قىز بالىنىڭ ئۆگەي دادىسى ئالدىدا كىيىنىشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۆگەي دادا ئالدىدا قىز بالا تولۇق كىيىنىپ يۈرۈشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئۆگەي دادا قىزغا نىسبەتەن مەھرەم قاتارىدا بولغاچقا، قىز بالا ئۆگەي دادىسى ئالدىدا يات كىشىگە ئوخشاش تولۇق يۆگىنىشى كېرەك ئەمەس.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: [سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) قۇچىقىڭلاردا بېقىلغان ئۆگەي قىزلىرىڭلار سىلەرگە ھارام قىلىندى].([1])

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆگەي قىزى دۇررە بىنتى ئەبى سەلەمە ھەققىدە: «ناۋادا ئۇ مېنىڭ قۇچىقىمدا بېقىلىۋاتقان ئۆگەي قىزىم بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇ ماڭا ھالال بولمايتتى، چۈنكى مەن بىلەن ئۇنىڭ ئاتىسى (ئەبۇ سەلەمە) ئىككىمىزنى سۇۋەيبە ئېمىتكەن، شۇڭا، ماڭا قىزلىرىڭلارنىمۇ، ھەمشىرىلىرىڭلارنىمۇ نىكاھلىنىشقا كۆرسەتمەڭلار» دېگەن.([2])

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى: ئۇ ماڭا ئىككى سەۋەبتىن ھارام: بىرى، ئۆگەي قىزىم بولغانلىقىدىن. يەنە بىرى، ئېمىلداش قېرىندىشىمنىڭ قىزى بولغانلىقتىن. ناۋادا ئىككى سەۋەبنىڭ بىرى يوق بولغان تەقدىردە، يەنە بىرى بىلەن ھارام بولۇپ كەتكەن بولاتتى».([3])

يەنە ئاللاھ تائالانىڭ: [زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان كىچىك بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن،]([4]) دېگەن سۆزىمۇ ئايال كىشىنىڭ مەھرەملەرگە زىننەتلىرىنى كۆرسەتسە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆگەي ئاتىمۇ مەھرەملەر قاتارىدا.

يۇقىرىقى ئايەت بىلەن ھەدىستىن مەلۇم بولىدۇكى، قىز بالا ئۆگەي دادىسىغا نىسبەتەن نىكاھلىنىش مەڭگۈلۈك ھارام بولغان يېقىنلار قاتارىغا كىرىدۇ، يەنى، ئۆگەي دادىسى قىزغا نىسبەتەن مەھرەم بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن قىز بالا ئۆگەي دادا ئالدىدا باشقا مەھرەم تۇغقانلىرىنىڭ ئالدىدا يۈرگەندەك يۈرسە بولىدۇ. يەنى، بېشى، چېچى، يۈزى، بويۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، قۇلاق، بىلەك ۋە پۇتلىرىنى ئاچسا بولىدۇ. يەنى، ئۆگەي دادا ئالدىدا ئۆي ئىچىدە دادىسى، ئاكىسى ۋە تاغىسىنىڭ ئالدىدا كىيىپ يۈرىدىغان كىيىملىرى بىلەن يۈرسە بولىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا كۆكسى، ئۇچىسى، قورسىقى ۋە يوتىلىرىنى ئۆگەي ئاتا ئالدىدا ئاچسا بولمايدۇ.

ئېچىشقا رۇخسەت قىلىنغان يەرلەرنى تۇتسا بولىدۇ. چۈنكى، فىقھىي قائىدىدە: «مەھرەملىرىدىن قاراشقا رۇخسەت قىلىنغان يەرلەر تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىنغان» دەيدىغان قائىدە بار.

بۇلارنىڭ ھەممىسى پىتنىدىن خاتىرجەم بولغان نورمال ئەھۋالدىكى ساغلام تەبىئەتلىك كىشىلەرگە قارىتىلغان كۆرسەتمىلەر بولۇپ، ئۆگەي دادا تەبىئىتى ساغلام بولمىغان، ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا، تولۇق يۆگىنىش لازىم بولىدۇ.

شۇنداقتىمۇ ئۇرۇق – تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن مەھرەم بولغان ئۆز ئاتا، ئاكىلىرى بىلەن قۇدا – باجىلىق تەرەپتىن مەھرەم بولغان ئۆگەي ئاتا قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش مۇۋاپىق. يەنى، ئۆگەي ئاتىغا نىسبەتەن سەل ئېھتىيات قىلىش، ئۇلارنىڭ ئالدىدا مۇمكىنقەدەر ئېچىلىپ قالماسلىق، تولۇقراق يۆگىنىش ياخشى.

يەنە ئۆگەي دادا قاتارلىق مەھرەملەر ئالدىدا ئۇلار كۆرسە بولمايدىغان ئەۋرەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان نېپىز كىيىملەر، ياكى بەدەننىڭ ئېگىز – پەس جايلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرىدىغان تار كىيىملەرنى كېيىشكە ھەم بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 7 – 11

————————–
([1]) «نىسا» سۈرىسى، 23 – ئايەت.
([2]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 5372 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1449 – ھەدىس.
([3]) «شرح صحيح مسلم»، 10/25.
([4]) «نۇر» سۈرىسى، 31 – ئايەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز