مۇئەللىم پەيلاسوپ _ ئىبنى تۇفەيل

(493 _ 581 ھ / 1100 _ 1185 م)

 

مىلادىيە 12 – ئەسىردە ئەندەلۇستا پەلسەپە ساھەسىدە مەڭگۈلۈك ئىزنالىرىنى قالدۇرغان بۈيۈك ئەرەب مۇتەپەككۇرى ئىبنى تۇفەيل مەيدانغا چىقتى. ئۇ ئىلىم تارىخشۇناسلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قارىشىدا ئوتتۇرا ئەسىردىكى نادىر شەخس ۋە بۈيۈك مۇتەپەككۇر بولۇپ، غەرناتە ھۆكۈمدارىنىڭ خاس ھاجىب([1])ى ئىدى. ئۇ مەغرىب([2])نىڭ ھۆكۈمدارى يۈسۈف ئابدۇلمۇئمىننىڭ ۋەزىرلىك دىۋانىنى تەسىس قىلغان. بۇ ھۆكۈمدارنىڭ ئىبنى تۇفەيلنىڭ ئەقلىي تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشىدا چوڭ تۆھپىسى بار. چۈنكى، ئۇ ئۇنى ئەتىۋارلىغان، ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىبنى تۇفەيل ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، مېدىتسىنا قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئالىمى، ئالدىنقى قاتاردىكى پەيلاسوپ ۋە ئەدىب بولۇپ يېتىشكەن.

ئىبنى تۇفەيل بەتلىيمۇسنى تەنقىد قىلغان، شۇنداقلا يەنە فارابىي، ئىبنى سىنا، ئىبنى رۇشد، غەززالىي قاتارلىقلارنىڭ پەلسەپىسىنىمۇ تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ تەنقىدى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئورۇنلۇق بولۇپ چىقاتتى. بۇ ئۇنىڭ ئۆتكۈر نەزەرلىك، پەلسەپىۋى يۆنىلىشىدە ۋە كۆزقاراشلىرىدا مۇستەقىل بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ يەنى ئىبنى تۇفەيل ئەرەب – ئەجەم([3]) پەيلاسوپلارنىڭ پەلسەپىلىرىدىن خەۋەردار بولغان ۋە ئۇلارنىڭ كۆزقاراش ۋە نەزەرىيەلىرىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، «ھەييە ئىبنى يەقزان» دېگەن نامدا ئاتىغان قىسسىسىدە ئىپادىلىگەن ئۆزىنىڭ خاس ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ كىتابى ئوتتۇرا ئەسىردە يېزىلغان ئەڭ ئېسىل كىتاب، ئەرەب پەيلاسوپلىرىنى پەخىرلەندۈرگەن ئەڭ ياخشى ئەسەر بولۇپ قالغان. بۇ ھەقتە دوكتور سارتون مۇنداق دېگەن: «‹ھەييە ئىبنى يەقزان› ناملىق ئەسەر ئوتتۇرا ئەسىردە مەيدانغا چىققان ئۆز تېمىسىدا يېڭىلىق ياراتقان ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل ئەسەردۇر».

ئىبنى تۇفەيلنىڭ ھاياتى ۋە ئىش – ئىزلىرى

ئۇ ئەبۇ بەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى تۇفەيل ئەلقەيسىي بولۇپ، قەيس قەبىلىسىدىن. بۇ قەبىلىنىڭ شان – شۆھرىتى ئىنتايىن يۈكسەك بولغانلىقتىن، يەمەنلىكلەردىن باشقا ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى بۇ نام بىلەن ئاتىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئاش _ غەرناتىگە 60 ك م كېلىدىغان مۇنبەت ۋادىغا جايلاشقان بىر شەھەر _ دە ھىجرىيە 6 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنياغا كەلگەن.

بۇ، تارىخ ئۇنىڭ بالىلىقى ۋە ياشلىقى ھەققىدە تىلغا ئالغانلىرىنىڭ ھەممىسىدۇر. ئۇنىڭ ئائىلىسى، بالىلىقىنى نەدە، قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى، تەلىم – تەربىيەسىنىڭ قانداق بولغانلىقى، كىمنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەنلىكى… قاتارلىقلار ھەققىدە تارىخ ھېچقانداق مەلۇمات قالدۇرمىغان. چۈنكى، تارىخ ناھايىتى تېزلا ئۇنى غەرناتىگە ئېلىپ بېرىپ، دەسلەپ مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى، ئارقىدىن غەرناتە ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسىنىڭ باش ھاجىبى، ئاندىن ئابدۇلمۇئمىننىڭ ئەۋلادى بولغان تەنجانىڭ ۋالىيسى ئەبۇ سەئىدنىڭ ھاجىبى، ئاندىن كېيىن مەغرىبنىڭ ھۆكۈمرانى ئەبۇ يەئقۇب يۈسۈفنىڭ دوختۇرى، توغرىسى، ئۇنىڭ دوستى، ۋەزىرى قىلىپ قويغان.

ئىبنى تۇفەيل بۇ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىلمىي كەسىپداشلىق مەجبۇرىيىتىنى ئىنتايىن ياخشى ئادا قىلغان. ئۇ جاھاننىڭ ھەممە تەرىپىدىكى ئالىم – ئۆلىمالارنى جەلب قىلىپ ئەكىلەتتى ۋە پادىشاھنى ئۇلارنى ھۆرمەتلەشكە، مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈرەتتى.

ئۇ، پادىشاھنىڭ دىققەت – نەزىرىنى ئىبنى رۇشدقا قاراتقان كىشى. «شۇ چاغدىن باشلاپ ئالىملار ئىبنى رۇشدنى تونۇشقا باشلىغان ۋە ئۇ ئىبنى رۇشدنىڭ ئالىملارنىڭ نەزىرىدە قەدىر – قىممىتىنىڭ يۈكسەك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن».

بۇ پادىشاھنىڭ ھىمايىسىدە ئىبنى تۇفەيلنىڭ ھاياتى خاتىرجەم ۋە تىنچ ئۆتكەن. ئۇ بۇ جايدا ھەم تېۋىپلىق، ھەم ئىلمىي مەسلىھەتچىلىك قىلغانىدى. ئۇ ئىبنى رۇشدنى ئارستوتېلنىڭ كىتابىنى خۇلاسىلەش ۋە شەرھى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرغان كىشى ئىدى.

ئىبنى تۇفەيل بۇ خاتىرجەملىك ۋە تىنچ – ئامانلىق مەزگىلىدە قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن؟

تارىخشۇناسلار بىزگە «پەلسەپىنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرى، ئىلاھىيەت… قاتارلىق تارماقلىرى ھەققىدىكى بىرقانچە ئەسەر» ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدۇ. ئۇلار يەنە نەپس ھەققىدىكى بىر رىسالە، ئىبنى رۇشد بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا مېدىتسىنا ھەققىدە قولدىن – قولغا ئۆتكەن بىرقانچە رىسالە ھەققىدە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاسترونوم بەترۇجى بىلەن ئىبنى رۇشد ئىككىسى ئىبنى تۇفەيلنىڭ بەتلىيمۇس ئوتتۇرىغا قويغان سىستېمىغا ئوخشىمايدىغان يېڭى بىر ئاسترونومىيەلىك سىستېمىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

تولىمۇ ئەپسۇس! بىز بۇ خىل سىستېما ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيمىز. ئاساسلىنالايدىغان بىردىنبىر مەنبەيىمىز بولسا ئۇنىڭ رىسالىلىرىنىڭ قېپقالغىنى ھېسابلانغان بىردىنبىر كىتابى _ «ھەييە ئىبنى يەقزان» ناملىق رىسالىسىدۇر. ئەگەر ئىبنى تۇفەيل قەسىرگە ئەكىرگەنلەرنىڭ نەزىرىدە تېۋىپ، مۆتىۋەر ئاسترونوملارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئاسترونوم ۋە ئىلاھىيەتشۇناس پەيلاسوپ بولسا، ئۇنداقتا، ئۇ ھەم ئەدىبتۇر. «ھەييە ئىبنى يەقزان» ناملىق رىسالىسى بۇنى كەسكىن ھالدا ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبى بەدىئىي، ئىپادىلىنىشى ئىنتايىن گۈزەل ۋە راۋان. ھەقىقەتەن تىلنى تەپەككۇرىغا بويسۇندۇرۇپ، مەنىنى قالتىس ئۇسلۇب بىلەن ئىنتايىن ئىنچىكە ئىپادىلەپ بەرگەن.

دوكتور ئەھمەد ئەمىن مۇنداق دەپ ھەقىقەتەن راست ئېيتقان: «ئەگەر بىز ئىبنى سىنا بىلەن ئىبنى تۇفەيلنى ئەدەبىي تەرەپتىن سېلىشتۇرۇپ باقساق ئىبنى تۇفەيلنىڭ ئىبنى سىنادىن تىل ۋە ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئىبنى تۇفەيلنىڭ ئىبارىلىرى راۋان، ئىبنى سىنانىڭ ئىبارىلىرى بولسا مۈجمەل. ئىبنى تۇفەيلنىڭ ئەدەبىي بىلىمى ئىبنى سىنانىڭكىدىن ئۈستۈنرەك. ئىبنى سىنانىڭ ئىبارىلىرى ۋە كەلىمىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ تىلغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئەدەبىيات كىتابلاردىن ئەمەس قامۇسلاردىن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بەزى ۋاقىتتا تېخى قۇلاققا ياقمايدىغان سۆزلەرمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. ئەمما ئىبنى تۇفەيل بولسا ئۆزىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىي مەلۇماتلىرىنى ئەدەبىيات ۋە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن ئالغان. شۇڭا، ئۇنىڭ ئىبارىلىرى بەكرەك روشەن، بەكرەك پاساھەتلىك».

ئىبنى تۇفەيل نەسرىي ئەسەر يازىدىغان ئەدىب بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى شائىر. ئۇنىڭ نەسرىي ئەسەرلىرى ئىبنى سىنانىڭ نەسرىي ئەسەرلىرىدىن ئۈستۈن بولغانىكەن، تەبىئىيلا شېئىرلىرىمۇ ئىبنى سىنانىڭ شېئىرلىرىدىن ئۈستۈن بولىدۇ. ئۇ شېئىرلىرى ئارقىلىق تاپاۋەت قىلىدىغان بولغاچقا، شېئىرلىرى مىزاجغا باقاتتى. شېئىرلىرى ئاساسلىقى ھېسسىيات ۋە پەلسەپە ھەققىدە بولاتتى.

ئىبنى تۇفەيلنىڭ ھاياتى، يوقاپ كەتكەن ئەسەر – ئىزلىرى ھەققىدە مانا مۇشۇنچىلىكلا بىلىمىز. ھەرنېمە بولسا ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى بولغان «ھەييە ئىبنى يەقزان» قولىمىزدا بار. بۇ كىتاب لوگىكىلىق كۈچ – قۇۋۋەت جەھەتتە ھەقدادىغا يەتكەن، پاساھەتلىك ۋە مېغىزلىق ئۇسلۇبقا ئىگە كىتاب بولۇپ، ئىبنى تۇفەيلنىڭ پەلسەپىۋى مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆزقاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ناۋادا بىز بۇ قىسسە ئىنچىكىلىكلىكى ھەر تەرەپتىن تولۇق نامايان بولۇپ تۇرىدىغان مۇكەممەل پەلسەپىۋى ئېقىم (شەكىللەندۈرگەن)، دېسەك، ھەرگىزمۇ مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز. ئۇ بۇ قىسسىسىدە ھەييە ئىبنى يەقزاننى سىرتقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، ئىنسان قەدەم بېسىپ باقمىغان بىر ئارالدا ئۆسۈپ – يېتىلگەن، ئۈزلۈكسىز نەزەر سېلىش ۋە ئويلىنىش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا ھېسسىيلىقتىن ئەقلىيلىككە، جۈزئىيلىكتىن كۇللىي([4])لىققا، ھەتتا ئاللاھ ۋە ئەرش ھەققىدە تەپەككۇر قىلالىغۇدەك ھالەتكە يەتكەن، ئاندىن روھىي چېنىقىشقا تۇتۇش قىلىپ ۋەلىيلىك باسقۇچىغا يېتەلىگەن، ئاندىن شەرت – شارائىت ئۇنىڭ ئارىلىغا ساماۋى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان، ئىبادەتكە تولۇق ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن كىشىلەردىن ئايرىلىپ ياشاشنى ئىستىگەن بىر ئىبادەتكار كىشىنى ئېلىپ كەلگەن، ئۇ كىشى ئىبنى يەقزان بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ھەر ئىككىسى بىر – بىرىدىن ئۆگەنگەن، ئىبنى يەقزان ئۇ ئىبادەتكار كىشى دەپ بەرگەن دىنىي ئىشلارنى چىڭ تۇتقان، ئىبادەتكار كىشى چوڭ بولغان يۇرت خەلقىنى ھىدايەتكە باشلاش تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىبنى يەقزان ئارىلىغا قايتىپ كەلگەن ۋە تا ۋاپات بولغانغا قەدەر بۇ ئارالدا تۇرۇپ قالغان قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. مانا بۇ ئۇ كىتابنىڭ ئىخچاملانغان مەزمۇنى.

ئىبنى تۇفەيل تا ھىجرىيە 580 – يىلى ئەبۇ يەئقۇب ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان. ئەبۇ يەئقۇبنىڭ مەنسۇر دېگەن نام بېرىلگەن ئوغلى ئەبۇ يۈسۈف تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن ئىبنى تۇفەيل ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان. لېكىن، ئۇ دوستىدىن كېيىن ئۇزۇن ياشىمىغان. ئىبنى تۇفەيل دوستى ئەبۇ يەئقۇب ۋاپات بولۇپ بىر يىلدىن كېيىن يەنى ھىجرىيە 581 – يىلى ۋاپات بولغان.

ئىبنى تۇفەيل ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىسى

ئىبنى تۇفەيلنى تەتقىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پەلسەپە بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. بەزىلەر ئۇنى ئىبنى باججەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، دەپ قارىسا، باشقىلار ئۇنى فارابىينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، دەپ قارىشىدۇ. ئىبنى سىنانىڭ تىرىشچان شاگىرتى ئىدى، دەپ قارايدىغانلارمۇ بار. بەلكى تېخى بۇلارنىڭ نەزىرىدە، ئىبنى تۇفەيل ئەسىرىدىكى پىرسوناژلارنىڭ ئىسىملىرىغا قەدەر ھەممە نەرسىنى ئىبنى سىنادىن ئالغان. يەنە بەزىلەر ئۇنى غەززالىينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دېگەن قانائەتتە. ئۇنى يۇنانلىقلار ئۇياقتا تۇرسۇن، پارس ۋە ھىندىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دەيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. بەلكىم، ئىبنى تۇفەيلنىڭ سۆزلىرىنى يۈزەكى چۈشىنىش ئۇلارنى ئەنە ئاشۇنداق قاراشلارغا ئېلىپ بارغاندۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىبنى تۇفەيل ئىچكىرىلەپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىنمىدى. ئەگەر ئىنچىكىلىك بىلەن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىنسا ئىدى، ئۇنىڭ ئالاھىدە مۇستەقىل ئوبرازى نامايان بولغان بولاتتى، ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى ھەر خىل كۆزقاراشلارنى ئاغدۇرۇشقا يېتىپ ئاشىدىغان ئۆزىگە خاس مۇستەقىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان پەلسەپىسى ئاشكارا بولغان بولاتتى. بىز تۆۋەندە بۇنىڭ بىرقانچە كۆرۈنۈشلىرىنى روشەنلەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز:

1)    ئۇنىڭ فارابىيغا بولغان پوزىتسىيەسىگە كەلسەك، ئىبنى تۇفەيل فارابىينىڭ كىتابلىرىدا شەكلەندۈرىدىغان مەزمۇنلارنىڭ كۆپلۈكىنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا جاكارلايدۇ ۋە بۇ سۆزىگە مىسال كەلتۈرىدۇ. ئۇ فارابىينىڭ بەخت – سائادەت ۋە ئۇنىڭ مۇشۇ دۇنيادىمۇ بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى قارىشى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋەتكەن، پەزىلەتلىك كىشى بىلەن ناچارلارنى بىر ئورۇنغا قويۇپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن ھەممىنىڭ نەتىجىسىنى ئاخىر بېرىپ ئوخشاشلا يوق بولۇش قىلىپ قويغان. بۇ ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان سەۋەنلىك، ئورنىنى قەتئىي تولدۇرغىلى بولمايدىغان خاتالىقتۇر».

ئىبنى تۇفەيلنىڭ فارابىي بىلەن قەتئىي خۇشى يوق ئىدى، ئۇنى پەيغەمبەرلىك ھەققىدە نامۇۋاپىق قارىشى بار دەپ سۈپەتلەيتتى، ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرىنى تولا شەكلەندۈرۈپ قويىدىغانلىقى ۋە ئېتىقادىنىڭ ناچار بولغانلىقى سەۋەبلىك تىلغا ئېلىشقا ئېھتىياج يوق دەپ قارايتتى. ئۇ ئەلۋەتتە فارابىينىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇغان. لېكىن، تەنقىدىي نەزەردە ئوقۇغان، كونكرېت بولمىغانلىرىنى بىراقلا رەت قىلغان. مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭ فارابىيغا تەقلىد قىلغان، ئۇنى دورىغان بولۇشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس.

2)    ئەمما ئىبنى باججەگە كەلسەك، ئۇ ئەندەلۇستا ئەمەس ئىدى. ئىبنى تۇفەيلنىڭ قارىشىچە، ئۆزى ئۇنىڭدىن زېرەك، ئەمما كۆزقارىشى ئۇنىڭكىدەك توغرا، ئۇنىڭكىدەك دەل چىقمايتتى. شۇنداقتىمۇ _ يەنە ئىبنى تۇفەيلنىڭ قارىشى بويىچە _ ئىبنى باججە ئۇنى خېلىلا مەشغۇل قىلغان. بۇ تا ئىبنى ماجە ئىلمىي خەزىنىلىرى مەيدانغا چىقماي، مەخپىي ھېكمەتلىرى تارقالماي تۇرۇپ ۋاپات بولغانغا قەدەر داۋاملاشقان. ئىبنى باججە پۇل – مال توپلاشقا ھېرىسمەن، ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي چارە – تەدبىر قىلىدىغان بىر كىشى ئىدى. بۇ ئىبنى تۇفەيلنىڭ مەرىپەتكە يېتىش، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ تەبىرىچە ئېيتقاندا، راستچىل كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسى بولغان يۈكسەك دەرىجىگە يېتىش ھەققىدىكى قاراشلىرى بىلەن قەتئىي بىر يەردىن چىقمايدۇ.

ئىبنى باججە پەقەت پىكرىي ئىزدىنىش ۋە نەزەرىيەۋى ئىلىم يولى بىلەن يەتكىلى بولىدىغان نەزەر سالغۇچى مەرتىۋىسىگىلا يېتەلىگەن. بۇ بىرىنچى باسقۇچ بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئىبنى تۇفەيلنىڭ پۈتۈن ئەس – يادى شۇنىڭدا بولغان ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى ھېسابلىنىدىغان ۋەلىيلەر مەرتىۋىسى باسقۇچى ئەمەس. ئىبنى تۇفەيل بۇ ئەقلىي نەزەر سېلىش باسقۇچىنى ئىنساننى توغرا كۆزقاراشقا ئىگە بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ، ئىبنى باججە بۇ ساھەنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولۇش بىلەن بىرگە بۇنى دەسلەپكى باسقۇچ دەپ قارايدۇ، بەلكى تېخى _ ئالدىمىزدا كۆرىمىز _ مەرىپەتنىڭ ئاساسى بولغان ئەقىلنى رەت قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ.

3)    ئىبنى سىناغا كەلسەك، ئىبنى تۇفەيل ئۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىققان. بۇنداق بولۇشى ئىبنى سىنانىڭ راستچىللارنىڭ مەرتىۋىسى بىلەن جىپسىلىشىدىغان ئۆتكۈر ئەقلىي ئۇسلۇبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ گەرچە بۇ خىل مەرتىۋىگە يېتىپ باقمىغان بولسىمۇ ئۇنى سۈپەتلەپ بېقىشتىن داجىمىغان. بارۇن كىرادىيفو ئىبنى سىنا ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىبنى سىنا تەسەۋۋۇپنى ئىلمىي مېتودقا ئۇيغۇن رەۋشتە تېمىلار بويىچە تەتقىق قىلغان. ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان. ئىبنى سىنانىڭ خاراكتېرى بۇنداق تەسەررۇپقا يول قويمايتتى. بىراق، ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقلى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان زېرەكلىكى، بەكمۇ تۇيغۇنلۇقى قاتارلىقلار ئۇنى تەسەۋۋۇپنىڭ مەرتىۋىلىرىنى ئىنتايىن ئىنچىكە سۈپەتلەپ بېرىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىگەن».

ئىبنى سىنا نەزەرىيەۋى ئەقىل ۋە ئۇنىڭدا ئىنچىكە چوڭقۇرلاشتا ئىبنى باججەگە ئوخشىسىمۇ، لېكىن تەبىئەتتىن ھالقىغان نەرسىلەرنى بايقاش ۋە تەپسىلىي ھەم ئىنچىكە سۈپەتلەش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىبنى باججەدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئىبنى تۇفەيل ئىبنى سىناغا قىزىققان. ئىبنى تۇفەيل ئىبنى باججەگە، كۆزلەنگەن مەرتىۋىگە يەتكەنلەر ھېس قىلىدىغان ئەھۋال توغرىسىدا سۆزلىگەندە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تېتىپ باقمىغان نەرسىنى يوللۇق سانىما، راستچىللىق مەرتىۋىسىدىكىلەرنىڭ گەدەنلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتمە (يەنى بالىلارچە قىلىق قىلما)». ئۇ ئىبنى سىنانىڭ بۇ ھالەتنى تەسۋىرلىيەلىگەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە تىلغا ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىبنى سىنا مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئارىفلىق مەرتىۋىسىگە يېتەلمىگەن. بۇ بولسا ئىبنى تۇفەيل نىشان قىلغان مەرتىۋە بولۇپ، بۇ مەرتىۋە ئەقىلگىلا تايانغان نەزەرىيەۋى مەرتىۋە ئەمەس، بەلكى بايقاپ، كۆرۈپ، تېتىيدىغان مەرتىۋە ئىدى. ئىبنى سىنانىڭ خاراكتېرى بۇنىڭدىن كۆپ يىراق. ئىبنى سىنانىڭ ئۆزىمۇ يېتىپ بارغان نەزەر سېلىش مەرتىۋىسى، ئارستوتېلنىڭ پەلسەپىسى بىلەن فارابىينىڭ پەلسەپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ئەندەلۇسلۇقلارنىڭ يازغانلىرى ئىبنى تۇفەيلنىڭ نەزىرىدە بىرىنچى باسقۇچى بولغان نەزەرىيەۋى مەرىپەت ھەققىدىكى قاراشلىرىغا نىسبەتەن يېتەرلىك ئەمەس. ئىبنى تۇفەيل مۇنداق دەيدۇ: «ھەرگىز ئارستوتېل ۋە فارابىينىڭ كىتابلىرى، شۇنداقلا ‹كىتابۇش شىفا›دىكى بىزگە يېتىپ كەلگەن پەلسەپىنى مەن كۆزدە تۇتقان مەقسەتكە نىسبەتەن يېتەرلىك ۋە ئەندەلۇسلۇقلاردىن بىرەرسىنى كىچىككىنە بولسىمۇ يېتەرلىك ھېسابلانغۇدەك بىرەر نەرسە يازدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ».

بەزى قەلەمكەشلەر ئىبنى تۇفەيلنىڭ رىسالىسى بىلەن ئىبنى سىنانىڭ ھەييە ئىبنى يەقزان قىسسىسىنىڭ ئارىسىدا ئوخشاشلىق بار، دەپ ئويلاپ قالغان. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق بىر ئوخشاشلىق يوق. چۈنكى، ئىبنى سىنانىڭ قىسسىسى ئۇسلۇبى قوپال، مەنىسى ئاددىي بولغان سىمۋول تۈسى قويۇق بىر قىسسە. سىز ناۋادا بۇ قىسسىنى سىمۋوللۇق تۈسىدىن ئايرىۋەتسىڭىز ھەممە كىشى يازالايدىغان ئاددىي بىر قىسسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى ئېنىق بولغاچقا، بۇ سۆزۈمگە دەلىل كەلتۈرۈپ يۈرمەيمەن.

بۇنىڭدىن ئىبنى تۇفەيلنىڭ ئۆز كۆزقارىشىغا قەتئىي ئىشىنىدىغان، پىكىرلىرى بىلەن ئىپتىخارلىنىدىغان، ئىبنى سىنانىڭ ئەگەشكۈچىسىمۇ، تەقلىدچىسىمۇ بولمىغان بىرى ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ. ئىبنى سىنا ئۇنىڭ نەزىرىدە مەرىپەت باسقۇچلىرىنىڭ مەلۇم بىر باسقۇچىدا كۆزگە كۆرۈنگەن بىرى، ھەرگىزمۇ ئەڭ يۇقىرى پەللىدىكى بىرى ئەمەس.

4)    ئەمما غەززالىيغا كەلسەك، ئىبنى تۇفەيل غەززالىي ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنى مەرىپەتلەر تەربىيەلەپ، تۈرلۈك ئىلىملەر ئۆتكۈرلەشتۈرگەن». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىسى ئېنىقكى، شەيخ ئەبۇ ھامىد (غەززالىي) بىزنىڭ نەزىرىمىزدە، بەخت – سائادەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىدىن بەھرىلەنگەن ۋە ئاشۇ مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ دەرىجىگە يەتكەن بىرىدۇر».

ئىبنى تۇفەيل غەززالىينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، دەپ ئويلاپ قالغانلار ئىبنى تۇفەيل ئوتتۇرىغا قويغان مۇشۇ قاراشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ شۇنداق قاراشقا كېلىپ قالغانلىقلىرىنى بىلگەندە ئۆزرە ئېيتىدۇ.

غەززالىي ئەقىلنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلغان. نەزەر سېلىش باسقۇچى ئۇنىڭ نەزىرىدە ھېچبىر ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ ۋە جەزمىيەتكىمۇ ئېلىپ بارالمايدۇ. ئىبنى تۇفەيلنىڭ رىسالىسى بولسا ئۆزىنىڭ بىرىنچى ئەقلىي باسقۇچىدىلا بۇ خىل يۆنىلىشكە كەسكىنلىك بىلەن رەددىيە بېرىدۇ. تېخى ئىبنى تۇفەيل ئۇ رىسالىسىنى مۇشۇ يۆنىلىشنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىگە ئىلمىي دەلىل بولسۇن ئۈچۈن مەخسۇس يازغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئىبنى تۇفەيلنىڭ قارىشىدا ئەقلىي نەزەر سېلىش زۆرۈر. گەرچە بۇ بىرىنچى باسقۇچ بولسىمۇ ئەمما زۆرۈر باسقۇچتۇر. ئىبنى تۇفەيل غەززالىينىڭ بۇ باسقۇچ ھەققىدىكى پىكرىگە قوشۇلمايدۇ. ئۇ بۇ باسقۇچنىڭ مەرىپەتكە ئېلىپ بارىدىغان باسقۇچ ئىكەنلىكىنى كەسكىن ھالدا ئىسپاتلايدۇ. بىراق، غەززالىي ئىبنى تۇفەيلنىڭ قارىشىدا بۇ مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ دەرىجىگە يېتەلىگەن. ئۇنداقتا، ئىبنى تۇفەيل ئەڭ يۇقىرى باسقۇچ دەپ ئېتىراپ قىلىندىغان ۋە پەقەت ئۆزى يالغۇز نىشان قىلغان مەزكۇر باسقۇچتا تۇرۇپ، قانداقسىگە غەززالىينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولىدۇ؟

ئىبنى تۇفەيلنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن رەددىيەسى ئوچۇق – ئاشكارا بولۇپ، ھېچقانداق مۈجمەللىك يوق.

ئىبنى تۇفەيل مۇرتلارنى قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش يولىدا ماڭماسلىققا ئۈندەيدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «بىز سىزنى بىز تۇتۇپ ماڭغان يولغا ئېلىپ كېلىشنى ئىستەيمىز. بىز بۇرۇن ئۈزگەن دېڭىزدا سىز بىلەن بىللە ئۈزۈپ، بىز يېتىپ بارغان يەرگە يېتىپ بېرىشڭىزنى، بىز نەزەر سالغانغا نەزەر سېلىپ بېقىشىڭىزنى، ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن بىز قولغا كەلتۈرگەننى سىزنىڭمۇ قولغا كەلتۈرۈپ بېقىشىڭىزنى خالايمىز».

ئۇ يازغانلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «يازغانلىرىم ھېچبىر كىتابتا ئۇچرىمايدىغان، ئادەتلەنگەن ھېچبىر خىتابتا ئاڭلاپ باقمىغان سۆز – ئىبارىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ پەقەت ئاللاھنى تونۇغان مەرىپەت ئەھلىگىلا نېسىپ بولىدىغان، بىخۇدلاردىن باشقىلا بىخەۋەر قالمايدىغان يوشۇرۇن ئىلىمدۇر».

مەن يۇقىرىقىلارنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئىبنى تۇفەيل مۇستەقىل كۆزقاراشقا ئىگە، مەرىپەتكە يېتىشتە ئۆزىگە خاس يولى بولغان بىرى ئىدى، دېيىشنىڭ ھېچبىر ھاجىتى قالمىدى دەپ ئويلايمەن.

بۇ قانداق يول ؟ تۆۋەندە بۇنى بىرئاز ئوچۇقلاشتۇرايلى:

ئۆتكۈر نەزەرلىك، تەربىيە كۆرگەن فىترەت ساھىبىنىڭ مەرىپەتتە تەدرىجىي ھالدا ھېسسىي نەرسىلەردىن ئەقلىي نەرسىلەرگە، مەلۇملۇق نەرسىلەردىن تەبىئەتتىن ھالقىغان دۇنيا ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. بۇ ھەتتا دۇنيادىن ئايرىم ياشاپ چوڭ بولغانلاردىمۇ مۇمكىن بولىدۇ. مانا بۇ ھەييە ئىبنى يەقزان تۇغۇلغاندىن باشلاپ دۇنيادىن تولۇق ئايرىلىپ ياشىغان ھالەت. مۇشۇ نۇقتىدا ئىبنى تۇفەيل ئىبنى سىنا ۋە ئىبنى باججە بىلەن بىر پىكىردە. ئىبنى سىنا ۋە ئىبنى باججە ئىككىسى ئىبنى تۇفەيلگە ئوخشاشلا غەيبىي ئالەم ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ تەپەككۇرنىڭ _ ئىككىسىنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا _ ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، ئۆگىتىش ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى نەتىجىسىدە مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىككىسىنىڭ ئېسىگە بۇ خىل ھالەتنىڭ پەقەت پۈتۈنلەي ئايرىلىپ ياشىغاندىلا بارلىققا كېلىدىغانلىقى كەلمىگەن. ئىبنى باججەنىڭ قارىشىدا مۇئمىن ئىنسان دېگەن ئىنسانىيەت مۇھىتىدا ياشاپ، تەربىيەلىنىپ، مەدەنىيەتلىك بولغان ئىنساندۇر.

ئىبنى تۇفەيل بۇ مۇنازىرىدە ئەقىلنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ شەكسىز ھەقىقەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ھېچقانداق قىممىتى يوق، دەپ قارايدىغان غەززالىيغىمۇ رەددىيە بېرىدۇ.

ئىبنى تۇفەيل يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەسلەپتە ئەقىلگە تايانغان بولسا، ئەمدىلىكتە روھىي چېنىقىشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويىدۇ. مانا ئۇ ئەمدى ھەقىقىي سوپى بولدى. بۇ چېنىقىش ئىبنى تۇفەيلنى ئىشراق([5]) مەرتىۋىسىگە يەتكۈزىدۇ، بۇ مەرتىۋە ئۇنى ئەقىلنى رەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىدىغان مەرىپەت ماقامىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئۇ ئىبنى سىنا بىلەن ئىبنى باججەگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ. ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن غەززالىي بىلەنمۇ ئوخشاش قاراشتا ئەمەس. غەززالىي ئەقىلنى رەت قىلغان، ئەمما ئىشراق مەرتىۋىسىگە يېتىشتىن بۇرۇن رەت قىلغان. ئۇ ئەقىلنى ئەقلىي دەلىللەر بىلەن رەت قىلغان. ئەمما ئىبنى تۇفەيل ئەقىلنى كېيىنچە راستچىللار ماقامىغا يەتكەن ۋە كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، ئىنساننىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ باقمىغان نەرسىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن رەت قىلغان.

ئىبنى تۇفەيلنىڭ بۇ مەيداندىكى پوزىتسىيەسى شۇكى، دەسلەپتە ئەقىلگە تايىنىش نورمال ئەھۋال. كېيىن ئىنساننىڭ شەكسىز ھەقىقەتكە يەتكەندىن كېيىن ئەقىلنى رەت قىلىشىمۇ يەنىلا نورمال ئەھۋال.

ئىبنى تۇفەيل يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ كۆرۈپ بايقاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېتىپ بارغان نەرسىلەرنىڭ دىن بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. ھەييە ئىبنى يەقزان پۈتۈنلەي ئايرىم دۇنيادا يالغۇز ياشىغان بولسىمۇ ئاسالنى ئۇچراتقاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن دىنىي قائىدە – يوسۇنلارنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ ۋە پەيغەمبەرلىككە ئىمان ئېيتىدۇ.

مانا بۇ ئىبنى تۇفەيل ماڭغان يول بولۇپ، بۇ يول ئىبنى سىنا، غەززالىي، ئىبنى باججە قاتارلىقلارنىڭ يولىدىن پەرقلىنىدۇ، ئارستوتېل، ئەپلاتون قاتارلىقلارنىڭ يولىغىمۇ ئوخشىمايدۇ.

ئۇ تەقلىدچى ئەمەس، ناۋادا بىز ئۇنى باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دېمەكچى بولساق، ئۇ خۇددى ئەپلاتون ۋە ئارستوتېللار ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانغا ئوخشاش تەسىرگە ئۇچرىغان.

ئەپلاتون شەرقتىكى ئۇرفىيوس([6])شۇناسلىق، ئۇنىڭ داۋامى بولغان فىيۋاگور([7])شۇناسلىقنى تەتقىق قىلغان. ئارستوتېل ئەپلاتوننىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيلاسوپلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان، ئۇلارنىڭ بەزى پىكىرلىرىگە قوشۇلغان بولسا يەنە بەزىلىرىگە قوشۇلمىغان. ئەپلاتون ۋە ئارستوتېلنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئەسلىيلىكى بار، دېيىلسە، ئىبنى تۇفەيلنىڭمۇ ئەسلىيلىكى بار بولىدۇ. كۆزقاراشلاردىكى ئوخشاشلىق تەقلىد قىلغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھەر بىر يېڭى پەيدا بولغان پىكىرنىڭ ئالدىدا مەيدانغا چىققان ئوخشىشىپ قالىدىغان ۋارىيانتلىرى بار بولىدۇ. بۇ يېڭى پەيدا بولغان پىكىرنىڭ نوقۇل تەقلىدتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئىبنى تۇفەيل كۆيۈۋاتقان ئوتقا مەپتۇن بولغان، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقان يالقۇنلىرىغا ھەيران قالغان بولسا، بۇ دېگەنلىك ئۇنىڭ ئۇ پىكىرىنى «چەۋەنداز»لارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلاردىن قوبۇل قىلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر بۇ ئېكۋاتوردىكى مەلۇم بىر ئارالدا يېزىلغان بولسا، بۇ، ئۇنىڭ ھىندىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

 

تەرجىمىدە: بىلىميار

مەنبە: ئەھمەد مۇھەممەد ئەششىنەۋانىينىڭ «موسوعة عباقرة الحضارة العلمية في الاسلام» ناملىق كىتابى.

——————————————–

([1]) پادىشاھنىڭ يېنىغا ئادەم كىرىش ۋە چىقىشنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل كىشى _ ت.
([2]) ھازىرقى ماراكەش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەينى ۋاقىتتىكى چوڭ دۆلەت _ ت.
([3]) ئەرەبلەردىن باشقا خەلقلەر _ ت.
([4]) جۈزئىيلىكنىڭ قارىمۇقارشىسى _ ت.
([5]) سەزگىلى بولمايدىغان، ئالدىن تولۇق بىلىش ھاسىل بولىدىغان بىر خىل نۇرنىڭ ئادەم زېھنىگە ئورۇنلىشىشى.
([6]) مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 522 _ 442 يىللىرى ياشىغان يۇنانلىق شائىر، مۇزىكانت، قەدىمقى يۇنان دىنىدا پەيغەمبەر دەپ قارىلىدۇ. _ ۋېكپېدىيا.
([7]) جەنۇبىي ئىتالىيەدە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6 – ئەسىردە ياشىغان پەيلاسوپ. _ ۋېكپېدىيا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ