ئەقىقە ئەھكاملىرى(1)

(سوئال – جاۋابلار)

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇت – سالاملار پۈتۈن جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن زاتقا، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە، شۇنداقلا ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغانلارغا بولغاي!

ئەقىقە ھەربىر ئائىلە ئىگىسى پەرزەنت يۈزى كۆرگەندە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن قىلىدىغان سۈننەت پائالىيەتلەردىندۇر. بىز ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ماقالىمىزدا ئەقىقىنىڭ ئەھكاملىرى ھەققىدە ئىخچام قىلىپ، بىر – بىرلەپ توختىلىپ ئۆتىمىز. ئالىملار ئارىسىدا قاراش ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدا، دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈكرەك بولغان قاراشقا ئاساسلىنىپ ماڭىمىز.

ئەقىقە دېگەن نېمە؟

ئەقىقە پەرزەنت تۇغۇلۇپ، يەتتىنچى كۈنى بوغۇزلىنىدىغان قۇربانلىقتىن ئىبارەت.

ئەقىقىنىڭ شەرئى ھۆكمى نېمە؟

ئەقىقە قىلىش جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ بار بولۇپ، ئىسلام كەلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق يولغا قويۇلغان. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، شۇنداقلا كۈچلۈك قاراشتا ئەقىقىنىڭ ھۆكمى سۈننەتتۇر. پەرز دەپ قارىغان، «سۈننەتلىكى مەنسۇخ(ئەمەلدىن قالغان) بولۇپ كەتكەن، قىلسا ئىختىيارى» دېگەن ئالىملارمۇ بولغان([1]).

پەرزلىكى قۇربانلىقنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئەمەلدىن قالغان بولسىمۇ، سۈننەت ۋە مۇستەھەپلىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدىن تارتىپ كېيىنكى دەۋرلەرگىچە مۇقىم داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە كەلگەن نۇرغۇن ھەدىسلەر بۇنى تەكىتلەيدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئوغۇل بالا تۇغۇلۇشى بىلەن بىللە ئەقىقە قىلىپ قان قىلىدىغان ئىش بار. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۈچۈن قان قىلىۋېتىڭلار، ئۇنىڭدىن مەينەتلىكنى تازىلىۋېتىڭلار»([2]).

بۇ ھەدىستە ئوغۇل بالا دېگەن بولسىمۇ، باشقا ھەدىسلەردە ئوغۇل بالىغا ئىككى، قىز بالىغا بىر قوي كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بەزى ھەدىسلەردە «يېڭى تۇغۇلغان ھەرقانداق بوۋاق» دەپ كەلگەن. شۇڭا، ئەقىقە قىز بولسۇن، ئوغۇل بولسۇن، ھەممىسىگە قىلىنىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمنىڭ پەرزەنتى تۇغۇلسا ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشنى خالىسا، ئوغۇل بالا ئۈچۈن تەڭتۇش ئىككى تۇياق، قىز بالا ئۈچۈن بىر تۇياق قوي قۇربانلىق قىلسۇن»([3]).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «يېڭى تۇغۇلغان ھەرقانداق ئوغۇل بالا (قىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش) ئۆز ئەقىقىسى ئۈچۈن گۆرۈگە قويۇلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتتىنچى كۈنى مال سويۇلۇپ، چېچى چۈشۈرۈلۈپ، ئىسمى قويۇلىدۇ»([4]).

بۇ ھەدىسنىڭ بىر ئىشنىڭ ئەقىقە قىلىنىشقا قاراشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق. لېكىن، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاشتا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. ئۇلارنىڭ تەھلىللىرىنى مۇنداق ئىخچاملاش مۇمكىن:

1. بالا كىچىكلا تۈگەپ كېتىپ قالغان تەقدىردە، ئاخىرەتتە ئاتا – ئانىسىغا شاپائەت قىلالىشى ئەقىقىسىنىڭ قىلىنىشىغا باغلىق. بۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى.

2. بوۋاقنىڭ سالامەت ئۆسۈپ – يېتىلىشى ئەقىقىسىنىڭ قىلىنىشىغا باغلىق.

3. بوۋاق تۇغۇلغاندا نوقۇپ يىغلىتىدىغان ۋە دۈشمەنلىك قىلىشقا تىرىشىدىغان شەيتاننىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇشى ئەقىقىسىنىڭ قىلىنىشىغا باغلىق. بۇ ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشى.

4. ئىسمىنى قويۇش ۋە چېچىنى چۈشۈرۈش ئەقىقىسىنى قىلىشقا باغلىق([5]).

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن ئاتامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ›جاھىلىيەت دەۋرىدە بىرەرسىمىزنىڭ بالىسى تۇغۇلسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قوي سويۇپ، ئۇنىڭ قېنىنى بالىنىڭ بېشىغا سۈرۈپ قوياتتۇق. ئىسلام دىنى كەلگەندىن كېيىن، بىر قوي سويۇپ، بالىنىڭ چېچىنى چۈشۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭ بېشىغا زەپەر سۈرۈپ قويىدىغان بولدۇق‹»([6]).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ئوغۇل بالا ئۈچۈن تەڭتۇش ئىككى تۇياق، قىز بالا ئۈچۈن بىر تۇياق قوي قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇغان([7]).

رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىمۇ نەۋرىلىرىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن قوچقار ئەقىقە قىلغان».([8]) يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىككىدىن قوچقار ئەقىقە قىلغان» دەپ كەلگەن([9]).

ئەقىقە ھەققىدە ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن كەلگەن كۆرسەتمە ۋە ئىش – ئىزلارمۇ كۆپ بولۇپ، بۇ بىزگە ئەقىقىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئەقىقە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغاننىڭ ئورنىغا پۇلىنى سەدىقە قىلسا بولامدۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، پۇل سەدىقە قىلىش ئەقىقىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئەقىقە ئادا بولمايدۇ. چۈنكى، ئەقىقىدىن مەقسەت قىلىنغىنى بوغۇزلاش ئارقىلىق ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىش بولۇپ، مۇشۇ قاراش كۈچلۈكتۇر. بۇنداق دېيىشىمىزنىڭ ئاساسى شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى نەۋرىسى ئۈچۈن ئەقىقە قىلغان ھەم مۇسۇلمانلارنى پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئەقىقە قىلىشقا بۇيرۇغان. ناۋادا ئەقىقە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغاننىڭ ئورنىغا پۇلىنى سەدىقە قىلسا بولىدىغان بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلۋەتتە ئەقىقىنىڭ ئورنىغا سەدىقە بەرگەن بولاتتى. مانا بۇ سەدىقىنىڭ ئەقىقىنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقىقە ئۈچۈن قان قىلىش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ئەھيا قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەقىقىنىڭ ئورنىغا پۇل سەدىقە قىلىش بولسا بۇ سۈننەتنىڭ تاشلىنىپ قېلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەقىقىنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلسا، ئەقىقە قىلغان بولماي ئادەتتىكىدەك سەدىقە قىلغان بولىدۇ.

ئەقىقە قىلىشقا كىملەر بۇيرۇلغان؟

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، پەرزەنتى ئۈچۈن ئەقىقە قىلىشقا بۇيرۇلغان كىشى شۇ پەرزەنتنىڭ ئاتىسىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمنىڭ پەرزەنتى تۇغۇلسا ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشنى خالىسا، ئوغۇل بالا ئۈچۈن تەڭتۇش ئىككى تۇياق، قىز بالا ئۈچۈن بىر تۇياق قوي قۇربانلىق قىلسۇن»([10]).

ئاتىسى بولمىغان ئەھۋالدا ياكى ئەقىقە قىلغۇدەك ئىقتىسادى بولمىسا، بالىنىڭ چىقىمىنى قىلىپ بېرىدىغان چوڭ دادا، ئانا ۋە چوڭ ئانا ئەقىقىسىنى قىلىپ بېرىدۇ. چۈنكى، ئەقىقىمۇ شۇ بالىنىڭ چىقىمى دائىرىسىگە كىرىدۇ. ھەدىس «دادىسى» دەپ بېكىتمەي ئومۇمىي ھالەتتە كەلگەن بولغاچقا، ئاتا – ئانا، چوڭ دادا ۋە چوڭ ئانىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرىقىلارمۇ بولمىسا، بوۋاققا ئىگە بولۇپ، چىقىمىنى قىلىپ بېرىدىغان كىشى ئەقىقە قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلار ئەقىقىنى ئۆز مال – مۈلكىدىن قىلىدۇ. بوۋاققا تەۋە مال – مۈلۈكتىن قىلسا بولمايدۇ. زىنادىن بولغان بالىنىڭ ئەقىقىسىنى ئانىسى قىلىپ بېرىدۇ.

يېتىم (يەنى دادىسى يوق) بالا بولغان تەقدىردە، ئاكىسى ياكى تاغىسى ئەقىقە قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇلمايدۇ، بەلكى ئانىسى قىلىپ بېرىدۇ. ئاتىسى بار تۇرۇپ ئەقىقە قىلغىلى ئۇنىمىسا ياكى قىلغۇدەك ئىقتىسادى بولمىسا ۋە ياكى يىراقتا بولغانلىقتىن ئالاقىلىشالمىسا، ئانىسى قىلىپ قويسا بولىدۇ. ئاتىسى بار ۋە قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق، چوڭ دادىسى ياكى چوڭ ئانىسى ۋە ياكى ئانىسى قىلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىشى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر بولسا، يا رەسۇلۇللاھ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئەقىقە قىلىشقا بۇيرۇغان، يا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدا پۇل – مال بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا ئەقىقە قىلىدىغان قۇربانلىقنى بەرگەن، يا ئۇنىڭ ئورنىدا قىلىپ قويغان دەپ ئىزاھلانغان([11]).

ئاتىنىڭ ئەقىقە قىلغۇدەك ئىقتىسادى بولمىسا، ئەقىقە قىلىش ئۈچۈن قەرز ئېلىشى كېرەكمۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، ئەقىقە سۈننەت ئىش بولغاچقا، ئاتىسىنىڭ قول ئىلكىدە ئەقىقە قىلغۇدەك ئىقتىساد بولمىسا، ئۇنىڭ قەرز ئېلىپ قىلىشى كېرەك ئەمەس. بۇلارنىڭ قارىشىدا، ئاتا يوقسۇل بولسا، ئۇنىڭغا ئەقىقە قىلىش تەكلىپى بېرىلمەيدۇ.

پەقەت ئىمام ئەھمەدلا مۇنداق دېگەن: «ئاتىنىڭ ئەقىقە قىلغۇدەك ئىقتىسادى بولمىسا، قەرز ئېلىپ ئەقىقە قىلسا، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قەرزىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدىغان بەرىكەت ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ئۇ بىر سۈننەتنى ئەھيا قىلغان»([12]).

دېمەك، قەرز ئېلىش كېرەك ئەمەس. شۇڭا، ئەھۋالىغا قاراپ، ئەگەر قەرزنى قايتۇرالايدىغان بولسا قەرز ئېلىپ ئەقىقە قىلسا ئۆزىنىڭ ئىختىيارى([13]).

ئۆلۈپ كەتكەن پەرزەنتنىڭ ئەقىقىسى قىلىنامدۇ؟

جان كىرگۈزۈلۈش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ بولغان، ئەمما ئۆلۈك تۇغۇلغان ياكى ساق تۇغۇلۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ قالغان بوۋاقنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىش مەسىلىسىدە ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان. كۈچلۈكرەك قاراش شۇكى، ئۇنىڭ ئەقىقىسى قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭغا جان كىرگەن، قىيامەت كۈنى تىرىلىپ قوپىدۇ ۋە ئاتا – ئانىسىغا شاپائەت قىلىدۇ. ھەدىسلەردە ئەقىقىنىڭ سەۋەبىنى «تۇغۇلۇش» دەپ كۆرسەتكەن، ھايات قېلىشىنى شەرت قىلمىغان.

يەنە بىر قاراش شۇكى، پەرزەنت تۇغۇلۇپ ئەقىقىسى قىلىنىپ بولغۇچە ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ئەقىقىسى قىلىنمايدۇ. چۈنكى، ئەقىقە پەرزەنت تۇغۇلۇشتىن پەيدا بولغان خۇشاللىق ئۈچۈن ھەم شۇ نېمەتكە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن يولغا قويۇلغان پائالىيەتتۇر. شۇڭا، پەرزەنت تۇغۇلۇپ ئەقىقىسى قىلىنىپ بولغۇچە ئۆلۈپ كەتسە، ئەقىقىنىڭ يولغا قويۇلۇش سەۋەبى يوقالغان بولىدۇ.

يەتتىنچى كۈندىن كېيىن ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئەگەر ئەقىقە قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق قىلمىغان بولسا، كۈچلۈكرەك قاراشتا، بەزى ئالىملار: «ئەقىقىسىنى قىلىشى مۇستەھەپ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىن ئەقىقىسىنى قىلىش ساقىت بولىدۇ» دەيدۇ([14]).

كېچىكلىكىدە ئەقىقىسى قىلىنماي قالغانلار چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلامدۇ؟

ئالىملار بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراشتا. «چوڭ بولغاندا ئەقىقىسىنى قىلىدۇ» دەپ قارىغانلار ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەرلىك كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلغان» دېگەن بەيھەقىي، ئىبنى ھەزم ۋە تابارانىي قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە تايىنىپ: «كىچىكلىكىدە ئەقىقىسى قىلىنماي قالغانلار چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلسا بولىدۇ» دېگەن. باشقىلار بۇ ھەدىسنى ئاجىز ياكى سەھىھ ئەمەس دەپ قاراپ: «چوڭ بولغاندا ئەقىقىسىنى قىلمايدۇ» دېگەن([15]).

بۇ ھەدىسنى دەلىل بولۇشقا يارىمايدۇ دەپ قارىغاندىمۇ، باشقا دەلىللەر چوڭ بولغاندا ئەقىقىسىنى قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، پەرزەنت كىچىك چېغىدا ئەقىقىسىنى قىلالمايدىغان بولغاچقا، ئاتىسى قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاتىسى قىلمىغان ۋە پەرزەنت چوڭ بولۇپ مال – مۈلكى بار بولغان بولسا، ئەقىقىسىنى ئۆزى قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشتۇر.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەقىقىسى قىلىنمىغانلارنىڭمۇ چوڭ بولغاندا ئەقىقىسىنى قىلىۋېتىشى مۇستەھەپ، دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ، شەيخ ئالبانى يۇقىرىقى ھەدىس ھەققىدە ئۇزۇن ۋاقىت تەتقىق قىلىپ ئىزدەنگەندىن كېيىن «سەھىھ» دەپ باھالىغان([16]).

ئىبنى سىيرىن مۇنداق دېگەن: «ناۋادا مەن ئۆزۈمنىڭ ئەقىقىسىنىڭ قىلىنمىغانلىقىنى بىلسەم، ئەلۋەتتە، ئۆزۈم ئۈچۈن ئەقىقە قىلغان بولاتتىم».([17]) ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ ئەقىقەڭ قىلىنمىغان بولسا، چوڭ بولۇپ بولغان بولساڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىۋەتكىن»([18]).

ئىمام ئەھمەد رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان يۇقىرىقى ھەدىسنى ئاجىز دەپ قارىغان بولسىمۇ، كېچىكلىكىدە ئەقىقىسى قىلىنماي قالغانلار چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلسا ياخشى، دەپ قارىغان. يەنە: «ئاتىسى يوقسۇل بولغاچقا، پەرزەنتىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلالماي، كېيىن بالىسى چوڭ بولغاندا پۇل تاپقان بولسا، قانداق قىلىدۇ؟» دەپ سورالغاندا: «بىلمەيمەن، چوڭ بولغاندا ئەقىقىسىنى قىلىش توغرىسىدا بىرەر ھەدىس ئاڭلىمىدىم» دېگەن، ئاندىن يەنە: «ئۇنداق قىلسا ياخشى بولىدۇ، بەزى ئالىملار ئەقىقە قىلىشنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ» دېگەن([19]).

بىر قېتىمدا قوشكېزەك ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بالا تۇغۇلۇپ قالسا، ھەر بىرىگە ئايرىم – ئايرىم ئەقىقە قىلىنامدۇ؟

قوشكېزەكنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم ئەقىقە قىلىدۇ. ھەرئىككىسى ئۈچۈن بىر قوي ئەقىقە قىلسا، ئەقىقە ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ. قايسىبىرىگە ئاتىسا، ئاتىغىنىغا ھېساب بولىدۇ.([20]) بىر ئوغۇل بالا ئۈچۈن تەڭتۇش ئىككى تۇياق، بىر قىز بالا ئۈچۈن بىر تۇياق قوي قۇربانلىق قىلىنىدۇ. ھەممىنى بىراقلا قىلالمىغان ئەھۋالدا، ئىمكانىيىتى يار بەرگەندە قىلسا ياكى ئوغۇل ئۈچۈن ئىككىنىڭ ئورنىغا بىرنى قىلىپ كۇپايىلەنسىمۇ بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر ئىمام لەيسنىڭ: «قوشكېزەك تۇغۇلسا، ھەر بىرىگە ئايرىم – ئايرىم ئەقىقە قىلىش مۇستەھەپ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى نەقل قىلىپ: «ئالىملاردىن بىرەرسىنىڭ بۇنىڭدىن باشقىچە قاراشتا بولغانلىقىنى بىلمەيمەن» دېگەن([21]).

قوشكېزەك ئاكا – ئۇكا بولسا، ئۇلار ئۈچۈن تۆت قوچقار قىلسا ئەڭ مۇكەممەل بولىدۇ. پەقەت ئىككى قوچقارغىلا ئىمكانىيىتى يار بەرسە، ھەربىر ئوغۇل ئۈچۈن بىردىن ئەقىقە قىلىپ، كېيىنچە، ئىمكانىيىتى بولغاندا ھەربىرى ئۈچۈن ئىككىنچى قوينى تولۇقلىۋەتسە بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئوغۇل بالا تۇغۇلۇشى بىلەن بىللە ئەقىقە قىلىپ قان قىلىدىغان ئىش بار. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۈچۈن قان قىلىۋېتىڭلار، ئۇنىڭدىن مەينەتلىكنى تازىلىۋېتىڭلار»([22]).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ئوغۇل بالا ئۈچۈن تەڭتۇش ئىككى تۇياق، قىز بالا ئۈچۈن بىر تۇياق قوي قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇغان([23]).

رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىمۇ نەۋرىلىرىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن قوچقار ئەقىقە قىلغان.([24]) يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئىككىدىن قوچقار ئەقىقە قىلغان» دەپ كەلگەن([25]).

ئەقىقىگە قان قىلىنىدىغان مالنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، ئەقىقىگە قان قىلىنىدىغان مالدا ئادەتتىكى قۇربانلىق مالدىكى مۇنداق شەرتلەر تېپىلىشى لازىم:

1. تۆگە، كالا ۋە قوي قاتارلىق چارۋا ماللاردىن بولۇشى شەرت. ئۆچكە، قوتاز ۋە سۇ كالىسى قاتارلىقلارمۇ بۇ ئۈچ تۈرنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.

2. ئەقىقىگە قان قىلىنىدىغان مال شەرىئەت بەلگىلىگەن ياشقا توشقان بولۇشى شەرت. بۇ ماللارغا شەرتى قۇربانلىق مال ئۈچۈن شەرت قىلىنغان ياش شەرت قىلىنىدىغان بولۇپ، قۇربانلىققا يارىمايدىغان كىچىك مال ئەقىقىگە يارىمايدۇ.

3. ئەقىقىگە قان قىلىنىدىغان مالنىڭ ئەيىب – نۇقساندىن خالىي بولۇشى شەرت. بۇنىڭغا ئاساسەن، قارىغۇ، كېسەل، توكۇر، قۇلىقى ياكى مۈڭگۈزى كېسىۋېتىلگەن ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئەيىبلىك ماللار ئەقىقىگە يارىمايدۇ.

ئوغۇل بالىنىڭ ئەقىقىسى ئۈچۈن قانچە قوي قان قىلىنىدۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملار ئوغۇل بالىغا ئىككى قوي، قىز بالىغا بىر قوي ئەقىقە قىلىش مۇستەھەپ، ئوغۇلغا نىسبەتەن بىر قوي بىلەن سۈننەت ئادا بولىدۇ، ئىككى قوي بىلەن مۇكەممەل ئادا بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ قاراش دەلىل جەھەتتىنمۇ كۈچلۈك. ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمنىڭ پەرزەنتى تۇغۇلسا ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشنى خالىسا، ئوغۇل بالا ئۈچۈن تەڭتۇش ئىككى تۇياق، قىز بالا ئۈچۈن بىر تۇياق قوي قۇربانلىق قىلسۇن»([26]).

يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ئوغۇل بالا ئۈچۈن تەڭتۇش ئىككى تۇياق، قىز بالا ئۈچۈن بىر تۇياق قوي قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇغان([27]).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئوغۇل بالا تۇغۇلۇشى بىلەن بىللە ئەقىقە قىلىپ قان قىلىدىغان ئىش بار. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۈچۈن قان قىلىۋېتىڭلار، ئۇنىڭدىن مەينەتلىكنى تازىلىۋېتىڭلار»([28]).

ئەقىقە ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىقتا بىرقانچە كىشى شېرىكلەشسە بولامدۇ؟

بىر ئەقىقە ئۈچۈن بىر كالا ياكى بىر تۆگە قىلسا ئەلۋەتتە بولىدۇ. لېكىن، بىر نەچچە ئەقىقە ئۈچۈن بىر كالا ياكى بىر تۆگىگە شېرىكلىشىش مەسىلىسىگە كەلسەك، كۈچلۈك قاراشتا بىرقانچە كىشى ئەقىقە ئۈچۈن بىر كالىغا ياكى بىر تۆگىگە شېرىكلەشسە بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىر قوي قان قىلىشىنىڭ ئورنىغا شۇ قۇربانلىقنىڭ يەتتىدىن بىرى ھېساب بولىدۇ. چۈنكى، ئەقىقە ھېيتتىكى قۇربانلىق مال بىلەن ھەرەمگە ھەدىيە قىلىۋەتكەن مالغا ئوخشاش بولۇپ، بۇلاردىن بولغان مەقسەت بىر، ئۇ بولسىمۇ بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى كۆزلەش. قۇربانلىق مال بىلەن ھەرەمگە ھەدىيە قىلىۋەتكەن مال يەتتە كىشىگە يېتەرلىك بولغان ئىكەن، ئەقىقىمۇ قىياس جەھەتتىن يەتتە قوي ئورنىدا تۇرىدۇ.

يەنە بىر قاراشتا، ئەقىقەدە شېرىكلەشسە بولمايدۇ، چوقۇم ئايرىم قۇربانلىق قىلىشى كېرەك، دېيىلگەن.

قۇربانلىق بىلەن ئەقىقە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، قۇربانلىق قىلسا بۇ ئەقىقىگىمۇ ھېساب بولامدۇ؟

ھەر ئىككىسىگە قۇربى يەتسە، ئەلۋەتتە، ھەر ئىككىسىنى قىلغىنى ئەۋزەل. بىرىنىلا قىلماقچى بولسا، بۇ ئەھۋالدا ھەر ئىككىسىنى نىيەت قىلىپ قۇربانلىق قىلسا، خۇددى مەسجىدكە كىرىپلا پەرزگە ئاران ئۈلگۈرگەن كىشىگە نىسبەتەن پەرز ناماز «تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى»غىمۇ ھېساب بولغىنىدەك، «تەمەتتۇ» ياكى «قىران» ھەج قىلغان كىشى قۇربان ھېيت كۈنى بىر قوي بوغۇزلىسا، ھەج قۇربانلىقىغىمۇ، ھېيت قۇربانلىقىغىمۇ ھېساب بولغاندەك، بۇ قۇربانلىقمۇ ھەم قۇربانلىققا، ھەم ئەقىقىگە ھېساب بولىدۇ، يەنى، ئىككى قان ئۆزئارا بېرىكىپ كېتىدۇ. بۇ بەزى تابىئىنلار بىلەن ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ قارىشى، شۇنداقلا ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن بىر قاراشتۇر. سەلەفلەردىن ھەسەن بەسرى، ئىبنى سىيرىن، قەتادە ۋە ھىشام قاتارلىقلار: «قۇربانلىق قىلىنسا ئەقىقىگىمۇ ھېساب بولىدۇ» دېگەن ([29]).

بۇ قاراشقا ئاساسەن، ھېيت كۈنى بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ يەتتىنچى كۈنىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، قۇربانلىق قىلىپ ئەقىقىنىمۇ نىيەت قىلسا، ھەر ئىككىسىگە ھېساب بولىدۇ. بۇ خۇددى ھېيت كۈنى جۈمە كۈنىدە كېلىپ قالسا، ئىككىسىگە بىر غۇسلى قىلسا كۇپايە بولغىنىدەك بىر ئىش.

ئىككىنىڭ بىرىنى نىيەت قىلاي دېسە، قۇربانلىق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ، ئەقىقە بولسا سۈننەت. ئەگەر قۇربانلىق قىلىش ۋاقتى بىلەن ئەقىقە قىلىش ۋاقتى ئىلگىرى – كېيىن كەلسە، بۇرۇن كەلگىنىنى نىيەت قىلىدۇ.

ئەقىقە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشتا چارۋا ماللاردىن قايسىسى ئەۋزەل؟

كۈچلۈك قاراشتا ئەقىقە ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى تۆگە، ئۇندىن قالسا كالا، ئۇندىن قالسا قوي، ئۇندىن قالسا ئۆچكە. يەنە بىر قاراشتا ئەقىقە ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى قوي، ئاندىن تۆگە، ئۇندىن قالسا كالا. يەنە بىر قاراشتا قويدىن باشقا مالنى ئەقىقە قىلىشقا بولمايدۇ([30]).

ئەلۋەتتە، قۇربانلىقتىكىگە ئوخشاش ساغلىقنى ئەقىقە قىلسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، بۇ ماللارنىڭ ئەركىكى چىشىسىدىن، سېمىزى ئورۇقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئۆچكىدىن قوي، ساغلىقتىن قوچقار ئەۋزەل. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ھەزرىتى ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ئەقىقىسىگە قوچقار تاللىغان. قانچە ساغلام ۋە سېمىز بولسا شۇنچە ياخشى.

ئوغۇل ئۈچۈن ئىككى قوي ئەقىقە قىلماقچى بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەندەك ئىككىسى تەڭ – باراۋەر كېلىدىغان بولۇشى ياكى چوڭ – كىچىكلىكتە، ياشتا، ساغلاملىقتا، ئورۇق – سېمىزلىكتە يېقىن كېلىدىغان بولۇشى ئەۋزەل. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ئوغۇل بالا ئۈچۈن تەڭتۇش ئىككى تۇياق، قىز بالا ئۈچۈن بىر تۇياق قوي قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇغان ([31]).

ئەقىقىنى پەرزەنت تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن قىلىۋەتسە بولامدۇ؟

بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، ئەقىقىنى پەرزەنت تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن قىلىۋالسا، بۇ ئەقىقىگە ھېساب بولماي، گۆش ئۈچۈن مال سويۇش بولغان بولىدۇ([32]).

ئەقىقىنى يەتتىنچى كۈنى قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، ئەقىقىنى يەتتىنچى كۈنى قىلىش مۇستەھەپتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «يېڭى تۇغۇلغان ھەرقانداق ئوغۇل بالا (قىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش) ئۆز ئەقىقىسى ئۈچۈن گۆرۈگە قويۇلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتتىنچى كۈنى مال سويۇلۇپ، چېچى چۈشۈرۈلۈپ، ئىسمى قويۇلىدۇ»([33]).

ئەقىقىنىڭ يەتتىنچى كۈنىگە بېكىتىلىشىدىكى ھېكمەت ئۈستىدە ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھەپتە كۈنلىرى تولۇق بىر ئايلانغاندىن كېيىن ئاندىن ھايات مۇساپىسىدىن بىر باسقۇچنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ئىككىنچى باسقۇچ بولغان ئايغا، ئايلارنى تاماملىغاندىن كېيىن يىلغا قەدەم قويغان بولىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن كۈنلەر، ھەپتىلەر، ئايلار تەكرارلىنىدۇ. ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى بۇ بىر يىل تاماملىنىپ، يەتتىنچى كۈنى يېڭى يىل باشلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، يەتتىنچى كۈنىگە بېكىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن([34]).

پەرزەنت تۇغۇلغان كۈننىڭ يەتتىنچى كۈنى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، پەرزەنت كۈندۈزدە تۇغۇلغان بولسا، تۇغۇلغان كۈن يەتتە كۈننىڭ بىرىنچى كۈنى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، جۈمە كۈنى كۈندۈزدە كۈن پېتىپ بولغۇچە تۇغۇلغان بولسا، كېيىنكى پەيشەنبە كۈنى يەتتىنچى كۈنى بولىدۇ.

كۈن پاتقاندىن كېيىن تاڭ ئاتقۇچە بولغان ئارىلىقتا يەنى كېچىدە تۇغۇلغان بولسا، ئاشۇ كېچىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن كۈندۈز يەتتە كۈننىڭ بىرىنچى كۈنى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، جۈمە بىلەن شەنبە ئارىلىقىدىكى كېچىدە تۇغۇلغان بولسا، شەنبە كۈنى بىرىنچى كۈنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يەردە دىققەت قىلىش كېرەك بولغىنى شۇكى، ئەقىقە قىلغان كۈن مېھمان چاقىرغان كۈن بولماستىن، بەلكى مال بوغۇزلىغان كۈندۇر. چۈنكى، ئەقىقە دېگەن زىياپەت بېرىش بولماستىن، بەلكى قان قىلىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، قوينى شەنبە كۈنى بوغۇزلاپ، مېھماننى يەكشەنبە كۈنى چاقىرسا، شەنبە كۈنى ئەقىقە قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، يەتتىنچى كۈنى ئەقىقە قىلماقچى بولغان كىشى مالنى يەتتىنچى كۈنى بوغۇزلىشى لازىم.

ئەقىقىنى يەتتىنچى كۈنى كېلىپ بولغۇچە قىلسا بولامدۇ؟

كۈچلۈك قاراشتا، ئەقىقىنى يەتتىنچى كۈنى قىلىش سۈننەتتۇر. ھەدىستىمۇ «يەتتىنچى كۈنى بوغۇزلىنىدۇ» دەپ كەلگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ئەقىقىسىنى يەتتىنچى كۈنى قىلغان.

لېكىن، يەتتىنچى كۈنى قىلىش ۋاجىپ ئەمەس، مۇستەھەپ. شۇڭا، يەتتىنچى كۈنى يا سەپەر قىلىش، يا ئالدىراش بولۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولۇپ قالسا، ئەقىقىنى يەتتىنچى كۈنى كېلىپ بولغۇچە قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

ئەقىقىنى يەتتىنچى كۈنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن قىلسا بولامدۇ؟

بەزى ئالىملار يەتتىنچى كۈنى ئەقىقىگە بېكىتىلگەن، بۇ سەۋەبتىن، ئەقىقىنى يەتتىنچى كۈنىدىن كېيىن قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارىغان بولسىمۇ، كۈچلۈك قاراشتا، يەتتىنچى كۈنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەقىقىنى قايسى كۈندە قىلسا بولۇۋېرىدۇ. بەزى ئالىملار: «يەتتىنچى كۈنى ئۆتۈپ كەتسە، ئون تۆتىنچى كۈنى، ئۇمۇ ئۆتۈپ كەتسە، يىگىرمە بىرىنچى كۈنى قىلىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە سەھىھ ھەدىس يوق. قىياس جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ قۇربانلىقنىڭ قازاسىنى قىلىشقا ئوخشاشلا مەلۇم كۈنگە باغلىنىپ قالمايدۇ. ئەقىقە تۇغۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت بولغاچقا، يەتتىنچى كۈنىدىن بۇرۇن قىلسا بولغاندەك كېيىن قىلسىمۇ بولىدۇ، كېچىكتۈرۈش بىلەن گۇناھكار بولمايدۇ. بەزى ئالىملار قىرىق كۈندىن كېچىكتۈرۈۋەتمەسلىكنى، يەنە بەزىلەر بالاغەتكە يەتكۈچە كېچىكتۈرمەسلىكنى تاپىلايدۇ. مۇمكىنقەدەر يەتتىنچى كۈنى ياكى ئۇندىن كېيىن تېزرەك قىلىۋەتكىنى ئەۋزەل([35]).

ئەقىقىنى بوغۇزلايدىغان ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىت قايسى؟

ئالىملار ئاساسەن ئەقىقە قىلماقچى بولغان كۈندە كۈن چىققاندىن تاكى پاتقۇچە كۈندۈزنىڭ قايسى ۋاقتىدا مالنى بوغۇزلىسا بولۇۋېرىدۇ، دەپ قارىغان. بەزىلەر: «كېچىسى بوغۇزلىسىمۇ بولىدۇ» دېگەن.

ئەمما، ئەڭ ئەۋزەل، مۇستەھەپ ۋاقتىغا كەلسەك، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قۇربانلىق بىلەن ھەرەمگە ئاتىغان ھەدىيەگە ئوخشاش ئەتىگەن تەرەپ، يەنى چاشگاھ ۋاقتىدۇر([36]).

ئەقىقە مالنى بوغۇزلىغاندا ئوقۇيدىغان ياكى دەيدىغان مۇئەييەن دۇئا ياكى سۆز بارمۇ؟

ئەقىقە مالنى بوغۇزلىغاندا كۆڭلىدە «پالانى ئۈچۈن ئەقىقە» دەپ نىيەت قىلىش لازىم. ئاندىن مال بوغۇزلىغاندىكىدەك «بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندىن كېيىن بەزى ھەدىسلەردە كەلگەندەك: «اللَّهُمَّ هَذَا مِنْكَ وَلَكَ، هَذِهِ عَقِيقَةُ فُلَانِ» يەنى «ئى ئاللاھ! بۇ سەن ئۈچۈن، ساڭا قىلىنغان قۇربانلىقتۇر، بۇ پالانىنىڭ ئەقىقىسىدۇر»([37]) دېسە ياخشى. «بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندىن كېيىن بىر نەرسە دېمىسىمۇ توغرا بولۇۋېرىدۇ.

ئەقىقىگە بوغۇزلانغان مالنىڭ گۆشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ پىشۇرۇپ زىياپەت قىلامدۇ ياكى خام تارقىتامدۇ؟

ئەقىقىمۇ قۇربانلىققا ئوخشاش پائالىيەت بولغاچقا، ئەقىقىگە بوغۇزلانغان مالنىڭ گۆشىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ئۇسۇلى قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنى بىر تەرەپ قىلغاندەك ئۈچكە ئايرىپ، بىر ئۈلۈشنى ئۆزى يەپ، بىر ئۈلۈشنى باي – كەمبەغەل يېقىنلىرىغا ھەدىيە قىلىپ، يەنە بىر ئۈلۈشىنى سەدىقە قىلىشتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى نەۋرىسى ئۈچۈن ئەقىقە گۆشىنى پىشۇرۇپ زىياپەت ھازىرلىغانلىقى ياكى مېھمان چاقىرىپ غىزالاندۇرغانلىقى رىۋايەت قىلىنمىغان. ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا، بۇ چوقۇم رىۋايەت قىلىنماي قالمايتتى.

يەنە بىر جەھەتتىن، زىياپەتكە چاقىرىلغانلار گۆشنى يەيدىغانغا يا تەن سالامەتلىك، ياكى باشقا مەشغۇلات سەۋەبىدىن ئۇدۇل كەلمەي قېلىشى مۇمكىن. خام بېرىلسە، خالىغان چاغدا خالىغان تاماقنى ئېتىپ يېيەلەيدۇ. شۇڭا، گۆشنىڭ ئىككى ئۈلۈشىنى خام ھالىتىدە قولۇم – قوشنا، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەر ۋە پېقىرلارغا تارقىتىۋەتكىنى ياخشى. يەنە بىر قىسىم ئالىملار سەدىقە بەرگىنىنى خام تارقاتماي، كەمبەغەللەرنى ئۆيگە چاقىرماي، ئۇلارغا پىشۇرۇلغان گۆشنى ئەۋەتىپ بەرسە ئەۋزەل، دەپ قارايدۇ.

ئىبنى سىيرىن: «ئۇنىڭ گۆشىنى خالىغىنىڭچە بىر تەرەپ قىل» دېگەن. ھەسەن بەسرى: «ئەقىقە گۆشى قۇربانلىق گۆشىگە ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىنىدۇ» دېگەن. ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەقىقە گۆشى قۇربانلىق گۆشىگە ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۆزىمۇ يەيدۇ، سەدىقىمۇ قىلىدۇ، قولۇم – قوشنىلارغىمۇ ھەدىيە قىلىدۇ» دېگەن([38]). دېمەك، بۇنىڭدا كەڭچىلىك بار. لېكىن، كاتتا زىياپەت قىلىپ، ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان تەقدىردە، ئەقىقە زىياپىتى كۆز – كۆز قىلىش، چوڭچىلىق قىلىش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالسا، مەكرۇھ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا قىيىنچىلىقى بارلار يېتىشەلمەي ھەرەج تارتىپ قالىدۇ.

ئىقتىسادى تۆۋەن بولغانلار كۆپ قىسمىنى ساقلاپ قويۇپ، ئائىلىسى بىلەن يەپ، ئاز بىر قىسمىنى تارقاتسىمۇ بولىدۇ. ئەھۋالىغا قاراپ، قىينىلىپ قالمايدىغان ئىشنى قىلىش مۇۋاپىق. ئالىملاردىن گۆشنى پىشۇرۇپ، ئۆزىمۇ يەپ، باشقىلارغىمۇ يېگۈزىدۇ، بىر پۇتىنى (ساننى) تۇغۇت ئانىسىغا بېرىدۇ، دەپ قارىغانلارمۇ بار([39]).

 

ئەقىقىگە بوغۇزلانغان مالنىڭ ئۇستىخانلىرىنى سۇندۇرۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

بىر قىسىم ئالىملار ئەقىقە مالنىڭ سۆڭىكىنى چاقماي، ھەربىر ئەزاسىنى پۈتۈن – پۈتۈن پارچىلاش مۇستەھەپ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر بۇنداق قىلىش مۇستەھەپمۇ ئەمەس، سۈننەتمۇ ئەمەس، مۇباھ، دەپ قارايدۇ([40]).

ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان مۇرسەل ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ھەسەن بىلەن ھەزرىتى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ئەقىقىسىنى قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «تۇغۇت ئانىسىغا بىر پۇتىنى ئەۋەتىڭلار، ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، باشقىلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار، ئۇنىڭ بىرەر ئۇستىخىنىنى سۇندۇرماڭلار». ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭمۇ شۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇنى ھاكىم رىۋايەت قىلىپ، سەھىھ دەپ باھالىغان.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار يۇقىرىقىدەك ھەدىسلەرنى ئاجىز دەپ قاراپ: «جاھىلىيەت دەۋرىدىكىلەرگە زىت ئىش قىلىش ئۈچۈن، سۇندۇرغىنى تۈزۈك» دېگەن([41]). لېكىن، بۇ ھەقتە ئاجىزراق بولسىمۇ ھەدىس بولغاچقا، سۇندۇرماسلىقنى جاھىلىيەت ئىشى دەپ قارىماي، ھەدىس بۇيرۇغان، ھەزرىتى ئائىشە ۋە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار قاتارلىق سەلەفلەر قىلغان ئىش، دەپ قىلسا بولىدۇ. بولۇپمۇ، سۇندۇرماي باشقىلارغا ھەدىيە قىلىش ياكى يېگۈزۈش چوڭ – چوڭ پارچىلاشنى تەقەززا قىلىدىغان بولغاچقا، چوڭ بىر پارچىنى ھەدىيە ياكى سەدىقە قىلىش جەھەتتىن ئەۋزەل.

ئەقىقىگە بوغۇزلانغان مالنىڭ قېنىنى بوۋاقنىڭ بېشىغا سۈرتۈشنىڭ ھۆكمى

كۆپچىلىك ئالىملار ئەقىقىگە بوغۇزلانغان مالنىڭ قېنىنى بوۋاقنىڭ بېشىغا سۈرتۈشنى جاھىلىيەتتىن قالغان ئىش، بوۋاقنىڭ بېشىنى مەينەت قىلىۋەتكەنلىكتۇر، دەپ قاراپ، مەكرۇھ دېگەن. بۇ زۇھرىي قاتارلىق بەزى سەلەفلەرنىڭ قارىشى. بەزى ئالىملار ھارام دەپمۇ قارىغان([42]).

بەزى ئالىملار بۇ ئشنى مۇستەھەپ دەپ قارىغان ۋە: «سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىدۇ» دېگەن. بۇ ئىبنى ئۆمەر ۋە ھەسەن بەسرى قاتارلىق بەزى سەلەفلەردىن رىۋايەت قىلىنغان. ھەسەن بەسرىدىن مەكرۇھ دېگەن قاراشمۇ كەلگەن.

لېكىن، تەكشۈرۈپ قارايدىغان بولساق، بۇ ئىشنىڭ جاھىلىيەتتىكى ئادەتلەر جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا خۇشپۇراق سۈرتۈش يولغا قويۇلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى بۇرەيدە دادىسىدىن مۇنداق ئاڭلىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «جاھىلىيەت دەۋرىدە بىرەرسىمىزنىڭ بالىسى تۇغۇلسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قوي سويۇپ، قېنىنى بالىنىڭ بېشىغا سۈرەتتۇق. ئىسلام دىنى كەلگەندىن كېيىن بىر قوي سويۇپ، بالىنىڭ چېچىنى چۈشۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭ بېشىغا زەپەر سۈرۈپ قويىدىغان بولدۇق»([43]).

يەنە بىر رىۋايەتتە ھەزرىتى ئائىشە مۇنداق دېگەن: «جاھىلىيەت ئەھلى ئەقىقىنىڭ قېنىغا بىر پارچە پاختىنى مىلەپ، ئۇنى بوۋاقنىڭ بېشىغا سۈرتەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قاننىڭ ئورنىغا خۇشپۇراق ماددا سۈرتۈشكە بۇيرۇغان». يەنە بىر رىۋايەتتە: «بوۋاقنىڭ بېشىغا قان سۈرۈشتىن توسقان» دەپ كەلگەن([44]).

————————————————————————————————

([1]) «بدائع الصنائع» 6/449؛ «حاشية ابن عابدين» 6/326؛ «المجموع» 8/318؛ «بداية المجتهد» 1/339؛ «المغني» 9/363؛ «المحلى» 7/523.
([2]) «بۇخارى»، 5472 – ھەدىس.
([3]) «أبو داود»، 2842 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دېگەن.
([4]) «ئەبۇ داۋۇد»، 2838 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([5]) «النهاية»، 2/285؛ «مرقاة المفاتيح»، 8/77؛ «تحفة المودود»، 1/42؛ «بداية المجتهد»، 1/339؛ «المغني»، 9/363؛ «المحلى»، 7/523.
([6]) «أبو داود»، 2842 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دېگەن.
([7]) «الترمذي»، 1513 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([8]) «أبو داود»، 2841 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([9]) «نەسائى»، 4219 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([10]) «أبو داود»، 2843 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دېگەن.
([11]) «المجموع»، 8/324؛ «نهاية المحتاج» 8/146؛ «التاج والإكليل» 3/355.
([12]) «تحفة المودود»، 1/58.
([13]) «المغني»، 9/364.
([14]) «المجموع»، 8/323، 340.
([15]) «مصنف عبد الرزاق»، 4/329، برقم: 7960؛ «المجموع»، 8/323؛ «فتح الباري»، 9/595؛ «تحفة المودود»، 1/88.
([16]) «السلسلة الصحيحة»، برقم: 2726.
([17]) «مصنف ابن أبي شيبة»، 5/113، برقم: 24236. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([18]) «المحلى»، 7/528. ئالبانى «ھەسەن» دېگەن.
([19]) «تحفة المودود»، 1/88.
([20]) «المجموع»، 8/321.
([21]) «التمهيد لابن عبد البر»، 4/313.
([22]) «بۇخارى»، 5472 – ھەدىس.
([23]) «الترمذي»، 1513 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([24]) «أبو داود»، 2841 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([25]) «نەسائى»، 4219 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([26]) «أبو داود»، 2842 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دېگەن.
([27]) «الترمذي»، 1513 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([28]) «بۇخارى»، 5472 – ھەدىس.
([29]) «مصنف ابن أبي شيبة»، 5/116؛ «مصنف عبد الرزاق»، 4/331؛ «حاشية ابن عابدين»، 6/326؛ «تحفة المودود»، 1/87؛ «الإنصاف»، 4/111.
([30]) «الموسوعة الفقهية الكويتية»، 30/279.
([31]) «الترمذي»، 1513 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([32]) «المجموع»، 8/321.
([33]) «ئەبۇ داۋۇد»، 2838 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([34]) «تحفة المودود»، 1/96.
([35]) «المجموع»، 8/323؛ «تحفة المودود»، 1/55؛ «الإنصاف» 4/112.
([36]) «المجموع»، 8/324؛ «بداية المجتهد»، 1/340؛ «الإنصاف» 4/110.
([37]) «مسند أبي يعلى»، 8/17، 1513 – ھەدىس. دارىقۇتنى «ئاجىز» دېگەن، ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([38]) «المغني»، 9/366؛ «المحلى»، 7/525؛ «التمهيد»، 4/321؛ «المجموع»، 8/322.
([39]) «المجموع»، 8/322.
([40]) «المجموع»، 8/319؛ «بداية المجتهد»، 1/340؛ «تحفة المودود»، 1/77.
([41]) «المجموع»، 8/319؛ «بداية المجتهد»، 1/340؛ «المحلى»، 7/528؛ «تحفة المودود»، 1/77.
([42]) «طرح التثريب»، 5/185.
([43]) «أبو داود»، 2843 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([44]) «سنن البيهقي الكبرى»، 19072 – ھەدىس؛ «فتح الباري»، 9/594. ئىمام نەۋەۋى ۋە ئالبانىلار «سەھىھ» دېگەن.

 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز