ئىنسان ئەزالىرىنى باشقا بىر ئىنسانغا ھەدىيە قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەگەر بىر مۇسۇلمان مەلۇم كېسەل سەۋەبىدىن سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بولسا، يەنە بىر مۇسۇلمان پۇلى يوق بولغانلىقتىن مەلۇم ئەزا ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سەكراتقا چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمان ئۆز رازىلىقى بىلەن بەدىنىدىكى ساق ئەزاسىنى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا ھەدىيە قىلىشنى خالىغان بولسا، شەرىئەتتە بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئىنسان ئەزالىرىنى ھەدىيە قىلىش ياكى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەسىلىسىدە ھازىرقى زامان ئالىملىرى ھەرخىل قاراشتا بولغان. بەزىلەر مۇتلەق چەكلىگەن، بەزىلەر مەلۇم دەرىجىدە رۇخسەت قىلغان.

«1988 – يىلى 2 – ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە شەھىرىدە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» 4 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا توپلانغان ئىسلام فۇقاھالىرى بىر ئىنساننىڭ ھايات ياكى ئۆلۈك بولغان باشقا بىر ئىنساننىڭ جىسمىنىڭ ئەزالىرىدىن پايدىلىنىشى ھەققىدە مەزكۇر مەجمەئگە سۇنۇلغان فىقھى ۋە تېببىي تەتقىقاتلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، شۇنداقلا بۇ مەسىلىنىڭ ئىلمىي ۋە تېببىي تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن بىر رېئاللىق بولۇش بىلەن بىللە، بەزى ئەھۋاللاردا ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، لېكىن ئىنساننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى قوغدىلىدىغان شەرئى چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلىنمىغانلىقتىن، شەخس ۋە جامائەت بولسۇن ئىنساننىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان ۋە ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلالايدىغان، ئۆزئارا مېھىر – شەپقەت قىلىش، ھەمكارلىشىش ۋە پىداكارلىق قىلىش روھىغا چاقىرىدىغان ئىسلام شەرىئىتى بېكىتكەن غايە – نىشانلارغا سەل قارىغانلىقتىن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا روھىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن نۇرغۇن زىيانلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ شەرئى ئەھكام جەھەتتە مۇنداق قارار قىلغان:

1. بىر ئەزانى بىر ئىنساننىڭ جىسمىنىڭ بىر يېرىدىن شۇ ئىنساننىڭ يەنە بىر يېرىگە يۆتكىسە بولىدۇ. بۇنىڭدا مۇشۇ ئوپېراتسىيەنىڭ پايدىسى زىيىنىدىن كۆپرەك دەپ تەكىتلىنىشى، شۇنداقلا بۇ ئىشنىڭ يوق بىر ئەزانى پەيدا قىلىش ياكى شەكلىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى بىرەر ئەيىبنى تۈزىتىش ۋە ياكى ئىنسانغا روھىي ۋە ئىجتىمائىي زەرەر يەتكۈزىدىغان تەرىپىنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشى شەرت.

2. قان ۋە تېرىگە ئوخشاش ئۆزلۈكىدىن يېڭىلىنىپ تولۇقلىنىپ تۇرىدىغان ئەزا بولسا، بىر ئەزانى بىر ئىنساننىڭ جىسمىدىن باشقا بىر ئىنساننىڭ جىسمىغا يۆتكىسە بولىدۇ. بۇنىڭدا ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تولۇق قانۇنىي سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشى، شۇنداقلا باشقا شەرئى شەرتلەر تېِپىلىشىغا رىئايە قىلىش لازىم.

3. بىرەر كېسەللىك سەۋەبىدىن بىر ئىنساننىڭ جىسمىدىن كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن بىر ئەزانى باشقا بىر ئىنسانغا سېلىپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

4. بىر ئىنساننىڭ ھايات – ماماتى شۇنىڭغا قاراشلىق بولغان يۈرەككە ئوخشاش ئەزانى ھايات ئىنساندىن باشقا بىر ئىنسانغا يۆتكەش ھارام بولىدۇ.

5. بىر ئىنساننىڭ ھايات – ماماتى شۇنىڭغا قاراشلىق بولمىغان ئەزا بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشى ھايات ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىرەر ۋەزىپىنى بىكار قىلىۋېتىدىغان بولسا بۇ ئەزانى يۆتكەش ھارام بولىدۇ. مەسىلەن ھەر ئىككى كۆزنى يۆتكەشكە ئوخشاش. ئەمما، بۇ ئەزانى يۆتكەش ئاساسلىق ۋەزىپىنىڭ بىر قىسمىنى بىكار قىلىۋېتىدىغان بولسا، ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىنىدۇ.

6. جەسەتتىن بىرەر ئەزاسىنى، ھاياتى ئاشۇ ئەزاغا قاراشلىق بولۇپ قالغان ياكى جىسمىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەردىن بىرى ئاشۇ ئەزاغا قاراشلىق بولۇپ قالغان ئىنسانغا يۆتكەش جائىز بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، مېيىت كىشى ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئىجازەت بېرىشى ياكى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئىجازەت بېرىشى ياكى مېيىتنىڭ ۋارىسلىرى بولمىسا ياكى كىملىكى نامەلۇم بولسا، مۇسۇلمانلارغا ئىگە بولىدىغان ھاكىم تەستىقلىشى شەرت.

7. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، يۇقىرىدا ئەزانى يۆتكەش جائىز دەپ قارالغان ئەھۋاللاردا ئەزا سېتىلماسلىق شەرتىگە باغلىقتۇر. چۈنكى، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىنسان ئەزالىرىنى سېتىلىدىغان تاۋار قىلىشقا بولمايدۇ.

ئەمما، بۇ ئەزادىن پايدىلانغان تەرەپ زۆرۈر تېپىلغاندا لازىم بولغان ئەزانى تېپىش ياكى قىلغان ياخشىلىقىنى قايتۇرۇش جەھەتتىن پۇل ھەدىيە قىلىش مەسىلىسى بولسا، ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدىغان مەسىلە.

8. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋاللاردىن باشقا مۇشۇ مەسىلىگە چېتىشلىق بارلىق مەسىلىلەر ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدىغان، ئۇنداق مەسىلىلەرنى كېلەر قېتىمقى قۇرۇلتايدا تېببىي يېڭىلىقلار ۋە شەرئى كۆرسەتمىلەر سايىسى ئاستىدا ئىزدىنىشكە تاشلاش لازىم. ۋەللاھۇ ئەئلەم».([1])

ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلىدە جائىز ئەمەس دەيدىغان ياكى بەزىبىر ئەھۋاللاردا باشقىچە قارايدىغان باشقا قاراشلارمۇ مەۋجۇت. لېكىن، ھەممە قاراش بىردەك ئىنسان ئەزاسىنى سېتىشنى ھارام دەيدۇ. يۇقىرىقى «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» نىڭ قارىشى ئالىملارنىڭ توپلىشىپ چىقارغان قارارى بولغاچقا، كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدۇ. شۇنداقلا شەرىئەت كۆزلىگەن قولايلىق، يەڭگىلرەك زىياننى تارتىش قاتارلىق غايە – نىشانلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماس كېلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 5 – 17

——————————
([1]) «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» 2001 – 11 – 27. رامزان. قىسقارتىپ ئېلىندى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز