قوي، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇقدېنىنى يېيىشنىڭ ھۆكمى

قوي، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇقدېنىنى يېيىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قوچقار ۋە بۇقىنىڭ تاشقى بۆرىكىنى يېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

يەنە بىر سوئال: باشقا يۇرتلاردا قوي، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇقدېنىنى يېمەيدىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇندىن باشقا، مەلۇم بىر مەسجىدتە ئىمام بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ بۇنى يېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى دەپتۇ. بۇ ھەقتە دىنىمىز نېمە دەيدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ ئۇرۇقدېنىنى (تاشىقىنى) يېيىش مەكرۇھ بولغان ئالتە نەرسىدىن بىرسى دەپ قارايدۇ. بۇ ئالتە نەرسە: ئۆت، دوۋساق، بەز، ماتكا، زەكەر ۋە تاشاق.

بىر قىسىم ئالىملىرى بۇنى «تەنزىھىي مەكرۇھ»(1) دەپ قارىغان بولسىمۇ مەزھەبتىكى كۈچلۈك قاراشتا بۇلار «تەھرىمىي مەكرۇھ» دەپ قارالغان.(2)

ئەۋزائىي ۋاسىل ئىبنى ئەبى جەمىلەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، مۇجاھىد مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قويدىن يەتتە نەرسىنى يامان كۆرگەن: ئۆت، دوۋساق، بەز، ماتكا، زەكەر، تاشاق ۋە قان. رەسۇلۇللاھنىڭ قوي گۆشىدىن ئەڭ ئامراق يېرى ئالدى تەرىپى ئىدى».(3)

بۇ رىۋايەت مەكرۇھلۇقنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. لېكىن، بۇ رىۋايەتدە ئىككى نۇقتىدا زەئىفلىك بار. بىرى، ۋاسىل دېگەن راۋىينى بەزىلەر «زەئىف» دەپ قارىغان. يەنە بىرى، مۇجاھىد بۇنى «مۇرسەل»(4) رىۋايەت قىلغان.

شۇنداقتىمۇ ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى بۇ ھەدىسكە قارىتا مۇنداق دەپ قارايدۇ: ۋاسىل دېگەن راۋىيغا قارىتا ھەدىسشۇناسلارنىڭ ھۆكمى ئوخشاش ئەمەس، بەزىلەر ئىشەنچلىك، دەپ قارىغان. بەزىلەر ئىشەنچسىز، دەپ قارىغان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇنىڭ زىيىنى يوق. شۇڭا، بۇ ھەدىس «سەھىھ» ياكى «ھەسەن» دەرىجىلىك «مۇرسەل ھەدىس» بولىدۇ، «مۇرسەل ھەدىس» بىزنىڭ نەزەرىمىزدە ھۆججەتتۇر. «زەئىف» دەپ قارىغان ئەھۋالدىمۇ بۇ ھەدىسنى تەبەرانىي ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن، بەيھەقىي مۇجاھىدتىن شۇنداقلا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇسنەد رىۋايەت قىلغان بىرقانچە رىۋايەتلەر بىلەن كۈچىيىدۇ.(5)

ئەمەلىيەتتە، مۇجاھىد ئوتتۇرا دەرىجىلىك تابىئىنلار ئىچىدە مۇرسەلىنى قوبۇل قىلىش جەھەتتىن ئەڭ ياخشىسى بولۇپ، بۇنىڭ «مۇرسەل» رىۋايەت قىلغان ھەدىسىنى قوبۇل قىلىشتا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس. بەزىلەر قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەيھەقىي ۋە باشقىلار بەزى راۋىيلارنى «زەئىف» دەپ قاراپ بۇ ھەدىسكە «زەئىف» دەپ ھۆكۈم قىلىۋېتىشىدىكى سەۋەب بەيھەقىينىڭ رىۋايەتىنىڭ سەنەدى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىينىڭ رىۋايەتىنىڭ سەنەدىدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەۋزائىيدىن كېيىنكى بەزى راۋىيلار ئىشەنچسىز. ئەمما، ئىمام مۇھەممەد رىۋايەتىدە ئىمام مۇھەممەد بۇنى ئەۋزائىيدىن، ئەۋزائىي ۋاسىلدىن، ۋاسىل مۇجاھىدتىن رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ سەنەدتە پەقەتلا ۋاسىلدا كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس. باشقا «زەئىف» راۋىي يوق. شۇڭا، ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى «مۇرسەل»نى قوبۇل قىلغاچقا، بۇ ھەدىسنى «سەھىھ» ياكى «ھەسەن» دەرىجىلىك «مۇرسەل» دەپ قاراپ قوبۇل قىلىۋېرىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «قان ھارامدۇر، باشقا ئالتىنى يامان كۆرىمەن» دېگەن. چۈنكى، ﴿سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان ۋە چوشقا گۆشى…. ھارام قىلىندى﴾(5/«مائىدە»: 3) دېگەن ئايەتتە قان ئېنىق ھارام قىلىنغانلىقى ئۈچۈن قان كەسكىن ھارام، ھارام دېگەن كەسكىن دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغىنى، باشقا ئالتە نەرسە كەسكىن دەلىل بىلەن ئەمەس، ئىجتىھادىي دەلىل بىلەن ياكى تەئۋىل قىلىش ئېھتىمالى بولغان «قۇرئان» ئايەتىنىڭ زاھىر مەنىسى بىلەن يامان كۆرۈلگەن. چۈنكى، بۇ نەرسىلەر ئىنسان كۆڭلى تارتمايدىغان نەرسىلەر بولۇپ، بۇ مەكرۇھ بولۇشنىڭ سەۋەبىدۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇلارغا نا پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 157) دېگەن(6).

شافىئىي مەزھەبتىمۇ بۇ نەرسىلەر مەكرۇھ دەپ قارىلىدۇ. ئىمام خەتتابىي: «قان ئىجماﺋ بىلەن ھارامدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنغان ئالتە نەرسە مەكرۇھ نەرسىلەردۇر. ھارام ئەمەستۇر، بەزىدە قاتارى تىزىپ كەلتۈرۈلگەن نەرسىلەرنىڭ بەزىسى ئايرىم دەلىل بولغانلىقتىن باشقا ھەمراھلىرىدىن باشقىچە ھۆكۈم ئالسا ئالىدۇ» دېگەن(7).

لېكىن، بەزى ھەدىس ئالىملىرى، بۇ رىۋايەتتىكى «قان»دىن ئاققان قان ئەمەس، مالنىڭ بەدىنىدە ئاقماي قالغان قان مەقسەت، بۇنى ئىستېمال قىلىش مەكرۇھ، ئەمما ئاققان قان ھارام، دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر بۇنىڭدىن جىگەر بىلەن تال مەقسەت قىلىنىدۇ، چۈنكى ھەر ئىككىسى ئەسلىدە قاندىن ئىبارەت دەپ چۈشەنگەن.(8)

يەنە بىر رىۋايەتتە: «رەسۇلۇللاھ ئىككى بۆرەكنى يامان كۆرەتتى» دەپ كەلگەن. بۇنىڭدا ئىچ بۆرەكنى دېمەكچى. بۇنى ئىبنى سۈننىي «ئەتتىببۇن نەبەۋىي» دېگەن كىتابىدا زەئىفرەك سەنەد بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان. بۇنىڭ سەۋەبى سۈيدۈككە يېقىن بولغانلىقتىن دېيىلگەن.(9)

ھەنبەلىي مەزھەبتە پەقەتلا بەز بىلەن يۈرەك دالچىنى مەكرۇھ دەپ قارايدۇ. ئۇلار «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەز يېيىشنى يامان كۆرگەن» دېگەن رىۋايەت بىلەن «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۈرەك دالچىنىنى يېيىشنى يامان كۆرگەن» دېگەن رىۋايەتنى ئەكىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ئىككى نەرسە ېېگۈچىگە زىيانلىق دەپ سەۋەب كۆرسەتكەن.(10)

مالىكىي ھەزھەبتە ماي، جىگەر، ئۈچەي، يۈرەك، ئۆپكە، تال، بۆرەك، كاناي، تاشاق، كاللا – پاقالچاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر گۆش ھۆكمىدە ئوخشاش مۇباھتۇر.(11)

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولدىكى، ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەبتە ھايۋاننىڭ تاشىقىنى مەكرۇھ دەپ چەكلەيدۇ. قالغان ئىككى مەزھەب مۇباھ دەپ قارايدۇ. ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدىكى مەكرۇھ ھارامغا يېقىن، شافىئىي مەزھەبتىكى مەكرۇھ (تەھرىيمىي دەپ ئەسكەرتمىگەن ئەھۋالدا) تەنزىيھىي مەكرۇھتۇر.

مەلۇمكى، دىيارىمىزدا بەزنى زىيانلىق دەپ قارايدۇ. بۇنى دوختۇرلاردىن سوراپ بېقىش لازىم. مىسىردا شافىئىي، مالىكىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب تەسىرى چوڭ بولغاچقا، بۇلار بەزنى ئىلغىماي يەۋىرىدۇ.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ئۇ نەرسىلەرنى ئېنىق ھارام دېگەن ئالىملار يوق. قايسى دەرىجىدىكى مەكرۇھ دېيىش ياكى مۇباھ دېيىشتە دەلىل ئېھتىماللىق. شۇڭا، كۆڭلى كۆتۈرسە، شۇنداقلا زىيانلىق بولماي پايدىلىق تەرىپى بولسا يېسە بولىدۇ. تەنزىيھىي مەكرۇھ دېگەن قاراشمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 4 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2012، 27 – يانۋار

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 171 – پەتۋا.

————–
1. مەكرۇھ (الْمَكْرُوْهُ): ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەسكىن ھالدا چەكلەنمىگەن نەرسە. بۇ ھارامدىن بىر دەرىجە تۆۋەن بولۇپ، مەكرۇھنى قىلغانلارغا ھارامنى قىلغانلارنىڭ جازاسى بېرىلمەيدۇ. ئەمما، مەكرۇھنى داۋاملىق قىلىۋېرىش ياكى ئۇنىڭغا سەل قاراش كىشىنى ھارام ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەتلىك قىلىپ قويىدۇ. مەكرۇھ لۇغەتتە: «يامان كۆرۈلگەن» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىلگىرىكى ئالىملار ھارام بىلەن مەكرۇھ ئوتتۇرىدىكى (قىلماسلىق تەشەببۇس قىلىنغانلىقتىن ئىبارەت) ئورتاقلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، مەكرۇھ دېگەن سۆزدىن ھارامنى كۆزدە تۇتقان. ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى دەلىلى كەسكىن، لېكىن ئېھتىماللىق بولغان بىلەن دەلىلى كەسكىن بولمىغاننى ئايرىپ، دەلىلى كەسكىن، لېكىن ئېھتىماللىق بولغاننى «تەھرىمىي مەكرۇھ (الْمَكْرُوهُ تَحْرِيمًا)» يەنى ھارام دەرىجىسىدە يامان كۆرۈلگەن مەكرۇھ، دەلىلى كەسكىن بولمىغاننى «تەنزىھىي مەكرۇھ (الْمَكْرُوهُ تَنْزِيهًا)» يەنى ساقلىنىش ئەلا بولغان مەكرۇھ دەپ ئاتىغان. ھەنەفىي مەزھەبتە «مەكرۇھ»لا دېيىلىپ، ئۇنىڭ مەكرۇھنىڭ ئىككى تۈرىنىڭ قايسىسىغا تەۋەلىكى كۆرسىتىلمىسە، ئادەتتە، «تەھرىمىي مەكرۇھ» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەششەيبانىي (ھ. 132 – 189 / م. 749 ياكى 750 – 805) نىڭ نەزەرىدە، «تەھرىمىي مەكرۇھ» ھارامنىڭ نەق ئۆزى شۇدۇر. پەقەتلا ئوچۇق ھالدا «ھارام» سۆزى بىلەن چەكلىگەن ئايەت – ھەدىس بولمىغاچقا، ھارام دېمەي «مەكرۇھ» دېيىلگەن. ئىككى شەيخ (ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن شاگىرتى ئىمام ئەبۇ يۈسۈف) نىڭ قارىشىچە، «تەھرىمىي مەكرۇھ» ھارامنىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغان مەكرۇھ بولۇپ، قىلسا گۇناھ بولىدۇ. كېيىنكى باشقا كۆپچىلىك ئالىملار بولسا مەكرۇھ ئاتالغۇسىنى ھارام ئەمەس، لېكىن قىلماسلىق تەرىپى ئېغىر باسىدىغان ئىشلارغا خاس قىلىۋەتكەن. بۇ ھەنەفىي مەزھەبتىكى «تەنزىھىي مەكرۇھ» بىلەن دېيەرلىك ئوخشاشتۇر. ئىمام قەرەداۋىينىڭ بايان قىلغىنىمۇ مۇشۇ تەرىپتۇر. دېمەك، ھەنەفىي مەزھەبتىكى «تەنزىھىي مەكرۇھ» بىلەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدىكى «مەكرۇھ» بىر گەپ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 1 – بەت.
2. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6/449.
3. بۇنى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي «ئەلئاسار» دېگەن كىتابىدا ئەۋزائىيدىن رىۋايەت قىلغان. 116 – بەت.
4. مۇرسەل ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْمُرْسَلُ): ئەرەب تىلىدا: «ئەۋەتمەك، يوللىماق ۋە مەيلىگە قويۇۋەتمەك» دېگەن مەنىلەردىكى «إِرْسَالٌ» كەلىمەسىدىن «قويۇۋېتىلگەن» مەنىسىدە تۈرلەنگەن بولۇپ، مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا بىرقانچە مەنىدە قوللىنىلغان. مەشھۇر ئىستىلاھتا: «تابىئىننىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بەرگەن ھەدىسى»دۇر. بەزىلەر چوڭ تابىئىن بولۇشىنى شەرت قىلىشىدۇ. يەنە بىر ئىستىلاھتا: «ئىسنادىدا ساھابە ياكى باشقا راۋىيلىرىدىن بىرى زىكىر قىلىنمىغان ھەدىس». بۇنىڭغا ئاساسەن «مۇرسەل» بىلەن «مۇنقەﺗﯩﺌ» ئوخشاش. يەنە بىر ئىستىلاھتا: «ساھابە بولمىغان راۋىينىڭ ‹رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى› دەپ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى»دۇر. ئالىملاردىن ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەھمەدلەر «مۇرسەل ھەدىس ھۆججەت» دەپ قارىسا، ئەھلى ھەدىسنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇرسەلنى زەئىف ھەدىسلەر قاتارىغا تىزىدۇ. ئىمام شافىئىي «بىرقانچە شەرتلەر تېپىلسا ھۆججەت» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 676 – 678 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ دوكتور نۇرىددىن ئىتر: «مَنْهَجُ النَّقْدِ فِي عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ»، 369 – بەت. «دارۇلفىكر نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1979.
5. ئىبنۇلمۇنزىر: «ئەلئەۋسەت فىسسۈنەنى والإجمائى ۋەلئىىختىلاف»، (9480)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 10/7؛ تەھانەۋىي: «ئىئلائۇسسۈنەن»، 16/7833.
6. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6/449.
7. خەتتابىي: «مەئالىمۇسسۇنەن»، 1/32.
8. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9/67؛ مۇناۋىي: «فەيزۇلقەدىير»، 5/245.
9. مۇناۋىي: «فەيزۇلقەدىير»، 5/245.
10. مۇستافا سۇيۇتىي: «مەتالىبۇ ئۇلىننۇھا»، 6/317؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9/342.
11. ئىمام مالىك: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 9/112؛ ئەلھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 4/349.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ