بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟3

بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بوۋامنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ چوڭ ئۈچ ئوغلىغا بوۋام ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئۆيىنى ئايرىم قىلىپ قويغان. كىچىك ئوغلى بوۋام بىلەن بىللە تۇراتتى. بوۋام ۋاپات بولغاندىن كېيىن چوڭ ئۆيىنى مىراس قىلىپ بۆلگەندە چوڭ ئوغۇللىرىغىمۇ ۋە چوڭ ئۆيدە تۇرغان كىچىك ئوغلىغىمۇ ئوخشاش تەقسىم قىلغانتى. كىچىك ئوغۇل: «مەن ئوغۇلنىڭ چوڭى بولغان بولسام دادام ماڭىمۇ ئايرىم ئۆي سېلىپ بەرگەن بولاتتى. كىچىك بولغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇ ئۆيدە تۇرغان ماڭىمۇ چوڭلارغا ئوخشاش ئايرىم زېمىن كېلىدۇ» دەپ «مەن رازى ئەمەس» دەيدۇ. ئاساسى مەقسەت: بۇرۇن چوڭ ئۈچ ئوغۇللىرىغا سېلىپ بەرگەن ئۆينى (يەرنى) ھازىرقى مىراس قاتارىغا كىرگۈزەمدۇ يوق؟ كىچىك ئوغۇلنىڭ رازى ئەمەسلىكى شەرىئەتكە ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەسلىدە ئاتا پەرزەنتلىرىگە ئۆي ۋە ياكى باشقا مۈلۈك ھەدىيە قىلغان ۋاقتىدا ھەممە پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش ھەدىيە قىلىپ بېرىشى كېرەك. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى بار.

لېكىن، ئالىملارنىڭ ھەممىگە ئوخشاش بېرىش مەسىلىسىدە كۆزقاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان. كۆپچىلىك ئالىملار باراۋەر بېرىشى مۇستەھەب، ۋاجىب ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا ھايات ۋاقتىدا چوڭ ئوغۇللىرىغا ھەدىيە قىلىپ بەرگەن ئۆي – ماكانلار چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ مۈلكى ھېسابلىنىپ مىراس قاتارىغا كىرمەيدۇ. نەتىجىدە، كىچىك بالا ئولتۇرۇۋاتقان ئۆي ھەممە پەرزەنتلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ.

يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئاتا پەرزەنتلىرىگە تەڭ – باراۋەر بېرىشى ۋاجىب. لېكىن، بۇلار ئەگەر ۋاجىبنى تەرك ئېتىپ بىرەر پەرزەنتىگە بىرنەرسە بېرىپ، باشقىلىرىغا بەرمىگەن ئەھۋالدا ھۆكمى قانداق بولىدۇ، دېگەن مەسىلىدە ئۆزئارا كۆزقاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس.

بەزىلەر: ئاتا ۋاجىب ھۆكۈمگە رىئايە قىلماي پەرزەنتلىرىگە تەڭ بەرمىگەن ئەھۋالدا ئۇنىڭ بەزى پەرزەنتلىرىگە بەرگەن ھەدىيەسى باتىل، قىلغان ئىشى ئىناۋەتكە ئېلىنماي رەت قىلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئاتا ۋاپات بولۇپ كەتسە، پەرزەنتلىرى ئوتتۇرىسىدا تەڭ – باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئۇنىڭ گەدىنىدە قەرز ھېسابىدا بولىدۇ، يەنى قالدۇرغان مىراستىن بەرمىگەن باشقا بالىلىرىغىمۇ باشقىلارغا بەرگەندەك نەرسە بېرىلىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن قاراش. شۇنداقلا زاھىرىي مەزھەب قارىشى.

يەنە بىر قاراشتا ئاتا ھايات ۋاقتىدا بەزى ئوغلىغا بەرگەن ھەدىيەسىنى ئوغلىدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ ھەممە بالىلىرىغا تەڭ بېرىشى لازىم. ئەگەر ۋاپات بولۇپ كەتسە، بەرگىنى بەرگەن بولۇپ كېتىدۇ. باشقا ۋارىسلار ئۇنى تەلەپ قىلالمايدۇ، دەپ قارىغان. بۇمۇ ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن قاراش.(1)

سىز سورىغان بۇ مەسىلىدە دىيارىمىزدىكى ئەھلى ئىلىملارمۇ ئوخشاش پىكىردە ئەمەس. بەزىلەر چوڭ ئوغۇلغا بەرگەننى مىراسقا قاتىمىز ياكى مىراستىن كىچىك ئوغۇلغىمۇ ئوخشاش بېرىۋېتىپ قالغىنىنى بۆلىمىز دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر: بەرگىنى بەرگەن بولدى، قالغان مىراسنىلا تەقسىم قىلىمىز، دەپ قارايدۇ.

مەن شەخسەن ماۋۇ چوڭ ئوغۇللارغا ئېلىپ بەرگەن ئۆي مەسىلىسىدە چوڭ ئوغۇللارنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ تەڭ تەقسىم قىلىنىدىغان مىراس قاتارىغا كىرگۈزۈشنى مۇۋاپىقراق دەپ قارايمەن. چۈنكى، دىيارىمىزدىكى ئاتىلار ئادەتتە ئۆيلىنىدىغان ياشقا يەتكەن چوڭ ئوغۇللىرىنى ئايرىم ئۆيلۈك قىلىپ قويۇپ، ئۇلارغا بىردىن ئۆي ئېلىپ بېرىدۇ. بۇلارنىڭ قارىشىدا، چوڭ ئوغۇللىرىم مەن ئېلىپ بەرگەن ئۆيلىرىدە ئولتۇرىدۇ، ئاندىن مەندىن كېيىن كىچىك ئوغلۇم مۇشۇ چوڭ ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، دەپ ئويلاپ شۇنداق قىلىدۇ. ناۋادا ئاتىلار بۇ ئىشىنىڭ كېيىن ۋاپات بولغاندا ھېساب بولمايدىغانلىقىنى، كېيىنچە، چوڭ ئوغۇللار ئۆز ئۆيلىرىنى شەخسىي مۈلۈك دەپ قاراپ كىچىك ئوغۇل ئولتۇرۇپ قالغان چوڭ ئۆينى مىراس قىلىپ بۆلۈشىمىز دەيدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسە ئىدى، چوڭ ئوغۇللارغا ئۇ ئۆيلەرنى ئۇنداقلا بېرىۋەتمەيتتى. دېمەك، ئاتىلارنىڭ قىلغىنى مەن ئۆلسەم كىچىك ئوغلۇم مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، چوڭلىرىنىڭ ئۆيلىرى بولۇپ بولدى، دېگەن ئاساستا قىلغان ئىش. يەنى ئاتىنىڭ كاللىسىدا چوڭ ئوغۇللىرىمغا بىردىن ئايرىم ئۆي ئېلىپ بەردىم، كىچىك ئوغلۇمغا مەن ئولتۇرغان ئۆينى بەردىم، دېمەك، ھەربىرىگە بىردىن ئۆي بەردىم دېگەن ئوي بار.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۈچنىڭ بىرىنى قىلساق بولىدۇ:

1. يا ئاتىنىڭ ئويلىغان ئويى بويىچە چوڭ ئوغۇللار ئۆز ئۆيلىرىنى ھەدىيە ئالغان، كىچىك ئوغۇل چوڭ ئۆينى ھەدىيە ئالغان بولۇپ، چوڭ ئۆينى مىراس قىلىپ بۆلمەسلىك. قالغان ئىقتىسادنى مىراس قىلىپ بۆلۈشۈش.

2. يا چوڭ ئوغۇللارنىڭ ئاتىسى ھايات ۋاقتىدا ئېلىپ بەرگەن ئۆيلىرىنىمۇ، كىچىك بالا ئولتۇرۇۋاتقان چوڭ ئۆينىمۇ ئوخشاش مىراس ھېسابلاپ مىراسخورلارغا شەرئى تەقسىم قىلىپ بۆلۈش.

3. ئۆزئارا رازىلىشىپ سۈلھ قىلىش.

ئەگەر كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ئىش قىلىدىغان بولساق: ئاتا ھايات ۋاقتىدا چوڭ ئوغۇللىرىغا ھەدىيە قىلىپ بەرگەن ئۆي – ماكانلار چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ مۈلكى ھېسابلىنىپ مىراس قاتارىغا كىرمەيدۇ. نەتىجىدە، كىچىك بالا ئولتۇرۇۋاتقان ئۆي ھەممە پەرزەنتلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 15 – رامازان / م. 2011، 15 – ئاۋغۇست

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 130 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————-
1. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 6/127؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 4/444؛ شىرازىي: «ئەلمۇھەززەب»، 1/446؛ قەرافىي: «ئەززەخىيرە»، 6/288؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 5/387؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 9/142.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ