ئېنسىكلوپېدىك ئالىم مەسئۇدىي

(280 _ 346 ھ/ 893 _ 957 م)

 

ئابباسىيلارنىڭ ئىككىنچى ئەسرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ياشىغان ھەم كىتاب يازغان ئەرەب تارىخشۇناسلىرىنىڭ قەلەملىرى خاتىرىلىگەن ئەسەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىلمىي مېتود يۆنىلىشىگە قاراپ مېڭىشى ۋە تارىخ كىتابلىرىنىڭ تەلىپى بولغان پۈتۈنلەي ئىنچىكە بولۇشقا مايىل بولۇشىدۇر. تارىخىي ئەسەرلەردىكى بۇ يېڭى يۈزلىنىشكە تەبەرىي، مەسئۇدىي، مىسكەۋەيھ قاتارلىق ئۈچەيلەن ۋەكىللىك قىلغان.

بىز بۇ ئېنسىكلوپېدىيەيىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە تەبەرىي، مەسكەۋەيھ قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى ھەققىدە توختالدۇق. بۇ جايدا مەسئۇدىي ھەققىدە سۆزلەۋېتىپ ئۇنىڭ بەزى ئىشلاردا تەبەرىينىڭ ئۇسلۇبىنى قوللانغانلىقىنى بايقىدۇق. مەسىلەن، ئۇ (ۋەقە – ھادىسىلەرنى) تېمىلار بويىچە ئەمەس يىلسېرى تىزىدىغان تارىخشۇناس، بىر تېمىدا نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى كەلتۈرىدۇ، مەنبەسىنى ئىلگىرىكى تارىخشۇناسلارنىڭ سۆزلىرىنى يىغىپ بىر قۇر تەكشۈرۈپ – تەھقىقلىگەندىن كېيىن راست دەپ قارىغانلىرى بىلەن بېيىتىدۇ. بىراق، ئۆز دەۋرىنىڭ مۇھىتى، ئاڭ – ساپاسى، شارائىتى… دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى نۇرغۇن ئىشلاردا ئىلگىرىكىلەرنىڭ يولىدىن پەرقلىق يول تۇتىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، تەتقىقات مېتودى ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلەشتىن بۇرۇن بەزى تەرجىمىھال ۋە خەۋەر – مەلۇمات كىتابلىرىدا تارقاق ھالەتتە ئاندا – مۇندا ئۇچراپ قالىدىغان مەلۇماتلار سۈرەتلەپ بەرگەن بويىچە ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئاز – تولا تونۇشۇپ چىقىمىز.

تۇغۇلۇشى

مەسئۇدىينىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇل ھەسەن ئەلى ئىبنى ھۈسەين بولۇپ، تۇغۇلغان يىلى ۋە يېرى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت. مەسىلەن، «مۇندەرىجە (فىھرىست)» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئىبنى نەدىيم مەسئۇدىينىڭ مەغرىبلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. ئەمما زەھەبىي، ياقۇت رۇمىي، ئىبنى شاكىر… قاتارلىق تەرجىمىھال يازارمەنلىرى ئۇنىڭ باغدادتا تۇغۇلغانلىقىنى، بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ نەسلىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ تەخمىننى مەسئۇدىينىڭ ئۆزىنىڭ «ئالتۇق يايلىقى ۋە ياقۇت كانلىرى (مروج الذهب ومعادن الجوهر)» ناملىق كىتابىدىكى بايانلىرى كۈچلەندۈرىدۇ. ئۇ ئوخشىمىغان ئىقلىملارنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئوتتۇرا ئىقلىم بىز تۇغۇلغان جايدۇر. كۈنلەر بىز بىلەن ئۇ جاينىڭ ئارىسىنى يىراقلاشتۇرۇۋەتتى، ئارىدىكى مۇساپە بىزنى توسۇپ قويدى ۋە قەلبلىرىمىزدە ئۇ جايغا بولغان سېغىنىشنى پەيدا قىلدى. بىزنىڭ ۋەتىنىمىز، كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن جايىمىز بولسا بابىل ئىقلىمىدۇر. بۇ ئىقلىم پارس پادىشاھلىرىنىڭ نەزىرىدە قىممەتلىك ۋە قەدىر – قىممىتى يۈكسەكتۇر».

بىزنىڭ ئۇنىڭ تۇغۇلغان يېرىنى بېكىتىش ھەققىدە دېيەلەيدىغىنىمىز پەقەت ئۇنىڭ باغدادتا كۆزى يورۇغانلىقى، باغدادنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىسى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەۋلادىلىرى بولغان ئۇ ۋە ئۇنىڭ بالىچاقىلىرىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يېرى ۋە يۇرتى ئىكەنلىكىدىنلا ئىبارەت. ئەمما ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىغا كەلسەك، قولىمىزدىكى مەنبەلەر ئۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمىگەن. بۇ بىر تەبىئىي ئەھۋال. چۈنكى، ھېچكىم ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدا كېيىنچە نامى چىقىپ مەشھۇر بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى خىيالغىمۇ كەلتۈرمىگەن. لېكىن، چاغداشلىرى ئارىسىدا ھەممە كۆز تىكىدىغان ئورۇنغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ نامى تىللاردا داستان بولۇشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن تەرجىمىھال تارىخشۇناسلىرى ئۇنىڭ ۋاپات يىلى قاتارلىقلارنى خاتىرىلەشكە باشلايدۇ. بىراق، ئىنتايىن ئاز ساندىكى مەنبەلەر ئۇنىڭ ھىجرىيە 346 – يىلى ۋاپات بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئۇنىڭ ئاممىۋى ھاياتقا سىڭىپ ياشىغانلىقى، ھىجرىيە 4 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىنىش ئۈچۈن جاھان كېزىشكە باشلىغانلىقىنىمۇ دەلىللەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. پەقەت ئۇ مەنبەلەر بىزنى ئۇنىڭ ھىجرىيە 3 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇغۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ نامىنىڭ پەقەت 4 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يۈكسىلىشكە باشلىغانلىقىنىلا جەزملەشتۈرگىلى قويىدۇ. شۇڭا، ئۇ مەزكۇر ئەسىرنىڭ تارىخچىلىرىنىڭ بىرى سانىلىدۇ.

ئۇنىڭ سەپەرلىرى

مەسئۇدىي ياش چېغىدىلا سەپەر قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا، ئۇ ھىجرىيە 305 – يىلى پارسنىڭ ئىستەخر دېگەن يېرىگە سەپەر قىلغان ۋە كېيىنكى يىلى ھىندىستان، سىيلان، سىيمور قاتارلىق جايلارغا بارغان. چىن دېڭىزىغا قىلىدىغان بىر سەپەردە سودا كارۋىنىغا قېتىلىپ سەپەر قىلغان ۋە قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈپ زەنجىبار، ئوممان قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان، شۇنداقلا ماداغاسقارغىمۇ بارغان. 314 – يىللىرى ئەتراپىدا ئۇنىڭ قەزۋەين دېڭىزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كەزگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن تەبەرىيە، پەلەستىن زىيارىتىدە بولغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇ 332 – يىلى ئەنتاكىيەنى ۋە سۈرىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى شەھەرلەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى زىيارەتلىرى ئىككى يىلغا سوزۇلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا شام ۋە بەسرەنىڭ چېگرا ئۆتەڭلىرى ھېسابلىندىغان شەھەرلىرىدە تۇرغان. 324 – يىلى دىمەشقكە بېرىپ ئۇ يەردە مەلۇم مەزگىل تۇرغان. ئاندىن بۇ جايدىن مىسىرغا بېرىپ تا ھاياتىنىڭ ئاخرىغىچە مىسىر – سۈرىيە ئارىسىدا بېرىپ – كېلىپ تۇرغان. 346 – يىلى مىسىرنىڭ فۇستاتتا تۇرۇۋاتقاندا ۋاپات بولغان.

ئەرەبلەرنىڭ «ھېرودوت([1])»تى

مەسئۇدىينىڭ بۇنداق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولغىنى ئۇنىڭ ئىلىمگە ۋە كۆپلەپ ئىلىم ئۆگىنىشكە ئوتتەك ئىشتىياقى بولغانلىقىدۇرر. ئۇ بۇ نۇقتىدا مەقدىيسىي ۋە بىيرۇنىيغا ئوخشايدۇ. بۇ سەپەرلەر ئۇنى جۇغراپىيە، تارىخ، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ۋە كەزگەن يۇرتلارنىڭ تىللىرىنى، ئادەت – ئەنئەنىلەرنى، ئەخلاقلىرىنى ۋە سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇ سەپەر قىلىش، كېزىش قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە ئېرىشكەن كەڭ دائىرىلىك جۇغراپىيەۋى ئىلىم – مەرىپەتلەر بىلەن تارىخىي ھەقىقەتلەر ۋە رىۋايەتلەرگە بولغان مەپتۇنلۇقىنىڭ ئارىسىنى خۇددى يۇنانلىقلارنىڭ تارىخ پېشۋاسى ھېرودوتقا ئوخشاش ئومۇمىي شەكىلدە بىرلەشتۈرەلىگەن. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئەسەرلىرىدە تارىخ بىلەن جۇغراپىيەنى بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرغان. بۇ شەرقشۇناس فون كرىيمىرنىڭ «مەدەنىيەتنىڭ شەرقتىكى تارىخى (تاريخ الثقافه في الشرق)» ناملىق ئەسىرىدە مەسئۇدىينى «ئەرەبلەرنىڭ ھېرودوتى» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىشىگە تۈرتكە بولغان.

نەقىللا قىلىدۇ، باھالىمايدۇ

بەزىلەر مەسئۇدىينى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلمىي روھتا چىڭ تۇرمىغان، بەزى ۋاقىتلاردا يۈزەكى ھالدا خۇراپاتلارنى، چۆچەكلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ھېچقانداق ئىلمىي «ئەلگەك»تىن ئۆتكۈزمەيلا كىتابلىرىدا بايان قىلغان، دەپ ئەيىبلەيدۇ. لېكىن، شەرقشۇناس سىيدىيو بۇنى مەسئۇدىيدا ئەيىب دەپ قارىمايدۇ. بەلكى، ئۇنى ئاكتىپ ئىلىم سۆيگۈسى روھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدە مەسئۇدىي قولغا كەلتۈرگەندەك ئۇنىۋېرسال ئارتۇقچىلىق قولغا كەلتۈرگەن تارىخشۇناستىن بىرىمۇ چىقىپ باقمىدى دېگەن سۆزىمىزنىڭ يالغانغا چىقىرىلىشىدىن ئەنسىرىمەيمىز. بىز ئۇنىڭ بەزىدە تەنقىدلەش روھىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسەكمۇ ئۇنىڭ ئىلىمغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ئۇنى تارىخىدىن خەۋەردار بولماقچى بولغان جايلارنى زىيارەت قىلىشى ۋە ئەسلىدىنلا مەنبەسى گۇمانلىق بولغان قىسسىلەرنىمۇ كىتابىغا كىرگۈزۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرىمىز».

ئېنسىكلوپېدىك مەسئۇدىي

ئېنسىكلوپېدىك مەسئۇدىي بىرلا تېما بىلەن بولدى قىلمايدۇ، ئۇنى يېزىۋاتقان نەرسىلىرىدىكى تار دائىرىلىك ئالاھىدىلىكلەر قايىل قىلالمايدۇ. بۇ خىل ئۇسلۇبنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق رولى بار. مەسىلەن، مۇئەللىپنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭ ۋە ئەتراپلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىۋېرسال بىلىمىنىڭ موللىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئارتۇقچىلىقلىرى بار. ئۇ بىزگە ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەسىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېمىلارنىڭ كۆپ خىل ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. ئۇ «ئالتۇق يايلىقى ۋە ياقۇت كانلىرى (مروج الذهب ومعادن الجوهر)» ناملىق ئەسىرىدە كۆزدە تۇتقان ھالقىلىق مەقسەت – نىشانلىرىنى تىلغا ئالغان بابتا مەزكۇر كىتابنىڭ تارىخ، جۇغراپىيە، ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنە، ئەخلاق، ئەدەبىيات، خان – پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ سىياسەتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇر – مەلۇماتلىرى قاتارلىق تېمىلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدىغان تۆۋەندىكىدەك بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خوش! بىز (مەزكۇر) كىتابىمىزنى زامان خەۋەرلىرى ھەققىدە تۈزۈپ چىقتۇق. بۇ كىتابتا يەر شەكلى، شەھەر – بازارلار، ئاجايىباتلار، دېڭىزلار ۋە ئۇلارنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرى، تاغ – دەريالار ۋە ئۇ جايلاردىكى كان بايلىقلىرى ھەققىدە سۆزلىدۇق… ئاندىن ئىلگىرى ئۆتكەن خان – پادىشاھلار، تارىخقا ئايلانغان قەۋملەر ھەققىدە توختالدۇق… ئاندىن يەنە تارىخقا ئائىت خەۋەرلەر، ئىلگىرىكى قەۋملەرگە تەۋە بولغانلار ھەققىدە ئوتتۇرھال بايانلارنى كەلتۈردۇق… بىلىپ – بىلمەي كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمىزغا كەچۈرۈم سورايمىز، بەزىدە خۇراساننىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدا، بەزىدە ئەرمىنىيە – ئەزەربەيجانلارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يەنە بەزىدە ئىراق – شاملارنىڭ چېگرالىرىدا بەزىدە دېڭىزدا، بەزىدە قۇرۇقلۇقتا بولغان، خاتىرىمىزنى ئاجىزلاتقان، قەلبلىرىمىزنى غۇۋالاشتۇرغان سەپەر ھادىسىلىرى سەۋەبلىك بىخۇدلۇق قىلىپ قالغان بولساق ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن قەۋملەرنىڭ گۈزەللىكلىرى، ئۆزىمىز بىۋاسىتە ياشاپ باققان ئىقلىملارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىمىز ئارقىلىق ئۆزرە سورايمىز… قۇياش ئۆز نۇرىنى بويلاپ ماڭغان كەبى ئۇپۇقلاردا يۈرۈپ كەتتۇق. خۇددى شائىرنىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئوخشاش:

نىيەت قىلىپ بىر قېتىم جاھان كەزمەكنى،

ھەم شەرق، ھەم غەرب پۈتۈن زېمىننى.

ھەمراھ قىلىپ نىيەتكە قۇياش نۇرىنى،

يىقىنلىتىپ كارۋان بىلەن ئۇزاق – يىراقنى.

ھەر خىل ئىرىق، ھەر خىل ئەخلاق، ھەر خىل نىيەتلىك يىراق – يېقىندىكى خان – پادىشاھلار بىلەن سۆھبەتلەردە بولدۇق».

ئۇ كىتابىدا تىلغا ئالغان تەتقىق قىلغان تېمىلارنى بىزگە مانا مۇشۇنداق سۈرەتلەپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سەپەرلىرىنىڭ داۋامىنى، ئۆزىدىن بۇرۇن تۈزۈلگەن – يېزىلغان ئەسەرلەر ھەققىدىكى كەڭ مەلۇماتلىرىنىمۇ بايان قىلىپ بېرىدۇ، تارىخ، جۇغراپىيە دېگەندەك پەنلەر ھەققىدە قەلىمى بىلەن زىننەتلىگەن بەزى ئەسەرلەرنى ساناپ بېرىدۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان ئەرەب تارىخشۇناسلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە بىر خىللا تەرتىپ قوللانمايدۇ. كۆپىنچە ئۇلارنىڭ تېمىنىڭ ئەسلىي لىنىيەسىدىن چەتنەپ، تەتقىق قىلىۋاتقانلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز. لېكىن، مەسئۇدىي ئۆز دەۋرىدىكى ئوقۇرمەن مۇھىم دەپ قارايدىغان شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپلىگەن قوشۇمچە ئۇچۇر – مالۇماتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئۇنىۋېرسال ئەسەر بولۇپ قالغان. ئۇ ئەرەبلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە تەرەقىقىياتلىرىنى نايامان قىلىش ئىستىكىدە ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئالاھىدە خاراكتېرلەنگەن، باشقا قەۋملەر بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنغان ئىجتىمائىي، دىنىي ۋە ئىلمىي ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت – نەزىرىنى ئاغدۇرغان. شۇڭا، ئۇنىڭ خان – پادىشاھلارنىڭ، خەلىپىلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى بايان قىلغاندا ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىغا قەدەر سۈرۈشتە قىلغان، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگەن، ئولتۇرۇپ – قوپۇشتا بىللە بولغان، ئۇلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك قاتارلىق باشقىلاردا تاپقىلى بولمايدىغان ياشاش تەرزى ۋە ئادەتلىرىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. ئۇ ئەرەبلەرنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى دىنىي ئەقىدىلىرى، بۇت قاتارلىق ھەر خىل ئىلاھلىرىغا بولغان ئىمانلىرى، قۇش ئۇچۇرۇپ پال سېلىشلىرى، ياخشى پەيت ۋە قۇتلۇق دەپ قارايدىغان ۋاقىتلىرى، پالچىلىق، رەمچىلىك قاتارلىقلار ھەققىدىكى ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ئانچە بەك كۆڭۈل بۆلمىگەن. ئۇنداق بولمىسا ئىدى ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى زايە بولۇپ كەتكەن، بىزگە پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرىلا يېتىپ كېلەلىگەن ئىلىم – مەرىپەتلىرى، توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم ئادەتلىرى، خۇشاللىق تاپىدىغان ۋاسىتىلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان بولاتتۇق.

ئۇنىڭ ئەسەرلىرى

ئۇنىڭ ئەسەرلىرى: «ئالتۇق يايلىقى ۋە ياقۇت كانلىرى (مروج الذهب ومعادن الجوهر)»، «زاماننىڭ ۋە ھادىسىلەر ھالاك قىلغانلارنىڭ خەۋەرلىرى (أخبار الزمان ومن أباده الحدثان)»، «ئاگاھلاندۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش (التنبيه والإشراف)»، «خاۋارىجلارنىڭ خەۋەرلرى خەۋەرلخىىگخقاقاكقخىىىىكدكدكەاكاكقاەكق(أخبار الخوارج)»، «تۈرلۈك ئىلىملەر ۋە ئۆتمۈشتە قالغان نەرسىلەر زاپىسى (ذخائر العلوم وما كان في سالف الدهور)»، « رىسالىلەر (الرسائل)»، «ئىلگىرىكى ئەسىرلەردە ئۆتكەن نەرسىلەرنى ئەسكە ئېلىش (الاستذكار لما مر في سالف الأعصار)»، «ئەرەب – ئەجەملەرنىڭ خەۋەرلىرى (أخبار الأمم من العرب والعجم)»، «ھۆكۈمدارلارنىڭ خەزىنىلىرى ۋە جاھاننىڭ سىرى (خزائن الملوك وسر العالمين)»، «دىنلار ئاساسى ھەققىدە ماقالىلەر (المقالات في أصول الديانات)»، «ئىماملارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ بايانى (البيان في أسماء الائمة)»، «مەزھەپ – ئېقىملار ھەققىدە بىر قانچە مەسىلىلەر ۋە مەنبەلەر (المسائل والعلل في المذاهب والملل)»، «دىن – دىيانەت ھەققىدە ئوچۇقلىما (الإبانة عن أصول الديانة)»، «ھايات سىرى (سر الحياة)»، «ئىمامەتچىلىك ھەققىدە بىر نەزەر (الاستبصار في الامامة)»، «سىياسەت ۋە ئىجتىمائىيەتتە دىنىي ساياھەت (السياحة المدنية في السياسة والاجتماع)» قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك كىتابى «زاماننىڭ ۋە ھادىسىلەر ھالاك قىلغانلارنىڭ خەۋەرلىرى (أخبار الزمان ومن أباده الحدثان)» دېگەن كىتابىدۇر. بۇ ئومۇمىي تارىخ ۋە جۇغراپىيە ھەققىدىكى كىتاب بولۇپ، يېزىشنى 332 (مىلادىيە 943) – يىلى باشلىغان. بۇ كىتاب 30 جىلدلىق بولۇپ، مەسئۇدىي بۇ كىتابتا يېزىشنى باشلىغان يىلىغىچە بولغان ۋەقە – ھادىسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىتابنىڭ شەرقشۇناس فون كىرىيمىر ھەلىبتىكى بىر كىتابخانىدىن سېتىۋالغان ۋە ۋېنا كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان بىرلا جىلدىدىن باشقىسى يوقاپ كەتكەن. ئىنگىلىز سەيياھ بورك ھارت «نۇبەگە سەپەر» ناملىق كىتابىدا قاھىرەلىك بىر شەيخنىڭ 9 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆزىگە بۇ كىتابنىڭ كونىستانتىنوپولدىكى ئاياسوفىيا جامىسىدىكى كىتابخانىسىدا 4 فورماتتىكى بىر نۇسخىسىنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. مەسئۇدىي بۇ كىتابتا ئىلىم تارىخى ۋە مۇسۇلمان ئەمەس دىيارلارنىڭ جۇغراپىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىدۇ. شۇنداقلا قەدىمقى مىسىر تارىخى ھەققىدە ئېقىپ يۈرگەن رىۋايەتلەرنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ بۇ كىتابتا يازغان بىر بۆلەكنى ئوكىسفوردتىكى بودلىيان كۇتۇپخانىسىدا بىرلا جىلدى ساقلىنىۋاتقان «ئوتتۇرھال كىتاب (الكتاب الأوسط)» ناملىق كىتابىدا نەقىل قىلغان.

مەسئۇدىي مەزكۇر ئىككى كىتابىدا كەلتۈرگەن مەلۇماتلىرىنى يىغىنچاقلىغان ۋە ئۇنى 336 (مىلادىيە 947) – يىلى تاماملىغان ۋە 345 (مىلادىيە 956) – يىلى يەنى ۋاپاتىدىن سەل بۇرۇن قايتا كۆزدىن كەچۈرگەن «ئالتۇق يايلىقى ۋە ياقۇت كانلىرى (مروج الذهب ومعادن الجوهر)» ناملىق كىتابىدا توپلىغان.

مەسئۇدىينىڭ «ئاگاھلاندۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش (التنبيه والإشراف)» ناملىق كىتابىمۇ بېسىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ كىتابىنى ۋاپات بولۇشتىن سەللا بۇرۇن تاماملىغان. بۇ كىتابقا مۇئەللىپ ئۆزى ئالاھىدە مۇقەددىمە ۋە تولۇقلىما يازغان. بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ. چۈنكى، ئۇ كىتاب مۇئەللىپ بىرىنچى قېتىم يازغان «ئالتۇق يايلىقى ۋە ياقۇت كانلىرى (مروج الذهب ومعادن الجوهر)» دېگەن كىتابتىن كېيىنكى ئۇچۇر – مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ كىتاب جۇغراپىيە ھەققىدىكى كىتاب بولۇپ، مۇئەللىپ بۇ كىتابىغا ئاسمان بوشلۇقى ۋە ئۇنىڭ ھالىتى، يۇلتۇزلار ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرى ھەم تەركىبى، ۋاقىتلارنىڭ قىسىملىرى، يىلنىڭ پەسىللىرى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرى، شامال ۋە ئۇنىڭ ئېغىزلىرى، زېمىننىڭ شەكلى ۋە كۆلىمى، سىياسىي چېگرا ۋە ئۇپۇقنىڭ ئاھالىلەرگە بولغان تەسىرى، كەڭلىك، ئۇزۇنلۇق، يەتتە قىتئە، دەريالار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇلىدىغان يېرى، شۇنداقلا قەدىمقى يەتتە قەۋم ۋە ئۇلارنىڭ تىلى، ئولتۇراقلاشقان جايلىرى، پارس، رۇم ھۆكۈمرانلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار، پەيغەمبەرلەرنىڭ خەۋەرلىرى، ھىجرىيە 345 – يىلىغىچە بولغان خەلىپىلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى كىرگۈزگەن.

بۇ كىتابنىڭ ئالاھىدىلىكى كىتابنىڭ مەسئۇدىي باشقا كىتابلىرىغا كىرگۈزمىگەن كۆپلىگەن يېڭى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدۇر. بۇ كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى شەرقشۇناس دوخۇيە «ئەرەب جۇغراپىيەسى كۇتۇپخانىسى يۈرۈشلۈكلىرى» نامىدا 1894 – يىلى لېيدەن شەھىرىدە باستۇرغان. بۇنى شەرقشۇناس كارادىفو 1897 – يىلى فىرانسۇز تىلىغا تەرجىمە قىلغان ۋە ئاسىيا جەمئىيىتى نەشر بۇيۇملىرى _ «شەرق كىتاب مەجمۇئەسى» _ قاتارىدا نەشر قىلغان.

شەرقشۇناسلار ۋە ئىسلام – ئەرەب تارىخىغا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىڭ مەسئۇدىينىڭ كىتابلىرىنى چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۇلارنىڭ مەسئۇدىينىڭ ئىلمىي مىراسلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە تەقدىرلىگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا قىزىققانلىقىدۇر. ۋازىلېف ئۆزىنىڭ «ئەرەب ۋە رۇم (العرب والروم)» دېگەن كىتابىدا غەرب مۇئەللىپلىرىنىڭ تارىخشۇناسىمىز مەسئۇدىينىڭ كىتابلىرىغا قىزىقىپ قېلىشلىرىنى مۇنۇ سۆزلىرى ئارقىلىق يىغىنچاقلىغان: «مەسئۇدىينىڭ كىتابلىرىنى مۇسۇلمانلارمۇ ۋە ياۋروپالىقلارمۇ ئوقۇپ ئوبدانلا پايدىلىنىدۇ. بۇ مۇئەللىپنىڭ بايان قىلغان خەۋەرلىرىنىڭ خىلمۇخىللىقى ۋە ئۇلارنى كىتابلىرىدا جانلىق ھالەتتە ئىپادىلىيەلىگەنلىكىدىندۇر».

تەرجىمىدە: بىلىميار

مەنبە: ئەھمەد مۇھەممەد ئەششىنەۋانىينىڭ «موسوعة عباقرة الحضارة العلمية في الاسلام» ناملىق كىتابى.

—————————————————————-
([1]) مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 5 – ئەسىردە ياشىغان يۇنانلىق مەشھۇر جاھانكەزدى تارىخشۇناس. _ ت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز