى مەنىي ۋە ياكى مەزىنىڭ سۈپەتلىرى بولمىغان تەقدىردە، بىر قاراشتا پاكىز ھېسابلىنىدۇ، تاھارەتنىمۇ سۇندۇرمايدۇ. شۇڭا، ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا تاھارەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ. بۇ سۇيۇقلۇقنى «پاكىز، لېكىن تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ» دېگەن ئالىملارمۇ بار. لېكىن، ئېھتىيات جەھەتتىن «بۇ مەينەت نەرسە، تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ» دېگەن قاراش بويىچە ئەمەل قىلسا تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر([52]).

6. ئاياللار ھېس قىلىدىغان، ماتكا ئىچىدە بولىدىغان نەملىك. بۇنداق نەملىك سىرتقا چىقمىغاندىكىن مەينەت بولمايدۇ، تاھارەتنىمۇ سۇندۇرمايدۇ.

7. ياللۇغلىنىشتەك بەزى كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن توختىماي چىقىپ تۇرىدىغان سۇيۇقلۇق. بۇنىڭغا سۈيدۈك توختىمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق سۇيۇقلۇق چىققان ئەھۋالدا ھەربىر ناماز ۋاقتى كىرگەندە بىر قېتىم يېڭىدىن تاھارەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ. ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇغۇچە ياكى ناماز ئوقۇۋاتقاندا چىقسىمۇ زىيىنى يوق، ناماز ياكى تاھارەت بۇزۇلمايدۇ. باشقا بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرىشى بىلەن بۇ ئايال ناماز ئوقۇماقچى بولسا، يېڭىدىن تاھارەت ئېلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك، بۇنداق ئەھۋالدىكى ئايال ھەربىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئالىدۇ، شۇ تاھارىتى بىلەن بىر پەرز ناماز ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سۈننەت ۋە نەپلە نامازلارنى ئوقۇيالايدۇ. ئەمما، يېڭى بىر ناماز ۋاقتى كىرسە، يېڭى نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن يېڭى تاھارەت ئالىدۇ. يەنى، ھەر كۈنى ھەربىر ئەزاندىن كېيىن بىر قېتىم، جەمئىي بەش قېتىم تاھارەت ئالىدۇ دېگەنلىكتۇر. شۇڭا، بۇنداق ئاياللار سۈيدۈك توختىمايدىغان ياكى يەل توختىمايدىغان ۋە ياكى خۇن كېسىلى قېنى توختىمايدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش ھەربىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئالىدۇ.

—————————
([1]) «تالاق» سۈرىسى، 1 – ئايەت.
([2]) «حاشية ابن عابدين»، 3/505؛ «المغني»، 8/78؛ «أحكام الأسرة قبل الإسلام»، فراج، 180 – بەت.
([3]) «ئەھزاب»سۈرىسى، 49 – ئايەت.
([4]) «بەقەرە» سۈرىسى، 228 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([5]) «تالاق» سۈرىسى، 4 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([6]) «زاد المعاد»، 5/657.
([7]) «بەقەرە» سۈرىسى، 240 – ئايەت.
([8]) «بدائع الصنائع»، 3/196؛ «المغني»، 8/78.
([9]) «تالاق» سۈرىسى، 4 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([10]) «سەھىھەين»: «بۇخارى»، 227 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 291 – ھەدىس.
([11]) «ئەبۇ داۋۇد»، 365 – ھەدىس.
([12]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 308 – ھەدىس.
([13]) «ئەبۇ داۋۇد»، 357 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([14]) «نيل الأوطار»، 1/50.
([15]) كۇۋەيتلىك ئاياللار كېسەللىكى مۇتەخەسسىسى دوكتور نەبىيھە مۇھەممەد ئەلجەييارنىڭ «ھەيز، نىپاس ۋە ھامىلدارلىقنىڭ ئەڭ ئاز ۋە ئەڭ كۆپ مۇددىتى» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدىن ئېلىندى. «ئىسلام تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى»، ھىجرىيە 1406 – يىلى.
([16]) «بداية المجتهد»، 1/38؛ «المغني»، 1/209.
([17]) «تىرمىزى»، 139 – ھەدىس. ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىس؛ «البدر المنير»، 1/83.
([18]) «ئەبۇ داۋۇد»، 311 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن ۋە سەھىھ» دېگەن.
([19]) «سبل السلام»، 1/106.
([20]) «المغني»، 1/209.
([21]) «لەجنە دائىمە پەتىۋالىرى».
([22]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 325 – ھەدىس.
([23]) «مۇسلىم»، 334 – ھەدىس.
([24]) «نەسائى»، 208 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([25]) «المجموع»، 2/397؛ «بداية المجتهد»، 1/39؛ «نيل الأوطار»، 1/342.
([26]) «ئەبۇ داۋۇد»، 187 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دېگەن.
([27]) «ئەبۇ داۋۇد»، 286 – ھەدىس. ئىمام ئىبنى ھەزم قاتارلىق بەزى مۇھەددىسلەر «سەھىھ» دېگەن.
([28]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 311 – ھەدىس.
([29]) «بداية المجتهد»، 1/45.
([30]) «سەھىھۇل بۇخارى».
([31]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 228 – ھەدىس. بۇنى ھافىز ئىبنى ھەجەردەك بەزى ئالىملار: «ئۇرۋەنىڭ سۆزى» دەپ قارىغان، بەزى ئالىملار: سەھىھ ھەدىس، دەپ قارىغان.
([32]) «المجموع»، 2/347.
([33]) «المغني»، 1/207.
([34]) «ئەبۇ داۋۇد»، 187 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دېگەن.
([35]) «ئەبۇ داۋۇد»، 296 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([36]) «سبل السلام»، 1/101.
([37]) «مجموع الفتاوى»، 24/84.

([38]) «المجموع»، 2/392؛ «بداية المجتهد»، 1/38.
([39]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 326 – ھەدىس.
([40]) «المجموع»، 2/392؛ «بداية المجتهد»، 1/38.
([41]) «مۇۋەتتا»، ئىمام مۇھەممەد رىۋايىتى، 85 – ھەدىس.
([42]) «سەھىھۇل بۇخارى»، «ھەيزنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى توغرىسىدا» دېگەن باب.
([43]) «بداية المجتهد»، 1/38؛ «المغني»، 1/218.
([44]) «بداية المجتهد»، 1/38.
([45]) كۇۋەيتلىك ئاياللار كېسەللىكى مۇتەخەسسىسى دوكتور نەبىيھە مۇھەممەد ئەلجەييارنىڭ «ھەيز، نىپاس ۋە ھامىلدارلىقنىڭ ئەڭ ئاز ۋە ئەڭ كۆپ مۇددىتى» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدىن ئېلىندى. «ئىسلام تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى»، ھىجرىيە 1406 – يىلى.
([46]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 269 – ھەدىس.
([47]) «ئەبۇ داۋۇد»، 211 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([48]) «مۇسلىم»، 290 – ھەدىس.
([49]) «مۇسلىم»، 305 – ھەدىس.
([50]) «مۇسلىم»، 307 – ھەدىس.
([51]) «المجموع»، 2/161؛ «المغني»، 1/413.
([52]) «المجموع»، 2/526؛ «المغني»، 1/414.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز