35 كۈنلۈك بولغان ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىش

35 كۈنلۈك بولغان ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىر ئايالنىڭ قورسىقىغا 35 كۈنلۈك بولغان بولۇپ، بۇ ئايال باشقا بەش بالىسىنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن بۇ بالىنى ئالدۇرۇۋەتسە بولامدۇ؟ ئامال بار تېزراق جاۋاب بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قايسىبىر باسقۇچتا بولسۇن بىرەر شەرئى زۆرۈرىيەت تېپىلمىغان ئەھۋالدا ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش ھارام. شەرئى زۆرۈرىيەت دېگىنىمىز ھامىلە بولغانلىقتىن ئانىسىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشتەك ئېغىر ئەھۋاللاردۇر، سىزنىڭ بالىلارنى بېقىپ بولالماسلىق ياكى سەل جاپا تارتىپ قېلىش شەرئى ئۆزرە بولالمايدۇ.

بالىنى چۈشۈرۈۋەتمەي جانابىي ئاللاھتىن بالىلارنى بېقىپ تەربىيەلەشتە ئاسانلىق بېرىشىنى، بالىلارنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشىنى، ياخشى ئادەم بولۇشقا نېسىپ قىلىشىنى تىلەڭلار.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 8 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 11 – ماي

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 168 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ