چوكان ۋەلىيسىز نىكاھ قىلسا بولامدۇ؟

چوكان ۋەلىيسىز نىكاھ قىلسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاتا – ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن، بىرلا ئاكىسى بار چوكان ۋەلىيسىز نىكاھ قىلسا بولامدۇ؟ ئەگەر بولمىسا، ئاكىسى قارشى تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچىسى ۋەلىي بولسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بويىغا يەتكەن، ئەقلى – ھوشى جايىدا ئايال بولسىلا، چوكان بولسۇن ياكى قىز بولسۇن ئۆزى ۋەلىيسىز نىكاھ قىلسا بولۇۋېرىدۇ، ۋەلىي كامالەت شەرتى، سەھىھ بولۇشنىڭ شەرتى ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئەگەر يىگىت قىزنىڭ باراۋېرى(1) بولمىسا، ۋەلىي نىكاھقا ئېتىراز بىلدۈرۈپ بىكار قىلىۋېتەلەيدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملار ۋەلىيسىز نىكاھ توغرا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئاساسلانغان دەلىللەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارالغىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان: «قانداق بىر ئايال ۋەلىيسىنىڭ ئىجازىتىسىز نىكاھلانسا، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر» دېگەن ھەدىستۇر.(2)

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ئىش قىلغان تەقدىردە، ئاتا بولمىسا، ئۇندىن كېيىنكى ۋەلىي نىكاھ قىلىپ قويىدۇ. ۋەلىيلەرنىڭ تەرتىۋى مۇنداق. ئاتىسى، ئاندىن ئاتىسىنىڭ ئاتىسى، ئاندىن بىر تۇغقان قېرىندىشى، ئاندىن ئاتا بىر قېرىندىشى، ئاندىن قېرىندىشىنىڭ ئوغلى، ئاندىن ئاتىسىنىڭ قېرىندىشى…ئاخىرىدا يۇقىرىقىلاردىن ھېچقايسى تېپىلمىغاندا مەھەللىدىكى ئالىم كىشى ۋەلىي بولسا بولىدۇ. ئەمما، ئاچىسى ياكى باشقا ئاياللار ۋەلىي بولالمايدۇ.

ۋەلىينى شەرت قىلغانلار بىلەن قىلمىغانلارنىڭ دەلىللىرى بىرى بىرىدىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە بولسىمۇ، بىراق ھازىر دىيارىمىزدا «مەھكىمە شەرئىييە» بولمىغاچقا، ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بويىچە يىگىت قىزنىڭ باراۋېرى بولمىغان ئەھۋالدا، ۋەلىي ئۇ نىكاھنى بىكار قىلىۋېتەلمەي قالىدۇ – دە، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىغا تولۇق ئەمەل قىلغىلى بولمايدۇ. نەتىجىدە، قىزنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئادەتتە ۋەلىيسىز نىكاھ ئىناۋەتسىز دېگەن قاراشنى تۇتۇپ ئىش كۆرۈپ، ۋەلىينى مۇسۇلمان دېگىلى بولمايدىغان ياكى يىگىتنى دىيانەتلىك دەپ قىزىنى بېرىشكە قوشۇلمايدىغان ياكى ۋەلىي ئورۇنسىز توسقۇنلۇق قىلىپ تۇرۇۋالىدىغان قىسمەن ئەھۋاللاردا ھەنەفىي مەزھەب قارىشىنى تۇتساق مۇۋاپىق.

سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدا ئەگەر ئاكىڭىز نىكاھقا قوشۇلمىغان ئەھۋالدا سەۋەبىگە قارايمىز. قوشۇلماسلىق سەۋەبى يىگىتنىڭ سىزگە باراۋەر كەلمەيدىغانلىقى بولسا، نىكاھ قىلالمايسىز. يىگىت سىزگە باراۋەر كېلىدىغان بولۇپ ئاكىڭىز ئورۇنسىز توسقۇنلۇق قىلسا نىكاھ قىلىۋەرسىڭىز بولىدۇ. ياكى ئائىلىدە ئېغىر كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىدىغان بولسا ئائىلىڭىزنى دەپ ۋاز كەچسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 26 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 30 – ئاپرېل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 -توم، 471 – بەت. 125 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. باراۋېرى دېگىنىمىز ئەرەبچە «كۇفئى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، قىز ئېسىل ئائىلىدىن، يىگىت بولسا تۆۋەن ئائىلىدىن، ياكى قىز دىيانەتلىك بولۇپ، يىگىت ئوغرى، ھاراقكەش، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇمايدىغان پاسىق بولسا، بۇ يىگىت قىزنىڭ باراۋېرى بولمايدۇ، نەتىجىدە، ئاشۇنداق قىز ئاشۇنداق يىگىتكە ۋەلىي رازى بولمىغان ئەھۋالدا تېگىۋالسا، ۋەلىي ئېتىراز بىلدۈرۈپ بۇ نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدۇ.
2. «ئەھمەد»، (24251)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (2083)؛ «تىرمىزىي»، (1102). بۇنى بەزى مۇھەددىسلەر «سەھىھ»، بەزىلەر «زەئىف» دەپ قارىغان. زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»،3/184 – 185.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ