ئەقىقە ئەھكاملىرى(4)

ئىسىم ھەققىدە ساجىيەگە كەلگەن بەزى سوئاللارنىڭ ئىخچام جاۋابى

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1. ئوغۇل بوۋاققا «ئەمرۇللا» دەپ ئىسىم قويساق بولامدۇ؟ بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟ 2. ئاتا – ئانىمىزنىڭ كىچىك چاغلىرىدا بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆپ بولغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن نەچچە بالىسى كىچىكلا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر ئەمدى ئۆلۈپ كەتمىسىكەن، ياشاپ قالسىكەن… دېگەندەك مەقسەتلەر بىلەن بالىلىرىغا تۇراخۇن، تۇرجان، تۇرغۇن، تۇرسۇن، مەتتۇرسۇن، مەتتۇرغۇن، تۇرنىسا… دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇۋالىدىكەن. بۇنداق ئىسىملارنى مۇشۇ خىل ئەقىدە بىلەن قويۇش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! 1. ئەمرۇللا: ئاللاھنىڭ ئەمرى، پەرمانى دېگەن مەنىدە. بۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئىسىم تاللىغان تۈزۈك. 2. بۇ ئېتىقادىي جەھەتتىن بىر دۇئا ياكى ئۈمىدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسىملار بولۇپ، بۇنداق ئىسىملارنى قويۇش جائىز. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ «يەئىيش» يەنى «ياشار» دېگەن ئىسىمنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن، بەلكى ئۇ ئىسىمدىن خۇش بېشارەت ئالغان. يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىمۇ مۇشۇ تۈرگە كىرسە كېرەك.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1. ئىسىمنى چوقۇم ئىسلامچە بولمىسىمۇ، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ قەدىمكى گۈزەل مەنىلىك ئىسىملىرىدىن تاللاپ قويساق بولامدۇ؟ 2. ئىسىم قويىدىغان ئادەم چوقۇم تەقۋادار بولۇشى كېرەكمۇ ياكى شەرىئەت بويىچە ئىسىم قويالايدىغان كىشى بولسىمۇ بولۇۋېرەمدۇ؟ 3. «بوۋاقنىڭ ئىسمىنى قويغان ياكى ئېغىزلاندۇرغان كىشىنىڭ مىجەز – خۇلقى بوۋاقنىڭ كېيىنكى مىجەزىگە تەسىر قىلىدۇ» دېگەن راست گەپمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! 1. ئىسلام چەكلىگەن، ئەقىدىگە تاقىشىدىغان ئىسىم بولمىسىلا قويسا بولۇۋېرىدۇ. 2. تەقۋادار قويغىنى ئەۋزەل، پاسىق قويسا جائىز. 3. مەلۇم ئاساسى بار.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! 1. مېنىڭ ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمىمنى چوڭلار كېيىن ياخشى كۆرمەي، باشقا ئىسىم بىلەن ئاتاپتىكەن. ئەمدىلىكتە نۇرغۇن كىشىلەردىن «ئەزان توۋلىغان ئىسمىنى چاقىرىشى كېرەك» دەپ ئاڭلىدىم. بۇ توغرىمۇ ياكى ھازىرقى ئىسمىمنى ئەزان توۋلاپ، قايتا قويۇشۇم كېرەكمۇ؟ 2. ئاتا – ئانام ئاجرىشىپ كەتكەنلىكتىن ئاپام فامىلەمنى بوۋامنىڭ ئىسمىغا يۆتكەپ قويغان. ھەدىستە بېقىۋېلىنغان بالىنى ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسمىدا چاقىرىشى توغرۇلۇق ئوقۇغان ئىدىم. بۇ ھەدىس مېنىڭ ئەھۋالىمغا چۈشەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! 1. يېڭى ئىسمىڭىزنى قوللانسىڭىز بولىدۇ. ھازىرقى ئىسىمنى ئەزان توۋلاپ، قايتا قويۇش كېرەك ئەمەس. 2. بوۋىڭىزنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، بوۋىمۇ ئاتا.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! دادامنىڭ ئىسمى توختاخۇن، ئىنىمنىڭ مەمەتنىياز ئىدى. بۇ ئىسىمنى ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئۆزگەرتىش كېرەك ئەمەس.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىسىم قويۇش مەسىلىسى يۇرتىمىزىكى ئىنتايىن چوڭ بىر مەسىلە. مۇنازىرە ياكى دەتالاش قىلغىلى نۇرغۇن يىللار بولدى. لېكىن، بىر ئېنىق ئۇقۇم پەيدا بولغىنى يوق. مەندىكى بەزىبىر مەسىلىلەرگە ئۇستازنىڭ تەپسىلىي جاۋاب قايتۇرۇشىنى سورايمەن. ئاللاھ سىزگە ئاسانلىق بەرسۇن، ئامىن! 1. ئۇيغۇرلار ئىسلام كىرىشتىن بۇرۇنقى ئاتلىرىنى قويسا بولامدۇ؟ مەسىلەن، تاش، يولۋاس، باتۇر، ئارسلان، شىر… دېگەندەك. 2. ئۇيغۇر تىلىدا «جان» سۆزى ئالاھىدە بىر سۆز يەنى ھۆرمەتنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، جان ئانا، جانجىگەر قېرىنداش قاتارلىق. لېكىن، ئەرەب تىلىدا بۇ سۆزنىڭ «شەيتان» دەپ مەنىسى بار ئىكەن. ئۇيغۇر ئەرلىرى ئىسمىنىڭ كەينىگە «جان» قوشۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنىڭ پەتىۋاسى نېمە؟ 3. بىزنىڭ بەزى زىيالىلىرىمىز «ئۇيغۇرلارمۇ فامىلە قوللىنىشى كېرەك» دەپ قارايدىكەن. ئىسلام فامىلە مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟ يەنى فامىلە قويۇش زۆرۈرمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! 1. ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئەدەپ – قائىدىسىگە زىت كەلمەيدىغانلىرىنى قويسا بولىدۇ. 2. جائىز. ئۇيغۇرچە سۆز ئەرەبچىگە ئوخشاپ قالسا، ئەرەبچە بولۇپ قالمايدۇ. بۇ ھەقتە پىكىر دەپتىرىدە ۋە ئىسىم قويۇش ھەققىدىكى پەتىۋالاردا توختالغان. «گۈلنار دېسە بولمايدۇ» دەپ «نار» سۆزىنى بىكاردىن – بىكار ئەرەبچىلەشتۈرۈۋېلىپ، «دوزاخ» دەپ ئىزاھات بېرىۋالغان ئەھۋاللار بار. «ئاسىيە»دىكى «ئا»نى، بىكاردىن – بىكار ئەرەبچىدىكى «ئەين» ھەرپى دەۋېلىپ، ئۇ ئىسىمنى زورمۇزور يامان مەنىگە ئاپىرىۋالىدىغان غەلىتە خاھىشلار بار. 3. جائىز بولۇشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ پەتىۋاسىنى ئۇچراتمىدىم.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بەزى كىشىلەر «مېھرىبان» دېگەن ئىسىمنى «بۇ ئاللاھقا خاس ئىسىم – سۈپەت، بىزلەر قوللانساق بولمايدۇ» دېيىشىدۇ. راست شۇنداقمۇ؟ قوللانسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! بولىدۇ. ئاللاھمۇ رەسۇلۇللاھقا قوللانغان. «ئەلى»، «رەھىم»، «لەتىف»، «رەئۇپ» ۋە «رەشىد» دېگەندەك بەزى ئىسىملار ئاللاھقىمۇ، بەندىگىمۇ ئورتاق قوللىنىلىدۇ. بۇ قاتارلىق ئىسىملارنى قويۇش چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىسىملار بەندىگە قويۇلغان ئەھۋالدا بەندىگە لايىق مەنە مەقسەت قىلىنىدۇ.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن قىزىمغا ئىسىم قويماقچى ئىدىم. قېيىنئاتام «روفىنە» دېگەن ئىسىم «دۇرۇت مۇئەززەم» دەپ بار ئىكەن، شۇ ئىسىمنى قويايلى دېگەن. لېكىن، مەن بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلەلمىدىم. قانداق مەنىسى بار؟ قويسام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! كەچۈرۈڭ، مەنمۇ بىلمىدىم.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مىرزۇللا (مىرزىللا) دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى نېمە؟ قويۇشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! بىلمىدىم.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! پەرزەنتىمگە «ئۇزنار» دەپ ئىسىم قويغان. كېيىن ئاڭلىسام «نار» دېگەن ئەرەبچە «دوزاخ» دېگەن مەنىدە ئىكەن. بۇ ئىسىمنى ئۆزگەرتىۋېتىشىمىز كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! «نار» دېگەن «ئانار» دېگەن مەنىدە، «دوزاخ» مەنىسىدە ئەمەس. «ئۇزنار» دەپ ئىسىم قويسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ مەنىسى: «گۈزەل ئانار».

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «تۇرسۇن» دېگەن ئىسىمنى بەزىلەر يۆتكىۋەتمىسە بولمايدۇ دەيدىكەن، زادى يۆتكىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بولۇۋېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! يۆتكىمىسىمۇ بولىدۇ.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەرلەرنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە «جان»نى قوشۇپ چاقىرسا بولامدۇ ياكى قوشماي چاقىرغان ياخشىمۇ؟ مەسىلەن، ئەيساجان، مۇساجان دېگەنگە ئوخشاش.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! قوشۇپ چاقىرسا بولۇۋېرىدۇ.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! مەن يۇرتىمىزدىكى بىر داموللامدىن «ئەكبەر» دېگەن ئىسىمنى قويۇشقا بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم. شۇنىڭ بىلەن قوشنىمىزنىڭ ئەكبەر ئىسىملىك بىر ئوغلىنىڭ ئىسمىنىمۇ مەن بولمايدىكەن دېگەچكە ئابدۇشۈكۈرگە ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئۇ داموللام: ناۋادا «ب» ھەرپى بىلەن ئەكبەر دېسە، ئاللاھتىن ئىسىم تالاشقانلىق بۇلىدۇ، «پ» ھەرپى بىلەن ئەكپەر دېسە، مەنىسى ئەڭ ئەشەددىي كافىر دېگەن مەنىدە بۇلىدۇ، ناۋادا ئاتاشقا توغرا كەلسە «ئەيىن» ھەرپى بىلەن ئەكبەر دەپ ئاتىسا بۇلىدۇ. لېكىن، بۇ تەرەپلەردە ئاساسەن تەجۋىدسىز بولغاچقا، ئۇنداق توغرا ھالەتتە ئاتىيالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا، ئۇ ئىسىمنى قۇيۇشقا بولمايدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى، ھازىر سەل ئىككىلىنىپ قالدىم. شۇڭا، ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! «ئەكبەر» دېگەن ئىسىمدىمۇ چاتاق يوق، چۈنكى بۇ ئاللاھقىلا خاس ئىسىم ئەمەس، مەخلۇقلارمۇ بىر – بىرىدىن چوڭ بولىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممىدىن بۈيۈك دېگەن بولمايدۇ. «بالىلارنىڭ چوڭى» دېگەن مەنىدىمۇ بولىدۇ. ئاللاھقا خاس بولغان، باشقا بىر مەخلۇقنى سۈپەتلىگىلى بولمايدىغان «خالىق»، «رەھمان» دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش ھارام.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئايال كىشىلەرنىڭ ئىسمىغا «خېنىم»نى قاتساق بولامدۇ؟ مەسىلەن، نۇرنىساخېنىم دېگەندەك. بەزىلەر «خېنىم دېگەن جىننىڭ ئىسمى، بۇنداق ئاتىسا گۇناھ بولىدۇ» دەيدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! قاتسا ئەلۋەتتە بولىدۇ.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! «مۇنىيبە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ قىز بوۋاققا ئىسىم قىلىپ قويۇشقا بولامدۇ؟ سىلىنى مالال قىلىدىغان بولدۇم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! «مۇنىيبە» ئاللاھقا قايتقۇچى دېگەن مەنىدە. مەنىسى ياخشى، قويسا بولىدۇ.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىر ئۆلىمانىڭ: «پەرزەنتلەرگە ئىسىم قويغاندا ھىدايەتۇللا، ئامانۇللا، سەيفۇللا، نۇرۇللا… دېگەنگە ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمىغا بىرىكىپ كەلگەن ئىسىمنى قويۇشى مەكرۇھ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، بۇنداق ئىسىملارنى قويساق بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئۆزىنى مەدھىيەلەپ، بەك ياخشى دەۋالىدىغان، «مۇتتەقى»، «نۇرىددىن»، «نۇرۇللاھ»، «سەيفۇل ئىسلام» دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ. ئۆزىنى ياخشى دەۋېلىشنى مەقسەت قىلمىسا جائىز.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! «كەۋسەر» ۋە «كەرىمە» دېگەن ئىسىملارنىڭ مەنىسى نېمە؟ قىزىمغا بۇ ئىسىملارنى قويسام بولامدۇ؟ كۆپىنچە ئىسىملارنىڭ مەنىسى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ھەرخىل بولىدىكەن، مەن خاتا مەنىسى بار ئىسىم قويۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، يەنە سىلەردىن سوراشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم، ماڭا ياردەم قىلساڭلار.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! «كەۋسەر» دېگەن «كۆپ خەيرلىك» دېگەن مەنىدە ياكى جەننەتتىكى كۆلنىڭ نامى. «كەرىمە» دېگەن «سېخى» ياكى «ئىززەت – ئىكرامغا لايىق خېنىم» دېگەن بولىدۇ. ھەر ئىككى ئىسىمنىڭ مەنىسى ياخشى.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! «قەدىرىيە» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى نېمە؟ مەن بۇ ئىسىمنى قويسا بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم. مۇشۇنداق ئىسمى بارلار ئىسمىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئۆزگەرتىش كېرەك ئەمەس. بۇ ئىسىم مۇئتەزىلە تائىپىسىنىڭ «قەدىرىيە» دېگەن ئىسمىغا ئوخشاپ قالغانلىقتىن قويسا بولمايدۇ دېيىلگەن بولۇشى مۇمكىن. «تەقدىر» مەنىسىدىكى «قەدەر»گە مەنسۇپ قىلىپ، «ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن دۇنياغا كەلگەن قىز» دېيىلسە مەنىسىدە چاتاق يوق.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! «قۇرئان كەرىم»نىڭ كەهف سۈرىسىدىكى زۇلقەرنەين تارىخشۇناسلار ئاتاۋاتقان ماكادونىيەلىك ئالېكساندىر يەنى ئىسكەندەر شۇمۇ؟ يېقىندا بىر ماقالىدىن ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بۇ قاراشلارنى ئىنكار قىلغانلىقىنى كۆردۈم. بالامغا ئىسىم قويغان ئىدىم، بەزىلەر «ئىسكەندەر» دېگەن ئىسىمنى تەۋسىيە قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز ئىسكەندەر دېگەن زۇلقەرنەيىن شۇ دەپ ئويلاپ ۋە ھەدىسلەردە بۇ ھەقتە بايان بار بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ مۇشۇ ئىسىمنى قويۇپتۇق. ئەمدى ئىزدىنىپ قارىسام، ئۇستاز ئىبنى تەيمىيە بۇنى ئىنكار قىپتۇ ۋە يەنە بىر ماقالىدا يېقىنقى زاماندىكى بىر قىسىم ئالىملارنىڭمۇ بۇنى ئىنكار قىلغانلىقى (يەنى زۇلقەرنەيننىڭ ئىسكەندەر ئەمەسلىكى) يېزىلىپتۇ. ھەتتا ياۋروپا تارىخشۇناسلىرى ئىسكەندەر ئىسىملىك تارىختىكى بۇ ئىستىلاچىنىڭ ئانىسىنىڭ يىلانغا چوقۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىنى يېزىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچبىر ھەدىس كىتابىدىن زۇلقەرنەينگە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن ئىسكەندەر نامىنى تاپالمىدىم. خۇلاسە: بېشىم بەك قېتىپ كەتتى. يۇقارقى مەن كۆرگەن مۇنازىرىۋى قاراشلار ھەقىقەتەن بارمۇ؟ ئۇنداقتا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنراق قاراش قايسى؟ مېنىڭ بالامنىڭ ئىسمىنى ئەسلى «قۇرئان» ئاتالغۇسى بويىچە زۇلقەرنەين قىلىشىم ياكى يېڭى بىر ئىسىم قويۇشۇمنى ئەقىقىسىدە توۋلانغان ھازىرقى ئىسكەندەر ئىسمىدا يۈرۈۋېرىشىدىن ئەۋزەل دەپ قارامسىز؟ بىر يول كۆرسەتىسڭىز ئۇستاز، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! بېشىم ھەقىقەتەن بەك قاتتى.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! «كەهف» سۈرىسىدىكى زۇلقەرنەيننىڭ دۇنيانى ئادىللىق بىلەن سورىغان سالىھ پادىشاھ ئىكەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، ئىسمى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. بۇ سەۋەبتىن، ھېلىقىدەك مۇنازىرىلىك تالاش – تارتىشلار بار. قەتادە: «زۇلقەرنەيننىڭ ئىسمى ئىسكەندەر ئىدى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ئىدى» دېگەن. بۇنى ئىبنى كەسىر «بىدايە ۋە نىھايە» دېگەن تارىخ كىتابى 1/493 – بەتتە رىۋايەت قىلغان. لېكىن، ماكادونىيەلىك ئىسكەندەر بولسا زۇلقەرنەيندىن 300 يىلغا يېقىن كېيىن كەلگەن كاپىر بولۇپ، ئۇ ئىسكەندىرىيە شەھىرىنى بىنا قىلدۇرغان، پەيلاسوپ ئارىستوتېلنى ۋەزىر قىلغان دەپ قارىلىدىكەن. قانداقلا بولمىسۇن، «ئىسكەندەر» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى قوغدىغۇچى، قەھرىمان دېگەندەك مەنىدە ئىمىش. مېنىڭچە، باشقا نۇرغۇن كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدىغان ئىسىملار بولغاچقا، يەنە تېخى يېڭى ئەقىقە قىلغان، نوپۇس ئىشلىرىدا ئاۋارىچىلىق كۆپ بولمايدىغان بولغاچقا، قويغان ئىسىمنى ئۆزگەرتىۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئانچە ياخشى بولمىغان ئىسىملارنى ئۆزگەرتىۋەتكەن.

فامىلە قوللىنىشنىڭ دىنىي ئاساسى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىلىشىمچە، ئەھلى كىتابلاردا فامىلە قوللىنىش ئومۇميۈزلۈك قانات يايغان ئىش ئىكەن. ئەمما، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا فامىلە قوللىنىش يوقنىڭ ئورنىدا. سورايدىغىنىم: 1. فامىلە قوللىنىشنىڭ دىنىي ئاساسى نېمە؟ 2. مەھمۇد قەشقەرى، يۇسۇپ بالاساغۇنى، ئەلىشىر نەۋايى… قاتارلىق ئىسىملاردىكى «قەشقەرى»، «بالاساغۇنى»، «نەۋايى» دېگەن سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ فامىلىسى دېسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! دىنىمىزدا كىشى ئۆزىنى ئاتىسىدىن (ئاتىسى چوڭ بوۋىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) باشقا بىر كىشىگە پەرزەنت سۈپىتىدە مەنسۇپ قىلىۋېلىشى ھارام. بۇ بىر ئاساس. ئەگەر پەرزەنتى دېمەي لەقەم ياكى تۇغۇلغان يۇرتى ۋە ياكى ھۈنىرىگە مەنسۇپ قىلىنسا بۇنى نىسبەت دەيمىز. بۇ جائىز ھەم ياخشى ئادەت. «قەشقەرى»، «بالاساغۇنى» قاتارلىقلار يۇرتقا نىسبەت. «نەۋايى» تەخەللۇس بولسا كېرەك.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! «رەھىمە» دېگەن سۆزنىڭ مەنسى نېمە؟ بالىلارغا شۇنداق ئىسىم قويسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! «رەھىم – شەپقەتلىك» دېگەن مەنىدە. قويسىڭىز بولىدۇ.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، تۇغۇلغان ئوغۇل بالىغا دادىسىنىڭ ئىسمىنى قويسا بولارمۇ؟ «مەمەتجان» دېگەن ئىسىم دىندا چەكلىنەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! 1. بالىغا دادىسىنىڭ ئىسمىنى قويسا بولىدۇ. 2. «مەمەتجان» دېگەن ئىسىم چەكلەنمەيدۇ.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! «مۇسلىمە»، «مۇئمىنە»، «رەھىمە»، «قەدىيرە» دېگەندەك بۇ ئىسىملارنىڭ ھەممىسى «بەررە» دېگەن ئىسىمغا ئوخشاش ئۆزىنى پاكلاش مەنىسى چىقىدىغۇ؟ ئەمدى ئۇ ئىسىملارنىڭ ئىگىلىرىنىمۇ چوڭ بولغاندا شۇ سۈپەتكە لايىق بولامدۇ، بىز بۇنى بىلمەيمىز. شۇڭا، بۇ سۈپەتلەردىمۇ ئۆزىنى ئاقلاش مەنىسى بارمۇ نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئۆزىنى پاكلاش مەنىسى چىقسا ئۆزگەرتىۋەتكەن تۈزۈك. شۇ مەنە چىقامدۇ، چىقمامدۇ، بۇلارنى بېكىتىش لازىم. «مۇئمىنە» دېگەن ئىسىمدا پاكلاش مەنىسى بار، «مۇسلىمە» دېگەن ئىسىمدىن ئۇ مەنە چىقماسلىقى مۇمكىن. «ئەسلەمنا دەڭلار، ئامەننا دېمەڭلار» دېگەن ئايەت شۇنى كۆرسەتسە كېرەك. «رەھىمە» بولسا «رەھىم – شەپقەتلىك» دېگەن مەنىدە، قويسىڭىز بولىدۇ. «قەدىيرە» دېگەن ئىسىم «قۇدرەتلىك» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇنى قويۇش چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىسىملاردىن بەندىگە لايىق مەنە مەقسەت قىلىنىدۇ.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! 1. تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئىسمىنى قىز تەرەپنىڭ تاللىشى بىلەن قويامدۇق (ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇققانلىقى ئۈچۈن)؟ 2. ئەقىقىسىنى قىلغاندا يۇرتىمىزدا ئوغۇل بالىغا ئىككى قوي، قىز بالىغا بىر قوي قىلىمىز. قوينى سۆڭىكى ئايرىلغۇچە پىشۇرىمىز، قوينىڭ سۆڭىكىگە پالتا دېگەندەك نەرسىلەر تەگسە بولمايدۇ. قوينىڭ سۆڭىكىنى قەبرىستانلىققا كۆمىمىز دەيدۇ. بۇ گەپلەرنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئىسىمنى ئاتىسى تاللايدۇ. ئۆزئارا كېڭىشىپ تاللىسىمۇ بولىدۇ. ئەقىقىسىنى قىلغاندا قىز بالىغا بىر، ئوغۇلغا ئىككى قوي قىلىشى سۈننەت. سۆڭىكىنى چاقماي پىشۇرۇشنى بەزى ساھابىلار مۇستەھەپ دېگەن. سۆڭىكىنى قەبرىستانلىققا كۆمۈشنىڭ ئاساسى يوق بولۇپ، ئەقىقە مالنىڭ سۆڭىكى باشقا سۆڭەكلەرگە ئوخشاش. شۇڭا، ئۇنى كۆمۈش كېرەك ئەمەس، بەلكى باشقا سۆڭەكلەرگە ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىمىز. ئەقىقە مالنىڭ سۆڭىكىنى سۇغا تاشلىۋېتىش لازىم دېگەن گەپنىڭمۇ ئاساسى يوق.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! «ئايقىز»، «ئايگۇل» دېگەندەك ئۇيغۇر تىلىدا مەنىسى بار، ئەرەب تىلىدا مەنىسى يوق ئىسىملارنى ئۆزگەرتىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى تۇرۇۋەرسە بولامدۇ؟ ئاخىرەتتە سوئال – سوراق قىلىنىدىغان ۋاقىتتا ئىسمىنى دەپ بېرەلمەيدۇ دەپ ئاڭلاپ قالغان ئىدىم. 3. مېنىڭ تەرىتىم پەقەت تۇرمايدۇ، ھەر نامازغا بىر تاھارەت ئالىمەن. مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ئىسسىق سۇ يوق، سوغۇق سۇدا ئالىمەن. ھازىر پۇت – قولۇمنىڭ بوغۇملىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، لېكىن بەك ئېغىر ئەمەس. تاھارەت ئالغاندا پۇتۇمغا مەسىھ قىلاي دېسەم، ھازىر ياز بولغاندىكىن پايپىقىم قېلىن ئەمەس. مەسىھ قىلماي يۇياي دېسەم، سوغۇق سۇ شۇنداق زىيان قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپنىڭ ھاجەتخانىسىدا پۇت يۇيۇش بەك قولايسىز. قانداق قىلسام بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! «ئايقىز»، «ئايگۇل» دېگەندەك ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش كېرەك ئەمەس. ئاخىرەتتە دەپ بېرىدۇ، ئىنشائاللاھ.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «راھىلە»، «ھاجىگۈل»، «ماھىرە» دېگەن بۇ ئۈچ ئىسىم ئىسلامىي ئىسىممۇ؟ مەنىسىنى بىلىۋالغان بولسام.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئىسلامغا زىت ئىسىملار ئەمەس. «راھىلە» سەپەر قىلغۇچى خېنىم، «ھاجىگۈل» ھەج قىلغان گۈل خېنىم، «ماھىرە» ئۇستا، ماھىر خېنىم دېگەن بولىدۇ.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن «ئۆلۈم پەرىشتىسىنى ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام دەپ ئاتىسا بولمايدۇ، مەلىكۇل مەۋت دېيىلىدۇ» دەپ ئاڭلىغان، شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە «ئەزرائىل» دېگەن ئاتالغۇ قانداق پەيدا بولغان؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! شۇنداق. «ئەزرائىل» دېگەن سۆز ئەھلى كىتابتىن كىرگەن.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! «شەرىگۈل» (شەھرىگۈل ئەمەس) دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئىسلامىي ئىسىممۇ؟ ھۆرمەتلىك ئۇستاز، سوئالىمنى ئاددىي كۆرمەي، ماڭا بىلدۈرۈپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! «شەرىگۈل» دېگەن ئىسىمنىڭ ئەسلى شەھرىگۈل، مەنىسى «گۈلىستان» ياكى «گۈل شەھىرى» بولۇشى مۇمكىن، ئېنىق بىلمىدىم.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! «ھېكمەتۇللاھ»، «رەھمەتۇللاھ» دېگەن ئىسىملارنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇ ئىسىملارنى قويسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! «ھېكمەتۇللاھ» دېگەن ئىسىم «ئاللاھنىڭ ھېكمىتى» دېگەن مەنىدە. «رەھمۇتۇللاھ» بولسا «ئاللاھنىڭ رەھمىتى» دېگەن مەنىدە. ھەر ئىككىسى قويسا بولىدىغان ئىسىملار. چۈنكى، ئۇ ئىسىم ئىگىلىرى ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ۋە رەھمىتىنىڭ بىر قىسمى.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى بىۋاستە قويۇۋالسا بولامدۇ؟ مەسىلەن، «ئابدۇراھمان» دېمەي، «راھمان» دېگەنگە ئوخشاش. ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلغاي!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرى ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. بىرىنچى تۈرى پەقەت ياراتقۇچى زاتقىلا خاس. مەسىلەن، «راھمان»، «خالىق»، «قاههار». شۇڭا، بۇنداق ئىسىملارنى قويۇشقا بولمايدۇ. «ئابدۇراھمان»نى «راھمان» دەپ، «ئابدۇقاھار»نى «قاھار» دەپ، «ئابدۇسەمەد»نى «سەمەد» دەپ قىسقارتىشقا بولمايدۇ. ئىككىنچى تۈرى ھەم ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ھەم مەخلۇقلارنىڭ سۈپىتى. مەسىلەن، «رەھىم».

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! «زەبىيۇللا»، «زەبىھۇللا» دېگەن بۇ ئىسىمنىڭ قايسىسىنىڭ ئاتىلىشى توغرا؟ مەنىلىرى نېمە؟ قوللىنىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! «زەبىيھۇللاھ» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «ئاللاھ ئۈچۈن بوغۇزلانغان» دېگەن مەنىدە. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام شۇنداق ئاتىلىدۇ. بولسا باشقا ئىسىم تاللىغان ياخشى.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! «نەبى»، «رەسۇل»، «شەھىدە» دېگەن ئىسىملارنى قوللىنىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! «نەبى»، «رەسۇل»، دېگەن ئىسىملارنى قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىسىملار «پەيغەمبەر» دېگەننى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، «شەھىدە» دېگەن ئىسىم بولسا، «گۇۋاھچى» دېگەن مەنىسىمۇ بولغاچقا، ئۇنى قويۇشتا چەكلىمە يوق. «ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغۇچى» دېگەن مەنىدە بولسىمۇ بۇ بىر ئۈمىدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسىم بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ مەسىلە يوق.

One thought on “ئەقىقە ئەھكاملىرى(4)”

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز